ئىگىسى: sahra

چېچەك   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

UID
2255
يازما
655
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
22240
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 23:22:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلباھار ئەزىز
ئاق ئەتىرگۈل
(ھېكايە)
ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرى بولىشىغا قارىماي ھاۋىنىڭ تەپتى يەنىلا بوشىمىغان  ئىدى .ناگاندا بىر غىل – پاللا چىقىپ قالىدىغان ئىزغىرىن شامال يېقىن  ئەتراپتىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلانغان تۈرلۈك ئەخلەت ۋە چىرىندىلەردىن بۇخسۇپ  چىققان بەدبوي  پۇراقلارغا قوشۇپ، ئاشۇ  بوشلۇقتا يېقىمسىز ئاۋازىنى بولىشىغا قۇيىۋىتىپ گىژىلداپ ئۇچۇپ يۈرگەن بىزەڭ چىۋىنلەرنى قاياقلارغىدۇ ئەكىتەتتى . مۇنداقلا قارىغان كىشىگە 60 ياشتىن ھالقىپ كەتكەندەك كۆرىنىدىغان ، ئورۇق ، چاچ – ساقاللىرى خېلىدىن بىرى ياسىتىلمىغان، چىرايىدىن مىسكىنلىككىمۇ ، كىسەللىك ئازابىغىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر خىل مۇرەككەپ ئىپادە چىقىپ تۇرىدىغان ھاتەم  نەچچە يېرىگە ياماق چۈشكەن ، شالتاق بوپ كەتكەن چوڭ بىر ئەبجەق تاغارنى كۆتۈرگىنىچە ھېلىقى ئەخلەت ساندۇقى يېنىغا كەلدى –دە ، ئەخلەتلەر ئارىسىدىن   ئۆزى كېرەككە كېلىدۇ ، پۇلغا يارايدۇ دەپ قارىغان نەرسە – كېرەكلەرنى ئىلغاشقا باشلىدى . ئارىدا پۇزۇر كېيىنگەن بىر نەچچە ئەر – ئايال ئېغىز –بۇرۇنلىرىنى ئالىقىنى بىلەن ئېتىشكىنىچە ئۇنىڭ يېنىدىن ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىشتى . ئۇلار ئۇزايىدىن بىرەر رېستۇراندا بولىدىغان زىياپەتكە جۆنىگەندەك قىلاتتى . ئەمما ھاتەم بۇنداق پۇراقلارغا كۆنۈپ قالغان بولسا كېرەك ، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماستىن پۈتۇن زېھنى بىلەن ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى .
  ھاتەمنى ئۈزى تېرىۋاتقان ئاشۇ نەرسىلەردىن باشقا ھېچنىمە قىزىقتۇرالمايتى . باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا  قايسى نەزەردە قارىشىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى . ئۇ ئۈنسىز  پائالىيەتلىرى بىلەن  بەزى ۋاقىتلاردا  بۇ مەھەلىنىڭ خىلۋەتلىرىدە يۈز بىرىۋاتقان  نۇرغۇن ئىشلارغا شاھىت بۇلۇپ قالاتتى . ئەمما ئۇ ئىشلار ھاتەمنىڭ دىقىتىنى تارتىپ باقمايتى . شۇڭا ھاتەمگە بىرەر ئىشلىرى بىلەن يولۇققان كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا يۇلۇقۇپ قالغىنى ئۈچۈن ھۇدۇقۇشۇپ كەتمەيتى ، بۇ ئىشلىرىنىڭ يېيىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرشىپمۇ ئولتۇرمايتى .  پەقەتلا ئەسكى تۈسكى نەرسىلەردىن ئەگىپ ئۈتۈپ كەتكەندەك ، پەرۋاسىز ھالدا ئۈتۈشىپ كىتىشەتتى .
ھاتەم20 ياشقا  كىرگەن يىلى غەمسىز چاغلىرى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقان بولدى . كېيىن  ئۇ ئاشۇ كۈندىن ئىتىبارەن ھاياتىدىكى بارلىق خۇشاللىقلارغىمۇ بىر چىكىت ئۇرۇلغانلىقىنى ھىس قىلدى. مىھرىبان ئانىسى دادىسىدىن كىچىك قالغان ھاتەمنى غېرىپسىندۇرۇپ قويماسلىق، گۈدەك قەلبىنى مىسكىنلىك ۋە نامراتلىقنىڭ قىسماقلىرىدا قىسىلدۇرماسلىق ئۈچۈن قانچىلىك جاپا – مۇشەققەت تارتسىمۇ چىشىنى چىشلەپ ، تىرىشىپ –تىرمىشىپ ئىشلەپ، ئۇنى ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ بېقىپ قاتارغا قوشقانىدى .
ھاتەم  بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ،مەكتەپتىمۇ بىللە ئۇقۇغان زۆھرەنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھىس قىلغىنىدا ،قەلبىنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر تاتلىق سېزىم قاپلىدى . ئۇلار مەكتەپتىن خۇددى دىيشىۋالغاندەك تەڭلا ئۇقۇماس بۇلۇشتى . ھاتەم زۆھرەنىڭمۇ ئۈزىگە مەيلى بارلىقىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن  دوسلىرى ئارقىلىق ئانىسىغا  توي قىلىش ئارزۇسىنى بىلدەردى . ئانا ئوغلىنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ بۇرۇنراق ئۆيلىنىشكە تەرەددۇتلانغانلىقىنى ئاڭلاپ دەسلىپىدە سەل خاپا بولغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى، سالامەتلىكىنىڭ دېگەندەك ياخشى ئەمەسلىكىنى ئويلاپ ، ئۇنى ۋاقتىدا ئۆيلۈك – ئوچاقلىق قىلىپ ، ئانىلىق قەرزىنى ئادا قىلىۋەتمەكچى بولۇپ ، مەرھۇم ئېرىدىن تەۋەررۈك  قالغان ، كونا ساندۇقنىڭ بۇرجىكىدە بېشىغا خېلى ئېغىر كۈنلەر چۈشكەندىمۇ ئىشلەتمەي ساقلاپ كەلگەن ئازغىنە تۈگۈنچەك ۋە مەرھۇم ئانىسىدىن قالغان بىر تال مانتا زىرىسىنى سېتىپ تويغا يەتكۈدەك بىر نەرسە تەييار قىلدى . ئاندىن مەھەللە ئاقساقاللىرىنى ئەلچىلىككە كىرگۈزدى . ئەلچىلەر زۆھرەلەرنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە ، قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ كېلىشتىكى مۇددىئاسىنى ئاڭلاپ ، ئېنىق جاۋاپ بەرمەستىن ، بىز مەسلىھەتلىشىپ باقايلى دېگەندەك مۇجىمەل گەپلەرنى قىلىپ ئۇزىتىپ قويدى .   زۆھرەنىڭ ئاتا-ئانىسى جېنىنى ئاران بېقىپ كىتىۋاتقان تۇل خۇتۇندىن كۆرە، چاقىرسا ئېتى تۇتسا سېپى بار يېزا  سېكىرتارى بىلەن  قۇدا - باجا بۇلۇشنى ئۆزلىرىگە بەكمۇ  ئوڭ كەلگەن ئىش دەپ قارىغانىدى.شۇڭا  زۆھرەنى  سىكرىتارنىڭ ئۈچۈنجى خۇتۇنىنىمۇ يىقىندا قۇيىۋىتىپ ،يەنىلا كەيپ ساپا بىلەن مەھەلىنى بېشىغا كىيىپ يۈرگەن ئوغلىغا بىرىشنى قارار قىلىشتى .ھاتەم زۆھرەنىڭ تۇيى بۇلدىغانلىق خەۋرنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئازاپلاندى . ھەتتا  نەچچە كۈن تاماقتىنمۇ قالدى ،بۇ ئىش بىچارە ئانىغا  بەكمۇ ئېغىر ئازاپ ئېلىپ كەلدى . تۇللىقىنىڭ ،نامراتلىقىنىڭ ئوغلىنىڭ بەختىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدى .  ھاتەمنىڭ كۈزىدىن چىققان ياشلار ئانىنىڭ يۈرىكىنى تىلغىدى ، بۇ ئاچچىق بۇ ھەسرەت بىلەن ئاران تۇرغان ئانا  بارلىق غەم ئەندىشىلىرىنى ،ئازاپلىرىنى ئېلىپ  بىر كۈنى سەھەردە بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى . مۇسىبەتتە  تۇرغان ھاتەمنى بىر كۈنى كەچلىكى زۆھرە كۈرشىشكە چاقىردى .ئۇ ھاتەمگە  بىر تەشتەك ‹‹ئاق ئەتتىرگۈل››نى سوغا قىلدى .  كۆزلىرى ياشلار بىلەن تولغان زۆھرە ‹‹ بۇ گۈل سىزگە يادىكار قالسۇن ، مېنىڭ بارلىقىم  سىزگە مەنسۇپ ،سىزنى  كۈتىمەن ..›› دىگەندەك مۇڭلۇق ۋە سىرلىق سۆزلەر بىلەن  ئۇنىڭ يېنىدىن قانداق تېز پەيدا بولغان بولسا ،يەنە شۇنداق تېز كىتىپ قالدى . ئاشۇ ئۇچۇرشىشتىن بىر كۈن كىيىن ھاتەم  زۆھرەنىڭ ئۈلۈم خەۋىرىنى  ئاڭلىدى .ھاياتتا  ئۇنى ياشاشقا ئۈندەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈت شامىمۇ ئۈچۈپ قالغاندەك ھىس قىلغان ھاتەم بەكمۇ ئازاپلاندى .ئۈزىگە مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسە ئۇنى يىگانە قالدۇرۇپ كىتىپ قالغان ئىدى .شۇندىن بىرى  ھاتەم يۇرتنى تەرك ئىتىپ ،بىسادىنى ئېلىشىغا  سېتىپ ،مانا مۇشۇ  يۇرتقا كۈچۈپ كەلگەن ئىدى . بۇ يەردە ئۇنى ھېچكىشى تۇنۇمايتى ، ئۇ ھېچكىشىگىمۇ ئۈزىنىڭ كىملىكىنى ،نەدىن نىمىگە كەلگەنلىكىنى  ئېيتىپ باقمىدى ،توغرىسى ھېچكىممۇ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقىپ باقمىدى .ھاتەم ئۈچۈن مۇشۇ ئەڭ  ياخشى ياشاش ئۇسۇلى ئىدى .ئۇ بارلىق ئەلىمىنى ئىشتىن ئالدى . ئۇنىڭ زۆھرەسى بىلەن ئانىسىنى  كۈمۈپ تاشلىغان گۆركار ،ھاياتقا ئۈمۈت بىلەن قارايدىغان ھاتەمنىڭ ئىستەكلىرى ۋە روھىنىمۇ قۇشۇپ كۈمۈپ تاشلىغان ئىدى .
    بۇ يەردىن ئۇ    ناھايىتى كاتتا  قورا جايدىن بىرنى  سېتىپمۇ ئالدى . ئۇ بەزىدە  يۇمشاق ئورۇندۇقىغا تاشلىنىپ ئولتۇرۇپ ،ئۈزىگە تەئەللۇق بولغان  بۇ ئۆيىگە مەمنۇنيەت بىلەن قاراپ چىقاتتى . شۇنداق بۇ قالتىس سېلىنغان قورو جاي ئىدى . نۇرغۇن كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان  بۇ قورو جايغا ئۇ نەچچە يىلدىن بىرى  ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ تاپقان پۇللىرى بىلەن ئېرىشتى.
ــ بۇ  قورا جاي سېتىلىدىكەن –ھە ؟
-ھەي ! پۇل بولسا ئېلىپ قۇيدىغان زىمىن جۇمۇ بۇ ،  ھازىر يىگىرمە  بەش  تۈمەن دىگەن بىلەن نەچچە يىلدا  ئالتۇن قۇزۇق بۇلۇدۇ .
-ئۇغۇ شۇ ، لېكىن  بىراقلا تۆلەيدىغان ئىشكەن.....
بۇ  ھاتەم  سېتىۋالغان  مۇشۇ قورو جاينىڭ پارىڭى ئىدى . ئۆي ئىگىسى ،بۇ ئۆينى  خۇددى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشقا تاشلاپ بەرگەندەك ،ئەتراپقا  تاماكىسىنىڭ ئىسىدا قىسىلغان كۆزلىرىگە  شاتلىق ،مەغرۇرلۇق ئارلىشىپ كەتكەن بىر خىل تەرەزدە قارايتى .ئۇ ياق بۇياقتىن كېلىشىپ ، بۇ يەرگە خېلى كۆپ ئادەم يىغىلىشىپ قالدى .ھاتەم  بۇ قورو جاينىڭ ئالدىدىن تالاي قېتىم ئۆتكەندە ،ھەۋەسلىنىپ قارىغان ، لېكىن ئۇنىڭ سېتىلىش خەۋىرىنى تېخى ئەمدى ئاڭلىشى ئىدى  .
-ئازراقنى ئالدىن بېرىپ ،قالغىنىنى  بانكىدىن قەرز ئېلىپ بەرسە بۇلىدىغۇ ؟
- ياق ،بۇ ياق يىقىندا بىر تېز تاماقخانا ئاچارمىش ،ئۇنى زىننەتلەش ئىشىغا ئازراق پۇل كەملەپتۇ،شۇڭا نەقلا ساتارمىش،  قەرز پۇل پۈتكىچە ساقلىماسمىش ..
-بۇ تاز پۇل تېپىپ خېلى ئىسكەتلىك بوپ كىتىپتۇ دىسە ،قاراڭلار تۇرقىغا ..
-ۋاي شۇ ئەمەسمۇ ؟ خۇتۇنىنىڭ  نوچىلىقى تېخى ..
-ھەي بۇ تاز  ھۆل يەرگە دەسسىمەيدۇ ، ھەجەپ بۇنچە ئەجىر قىلغان ئۈيىنى ساتىدىغان بۇلۇپ قاپتا ، چۇقۇم بىرەر ئىش بارمىكىن جۇمۇ ..
-ۋاي ، خۇتۇن ئىككى بولغانننىڭ ياقى ، دەسمىسى ئازلاپ كەتتى ،شۇڭا  چاندۇرمىغان بىلەن ساتمىسا باشقا چارە يوق ...... بۇ ئۈزىدىن  ئون مېتىر نېرىدىكى كىشى ئۈستىدە بۇلىنىۋاتقان  گەپ سۆزلەر ئىدى ، دەل شۇ ۋاقىتتا ھاتەم  بۇ  ئۆيگە خېرىدار بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ھېچكىم ئاڭلىمىدى  ،  ياق ئاڭلىمىدى ئەمەس ، ئۇلار  پىسەنت قىلىپ كەتمىدى ، شۇڭا ئۇ قايتا يۇقۇرراق ئاۋازدا يەنە بىر قېتىم دىيىشكە مەجبۇر بولدى،-
-    بۇ ئۆينى مەن سېتىۋالاي ، - ئەتراپ بىردىنلا قاتتىق چاۋاك ئاۋازى بېسىققاندىكى  جىمجىتلىقتەك تېنىچلىنىپ كەتتى . ئۇلار راسلا ھەيران  قېلىشتىمۇ بۇنى بىلمەك تەس ئىدى،ئەمما  بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلگىنى ، مەسخىرە بىلەن سۆزلىگىنى ئاڭلاندى ،-
-    -ۋاي ما ئادەم نىمە دەيدىغاندۇ ؟ خاتا ئاڭلاپ قالدۇقمۇ يا ؟
-    - ياق خاتا ئاڭلاپ قالمۇدۇق ، ما ئۆي سېتىلسا ،ئىچىدىن چىققان ئەسكى تۈسكىلەر ماڭا  ھېساپ بولغاي دەۋاتىدۇ  .
-    ۋاي بىچارە ، خالتاڭنى   تۇتۇپ تۇر ،خېرىدار قاچان چىقىدۇ بۇ ئۆيگە ..
-    ھەجەپ   ئىچىڭىز ئاغرىپ كەتتى ئاي خېنىم ،   ئۈيىگىزگە ئاپىرىپ ،ئۇزاقتىن بېرى ئىشلەتمەي  تۇرۇپ قالغان نەرسىلەر بولسا بېرىۋەتكەش تۇرامسىز –يە ھى ھى ھى- بۇ مەھەللىدىكى  قىزىقچى ھىساپلىندىغان  ھېلىم قىسماق دەپ بىرىنىڭ ، تۇللۇق يارىشىپ باداڭدەك سەمىرگەن  ئايخېنىمغا قىلىۋاتقان چاقچىقى ئىدى .
-    ۋاي  تۇل دەپ غېمىمنى يەپلىدە ، ئاۋۇ سىڭڭىلىرىمۇ  ئۇزاقتىن بېرى  تۇل  ئولتاراپ ،يامان  كونىراپ كەتتى ، ھېلى مەن ئەكىرىپ كەتسەم سېلىگە يوق بوپ قالمىغاي ،ئۇنىڭدىن سېلىلا  ....-بۇنداق چاقچاقلارنى ھېچكىم ئېغىر ئېلىشىپ كەتمەيتى ، بەزىللىرىگە ھاياسىز كۈلىشىپ،بەزىللىرىگە  ئىچ-ئىچىدىن قاقاھلىشىپ ، مەھەللە دوقمۇشىنى بازار قىلىشىپ ، قورساقلىرى ناغرا سوناي چالغاندىلا ،مايماق كەشىنى پالاقشىتىپ ئۈيىگە قايتىشاتتى . شۇڭا ھەممىسىنىڭ مىجەزى بىر-بىرىگە ئايان بولغاش ، ئاچچىقلاپ گال سىقىشىپمۇ كەتمەيتى .
-    ئۇنداق قىلساقمۇ ئومدان بۇلاركەن  قاراڭ ئاي خېنىم ،يىقىندىن بېرى سىزنى بىتاپ بوپ قاپتۇ دەيدۇ ،  سۇ ئىچسىڭىز سۇ تېتىپ ، نان يىسىڭىز نان تېتىپ ، ماڭسىڭىز ماڭغان يۇلىڭىز ئارقىڭىزدالا قېلىپ ، سەل چاتاق چىققىلى تىگىپتۇمىش ، شۇڭا جىددى  قۇتقۇزۇش كېرەكمىكىن دەيمىنا   ھى ھى ھۇ ھۇ
-    ۋاي توۋا ، ئارتۇقچە  غەم يەپلا ، سۇ ئىچسە نان تېتىپ،نان يىسە  تاش تېتىپ يۈرۋاتقانلارنىڭ تىزىملىكىنى  يۈتتۈرۈپ قويغان ئوخشىمامدىلا ، تۇلا تۈڭلۈك مارلاپ يۈرۈپ ئۇندالارنىڭمۇ كېسىلىنى ساقايتىپ بوللىمۇ يە ، -  ھا ھاھا ھا ھا   ئەتراپنى كۈلكە قاپلىدى ، بۇلارغا قۇيۇپ بەرسە چاقچىقى  كېچىچىمۇ داۋملىشىدۇ ،شۇڭا ھاتەم   ئۆينىڭ ئىگىسىنىڭ قېشىغاراق بېرىپ ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ سۈزىنى يەنە بىر تەكرارلىدى  ،-
-    ما ئۆينى راسلا ساتامسىز؟ مەن ئالاي دەۋاتىمەن .... ئۆھۆ ئھۆ  ....  ئەمدىلا  تاماكىسىنى  ئاچكۆزلۈك بىلەن تازا كۈچۈپ شورىغان بولسا كېرەك ،بىچارە باي قۇشنىڭ  خورازنىڭكىدەك كۈپىشىپ چىققان كارنىيىغا ئىس تۈرۈپ قالغان  ئىدى ، ئۇ قېقىلىپ تۇرۇپ ،كۈزدىن چىققان ياشنى سۈرتكەش  ھاتەمدىن  قايتا سورىدى  ،-
-    نىمە ؟  سەن ئالەمسەن ، ھەي  ئىككى تۈمەن دەپ ئاڭلاپ قالمىغانسەن ھە ، يىگىرمە بەش تۈمەننى نەق سانايسەن
- بىلدىم ، مەنمۇ شۇ نەق ساناي دەۋاتىمەن ، -  ئەتراپ تىمتاس  بوپ كەتتى ، ‹‹  بۇ تېرىمچى جۆيلۈپ كەتتىمۇ ›› دەۋاتقانلارنىڭمۇ زۇۋانى ئۆچكەن ئىدى .  
-    شۇنداق قىلىپ ھاتەم  بۇ ئۆينىڭ خېرىدارى بولدى ، پۇلنى  بانكىغا  بېرىپ ساناپ بەرگىچەمۇ ،ئۇلار ھاتەمگە  شۈبھە بىلەن قاراشتى ،-
-    توۋا دەيمەن ، نەدىن تاپقان پۇل ھېي ! ئەسكى تۈسكى تېرىۋاتسا ،ئىچىدىن ئالتۇن چىقىپ قالدىمۇ –يە ؟  نەدىن تاپتى بۇنچە جىق  پۇلنى ؟
-    شۇ ئەمەسمۇ  ئەسكە چاپاننىڭ .ئىچىدىمۇ ئادەم بار دەۋاتقان ،ئاشۇ ئادەم مۇشۇ شۇكەن جۇمۇ .....
بۇ ئۆينىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقى ھاتەمگە ئۆتتى ،شۇندىن بىرى ھاتەمنىڭ سېتىۋالغىنى  مۇشۇ بىر ئۆيلا بولماستىن ، ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەي ،ئۈزى تېرىيدىغان ئاشۇ ئەسكى تۈسكىلەردەك  تاشلىنىپ قالغان قەدىر قىمىتىنىمۇ سېتىۋالغان بولدى .ئۇنىڭغا  ئەزەلدىن سىنچى كۈزىدىمۇ قاراپ باقمايدىغانلار ،ئەمدى  ئۇنىڭغا خېلى تەكەللۇب قىلىدىغان بولدى. پات-پات گەپ سوراپ ئارام بەرمەيتى ،-
‹‹-ئايال كىشىنىڭ  تۇللىقىدىن ، ئەركىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان›› دەيدۇ كونىلار   ،ئۆلەپ قۇيىلىمۇ ، تاھارىتىڭىزگە سۇ بىرىدىغان  بىرەر  مەزلۇمنى تېپىپ ؟ ..  ،- مانا مۇشۇنداق سۇئال  ۋە مەسلىھەتلەر  ئىدى  ،ئۇ ھەممە سۇئالغا  چىدىسىمۇ  ، قانچە پۇلىڭىز بار ،  يۇرتىڭىز قايەر ؟ دەيدىغان سۇئالدىن بىزار بولاتتى . شۇڭا ھەممىسىنىڭ سۇئالىنى جاۋاپسىز قۇيۇپ ، نەرسە كېرەكلىرىنى تېرىپ  يۇغان قۇلۇپلار بىلەن مەھكەم ئىتىلگەن دەرۋازىسىنى چىڭ تاقىغانچە ،ئۈيىگە كىرىپ كىتەتتى ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ  ئۈچۈن دۇنيا ئۇنتۇلاتتى . ئۆيدە  ئۇنىڭغا  خىيالى تۇيغۇسىدا  ھامرا بۇلۇپ كېلىۋاتقان زوھرەسى  تاماق ئىتىپ بېرەلمەيتى،ئۇ  ئەتكەن تاماقنىمۇ بىللە يىيىشمەيتى ، ئەمما  ھاتەم  بىلەن مۇڭدىشاتتى.  بۇ مەنسۇپلىقتىن ئۇ روھى ئۇزۇق ئالاتتى .شۇڭا  ئۇ خىيالى تۇيغۇسىدا زوھرەسىنىڭ  ئۇنىڭغا  ھەمرالىقىنى ،  دۇنيادا ئەڭ سۈيۈملىك ئايالىنىڭ بارلىقىنى ، ھېچكىمگە بىلدۈرگۈسى  يوقتەك ،تىمتاس يۈرەتتى . مانا بۈگۈنمۇ  ھاتەمنىڭ تاغارلىرىنى يۈدۈپ كېلىۋاتقىنىنى كۈرىشى بىلەنلا ،بايىدىن بىرىقى  مەھەلىدە كىمنىڭ قىزى  كىمنىڭ ئارقىدىن يۈرۈپتىدەك،كىمنىڭ يولدىشى تالاغا قاراپ قاپتۇدەك ، مۇئاش ئۆستەردۇق دەپ بولغۇچە  مال باھاسى تېز سۈرەتتە ئۈسۈپ كىتىپ بارىدۇيەي ،پۇل تاپماق تەس خەجلىمەك ئاسان بۇلۇپ كىتىپ بارىدۇيەي ...دىگەندەك غەيۋەت شىكايەتتىن باشقا ئاندا ساندا  سۈپەتلىكرەك ئىجتىمائى تىمىدىكى پاراڭلار ئارلاشقان غەيۋەتلىرىنى توختۇتۇپ ھاتەم ئۈستىدە  سۆز باشلىدى ،-
ئاي خېنىم ، مۇشۇ  ئادەمگە سىزنى بىر ئېپ بەرسەك بۇلىتى جۇمۇ ،ھەر ئىككىلى تەرەپتىن ساۋاپ تاپاتتۇق .
- راس دەيدۇ ،ئايياللار تۇل ئولتارسا ئاسان  قېرىپ كېتەرمىش ، تۈشەككە  خېلى ئىپىڭىز بولغانكىن ، ما  ئادەمنىڭ جېنىنى بىر ياشارتىپ قويسىڭىز  بۇلاتتى   ئاي خېنىم ...
-ۋاي يەي ، نىمە دەيدىكىن دىسەم ، ئۈيى بار ،پۇلى بار دەپ  ئەمدى ،كۈن بۇيى  ئەخلەت تېرىدىغان بىرسىگەمۇ تىگىپ يۈرمەسمەن  .....
-ۋۇيت  ئۇنداق دەپ كەتمىسىلە ، پۇلى ،ئۈيى بار بولسا ،پايتمىسى سۆرەلسىمۇ ئەر كىشى ، سېلى ياراتمىغان بىلەن  بىرەر قىزچاق كېچىسى شىرىن خىيال قىلىپ ياتامدۇ تېخى ...  
- ياتسىمۇ ياتار ، جاھان بۇزۇلدى ،ئەمما بۇ ئادەم قىزۋالا ئالسا ھۆددىسىدىن چىقالماس  ھى ھى ھى  -  كىيىنكى سۆزلەر بارغانچە ھاياسىزلاشقىلى تەگكەندە ،ھاتەم  ئۇلارنىڭ يېنىغا ئۆرىلىپلا باردى –دە سالام قىلدى، ئۇلار ھاتەمنىڭ  تۇيۇقسىز  ئۇلارغا گەپ قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولسا كېرەك ،كېكەچلەپ  بىر-بىرىگە قاراپ يالغان تەكەلۇب  بىلەن تۇرۇپ قېلىشتى ،-
-ھەممىلىرى ساق تۇرشۇپلا ،بەك غېمىمنى يىيشىپ ،كېيىشمىسىلا ،ئۆيدە  بىر ئوڭلۇق چوكىنىم بار ،شۇلا ماڭا كۇپايە ، رەھمەت ،- ھاتەم  شۇنداق دەپلا قايتتى ،ئۇلار ئاغزىنى ئاچقانچە بىردەم تۇرۇپ يەنە گەپ باشلىدى ،-
-    نىمە دەيدۇ ما ئادەم ، مەن ھەجەپ كۆرمەپتىمەنيا  ئۇ چوكىنىنى ، ھەي سەن بىرەر  قېتىم كۈرەپ باقتىڭمۇ يا ؟ -  
- ۋاي ياق ،توۋا  چوكىنىم بار دەيدا ، ئۇ چوكانمۇ  تازا قىزىقكەن ،تالا تۈزگىمۇ چىقماي ،
-    شۇ ئەمەسمۇ ، بۇ قانداق خەق بوپ كەتتى ئەمدى ھەي .....،خۇتۇنلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ خېلى ئۇزاققىچە ئۈزى ئۈستىدە بۇلىدىغانلىقىنى ھاتەم  بىلەتتى . شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇلارنىڭ نىمە دىيشى ئۈزى ئۈچۈن بەرىبىردەك بىر  تۇيغۇ  بىلەن يۇلىغا كىتىۋەردى .
*
      يەنە شۇ كۇچا ،يەنە شۇ مەھەللە ،يەنە شۇ رەزگى تاغار  . ئۇنىڭ خىياللىرىمۇ  ئۇ   يۈدۈپ ماڭغان تاغاردىن ئېغىر ،قەدەملىرىنىمۇ تەستە سۆرەپ كىتىۋاتاتتى ،تۇيۇقسىز ئۇ تاغارلىرى خۇددى مەلۇم كۈچنىڭ ياردىمىدە ، يېنىكلەپ قالغاندەك بىر تۇيغۇدا بولدى . لېكىن ئارقىغا بۇرۇلغىدەكمۇ مادار قالمىغان پۇتلىرى، ھامان ئالدىغا قاراپ سىلجىيتى . دەرۋازا يىقىنلا جايدا  ئۇنى غەيرەتكە ئۈندىگەنچە تۇراتتى .بىر قەدەم ،يەنە بىر قەدەم ،چىدىغىن .... ئۇ مۇشۇنداق غەيرەت بىلەن  كۈچلىرىنى خورۇتىۋاتقان  ئېغىرلىقلارغا تاقابىل تۇرۇپ كېتىۋاتاتتى . ئۇ شۇ قەدەر  غەيرەتلىك ئىدى . دەرۋازىغا يىقىن كەلگەندە،ئۇنىڭ مادارىدىن كەتكەن پۇتلىرى ئۈزىنى قۇيىۋەتتى –دە ،تىزلىرى يەرگە تەگدى. قىمىرلىغۇچى ئارلىقتا ،بىر ئاجىز ،كىچىك ئاۋازنىڭ ۋايساشلىرىدىن چۈچۈپ كەتكەن  ھاتەم ئىتتىك تاغارنى تارتتى .
-    ۋاي،ۋاي  پۇتۇم ،  -  بۇ ھاتەمنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۆيدىن چىقىدىغان  بىر كىچىك بالا ئىدى ، ئۇ دائىم ھويلا دەرۋازىسى ئالدىدا ، ئۆتكەن كەچكەنگە نەزەر سېلىپ ئولتۇراتتى . بۇ مەھەلىدە ئىلگىرلەردە ھاتەمدىن  ئەگىپ ئۈتەپ كەتمەيدىغان ،ھاتەمدىن  ۋابادىن قاچقاندەك ئۈزىنى قاچۇرمايدىغان ،ھاتەمگە  ئەڭ سەمىمى كۈلۈمسىرەش ئاتا قىلىدىغان  بىردىن بىر ئىنسان  مۇشۇ ئىدى .ھاتەم ئۇنىڭ  دادىسى يوق يىتىملىكىنى بىلسىمۇ  ، كۇچا سۈپۈردىغان  ئانىسىنىڭ قاچانلاردا ئىشقا كىتىپ ،قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ، بىلمەيتى.ھەم ئۇ ئايالنى بىرەر قېتىممۇ سىرتلاردا ئۇچۇرتۇپ  باقمىغان ئىدى  . بالىنىڭ  بوخچۇملىرىنى كۈتۈرشۈپ مەكتەپكە ماڭغان بالىلارغا ھەۋەس قىلىپ  قاراپ قالغان ھالتىگە قاراپ ئىچى سېرىلاتتى ، -
-    نىمىشكە مەكتەپكە بارمايسەن ؟
-    ئانام ماڭا مالىم ،مەن ئۆيدە ئۇقۇيمەن ، كېلەر يىلى يەتتە ياشقا كىرسەم ،مەنمۇ ئاۋۇلاردەك مەكتەپكە بارىمەن.
-    سەن بۇ يىل باغچىدا ئۇقۇشۇڭ كېرەكتىغۇ؟
-    ئانامدا جىق پۇل يوق ، باغچىغا بەك جىق پۇل ئالىدۇ ، دادا ،دادا ، سىز باغچىنى كۆرگەنمۇ ، مېنىڭ ئانام ئېلىپ بەرگەن كىچىك سومكام بار .
-    باغچىنى مەن كۆرگەن .
-    ئۇ يەردە سېرىلغۇ بار ، مۈشۈك ئېيغىنىڭ ھەيكىلىمۇ بار تېخى ،- ئۇ مۇشۇ سۆزلەرنى قىلغاندا  تەخىرسىز ھالدا ھاتەمنى   ‹‹توختاپ تۇرۇڭ ھە ›› دىگىنىچە ئۆيىگە يۈگىردە-دە ، بىر چىرايلىق سومكىنى ئېلىپ چىقتى ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن شاتلىق ئۇچقۇندايتى ،ئۇ  سومكىنى شۇنچە ئاۋايلايدىغانلىقى ئۇنىڭ ھەركىتىدىن بىلىنىپ تۇراتتى ، - قاراڭ ، مۇشۇ شۇ ،  يەنە ماۋۇنى قاراڭ ،- ئۇ سومكىدىن بىر رەسىملىك كىتاپنى ئېلىپ  كۆرسەتتى ، ئۇ  ئاشۇ رەسىملىك كىتاپلاردىكى ھەممە رەسىملەرنى كۆرسىتىپ ئىسمىنى ئاتىدى ،
شۇندىن بېرى بالا بىلەن ھاتەمنىڭ ئارلىقى يىقىنلاشتى .مۇناسۋەت شۇنچە قىزغىن ۋە چىن ئىدى . بالا سۆزلىرىنى زىرىكمەي ئاڭلايدىغان  ۋە  تاققا- تۇققۇ  سۇئاللىرىغا ئېرىنمەي جاۋاپ بىرىدىغان بىر دوس تېپىۋالغىنىدىن خۇشال ئىدى. ھاتەم بىر كۈنى بالىغا  بىر  تانكا سوغا قىلدى ،ئەلۋەتتە ئۇنى سېتىۋالغان ئىدى . بالا  شۇنداق خوشال بولدى ، ۋە  ئارقا ئارقىدىن ‹‹ راسلا ماڭا بەردىڭىزمۇ ، راسلا ھە ، پۇل بەمىسەممۇ مىنىڭمۇ بۇ›› ،- بالا مانا مۇشۇنداق سوراپ كەتتى  ، شۇ كۈنى كەچ  ھاتەمنىڭ  دەرۋازىسى  ئۇرۇلدى ، قورونىڭ خېلى ئۇزاقتىن بېرىكى جىمجىتلىقى بۇزۇلۇپ ،  يەنە توختاپ قالدى .ھاتەم  سىرتقا چىقىپ ،ئاستا ئىشىكنى ئېچىۋىدى ئىشىك تۈۋىدە بالا ، ئۇرۇق ياداڭغۇ چىراي ، باشلىرىغا ياغلىقنى تۈرمەكلەپ چەككەن ، بىر ئايالنىڭ يېنىدا شۈمشۈيۈپ تۇراتتى ، ئايالنىڭ قۇلىدا بولسا ،ھاتەم  بەرگەن ھېلقى تانكا تۇراتتى ، -
-ھە ياخشىمۇ سىز ،كەچ بولغاندا مالاللىق يەتكۈزدۈم ، بايا ئىشتىن كېلىشىم ئىدى ،قارىسام بالام بۇ ئۇيۇنچۇقنى ئويناۋىتىپتۇ ،  نەدىن تاپتىڭ دىسەم  سېلىنى بەردى دەيدۇ ،  قارىسام يېپيېڭى ئىكەن ،شۇڭا ، ئېلىپ چىقىشىم .....
-شۇنداق مەن بەرگەن ، مەن ئۇنى ئەخلەتلەر ئارسىدىن تېپىۋالغان ، كېچىك بالىلار دىگەن شۇ يېڭىنى تاپسا كونىنى تاشلايدۇ ،بەلكى  يېڭى ئۇيۇنچۇق  تاپقان بىرسى ،بۇنى ئوينىغىسى كەلمەي تاشلىغاندۇ .. ھېچقىسى يوق ئويناۋەگەي ، -  بۇ گەپتىن كېيىن بالىنىڭ بايدىن بېرى دومسىيىپ قالغان چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى .ھاتەم  ھارغىنلىق چىرايىغا چىقىپ تۇرغان بۇ ئايالغا  ئارتۇق گەپ قىلماستىن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئەلۋەتتە  بۇ ئۇيۇنچۇقنى  بالىنىڭ نەچچە كۈن بۇرۇن باشقا بالىلارنىڭ قۇلىدا كۈرۈپ ، بەك ئوينىغىسى كېلىپ كەتكەنلىكىنى ، شۇڭا  ئۇنى ئالاھىتەن سېتىۋالغىنىنى ئېيتىپ ، ئۇ ئايالنى ئوڭايسىزلاندۇرغۇسى كەلمىدى. . بۇ تانكىنىڭ  پۇلىغا يەنە ئىككى  ھەسسە پۇل قوشسسا  ،بۇلار ئولتۇرۋاتقان ئۈيىنىڭ بىر ئايلىق ئىجارسىىنى تاپشۇرالايتى .ئۇ بىر ئانا ئىدى ،ئۇنىڭ شۇ تاپ قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغىنى  پەقەتلا بىر تانكا ئەمەس بۇلۇپ  ،ئۇ مىھنەتسىز ئېرىشكەن ئاشۇ  كىچىككىنە ئۇيۇنچۇقىنى بالىسىنىڭ رايىسىز ،ئىگىسىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق ، ھالال ياشاشقا  ئادەتلەنگەن  ئادىمىيلىكىنى نامايەن قىلغان ئىدى .مۇشۇ تۇيغۇلارنى ھىس قىلىپ ئۈلگىرگەن  ھاتەمنىڭ ۋۇجىدىغا بىر خىل  مەمنۇنلۇق تارىدى   . مانا بۈگۈنمۇ بالا  ھاتەمنىڭ تەستە مېڭىپ كېتىۋاتقىنىنى   تۇيۇپ، تاغارنى ئارقىسىدىن يۈدۈۋالدى. ئۇ تەييارلىقسىز تۇرغان ۋاقىتتا ،ھاتەم تاغارنى قۇيىۋىتىپ قالغان ئىدى .
-پۇتۇڭ ئاغرېدىمۇ؟
-ئاغرىدى  ،- بالىنىڭ چىرايىغا قاراپ  ھاتەم  كۈلىپ كەتتى ، مىۋە يىگەن بولسا كېرەك ،ئاغزىللىرىنىڭ ئەتراپى شالتاق بۇلۇپ ،بېشىغا  قوندۇرۋالغان كىچىكىنى  ئاق تور دوپپىسى  ئۇنىڭغا بەكمۇ ياراشقان ئىدى . سەل كىچىك كىلىپ قالغان چاپىنى، بارغانچە سوۋۇشقا باشلىغان  ھاۋادا ئۇنىڭغا تازا خۇش ياقتىمىكىن،ئۈچ تال تۈگمىسىنى مەھكەم ئىتىۋالغان ئىدى . تۈگمىنىڭ رەڭگى ئۈچ خىل بولسىمۇ بۇ بالىنىڭ سەبى چىرايىغا يەنىلا يارشىپ كۈرنەتتى .بالىنىڭ ئىسمى قۇدرەت ئىدى. بۇ ئىسمىنى ھاتەم بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان كۈنى،ئۇ  ناھايىتى تۇلدۇرۇپ تۇرۇپ،خۇددى كەللگۈسىدە  پەيدا بۇلىدىغان بىرەر ئەرباپنىڭ مۇبارەك نامىنى تىلغا ئالغاندەك  دەپ بەرگەن ئىدى . شۇ تاپ ئۇنىڭ ئاغرىققا  بەرداشلىق بېرىشكە   تىرشىۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى . –
-ھە ،ھېچقىسى يوق ،ئۇغۇل بالا دىگەن  غەيرەتلىك بۇلىدىغان،بۇنچىلىك ئاغرىققامۇ چىدىمىساڭ قانداق بۇلىدۇ ،كېلە مەن قاراپ باقاي ، - بۇ سۆز بىلەن قۇدرەت ئورنىدىن ئىرغىپ تۇردى –دە ،-
- شۇ !مەن چىدايمەن ،ئاناممۇ شۇنداق دەيدۇ ، ئاناممۇ ئاخشىمى  پۇتلىرى ئاغرىسىمۇ ،ئەتىسى يەنە سەھەر تۇرۇپ  ئىشىغا ماڭىدۇ ... ھاتەم دەرۋازىنى ئېچىپ بولغۇچە ئۇ تاغارنىڭ بىر ئۇچۇنى تۇتۇپ تەييار بولدى ،  بۇنىڭ بىلەن  بايقى  ھارغىنلىقلىرى  قاياقلارغىدۇر كەتكەندەك بولغان ھاتەم  ، تاغارنى  دەس كۈتۈرۈپ ھويلىغا ماڭدى.
  ھاتەم ئاغرىپ قالدى ، ئۇ پۇلى بار تۇرۇپمۇ دوختۇرغا كۈرۈنمەسلىكنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى ئويلىسىمۇ ،ئۈزىنىڭ كېسىلى ئېسىگە كېلىپ خۇددى تەغدىرنىڭ ھۈكمىنى كۈتۈشى كېرەكتەك جىم بۇلۇپ قالدى . ئىشىك ئېھتىيات بىلەن ئاستا چىكىلدى ، شۇ چاغدىلا ئۇ دەرۋازىنى دائىملىق ئادىتى بۇيىچە ئىچىدىن قۇلۇپلىمايلا قايتىپ كىرگەنلىكىنى ھىس قىلدى .  ھاتەمنىڭ ئىجازەت بىرىشى بىلەن ئۆيگە ھورى كۈتۈرلىپ تۇرغان بىر چىنە  چۈچىرە كۈتۈرگەن قۇدرەتنىڭ ئانىسى زۆھرە  كىرىپ كەلدى.
-قۇدرەتتىن سېلىنى ئاغرىپ قالدى دەپ ئاڭلىۋىدىم ،ۋاقتىدا يوقلاپ كېرەلمىدىم . ئورۇنلىردىن تۇرۇپ بۇ ئاشنى ئىسسىقىدا ئىچىۋالسىلا ،-ئاشنىڭ يۈزىگە سالغان پىننە كۈكىنىڭ خۇش بۇي ھىدى ،ئۈيدە نەچچە كۈندىن بىرى ئەگىپ يۈرگەن غېرىپلىقنى قاياقلارغىدۇر سۈرۈپ توقاي قىلغاندەك ،چىراقمۇ يۇرتۇشقا قادىر بولالمىغان بۇ غېرىپخانىنى  قۇدرەتنىڭ ئانىسى ئېلىپ كىرگەن ئىللىقلىق يۇرتىۋەتكەندەك بىلىندى . توۋا !  ھاتەمنىڭ ھەيران بۇلىدىغىنى   بۇ ئايالنىڭ ئىسمى زوھرە ،ئوغلىنىڭ ئىسمىنىڭ قۇدرەت بۇلۇپ قالغىنىنى دىسە ،  راسلا ھەيران بولغۇدەك ئىش .بۇ توغرا كېلىپ قېلىشنىمۇ ھاتەمنىڭ ھاياتىنىڭ  ئاخىرلىرىدا، بىر قۇدرەتلىك كۈچ ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئورۇنلاشتۇرغاندەك بىلىندى . زوھرە شۇندىن كېيىن بۇ ئۆيدىن ھەر كۈنى دىگۈدەك ئىسسىق بىر قاچا تامىقىنى زادى ئايىمىدى ،  بىر كۈنى  ئۇ ھاتەمنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ،ئىشىككە ماشىنا چاقىرتىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى .بارلىق رەسمىيەتلىرىنى ئۈزى ئۈتەپ ، ھاتەمنى تەكشۈرتتى .  ئەملىيەتتە ھاتەم  بۇ يەرگە زوھرەنىڭ زورلىشى بىلەنلا كەلگەن ئىدى .يېرىم يىل ئىلگىرى ئۇ تەكشۈرتكەندە ،  ئۈزىنىڭ قان راكىغا گىرىفتار بولغانلىقىنى  بىلگەن ئىدى . ئۇ تەغدىرنىڭ ھۈكمىگە قايىل بولغاندەك، ئاشۇ كۈنى  بۇ دەھشەت خەۋەرنى ئاڭلاپمۇ ،خۇددى ‹‹زۇكام بۇلۇپسىز ››دىگەن ئاددى دىئاگنۇزنى ئاڭلىغاندەك ،ئەزەلدىن ئۆزگۈرىپ باقمىغان ئېغىر قەدەملىرى بىلەن ئۈيىگە يىنىپ كەلگەن ئىدى .ھەتتا شۇ كۈنىمۇ ئۇ قايتاشىدا  يول بۇيىدىكى ئەخلەت ساندۇقىدىن  بىرمۇنچە قەغەز يەشىكلەرنى ئېلىۋىلىشنىمۇ ئۇنتىمىغان ئىدى . ئەمما  نىمە ئىشكىدۇر ،زۆھرەگە بۇ كىسلى توغرىسىدا گەپ قىلغۇسى كەلمىدى ،قۇدرەتمۇ  ھاتەمنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ يېنىدىلا تۇرغان ئىدى .  كېسەللىك ئەھۋالىدىن  ئاقىۋەت زوھرەمۇ خەۋەر تاپتى ،ئۇنىڭغا  بۇ ئىش بەكلا ھار كەلدى .  خۇددى بۇ بىچارە ئادەمنىڭ قىسمىتى بۇنداق بۇلىشى خاتا بولغاندەك ، بۇقۇلداپ بۇقۇلداپ يىغلىدى ،خۇددى دەمدەردەك . ئەمما رېئاللىق راسلا شۇنداق رەھىمسىزلىك بىلەن ھاتەمنى بىر قىسمەت زەنجىرىگە باغلاۋاتقان ئىدى . دوختۇرنىڭ ياخشىراق بېقىۋىلىڭلار ..دىگەن سۆزلىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپلا تۇردى . شۇڭا كارتىسىدىكى يىققان ئازغىنە پۇلىغا يېڭى گۆشلەردىن ئېلىپ كىرىپ ،ئۇنىڭغا چامغۇر ۋە سەۋزىلەرنى  سېلىپ قاينىتىپ ئىچىردى .  شۇ تاپ ئۇنىڭ يۈرىكى يىغلاۋاتقان ئىدى . خۇددى  مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئەڭ قۇۋەتلىك ۋە ياخشى تائاملارنى  قىلىپ بىرىپ ،ئۇنى ساقايتىۋالماقچىدەك ئالدىرايتى . ھەر ھالدا ئۇنىڭ ئىجتىھاتى بىلەن ھاتەم مۇشۇ ئاخىرقى دەقىقىلەردە  غېرىپلىق ۋە يالغۇزلۇقتىن ،ئاچ زارلىقتىن بولسىمۇ قۇتۇلۇپ قالدى .بەزى نەرسىلەرگە پۇل بولسىلا كۇپايە ئەمەس ئىدى .  ئۇنىڭ ماغدۇردىن كەتكەن تېنى ئۇنى  بىر چىنە چاي ئىچىشىگىمۇ  قىيىنچىلىق تۇغدۇراتتى .شۇڭا زۆھرە  ئۇنى زادىلا تاماقسىز ،ناشتىسىز قويمىدى . لېكىن ھاتەمنىڭ  ۋەسىييتىدىن خەۋەر تاپقاندا بولسا ،زۆھرەنىڭ يۈزى چىمىلداپ ،بۇ مال مۈلىكلەرنى  قەتتى قۇبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.ھەقىقەتنى ئېيتقاندا  زۆھرەنىڭ بۇ قىلىۋاتقىنى  ھەقىقەتەنمۇ مەقسەدسىز  مىھىر شەپقەت ئىدى ،ھاتەممۇ  بۇنى  ھىس قىلالايتى . ئەمما ھاتەم ئۇنىڭغا ،-
-ھىساپتا بۇ سىزگە ئەمەس قۇدرەتكە قالدۇرۇلغان ،سىز قۇدرەتنىڭ ۋەسىسى ،شۇڭا بۇ مال –مۈلىكلەرنى قۇدرەت چوڭ بۇلۇپ  ئالى مەكتەپلەرگە ئۇقۇشقا ماڭغۇچە سىز ئىلكىڭىزدە تۇتۇپ تۇرشىڭىز كېرەك .  قۇدرەت ئەققىللىق ،زېرەك بالا ،ئۇنى چۇقۇم ياخشى ئۇقۇتۇڭ ،ئۇ داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇشى كېرەك،ئۇ مۇقۇم ،خاتىرجەم تۇرالغۇ جايدا تۇرۇشقا ھەقلىق  ...دىدى .
*
ئۇ نەچچە كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن تاغارلىرىنى كۈتىرەپ يەنە ئەسكە تۈسكىلەر يىغىلىپ كەتكەن ئەخلەت ساندۇقى يېنىغا كەلدى .ساندۇق ئەتراپىغا ئۇزاقتىن ئۇزاق قاراۋاتقان ھاتەم ،نىمىگىدۇر قىيالماۋاتقان كۆزلىرىنى چىڭ يۇمىۋىدى ،كىرپىكلىرىگە تاشلانغان قىرو ئۇششاق تامچىلارگە ئايلىنىپ كۆز ئەتراپىغا يېيىلدى . ئۇ بۈگۈنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى تىرىدى. قوللىرىدىكى نەرسىلەر چۈشىپ قالسىلا چەيلىنىپ تېخىمۇ كارغا كەلمەس بۇلۇپ كىتىدىغاندەك ،ئۇنىڭ بىلەن قۇشۇلۇپ  ئۈزىنىڭ يۈرىكىمۇ چەيلىنىپ كىتىدىغاندەك تۇيغۇ بىلەن، ھارغىنلىقىغا ۋە جان جېنىدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقان قەھرىتان سۇغۇققا  قارىماي ئاشۇ نەرسىلەرنى يۈتكىنىچە ئۈيىگە قاراپ ماڭدى .
ئۇ ئۆيلىرىگە ئالدىراپ كىرىپ كىتىۋاتقانلارغا  تۇنجى قېتىم ھەۋەس قىلىپ قارىدى . ئۇلارنى ئىسسىق ئۈيىدە ئاياللىرى ،باللىرى ساقلايدۇ . ئۈستەل ئۈستىدە مېزىلىك  تامىقى تەييار . لېكىن ئۇنىچۇ ؟ ئۇنى ساقلاۋاتقان نەرسە  پەقەت بىرلا ، ئەزەلدىن ئۆزگۈرىپ باقمىغان  پەقەت بىرلا نەرسە ،ئۇ بولسىمۇ تەنھالىق ئىدى. لېكىن  ئۇ بۇنى ھېچقاچان تەنھالىقتەك ھىس قىلىپ باقمىدى  .چۈنكى ئۇ خىيالى تۇيغۇسىدا مەھبۇبىسى  بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقىنى ئۈچۈن ئۇ ئەزەلدىن يالغۇزلۇق ھىس قىلىپ باقمىغان ئىدى .لېكىن بۈگۈن نىمە بولدىكىنە ؟  ئۇنىڭ يىغلىغۇسى ،بىرەرسىگە  يۈرىكىدە تىنىپ قالغان گەپلىرىنى ئېيتقىسى كەلدى.ئۇنىڭ خېلىدىن بىرى ياش ئەگىپ باقمىغان بۇ كۆزىدىن ياشمۇ چىقتى . ئۇنى قىيناۋاتقىنى زادى  سۇغۇقمۇ  ياكى غېرىپلىقمۇ؟ بۇنى  ئۈزىمۇ بىلمەيتى .   ئۈيىگە كىرگىنىدە  ئىسسىق ئۆينىڭ ھاۋاسى ،ئۇنىڭ ئاجىزلاپ قالغان ۋۇجۇدىغا بىر ئىللىقلىق  ئاتا قىلدى.   ئۇ نەرسە كىرەكلىرىنى تاشلاپ قۇيۇپ بىردەم دېمىنى ئېلىۋالدى-دە ، قۇدرەتنىڭ تاماق كۈتۈرىپ كىرىدىغان ۋاقتىنىڭ بولغانلىقىنى ھىس قىلدى . قۇدرەت خۇددى ئۈزى قىلالىغۇدەك ئىشنى بولسامۇ قىلىپ بىرىشكە تىرشىۋاتقاندەك ،مەشكە كۈمۈر سالىدىغان ئۇششاق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقاتتى . كۈنلەر مۇشۇ تەرەزدە  ئۇلۇشۇپ ئۈتىشىۋاتقان ئىدى .ھاتەم سالامەت قوپقان كۈنلىرى  ئاللاغا شۈكرە ئېيتاتتى ،ئۈزىنىڭ  بۇ ئۇزاق تۈندە  يالغۇز  كىتىپ قېلىشىدىن ، مىيىتىنىڭ غېرىپسىزنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتى ،شۇڭا ئاللادىن ئۈزىگە كۈندىزدە ئامانىتىنى ئېلىشنى تىلەيتى . ئۇ  تاغاردىكى پۇللىرىنى  بىر كۈنى تۈكۈپ سانىدى ، ئۇ چوڭى 10يۈئەن ، ئەڭ تۆۋىنى 5مولۇق پۇللار ئىدى ،  ھەممىسىنى ساناپ  بۇ پۇللارنى رەتلىدى ،  ۋە ئۈزىنى توختۇتۇپ تۇرۇپ  ،
-    ....ناھىيە غالبىەت كۇچىسى  36-قورا ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق بىسادىمنى،بانكا كارتامدىكى 10000 يۈئەن پۇلنى   قۇدرەتكە مىراس قالدۇردۇم . بۇ مىراسنى ئۇنىڭ ۋەسىسى زۆھرە خانىم  تاپشۇرۇپ ئېلىپ ،قۇدرەت چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ ئۇقۇش ئىشلىرىغا ئىشلەتسە بۇلىدۇ .
   5000يۈئەن پۇلنى قۇدرەت ئۇقۇشقا كىرىدىغان  باشلانغۇچ مەكتەپكە ئىئانە قىلدىم .
بىسادىمدىكى  قالغان 3785  يۈئەن پۇلنى ئاخىرەتلىك ئىشلىرىم ئۈچۈن  مەھچىتكە قالدۇردۇم ..دەپ يازدى ، ۋە زۆھرە خانىمنى چاقىرتىپ ،مەسچىتنىڭ ئىمامى قاتارلىقللار بىلەن  بىرگە چىقىپ ،بۇ  مىراس ھۆجىتىنى جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكىزۋەتتى . شۇندىلا ئۇ خۇددى  ئۈستىدىن بېسىپ تۇرغان  تاغنى ئۈزى خۇددى بىر سىلكىپ غۇلىتىۋەتكەندەك يىنىكللەپلا قالدى.
*
    ھاتەم بۈگۈن قۇياشقا  سالام قىلغىلى چىقالمىدى  ،ئۇنىڭ ماغدۇرسىز تەنلىرىدىن تەر قۇيۇلاتتى. ئۇ مۇشۇ يېتىشى بىلەن چۈشكە يىقىنمۇ تۇرالمىدى .كۆزلىرىنىمۇ ئاچماستىن  ياتقان ھاتەمنى ،  قاچانلاردا-دۇ كېلىپ بېشىنى  سىلىغان زوھرەنىڭ ھىدلىرى سەگىتتى .تەستە ئېچىلغان كۆزلەردە ئۈمۈت، چىرايلاردا  شاتلىق ئۇچقۇندىدى .ئۇنىڭ زۆھرەگە سۈزى بار ئىدى ، يۈرىكىدە تىنىپ قالغان ،سۆزلەپ سۆزلەپ تۈگىتىپ بولالمايدىغان  سۆزلىرى بار ئىدى . پىغانى ئۆرلىگەن  ۋاقىتلاردا بولسا ، تالاي قېتىم تەكرارلانغان بولىسمۇ ،زوھرە ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان سۆزلىرىنى  ھاياجان بىلەن سۆزلەشكە باشلايتى .
-       جېنىم زوھرە ،سەن نىمىشكەمۇ مېنى تاشلاپ كەتكەنسەن ، سەن بولمىغاشقىلا بۇ ھايات مەن ئۈچۈن مەناسىنى يۇقاتتى ،سەن بولمىغاشقىلا ، ھاياتتىن مەنا ئىزلەپ ياشاشنىڭ مەن ئۈچۈن ھېچ  ئەھمىيتى قالمىدى . قىسمىتىم  شۇنداق پۈتۈلگەن ئىدى ، سېنى سۈيەتتىم . سەنمۇ ھەم . مۇھەببىتىمىز  بىز ئاڭلىغان ئەڭ گۈزەل لېرىك ناخشىدىن سۈزۈك  ئىدى ، تۇيغىمىز  شۇ قەدەر  پاكىز ئىدى . ھايات شۇ ۋاقىتتىلا  بىز ئۈچۈن جەننەت كەبى گۈزەل ئىدى . سەن بارلىقىڭنى  ماڭا بېغىشلاشقا ۋەدە قىلغان ئىدىڭ ، ھېلىمۇ ئېسىمدە ، سەن بىر تاشتەك  ئاق ئەتتىرگۈلنى تۇتقۇزۇپلا ،كۆزلىرىڭ ياش ، كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولغان ئاشۇ گۇگۇم پەسلى ،بۇ سېنىڭ قارچۇقۇمدا قېتىپ قالغان ئاخىرقى سىمايىڭ ئىدى . ئاشۇ كۈننى   يىگىرمە يىلدىن بېرى نەچچە قېتىم ئەسلەپ ئۆتكىنىم ئېسىمدە يوق  ، گۈل  چوڭ بۇلۇپ ،تەشتەكلىرىنى ئالماشتۇردۇم، سېنىڭ بارماقلىرىڭ تەككەن گۈل تەشتىكىنى  خۇددى ئاسارە ئەتىقىلەرنى ساقلىغاندەك  ساقلاپ كەلدىم ،  دىمىسىمۇ  مەن ئۈچۈن تەئەلۇقاتىمدىكى  ھېچنىمىنىڭ قىممىتى  بۇ گۈل تەشتىكىدەك بىباھا  ئەمەس .گۈللەر چوڭ بۇلۇپ ،تۈۋى شاقلىرى يۇغۇناپ ،مادارىدىن كەتكەندە ،يېڭى نوتىلاردىن ئايرىم گۈل قىلدىم .  ئاپپاق ئېچىلغان ئاشۇ بەرگىللىرىگە قاراپ ئويلاپ قالىمەن ، پاكلىقنىڭ ،مۇھابەتنىڭ سىمۋولى سۈپتىدە  ماڭا تاپشۇرغان ئاشۇ گۈلىڭ ،تۇنجى ئېچىلغان سەھەر ،  مەن مەڭگۈ ئاڭلاشنى خالىمايدىغان  بىر خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىدىم . شۇندىن بىرى  بۇ ئاق ئەتتىرەڭ سېنىڭ ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن  يالغۇزلىقىم  ۋە غېرىپلىقىم  ئۈچۈن بىر مۇسىبەتكە سىمۋول بۇلۇپ  ماڭا ھەمرا  بولدى . جېنىم ھالىم شۇ قەدەر  ناچار ،  ئەمما  ئاخىرقى تىنىقىم قالغىچە تىرىشىپ تىرمىشىپ ياشاي ،  سەن بىلەن دىدارلىشىدىغان كۈنلەرگىمۇ ئاز قالدى ...دەيتى  .
   ئۇ قايسى يىل ۋە ئايلارنى ئۆتكۈزۋاتقىنىغا قىزىقمايتى . جاھاننىڭ ئىشلىرى بىلەنمۇ ئۇنىڭ ئىشى يوق ئىدى . پەقەت بەزىدە  ئۇلۇغۋار خىياللارنى قىلىپ ئۈزىچە كۈلۈپ كىتەتتى .  بۇ يۇرتقا قەدىمى يەتكەندىن باشلاپ ئۇ  ئۇ يالغۇز ياشاۋاتقان ئىدى ، ئەمما  ئۇ خىيالى تۇيغۇسىدا  زۆھرەنى ھامان ئۈزىگە  ھەمرا دەپ ئويلايتى، بەزىدە ئۇ ئۈزىنىڭ بۇ تۇيغۇلىرىغا ئۈزىمۇ ھەيران  قالاتتى، زۆھرە راسلا ھاتەمنىڭ يېنىدا پەيدا بۇلاتتى ، ئۇنىڭ  بىلەن سىردىشاتتى .ھاتەمنى  ئاشۇ پاكىز ۋۇجۇدى ،پاك روھى بىلەن كۈتۈۋاتقىنىنى ئېيتاتتى . ھاتەم ئاشۇ تۇيغۇلار  بىلەن غېرىپلىقىغا  تاقابىل تۇراتتى ،ھاياتىغا ئىكەك تەڭلەپ تۇرغان ئازاپلىرىدىن قۇتۇلاتتى.ۋە ئۇيقۇغا كېتەتتى- دە ،يەنە چۈش كۈرەتتى ،ياق بۇنى چۈش دىگەندىن كۆرە ،ئۆتمۈشكە قايتىش دىگەن تۈززۈك ئىدى ، يەنە شۇ ئۆستەڭ بۇيى ،زۆھرە  ئەپچىلغىنە ئەپكەشلىرىگە  چىرايلىققىنە ئىككى چېلىكىنى ئاسقىنىچە ،ئىككى تال ئۆرۈلگەن چاچلىرىنى ،چېلەكنىڭ  رېتىملىق ئاۋازىغا  تەڭكەش قىلىپ پۇلاڭلاتقىنىچە سۇغا كېلەتتى ، ھاتەم ئۇنىڭ كېلىشىنى ،كەلگەندىمۇ قايسى ۋاقىتتا كېلىشىنى بىلگەش ،مۇشۇ ئۆستەڭ بۇيىدا ساقلايتى.
ئۈركىگەن كېيىكتەك  ئۈركۈپ تۇرۇپ ،  ئازغىنە پارىڭىنىڭ ئەۋجىدە  ئالدىراپ كېتىپ قالاتتى ، يەنە بىر دەم تۇرسىلا ،ئانىسىنىڭ  ، تۇپۇلۇق ئاشۇ يولغا چىقىپ ، ئۇزۇن سۇزۇپ ‹‹ زوخرەەەەەەەەەە ›› دەپ چاقىرشىدىن ،قورقايتى،  ئۇلار  بۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا  ئەتە توغراقلىقتا كۈرشۈشنى دىيشىۋىلىشقا ئاران ئۈلگۈرەتتى-دە ، سەل يىنىكلىگەندەك بۇلۇپ قايتاتتى.
            توغراقلىق ، تەكلىماكاننىڭ  جىمجىت ئۇيقۇسى ...مۇشۇ يەرلا ئۇلارنىڭ  ئەڭ خاتىرجەم ماكانى ئىدى .بۇ يەرگە ئۇلارغا زەخمەت يەتكۈزدىغان ھېچكىمنىڭ تاپىنى يەتمىگەندەك ،شۇنچە خاتىرجەملىك ھىس قىلىشاتتى. زۆھرە  قىزىل ياغلىقىدىن چىقىپ تۇرغان، قارامتۇل كېچىنىڭ رەڭگىدىكى چېچىنى  سىقىمدىغانچە  يىراقلارغا قاراپ ئولتۇراتتى ، ھاتەم بەزىدە بىردەممۇ ئېسىدىن چىقارمايدىغان  بۇ شىرىن چۈشىنىڭ كۆز ئالدىدا يېيىلىپ ياتقىنىغا ، زۆھرەسىنىڭ بىر دەستە گۈلدەك ئالدىدا  خۇش ھىد تارقىتىپ ئولتارغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي قالاتتى.زۆھرەنى   چىڭ قۇچاقلىغۇسى، ئۇنى  سېغىندۇرغان  ھىدلىرىنى  قانماي –قانماي ھېدلىغۇسى كېلەتتى. ئەمما ئۇنى چۈچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئېھتىيات قىلاتتى .خۇددى ئۇ قالايمىقان تىگىپلا كەتسە پارەمۇ-پارە بۇلۇپ كىتىدىغان خىرۇستالدەك.
ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى تۈگۈمەيتى ، كەلگەن ۋاقىت شۇنچا  خوشاللىقنى ھاپاشلاپ كەلگەن بولسا ،قايتىشىدا ، ئازاپنى يۈدۈپ ماڭاتتى. مانا بۈگۈنمۇ شۇ چۈش ، يەنە شۇ توغراقلىق ...
                پۇل ،مال دۇنيانىڭ قىممىتىنى ھىس قىلغان ئاشۇ ۋاقىتتا ،ئۇ شۇ قەدەر ئىلاجسىز ئىدى، زۆھرە ئۈچۈن شۇ ۋاقىتتا ھېچنىمە قىلالمىغىنىغا ئۈكىنەتتى،تەغدىرگە تەن بەرمەي ،بىرەر تەلۋىلىك قىلمىغىنى ئۈچۈن ئۈزىنى كاچاتلىغۇسى كېلەتتى . مانا ھازىر پۇل تاپتى ، موچەنلەرگە يارايدىغان نەرسىلەرنى ئەخلەتخانىلاردىن ،ئەسكى تۈسكىلەر ئىچىدىن ئىزلەپ  تاپتى.  بەزىدە زۆھرە  يىقىملىق ئاۋازى بىلەن ھاتەمدىن سورايدۇ،-
-    نىمىشكە باشقا پاكىزراق ئىش قىلمايسىز ؟
-    سەن بىلمەيسەن ، پەقەت مۇشۇ ئىشنىلا قىلسام ، پۈتكۈل دۇنيادىن  ئايرىلىپ ياشاش ئارزۇيۇمغا  يىتىمەن جېنىم ،ھېچكىم سەن بىلەن  قىلىدىغان خىيالىمغا دەخلە بەرمەيدۇ ، ھېچكىمنىڭ نەزىرىمۇ ماڭا چۈشمەيدۇ .     داغدۇغسىز   كېلىپ،داغدۇغىسىز  ياشاپ ،تىمتاس  ئۈلۈپ كېتىش  پىشانەمگە پۈتۈلگەندۇ بەلكى .  سېنى شۇ قەدەر سېغىندىم ، سېنىڭ بىلەن دىدارشلىدىغان كۈنلەرگە راسلا ئاز قالدى ، مەن بىر ۋەسيەت يازاي ، تاپقان بارلىق تەئەلۇقاتىم نى  مەھەللىدىكى مەھچىتكە  قالدۇراي ، -  بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ زۆھرە  دومسىياتتى ،ۋە مەسلىھەت بەرمەكچىدەك  قۇشۇپ قۇياتتى،-
-        ‹‹ سىز مەھچىتنىڭ  بىر ئېغىزلىق ئۈيىنى ئىجارىگە ئالغاندا ،مەھچىت ھەييەتلىرى سىزگە نىمىلەرنى قىلمىدى ، توك پۇلىنى  بىر كۈن كېيىن بەرگەنگە، تاپشۇرمىدى دەپ ،توك سىملىرىنى كېسىپ تاشلىمىدىمۇ ، سىزدىن ۋابادىن قاشقاندەك قاچمىدىمۇ ؟ ياق باشقا مۇھتاجلارغا بېرىڭ ...›› .
توغرا  ئۇنى   مەھەلىدە ئاتا  قىلىۋالماقچى بولغانلارمۇ بار ئىدى .
-    بۈگۈندىن باشلاپ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمىز ،  ئەخلەت تىرىمەيسىز ، ئۈچ ۋاق
تەييار ،ئەمما  تاسادىبى ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا ، بارلىق تەئەلۇقاتىڭىزنى ، بىزگە قالدۇرۇپ ،ۋەسيەت قالدۇرسىز ،جامائەت گۇۋالىقىدىن ئۆتكۈزۋىتىمىز ........   ‹‹ بىر مۇددىئاسى بولمىسا ،قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا ›› بۇ تەمسىل  بىكار ئېيتىلمىغان .زۆھرەنىڭ ئېيتقىنىدەك،  بۇ پۇللار ئەڭ مۇھتاج كىشىلەرگە قالدۇرلىشى كېرەك ئىدى. ئاشۇ سۆزدىن كېيىن ، ھېلىقى  ئۇماق بالا ،قۇدرەت ئۇنىڭ ئېسىگە كەلدى . ۋە زۆھرەلا ئاڭلىغۇدەك سۇس پىچىرلىدى.
- بىر ۋاقىتلاردا  بالىمىز  بۇلۇشنى ئارزۇ  قىلىشاتتۇق ،  سەن شۇ ۋاقىتتا   ماڭا ئوخشاش  ئوغلىڭنىڭ بۇلىشىنى ،ئىسمىنى قۇدرەت قۇيۇشنى  ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭنى دەيتىڭ .مەن بولسام  ساڭىلا ئوخشاش قىزىم بۇلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى دەيتىم . بىز ئەنە شۇنداق ئارزۇ ئارمانلىرىمىز  بىلەن ۋاقىتنىڭ چەمبىركىدىن قۇتۇلۇپ چىقاتتۇق . بىز ئۈچۈن دۇنيا ئۇنتۇلاتتى . تۇيۇقسىز  بۇ زوھرە ئىسىملىك ئايال بىلەن  قۇدرەتنى ئويلاپ قالدىم .بۇ بىزنىڭ ئاشۇ شىرىن خىيالىمىزنىڭ داۋامىمىدۇ؟  
قار زىمىنغا لەرزان تاشلىنىۋاتقاندا ، ھاتەم سىرتقا بار كۈچىنى يىغىپ ئاخىرقى قېتىم  قاراپ كىردى ،گويا ھەممە نەرسىللىرى بىلەن ۋىداشلاماقچى  بولغاندەك . بۈگۈن ئاق ئەتتىرەمۇ ئېچىلغان ئىدى .  مەشنىڭ سۇس ئىسسىقى  بىلەن ،ياندىكى ئۆيدە يېڭىدىن  ياپراق چىقىرىپ باژغانلاپ كەتكەن  ئاق ئەتتىرگۈلنىڭ  ياش ياپراقلىرىنى ئامراقلىق بىلەن سۆيدى . قانماي ھىدلىدى .ئاق ئەتتىرەگۈل  ئۇنىڭ  ئەركىلىتىشىنى كۈتكەندەك ، ھاتەمنىڭ بارماقلىرىغا مەڭزىنى سۈركەيتى .ئۇ گەپ ئاڭلايتى . لېكىن  تۇيۇقسىز  ئېچىلىپ  كەتكەن  بەرگىللىرىگە قاراپ ،ئۇنىڭ كۆڭلى بىر بىشارەتنى سەزدى . شۇنداق  بۇ گۈل  ئاشۇ  كۈنى  زوھرە  ئۈلۈپ كەتكەندە  ئېچىلغان  گۈلدەكلا  مىسكىن ئىدى .   قۇدرەت  بىلەن  زوھرەگە ئاق ئەتتىرگۈلنى ھەممىدىن  بەكاراق تاپىلىدى .‹‹ قۇرۇپ قالمىغاي،مەن يوق چاغلاردا  سۇ قۇيۇپ پەرۋىش قىلىپ قۇيارسىلەر  ››  ئاخىرقى بىر كۈنى قۇدرەت  بىلەن زۆھرە ھاتەمنىڭ  ياش سىرغىپ تۇرغان كۆزلىرىنى  بىر نوقتىغا تىككىنىچە ئولتۇرۇپ ، ئۈزىنىڭ ئەزەلدىن سۆزلىنىپ باقمىغان كەچمىشلىرىنى  سۆزلىگىنىنى ئاڭلىدى . زۆھرەنىڭ كۆزلىرىدىن  ياشلار قۇيۇلدى .قۇدرەت شۇندىلا  ھاتەمنىڭ  ئازاپلىق بىر ئىشلانى سۆزلەپ بىرۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ ،ئېغىزلىرىنى ئۈمچەيتكىنىچە ھاتەمنىڭ يىرىكلىشىپ ،تالاي يىللاردىن بىرىقى  تارتقان جاپا مۇشاقەتلىرىگە شاھىت بۇلۇپ قالغان ئالقانلىرىغا  يۇمران مەڭزىللىرىنى سۈرتتى . زۆھرە  ئاق ئەتتىرنى ئېلىپ كىرىپ ،  ھاتەمنىڭ كۈزىگە كۈرىنىپ تۇردىغان جايغا قۇيۇپ قويدى . قۇدرەت ئۇنىڭغا كىچىك شىشىدە سۇ ئېلىپ كىلىپ قۇيدى.
   ھاتەمنىڭ  ھال ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان   مەھچىتنىڭ جامائەتلىرى يوقلاپ كىردى ، ئۇلار چىقىپ كەتكەن كۈنى كەش ،  خاتىپ  كېلىپ ،ئۇنىڭ ئاغزىغا دىمىدە تېمىتتى . زوھرە  تىزلىرىغا  ھاتەمنىڭ  بېشىنى  قويغىنىچە  ئولتۇراتتى  ، ئۇ  خوشال ئىدى.ئۇلارنىڭ ۋىسال پەيتىگە ئازلا قالغان ئىدى. بۇ  مىسكىن  خانىدە ياڭراۋاتقىنى  ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردىكى ھايات مىلۇدىيەسى ئىدى .
--      خاتىمە
-     بىر جۈمەكۈنلىكى بىر غېرىپ جىنازا  مەھچىت  ئىچىدە نامازخانلارنىڭ  دۇئاسىنى كۈتۈپ تۇراتتى ، جىنازىدىن مۇڭ تۈكىلەتتى ، مەھچىتنىڭ خاتىپى ۋەزمىن ئاۋازدا سۆزلىدى .
-      بۇ يۇرتتا  20 نەچچە يىلدىن بېرى بىز بىلەن ئۈنتۈنسىز ياشاپ ئۆتكەن بىر غېرىپ بىز بىلەن خوشلاشتى  ،بىز ئۇنى خېلى ياشانغان بولسا كېرەك دەپ ئويلايتۇق ،سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىدىن  ئەسلى يېشى ئايان بولدى . مەرھۇم 43 يېشىدا يەرلىكىدە ياتتى . ئۇ گەرچە ئاشۇ مەينەتچىلىكتە يۈرسىمۇ ، ئەسلىدىكى تۇرقىنى ئاشۇ مەينەتچىلىك ۋە ساقال بۇرۇتلار قاپلاپ  كەتسىمۇ ، لېكىن ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشاپ ئالەمدىن ئۆتتى ،  يەتتە  ئازايى ساق تۇرۇپ ، تېلەپ ۋە ياكى باشقىلارنى قاقتى سوقتى قىلىپ ياشايدىغانلار بۇ كىشىنىڭ روھىدىن ئۈگىنىشى كېرەك ،ئۇ 7 ياشلىق يىتىم ئوغۇل قۇدرەتنىڭ ئۇقۇشى ئۈچۈن بارلىق بىسادىنى  قالدۇرغاندىن سىرت ،مەكتەپكىمۇ پۇل ئىئانە قىلدى . زوھرە خانىمنىڭ  تۇرمۇشىدىكى ئۈزىگە تۇرالغۇ جاي سېتىۋىلىش ،ۋە بالىسىنى  ئۇقۇتۇش ئۈچۈن پۇل غەملەشتەك غېمىنى  ئاسان قىلغان  مەرھۇمنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى  ،ئۇلۇق ئاللادىن تىلەيمىز.  زوھرە خانىم  مەرھۇم يولدۇشىنى   نەچچە يىل بۇرۇن بارلىق بىساتىنى سېتىپ داۋالاتقان بولسىمۇ ، ساقايتالمىغان ئىدى ، شۇندىن بىرى   بۇ ئايال  ئۆز ھالال ئەمگىكى بىلەن  بالىسىنى  تەربىيلەپ ، ناھايىتى  پاكىزە ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان ،مەرھۇمنىڭ  بىساتلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ مۇھتاج كىشىلەرنى تاپتى .  مەرھۇم  ئاخىرقى دەقىقىلەردە ، نەچچە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھ بۇلىشى بىلەن ،  شۇنداق ۋەسيەت قالدۇردى  .......بۇ سۆزلەر  بەكمۇ جاراڭلىق ۋە ۋەزنىلىك ئاڭلاندى
قاراشەھەر  ناھىيە ،تىئەنتوڭ  ئادۋۇكاتلار  ئورنىدىن گۈلباھار ئەزىز .

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 23:44:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەممىدىن بەك .يەنجى ناھىيە دىمەي قاراشەھەر ناھىيە دەپ يۇرتىڭىزنىڭ ئەسلى نامى بىلەن ئاتىعىنىڭىزدىن  بەك سۇيۇندۇم . چۇنكى ھەر بىر قەلەم ساھىبى ھەر بىر تىنىقىدا  ئوز مەسئۇلىيىتىنى ئىسىدىن چىقارماسلىقى كىرەك .

UID
18594
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-12
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 15:11:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
这个还不错,好帖子,大家谈谈












茅台酒

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش