yvgan112 يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 00:05 
كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئەزىز قېرىندىشىم، ئەستايىدىل پىكىر ...
دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەندىم .‹‹ قاتاردىن قالغۇچە،خاتادىن قال››.
بۇنىڭ بىرى يالغۇز ياشاش خاتالىق ،كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئۆتۈڭ دەپ دوستلۇقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز، كۆپچىلىككە ئەگەش بىراق قارغۇلارچە خاتا يولغا ماڭما دىگەننى بىلدۈرىدۇ، شۇنداققۇ؟
سەۋىيەم چەكلىك شۇنداقتىمۇ ئويلىغىنىمنى ئوتتۇرغا قوياي ‹‹بىلمىگەن ئەيىپ ئەمەس ،تىرىشمىغان ئەيىپ›› .ئاددى تىل بىلەن سۆزلىسەم ،توي- تۈكۈن،نەزىر -چىراق لارغا ئوخشاش سورۇندىن قالما كۆپچىلىككە ئەگەش باشقىلار بىلەن تۇنۇش ،باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنات دىگەندەك مەنىلەردە ئىشلىتىلىپ كىلىنگىنى ئىنىق،يەنى بىر مەنىسىنى دىسەك قىمارۋاز لار،ھاراقكەشلەر بىلەن سورۇنغا بار ئەمما قىمار ئوينىما ،ھاراق ئىچمە دىگەندەك ، ئەجداتلىرىمىز بۈگۈنكى كۈنگە قەدەرئالدىنقى مەنىسىنى ئىشلىتىپ كەلگەن، ھەم بۇنىڭ ئىجابى رولىنى كۆرگەن ھەم بايقىغان .شۇنداق بولغانكەن يەنىلا ‹‹قاتاردىن قالغۇچە،خاتادىن قال››دىگەننى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن .
‹‹خاتاغا قالغۇچە،قاتاردىن قال››.
بۇ ،زامانغا تەدبىقلىغاندا توغرا،بىرىدىغان مەنىسى ،بىھۇدە ئىقتىساد،ئەقلى كۈچ،ماددى-مەنىۋى كۈچ..........سەرىپ قىلنىدىغان كىشىلەر توپىغا قېتىلىپ خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن قېتىلما شۇنداققۇ؟
‹‹ قاتاردىن قالغۇچە،خاتادىن قال››.
بۇنى ياخشىسى تىل تەرەققىياتىمىزدا ئوپراتسىيە قىلماي ،ئەسلىدىكى تىل تەرەققىياتى بويىچە ئىشلەتسەك ،چۈشەنسەك تەشەببۇس قىلساق بۇنىڭ زىيىنىدىن پايدىسى كۆپ دەپ ئويلايمەن.
بولسا باشقىلارمۇ تەپسىلىراق ئىنكاس قالدۇرسا، ئورتاقلىشىپ باقساق دىگەن ئۈمۈتتە.
خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا كەچۈرۈڭلار.