- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 92
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 662
- تىزىملاتقان
- 2008-12-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- UID
- 1147
- يازما
- 92
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 662
- تىزىملاتقان
- 2008-12-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- توردا
- 29 سائەت
|
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 99-يىلى 17-يانۋار سانىدا ، «يىپەك يولىدىكى يەھۇدىلار» (ئەركىن ئەرشىدىن ) دېگەن بىر ماقالە بولۇپ ، ئۇنىڭدا : كەيفېڭدىن تىپىلغان بىر يەھۇدى ئابىدىسىدە « بىزلەر ئەنەتكەكتىن چېقىپ ، غەربىي يۇرۇت ئارقىلىق كەلگەن» دەپ يېزىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
شۇ ماقالىدە يەنە : تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان بىر ھېسابات دەپتىرىدىكى ئىسمى تېزىملانغان 竹忽最 دېگەن بىر كېشىنىڭ ،‹يۇەن سۇلالىسىنىڭ قانۇن-تۇزۇم دەستۇرى›دېكى يەھۇدىلارنىڭ «竹忽 »دەپ يېزىلغىنىغا ئاساسەن (بۇمۇ دەل جوھۇد نىڭ تەرجىمىسى) بۇنىڭدىن 1500يىللار ئىلگىرى يىپەك يولىدا يەھۇدىلارنىڭ خىلى كەڭ پائالىيەت ئىلىپ بارغانلىقى قەيىت قىلىنىدۇ.
يەنە بىر ماتىرىياللار ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن خوتەندىكى يەھۇدىلارنىڭمۇ بولغانلىقى يېزىلغان.
دېمەك 7-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە بۇگۇنكى جۇڭگۇنىڭ ھەممە يېرىدە يەھۇدىلار بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ھازىرغىچە يادىكارلىق تېپىلغان ئورۇنلار : كەيفېڭ ، دۇڭخۇاڭ ، تۇرپان ، خوتەن(بولۇپمۇ پىما دېگەن يەر) ، كابۇل(ئافغانىستاندا) بولۇپ ، باشقا ئورۇنلاردىن پارچە پۇرەت تېپىلمىلار چىقتى. |
|