- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 126
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2371
- تىزىملاتقان
- 2010-11-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-22
- UID
- 7330
- يازما
- 126
- تېما
- 9
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2371
- تىزىملاتقان
- 2010-11-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-22
- توردا
- 43 سائەت
|
كەيفېڭدىكى يەھۇدىلار
ئوتتۇرا ئەسىردە جۇڭگونىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەيفېڭ شەھرىگە بىر تۈركۈم ياھۇدىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى كۆچۈپ كەلگەن. «جۇڭگو- غەرىب ئومۇمىي تارىخ ماتېرىياللىرى توپلىمى» دە قەيىت قىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ تارىخي ماتىرىياللىرىدىكى يەھۇدىلەرگە ئائىت تارىخى خاتىرىلەر يۈەن سۇلالىسىدىن باشلاپ قەيىت قىلىنىشقا باشلىغان. ئەرەبلەر يەھۇدىلارنى ” جوھۇد“ دەپ ئاتىغاچقا خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا يەھۇدىلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى نامى ” شۇخۇ “ (术忽) دەپ قەيىت قىلىنغان.
كەيفېڭدىكى يەھۇدىلارنىڭ جۇڭگوغا كەلگەن ۋاقتى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت.بەزىلەر ئۇلارنى شىمالىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ ۋېي زوڭ دەۋرى(12-ئەسىر) دە ھىندىستاننىڭ بومباي رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن دەپ قارىسا، يەنە بەزى ئالىملار ئۇلارنى تەخمىنەن 7-ئەسىرلەردە جۇڭگوغا سودا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن يەھۇدى مۇھاجىرلىرىدۇر، دەپ قارايدۇ.
9-ئەسىرلەردە ئۆتكەن ئەرەب سودىگىرى ئەبۇ سەئىد ھەسەننىڭ «جۇڭگو-ھىندىستانلاردا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىم » ناملىق ئەسىرىدە خاتىرلىنىشىچە، ئىسلام كالىندارى بويىچە ھىجىرىينىڭ 264-يىلى(877-يىلى)خۇاڭ چاۋ گۇاڭجۇنى ئىشخال قىلغاندا ” مۇشۇ شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ سودا بېلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىسلام، يەھۇدى، خىرىستىيان، ئاتەشپەرەس دىنىي مۇرىتلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 120مىڭ ئادەمنى قەتلى قىلغانلىقى “قەيىت قىلىنغان.
17- ئەسىردە كاتولىك دىنىنىڭ دىن تارقاتقۇچىسى ماتتېرىككى (Matteo ricci )بېيجىڭدا كەيفېڭدىن كەلگەن ئەيتىن ئىسىملىك بىر يەھۇدىنى قوبۇل قىلغان. بۇ يەھۇدى ئۇنىڭغا كەيفېڭ يەھۇدىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىپ غەرىبلىكلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شۇندىن كېيىن ئۇ كەيفېڭغا تەكشۈرۈپ مۇناسىۋەت باغلاشقا ئادەم ئەۋەتكەن. شۇ چاغلاردا كەيفېڭدە مىڭدىن ئوشۇقراق يەھۇدى بار بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرىگە لى،ئەن، ئەي، گاۋ، مو، جاۋ، جىن قاتارلىق فامىلىلەرنى قوللانغان. ئۇلار چوشقا گۆشى يىمەيىتتى. نۇرغۇن ئادەتلىرى خۇيزۇلار بېلەن ئوخشىشىپ كېتەتتى. بېشىغا كۆك رەختلەرنى سەللە قىلىپ ئورىۋالغاچقا شۇ يەرلىك مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ” كۆك سەللىلىك مۇسۇلمانلار“ دەپمۇ ئاتىغانكەن.
ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بېلەن كەيفېڭ يەھۇدىلىرىنىڭ بىر قىسمى خەنزۇلارغا ئۆزلىشىپ كەتكەن. بەزىلىرى ئىسلام دىنىغا كىرىپ خۇيزۇلۇشۇپ كەتكەن. كەيفېڭدە ئۈچ ئورۇنغا يەھۇدى ئابىدىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇلار: مىڭ سۇلالىسى خوڭجىنىڭ 2-يىلى (1489-يىلى) تۇرغۇزۇلغان ” قايتا سېلىنغان مەسچىت خاتىرىسى“، چىڭ سۇلالىسى كاڭشىنىڭ 2-يىلى (1663-يىلى) تۇرغۇزۇلغان ” قايتا سېلىنغان مەسچىت ئابىدىسى“ (ھازىر يوقىلىپ كەتكەن) ۋە كاڭ شىنىڭ 18-يىلى (1679-يىلى)يىلى ئورنىتىلغان مەسچىتكە ئائىت ئابىدە بولۇپ، ئۇلار ھازىر كەيفېڭ مۇزىيىدا ساقلىنىۋېتىپتۇ.
مەنبەسى: خەنزۇچە « جۇڭگو ئىسلام قامۇسى» دىن بوزقىر قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى.
|
|