كۆرۈش: 13189|ئىنكاس: 70

نىكاھ بىلەن ئويناشماڭ، ئويلاشماستىن تويلاشماڭ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
21373
يازما
90
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 03:10:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سوتخانا


          ..............

        سوت باشلاندى.

        سوتچى: سىلەر سوتىمىزغا نېمە سەۋەپتىن دەۋا قىلىپ كەلدىڭلار؟

       دەۋاگەر: تۇرمۇشتا چىقىشالمىدۇق. قانۇن بويىچە نىكاھتىن ئاجرىشىمەن.

       جاۋابكار: تۇرمۇشتا چىقىشالمىغىنىمىز راس، لېكىن ئارىمىزدا بالىمىز بار،  شۇڭا مەن ئاجرىشىشقا قوشۇلمايمەن. ئەگەر قەتئىي ئاجرىشىمەن دەپ قالسا بالىنى ئۆزۈم باقىمەن. مال - مۈلۈكنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ بەرسەڭلار.

................

         سوتچى: مۇنازىرە باسقۇچى باشلاندى. قېنى تەرەپلەر  دەۋا تەلىپىڭلارنى تولۇقلاپ سۆزلىسەڭلار بولىدۇ.

         دەۋاگەر: مەن جاۋابكار بىلەن توي قىلغىلى ئىككى يىل بولدى. ئارىمىزدا بىر ياشقا كىرگەن ئوغلىمىز بار. بىز توي قىلىپ بىر يىلغىچە ياخشى ئۆتتۈق . لېكىن بىر يىلدىن كېيىن تۇرمۇشتا گېپىمىز بىر يەردىن چىققايدىغان ، ئۇ ھەدېسە مېنى تىللايدىغان بولىۋالدى. كۈندە جىدەل - ماجرا قۇرۇمىدى. مېنىڭ بۇنداق ئائىلىنى ئاخىرىنى چۈشۈرۈشكە كۆزۈم يەتمىدى. شۇڭا ئاجرىشىمەن. ئۆزۈمنىڭ مۈلكىنى ئۆزۈم ئالىمەن. ئورتاق مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئايرىپ بەرسەڭلەر....

         جاۋابكار: بىزنىڭ توي قىلغىنىمىزغا ئىككى يىل بولغىنى راس. ئارىمىزدا بىر ئوغلىمىز بار. بىز دەسلەپ ياخشى ئۆتكەن. كېيىن تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلار تۈپەيلى ئارىمىزدا  جىدەل كۆپىيىپ قالدى. دەۋاگەرنىڭ ئاغزى ئىتتىك، سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ سوقىشىدۇ. ئۆزىنىڭكىنى راس قىلىدۇ. مىنىڭ ئۇنى ئۇرغان يېرىممۇ يوق. شۇ بارى تۇرمۇشتىكى ئۇششاق جىدەللەر.... ھەدىسىلا يامانلاپ كېتىدۇ. ئارىمىزدا بالىمىز بار، مېنىڭ بالىنى كىچىك تۇرۇپلا يىتىم قىلغۇم يوق. ئەگەر ئاجرىشىشدا چىڭ تۇرۇۋالسا ، بالىنى ئۆزۈم ئالىمەن. ئۆزۈم تەربىيىلەيمەن. ....

       دەلىل-ئىسپات: ئىككى پارچە نىكاھلىنىش گۇۋاھنامسى
سوتچى: سوت تەرەپلەرنىڭ كېلىشپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. تەرەپلەر ئوتتۇرۇڭلاردا بىر بالاڭلار باركەن، نىكاھتىن ئاجراشمايدىغانغا كېلىشەلەمسىلەر؟

دەۋاگەر: ئاجرىشىمەن. كېلىشكىدەك يېرى قالمىدى.

جاۋابكار: باشقا گېپىم يوق.

          سوت يېپىلدى.

         دەۋاگەر ، جاۋابكارلار سوت خاتىرىسىگە قول قويۇشۇپ، شۇنچە تاتلىق ھېسياتلار ، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارغا بۆلىنىپ ئالغان ئىككى پارچە توي كېنىشكىسىنى سوتچىغا قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى.

                                .....................

                             ....سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق-تەلەپ ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

            مەھكىمىمىز قۇبۇل قىلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلوسىغا تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

1.تەرەپلەر قانۇن بويىچە نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇلدى.

2. تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى بالا جاۋابكارنىڭ بېقىپ -تەربىيىلىشىگە قالدۇرۇلدى.  دەۋاگەرنىڭ ئايدا ئىككى قېتىم كۆرۈش ھوقۇقى بار .

3. تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مال - مۈلكىنى ئۆزى ئالىدۇ. ئورتاق مال-مۈلۈكلەردىن دەۋاگەر....ئالىدۇ ، جاۋابكار... ئالىدۇ.

4. دەۋا چىقىمى 75 يۈەنگە جاۋابكار مەسئۇل بولىدۇ.

        تەرەپلەر ئوتتۇرسىدە باشقا تالاش -تارتىش قالمىدى.

       ئەگەر ھۆكۈمگە قايىل بولمىساڭلار 15ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ...سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنساڭلار بولىدۇ.

                                                                                                  سوتچى:.............



                                                                                                 پۈتۈكچى: ...............



                                                                                               ....يىل ....ئاينىڭ ...كۈنى



                                                                                                       ( تامغا )



        تەرەپلەر ئاجراشتۇرۇلدى. ئۇگالىغا شۇ بالا قالدى. دېمەك ھۆكۈمنامە چىققاندىن كېيىن ئۇ مۇكەممەل بىر ئائىلىدە ياشاش ھوقۇقىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئايرىلدى.

         بۇ ئاجرىشىش ئۈچۈن كەلگەنلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەڭ ئاددى نىكاھتىن ئاجرىشىش ماجراسى دېلوسى . شۇنداق ، مۇشۇ كۈنلەردە  ئاجرىشىش ئۈچۈن سوتخانىغا كەلگەنلەر كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ قانۇن سەۋىيىسى ئۆسۈپ كېتىپ بارامدۇ ياكى ئاجرىشىشقا كەلگەندە ، قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئۇستا بولۇپ كېتىپ دۇ!  بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەپچىس زادى نېمە؟ بالىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن كۆپلەپ يېتىملىك يولىغا تاشلىنىپ كېتىپ بارىدۇ؟  ئائىلەر نېمىشقا بۇزۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ، كىم بۇنىڭ جاۋابىنى بىزگە ئېيتىپ بېرەر؟! شۇنداق ،بىز ھەممىمىز بۇنىڭ جاۋابىغا مۇھتاج، جاۋابىدىن بەكرەك ئوڭشايدىغان دورىغا مۇھتاج.....بەك مۇھتاج....   

      ياشتا چوڭ بوۋاي- مومايلارمۇ  ئاجرىشىۋاتقان، نەچچە بالىسى بار ئوتتۇرا ياشتىكىلەر ئاجرىشىۋاتقان، يېڭى توي قىلىپ بالىلىق بولۇشقا ئۈلگۈرگەن ھەم ئۈلگۈرمىگەن ياشلار ئاجرىشىۋاتقان، ساخلارمۇ ئاجرىشىۋاتقان، كېسەللەر ، ئەر-ئايال ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارمۇ بالىسى تۇرۇپ ئاجرىشىۋاتقان...... بۇ جەمىيەت شۇنداق بىر قىل ئۈستىگە كېلىپ قالدىكى، تۈزىمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالدى.  ئاجرىشىش بولۇپمۇ يولسىز ئاجرىشىشلار تۈپەيلىدىن  بالىلارنىڭ  يېتىملىك  قاتارىغا قوشۇلۇشى ئېچىنارلىق ئىش .... شۇ سەۋەپتىن  ئاتا-ئانىلار بالىلارنى نۇرغۇن ھوقۇقلىرىدىن مەزگىلسىز مەھرۇم قىلماقتا. دېسەك مىسال كۆپ..................

            بىز ھەربىر ئىشىنىڭ جاۋابىنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن  ئاندىن ئۆزگىدىن ئىزدىىشىمىز كېرەك.   بۇ تۇرمۇشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە، يىتىمچىلىكنىڭ دەردىنى تارتىپ، بوينى قىسىلىپ، كۆزلىرىدىن ياش،يۈرىكىدىن قان ئېقىۋاتقان بالىلىرىمىز نۇرغۇن.  ئارىمىزدا يەنە  شۇنداق قەيسەر ئانىلار، قەيسەر دادىلار شۇ يالغۇز ھالەتتە بالىنى ئۆزى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇپ كېتىپ بارىدۇ.   كۆزىمىز كۆرمىسىمۇ قۇلىقىمىز ئاڭلاپ تۇرىدۇ. يەنە شۇنداق ۋىجدانسىز، مەسئولىيەتسىز ئاتا بولغۇچى ھەم ئانا بولغۇچىلار بىر دەملىك ئاچچىق ۋە ياكى بىردەملىك كۆڭۈلنى دەپ شۇ بالىلىرىمىزنى يىتىملىك يولىغا تاشلاپ بەرمەكتە.....بىر كۈنلەردە  ئۇلار پۇشايمان قىلغان تەغدىردىمۇ ئاللىقاچان كېچىككەن....
      ھازىرقى جەمىيەتكە قارايدىغان بولساق،  ئازراقلا چىقىشالمىسا ئۆزۈمنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىمنى قوغدىمىسام بولمايدۇ،  ياكى بولمىسا مەن بۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتالمىغىدەكمەن،  بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاخىرى چىقمايدىغان ئوخشايدۇ ،  دەپ يۇقىرقى مىسالدەك سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ئەرز سۇنۇپ ئاجرىشىدىغان ۋە ياكى كېلىشىپلا ئاجرىشىپ بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلىدىغان ئىشلار تولىمۇ كۆپىيىپ كەتتى.  ئاجرىشىش دېلوسىنىڭ كۈنسىرى كۆپىيىشى بىزلەرنى  ئېچىندۇرماي قالمايدۇ.  ئاجرىشىشنىڭ ئۇگالىغا قالىدىغىنى يەنىلا شۇ بالىلار بولۇپ قالىدۇ.  شۇ بالىلار  ھەرقانچە ياخشى بېقىلسىمۇ ئاتا-ئانا مېھرىگە قانمىغان  كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى سۇنۇق بولىدۇ.....
       كونىلاردا « نىكاھ بىلەن ئويناشماڭ، ئويلاشماستىن تويلاشماڭ » دېگەن گەپ بار.  شۇنداق نىكاھ ئويۇن، چاقچاق ئەمەس، بىر دەملىك كۆڭۈل خوشى ئەمەس. بىر ئائىلىنى قۇرۇش دېگەنلىك ئەكىسچە يۈكسەك مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش دېگەنلىكتۇر. ئاتا بولغۇچى ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىنى، ئانا بولغۇچى ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئۆتىسە بۇ ئائىلىگە دەز كەتمەيدۇ، بۇ ئائىلىنىڭ بەختىنى ھېچكىم بۇزىۋىتەلمەيدۇ.
       بىز ئادەملەر مەڭگۈ ئۆگەنگۈچى. بىز ھەربىر دەقىقىدە ياشاش ئۈچۈن تىپىرلىغان ۋاقىتتا ھاياتتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىنىمىز....  بېىشىدىن جىق ئىشلارنى ئۆتكۈزگىچىلەر بىزگە قانداق ياشاش يولىنى قالدۇرۇپ كەتكەن.  بىز بىلمىگەننى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەننى ئەنە شۇ  بۇرۇنقىلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن تەجىربە - ساۋاقلىرى ئارقىلىق بىلىمىز ھەم چۈشىنىمىز.  شۇنداق بولغانىكەن،  بىز ئازراق خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ۋە ياكى باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە بىراقلا ئۈمۈدسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.  ئادەم دېگەن ئەلۋەتتە تۇغۇلۇپلا ھەممە ئىشنى بىلىپ كەتمەيدۇ. شۇنداق بولغانىكەن  نۇرغۇن ئىشلارغا سەۋر قىلىشنى ئۈگىنىۋىلىش بەكمۇ بەك مۇھىم.   كونىلارمۇ « سەۋىرنىڭ تېگى ئالتۇن » دەپ بىكارغا ئېيتمىغان،  ئاللاھمۇ سەۋىر قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ.  نۇرغۇن ئىشلاردا بىز سەۋر قىلالىساقلا  كۆڭۈل ئاغرىقى، بەختسىزلىك ، ئۇرۇش - جىدەلدىن ساقلىنىپ قالىمىز.
      قۇياشمۇ ھەركۈنى نۇرىنى زىمىنغا چېچىپ ، يەنە ئۆز قەرەلىدە تاغنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالىدۇ. قاراڭغۇلۇقتا بىز يەنە سەۋر قىلىپ ئەتىكى قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولىمىز ، ئايمۇ ئون بەش كۈن بىزگە ھەمرا بولۇپ قويىدۇ.  ئەتىسى ئەتتىگەندە ئوخشاشلا قۇياش يۈزىمىزنى سۆيۈپ، ئىللىق نۇرىنى زىمىنغا چاچىدۇ.  شۇنداق ئەمەسمۇ نۇرغۇن نەرسىلەر تەڭشىلىپ ياراتقان. ھەممىسى بىزنىڭ بۇ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەمىزنىڭ، ئېتىقادىمىزنىڭ، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .  بىر كۈن بولسىمۇ ئۆزىمىزگە ، ئائىلىمىزگە، ئاتا-ئانىمىزغا، ياراتقۇچىغا يۈز كېلەلىگىدەك ياشىيالىساق نەقەدەر ياخشى ھە؟
      بىز ياشلار توي قىلىشقا ئالدىرىمايلى. ئالدىرىساقمۇ ئويلىشىپ قىلايلى. بىز ئويلاشماي باسقان قەدەملىرىمىزنىڭ ئۇگالىغا سۆيۈملۈك بالىلىرىمىز قالمىسۇن. شۇ بالىلارنى ئۆز قولىمىز بىلەن ئەستايىدىللىق بىلەن تەربىيىلەيلى. ھازىرقى بالىلارنى تەربىيىلەشكە كۆپ كۈچ كېتىدىغانلىقىنى زېھنىمىز ئوچۇق  بىزلەرنىڭ ھەممىمىزگە ئايان.  مەدەنىيەت گىرەلەشكەن، جەمىيئەت ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان ، ئالاقە كۆپ خىللاشقان ھەم ئانا تىلىمىز ،  ئۇيغۇر يېزىقىمىز، شانلىق مەدەنىيىتىمىز، ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىزدەك كەلگۈسى ئەۋلادلارنى  تەربىيلەش ئالدىدا تۇرغان، تەربىيلەۋاتقان ياشلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئولىيەتنىڭ ۋەزنى تولىمۇ ئېغىر.     كوچىدا كېتىپ بىرىپ باشقا بىر تىلنى شۇنچە راۋان، ئەكىسچە ئانا تىلىنى تىلى ئەمدى چىققان كىچىك بالىدەك ئاران ئىېتىۋاتقان ھازىرقى زامان بالىلىرىنى، ھەرخىل ھەرياڭزا كىيىنىۋالغان، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزگە يات ھالەتتە ياشاۋاتقان شۇ قىز - ئوغۇللىرىمىزنى، ھەرخىل كۆڭۈل خوشى ، قاينام-تاشقىنلىق سورۇنلاردىن كەيىپ ھالەتتە قايتىپ چىقىۋاتقان بىر تۈركۈم ياشلىرىمىزنى كۆرگىنىمىزدە ئويلىنىدىغان يۈرەك بار ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئىچى ئېيتىشماي قالمايدۇ. بەزەن ئاچچىقتا  كۆزلىرىمىزدىن ياش چىقىپ كېتىپمۇ قالىدۇ. نېمە ئۈچۈن ھازىرقى جەمىيەت بۇنداق بولۇپ كەتتى.... بىز ھەممىمىز بۇنىڭ جاۋابىنى ئۆزىمىزدىن سوراپ باقساق جاۋابىنى تىپىشقا ئالدىرىساق بىز ئاز بولىسمۇ قانائەت تاپقىدەك جاۋاب تاپالايمىز . ئائىلە تەربىيىسى ، يەنى ساغلام ئائىلە تەربىيىسى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەكتەپ تەربىيىسى ، ياخشى بولغان تەربىيە، بىلىم مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلىشمۇ ئەلۋەتتە مۇھىم. ئائىلە تەربىيسى ھەم مەكتەپ تەربىيىسىنى چىڭ تۇتقاندىلا بىز بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئاز بولىسمۇ كۈچ چىقارغان بولىمىز.
       نىكاھ بىلەن ئويناشمايلى ياشلار، ئويلاشماستىن تويلاشمايلى.  خاتالاشساق ئۆزىمىزگىمۇ قىلىپ قالىمىز ، شۇ بىزنىڭ مېھرىمىزگە تەشنا بولغان بالىلىرىمىزغىمۇ قىلىپ قويىمىز. ئائىلە ، نىكاھ ، مۇھەببەت ئۈچۈن باسقان ھەربىر قەدىمىمىزنىڭ ئويلىشىپ باسايلى ...
       توغرا بولغان داغدام يولنى ياراتقۇچىمۇ بىز  ۋەيران قىلغۇچىمۇ يەنىلا ئۆزىمىز.  بىزدە ئۆزىمىزنى ، باشقىلارنى، بالىلىرىمىزنى ، ئاتا-ئانىلىرىمىزنى شۇنداقلا ياراتقۇچىنى، بۈگۈننى ئەتىنى........ئويلىيالايدىغان كۆيۈپ تۇرغان ئوتلۇق يۈرەك بولسىلا باسقان يوللىرىمىزدىن گۈللەر ئۈنىدۇ ......
      
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-4 12:42  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

تارىخنى،كۈچلۈكلەر ئاجىىزلارنىڭ

UID
14030
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
662
تىزىملاتقان
2011-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-19
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 12:01:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، نىكاھنى ئۇيۇن ئورنىدا كۆردىغانلار كۆپىيىپ كەتتى.سەۋەبىنې ئىزدىسەك ،چېتىشلىق دائىرسى كەڭ.......
مېنىڭچە: ئادەملەردىكى مەسۇليەت ئېڭىنىڭ تۇۋەنلىكى،ئىمان _ئنساپنىڭ سۇسلىغى،ئاساسى سەۋەپمىكېن دەپ قارايمەن .
تېما ئىگىسىگە تەشەككۇر!

UID
17306
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
848
تىزىملاتقان
2011-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-2
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 14:00:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئاجرىشىشقا بىر چەك قويۇلسا  دەيمەن .
ھېچ بولمىسا  ئاجرىشىپ  مۇنچە يىلدىن كېيىن ئاندىن قايتا نىكاھلانسا بولىدۇ ،يارىشىۋالغانلار بۇنىڭ سىرتىدا دىگەندەك ............   

نىمىشقا دەڭ  .خەقنىڭ ئۆيىنى بۇزغان  تۇل خوتۇنلارنى  جىق كۆرگەنمەن. مۇشۇ ئەرلەرمۇ قىزىق.  تۇل خوتۇنلەر كۆزىگە ئۆز خوتۇنىدى چىرايلىق كۆرۈنەمدىكىن - تاڭ . خوتۇن بالىلىرىدىنمۇ كېچىپ شۇلارنىڭ ئارقىسىدىن سوكۇلدايدىكەن.

UID
21373
يازما
90
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 14:20:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇ تۇرمۇشقا نېمە دېسەك بولار، ئۆيىدە شۇنداق گۈلدەك ئايالى بارلارمۇ سىرتقا قاراۋاتسا ، ئۆي ئۈچۈن كۆيۈپ پىشىۋاتقان شۇ ئىسىل ئاياللىرىمىز  شۇ نامەرد ئەركەكلىرىمىز تەرىپىدىن خارلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.  
      ناپاك كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرسىلا ، بۇ كۆڭۈل كىشىنى ھەر كويغا تاشلاپ ئۈلگىرىدۇ، بىر ئائىلىنى بۇزىدۇ، بالىنى مۇكەممەل ئائىلە مېھرىدىن مەھرۇم قىلماقتا. ئۇنداق قىلمايلى ..... ناپاك كۆڭۈل ھامان ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. خار ۋە زەبۇنلۇققا تاشلاپ قويۇشى مۇمكىن .......

كۆيۈمچان ئەزا

قەتئىلىك ئەرلىك

UID
3268
يازما
155
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3126
تىزىملاتقان
2010-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 15:25:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ماۋۇ تېما بىردەمدىلا ئەرلەرنى تىللاپ پوسكايتىۋىتىدۇ قاراپ تۇرۇڭلار ؟!  مۇشۇنداق تىللارنى ئاڭلىغۇچە خوتۇنۇڭ ساڭا ئەر بۇلۇۋالسىمۇ ، ئاتا - ئاناڭنى ، تۇققانلىرىڭنى كۆزگە ئىلمىسىمۇ ، تالادىن كىرمىسىمۇ ، سىنى ئەردەك كۆرمىسىمۇ ...................................... غىت قىسىپ چىداپ ئۆي تۇتساڭ بولمامدۇ  دەي دىسە تېخى !

UID
21373
يازما
90
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 16:24:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
albax يوللىغان ۋاقتى  2012-1-2 15:25
ماۋۇ تېما بىردەمدىلا ئەرلەرنى تىللاپ پوسكايتىۋىتىدۇ ...

تۇرمۇش دېگەن ھامان بىر قېلىپتا ئەمەس، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، سەۋەبنى قانداقتۇر ئاياللارغىلا ۋە ياكى ئەرلەرگىلا دۆڭگەپ قويۇشقا بولمايدۇ،  بىز سەۋەبنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن ، ئاندىن ئۆزگىدىن ئىزدىسەك ، توغرا قىلغان بولىمىز، جەمىيەتنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ كېتىشىدە ئاياللارنىڭ ھەم ئەرلەرنىڭمۇ قولى بار . خاتا چۈشىنىۋالماڭ يەنە بۇ تېمىنى.............

UID
21373
يازما
90
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 16:27:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
albax يوللىغان ۋاقتى  2012-1-2 15:25
ماۋۇ تېما بىردەمدىلا ئەرلەرنى تىللاپ پوسكايتىۋىتىدۇ ...

       مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم بىردەملىك ئاچچىقىنى دەپ ئاجراشقانلار، تۇتامغا ئەرزىمەيدىغان سەۋەبلەر بىلەن ئاجرىشىدىغانلار ، ئىشىنىڭ باش -ئاخىرىنى ئويلاپ يېتەلمەي قېلىۋاتقانلاردۇر.....
      

يېڭى يۇلتۇز

ياشىسۇن نۆل !

UID
18828
يازما
42
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 16:47:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىر ھىكمەتكەنغۇ ...

UID
21908
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 20:08:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ھارام بولىدۇ،يامان بولىدۇ دىگەننى ئويلىمىسا،ئەۋلات قالدۇرۇش دىگەننى ئويلىمىسا توي قىلىپ نىمە قىلىدۇ زادى.


UID
15544
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
362
تىزىملاتقان
2011-9-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 20:57:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغىرا توي قىلماقىچى بولغان ھەر بىر ياش« قىزىل قەغەزگە»قول باسقاندا يۇركىمىزنى ئوبدان سىلاپ بېىقىپ،ئاندىن قول باسساق بۇلىدۇ،نىكاھىدا تۇزغا  چىللانغان ناننى بىكار يىمەيدىغاندىمز،«ئائىلە »دىمە ك ۋەتەن دىمەك،ۋەتەننى قوغداش شۇ ۋەتەندە ياشاۋاتقان ھەر بىر پۇقىرانىىڭ مۇقەدەس بۇرچى بولغاندەك ئائلنى قوغداشىمۇ شۇ ئائىلدە ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىزنىڭ ئەڭ مۇقەدەس ۋەزىپسى،مەيلى ئەر ياكى ئايال بۇلايلى ھەر ۋاقىت ئۇزىمىزنىڭ «ئەڭ»مۇقەدەس بۇرچىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ،كىمىكى ئۇزنىڭ بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالغان كۇنى ئاشۇ ئائىلە ۋەيرانچىللققا بىر قەدەم ئالغان بۇلىدۇ،كىم بولسابۇلسۇن  بالىلارنى تىىرىك يىتمىلىك كۇچىسغا تاشىلغان ئاشۇ ئىنسان ئاللانىڭ غەزەپىگگە ئۇچىرايدۇ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش