ئىگىسى: كۇبرى

نىكاھ بىلەن ئويناشماڭ، ئويلاشماستىن تويلاشماڭ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
26963
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-9
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 15:04:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى جەميېتىمىزدىكى نىكاھتىن ئاجرىشىش سەۋەبلىرى خىلمۇ - خىل بولسىمۇ ئاساسلىقى(1) مۇاشتىكىلەرگە نىسبەتەن «سەن ئالغان مۇئاشنى مەنمۇ ئالىمەن، سەن ئىشلەۋاتقان بولساڭ مەنمۇ ئىشلەيمەن ، سەن بىرنى دىسەڭ مەنمۇ بىرنى دەيمەن »-دىگەندەك ئاتتىن چۈشسىمۇ ئىزەڭگۈدىن چۈشمەپتۇ دىگەن چوڭچىللىق، كىبىرېلىك پوزىتسىيەسى ئارقىلىق يول بەرمەي ئاجرىشىپ كىتىدىغانلار،(2) پۇل تاپقان نوچىلارنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق ئىدىيەسى ، بىرگە قانائەتلەنمەسلىك، شاختىن شاخقا قونۇش ئارقىلىق تىخىمۇ كۆپ گۈلللەرنىڭ پۇرۇقىدىن بەھىرلىنىش ئىدىيەسى تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كىتىدىغانلار(3) 3-شەخىسنىڭ ئەر-ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا بۆسۈپ كىرىش تۈپەيلىدىن ئاجرىشىش تىپىدىكىلەر(4)قىمار ئويناش، ھاراق ئىچىش، ئائىلە ئىقتىسادىي بىلەن كارى بولماسلىق،قارشى تەرەپنى ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلماسلىقتىن پەيدا بولغان ئاجرىشىش تىپىدىكىلەر(5) نىكاھ تۇرمۇشىغا بەزىبىر قىينى ئاتا ۋە قىينى ئانىلارنىڭ چات كىرىۋېلىشىدىن پەيدا بولغان ئاجرىشىش تىپىدىكىلەر.مىنىڭ ھىس قىلغانلىرىم يۇقارقىدەك باشقا تورداشلارنىڭ يەنا بىلىدىغانلىرى بولسا تولۇقلاپ قويسا دەيمەن.

UID
15981
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-10-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-26
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 01:02:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھ مەسىلىسىدە، بىزدە ساقلانغان بىر ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، كۆپىنچە ھاللاردا نىكاھلىنىشتا پەقەت ئادەت يۈزىسىدىن، مەسىلەن ئاتا - ئانىنىڭ زورى بىلەن، ياكى ياشنىڭ چوڭىيىشى، توي قىلىش يىشىگە يەتتىم دەپ قاراش، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىش ۋاقتىغا ئۇلىشىش، ۋە ياكى توي قىلىش ئۈچۈنلا توي قىلىش دىگەندەك سەۋەب بىزنىڭ توي قىلىپ ئائىلە قۇرۇشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قىلىۋاتىدۇ، ئەمىلىيەتتە بولسا نىكاھ شۇ قەدەر كاتتا ئۇلۇغ ئىش. شۇ سەۋەبلىك بۇنىڭغا ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كىرەك، قىز ئوغۇللاردا ئۆز ئارا مۇھەببەتلىشىشكە قىزغىن قايناق ھىسسىيات باركى، بىراق بىر ئۆمۈر بىللە ياشىغۇدەك سەۋرىچانلىق بولسا تولىمۇ كەمچىل. ئەسلى نىكاھلىنىشتا غايە بولۇش كىرەك،  غايە بولغاندىمۇ مەن شۇنداق ياخشى بىر ئائىلە قۇرىمەن دەيدىغان ئاددى بىر چۈشەنچە ھالىتىدىكى غايە بولماستىن، بەلكى ئەر ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى ئەرلىك مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىدىغان، ئايال ئۆزىنىڭ ئىرى ئالدىدىكى ۋە ئائىلىدىكى مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىدىغان، بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى ئورۇنداپ، ئىمانلىق پەرزەرنتلەرنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت ئالىي غايە بولۇشى كىرەك ئىدى، ئەپسۇس، بىز سۈرۈشتۇرۇپ كۆرسەك، بەلكىم نۇرغۇن ئاتا ئانىلاردا بۇنداق غايىنى كۆرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇلارمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ نىكاھ ئىشىدا، ئۇلارغا بۇ ھەقتە قانائەتلىنەرلىك تەربىيە بەرمىگەن بولۇشى، نىكاھتىكى غايە ھەققىدە ھەتتا ھىچنىمە دىمىگەن بولۇشى مۇمكىن، غايىسىزلىك ۋە ئەقىدىسىزلىك بىزنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىمىزدىكى پاجىئەلەرنىڭ بىر مەنبەسى دىيىشكە بولىدۇ، نىكاھ ھەققىدە بىز يەنە كۆپ مەنبەلىك ئىزدىنىشىمىز، تىرىشىشىمىز، ئۆز ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز ھەر ۋاقىت زۆرۈر.

UID
21373
يازما
90
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 17:19:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tahsil يوللىغان ۋاقتى  2012-1-21 01:02
نىكاھ مەسىلىسىدە، بىزدە ساقلانغان بىر ھالقىلىق مەسىلە ...

ناھايىتى ياخشى ئىنكاس قالدۇرۇپسىز، نىكاھ مەسىلىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ياشلارنىڭ كۆپىيىشىنى تېخىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن.

UID
27050
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 17:54:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش دېگەن ئوينىشىدىغان ئاددى ئىش ئەمەس ،،ھەر بىر ياش ئاۋال ئۆزىمىزدن ئىزدەيلى .....................كۆپىنچىمىز مەسىلىلەرگە ئاددى قارايمىز ................كەلگۈسى توغىرلىق ئويلىنىشىمىز كەمچىل ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئاخىردا شۇ بىچارە بالىلارنى يىتىم قىلىپ قويىمىز .............

UID
18800
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 17:54:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىزدىكىلەرنىڭ توي قىلىشىدىن ئاجىرشىشىنىڭ چاققان بۇلۇۋاتقىنىغا قاراپ توۋا دەپ قالدىم.سوتقا بارساڭلار ئاجىرشىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى  دەل بىزلەردىن ،باشقا قېرىنىداش  مىللەتلەردىن بۇنداق ئاجىرشىش
ئەھۋالى ئۇنداق بىزدەك بىر (بالا)ئەمەس،بۇجەھەتتە بىز ھەقىقەتەن قالاق ئىكەنمىز،بەزىدە ئويلاپ قالىمەن،دۆلەت
نىكاھ قانۇنىنى تۈزۈپ چىقمىغان بولسا بىزلەر قانداق بۇلۇپ كېتەرمىز؟بەزىدە سوتچىىلىرىمىز ھەقىقەتەن ئامالسىز
جۇمۇ؟؟؟قېرنداشلار توي قىلساق ئويلىشىپ قىلايلى ،بولمىسا جىم يۈرۈڭلار ،بۇ خىزمەتنى قىلىش ئاسان ئەمەس.......

UID
27249
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 18:56:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجراشماڭلار  ئاتا  -ئانىلار ، يىتىم بولمىسۇن سەبىي بالىلار .

UID
19565
يازما
57
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
57
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-19
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 20:42:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجرىشىش ياخشى ئەمەس

UID
27311
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 22:13:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېما بىردەمدىلا ئەرلەرنى تىللاپ پوسكايتىۋىتىدۇ قاراپ تۇرۇڭلار ؟!  مۇشۇنداق تىللارنى ئاڭلىغۇچە خوتۇنۇڭ ساڭا ئەر بۇلۇۋالسىمۇ ، ئاتا - ئاناڭنى ، تۇققانلىرىڭنى كۆزگە ئىلمىسىمۇ ، تالادىن كىرمىسىمۇ ، سىنى ئەردەك كۆرمىسىمۇ ...................................... غىت قىسىپ چىداپ ئۆي تۇتساڭ بولمامدۇ  دەي دىسە تېخى !  
ھە جەپ توغرا گەپ بولدى جۇمۇ.

UID
13754
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
43
تىزىملاتقان
2011-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-1
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 23:19:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز،   بۇ ئىشتا ھەرگىزمۇ ئالدىراقسانلىق،يىنىكلىك بىلەن قارار چىقىرىشقا بولمايدۇ.

UID
27326
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 00:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى خىلىلا كۆپ ئىكەن، ئەجىر قىلىپ يوللىغان تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت~!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش