سەندىن رەنجىپ قالدىم
سەندىن رەنجىپ قالدىم. زارىقىپ كۈتكىنىمدە كەلمىگىنىڭ ئۈچۈن، خىياللىرىمدىن كەت دېسەممۇ كەتمىگىنىڭ ئۈچۈن، يىغلىسام ياشلىرىمنى بىرەر رەتمۇ سۈرتمىگىنىڭ ئۈچۈن .
گۈل تىزىپ كەلگەنلەر ئارسىدا سەن يوق. سەلكىنلەر ئېلىپ كەلگەن سالاملاردا سېنىڭ ئاۋازىڭ يوق. ئاق بوز ئاتىڭمۇ كىشنەپ باقمىدى...
ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ باقمىدىم. تەققاسلاپ باقىمەن، شاماللارنىڭ تاتلىق شىۋىرلاشلىرىغا، چاقماقلارنىڭ قەھىرلىك چېقىلىشلىرىغا ... ئۇ ھەممىسى سېنىڭ ئاۋازىڭ.
نەي ئاۋازىنى نېمانچە ياخشى كۆرىدىغاندىمەن. ئۇنىڭدا مېنىڭ نەچچە مىڭ يىل ياشىغانلىق داستانىم بار. ھەجەپمۇ ئۇزاق ياشىدىم ھە مۇشۇ تەنھالىقىم بىلەن. نەينى سەنمۇ ياخشى كۆرىسەن، ئازاپلىرىمنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىيالىغىنىڭ ئۈچۈن.
تېنچ كېچىدە ئاسمانغا قارىدىڭمۇ جېنىم؟! ئاي چىققان كېچىدە پەقەت بىرلا قېتىم ئايغا قارىغىن. ئايدىكى قاراقلىرىڭ ماڭا قالسۇن...
چېچەك
مەستخۇش ھېدلىرىڭدىن بىھۇش بولۇپ، ساڭا ئاستا يېقىن كەلدىم .
كىرپىكىمدە لەيلەپ قالغان بىر تامچە يېشىم، ماڭا ئاتا قىلغان ھېدىڭ تەپتىدە قارچۇقۇمغا سىڭىپ كەتتى. لەۋلىرىمدە ئەگىپ يۈرگەن تەبەسسۇم بەرگىڭگە لەۋ سوزغاندا، ھال رەڭ تونىڭ ئۈستىگە يېپىلغان شەبنەم زەم-زەم كەبى تەشنا دىلىمغا ھوزۇر ئاتا قىلدى. قۇرغاق، مېھىرسىرىغان ھۇجۇدۇمغا بەخشەندە ئەتكەن ئىللىقلىق باغرىڭدا، تۇيغۇمغا خىرە بىر سىيما سايە تاشلىدى. پىنھانىمدا تىپىرلىغان ئازاب ئۇچقۇنلىرى، قەلبىم قەھرىدە گۈركىرىگەن بورانلاردا لاۋىلداپ يانغىنغا ئايلاندى. ئېھ، چېچەك! مېنى يۇتۇپ كەتكىن، مەن باغرىڭغا سىڭىپ كېتەي. سېنى بىراۋلار تەسۋىرلىگەن «چېچەك پەسلىڭ» گە سىڭىپ كېتەي. بەرگىڭدە لەيلەپ يۈرگەن شەبنەملىرىڭ بىلەن، خاتىرەمنى يۇيىۋەتكىن. مەن كۈلگىن ئەتەم بىلەن روھىمنىڭ ئەڭ پاك جىلۋىسىدە سېنى باغاشلاي...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-5 15:29