كۆرۈش: 16944|ئىنكاس: 39

يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
122
يازما
31
تېما
30
نادىر
0
جۇغلانما
941
تىزىملاتقان
2008-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 12:19:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  مەرھابا 2012 يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى





ئەسسالامۇئەلەيكوم ! ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ئالدى بىلەن ھەرقايسى تورداشلارنىڭ 2012-يىللىق يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز،يېڭى يىلىڭلار ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتكەي!
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك يېقىندىن بۇيان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم يىتەكچىلىكىدىكى <<شىنجاڭ مىللىي مۇزىكا ئۆمىكى ئابدۇللا ئانسامبىلى >>نەق مەيداندا تەڭكەش قىلىدىغان،ئەل سۆيگەن ناخشىچىلاردىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،مەخمۇت سۇلايمان،مۆمىنجان ئابلىكىم،ئىززەت ئىلىياس قاتارلىق سەنئەتكارلىرىمىزدىن تەشكىللەنگەن <<مەرھابا 2012 يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكى>> ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئەلكۈيى تورى ،ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئەلكۈيى مىكرو بلوگى شۇنداقلا ئابدۇللا تورى قاتارلىق ئورۇنلاردا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىغان ئىدى.




ھەممەيلەن ھاياجانلىق بىلەن كۈتكەن ئۇشبۇ دەقىقىلەر   30–دېكابىر ،31-دېكابىر كەچ ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسى قاينام–تاشقىنلىققا چۆمدى. كونا يىلنى ئۇزىتىپ ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي مۇزىكا ئۆمىكىدىكى مۇزىكانتلار بىلەن خەلق سۆيگەن سەنئەتكاردىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچىلىقىدىكى ئابدۇللا ئانسامبىلى مۇزىكانتلىرى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان سەنئەتكارلىرىمىزدىن ئىززەت ئىلياس، مەخمۇت سۇلايمان، مۆمىنجان ئابلىكىم قاتارلىقلارنىڭ ھازىرقى زامان ناخشا–مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ھەقىقىي سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، مىللىي مۇزىكىلار بىلەن ھازىرقى زامان مودا مۇزىكىلىرىنى بىرلىكتە ئورۇنلاپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى.



كېچىلىك تەپسىلاتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار توردا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن،تورداشلارنىڭ بۇ كېچىلىك ھەققىدە بىلىشكە ئىنتىزار بولغان تەرەپلىرى ھەقىقەتەنمۇ جىق بولدى ئەلۋەتتە،ئەلكۈيى تورى بۇ قېتىملىق يېڭى يىللىق كېچىلىككە  قاتنىشىپ كېچىلىك نەق مەيدانىدا مەرھابا يېڭى يىل ، مەرھابا تورداشلار نامىدىكى بىر مەيدان نەق مەيدان سۆھبىتى ئىشلەپ كەلدى ۋە نۆۋەتتە زىيارەت تەپسىلاتى جىددىي كىرىشتۈرىلىۋاتىدۇ.




ئالدىن كېچىلىك تەپسىلاتى ھەققىدە خەۋەر بىرىش مەقسىتىدە بىر قىسىم رەسىم ۋە كېچىلىك جەريانلىرى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئالدىدا تۇرماقچىمىز.

ئۇيغۇر سەنئىىتنىڭ گۈلتاجىسى بولغان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچىلىقىدىكى بۇ كېچىلىك ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە ۋە يېڭى شەكىل،يېڭى مەزمۇنلار بىلەن باشلاندى.تورىمىز مۇخبىرى كېچىلىك نەق مەيدانىغا يىىتپ بارغاندا كېچىلىك باشلىنىشقا تېخى يەنە بىر سائەتتەك ۋاقىت بار بۇلۇپ ، سەھنىدە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،مۆمىنجان ئابلىكىملەر جىددىي تۈردە مەشىق قىلىۋاتقان ئىدى،ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ مەشىق جەريانىنى كۆرۈپ قانچىلىك ھېرپ - چارچىغانلىقىنى ھىس قىلالايتتى ئەلۋەتتە،بىراق ھارغىنلىق ،چارچاش بۇ سەنئەتكارلىرىمىزنى ئۆزىگە باش ئەگدۈرەلمەپتۇ.ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گاھ قەلەندەرمان ، گاھى سۇلتانمەن نامدىكى يېڭىدىن قايتا ئاكورتلاشتۇرۇلغان ناخشىسىنى جىددىي ئورۇنلاۋېتىپتۇ،ئاڭلىغانسىرى ئادەمگە ئۆزگىچە زوق بىرىدىغان بۇ يېڭى ئاكورت كېچىلىكنىڭ باشقا نومۇرلىرىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار قىلاتتى.

ئارقىدىن تورىمىز رىياسەتچى - مۇخبىرلىرى بۇ جەرياندىكى خىزمەتلەر،ئارتىسلىرىمىزنىڭ تەييارلىقلىرى ، كېچىلىك باشلىنىش ئالدىدىكى ھىسياتى ھەققىدە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،مۆمىنجان ئابلىكىم ، مەخمۇت سۇلايمان ، ئىززەت ئىلىياس ۋە رەھبەرلەر شۇنداقلا بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتتە بولدى،سەنئەت كېچىلىكى ئاخىرلاشقاندا  تاماششىبىنلار بەس - بەس بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ كىېچىلىك ھەققىدە ۋە يېڭى يىل ھەققىدە ئۆز قەلبىنى ئىزھار قىلدى.بۇ جەرياندىكى پاراڭلىرىمىزنى ئەلۋەتتە زىيارەتتىن كۆرىۋالمىساڭلار بولمايدۇ،ئاشكارلىمايمىز ...

كەڭ تورداشلارنىڭ يېڭى يىلىنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن بۇ قېتىملىق يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ بىر قىسىم رەسىملىرى ۋە ئۇچۇرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.




كىچىلىكنىڭ نەق مەيدان ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە زىيارەت جەريانىنى ئەلكۈيى تورى كېچىلىك نەق مەيدانىدا ئىشلىگەن « مەرھابا يېڭى يىل ، مەرھابا تورداشلار »نامىدىكى زىيارەت فىلىمىمىزدە بولسۇن! بىر قانچە كۈن ئىچىدە فىلىم كىرىشتۈرۈلۈپ ئايرىم تېما شەكلىدە كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلىدۇ.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
13497
يازما
27
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
387
تىزىملاتقان
2011-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-28
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 13:13:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى قاچان كۆرەرمىز ،بەك تەشنا بولدۇم.

UID
21557
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-1-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 13:19:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەييارىلىقى بەك پۇختا بۇپتۇ ،چۇقۇم مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشىدا گەپ يوق،،،،،

UID
14438
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
312
تىزىملاتقان
2011-8-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 13:26:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ ئىسىللىرمىزنى سالامەت قىلسۇن     

UID
21580
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-1-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 14:10:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا كۆرگۈم كەلدى،،،،،،

باھا سۆز

azrat  ھاھاھا مىنىڭمۇ شۇ ئاداش........  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 14:29:19

UID
21592
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-1-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 14:17:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇم نوچى چىقىشىدا گەپ يوق!!!!!!!!!!

UID
2899
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
771
تىزىملاتقان
2010-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-21
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 14:26:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىلىمنى قاچان كۆرەمىز،،،،،،

UID
18315
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
100
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 14:27:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كېچلىكنڭ MTV سنى قاچان كۆرەرمىز......

UID
21584
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-11
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 14:27:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ !!!

UID
7710
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2010-12-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-1
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 14:43:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەقەززا بۇلۇپ كەتتىم............................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش