تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 782|ئىنكاس: 9

كروران،لۇلەن(楼兰) ھەقىقىدە قىسقىچە مۇلاھىزە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
21220
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-12-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 00:19:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كروران،لۇلەن(楼兰) ھەقىقىدە قىسقىچە مۇلاھىزە ۋە دەسلەپكى ئېنىقلىما
                   تۇرسۇن بەكرى
كروران دىگەن بۇ ئاتالغۇ 1900-يىلى لوپلۇق ئۆردەكنىڭ لوپ چۆللۈگىدىكى نامەلۇم خارابىلىككە بېرىپ قېلىشى ۋە كىيىنكى يىلى ئۆردەكنىڭ يول باشلىشى بىلەن شېۋىتسيىلىك دوكتۇر ئىكىسپدېتسىيىچى سېۋىن ھىدىن بۇ خارابىلىلىك رايونىدا تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يىغىۋېلىنغان پۈتۈكلەردە ئۇچرىغان كارۇشتىچە «كروراينا»دىگەن  ئاتالمىغا ئاساسەن ، لوپ چۆللۈگىدىكى بۇ خارابىلىقنى «كروران» دەپ بىكىتتى.شۇندىن تارتىپ پۇتۇن دۇنيادا «كروران» قىزغىنلىقى قۇزغالدى.نۇرغۇن ئىكىسپىېدېتسىيىچىلەر ، ئارخولوگلار،بۇجاينى قېدىرىپ تەكشۇرۇش ئارقىلىق بىر قىسىم كارۇشتىچە يېزىق ماتىرياللىرىنى يىغىۋالدى،ھەمدە تەتقىقات دەللىلەش ئىشلىرىنى قانات يايدۇردى ،يىغىۋېلىنغان پۈتۈكلەر ئىچىدىكى «كروراينا»دىگەن ئاتالمىنى لوپلۇق ئۆردەك تەسادىبى بايقىغان خارابىلىك شۇ .بۇ جاي دەل قەدىمقى «كروران» شىەھىرىدۇر دەپ بىكىتتى..تەكشۇرۇش دەلىللەشلەر بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇلۇپ قالمىدى،بۇلۇپمۇ 80-يىللاردىن بۇيان ئىلىمىز ئارخولوگلىرى بۇ سىرلىق «كروران» ھەققىدە لوپ چۆللىگىدە نۇرغۇن قېتىملاپ ئىكىسپېدىتسىيە ۋە ئارخولوگىيىلىك تەكشۇرۇشلەرنى ئېلىپ باردى.ئىلىمىز ئارخولوگلىرىمۇ  ئىلگىرى چەتئەللىكلەر تەرىپدىن«L.K» دەپ نام بىرىلگەن شۇ ئەتراپدىكى قەدىمقى خارابىلىقلارنى كروران دۆلىتىنىڭ پايتەخىت شەھىرى دەپ قاراپ،  شۇ  ئاساسىدا لوپ چۆللۈگىگە تەۋە «كروارن » دەپ ناملانغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى  بۇ قەدىمقى دۆلەتنىڭ زېمىن تەۋەلىكىنى ئىلىمىز تارىخنامىلىرىدىكى بايانلارغا ئاساسەن دەسلەپكى قەدەمدە  قىياسەن بىكىتپ، بۇ ئاتالمىش شۆھرەتلىك دۆلەتنىڭ ، سىياسى، ئىقتىسادى ،مەدەنىيەت مەركىزى بولغان پايتەخىت شەھىرىنىڭ ئورنىنى چاقىلىق ناھىيەسىگە تەۋە، لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى «L.K» خارابىلىكى تەۋەسىدىكى خارابىلىقلاردۇر  دەپ قاراپ كەلدى..ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تارىم ئويمانلىقى ئارخولوگىيىسى ۋە ئىكىسپېدىتسىيە پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ ، لوپ چۆللۈگىدە تا ھازىرغىچە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ 30نەچچە ئورۇندا قەدىمقى «كروران» دەپ ئاتالغان خارابە-قەبرىستانلىقلارنى تېپىلدى. شۇنىڭ بىلەن تارىختا  مىلادىدىن ئىلگىرىلا شۆھرەت قازىنىپ ،جەنۇبى تارىم ئىيتەكلىرىدە سەلتەنەت سۈرۇپ، سىرلىققىنە غايىپ بولغان «كروران»نىڭ ھەققى ئورنى ۋە پايتەخت شەھەرى زادى قەيەردە؟ دىگەن ئەجەللىك سوئال ۋە يېڭىچە بايقاشلار ئوتتۇرىغا چىقتى.دەر ۋەقە، چەتئەللىك سىۋېن ھىدىن قاتارلىقلار بايقىغان ئاتالمىش  «L.K» خارابىسى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم خارابىلار ھەم كىيىنچە بايقىلىپ ئالاھىدە داغدۇغا قوزغىغان«يىڭپەن قەبىرىستانلىقى»،«كىچىك مۆرەن قەبرىستانلىقى»، يەنە يېقىندا بايقالغان« جۇ بىڭ شەھرى قەبرىستانلىقى»....قاتارلىقلاردىن  تېپىلغان ئارخولوگىيىلىك ماددى پاكىتلار قەدىمقى تارىم ۋادىسىنىڭ چۈمپەردىسىنى ئېچىپ ،بىزگە ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەرگەن بولسىمۇ،ئەمما بۇ  تېپىلمىلار كروران قەدىمقى شەھىرىنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە نۇرغۇن گۇمانى  سوئاللارنى مەيدانغا چىقاردى.  بۇلۇپمۇ  تاكى ھازىرغىچە لوپ چۆللۈگىدىن ئارقا ئارقىدىن بايقالغان خارابىلار ھەمدە جەنۇبى تارىم ئىتەكلىرىدىن ئىلگىرى كىيىن يىغىۋېلىنغان پۈتۈك-يېزىق يادىكارلىقلىرىنىڭ تەتقىقات تېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ قولغا ئېلىنىشى، تەتقىق قىلنىشى، ئوقۇپ دەللىلىنىشى«كروران» دەپ ناملانغان بۇ قەدىمى يۇرتنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە يېڭىچە ئېنىقلىمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىلىمىزنىڭ تارىخ جۇغرافىيەگە ئائىت قەدىمقى ۋەسقىلەردە تارىم ۋادىسىدىكى قۇمغا كۈمۈلگەن قەدىمى يۇرتلار ھەققىدە بايانلار ئۇچرىسىمۇ،بۇ يۇرتلارنىڭ كۇنكىرىت ئورنى،نامى ھەققىدە مۇجمەللىلكلەر كۆپ. چەتئەللىك سىۋېن ھىدىن ، سىتەيىن، بىكمان....قاتارلىقلاردىن باشلاپ،ئىلمىزنىڭ تارىخ،ئارخولوگىيە تەتقىقاتىدىكى بايانلاردا تاھازىرغىچە ئومۇمەن «كروران» دۆلىتىنىڭ مەركىزى شەھىرى لوپنۇر كۆلىنىڭ  غەربى قىرغىقىدا دىيىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كرورانغا ئائىت يېزىق ئىسپاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قەدىمىقى ئەندىرە، نىران(نىيە)،مازار تاغ، قارا دۆڭ ، يۇمىلاق قۇم،داندان ئۆيلۈك،.. قاتارلىق خارابىلاردىن تېپىلدى. ھازىر كروران دىيىلۋاتقان لوپ چۆللۈگىدىن تېپىلغانلىرى20% گە يەتمەيدۇ.شۇنىڭغا ئاساسەن يېقىندىن بۇيان ئىلىمىزنىڭ بىر قىسىم ئارخولوگ،ئالىم مۇتەخەسسلىرى« كروران» دىيىلۋاتقان بۇ قەدىمقى يۇرت بەلكىم قەدىمقى نىران(نىيە) خارابىسىغا ئانچە يىراق بولمىغان،ئۆز ۋاقتىدىكى قاتناش قورالى بولغان تۆگە بىلەن بىر قانچە كۇندە يىتىپ بارالايدىغان جايدا بۇلىشى مۇمكىن دىگەن پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.يەنە بىر قىسىم ئالىم مۇتەخەسلەرر يېقىندا بايقالغان ئاتالمىش«جۇبىڭ قەدىمقى شەھىرى» ۋە ئىلگىرى بايقالغان« كىچىك مۆرەن قەبرىستاىلىقى» ۋە شۇ ئەتراپدىكى خارابە ئىزلار نىڭ جايلىشىش ئورنىغا ئاساسەن «كىروران» قەدىمقى شەھىرى بەلكىم ئارغان دىگەن جايدا بۇلىشى مۇمكىن دىگەن پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلىمىز نىڭ داڭلىق بۇدداھشۇناسى، شۇەنزاڭنىڭ «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرلىرىدە غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» دىكى ھىندىستاندىن ۋەتەنگە قايتىش سەپىرى  ھەققىدىكى بايانلىرىدا::.«  مىلادى644-يىلى ياز ئايلىرىنىڭ باشلىرىدا ئۇدونغا(خوتەنگە) يىتىپ كەلگەنلىكىنى،سەپەر جەريانىدا كىشا(قەشقەر) ئىلىدىن شەرق جەنۇبقا مېڭىپ،ئىگىز قۇم بارخانلىرىدىن ئۆتۇپ،چىنجۇ(قاغىلىق)ئىلىگە كەلگەنلىكىنى،ئۇدون ئىلىنىڭ شەرقى قەلئەسىنىڭ غەربىگە50-60چاقىرىم كىلىدىغان يول بۇيىدىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسى كۆچمە قۇم بارخانلىرى ئىكەنلىكىنى،قەلئەنىڭ شەرقى جەنۇب تەرىپىگە يۇز چاقىرىمچە يەردە قۇرۇپ كەتكەن دەريا ئېقىنى بارلىقىنى،قەلئەنىڭ شەرقىدە 300 چاقىرىمچە كىلىدىغان پىمۇ (كرىيە) شەھەرىنىڭ  شەرقى شىمالىدا، رىۋايەتلەردىكى قۇمغا كۈمۈلگەن كروران شەھەرنىڭ بارلىقىنى،داۋاملىق شەرققە قاراپ ماڭغاندا قۇملۇقتا خاراپ بولغان نىنا(نىيە) ئىلى بارلىقىنى، مۇشۇ قۇملۇق بىلەن سەپەرنى داۋام قىلسا،ئەندىر( نىيەنىڭ شەرقىدە)،چالمادانا (چەرچەن) ،ناپۇپو(لوپ كۆلىنىڭ غەربى قىرغىقىدا) قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ خارابىسىگە  بارغىلى بۇلىدىغانلىقى ....» خاتىرلەنگەن. يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان شۇەنزاڭنىڭ يۇقارقى بايانلىرىدا قەلەمگە ئېلىنغان رايوندىكى نىيە،ئەندىر،داندان ئۆيلۈك،قارا دۆڭ، يۇمىلاق قۇم،مازار تاغ... قاتارلىق قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن قەدىمقى شەھەر خارابىلىرىدىن  ئاتالمىش «كروران»گە ئائىت قەدىمقى يېزىق ئىسپاتلىرى(پۈتۈكلەر) كۆپلەپ تېپىلماقتا.بۇلۇپمۇ نىيە ۋە ئەندىر خارابىلىرىدىن تېپىلغانلىرى كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە يېزىق پۈتۈكلىرى كۆپلەپ تېپىلۋاتقان رايون قەدىمى بوستانلىق دىلتا رايونى بۇلۇپ بۇ جاي تارىختا تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبى بۇرجىگىدىكى قۇمغا كۇمۇلگەن قەدىمى شەھەر-راباتلار زىچ جايلاشقان رايون ئىدى.. بۇ رايوندا ئەندىر خارابىسى،نىيا خارابىسى،دەندەن ئۆيلۈك خارابىسى،مەلىكە ئاۋات خارابىسى،ئاق سىپىل قەدىمى شەھەر خارابىسى،يۇمىلاق قۇم قەدىمى شەھەر خارابىسى، قارا دۆڭ خارابىسى،،مازار تاغ خارابىسى....قاتارلىقلار بۇلۇپ( يۇقارقى جاي ناملىرى تارىم مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان قەدىمقى يۇرتلارنىڭ ھازىرقى ئاتىلىشى بۇلۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ناملىرى ھەققىدە ئۇچۇرلار يوق.) ،مىلادىدىن ئىلگىرى ۋە مىلادىدىن كىيىن(تەخمىنەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىغىچە) بىر-بىرىگە  تۇتاش كەتكەن بوستانلىقلار ئىدى.بۇ خارابىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىلىمىز نىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىگىچە ئالاھىدە گۈللەنگەن،شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم«بوستانلىق يولى» ئىدى.بۇ يول  ئارقىلىق شەرقنىڭ  سەيياھلىرى،  دىپلوماتلىرى سودىگەرلىرى،تارىم ۋادىسىنىڭ مەشھۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولغان كىرىيە،خوتەن، يەركەنت ،كۇچا ، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا قاتناپ تۇراتتى.شۇڭا يېقىنقى زامان ئارخولوگلىرى،ئىكىسپېدىتسىيىچىلىرى لوپ چۆللۈگىدىن ئارقىمۇ-ئارقا بايقالغان قەدىمقى خارابە ۋە قەبىرلەر توپلىرىغا قارىتا مۇھاكىمە يۇرگۇزۇپ -1901يىلىلىرىدىن باشلاپ سىۋېن ھىدىن  قاتارلىقلار تەرىپىدىن لوپ چۆللىگىدە بەلگە قۇيۇپ مۇقىملاشتۇرغان خارابىلار ھەم  يېقىندا بايقالغان قەبرە-خارابىلانىڭ جايلىشىش ئەھۋالى ۋە قېزىۋېلىنغان ئارخولوگىيىلىك ماددى پاكىتلار ۋە تارىخى خاتىرلەردىكى مۇجمەللىكلەرگە ئاساسەن بىر ئەسىردىن كۆپرەك ھۆكۇم سۇرگەن ئاتالمىش«كروران قەدىمى شەھرى» نىڭ ئورنى مەسىلىسىدە ئۆزلىرىنىڭ گۇمانى قاراشلىرىنى ئۇتتۇرىغا  قۇيۇپ، لوپ چۆللۈگىدىكى سىۋېىن ھىدىن قاتارلىقلار بىكىتىپ قەلەمگە ئالغان بىر قانچە ئورۇندىكى خارابە ۋە قەبىرىستانلىقلارنى قەدىمقى كروران شەھىرى ئەمەس. كروران بەلكىم قەدىمقى بوستانلىقلاردىن كىرىيە ۋە نىيا نىڭ شەرقى شىمالىدا بۇلىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.. شۇڭا مىنىڭچە،جەنۇبى تارىم ئىتەكلىرىدىن يىغىۋېلىنغان يېزىق پۈتۈك ئىسپاتلىرىدىكى «كروران» دىگەن بۇ قەدىمى يۇرت ۋە ئۇنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە قايتىدىن دەلىلەش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.چۇنكى يېقىندىن بۇيان  ئىلىمىز نىڭ بىر قىسىم تارىخ تەتقىقاتچىلىرى شۇانزاڭنڭ«ئۇلۇغ تاڭ دەۋردىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى»دىكى «بىمۇ شەھىرىنىڭ شەرقى شىمالدا قۇمغا كۆمۇلگەن 曷劳落加قەدىمقى شەھىرىنىڭ دەل مىلادىدىن ئىلگىرىكى جەنۇبى تارىم ئىتەكلىرىدىكى «كروران» قەدىمقى شەھىرىنىڭ ئورنى ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويدى..مۇتەخەستلەرنىڭ قارىشىچە:«ساياھەت خاتىرىسى»دىكى«曷劳落加 قەدىمقى شەھىرى  مىلادىدىن ئىلگىرى  تارىم ئويمانلىقىدا ياشاپ كەلگەن  چەتئەل  ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تارىخ ماتىرياللىرىدا(塞) «ساك » دەپ ئاتالغان  قەۋملەر قۇرغان شەھەر بۇلۇپ،مىلادى 3-4- ئەسىرلەردىن ئىلگىرىلا ئاللقاچان قۇم ئاستىدا قالغان.تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە بۇ قەدىمى شەھەر ھەققىدە رىۋايەتلەر كەڭ تارقالغان.شۇانزاڭ قۇمغا كۆمۇلۇپ غايىپ بولغان بۇ شەھەر ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بىمۇ( كىرىيە) خەلقى ئارىسىدىكى رىۋايەتلەر  ئاساسىدا قەلەمگە ئالغان.مۇتەخەسلەر بۇ شەھەرنىڭ نامىنى  ساكلارنىڭ «ساكارول » نامىدىن كەلگەن بۇ ئەسلىدە « SAKARORAIMNA » قەدىمقى شەھەرىدۇر.كىيىنكى ۋاقىتلاردا «KRORAIMNA»دەپ ئاتالغان ۋە كىيىنچە  بۇ ئاتالمىدىكى «IMNA» دىكى« m» تاۋۇشىنى قالدۇرۇلۇپ كارۇشتىچە پۈتۈكلەردە«kroraina» دەپ خاتىرلەنگەن  دەپ قارايدۇ.ئەمما ئاتالمىش «كروران» ھەققىدىكى تارىخى بايانلاردا كرورانلىقلارنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ غەربىدىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى بىلەن بولغان تارىخى باغلىنىشىلىرى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ئۇچراتمىدىم.ئىلىمىزنىڭ غەربى دىيار ھەققىدىكى ۋەسقىلىرى ۋە يېقىندىن بۇيان كرورانشۇناسلىق ھەققىدە ئىزدەنگۇچىلەرنىڭ بايانلىرىدا كروران (خەنزۇچە لۇلەن) لىكلەرنىڭ تارىختىكى تەۋلىك ئۆزگۇرۇشلىرى پۇتۇنلەي رايونىمىزنىڭ شەرقىدىكى دوڭخۇاڭ،پىچان،قۇمۇل، تۇرپان ،قارا شەھەر...قاتارلىق جايلار بىلەن زىچ باغلانغان.جەنۇبتىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ئىشلىرى ھەققىدە خاتىرلەر يوق.تارىختا ھەر قانداق رايوندىكى مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرى مۇقەرەركى خوشنا رايونلار بىلەن ئۇتۇشمە ھالەتتە راۋاجلانغان، بۇلۇپ يىپەك يولىنىڭ قاتناش تۈگۈنى بولغان ئاتالمىش «كروران» بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبى بۇرجەكلىرىدىن ئارقا- ئارقىدىن بايقىلىپ قېزىۋېلىنغان قەدىمقى زامان شاھىتلىرى بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىسپاتلىرى ئاتالمىش كرورانلىكلەرنىڭ قانداقتۇ ئايرىم مەدەىنىيەت قاتلىمىدا ياشىغان خەلىق بولماستىن بەلكى جەنۇبى تارىم ئىتەكلىرىدىكى خەلىقلەر بىلەن ئورتاق مەدەنىيەت قاتلىمىدا ياشىغان خەلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.شۇڭا نوۋىتى كەلگەندە شۇنداق سۇئال قۇيۇشقا توغرا كىلىدۇكى،لوپ چۆللۈگىدىكى ئاتالمىش كرورانلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرى قەيەردىن كەلگەن؟جەنۇبى تارىم ئىتەكلىرىدىكى تا ھازىرغىچە قۇمغا كۇمۇلۈپ ياتقان قەدىمقى شەھەر-راباتلارنىڭ مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرىچۇ؟ مانا بۇلارنى سېلىشتۇرۇش دەلىلەش ئىنتايىن مۇھىم.بۇنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قۇيۇشۇم،يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم كرورانشۇناسلار لوپ چۆللۈگىدىكى كرورانلىكلەرنى ئايرىم ئىنسان توپى قىلىپ ئايرىپ ئاتالمىش«كروران كىشىلىرى» دەپ ئاتاش مەيدانغا چىقتى. گەرچە كروران دەپ ناملانغان خارابىلاردىن يىغىۋېلىنغان بۈيۈملەر دىكى ئالامەتلەرگە قاراپ ئاتالمىش كرورانلىكلەرنىڭ قەدىمقى  ئۇرپ-ئادەت مەدەنىيىتى  ھەققىدە بىر قىسىم پەرەز-مۇھاكىمىلەر مەيدانغا چىققان بولسىمۇ،  بۇ خىل يۇزەكى دەلىلەشلەر كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ.بۇلارنى ئايرىم بىر ئىنسان توپى قىلىپ كۆرسىتىش تېخىمۇ توغرا ئەمەس.
نۆۋېتى كەلگەندە شۇنى دىمەكچىمەنكى،50-يىللاردا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە تىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان  تىلشۇناسلىرىمىزدىن ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ« چاغاتاي تىلى ۋە خوتەن شېۋىسى» ناملىق ئىلمى ماقالىسىدا خوتەن ۋىلايىتى خەلىقى ئىچىدىكى تىل ئامىللىرىنى تەكشۇرۇپ، خەلىق ئارىسىسدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمقى خوتەن ساك تىلىغا تەۋە قەدىمى يۇرتلاردىن بىر قانچە يۇرت نامىنى قەلەمگە ئالغان.بۇ قەدىمقى يۇرتلار ئىچىدە«كروراينا» دىگەن يۇرت نامىمۇ ئۇچرايدۇ.مىنىڭچە 1901-يىلى چەتئەللىك سىۋېىن ھېدىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن يېزىق-پۈتۈكلەرگە ئاساسەن  پەيدا بولغان «كروران» نامى قەدىمقى خوتەن دىيارىدىكى خەلىق ئارىسىدا مەۋجۇت ئىدى دەپ قارايمەن. بۇنىڭغا ئىسپات تەرىقىسىدە ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدە ساقلىنىپ قالغان قەدىمقى يۇرت ناملىرىدىن «پىشانما- پىيالما-پىشەن، ،قۇستانا، ھامگۇيا، زامگۇيا  لاسگۇيا ،گۇلاخما،گۇما ،كرانا،نىريانا، ،...» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.دىمەك،ئاتالمىش« كروران »دىگەن بۇ نام خوتەن خەلىقى ئارىسىدا مەۋجۇت، شۇنداقلا خوتەنلىكلەرگە ئەزەلدىن تۇنۇش ئىكەنلىكى مەلۇم بۇلىدۇ.يۇقارقى تىل ئامىللىرىگە ئاساسلانغاندا،بەلكىم ئاتالمىش «كروران»دىگەن بۇ قەدىمى يۇرت خوتەن ۋىلايىتىدىكى قۇمغا كۈمۈلگەن قەدىمى يۇرت-راباتلارغا يېقن جايدا بۇلىشى ئىھتىمال. يېقىنقى يىللارردىن بۇيان بىر قىسم «كرورانشۇناسلار» لوپ چۆللىگى نامىدىكى «لوپ» ئاتالمىسىغا قاراپلا،خوتەن ۋىلايىتىدىكى لوپ ناھيەسى ئاھالىسىنى كرورانلىكلەر(لوپ چۆللۇگىدىن كۆچكەنلەر) دىگەن پىكىر ئېقىمنى پەيدا قىلدى.لوپ چۆللىگىدىكى كرورانلىكلەر (لوپلۇقلار) خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپقا كۆچكەنمۇ ياكى لوپ ناھيەسىدىكى ئاھالىلار لوپ چۆللىگىدىكى ئاتالمىش«كروران»غا كۆچكەنمۇ؟ نىمىشقا «كروراينا» دىگەن بۇ قەدىمى نام خوتەن خەلىقى ئارىسىدا قەدىمقى يۇرت ناملىرى قاتارىدا ھازىرغىچە ساقلانغان؟ بۇنى دەلىلەش لازىم.چۇنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلىمىز جۇغرافىيە ئالىملىرى قەدىمقى كېرىيە دەرياسىنىڭ  تارىختا تارىم دەرياسىغا قۇيۇلغانلىق ھەققىدىكى ئىسپاتىنى تېپىپ چىقتى. دىمەك قەدىمىدە كىرىيە نىيا دەرياسىنىڭ تۆۋە ساھىللىرىدىكى  كروران ئاھاللىرى  تارىم دەرياسىنى بويلاپ  شەرققە يەنى لوپ چوللىكىگە كۆچكەن،.كروران نامىنى لوپ چۆللىگىگە ئېلىپ بارغان.

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

UID
19001
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 09:25:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىڭىزغا كىروراننىڭ سىرى ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى ، كىرورەنشۇناس غالىپ بارات ئەرك بىر نىمە دېسە بولغۇدەك ، يازمىڭىزدىن قارىغاندا كىروراننىڭ ئەسلى ئورنى چەرچەندە دىمەكچىدەك قىلىسىز .

UID
13497
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
386
تىزىملاتقان
2011-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-6
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 13:21:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى يوقما،مەزمۇن تېخى تولۇق ئاخىرلاشماپتىكەندۇق.

UID
20919
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2011-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 13:55:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىق ئىشلارغا ئالدىراپ ھۇكۇم قىلىش چوڭ ئەخمىقانىلىق مىكىن دەيمەن.........

UID
21220
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-12-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى تورغا يوللاش جەريانىدا ئۇچ پارچە قىلىپ يوللىغان ئىدىم.باش قىسمىدىكى «ئىلاۋە» توردا  چىقماپتۇ..ئاخرىمۇ ھەم چىقماپتۇ. ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ماقالىنىڭ پۇتۇن قىسمىنى كۆرۇپ ئاندىن پىكىر بايان قىلىشىنى سورايمەن.

UID
21774
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلارئىلمىي ئاساسسى بولمىغان نەرسىلەرنى يوللىماڭلار بولامدۇ؟بېز زادى قايسى توغرىدۇ دەپ گاڭگىراپ قالدىكەنمىز

UID
10525
يازما
133
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3343
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزدىن خوشال بولدۇق ، ئەمما سەۋىيەنىڭ چەكلىكلىگى  ھەم كەسپ ئەھلى بولمىغانلىقىمىز سەۋەپلىك پىكىر بايان قىلىشىمىز ئارتۇقچە دەپ قارايمەن . كەسپ ئەھلىلىرى پىكرىنى قويۇپ باقسا ئۇرتاقلاشساق .......

UID
21900
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كېرېيە دەريا سىنىڭ تۇۋنكى.ئقىنىدكى قەدمقى شەھەر خارابىسىنى كۇرگەن ئۇيەردە شۇنداق يۇغان سىپىللار بارىكەن بۇ سېپىللار نىڭ ئچىدە يەنە بىرقانچە كىچىك ئۇيلەر بار ئكەن سېپىل بەكمۇ ھەيۋەتلك سېپېل ئۇستىدىن بېر ئات ھارۋئسى ماڭالايدىكەن

UID
21998
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرورەندىكى ئىزچىلار دىگەن كىتابنى ئوقۇغۇنۇم يادىمدا لېكىن بۇ يازمىغىا باھا بېرىشنى توغرا تاپمىدىم. نىمىلا دىگەن بىلەن بىر كىتابنى ئوقۇش بىلەنلا ئۇشبۇ يازمىغا باھا بېرىشكە بولماس.

UID
18385
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
206
تىزىملاتقان
2011-12-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەن ئەنە شۇ كىروراندا ئۆسۈپ يېتىلگەن. كروروران ھەقىقەتەن سىرلىق بىر ماكان.ئەمما ئۇ قانچە سىرلىق بولغانچە ئۇنىڭ ئىگىسى كۆپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. كرورانلا  ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى بىر سىر . چۈنكى ، ئۇيغۇر.... ئەنە شۇنداق مىللەت!!!مەن ئۇيغۇرلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش