تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 183|ئىنكاس: 3

كونا يىلدىكى يېڭى سۆزۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4962
يازما
6
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
216
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 11:30:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   

                                                                         مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس.
                                                                                                 _____ئاتىلار سۆزىدىن.


       كۈنلەر خۇلاسە قىلىدىغان ۋاقتىغا، بىر يىل ھەم خاتىمە كۈنلىرىگە كېلىپ قاپتۇ. يىللار ئېتىزىغا قارىسام،‹كۈزدە ئارىسىنى قۇچاغلاپ قالغان دېھقان › كەبى ھوسۇلسىز قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.يىل ئاخىرى بولغاچ،ماڭا ئەلەم ئۈستىگە ئەلەم بوپ تۇيۇلدى. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرىقى ‹ئىلىم دېھقانچىلىقى›نىڭ قاملاشمىغانلىقىنىڭ،‹چاپىنىمنىڭ تىزدىن ئاشمايۋاتقانلىقى›نىڭ سەۋەبىنى تېپىش، مەندەك بۇ جەھەتتە ئۆزىنى ناباب ھىس قىلغان، شۇنداقتىمۇ بۇ يولدا ئۆتىكىنى سېلىپلا كىرىپ كەتكەن ‹دېھقان›نى بىردەممۇ جىم تۇرغۇزمىدى.ئەجەپ ئەمەسكى، بۇ قىلىۋاتقانلىرىم ياخشى نەتىجە بېرىپ قالسا.
     شۇنچە بۈيۈك ئارزۇ-غايىلەرگە تولغان ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىم چۈشۈمدەكلا غۇۋا ھالدا يىراقلاردا، بارغىلى بولماس ئۇزاقلاردا قالغان ئىدى. ۋاقىت بورانلىرى ئۇچۇرۇپ كېتىشكە  ئۇرۇنىۋاتقان بالىلىق ئەسلىمىلىرىم بولسا،كۈچلۈك شامالغا ئۇچرىغان لەگلەكتەك ھامان داۋالغۇپلا تۇرىدۇ. خۇددى يىپى ئۈزۈلسە، مېنى شۇ ھالىتىمگە قويۇپ كېتىدۇ.
     يىللار بورانلىرى شۇتاپ جەھلى بىلەن بالىلىق-گۈدەكلىك يالدامىلىرىنى ئەكىتىشكە،لەگلەك يىپىنى ئۈزۈشكە ئۇرۇنسا، ياشلىق ئېتىزىمنى يالماشقا، ۋەيران قىلىشقا قۇترىماقتا.يىللار ۋەھىمىسى بىلەن مېنى ئالدىرىتىپ قويدى،رەھىمسىزلىكى بىلەن (كىچىك بولساممۇ) ھالسىرىتىپ قويدى.

                                                         يىللار،بىكاردۇر قىلغىنىڭ،
                                                         ئالدىڭدا قەددىم تىك ھامان.
                                                         چۆللىرىڭدە نە زەرەر بار،
                                                          ھەتتا ئاشارمەن تىك داۋان.
   
     ۋاقىت-سائىتى كېلىپ، ھەر نەرسىگە بوي بەرمەيدىغان جۇشقۇن ياشلىقىم بىلەن،مۇستەھكەم ئىرادەم بىلەن بۇ يەرگە ، ئالى ئوقۇ يۇرتىغا كەلدىم.
     دەسلىپىدىلا بۇ يەرگە ئىلىم پەرۋانىلىرىنىڭ،قەلبىگە يۈكسەك ئارزۇ، گۈزەل ئىستەكلەر تولغان بىلىم ئاشىنالىرىنىڭ كېلىشىدىن ئەمىن ئىدىم.شۇڭا ئۇلار ئارىسىدا ئالدى سەپ ئەمەس، سوكۇلداپ،مۈدۈرۈپ ئارقىدا قالساممۇ، بىللە بولساملا خۇرسەن بولغان بولاتتىم.
     ئۆزى بەى چوڭ بولسىمۇ،قوينى كەڭ بولمىغان مىھىرسىز شەھەر، مەدىنىيىتىدىن ياتلاشقان، تەراققىياتتا ئەسەبىيلەشكەن شەھەر خەلقى مېنىڭ يالغۇزلۇق ھېسىمنى ئاشۇردى.ككنمەكنىڭ ئۆزى مۈشكىل بىر جەريان بولدى.ھەمراھلىرىمغا قارىدىم. ئۇلار شۇنچە تىز كۆنۈشكەن،قايسىدۇر قىززىق تىمىلار ئۈستىدە، قانداق خەجلەپ،قانداق ئوينىغانلىرى ھەققىدە زوق-شوخ بىلەن سۆزلىشىپ يۈرىشەتتى.
     بۇرۇنقى ھالىتىمنى كۆلدىكى سۇغا ئوخشاتسام،ھازىرقى ھالىتىمنى دېڭىزغا قۇيۇلغان سۇغا ئوخشىاتقۇم كېلەتتى. ھەممىمىز بۇ دېڭىزنىڭ بىر تامچىسى دەپ ئويلايتتىم. ئۇلارغا قارايمەن.
     ئۇلار قارايمەن. ئۇلار ئاجايىپ بىر دۇنيا. كۆزلىرى بەئەينى تىنچ دېڭىز يۈزى ئىدى،ھىچقاچان ئۇنىڭغا قاراپ، دېڭىز ئاستىلىرىدىكى قۇيۇنىلىرىنى ئويلاش ئەمەس ھەتتا تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايتتىم. ھەمساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى تۇرمۇشنىڭ ھەر قازىنىدا قايناپ باققاندەك، شۇنچە تەجرىبىلىك ئىدى.يېشىم ئۇلاردىن چوڭ بولسىمۇ،ماڭا ئۇنچە ئەقىل كىرمىگەنىكەن. ئارىمىزدا كۆرۈنمەس ھاڭ بارلىقىنى چۈشەندىم. ئەگەر ساۋاقداشلىق كۆۋرۈكى بولمىسا ئىدى، ھالقىيىالماس ئىدىم.دېمەك، بىر كىمىگە چىقتۇق-يۇ،مەقسىتىمىز باشقا-باشقىدەك قىلاتتى.ئىناقلىق ئىچىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، ھۆرمەت ئىچىدىكى خۇسۇمەت،مىھىر ئىچىدىكى پۈچەكلىك كىچىك توپىمىزنىڭ ئومۇمى ھاۋاسى ئىدى. بۇ يالغۇزلۇق ئۈستىگە ئازاب بولدى.
     ئاللا ياراتقىنىدا يالغۇز ئىدىم،دەرگاھىغا ھەم يالغۇز قايتىمەن.قارىغاندا يالغۇزلۇق ئازاب ئەمەس، بەلكى بۇ مېنىڭ ھەر ئىشلىرىم ئۈچۈن ياخشىدۇر،دەپ ئويلىدىم.تەسەللىلىرىم شۇ بولدى. يالغۇزلۇقنى ئەلا بىلدىمكى،ئقىدەمگە خىلاپ ھالدا ئېقىنغا قوشۇلۇپ كېتىشنى خالىمىدىم. يالغۇزلۇقتىن تەپەككۈر ئۇچقۇنلىرىنىڭ كۆرۈلىشى ھەقىقەت ئىكەن.ئەلەملىكرەك تۇيۇلغان بۇ مەزگىل ماڭا تەپەككۈر قىلىشقا،ھەق-ناھەقنىڭ پەرىقىىگە بېرىشتا،ئەتراپىمدىكىلەردىن كۆپرەك ئىمكانىيەت بەردى.
                                                 مەئىشەت مەھرۇم قىلار، تاپماقتىن ھەق دوست-يارىنى.
                                                 ئۇرغۇزاركەن باتىل ئۈچۈن نازۇك قەلىب تارىنى.
                                                 قالمىسا يالغۇز پىراقتا، بىلمىگەي يوق-بارىنى.
                                                 ئۇ بىلەن تاپقاي يولىنى، سۈپۈرۈپ ئاھ-زارىنى.
   
     يالغۇزلۇقۇم ئىچىدە بىر خەيرىيەتنى،ئاجىزلىقىم ئىچىدە بىر قۇۋۋەتنى،قۇسۇرۇم ئىچىدە بىر كامالەتنى كۆرگەندەك بولدۇم.ھەقىقىي مىھىرنى شۇندىلا  تۇيدۇم. شۇ سەۋەب ئاتا-ئانامغا،قان-قېرىنداشلىرىمغا،دوست-بۇرادەرلىرىمگە مىھىر باشقىچە بولۇپ كەتتى. مىھىر بۇلىقى تېپىلغاچ،ئۆكسۈمەس مىھىرگە ئېرىشىلگەن ئىدىم.قەدىردانلىرىم ‹بالىمىزغا ئەقىل كىرىپتۇ› دېيىشتى. ھەئە، ماڭا ئەقىل كىرگەن،ئىنىقراق  ئېيتقاندا، ئىلگىرى ئون ئىككى يىل ئوقۇپ ھىچكىم بىرەلمىگەن بىر ئەقىلگە ئېرىشكەن ئىدىم.
     ئەزىزلەر،ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى قانچە خۇشال، بەختىيار ھىس قىلغىنىم ياراتقان ئىگىمىزگە ئايانكى، قارا نوپۇس بىرى تۇيۇقسىز باي بىر دۆلەتنىڭ نوپۇسىغا ئېلىنغاندا قانچە خۇشال بولسا،مەنمۇ شۇنچە،ھەتتا ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ھاياجاندا ئىدىم.ئەقىل دەرۋازام كەڭ ئېچىلدى.ئىلگىرى بۇ دەرۋازىنى زەنجىرلىگەن نۇرغۇن كىشەنلەر بار ئىدى.ئەقىل قۇۋۋىتىم بۇ كىشەنلەرنى چېقىپ تاشلاشقا ئاجىز ئىدى. شۈكرىكى،بۇ كۆرۈنمەس كىشەنلەر ھەم پاچاقلاپ تاشلاندى.ئىلگىرى دەرۋازا روجەكلىرىدىن غىل-پال كۆرۈنگەن نەرسىلەر،ئەمدى ئېنىق تاشلىنىپ تۇراتتى. ھەر نەرسىىدە بىر ياخشىلىق،خەيىرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەتتىم.
     ئەتراپىمدىكىلەرگە مىھىر كۆرسەتتىم. مېنى بىرەر مەقسىتى بار دەپ قېچىشتى.سۆزلىسەم ئامال بار ياخشى گەپلەرنى قىلدىم. مېنى خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ،دەپ ئويلاشتى بولغاي،ئالدىمدا ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇشتى.ھورۇنلۇق پاتقاقلىرىغا پاتقاندا بولسا،سەمىمىي ئەسكەرتىشلىرىمنىڭ ئىتىبارى بولمىدى.خالىس ئۇزاتقان قوللىرىم ‹خىرىدارسىز› قالدى.خۇددى ئۇلارنىڭ پاتقاقلاردا ياشىشى نورمال ئىشتەك، ھىچ ئۆزلىرىگە ئېلىشمايتتى. ئەلۋەتتە، بۇلار ئاز ساندا ،لېكىن بىر تامچە سىياھ بىر قاچا سۈزۈك سۇغا قانھە تىز تەسىر كۆرسەتسە،بۇلارمۇ شۇنداق نەتىجە بېرىپ قالارمۇ، دېگەن ئەندىشىدە ئىدىم... ... قاراڭكى، ئۆزۈمنى قويۇپ،ئۆزگىلەر ھەققىدە .ۇرۇنۇپ يۈرگىنىمنى. بەزىلىرى ئوچۇق قىلىپ ‹بىز كىچىك بالا ئەمەس،ئۆز ئىشىمىزنى ئۆزىمىز بىلىمىز › دېگەن مەنىدە بىشارەت بېرىشتى. ھەي... مەن نىمە ئويدا،ئۇلار نىمە كويدا... ئەپسۇس،ئۇلار شۇخىل ياشاشقا خۇشتار ئىكەن. مەن يەنىلا مەن بولاي، دېدىم-دە،‹ئۆزۈمنى بىلىپ، ئۆزگىنى قوي› دۇم.

                                                 نىيەت خالىس، يولۇم توغرا بولىقىدۇر بەك مۇھىم.
                                                يەك بولساممۇ ئۇشبۇ يولدىن قايتمىغاي بۇ تەن-روھىم.

     مەن ئۆزۈم ئىشەنگەن يولدا ماڭدىم، ئۇلار ھەم.  ھەر قىلغان ئىشىمنى بىراۋلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى رىزايى ئىلاھى ئۈچۈن بولۇشقا تېرىشىپ باقتىم. (ئەپسۇسكى، قۇسۇرۇم بەك كۆپ بولغاچقا تامام بۇنداق قىلغىلى بولمايدىكەن.) خېتىم سەترەك بولسىمۇ، ھۆسىن خەت يېزىشقا ئىشتىياقىم بار ئىدى. ئۇلار يازغان ھۆسىن خەتلىرىمگە قاراپ، ماڭا تەسەللى بەرگىسى كەلدىمۇ، خېتىمنىڭ سەتلىكىنى چاندۇرماي،‹چىرايلىق يېزىپسەن› دوپ قويىشاتتى. ئەمما ئەپسۇسكى، ئاشۇ يېزىلغان خەتنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، مېغىزىنى چېقىپ،ئىچىدىكى تىرەن مەنىلەر لەززىتىنى تېتىشنى ئويلاپ بېقىشمىدى. ئادەمگە سىرتىغا قاراپ باھا بېرىش ئېغىر بولغان بۇ دەۋىردە، بۇ خىل ھالەتتىن ئاغرىنىشقا بولايتتى. مىن يەنىلا ئۆز ئىشىمنى داۋام قىلاتتىم.
     يېتىپ بولماس يىراقتا قالغان ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنى سېغىنىپ، غۇبارسىز بالىلىقىمنى ئەسلەپ ئۆزۈمنى خوش قىلاتتىم. ۋاقىت كېتىپ باراتتى.ھاياتىم مىسالى كىنو لىنتىسىدەك بىر تەرىپى يۆگىلىپ، يەنە بىر تەرىپى ئازلاۋاتاتتى. مەنزىلگە كۈنسىرى يېقىنلاۋاتاتتىم.مەنلا ئەمەس، ھەممىمىز يېقىنلاۋاتىمىز،ئەلۋەتتە.
     ‹نىمىلەرنى يىزىۋاتىدۇ بۇ؟› دەپ تەئەججۈپلىنىپ قالماڭلار. پەقەت قەلبىم نىمىنى ئەمىر قىلسا،قەلىمىم شۇ بويىچە يېزىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. قەلەم ئەنە شۇنداق بەزىدە شەخىس ئىرادىسىگە،ئەقلىگە باقمايدىكەن. شۇڭا كاتتىلارنىڭ ئۇنى ئاساۋ ئاتقا ئوخشاتقان بولسا كېرەك.
                                                    ئەي قەلەم ،ئەركە تۇلپار سەن،
                                                    كۆڭۈلگە تابىئىم بولغىن.
                                                    ھارام، ناھەق كۆپ زامانلار بۇ،
                                                    ھالالغا شاھىدىم بولغىن.
     دىنىمىزنىڭ، ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن جامائەتچىلىكنى، دوست-بۇرادەرچىلىكنى، قېرىنداش- ئۇرۇقچىلىقنى ئالاھىدە ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى، مانا ئەمدى مۇشۇ مۇساپىرچىلىقتا، يالغۇزچىلىقتا بارا-بارا چۈشۈنۈشكە باشلىدىم. ‹يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس› دەپ يالغۇز ھالدا قىلغانلىرىمنىڭ بەرىكىتى بولمايۋاتاتتى. ھايات باياۋانلىرىغا تەمتىرىمەي ئات سالغان ئىدىم، ئەمما تىزلا چاڭقاق چۆللىرىدە ئېزىپ قالدىم.
     ھەئە، ئېزىپ قالدىم. ئەتراپتا بىخۇدلاشتۇرىدىغان شەيئىلەر تولۇپ تۇرۇپتۇ، بۇ ئاجىزلىقىمدا ئازمايمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. كۈنلەر بۇرۇقتۇرمىچىلىقتا ئۆتتى. نىمىنى قىلىپ. نىمىنى قويۇشنى بىلەلمەي يۈردۈم. زىمىستان كەلدى، تولىمۇ ئايانچلىق بىر مەزگىلنى ئۆتكەزدىم. نىشانىنى يۈتتۈرۈپ قويۇش، غاپىللىق پاتقىقىغا پېتىپ قالمىغان ھەرقانداق ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ ئېغىر كېلىدىكەن. بىر-بىرىدىن ۋەزىنلىك سۇئاللار يەلكىڭىزنى باسقاندا، ئۆزىڭىزنى ئوڭشىۋىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، تەمتىرەپ مۈدۈرگىنىڭىزچە يىقىلىپ قالىدىكەنسىز. يىقىلغىنىڭىزنى بىراۋلار كۆرمەيدىكەن. چۈنكى يىقىلغىنى ۋۇجۇدىڭىز ئەمەس، قەلىب سارىيىڭىزنىڭ بىر تۈۋرۈكى ئىكەن... ... شۇ يېقىلغانچە قانچىلىك يېتىپ كەتكىنىم ئېنىق ئەمەس. ئۆزۈم تولىمۇ زەئىپ، قايتا تۇرۇشقا مادارىم ھەم جاسارىتىم يوق. پەقەت بىرەرلىرى كېلىپ مېنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قۇيار، دەپ تەمە بىلەن ياتتىم.  كىچىكلىرىمىزدە يەرگە ئۆزۈمىزنى تاشلاپ بىر يىغلىساق، دېگەن ئىشىمىز تەل بولغاندەك، خۇددى شۇ كەبى كۈنلەر كېلىشىنى كۈتتىم.
                        
                                                        ئۆتەر كۈن بىقۇۋۇللۇقتا،
                                                       زەئىپتۇر،تەندە دەرمان يوق،
                                                       جاھان تۈن،غۇۋا ھەر نە،
                                                       يورۇتقان ماھى-تەبان يوق.

     ئەزىزلەر،كۆڭۈل ئاسمانىمدىكى قوياشنى يۈتتۈرۈپ ،زۇلمەتكە مەھكۇم بولىۋىدىم،زىيا نىمە ئىكەنلىكىنى، قوياش نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. مۇھتاجلىقىم،يالغان-ياۋىداققا،مەنلىك-كىبىرلىككە ئورۇن قويمىغاچقا، مېنى ھەققە دەۋەت قىلدى.ئىھتىياجىمنى كۆرسەتتى. بىلدىمكى،ئىھتىياجىم يەتتە تاغنىڭ كەينىدە  ئەمەس ،بەلكى كۈز ئالدىمدىكى تەبىئەتتە،ئىنسان بىلەن مەخلۇقنىڭ،غاپىل بىلەن ئاقىلنىڭ پەرىقىنى بىلىشتە ئىكەن.
     ئاز كۈندىن كېيىن،قوياشىمنى كۆردۈم. قىش كەتتى(ئىنشائاللا)،باھار كەلدى.كۆپ جانىۋارلار قىشتا ئۆلۈپ، باھاردا تىرىلگەندەك، مەنمۇ قايتا ھاياتلىققا ئىرىشتىم،‹قايتا تۇغۇلدۇم›.كېچىكىپ كەلگەن باھار بولدى، دەپ ئويلىدىم.لېكىن مىڭ مەرتىۋە شۈكرى... ... ...
     گەرچە شۇ داۋالغۇشلار بىلەن،ئېزىقىشلار بىلەن يىل ئاخىرىغا ھوسۇلسىز كېلىپ قالدىم. ئەمما مەنىۋى ھاياتىم يىل ئاخىرىدا ئەمەس، ئەمدى باھارنى كۈتىۋالدى دەپ ئويلىدىم -دە،يەنىلا ئۆتكەن بۇ يىلدىن خۇرسەن بولدۇم. مۇھتاجلىقىنى ئۇنۇتماي، ھەقىقىي ئىھتىياجىنى بىلىپ ياشىسا،قەھرىتان سوغۇق، سەرتان ئىسسىقلارمۇ كىشىگە ئارتۇقچە زىيان سالالمايدىكەن. مۇھىمى مۇشۇ دە . ئىنشائاللا، ‹ئىلىم دېھقانچىلىقىم›مۇ بۇ يېڭى يىل ئەتراپىمدىكى تىرىشچان قېرىنداشلارغا ئوخشاش ئىگىمىزنىڭ مەرھىمىتىدىن بىنىسىپ بولماس، خەيرىلىك سۆزلىرىم خەيرىلىك ئىشلارغا بىشارەت بولۇپ قالار.
                        
                                          خۇشالمەن،كۆپ ھاياجانمەن، خەستە دىلغا داۋا تاپتىم.
                                          يىلىم باشىدا شادمان مەن، ھاياتقا جۆر ناۋا تاپتىم.
                                          تەئەججۈپ ئەيلىمەڭ، قۇشتۇم، قەپەستىن زور ساما تاپتىم.
                                          بابۇر كۆڭلۈمگە غەمخانە،ئىسسىتقۇچى لاۋا تاپتىم.

   

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

UID
18315
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
55
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 14:24:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ چىقتىم ،،،،،،،رەھمەت.....

تىرىشچان ئەزا

تەپەككۇرسىز ھاي

UID
16297
يازما
22
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
382
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 17:07:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز، بىزلەر توختىماستىن ماددىيلىقنى قوغلىشىپ مەنىۋىيتىمىزنى يوقىتىۋاتىمىز. مەنىۋىي قاغجىراش ئاخىرى قەلىب خانىلىرىمىزنىڭ پاكلىقىنى نابۇت قىلىپ، ھەممىمىزنى چۆل باياۋانغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئەتىراپىمىزدا نورغۇن قىرىنداشلىرىمىز ئايلىنىپ يۈرىيدۇ،بىراق دات باسقان قەلىبلىرىمزگە بىر-بىرىمىز سىغمايمىز! شۇڭا بىز نەدىلا بولساق غىرىپلىق، دەت-ئەلەم ھەمراھ.....

UID
15387
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2011-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىشلەتكەن تىلىڭ بەك گۈزەل چىقىپتۇ.بۇرۇنقىدىن كۆپ ئىلگىرلەپسەن.
                                                                                              دوستۇڭ(دۇنيا)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش