تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 621|ئىنكاس: 5

ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلىنىڭ بىر ھېكايىسى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
21697
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-6
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 21:18:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                            ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلىنىڭ بىر ھېكايىسى ھەققىدە
                       (ئابدۇراخمان ئەزىزنىڭ "مەن سېنى ئاكام دەيتتىمغۇ..." ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن)
2011 -يىلى تارىخقا ئايلىنىپ كېتىشكە بىر سوتكىلا قالغان كۈن. تالادىن بىرمۇنچە ھايات غۇلغۇلىسى كېلىۋاتىدۇ. تۆتىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانىدا ئىككىيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇرىدۇ. لېكىن سۈكۈتنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ تالادىكى غەۋغالارغا قۇلاق سېلىش ئۈچۈن بولمىغان. بۇ بىر ھايات پەلسەپىسى ئۈچۈن ئويلىنىشقا ئىمكانىيەت بېرىۋاتقان قىممەتلىك سۈكۈت. بۇ دەل ھەجىمى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان قىسقىغىنە بىر ھېكايىنى زىغىرلىما ئوقۇشتىن كېيىن پەيدا بولغان ئويلىنىش پەيتى...
ئا ئەپەندى تىنىچلىقنى بۇزدى:
__ يەنە قانچىلىك ئادەملەر بىزگە ئوخشاش ھالەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقاندۇر-ھە؟
__ ۋەسۋەسە كۆپ. يېڭىشنى تاللىيالمايۋاتقانلار ئاندىن كۆپ. دېدى ك ئەپەندى جاۋابەن.
__ نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟ ئوقۇپ بولدۇق. بولدىغۇ ئەمدى دېمەيدىغانسىز؟
__ نېمىسىنى ! سىزگىلا قاراپ قالدىم، ئا ئەپەندىم.
__ يازايلى.
__ نەدىن باشلايمىز؟
__ ھېكايىدىكى زامان كاتېگورىيەسىدىن باشلىساقمىكىن؟
__ ھە، بىلدىم. "ئۇ ئىنتايىن شوخ ئىدى'' دېگەن يەردىنمۇ؟
__ بۇنى توغرا دېدىڭىز. ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلىغىلا ئەمەس كاللىسى نورماللا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە ئايانكى ھېكايە دېمەك ئۆتمۈشتۇر. ئەمدىكى گەپ ئالدىمزدا تۇرغان ئەدەبىيات(مەزكۇر ئەسەر) ئىچىدىكى ئۆتمۈش بېزەكلىرىنىڭ جايىغا كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى تەھقىقلەشتە قالدى. يۈزەكى نۇقتىدىن باياتىن سۈكۈت ئىچىدە ئويلىغانلىرىمىزدىن بىر ھېس پۈتۈك ئەتسەك دېگەن ئويدىمەن.
__ سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز "ئىدى'' دېگەن ياردەمچى سۆزگە "قانداق ئىدى'' دېگەن سۇئالنى ھەرقانداق ئادەم سوراشقا قىزىقىدۇ؟ يازغۇچى ئوقۇرمەننىڭ بىلىش قىزغىنلىقىدىن پايدىلانغان دېمەكچىمۇسىز؟
__ ئەلۋەتتە. لېكىن سىزنىڭ «پايدىلانغان» دېگەن سۆزىڭىزگە غەرەز ئارىلاشمىغانلا بولسا. يەنى، بۇ دېگىنىم ھەرگىزمۇ يازغۇچى ئوقۇرمەننى "باپلاش'' ئۈچۈن شۇنداق قىلدى دېگەنلىك ئەمەس. پەقەتلا " ئۇ  ھازىر شوخلۇقتىن خالىي بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى سورا !'' دېمەكچى خالاس.
__ ئۇنداقتا، سەۋەب نەتىجە باغلىنىشىنى كۈچەپ تەكتلەيدىغان بۇ جۈملە بىزگە مەزكۇر ھېكايە باشتىلا مۇجمەللىكتىن خالىي قۇرۇلمىنى ئاساسلىق ئىپادىلەش شەكلى قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپتۇ-دە؟
__ مۇجمەللىكتىن مۇستەسنا ھالەتتە ۋەقە قۇراشتۇرۇشنى ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قايىل بولۇشى كېرەك بولغان بىر تەرىپى دېيىش مۇمكىن. ئەسلى گەپكە قونساق، ئۆتمۈشتىكى نۇرغۇن ئېھتىماللىقلارنىڭ قامال دائىرىسىنى بۇزۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ نەتىجە خاراكتېرلىك جۈملە ئوقۇرمەننىڭ بىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىدۇ.
__ ئۆتمۈشبايان باشلىنىدىغان بۆلەكتە بىز ئاشۇ جۈملىدىكى "ئۇ'' نىڭ كىملىكىنى بىلىشكە باشلايمىزدە "قىز بالا'' بولۇش سالاھىيىتىكى "ئۇ'' نىڭ شوخلۇقنى تەرك ئېتىشىدىكى نۇرغۇنلىغان سەۋەب ئېھتىماللىقلارنى ئۆزىمىزنىڭ بىلىش دائىرىسىگە تەدبىقلاپ پەرەزلەشكە باشلايمىز.
__ ھۆكۈملىرىڭىزگە قارىغاندا بىر خىل كەسكىن خۇلاسە باشتىلا بېرىلگەندەك قىلىدۇ. يەنى، باشتىكى جۈملە ۋە جۈملە ئاستىدىكى ئابزاس بېشىدا بېرىلگەن"ئۇ''،"شوخ''،"ئىدى"، " قىزبالا'' دېگەن ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تەپەككۇرىغا قويۇپ يەكۈنلىسەك "مەن سېنى ئاكام دەيتتىمغۇ...'' ناملىق بۇ ھېكايىدە تىراگىدىيە سۆزلىنىدۇ، دېگەن مەنە باشتىلا ئىنتايىن ئېنىق بىشارەتلەنگەن دېيىشكە بولىدىكەن.
__ شۇنداق. ئاپتور شۇنداق بىر جۈملە ۋە شۇنداق بىر باشلانمىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانكى، بۇخىل ئۇچۇرنى قۇبۇل قىلغان ئوقۇرمەن دەرھاللا تېراگىدىيە ئېڭىغا غەرق بولىدۇ ۋە جاۋاب ئىزدەش جەريانىدا تىراگىدىيە سىتىخىيەسىنى پايدىلانما نۇقتا قىلىدۇ. دەل مانا مۇشۇ خىل كەيپىيات ئاستىدا "قىز'' نىڭ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان(ئاساسلىقى ئەسەردىكى ئەركەكلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان) قىياپەتلىرى ئەسەرنىڭ بېشىدىلا زاھىر بولۇشقا باشلايدۇ. مىسالەن:
«... مەھەللىمىزدىكى قىزلارنىڭ ئىچىدە ئۇ بەكلا چىرايلىق ئىدى. يۈزلىرى سىركۇل قويۇپ سىزىلغان چەمبەردەك يۇپيۇمىلاق، كۆزلىرى بۇلاقتەك تىنىق، كىرپىكلىرى تال-تال تۆكۈلۈپ تۇرغان، نېپىز لەۋلىرى مەي باغلاپ پىشقان گىلاستەك قىپقىزىل ھەم سۈپسۈزۈك، چىڭ بۇغۇلغان ياغلىقى ئاستىدىن ئارقىسىغا تاشلىۋالغان بىلەكتەك يوغان-يوغان، قاپقارا ئۆرۈمە چاچلىرى تېقىمىغا چۈشكەن. توغاچتەك قىزارغان ئىككى مەڭزىدىكى زىنىخى ئۇنى دائىملا كۈلۈپ قاراۋاتقاندەك كۆرسىتەتتى. كۈلسە سەل تاشقىرى چىقىپ ئۆسكەن ئىككى تال چىشى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ ئۇنىڭغا ئۆزىگە خاس لاتاپەت ئاتا قىلغانىدى. سۆزلەۋاتقاندا لەۋلىرىنى پات-پات ھىمىرىپ قويىدىغان ئادىتى ئۇنى تېخمۇ جازىبىدار ۋە ئوماق قىلىپ كۆرسىتەتتى. زىلۋا بويىدىن سۈلكەت يېغىپ تۇراتتى...»① ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى «مەن سېنى ئاكا دەيتتىمغۇ...»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2011-يىلى 6-سان، 63-بەت.
ئوقۇرمەن قىز ھەققىدىكى يۇقىرىقىدەك سۈپەت خاراكتېرلىك بايانلارنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزىدە بىر خىل توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان تېراگىدىيىلىك كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىدۇ. چۈنكى، بۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مەھرۇم قالغان نەرسىنىڭ قىممىتى قانچىكى يۇقىرى بولسا چېكىدىغان نادامەتمۇ شۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ دەيدىغان لوگىكىغا ئۇيغۇن. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇرمەندە مۇشۇنداق بىر پەرى نېمىشقىمۇ شۈكلىشىپ قالار بولغىيدى-ھە! دەيدىغان قىيالماسلىق ھېسلىرى قوزغىلىدۇ. ئوقۇرمەن ھەتتا قىزنىڭ ناچار قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشىغا ئېچىنىپ كېتىۋېتىپ ئەسەردىكى نائەھلى ئەرلەرگە غەزەپ(ئايال ئوقۇرمەن)، ھەسەت-كۈندەش(ئەر ئوقۇرمەن) لىرىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىردىنلا ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن.
ـــ سىزچە بولغاندا، ئوقۇرمەننىڭ شەخسىي رىئاللىقى بىلەن ئەسەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ رېئاللىقىنى سېلىشتۇرۇش داۋامىدا ئوخشاشلىقنى تېپىپ چىقىشى ئىنتايىن مۇھىمكەن.
ـــ مۇتلەقلەشتۈرۋېتىشكە قارشى تۇرساممۇ سىزنىڭ بۇ قىسقا يەكۈنىڭىزگە قايىل بولماي تۇرالمايمەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئوقۇرمەن سۈپىتىدىكى بىزنىڭ مەۋھۈم دۇنيا(ئەسەر) دىن ئىزدەيدىغىنىمىز يەنىلا ئۆزىمىز. قارىماققا باشقىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا باشقىلارنىڭ سىماسىنى تاماشا قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسەكمۇ ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل تاماشىنىڭ جەريانىدا نۇرغۇنلىغان پىسخىكىلىق سىناقلارغا دۇچار بولىدىغىنى مەۋھۈم ھالەتتىكى پېرسۇناژلار ئەمەس ھايات ياشاۋاتقان، ئەسەرنى قېتىرقىنىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەندۇر. ئەگەر ئەسەردىكى كۆرۈنمە ئىدىيەلەرنىڭ ئىلھامىدا ئارقا كۆرۈنۈشكە ئۆتۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان نۇرغۇن ئامىللارنى ئويلاشقىنىمىزدا « سېنى ئاكام دەيتتىمغۇ...» ناملىق بۇ ھېكايىدىن مۇھىم بولغان تەربىيۋى ئەھمىيەتلەرنى بايقىيالايمىز.
ـــ ناھايىتى توغرا ئېيتتىڭىز ئەپەندى! ئەسەر ئادەم ئۈچۈن يېزىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئادەملەرنى تەربىيلەش ۋەزىپىسى تەبىئىيلا يۈكلەنگەن. دەل ئاشۇ تەربىيىۋى ئەھمىيەتنىڭ دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىر پۈتۈن ئەسەرنى چۈشىنىش ھالقىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ــ قاراشلىرىڭىزغا يەنە شۇنى قوشۇمچە قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئەسەرنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇرمەنلەرنى تەربىيلەش بولسا ئۇنداقتا ئەسەرنىڭ ئوبىكتى ئوقۇرمەن دېگەن گەپ. مۇشۇ نۇقتىدىن بىر پۈتۈن ئەسەرنى چۈشىنىش ھالقىسىدا يەنە ئوقۇرمەندىن ئىبارەت ئالاھىدە توپقا سەل قارىماسلىق كېرەككەن. ئۇنداقتا يازغۇچىنىڭ رولى تۆۋەنلەپ كەتمەمدۇ؟ ئۇ ئەگەر ئۆزىنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن يازغان بولسىچۇ؟
ـــ ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىك سالاھىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق بېكىتكىلى بولىدۇ. يازغۇچىغا ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىك سالاھىيىتى بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلەتكەنلىك بولمايدۇ. چۈنكى، يازغۇچى ئەسەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ بىردىنبىر ئىگىسى ھېسابلانمايدۇ.
ـــ ئۇنداقتا ئاپتور ئەسەرنى يېزىپ بولۇپ مەتبۇئادتا ئېلان قىلغان ھامان(ھەتتا ئەسەرنى ئېلان قىلىشتىن ئاۋالقى ئۆتكۈنچى مەزگىلدىمۇ) ياكى ئەسەرنى ئوقۇغۇچى بارلىق ئوبىكىتلارغا تاپشۇرغاندىن كېيىن ئەسەرنىڭ بىردىنبىر ياراتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئاجىزلىتىدۇ ياكى يوقىتىدىكەندە؟
ـــ شۇنداق. لېكىن قانۇنى جەھەتتىن ئەسەرنىڭ ئىگىسىلىك سالاھىيىتىنى يوقاتمايدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. ئوقۇرمەن ئەسەرنى ئوقۇغاندا ئۇنى ئۆزىنىڭ رېئاللىقىغا باغلاپ چۈشىنىش ئارقىلىق ئەسەرگە قايتا مەنە يۈكلەيدۇ. يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئەسەردىكى ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرگەن مەنە قاتلىمىغا شۇڭغۇغانسېرى ئەسەر بىلەن بىرگەۋدىلىشىدۇ. مىسالەن، مەزكۇر ھېكايىدىكى قىز ھەققىدىكى ئاجايىپ سۈپەتلەشلەر بىلەن ئوقۇرمەن ئۆزىنىڭ غايىسىدىكى «قىز»نىڭ مودېلى ئوخشىشىپ كەتكەندە غىدىقلىما ھېسسىيات قاينىمىغا كىرىپ قالىدۇ. بۇ خىل ھېسسىيات بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تېراگىدىيە ئېڭى توقۇنۇشۇپ ئەسەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ــ مېنىڭ مۇشۇ نۇقتىدا چۈشەنمەيۋاتقان بىر يېرىم بار. ئەگەر ئوقۇرمەن مەنە ئىشلەپچىقىرىش، مەنە كېڭەيتىشكە قادىر بولالمىسا مەزكۇر ئەسەر جەلپكارلىقىنى يوقىتىدىكەن. ئۇنداقتا سىزدىن شۇنى سوراي، ئوقۇرمەننىڭ تۆۋەن ئوقۇش سەۋىيىسى بىلەن يازغۇچىنىڭ يۇقىرى يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرسە بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
ــ بۇ بىر جاۋاب بېرىش تەس بولغان سۇئال بولدى. راستىنى ئېيتقاندا بۇنىڭ تۈپتىن ھەل قىلىش ئۇسۇلى مەۋجۇت ئەمەس. لېكىن، سىزنىڭ سۇئالىڭىزدىكى تۆۋەن ئوقۇش سەۋىيەسىدىكى ئوقۇرمەننىڭ ئەسەرگە قايتا مەنە يۈكلەشكە قادىر بولالماسلىقى مەسلىسى مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى، ئوقۇرمەن مەيلى قانچىلىك دەرىجىدىكى تۆۋەن ئوقۇش سەۋىيىسىگە ئىگە بولسۇن ئۇ بەرىبىر ئۆزىنىڭ بىلىش دائىرىسىدە قايتا مەنە ئىشلەپچىقىرالايدۇ. ئەمدى بىز مۇشۇ يۈزەكى يەكۈنىمىزدىن مەلۇم ئىلھاملارنى تاپالايدىغاندەك تۇرىمىز.
ـــ گېپىڭىزنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا، ئىككى تەرەپنى مۇرەسسەگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار. جاۋاب بېرىش تەس، ھەل قىلغىلى بولمايدۇ دېيىشىڭىزدە ئالدى بىلەن بۇ ئىككى خىل بىلىش سەۋىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان مەسىلىدۇر. مۇرەسسەگە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار دېيىشىڭىزدە ئەسەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ھەرگىزمۇ ئاپتورنىڭ يۇقىرى يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغىلا مەنسۇپ ئەمەس. ئۇ يەنە مۇرەككەپ ئوقۇرمەنلەر توپىنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولىدىغان سىتىخىيەنىمۇ ئۆزىگە شەرت قىلىدۇ. ئوقۇرمەن مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە تۆۋەن سەۋىيەلىك بولسۇن ئۇ بەرىبىر ئاپتور سىزغان مەنە چەمبىرىكىدىن ھالقىپ كېتىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى بىلىش دائىرىسىدىن پايدىلىنىپ ئەسەرگە ھامىنى باھا بېرىدۇ.
ــ ئۇنداقتا، ئادەتتىكى ئوقۇرمەن بىرخىل سىتىخىيەنىڭ كونتروللۇقى يەنى ئۆزىنىڭ بىلىش دائىرىسى بەلگىلىگەن لىنىيە بويىچە ئەسەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنى توختاتمايدىكەن-دە، ئەگەر يۇقىرىقى سۇئالىم مۇشۇ خىل مۇنازىرىنى قوزغاشقا سەۋەب بولغان بولسا، نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلەر پەقەتلا ئەسەردىن ھېس قىلغانلىرىنى ئىپادىلەشنىڭ قىينچىلىقىدىلا قالىدىكەن. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بىزنىڭ ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان بايامقى سۈكۈتىمىزمۇ ئەمەلىيەتتە ئىپادىلەشنىڭ قىيىنچىلىقىدا تۇرغانلىقىمىزدىن ئىكەندە؟ سىزدىن يەنە شۇنى ئۇلاپلا سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ: ئۇنداقتا بۇنداق ئالاھىدە مۇراسسەنى كىم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟ ئەسەرنى چۈشىنىش ھالقىسىدا يەنە سەل قاراشقا بولمايدىغان قايسى ئامىل بار؟
ــ سىزنىڭ بايامقى سۈكۈتىمىزگە بەرگەن ئېنىقلىمىڭىزغا قايىلمەن. شۇنى دېيىش كېرەك بىزمۇ ئەمەلىيەتتە تۆۋەن ئوقۇش سەۋىيەسىدىكى ئوقۇرمەن ھېسابلىنىمىز. چۈنكى بىز ھازىرقى بىلىش سەۋىيىمىزگە تايىنىپ پەقەت يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى سىدام سىزما ھالىتىدىلا چۈشىنىشكە ۋە مۇشۇ يۈزەكى چۈشەنچىلىرىمىزگە تايىنىپ مەنە يۈكلەش خاراكتېرلىك سۇئاللارنىلا سوراشقا قادىرمىز. سۇئالىڭىزغا كەلسەك، مېنىڭچە بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇنداق بىر كاتالىزاتور بار. ئۇ بولسىمۇ ئەسەرگە نەزەرىيە يېقىدىن دىئاگنوز قويۇپ چىقىدىغان ئەدەبىي تەنقىدچىدۇر. ئەدەبىي تەنقىدچى ئامىلى شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك زۆرۆركى، ئۇ ئاساسەن قىززىق نۇقتا بولۇۋاتقان ياكى شۇنداق بولۇشى كېرەك بولغان مەلۇم ئەسەر ھەققىدە بىزدەك ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنى كۆزدە تۇتقان ھالدا نەزەرىيە يېقىدىكى مەنىلەرنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ.
ـــ سىزنىڭ يۇقىرىقى ھۆكۈم خاراكتېرلىك بايانلىرىڭىزنى تۆۋندىكىدەك يىغىنچاقلىساق قانداق:
ئەسەرنى چۈشىنىش ھالقىسى: ئەسەر ـــ ئوقۇرمەن ــــ ئاپتور ـــ ئەدەبىي تەنقىدچى
ـــ تەرتىپىڭىزنىڭ تىزىلىشىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. مېنىڭچە بىز ئاساسلىق ھالقىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغاندەك قىلىمىز.
ـــ ئەمدى يۇقىرى چۈشەنچىلىرىمىزدىن «سېنى ئاكام دەيتتىمغۇ...» ناملىق ھېكايىدە ئاپتورنىڭ زادى قايسى ئامىللارغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز؟
ـــ مېنىڭچە، ئابدۇراخمان ئەزىز دەل بىزدەك ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر ھالقىسىغا ئېتىبار بەرگەندەك تۇرىدۇ. چۈنكى، ئەسەردە سىزنىڭ گۇڭگالىق قاينىمىغا كىرىپ كېتىشىڭىزگە سەۋەبچى بولىدىغان ئۇچۇرلار يوق دېيەرلىك. ئەسەرنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپىقىيىتىمۇ شۇنداقلا يېتەرسىزلىكىمۇ مۇشۇ ئامىلغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىنمىكىن دەيمەن. چۈنكى، ئەسەردىكى «مەن» بىرخىل خۇدۈكسىرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك ھە دېگەندە ئۆزىنىڭ نىكاھلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق مەقسىتىدە بارلىق تۇتۇق نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۆزىنى ئاقلىغانسېرى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ بىلىپ تۇرۇپ گۇناھقا پېتىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويىدۇ. ئۇنداقتا ئەسەردىكى «لەۋەن قىز»نىڭ تىراگىدىيەگە دۇچار بولۇشىغا سەۋەب بولغان «مەن» ئۆزىنىڭ ئاشۇ خىل خۇدۈكسىرەش كېسىلى سەۋەبىدىن ئىشلارنىڭ تېگىگە يەتكەندەك قىلىدۇ، «ئېغىلغا توپا توشۇۋاتقان ئايالىنىڭ قولىدىن غالتەكنى ئېلىپ، تۇرمۇشقا قايتىدىن يۈزلىنىشكە باشلايدۇ» يۇ، قىزنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ ئۆزىنىڭ توۋا قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىپ تىراگىدىيەنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.
ـــ توختاپ تۇرۇڭ ئەپەندى، مەن سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم ، لېكىن سۆھبىتىمىزنى كېيىنگە قالدۇرساقمىكىن دەيمەن. چۈنكى، مەن ئەسەرنى ئاپتورنىڭ ھەممە نەرسىنى ئېنىقلىۋېتىش ئەندىزىسى بويىچە كەينىگە ياندۇرۇپ ئوقۇپ بېقىشنى تەكلىپ قىلىمەن. بۇ ئەلۋەتتە تېخىمۇ ئۇزاق سۈكۈتلەرگە سەۋەب بولغۇسى. «ئۇ ئىنتايىن شوخ ئىدى» دېگەنگە قويۇلىدىغان سۇئاللارغا جاۋاب بولغۇسى...

2012-يىلىغا نەچچە سائەتلا قالغان پەيت. سىرتتىكى غەۋغالار، ئىشخانىدىكىلەرنىڭ تېلفۇنلىرى تۇرمۇشنىڭ سىگناللىرىنى تاراتماقتا. ئىككەيلەن تۆتىنچى قەۋەتتىن خۇددى سېرىلىپ چۈشۈۋاتقاندەك كەيپىياتتا ئىشخانىدا قېپقالغان ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلىغا خوش دەپ پىچىرلاشتى.




ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

UID
17804
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
97
تىزىملاتقان
2011-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-3
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرگە ئۆزگىچە كىرىپسىز.ئىزدىنىشىڭىزگە مۇۋاپىقىيەت يار بولسۇن!

UID
17957
يازما
95
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1685
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ھىكايىنى ئەمدى ئوقاي

UID
13497
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
386
تىزىملاتقان
2011-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-6
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ھىكايىنى ئەمدى ئوقاي

UID
10877
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
94
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىقەتەن ياخشى  يىزىلغان   بىر ھىكايە  

UID
5242
يازما
70
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1870
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-6
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكاينى بۇگۈن ئوقۇپ چىقتىم، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن، قىزنىڭ قۇربان بېرىشى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۇردى. ئابدۇراخمان ئەزىزىنىڭ ھىكايىلرى بەكمۇ ياخشى تۇرمۇشقايېقىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش