كۆرۈش: 3915|ئىنكاس: 31

خاتاغا قالغۇچە، قاتاردىن قال   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6579
يازما
28
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
208
تىزىملاتقان
2010-10-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 18:40:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن. يىڭى يىلدا سىلەرگە مىھرىبان ئۇلۇغ اللە دىن بەخىت، ئامانلىق تىلەيمەن. يىڭى يىلدا ھەممىمىزگە بىر ياش قوشۇلدى. تۈنۈگۈن ئۆتمۈشكە ئايلاندى، ئەتە بولسا بەكمۇ سىرلىق، بۈگۈن بىزگە بېرىلگەن پۇرسەت ھەم سوۋغا. بۇ پۇرسەتتىن قانداق پايدىلىنىش، سوۋغاتتىن قانداق ھوزۇرلىنىش سىزلەرنىڭ قەلبىڭلارغا قالدى.
   ھىم!.. ئەسلى مەقسەتكە كەلسەم، ئانچە-مۇنچە پىكىر قىلىپ كۆنۈپ قاپتىمەن، بۇ خۇينى تاشلىيالمىدىم. باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشمىغان پىكىر قىلىش كىشىنى جاھىللىققا باشلىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن قورقىنىش ئىچىدە سىزلەر بىلەن ‹‹قاتاردىن قالغۇچە خاتادىن قال›› مۇ ياكى‹‹قاتاردىن قالغۇچە خاتاغا قال››مۇ ۋە ياكى ‹‹خاتاغا قالغۇچە قاتاردىن قال››مۇ دىگەن مۇلاھىزىنى سىلەرگە سۇنۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئۇنداق بولسا بۇ ئۈچ خىل گۇماننى ئايرىم ئايرىم تەھلىل قىلىپ باقايلى.

  ‹‹قاتادىن قالغۇچە خاتادىن قال››
  كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىۋاتقىنىمىز ‹‹قاتادىن قالغۇچە خاتادىن قال››.  ئەڭ بولمىغاندا، بىزنىڭ غۇلجا شارائىتىدا مانا مۇشۇنداق، باشقا يۇرتتىكى قېرىنداشلىرىمىز قانداق ئىشلىتىدۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. بۇ ‹‹ماقال ››نىڭ ھازىرقى   ئىشلىتىلىش دائىرىسىدىن قارىغاندا، بىرەر ئىشقا جۈ-جۈ بولغاندا، سالاغا چىدىمىغان كىشى ئەڭ باشتا ئۆز-ئۆزىگە بېرىدىغان تەسەللىسى دەل‹‹قاتادىن قالغۇچە خاتادىن قال››. بۇ تەسەللىنىڭ زور مەدىتى ئاستىدا ‹‹ئەل قاتارى››غا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئەمما، لىكىن بۇ ماقالنى توغرا دەپ بىلىپ شىپى كەلتۈرگەن كىشى ماقالنىڭ كەينىدىكى ‹‹خاتادىن قال››دىگەن مەزمۇنغا پەقەتلا ئىتىبار بەرمەيدۇ. چۈنكى قاتاردىن قالغىچە، خاتادىن قال دىگەن ئىككى مەزمۇن بىر-بىرىگە سىغىشمايدۇ،بېقىنمايدۇ. ھازىرغىچە بىز  ئاشكارا ئۇچرىغان رىئاللىق دەل كىشىلەرنىڭ قاتاردىن قالماي دەپ خاتالىشىپ كېتىپ بارغىنى. بۇ ھەممىمىزگە ئايان بولسا كىرەك. دىمەك ‹‹قاتاردىن قالغۇچە خاتادىن قال›› دىگەن ئىبارىدە ئېغىر مەزمۇن خاتالىقى بار.

  ‹‹قاتاردىن قالغۇچە، خاتاغا قال››
  مانا، بىزنىڭ رىئاللىقىمىزغا، كۈندۈلۈك تۇرمىشىمىزغا، قىممەت قاراشلىرىمىزغا ئۇيغۇن كەلگەن ئىبارە. ئارىمىزدا ‹‹ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس›› دىگەن ئىبارىنى ئۆز-ئۆزىزىگە تەدبىقلاۋاتقان ئىشەكسىمان، خاتالىشىشتىن- گۇناھتىن قورىقمايدىغان، ئەل-ئاغىنىلىرىنىڭ ‹‹مازاق››قىلىشىدىن قورقۇپ ياشايدىغان ماڭقۇرۇتلارنىڭ باھانىسى، ئىبارىسى. ئەمما بىزنىڭ ئەقىللىق، شانۇ-شەۋكەتلىك ئاتا-بۇۋىلىرىمىز بىزگە بۇنداق چاكىنا، كىشىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان جۈملىنى ماقال قىلىپ قالدۇرمايدۇ. دىمەك بۇ ماقال ئەمەس.

‹‹خاتاغا قالغۇچە قاتاردىن قال››
  مانا ئاتا-بۇۋىلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان مىراسى.  ھەممە ئىش ئەل قاتارى بولىۋەرمىسۇن، سىز ئېيتىۋاتقان توپنىڭ ساپاسى زادى قانچىلىك؟!..ئۇلار قوغلىشىۋاتقان، تەشەببۇس قىلىۋاتقان پائالىيەت زادى ھالالمۇ ، ھاراممۇ؟!..توغرىمۇ، خاتامۇ؟! .. كىشىلىك ھاياتتا ئويلىشىپ كۆرۈڭ. ھايات بەكمۇ قىسقا. بۈگۈنكى پۇرسەت ھەم سوۋغىنى قەدىرلەڭ.
  
  خۇلاسە كالام، بىر ماقالنىڭ ئۈچ خىل ئۆزگەرمە شەكلىنىڭ چوقۇم بىرى توغرا، مەن ‹‹خاتاغا قالغىچە خاتاردىن قال›› دىگەن ماقالنى ئەڭ توغرا، قالغانلىرى ھەييارلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن دەپ قارايمەن. ئەمما ئۆزۈمنىڭ ئايىقىنىڭ باشقىلارغا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن، شۇڭلاشقا توغرىىسىنى ئايرىۋىلىشنى مۇنبەردىكى ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرگە قالدۇردۇم. بىلىم قۇرۇلمامنىڭ بەكمۇ چولتىلىقى ھەم بىۋاستە كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدىلا پىكىر يۈرگۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مۇلاھىزىدە كەمتۈكلىكلەر بولىشى مۇمكىن. ئەپۇ قىلغايسىزلەر!..

  ئىلاۋە: مۇشۇ ماقال ئۈستىدە ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان شەكلىنى ئىنكاستا قالدۇرغان بولسىڭىز. بەلكىم ئومۇمنىڭ پىكىرى ئومۇملىشىپ قېلىشى مۇمكىن.  

‹‹قاتادىن قالغۇچە خاتادىن قال››دىگەن ماقالدا ئېغىر مەزمۇن خاتالىقى بار، سىغىشمايدۇ دىمەكچىمەن. بۇنى ‹‹ئايرىلغاننى بۆرە يەر››دىگەن تەمسىل بىلەن باغلىسىڭىز بۆرىگە كوللىكتىپ يەم بولۇش ئاقىۋىتىنى پەيدا قىلىش مۇمكىن، چۈنكى سىز ئەگەشكەن ‹‹ ئەل قاتارى›› بۆرىنىڭ ئۇگىسىغا قاراپ ماڭغانلار بولىشىمۇ مۇمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-4 12:52  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-8 10:47):
‹‹قاتاردىن قالما، خاتاسىدىن قال›› ئويلىشىپ كۆرۈڭلار!..

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
5242
يازما
89
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1889
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 10:28:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتاردىن قالغۇچە خاتادىن قال، بىز مۇشۇنداق ئىشلىتىمىز.

يېڭى يۇلتۇز

ياشىسۇن نۆل !

UID
18828
يازما
42
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 12:07:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانچە - مۇنچە ئەمەس ، خىلى ئوبدان پىكىر يۈرگۈزۈپسىز ...! ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ماقال- تەمسىللەرنىڭ ھەممىسى ئىجابىيلىققا ئىگە ئەمەس ... چۈنكى ئاخىرقى مۇكەممەللىككە يەتمەك ئاسان ئەمەس .

UID
18845
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-22
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 12:09:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
guldurmama يوللىغان ۋاقتى  2012-1-3 10:28
قاتاردىن قالغۇچە خاتادىن قال، بىز مۇشۇنداق ئىشلىتىمىز ...

مېنىڭچىمۇ مۇشۇ  توغرا بىزمۇ مۇشىنى ئىشلىتىمىز . چۇنكى كوپچىلىك ئەقلى كوپ شۇڭا كوپچىلىككە ئەگەش دىگەننى كورسۇتىدۇ دەپ ئويلايمەن ،كونىلارنىڭ «ئايرىلغاننى بورە يەپتۇ »دەيدىغان ماقال-تەمسىلى بار

UID
6579
يازما
28
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
208
تىزىملاتقان
2010-10-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 12:32:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azimat0903 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-3 12:09
مېنىڭچىمۇ مۇشۇ  توغرا بىزمۇ مۇشىنى ئىشلىتىمىز . چۇنكى  ...

  شۇ ئىشلەتكىنىڭلارنى ئوبدانراق تەھلىل قىلىڭلار دىمەكچىمەن، تىمىنى ئوبدان ئوقۇڭ. ‹‹قاتادىن قالغىچە خاتادىن قال››دىگەن ماقالدا ئېغىر مەزمۇن خاتالىقى بار، سىغىشمايدۇ دىمەكچىمەن. بۇنى ‹‹ئايرىلغاننى بۆرە يەر››دىگەن تەمسىل بىلەن باغلىسىڭىز بۆرىگە كوللىكتىپ يەم بولۇش ئاقىۋىتىنى پەيدا قىلىش مۇمكىن، چۈنكى سىز ئەگەشكەن ‹‹ ئەل قاتارى›› بۆرىنىڭ ئۇگىسىغا قاراپ ماڭغانلار بولىشىمۇ مۇمكىن.

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 13:58:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹قاتادىن قالغىچە خاتادىن قال››
بۇ سۆز  مەزمۇنى ئىنتايىن خاتا بولغان سۆز بولۇپ ياش ئۆسمۈرلەرنى پۈتۈنلەي خاتا يولغا باشلايدۇ

UID
22055
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-1-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 16:46:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان تەپەككۇر قىلالىغىنى ئۈچۈن ھايۋاندىن پەرىخلىنىپ تۇرىدۇ.

UID
13497
يازما
27
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
387
تىزىملاتقان
2011-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 21:13:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتاردىن قالغۇچە خاتادىن قال  توغرىمىكىن

UID
18845
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-22
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 22:47:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yvgan112 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-3 12:32
شۇ ئىشلەتكىنىڭلارنى ئوبدانراق تەھلىل قىلىڭلار دىمە ...

كەچۇرۇڭ مەن بەك دىققەت قىلمايلا  يېزىپتىمەن ،تۇزەتمىڭىزگە رەخمەت

UID
12209
يازما
54
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1134
تىزىملاتقان
2011-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 22:57:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ماقال بىزنىڭ ئىشخانىدىمۇ پات- پات ئىشلىتىلىپ تۇرۇلۇدۇ،چۈنكى يەپ-ئىچىش ئولتۇرۇشلېرىمىز خېلى بار،ئالايلۇق،چۈشلۈكى،كەچلىكى،شەنبە- يەكشەنبە... دېگەندەك،پەقەت پۇرسەت بولسىلا.ئەگەردە كىمدە-كىم(مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن)«ئىشىم بار ئىدى...»دىگۈدەك بولسا،كۆپچىلىك دەرھاللا مانا شۇ «قاتاردىن قالغۇچە خاتادىن قال»دەپتىكەن دىيىشكىنىچە سالا قىلىشقا باشلايدۇ.نەتىجىدە ئۆينى،بالىلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ،مائاشنى ئۆيگە قىسىپ خەجلەپ ئاتالمىش «ياشاش»قا توغرا كېلىدۇ.
   مەن يۇقارقى ماقالىلەرنى ئەڭ ياقتۇرمايدىغانلارنىڭ بىرى،شۇڭا ئىشخانىدا باشقىلارنىڭ مەن بىلەن ئانچە خوشى يوق،مېنىڭ بىكار بولساملا بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ كىتاپ كۆرگۈنۈم كۆرگەن.ھېلىمۇ ياخشى ھازىر ئىشلەۋەتقان ئىشخانەم مەن ۋە باشقىلار ئۈچۈنمۇ  ۋاقىتلىق تەشكىللەنگەن(ھەرقايسى ئىدارىلەردىن ۋاقىتلىق ئارىيەتكە ئېلىپ كېلىنگەن خىزمەتچىلەر) ئىش ئورنى بولۇپ قالغىنى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش