تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 933|ئىنكاس: 12

ئامال بارمىدۇ (ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
21772
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   



مەن ئېسىمنى بىلسەم،مىللىتىم ئىچىدە ھاراق، تاماكىنى ئوتتۇرا ياشلىقلار ئېچىپ، چېكەتتىكەن، كېيىن چوڭ بولدۇم، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىمدە، 25~20ياشلاردىكى ياش بالىلار تاماكا چېكىش،ھاراق ئېچىشنى ئۆگىنىپتۇ. ياشلىق مەزگىلىمدە بولسا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈمكى، ياشانغانلار، ساقىلى مەيدىسىگە چۈشكەن ئادەملەر پاھىشخانىغا،ئوتتۇرا ياشلىقلار ھاراق ئېچىدىغان سورۇنغا، ياش بالىلار بولسا بەش ئالتىسى بىر يەرگە توپلىشىپ، ساقچىدىن قاچۇرۇپ، قەيەر خالىي بولسا شۇ يەرگە بېرىپ، نەشە چېكىدىغان، تولۇقىسىز، ھەتتا باشلانغۇچنىڭ يۇقىرى يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ھاجەتخانىسىغا كېرىۋېلىپ، تاماكا چېكىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. مەن ئويلاپ قالىمەن، باشقا مىللەتلەرمۇ مۇشۇ بىزگە ئوخشاش قىلامدىغاندۇ؟ بىز قانداق مىللەت؟ باشقىلار قانداق مىللەت؟ بۇ كەيپ-ساپالار بارغانسېرى، چوڭدىن كېچىككە، ئەرلەردىن ئاياللارغا قاراپ يۈزلىنىۋېتىپتۇ. قانداق قىلساق مۇشۇ مىللىتىمىز ناچار ئىللەتلەرنى تاشلاپ، ياخشى بولغان ئىللەتلەرنى ئۆزىگە يۇقتۇرار؟! بولمىسىغۇ بىزنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىمىز، بۇ ئىش توغرىسىدا خېلى-خېلى ئەسەرلەرنى يازدى، سەنئەتكارلىرىمىز بولسا، مۇشۇ توغرۇلۇق قىزىقارلىق، تەسىرلىك، ئەھمىيىتى زور ئېتوت، دىرامما، ناخشىلارنى ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، مىللىتىمىز، شۇنىڭدىن پەقەت ئېبرەت ئالمىدى. شۇنىڭ بىلەن، مىللىتىمىز بىر-بىرى بىلەن كارى يوق، يازغۇچىلارمۇ، سەنئەتكارلارمۇ توختاپ قالدى. بەلكىم ئۇلار تولا يېزىپ، تولا ئورۇنداپ، زېرىكىپمۇ قالغاندۇ. ئەقلىم ھەيران!!! شۇ قەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇقكى....... ئامال بارمۇ؟يوقمۇ؟

...........................................................

بىركۈنى مەن قىز دوستۇم بىلەن ئازراق قىزىرىشىپ قالغاچقا، كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم، يولدا ماڭغاچ، ئۇششاق تاشلارنى تېپىپ، تاشلارنىڭ دومىلاپ مېڭىشىغا قاراپ كۆڭلۈمنى تەسەللى تاپقۇزۇپ شۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئويلىماي دەپ ئۆيگە قاراپ كېتىۋاتاتتىم.، تۇيۇقسىز بىرسى:

-ھوي، ئادىل،،- مەن يانغا ئۆرۈلۈپ قارىسام، توكسىكېلىت مېنىۋالغان، مەن بىلەن بىر مەھەللىلىك، تۇرسۇن ئېكەن. بۇ مەندىن 1~2 ياش چوڭ ئىدى. كىچىك ۋاقتىمىزدا شۇنداق يېقىن ئۆتەتتۇق،كېيىن مەن ياتاقلىق مەكتەپكە كەتكەندىن كېيىن، ئانچە ئالاقىلىشەلمەيتۇق. قولىدا بىر تال تاماكا بۇرنىدىن ئىس چىقىرىپ تۇرۇپ پۇۋلەپ،- ھە ئاداش، بارمۇ سەن؟ يوقاپلا كەتتىڭغۇ؟

-بارغۇ ئاداش، شۇ مەكتەپتىن بۈگۈن قويۇپ بەرگەن. ئۆيگە بېرىپ كېلەي دەپ. ھە سەنچۇ؟ ئۆزۈڭ نىمە قىلىپ، قارا سېنى تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىۋالدىڭىما؟

-ھە. شۇ دەرت جىقكەن! چېكەمسە؟-، ئۇ شۇنداق دەپ، ماڭا بىر تال تەڭلىدى.

- مېنىڭ دەردىم بولمىسا، نىمىشقا چېكىمەن؟ بولدى. مەن بولساممۇ ساق قالاي مىللىتىمنىڭ ئىچىدە.

- ئۇنداق ياسالمىلىق قىلىپ كەتمە، كۆرىمىز سېنىمۇ، ئەتە-ئۆگۈن تاماكىنى يانتۇ چىشلەپ ماڭغېنىڭنى، ئۇنىڭغا رەدىيە بەرمەكچى بولۇپ گەپ قىلاي، دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇ:

-ئاداش، ماڭا ھازىر جىددى پۇل لازىم بولۇپ قالغان. 30 كوي بولسا ئالە،-، ئۇ خۇددى ماڭا ئۆتكۈزۈپ قويىغىنى باردىكىدەك، ئالە دېيىشىگە ئاچچىقىم كەلدىيۇ، بوپتۇ، ئاغىنە ئەمەسمۇ، دەپ دەپ كۆڭلۈمدىن چېقىرىۋېتىپ، نىمىگە ئىشلىتىدىغېنىنىمۇ سورىماي، ئۇنىڭغا 30 كوي بەردىم. ئۇ پۇلنى ئالدىيۇ، خوشمۇ دېمەي، توكسېكىلىتنى ھەيدەپ يۇرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ ھالىتى خۇددى خىروئېنغا خۇمار بولۇپ قالغان ئادەمدەك ئىدى. توۋا، ھەجەپ ئۆزگىرىىپ كېتىپتۇيا بۇ. كىچىك ۋاقتىمىزدا شۇنداق يېقىن ئىدۇق، ئۇ شۇنداق رايىش، مۇلايىم ئېدى. بىز شۇنداق چىقىشىپ ئۆتەتتۇق، كېيىن ئۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا، ئوقۇماي جەمئېيەتكە چىقىۋالغانىدى. مەنمۇ ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇغۇغاچقا، ئىككىمىز بۇرۇنقىدەك ئالاقە قىلمايتۇق. ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزگىرىپتۇ... ئۇ 30 كوينى نىمىگە ئىشلىتىدىغاندۇ؟ تورخانىغا كېرەمدۇ-يا، تورخانىغا كىرسە،..... مەن شۇنداق خىياللارنى قىلغاچ بىردەمدىلا، ئۆيۈمگە كېلىپ قالدىم. ئۆيگە كېرىپ ئاپامنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ، ھە كەلدىڭمۇ، ھېرىپ كەتكەنسەن-ھە؟، دېگىنى، ئۇكامنىڭ ئاكا سېنى بەك كۆرگۈم كەلدى، دادامنىڭ كېلە، تۆگەم، يوغانلا ئادەم بولغىنىنى بۇنىڭ دېگىنى ... ئائىلە ئىللىقلىقى دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك. دىلىم ۋاللىدە يورۇپ، بىر ھەپتىلىك ھارغىنلىقىم ۋە قىز دوستۇم ئارىمىزدا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەر بىراقلا ئۇنتۇلدى.......

...............................................................

ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ، دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا بىزنىڭ مەكتەپ مۇقام كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى بەك جاپا چەكتى، دەپ ‹‹مۇكاپات›› يۈزىسىدىن 10 كۈنلۈك قويۇپ بەردى. شۇ تاپتا كۆڭلۈم يەنە يېرىم، نىمىشقا؟ قىز دوستۇمنى ئۆز يۇرتى-كېرىيەگە يولغا سېلىپ قويۇپ، خۇددى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇش پۈتتۈرىشىمىزگىمۇ 2 ئايلا ۋاقىت قالغان بولغاچقا، كېيىنكى كۈنلىرىمىنى تەسەۋۇر قىلىپ، كۆڭلۈم بىر قىسىم بولۇپ قالغانىدى. مەن ھېچكىمگە گەپ سۆزمۇ قىلماي، بېكەتتىن مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ، ياتاقتىكى نەرسە- كېرەكلىرىمىنى يىغىشتۇرۇپ، باشقا ساۋاقداشلىرىم بىلەن خوشلىشىپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىشىمغا، ھېلىقى تۇرسۇن دېگەن ئاغىنەم، توكسېكىلىتنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى.

-ھەي، تۇرسۇن، ھەي.... -،مەن ئۇنى چاقىردىم. خېلى يەرگە بېرىپ بولۇپ ئاندىن كەينىگە قاراپ، خۇددى يوقىتىپ قويغان نەرسىسىنى تېپىۋالغاندەك، خوش بولۇپ، يېنىمغا كەلدى:

-ۋوي، ئاداش، تېچلىقمۇ؟ ھە ئەمدى قويۇپ بەردىمۇ؟

-ھەئە. مەكتىپىمنىڭ ئالدىغا كېلىپمۇ ئاغىنەم بارتى دەپمۇ قويمايسەن ھە!

-ياق، ئۇنداق دېمە! ئالدىراش ماڭغان. كۆرمەپتىمەن شۇ.

-ھە، ئاداش مېنى ئالغاچ كەتكىنە.

-نەگە؟ ھە ئۆيگىما؟

- ۋو قىززىقچىمۇ سەن، ئۆيگە بارماي نەگە بارىتمىنا؟

-ھەي..ھەي، نىمانداق شېۋەڭ ئۆزگۈرۈپ كەتتى سېنىڭ؟ قەشقەرلىقتەك سۆزلىگىنە!

-كۆنۈپ قاپتىمەن، بىزنىڭ سىنىپتىكى كۆپىنچە بالىلار خوتەنلىك بولغاندىكىن، شۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز دوستۇممۇ خوتەنلىك....كۆنۈپ قاپتىمەن.،-دېدىممەن كۈلۈپ تۇرۇپ.

-يائاللا، بۇ مەكتەپكە خوتەنلىكلەر يېغىپ كەتتىمۇ نىمە؟ -،دېدى ئۇ مەنسىتمىگەندەك قىلىپ.

-ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە! ئۇلار، يۇرتىنى تاشلاپ، ئۆيىنى تاشلاپ، ئوقۇيمىز، بىلىم ئالىمىز. دەپ مۇساپىر بولۇپ كەلگەن تۇرسا، نىمە بوپتۇ! كەلسە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرى ئۆزىمىزنىڭ يۇرتى. ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر، بىر مۇسۇلمان تۇرۇپ، يۇرتۋازلىق قىلىشىپ كەتسەك، مىللىتىمىز نىمە بولماقچى!.

-ۋۇججۇ، بىر ئېغىز گەپنى دەپ قويسام، چىقە بولدى،-، مەن ئۇنىڭ توكسېكىلىتنىڭ كەينىگە مىنگەشتىم، قولۇمدىكى خالتىلارنى ئاران پاتقۇزۇپ ئولتۇردۇم. ئىككىمىز يولدا ئۇنى بۇنى دېيىشكەچ، بىردەمدىلا ئۆيۈمگە كېلىپ قالدۇق. تۇرسۇن:

-ئاداش، نەرسىلىرىڭنى ئەكىرىپ قويۇپ چىققىنە، بىر يەرگە بېرىپ كېلىمىز.  

-ماقۇل،-مەن شۇنداق دېگىنىمچە نەرسە-كېرەكلەرنى ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپ چىقتىم. دەل شۇ چاغدا قىز دوستۇم ماڭا تېلفۇن قېلىپ:

-ۋەي، ئادىل، نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ مەن ھازىر يېڭىسارغا كەپ بولدۇم.-ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولۇپ:

-ھە، ئوماق، مەن شۇ ئۆيدە. بايام مەكتەپتىن كەلدىم، ھازىر بىر دوستۇم بىلەن سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلەيلى دېگەن.

-ھە....، جېنىم، قىزلار بىلەن كۆرۈشمەڭ بولامدۇ؟ بولمىسا مەن چىدىمايمەن.-،مەن ئۇنى ئاچچىقلىتىش ئۈچۈن:

-ھازىر بىر قىز ساۋاقدىشىم بىلەن كۆرۈشكىلى بارىمەن.

- ھە... بولاپتىكەن! ئەمسە، خوش.-،دەپلا تېلفۇننى ئۈزىۋەتتى. مەن ئۇنى بۇنچە خاپا بولار دەپ ئويلىمايلا دەپ سالغىنىمغا بەك پۇشايمان قىلدىم. كېيىن ئۇنىڭغا بەك كۆپ تېلفۇن قىلدىم. ئۇ پەقەت ئالغىلى ئۇنىمىدى. كېيىن تېلفۇن قىلسام، مېنىڭ نۇمۇرىمنى قارا تېزىملىككە كىرگۈزۈپ قويدىمۇ، ئىشقىلىپ، سىز ئۇرغان تېلفۇن ئېتىككەن، سىز ئۇرغان تېلفۇن مۇلازىمەت رايۇنىدا ئەمەس دەپ ئالاقىلاشقىلى بولمىدى. مېنىڭ ئۆزۈمگە شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى. شۇ خاپىچىلىقتا تۇرسام، تۇرسۇن:

-ھە، ئاداش، خاپا قىلىپ قويدۇڭما؟ قىز بالا بارغۇ شۇنداق قىلىپ باقىدۇ. يەنە ساڭا تېلفۇن قىلىدۇ. ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرە، ھېلى تېلفۇن قىلىدۇ. چىقە موتۇغا. ئايلىنىپ كېلەيلى!-، دېدى. مەن گەپ قىلماي ئۇنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتىم. شۇ تاپتا كاللام ھېچنىمىگە ئىشلىمەيلا قالغانىدى. كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم، ھەي، نىمىشقىمۇ شۇنداق دېگەن بولغېيدىم، ئۇمۇ مېنىڭ قىزلارغا ئارتۇق گەپ قىلمايدىغانلىقىمنى بىلگەندىكىن، ئۇنداق قىلمىسا بولاتتىغۇ، كاللام شۇنداق گاردېرماچ خىياللار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى، بىر چاغدا تۇرسۇنننىڭ:

-ھەي، ھاڭۋاقتىدەك ئولتۇرماي، گەپ قىلە، باياتىندىن بېرى، ئۆزۈمگە ئۆزۈم گەپ قىلىپ كەپتىمەن. ساراڭغا ئوخشاش.

-خاپا بولما ئاداش، ئۆزۈڭمۇ كۆردۈڭ، شۇ كۆڭلۈم بەك يېرىم، ئەمدى ئۇنىڭدىن پەقەتلا ئايرىلىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.

-كۆڭلۈڭنى چۈشىنىمەن، ھە راست، يېنىڭدا پۇل بارمۇ؟-، ئۇ شۇنداق دېگىنىچە كۆزىنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ،- ئۆتكەندە ئالغان پۇلنى بېرەلمىدىم، خاپا بولما، شۇ قولۇم قىسقا....

- نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن! مەيلى، ئاداش، سەندە بولسا ماڭا، مەندە بولسا ساڭا، ئاشۇنداق ئاغىنە بىز دېگەن. يېنىمدا 47 كويچە پۇل بار.

- ھە... ئەمىسە يېتىدىكەن.

-نىمىگە؟

-ھېچ...ھېچنىمىگە، ئاداش، بۈگۈن كۆڭلۈڭ يېرىم بولغاندىكىن، بىر ھېجايمايلىمۇ؟(كۈلمەيلىمۇ)،-ئۇنىڭ بۇ گېپىنى چۈشەنمەي:

-نىمىگە ھېجىيىدۇ؟ يا ھېجايغىدەك ئىش بولمىسا؟

-مەن ئاداش ھېلىقى......ئا...ھا بولدى، ئاشۇ يەرگە بېرىپلا ئەكىلەيلى.-ئۇنىڭ بۇ گەپ سۆزلىرى مەندىن بىر نەرسىنى يوشۇرىۋاتقاندەك، بىر خىل ئىدى. تۇرسۇن شۇنداق دېگىنىچە،توكسېكىلىتنى شەھەرنىڭ شەرقىدىكى بىر باغچىغا قاراپ ھەيدىدى.

بىز باغچىغا كېلىپ، توكسېكىلىتنى بىر يەرگە قويۇپ مېڭىپ، ياپيېشىل چىملىق ئۈستىدە، ھاراق،پېۋا، ئىچىپ تاماكا چېكىپ ئولتۇرغانلارنىڭ يېنىغا كەلدۇق. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇخلاۋاتقان، بەزىلىرى قارىت ئويناۋاتقان، بەزىلىر ئالا-تاغىل سۆزلەۋاتقان. بىز كېلىشىمىزگە قارت ئويناۋاتقانلار ئارىسىدىن، ساقىلى مەيدىسىدە، 55 ياشلاردىكى بىر كىشى خىر-خىر ئاۋازى بىلەن:

-ھە، ئۇكىلار، بىر نىمىگە چۈشكەنمۇ؟-، مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى پەقەتلا چۈشىنەلمەي تۇرسام، تۇرسۇن:

- ھەئە، يەرلىكى باردۇ؟-دەپ سورىدى. ھە...ئەمدى چۈشەندىم، بۇلار ئەسلى نەشە ساتىدىكەن ئەمەسمۇ؟ باياتىندىن بىرى نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن. ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق سالدىم:

-يەرلىكى بار، لېكىن قىممەترەك.-،

-قانچە پۇل؟

- ئەمدى بۆلەك باللىغا 50 كوي سېتىۋاتقان، سىلە مېنىڭ كونا چوپقىتىم، 40كوي بەسىلە.

-ۋو... ئۈچ تۆتكۈن كەلمىگەنگە ھەجەپ ئۆسۈۋاپتىيا.

-قايلىسا، ما ساقچىلار ماللىرىمىزنى تارتىۋېلىپ، ئىشخانىسىدا ئوڭدا يېتىپ چېكىپ يۈرىۋاتىدۇ. شۇ بىزنىڭ قولىمىزدىمۇ بۇ نەرسە ئاز..

-مەن 30 كويلا ئەكەلگەن، 10 كوينى كېيىنكى قېتىم بېرەي. بىر بولاق بەسىلە.

-ھە...ماقۇل. ئۇكام...داۋاملىق مەندىن ئالسىلا جۇما!-، ئۇ شۇنداق دېگىنىچە، نەشە چېكىپ خۇمارلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى تۆت ئەتراپقا تىكىپ، يانچۇقىدىن قارا سۇلىياۋغا ئورالغان بادامدەك چوڭلۇقتىكى نەشىنى بەردى. ئاغىنەم ئۇنى قولىغا ئېلىپ پۇراپ بېقىپ:

-توپىسى يوقتۇ؟

-ۋاي، ئۇكام، داۋاملىق ئېلىۋاتقانلىرىغا ئوخشاش.ئۆزلىرىمۇ بىلىلىغۇ، ھۈنەرگە ساختىلىق قىلمايمەن. شۇڭا مەن مۇشۇ يەردىكى خېرىدارىم ئەڭ كۆپ پۇرۇچ.

-ئاداش، پۇلنى بېرىڭلا-،تۇرسۇن ماڭا قاراپ.مەن ئاچچىقىمىدا ئۇلاردىن يىراقراق كەتتىم، تۇرسۇن كەينىمدىن يۇگۈرۈپ كەلدى:

-نىمە بولدى؟

-بۇ نەرسىگە پۇلۇم يوق!-، قاپىقىقىمنىمۇ ئاچماي. تۇرسۇن يالۋۇرۇپ:

-ئاداش، ماقۇل دەڭلا، مەنمۇ چەكمەيۋاتقان، لېكىن كۆڭلۈڭلا بەك يېرىمكەن، شۇ بىللە خۇشال بولايلى دەپ....

- مېنىڭچۇ تۇرسۇن، بۇنداق كەيپ-ساپادا يۈرمىسەممۇ ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈم ئاچالايمەن. مەن تېخى سېنى نىمىشقا بۇنچە پۇلپەرەس بوپكەتكەندۇ دەپ يۇرۇپتىمەن. قېنى؟ ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە چوڭ بولساق تاماكىمۇ چەكمەيمىز، ھاراقمۇ ئىچمەيمىز دېگەن ۋەدىلەر.....ئېست، سېنى بۇنچە چۈشكۈنلىشىپ كېتەر دەپ ئويلىماپتىمەن...

-ئاداش، ئەمسە سەن چەكمىسەڭ مەيلى، لېكىن مەن مۇشۇ ئاخىرقى قېتىم چېكىۋالاي. ئەمدى چەكمەيمەن. قەسەم قىلىپ بېرەي!-، مەن ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا چىدىماي، كىچىك ۋاقتىمىزدىكى دوستلىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ، ھەم ئۇنىڭ بەرگەن قەسىمىگە ئىشىنىپ:

-تۇتقىن ئاداش، بۇ ئاخىرىقى چېكىشىڭ بولۇپ قالسۇن! ئەمدى چەكمە! ئاتا-ئاناڭنى ئويلاپ قوي...،-ئۇ گېپىم تۈگىمەستىن پۇلنى ئېلىپ، ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا يۈگۈردى. ئۇ پۇلنى بەردى ھېلىقى ئادەم نەشىنى تۇرسۇنغا بەردى. تۇرسۇن ئۇنى تازا قېنىپ پۇرىۋېلىپ مېنىڭ يېنىمغا كەلدى:

-رەھمەت! ئاداش، مەن چوقۇم بۇنى بۈگۈن چېكىۋالسام ئەمدى چەكمەيمەن! راست دەيسەن، مەن مۇشۇ مەينەت نەرسىگە ئۆگىنىپ قېلىپ، يا پۇل يىغالمىدىم، يا ھۈنەر ئۆگۈنەلمىدىم.....ئشىقىلىپ قالغان گەپنى بىزنىڭ دىشاغا( يەرئاستى ئۆي) چۈشۈپ دەپ بېرەي مېنىڭ دەردىمنى ئاڭلاپ قوي!-، ئۇ شۇنداق دېگىنىچە توكسېكىلىتقا مىندى. مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىگە مىندىم. بىز يول بويى بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدۇق. چۈنكى مېنىڭمۇ كاللام جايىدا ئەمەس ئىدى.....

بىز بىر دەمدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق. ئۇ مېنى يەر ئاستى ئۆيىگە باشلاپ قويۇپ يېنىمدىكى پۇللارنى سوراپ ئېچىملىك ئەكىرەي دەپ چىقىپ كەتتى. مەن يەر ئاستى ئۆينىڭ ئىچىگە سەپ سالدىم. غۇۋا چىراغ نۇرى خۇددى دوزاخنى ئەسلىتەتتى. ئۆينىڭ تورۇسى ئىسلىشىپ سارغىيىپ كەتكەن، كارىۋات ئۈستىدە پۇرلىشىپ كەتكەن كۆرپە، كارۋات يېنىدىكى ئۈستەلدە قزىرىپ مىسقا ئوخشاپ قالغان قاپاق، يېنىدا مۇخۇركا، تاماكا، يەردا تاماكا قالدۇقى،......ئشىقىلىپ شۇنداق مەينەت ئىدى. بىردەمدىن كېيىن تۇرسۇن كىردى ۋە ئىشكىنى چىڭ تاقاپ، قولىدىكى نەرسىلەرنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ، ماڭا قاراپ:

-ھەي ئاداش، مەينەت كەيپ دېگەن ئادەمنى مۇشۇنداق مەينەتلەشتۈرىۋېتىدىكەن. مەنمۇ بۇنداق تۇرمۇشتىن زېرىكتىم،- ئۇ يانچۇقىدىكى بىر قاپ تاماكىنى ئېلىپ، بىر تال تۇتاشتۇرۇپ،-، مەن ئاداش، مۇشۇ تولۇقسىزدىكى مۇھەببىتىم مېنى ئالداپ، باشقىلارنىڭ ئاستىدا يېتىپ چىقمىغان بولسا، بۇنچە بولۇپ كەتمەيتتىم....،-ئۇ كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان پېتى-، ئاداش مەن ئالدى بىلەن بىر قاپاق چېكىۋالاي، ئاندىن دەيما؟-، مەن ئۈندىمەي ئولتۇردۇم. ئۇ تاماكىسىنىڭ يېرىمىنى ئۆچۈرۈپ، تاماكىنى ئۈستەل ئۈستىدىكى بىر قەغەزگە ئۇۋلاشقا باشلىدى. كېيىن كارۋاتقا كېلىپ يېنىمدا ئولتۇرۇپ، قارا خالتىدىكى نەشىنى ئاستا ئاچتى. قارىسام، مومغا ئوخشايدىغان، رەڭگى قارامتۇل يېشىل بىر نەرسە ئىكەن:

-ئەكىلە پۇراپ باقاي قانداق نەرسە بۇ؟-، مەن قولۇمغا ئېلىپ پۇرىسام ھېچبىر ئالاھىدىلىكى يوق،شۇ كېۋەزنىڭ پۇرىقىدەك ئىكەن.- نىمانچە قىلىپ كېتىدىغانسەن بۇ بىرنىمىنى؟ سەن خۇمار بولۇپ قالمىغانسەن؟

-ياق، خۇمارغۇ ئەمەس لېكىن چېكىۋېلىپ، خىيالىمدا ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلىمەن، كېيىن ئۇخلاپ قالىمەن شۇ. ئازابلىرىم ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. چەكمىگەن ۋاقتىمدا بولسا  ئاشۇ پاسكىنىنىڭ قىلغانلىرى كاللامغا كېرىۋىلىپ ئىچ-ئىچىمدىن يىغا تۇتۇپ كېتىدۇ.شۇلارنى ئويلىسام....

-بولدى، ئاداش...-،دېدىم،- ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلىماي كەلگۈسىگە يۈزلەنگىن، ئۈمۈدۋار بولغىن.  ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي نەشىنى قولىغا ئۇۋاپ، قاپاقنى قولىغا ئالدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى سۇنى تۆكىۋېتىپ قايتىدىن سۇ قاچىلىدى. ئاندىن ئۆزى قىش پارچىسىدىن ياسالغان يۇمىلاق، ئوتتۇرىسى تۆشۈك بىر نەرسىنى قولىغا ئالدى-دە:

- بۇنى سەيخان دەيمىز-، تاماكىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ سەيخانىغا سالغاندىن كېيىن نەشىنى تەكشى قىلىپ، تاماكا ئۈستىگە قوندۇردى. شۇ تاپتا مېنىڭ پۈتۈن خىيالىم ھازىرلا ساقچىلار باستۇرۇپ كېرىپ، ھە نوچىلار، دىشا(يەر ئاستى ئۆي) تېنىچ، خاتېرجەم، ساقچىلار بۇنى سېزەلمەيدۇ دەپ قالدىڭلاما، قوپۇشە، دەپ قولىمىزغا سوغۇق كويزا سېلىپ ماشىنىسىغا چىقىرىپ، سىگنال ئاۋازىنى بولىشىغا قويۇپ بېرىپ، ساقچىخانىغا ئېلىپ بارىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.-، ئاداش، نىمە بولدى؟ خىياللارغا پېتىپلا قاپسەنغۇ؟-، دېگىنىچە، سەيخانىنى قاپاقنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۇپ چاقماقنى يېقىپ ماڭا قاراپ-،ئىشقى،- دېدى ۋە قاپاقنى كۈچەپ شوراپ، سەيخانىدىكى ھەممە نەرسىنى كۈل قىلىۋەتتى. قاپاقتىن چىققان خور-خور ئاۋازمۇ توختىدى. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق سورۇندا ئولتۇرۇپ بېقىشىم بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەممە ھەركەتلىرىگە قىزىقىسىنىپ قارىدىم ۋە :

-ئاداش، بۇ نەشە دېگەننى بىزنىڭ مەكتەپتە ساقچىلار كېلىپ لېكسىيە سۆزلىگەندە، زەھەرلىك چېكىملىك ئىكەنلىكىنى، ھەم شۇنىڭ زېيىنىنى بىلگەنىدىم. سېنى ساقچىلار تۇتىۋالمامدا؟-دەپ سورىدىم. ئۇ كۈلۈپ كېتىپ:

- بۇ بىر نىمىنى چەككەن چاغدا توپلىشىپ چەكمىسىلا ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. مېنىڭمۇ ئېلگىرى 2 قېتىم ساقچىخانىغا كىرىپ چىققانلىق تارىخىم بار.بىرىنچى قېتىمدا 15 كۈن شېغىل تاسقىدىم، ئىككىنچى قېتىمدا ماۋۇ مەردان بارغۇ؟

-قايسى مەردان؟

-ماۋۇ 4-بىنادىكى چۇ!

-ھە ھېلىقى سېمىز بالىما؟ ئۇ ھازىر نىمە قىلىۋاتىدۇ؟

-ھازىر ئۇ ساقچى.ئۇ شۇ چاغدا دېگەن؛ چەكسەڭ چەك لېكىن يالغۇز چەك، بولمىسا بۈگۈنكىدەك تۈتۇلۇپ قالىسەن ،بۈگۈنمۇ سەن بىلەن ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدە بىرسى بىزگە خەۋەر قىلىپ قويدى. بۈگۈنغۇ مەن بىر مەھەللىدە دەپ قويۇپ بېرەرمەن. ئەتە قانداق قىلىسەن؟ دەپ، شۇنىڭدىن تارتىپ، مەن خەق بىلەن بىللە بۇ ئىشنى قىلمايمەن.

ـ مەردانمۇ چېكەمدا؟

-ھە..ھەئە، ھازىرچۇ ساقچىلارنىڭ كۆپىنچىسى نەشە ساتىدىغانلارنى قوغداپ ئۇلاردىن بىكارلىق ئېلىپ چېكىدۇ. بىكارغا بەرمىسە، ساقچى قالپىقىدىن مۇسادىر قىلدۇق. دەپ چېكىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس...-، - توۋا، مەن مۇشۇ 20 يېشىمغا كەلگۈچىلىك جەمئيەتتە نىمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ؟ ھەجەپ بىلمەي يۈرۈپتىمەنيا؟ جەمئېيەتمۇ كۆرۈپ باقسام بولغۇدەك. ئۇ ئارقا-ئارقىدىن بەش قاپاق چېكىپ ئۆينىڭ ئىچىنى ئىسلاپ بولدى. توۋا مەن چەكمىسەممۇ باشلىرىم قايغاندەك، پۇت-قوللىرىم يېنىكلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. مەن ئۆزۈمدە بولىۋاتقان ئۆزگۈرۈشنى تۇرسۇنغا دەپ بەرسەم ئۇ كۈلۈپ كېتىپ:

- سەن دۇت بەڭگىسى بولۇپ، يېنىمدا ئولتۇرساڭ، ئاشۇنداق بولماي، قانداق بولىتىڭ ئەمسىە؟ لېكىن چېكىپ باقساڭغۇ بىر بىلەتتىڭ بۇ نەرسىنى، ئوغۇل بالا باغۇ، ھەممە ئىشنى قىلىپ باققۇلۇق، بولمىسا ساڭا ئوخشاش، جاھاندا نىمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ. بىلمەيسەن. بىرەرنى سېلىپ بېرەي چېكەمسەن؟-،دېدى ماڭا. مەن:

-ياق، مەن.... مەن ئۆيدىكىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھدىن قورقىمەن، گۇناھ ئىش قىلمايمەن، بۇنى چېكىپ يېقىن كىشىلىرىمىنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالغۇم يوق!!

-ئاللاھ دىن قورقىمىز، لېكىنزە مۇشۇ بىر نېمىنى ئاشۇ ئاللاھنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان قارىملار بەك چېكىدۇ. ھەجەپ ئۇلار قورقماي چېكىدىكەن. سەن شەيتانلار ئۇۋىسى بولغان سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇيسەن، ئەجىبا، ئۇسۇل ئويناش، رەسىم سېزىش، ناخشا توۋلاش، مۇزىكا چېلىش....ئىشقىلىپ بارلىق گۇناھ بولىدىغان يەردە ئوقۇپ تۇرۇپ....،- ئۇنىڭ كېيىنكى گېپىگە ئاچچىقىم كەلدى:

-ئۇسسۇل ئويناپ، رەسىم سېزىپ، ناخشا توۋلاپ، مۇزىكا چالساق، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا گۈزەللىك ئاتا قىلالايمىز.

-لېكىن بىلەمسەن؟ ئاشۇ نەشىكەش قارىملارنىڭ دېيىشىچە، سەنئەتكارلار، قىيامەت قايىم بولغاندا چوشقا يىغلاپ تۇرۇپ: ئاللاھ ئىگەم، بىز نىمىشقا ئاخىرىقى قاتاردا تۇرىمىز، بىز شۇنچە پەسمۇ؟ دەپ سورايمىش، ئاللاھ ئىگەم: كەينىڭلارغا قاراڭلا، دېسە چوشقىلارنىڭ كەينىدە بىزنىڭ ئاتاقلىق سەنئەتكارلىرىمىز، باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرارمىش....-، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىقىم سۇسلاپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن گەپ قىلالماي قالدىم. مەن:

-ئاشۇ قارىملار بۇ بىرنىمىنى چەكسە، نەدە تۇرىدىكەن؟

-ۋايتاڭ....ئىشقىلىپ بىرنى چېكىپ باقە! بولمىسا ھېلى مەن ساڭا دەرت تۆكۈپ بەرسەم قۇلىقىڭغا ياقمايدۇ،-، ئۇ مېنى ئىككىلەندۈرۈپ قويىۋاتاتتى. بىر شەيتىنىم، چەككىن، بىرنى چەككەنگە نىمە بولاتتى. سەنمۇ ئوغۇل بالا بولغاندىن كېيىن چېكىپ باق، ئوغۇل بالا، دېگەن ھەممىنى قىلىپ باققۇلۇق!دەيتتى، يەنە بىرسى بولسا، چەكمە سەن بۇنى چەكسەڭ، ئۆيدىكىلىرىڭگە قانداق قارايسەن؟ ئەل-مەھللىگە، ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭغا قانداق قارايسەن؟ ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭگە قانداق يۈز كېلەلەيسەن.....مەن پەقەتلا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. تۇرسۇن:

-چېكە، بايام قىز دوستۇڭ بىلەن قېيدىشىپ قالدىڭ! ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئايىغى چىقماس ئوقۇشنى ئوقۇپ ھېرىپمۇ قالدىڭ بىر ھاردۇقۇڭ چىقىدۇ.

-سالە بىرنى، مۇشۇ يېشىمغا كەلگۈچە نەشە تۈگۈل تاماكىمۇ چېكىپ باقمىغان.-، نىمە دەپ سالغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.

-ھە....مانا ، ئوغۇلبالىدەك ئىش قىلدىڭ!

-ئاداش، ئەمىسە ھېچكىم بىلمىسۇن! بۇگۈن ئىچىمىزدىكى گەپنىڭ ھەممىنى دەيلى!بۇنىڭدىن كېيىن سەنمۇ، مەنمۇ، بۇنداق ئىشلارنى قىلمايلى! بولامدۇ؟

-ماقۇل... مەنمۇ مۇشۇنى ئاخىرىقى قېتىم دەپ چېكىۋاتىمەن.-، ئۇ شۇنداق ماڭا نەشىنى سالدى مەن قولۇمغا قاپاقنى ئېلىپ، قانداق بولار، قانداق كارمەت يۈز بېرەر، دەپ ئولتۇردۇم. ئۇ  سەيخانىنى ماڭا تۇتقۇزدى. مەن بۇ نەرسىلەرنى قانداق تۇتۇش، قانداق چېكىشنى بىلمىگەندىكىن تۇرۇپ قالدىم. تۇرسۇن قولۇمدىكى سەيخانىنى ئېلىپ، قاپاقنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۇپ بەردى. ھەم:

-چەككەن ۋاقتىڭدا ماۋۇ تۆشۈكنى تۇتىۋال، كۈچەپ شورا-، دېدى. مەن ئۇنىڭ دېگىنىدەك قاپاقنىڭ ياندىن ئېچىلغان تۆشۈكىنى تۇتۇپ، چاقماقنى يېقىپ، بىر شورىشىمنى بىلىمەن، ئاچچىق زەھەردەك بىر نەرسە گېلىمدىن ئۆتمەي تۇرۇپ قالدى. شۇنداق بىر سەت يۆتەلدىم تۇرسۇن بولسا:

-ئالدىرىماي كۈچەپ شورىغىن، ئۇدۇل ئۆپكەڭگە بارسۇن.-، مەن ئالدرىماي تارتىشقا باشلىدىم، ئۆپكەمگە ئاچچىق ئىسلار ماڭماقتا ئىدى. ئىشقىلىپ شۇنچە جاپا تارتىپ تۇنجى چېكىمنى چېكىپ بولدۇم، كېيىنكىسىنىمۇ ئاشۇنداق تارتىپ ئۇنىمۇ ئۆتكۈزىۋەتتىم. بارا-بارا يۈزلىرىم تارتىشىپ، ئولتۇرسام ئۆرە تۇرغاندەك، ئۆرە تۇرسام ئۇچىۋاتقاندەك پۈتۈن بەدەنلىرىم پەيدەك يېنىك بوپقالغاندەك ھېس قىلدىم، بۇ تۇرسۇنغا دېسەم، ئۇ ھاڭۋاقتىدەك قاراپ تۇرۇپتى، ئۇنىڭ شۇ سىياقى كۆزۈمگە شۇنداق كۈلكىلىك بىلىنىپ، ئۆزۈمنى باسالماي، كۈلۈپ تېلىقىپ كېتىپتىمەن. بىر چاغدا تۇرسۇن:

-ئاداش، ئىككى چىققۇدەك قاپتۇ. بىر دىن چېكىۋېتىپ قاپاقنى چېقىۋېتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن چەكمەيلى!-، دېدى،

-مەن...ھې...ھې...ھې..،ئاداش، چوقۇم چېقىۋېتەيلى! مەن ھازىر ئۆزۈم ئەمەس،ھا....ھا...-، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن نىمە بولغىنىمىنى....ئاجايىب بولۇپ قالدىمغۇ مەن. -،مەن كاللامنى نەچچە سېلكىۋېتىپمۇ ئەسلىمگە كېلەلمىدىم. كۆز ئالدىمغا قانداق نەرسىنى كەلتۇرسەم ئەينەن پەيدا بولاتتى،

-سەن كەيپ بوپسەن، ئەمدى مېنىڭ دەردىمنى ئاڭلا، ،دېدى ئۇ تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ، خۇمارلىشىپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى يەردىن ئۆزمەي،- تولۇقسىزدائوقۇۋاتقان چېغىمدا ، ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، گەرچە سەن مەندىن بىر قارار تۆۋەن ئوقۇغان بولساڭمۇ، دەرستە ياخشى ئىدىم،  سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمىنىڭ ھەممىسى ماڭا ئامراق ئىدى، مەن ئۇچاغدا سىنىپ باشلىقى ئىدىم، ساۋاقداشلىرىم نىمە دېسەم ماقۇل دەيتتى. مۇئەللىممۇ مېنىڭ گېپىمنى يېرمايتتى. ئاتا-ئاناممۇ ماڭا بەك ئامراق ئىدى، مەندىن پەخىرلىنەتتى ھەم ئىشىنەتتى. كېيىن مەن 3- يىللىققا چىقتىم، ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا تازا تەييارلىق قىلىۋاتقان چاغ ئىدى، بىر كۈنى سەن بىلەن پارالېل ئوقۇيدىغان دىلبەر دېگەن قىز كەينىمدىن ئاستا كېلىپ گەپ قىلماي بىر پارچە خەتنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، يۈگرەپ سىنىپىغا كېرىپ كەتتى. مەن بۇ نىمە خەتتۇ؟ دەپ ئالدىراپ ئېچىپ قارىسام، شۇ مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىزنىلا ئويلاپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم......دېگەندەك سۆزلەر بىلەن بىر ۋاراق رەڭلىك قەغەزنى يۈرەكلەرنى سىزىپ توشقۇزۇپتۇ، دەسلەپ بۇ ئىش پەقەت كاللامدىن ئۆتمەي ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى بىز تېخى كىچىك، يېشىمىزغا ماس كەلمەيدۇ، دەپ رەت قىلدىم. ئۇ يىغلاپ قاقشاپ دېگەندەك ماڭا تەلمۈرۈپ قارايدىغان، پۇرسەت تاپسىلا مەندىن ئۇنى بۇنى باھانە قىلىپ كىتاب،  نەرسىلەرنى سورايدىغان بولدى، باشتا بوپتۇ، دوست بولپ قالساق ئۇمۇ خۇش بوپ قالار دەپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، بىرگە ئايلىنىپ يۈردۇق. كېيىن ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، ئۇنى بىردەم كۆرمىسەم چىدىيالمايدىغان، ئۇنى سېغىنىدىغان، ئۇنىڭدىن بىردەممۇ ئايرىلمايدىغان بولۇپ قالدىم، بىز شۇنداق قىلىپ تەبئىيلا يۈرۈپ قالدۇق.تۆت ئايدەك ۋاقىت ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتتۇق، ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم، كېيىن مېنىڭ قىز ساۋاقداشلىرىم، دىلبەرنى پالانى دىبانىڭ ئالدىدا جەمئېيەتتىكى ئوغۇللار بىلەن كۆردۇق، ئوغۇل بالا بولغاندىن كېيىن ئۇنى باشقۇرمامسەن، دېدى. مېنىڭ شۇنداق ئاچچىقىم كېلىپ، دىلبەر بىلەن كۆرۈشۈپ راست مۇشۇنداق ئىش بارمۇ دەپ سورىسام، قەتئىي ئىنكار قىلدى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشىمنى، خەقلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەسلىكىمىنى ئېيىتتى. مەن ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى كۆڭلۈمدىن چېقىرىۋەتتىم. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ، مېنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىم يېقىنلاپ قالدى ،لېكىن كاللامغا دەرس دېگەنلار كىرىپمۇ چىقمايىتتى. كاللامدا پەقەت ئاشۇلا بار ئىدى. كېيىن ئىمتىھاننىمۇ بەردىم، ھېچقايسى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتەلمىدىم، مۇئەللىملەر، ئاتا-ئانام، ساۋاقداشلىرىم، ھەيران قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بولدى ئوقۇمايمەن مەن تىجارەت قىلىمەن دەپ ئۆيدىكىلەرگە يالۋۇردۇم. ئۆيدىكىلەر مېنى بوپتۇ، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن دەپ ئىچكىردە تىجارەت قىلىدىغان تاغامنىڭ يېنىغا يولغا سېلىپ قالدى. مەن ئىچكىرگە چىقتىم، تاغامنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ، خەنزۇچە، ئوردۇ-پارس تىللىرىنى ئۆگەندىم. شۇ ۋاقىتلادا دىلبەر بىلەن پەقەت تېلفۇندىلا كۆرۈشەتتىم. ھەر قېتىم تېلفۇندا كۆرۈشكەن چاغدا ئۇنىڭ مۇئامىلىسى ئادەتتىكىچە، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش دېگەن ھېسسىيات يوق ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرى كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى. تاغامنىڭ ئۇ يەردە ئىككى ئاشخانىسى بار ئىدى، بىكار چاغلىرىمدا پۇل يىغاتتىم، ئاشخانىدىكى بالىلار بىلەن پاراڭلىشاتتىم، بىر كۈنى دىلبەر بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالدىم، ئەگەر يېنىمدا بولغان بولسا چوقۇم ئۇرۇپ تاشلايتتىم،ئەپسۇس..... ئاشخانىدىكى مەن بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان بىر كاۋاپچى دوستۇم بولىدىغان، ئۇ تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچىپلا يۈرەتتى. ئۇ مەندىن نىمە بولغانلىقىنى سوراپ تۇرىۋالدى، بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەپ بەرسەم ماڭا بىر تال تاماكا تەڭلىدى. ئاچچىقىمدا ئېلىپ بىرنى تارتىشمىنى بىلىمەن بېشىم پۇررىدە قايدى. ئۇ دوستۇم كەچتە ئىككىمىز ھاراق ئىچىشكەچ دەرت تۆكىدىغانلىقىمىزنى كېيىن تورخانىغا كېچىچە ئولتۇرىدىغانلىقىمىزنى ئېيىتتى. مەن ماقۇل بولدۇم، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم تاماكا چەككەن ھەم ھاراق ئىچكەن كۈنۈم ئىدى. بۇ ئىشلارنى قىلىپ، بىردەم بولسىمۇ ئازابلارنى ئۇنتۇدۇم، كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، ئۇنىڭغىچە تاغاممۇ شىنجاڭغا كەتكەن بولغاچقا، ئاشخانىنىڭ سودىسى پەقەتلا ئاقمىدى، خېرىدار يوق دېيەرلىك ئىدى، بىر كۈنى ئۆيدىكىلەر تېلفۇن قىلىپ، تاغامنىڭ ئاق چېكىدىغانلىقىنى، مەندىن ئەنسېرەپ قالغانلىقىنى تېزىدىن قاتىپ كېلىشىمنى ئېيىتتى. مەن قايتىپ چۈشمەيمەن دېسەم، نەسھەت قىلىپ، مېنى قايىل قىلىدى. مەن بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆزۈم يالغۇز ماڭىدىغان بولدۇم. مەن پويىز بىلىتىنى ئېلىپ بولۇپ، تورخانىغا كېرىپ ساۋاقداشلىرىم بىلەن توردا كۆرۈشمەكچى بولدۇم. چ چ رىمغا قارىسام مەن بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان بىر دوستۇم بار ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، دىلبەرنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى سورىدىم. ئۇ بولدى ئاداش، ئۇ قانجۇقنى ئۇنتۇپ كەت، دەپ ماڭا بىر پارچە رەسىمىنى يوللاپ باردى، رەسىمىنى ئېچىپ قارىسام، دىلبەر بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاستىدا، ...... بۇ ئوغۇرلىقچە تارتىلغان سۈرەت بولغاچقا ئوغۇلبالىنىڭ چىرايىنى ئېىنىق كۆرەلمىدىم، كۆرۈپ نىمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالدىم، بوغۇزىمغا ئاچچىق بىر نەرسە كەپىلىشىپ، كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسى ياش چىقىپ كەتتى.............-، ئۇ شۇنداق دېگىنىچە يەنە يىغلاپ كەتتى، مەن ئۇنىڭ دەپ بەرگەنلىرىنى خىيالىمدا خۇددى كىنو كۆرىۋاتقاندەك تەسەۋۇر قىلاتتىم، ھەم ھېكايىنىڭ داۋامىنى ئاڭلىماقچى بولدۇم:

-ھە ئاندىنچۇ؟

-شۇ مەن قەشقەرگە كەلدىم دىلبەرنى پۇخادىن چىققۇچە تىللاپ، ئۇرۇپ، ھېلىقى ھەزىلەكنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىسام، بىر نەۋرە ئاكىسىمىش،  مەندە دەلىل-ئىسپات تولۇق بولغاچقا، نەۋرە ئاكىسى بىلەن مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بېرەمدۇ؟ پاسكىنا، مەنمۇ سەن بىلەن ئارىلىشىپ، قولۇڭنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باقمىسام؟ دېسەم، ئۇ تۇتقۇلۇق! نىمىشقا تۇتمىغان، سەن كەتسەڭ مەن زېركمەمدىم! دەپ مەندىن يوغان سۆزلىدى، كاچىتىغا كېلىشتۇرۇپ بىرنى سالدىم ۋە ھۇ بىرنىمىگە تويمايدىغان ئالدامچى جالاپ!  ئۆز ۋاقتىدا بۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام يازغان خەتلىرىڭىنى كۆزۈڭگە تېقىۋېتەتتىم. دەپلا ئاچچىقىمنى بېسىش ئۈچۈن، بىر خەنزۇنىڭ ماگزىنىغا كېرىپ ئۆلگۈدەك ھاراق ئىچتىم، ئەتىسى ھېلىقى رەسىمدىكى ھەزىلەكتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، دوستۇمدىن بۇ كىمۇ؟ ئاداش، تونۇمسىلەر دېسەم، دوستۇم  بۇ جەمئېيەتتىكى پالانى نوچىنىڭ ئىنىسى ئېرشات، دېدى، نوچىمىش، قاراپ تۇرسۇن! مېنىڭ غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلغان ئادەمنىڭ نوچىلىقىنى كۆرۈپ باقاي! شۇنداق دېگىنىمچە دوستۇمدىن ئۇنىڭ ئادېرىسىنى سوراپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقىلى ماڭدىم، دوستۇمنىڭ توسۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي ماڭدىم،......

بىردەمدىن كېيىن ئۇنى مەن يولدا كېتىۋاتقان يېرىدن تۇتىۋېلىپ، ئالدىنى توسۇپ، تىللىدىم، ئۇردۇم ئۇمۇ بوش كەلمەي ‹‹ ئىشىنىدىغان ئاكىلىرىنى›› چاقىرماقچى بولدى. مەن دەسلەپتە قورقتۇم كېيىن، مەيلى ئۆلۈپ كېتىدىغان جاھان بۇ دەپ، ئۇ ھېجىقىزلار بىلەن مۇشتلاشتىم، تاياقنىمۇ تازا يېدىم، بىردەمدە ھېلىقى دوستۇم بىزنىڭ مەھەللىنىڭ لۈكچەكلىرىنى باشلاپ كەپتۇ. بىز ئىككى تەرەپ بولۇپ، تازا مۇشتلاشتۇق، مەن ھېلىقى ئېرشات دېگەننى تۇتىۋېلىپ تازا سالدىم. قوللىرىم ئېچىشىپ، ئاغرىپ كەتسىمۇ سەزمەي بارلىق ئاچچىقىم بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشتىنمۇ يانمىغۇدەك ئۇردۇم بىر چاغدا ئۇ ھالسىزلىنىپ يېقىلدى، ئاندىن 110 نىڭ ماشىنىسى كەلدى ئىككى تەرەپ ماشىنىنى كۆرۈپلا تەرەپ-تەرەپكە قېچىشتى، مەن نىمە قىلارىمىنى بىلمەي تۇرسام، بىرسى بېلىكىمىدىن تارتىپ ئېلىپ ماڭدى، قارىسام بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئالىم پۇچۇق ئىكەن، ئۇ مەھەللىدىكى داڭقى بار بەڭگى ئىدى، بىز قاچتۇق، قېچىپ ئۇنىڭ ئۆيىسىگە كېردۇق.ئالىم نىمە بولغان؟ ئۇنچە مۇشلاشقۇدەك؟ دەپ سورىدى، مەن بولغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم. قولۇم قايرىلىپ كەتكەن بولغاچقا چېدىغۇسىز ئاغرىۋاتاتتى. ئالىم پۇچۇق ماۋۇنى چەكسەڭ، ئاغرىقىنى سەزمەيسەن، سېلىپ بېرەيمۇ دەپ بىر چېكىم سېلىپ بېرىپتى، مانا شۇنىڭدىن بۇيان چېكىۋاتىمەن، ئىككى يىلچە بوپتۇ. كۆرمىگەننى كۆردۈم، دەسلەپتە، ئالىم پۇچۇقنىڭ نەشىسىنى چەكتىم، كېيىن ئۆزۈمنىڭ پۇلىغا ئېلىپ چەكتىم، ئۆزۈمنىڭ پۇلى تۈگىگەندىن كېيىن ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ سېتىپ، شۇنىڭ پۇلىغا چەكتىم، خەقنى قورقىتىپ، بوزەك قىلىپ، ئوغۇرلۇق قىلىپ يۈرۈپمۇ چەكتىم قەرىز ئېلىپمۇ چەكتىم، ئىشقىلىپ ئىككى يىلدىن بۇيان كۈنلىرىم شۇنداق، ئەل-مەھەللىدە ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىمۇ قالمىدى، خولۇم-قوشنىلارنىڭ بىر نەرسىسى يۈتۈپ كەتسە مەندىنلا كۆرىدىغان بولدى. ................................-، ئۇنىڭ كېيىنكى دېگەن گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمەي، جايىمدىلا ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن، ئەتىسى قوپسام شۇ جايىمدا تۇرىمەن، ئاخشام بولغا ئىشلارنى بىرمۇ بىر ئەسلىدىم، تۇرسۇننىڭ شۇ قىزنى دەپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغىنىنىغا قاتتىق ئېچىندىم، ھەم ئۆزۈمنىڭ قىلغان قىلىقىغا قاراپ يىرگەندىم. قارىسام تۇرسۇن، قاتتىق ناننى غاجىلىغىنچە ئۇخلاپ قاپتۇ. مەن ئۇنى ئويغىتىپ:

-ھەي تۇرسۇن، تۇرە،  تاڭ ئېتىپتۇ.

-ھە....ھ ...نىمە بولدى؟-، ئۇ شۇنداق دېگىنىچە، قولىىكى ناننى ئۈستەلگە قويۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپلا، قاپاقنى يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋەتتى، ئاخشام ئېشىپ قالغان نەشىنى دېرىزىدىن يىراقلارغا چۆرۈۋەتتى:

-ئەمدى ئىككىنچى ئاغزىمغا ئالمايمەن، بۇ مەينەت نەرىسىنى.....

-ئەمدى ئوغۇلبالىدەك ئىش قىلدىڭ-،دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ قايىل بولغان ھالدا.

...............................................................

شۇ ئىشتىن كېيىن مېنىڭ ئىشلىرىممۇ يۈرۈشۈپ كەتتى،  تۇرسۇن ئۆيدىكىلىرىنى قايىل قىلىپ، شوپۇرلۇق مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى، ئۇمۇ نەشىدىن قول ئۈزگىنىگە خۇش ئىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ ئەمدى ئادەمدەك ياشىغىنىغا مەنمۇن بولدۇم، مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،  لايىقىم بىلەن بىر ئۆمەكتە خىزمەت قىلىۋاتىمىز، ھازىرقى كۈنلىرىمدىن ئىنتايىن رازى، بىراق، نەشە چېكىۋاتقانلارنىڭ سانى ئازايماقتا يوق كۆپىيىۋاتاتتى. قېرىدىن ياشلىشىشقا، ئەرلەردىن ئاياللارغا قاراپ يۈزلىنىۋاتاتتى، ئاشۇ بىر نەرسىنى توسىدىغان ساقچىلار نىمە قىلىۋاتقاندۇ.........؟  كىشىلەر شۇنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نىمىشقا چېكىدىغاندۇ؟ نىمىشقا ئۆزىنى بۇنچە چۈشكۈنلەشتۈرىدىغاندۇ؟  ئۇلۇغ ئاللاھ، بۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ؟.............

..........................................................

تۈگىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-4 12:46  


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

UID
21462
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-4
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى تەسىرلىك  چىقىپتۇ

UID
17957
يازما
95
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1685
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توكسىكېلىت .....؟

ياخشى يېزىلىپتۇ

UID
15497
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
158
تىزىملاتقان
2011-9-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى ۋەقەلىكمىكىن دېسەم تېخى .لېكىن ھەقىقەتەن جەمئىيەتتە بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقان ئىش .ئۇزۇن بوپتىكەن يۇرتۇمغا قايتمىغىلى ،بىر كۈنى بىر سورۇنغا بېرىپ قالدىم ،سورۇندىكلەر ھەممىسى جىمجىت كۈلۈپلا ئولتۇرغان ،مەن تېخى سورۇندىكلەر بالىلارنىڭ ساپاسى ئۆسۈپتۇ ،خېلى تەرتىپلىك ئولتۇرىدىغان بوپتۇ دەپ خوشال ئولتۇرغان ئېدىم .چۈنكى بۇرۇن بالىلار ھاراق ئىچىپ قوياتتى .كېيىن سورۇندىن قايتقاندا دوستۇم سورۇندىكى كۆپ قىسىم بالىلارنىڭ نەشە چەككەنلىكىنى دەپ بەردى .شۇ چاغدا قانداق ھەيران قالغىنمنى بىلمەيمەن .دىيارىمىزدا يامراۋاتقان بۇ كېسەلگە زادى ئامال يوقمىدۇ ؟
   بىر نەرسىنىڭ يامراپ كېتشى ئاددى بىر ئىش ئەمەس،بۇنىڭ سەۋەبى بار ؟سەۋەبى زادى نېمە ؟!!

يېڭى يۇلتۇز

قىزلارنىڭ تاللى

UID
18292
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2011-12-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ،مەن ئالى مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىمنىڭ بىر كۈنى دەرىسخانىدا بىر ساۋاقدىشىمنىڭ شۇنداق تاتلىق كۈلۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۆپ باشقىلىرغا ئۇنىڭغا  بەك خوشال بولوپ كەتكۈدەك نىمە ئىش بولغاندۇ دىسەم ئۇ خۇش كەيىپكەن ،چىكىۋاپتۇ دىدى،مەنچە ئۇ دوسكىغا قاراپ يىزىلغان خەتلەرنىڭ ئۈستىدە ئۈزۋاتقان بولسا كىرەك.......ھەي قەدىرلەنمىگەن ياشلىق.
   قىسقىچە:ئادەم ھاياتىدا موزىكىغا ھەددىدىن زىيادە بىرىلسە بولمايدۇ،بۇ راست ئېيتىلغان سۆز،مىنىمۇ يولدۇشۇم مۇزىكىنى تولا ئاڭلىما،قالايمىغان خىياللاردا بولما دەپ دائىم ئەيىپلەيدۇ،مەنچە سەنئەت مەكتەپكە ئۆتەلمىگىنەم بەك ياخشى بولدىمىكىن دەپ قارايمەن.

يېڭى يۇلتۇز

قىزلارنىڭ تاللى

UID
18292
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2011-12-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ،مەن ئالى مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىمنىڭ بىر كۈنى دەرىسخانىدا بىر ساۋاقدىشىمنىڭ شۇنداق تاتلىق كۈلۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۆپ باشقىلىرغا ئۇنىڭغا  بەك خوشال بولوپ كەتكۈدەك نىمە ئىش بولغاندۇ دىسەم ئۇ خۇش كەيىپكەن ،چىكىۋاپتۇ دىدى،مەنچە ئۇ دوسكىغا قاراپ يىزىلغان خەتلەرنىڭ ئۈستىدە ئۈزۋاتقان بولسا كىرەك.......ھەي قەدىرلەنمىگەن ياشلىق.
   قىسقىچە:ئادەم ھاياتىدا موزىكىغا ھەددىدىن زىيادە بىرىلسە بولمايدۇ،بۇ راست ئېيتىلغان سۆز،مىنىمۇ يولدۇشۇم مۇزىكىنى تولا ئاڭلىما،قالايمىغان خىياللاردا بولما دەپ دائىم ئەيىپلەيدۇ،مەنچە سەنئەت مەكتەپكە ئۆتەلمىگىنەم بەك ياخشى بولدىمىكىن دەپ قارايمەن.

UID
14153
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2011-8-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-4
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا  ياخشى  چىقىپتۇ  .  بۇ رەسىمنى ئاددىيلا  ئىشلەپ باققانتىم ،


UID
20290
يازما
19
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇق ئوتتۇرىدا ئىككى ساۋاقدىشىم چىكىۋىلىپ دەرسخانىغا كىرىپ، بىرسىنىڭ قېتىپ قالغىنى، يەنە بىرىنىڭ ساراڭدەك كۈلۈپ دەرسخانىنى مالىمان قىلغىنى ھىلىھەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. قانداق قىلساق بولا، بۇ ئىشلارغا،

UID
19691
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-3
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ حىزمەت قىلۋاتىمەن  لىكىن مۇشۇ ئىچىدىعان  چىكىدىعاننى ئىعىزىمعا ئىپ باقماپتىمەن !!!    ئەمما بىزنىڭ حىزمەتداشلار دىگەن پات-پات گىلىنى نەمدەپ تۇرمىسا چىدىيالمايدىعانلاردىنكەن بولۇپمۇ بىزنىڭ باشلىق كەيىپ دىسە ئۉزىنى ئاتىدىعان ئاداشكەن    ھەي!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!      كىيىن قانداقمۇ قىلارمەن ئەمدى

UID
22316
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەردە ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلغۇدەك ۋەقەلىك يوق ئىكەن، يەنە بىر پىششىقلاپ باقسا بولغۇدەك

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش