تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3769|ئىنكاس: 55

شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
613
يازما
144
تېما
72
نادىر
0
جۇغلانما
4581
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 12:17:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش



يالقۇن روزى



«شەرقشۇناسلىق» شېئىرىي تۈسكە ئىگە ئاتالغۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىگە ئىنتايىن يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ نام ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ شەرقىدە ياشىغۇچى ئەللەرنىڭ زىيالىيلىرىغا بەك رومانتىك ئاڭلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە «شەرقشۇناسلىق» مەخسۇس شەرق ئەللىرىگە ئالاقىدار تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تۈرلۈك ئىلىم. ئەمما، شەرق زىيالىيلىرىنىڭ ئىچىدىكى كاللىسى سەگەك، تەپەككۇرى ئۆتكۈر، پەرق ئېتىش قابىلىيىتى يۇقىرى، بىلىمى مول، كۆزىتىشكە ماھىر ئاز ساندىكى سەرخىل زىيالىيلار «شەرقشۇناسلىق» ئىلمىنىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىتىگە تەنقىدىي نەزەر بىلەن قارايدۇ.
ئومۇملاشقان قاراش بويىچە ئېيتقاندا، «شەرقشۇناسلىق» ياۋروپادا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە بارلىققا كەلگەن ئىلىم. 18 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسىيەمۇ بۇ سەپكە قېتىلدى. 300 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئۇ پۈتكۈل غەرب دۇنياسىدا ئومۇملاشقان بىر دۇنياۋى ئىلىم بولۇپ قالدى. شەرقشۇناسلىق ئورگانلىرىدا شەرق خەلقلىرى تىئولوگىيە، پىسخوگىيە، پېداگوگىكا ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسلىرى بويىچە تەتقىق قىلىنىپ، بۇلارنىڭ قانداق شارائىتتا ئاجىزلىشىپ، يەنە قانداق شارائىتتا كۈچىيىدىغانلىقى، زىددىيەتنى قايسى نۇقتىدا تەرەققىي قىلدۇرسا كېڭەيتكىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ناھايىتى روشەن كۆرسىتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپانىڭ شەرق سىياسىتى ۋە تاكتىكىسى مۇشۇ ئىلمىي چۈشەنچىگە ئاساسەن بېكىتىلدى. مۇشۇ جەرياندا ئۇ بىرنەچچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ ئىلىمنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، شەرقشۇناسلار ۋە شەرقشۇناسلىقنىڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى، غەربنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىنى شەرق ئەللىرىدە يىلتىز تارتقۇزۇش ھەم شەرق ئەللىرىدىكى پۇقرالار ئارىسىدا غەربنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن سۆيۈنىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش. بۇ خىل ئالاھىدىلىك مۇنداق ئىككى نۇقتىدا روشەن ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، شەرق خەلقلىرىنىڭ يادرولۇق ئەقىدىسىنى بۇرمىلاش ۋە ئۇلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش. ئىككىنچى، غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئۇلۇغلاش.
شەرقشۇناسلارنىڭ شەرقشۇناسلىقنى ئىپادىلەش شەكلى ئىنتايىن كۆپ خىل. ئۇلار بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدى. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقشۇناسلىق ھەققىدە كىتاب يازدى، لېكسىيە سۆزلىدى، دەرس ئۆتتى، غەربنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەقىدىسىنى تەرغىب قىلدى. تۈرلۈك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇردى. ھەر خىل يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزدى. گېزىت - ژۇرناللارنى نەشر قىلدى. دېمەك، ئۇلار ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردىمى تېگىدۇ، دەپ قارىغانلىكى يولنىڭ ھەممىسىگە ماڭدى.
غەرب ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە قوللانغان قاتتىق ۋاسىتىلىرىنى زاماننىڭ تەقەززاسىغا، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئىسلاھ قىلدى، يېڭىلىدى ھەم تەڭشىدى. بارا - بارا يۇمشاق ۋاسىتىلەر ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتتى. ئەمما، غەربنىڭ نىشانىدا، شەرققە تۇتقان سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى. مانا مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا دۇنيا خەلقى جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى سىياسىي ئەمەلىيەت ۋە ئىدىيەۋى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنى ئەۋج ئالدۇردى. نەتىجىدە، «كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسى» بارلىققا كەلدى. «كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسى»نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن شەرقشۇناسلىقنى كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم قورالى سۈپىتىدە تونۇش ئورتاق قاراشقا ئايلاندى. ھەقىقەتەنمۇ، شەرقشۇناسلىق بىر ئىلىم سۈپىتىدە ئۆز تارىخىدا ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ساپ ئىلىمگە تەئەللۇق بەزى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىياسىي خاراكتېرلىك ئىلىم بولۇشتەك ماھىيىتى ئەسلا ئۆزگەرمىدى. شەرقشۇناسلىقنىڭ بىلىندۈرمەي ئۆزگەرتىش، چاندۇرماي زەھەرلەش ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. شەرقشۇناسلار بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق شەرق مىللەتلىرى ئىچىدىكى ئاممىۋى زىيالىيلارنىڭ ئىدىيەسىنى چالغىتىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا غەرب ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. چۈنكى، شەرقشۇناسلار شەرق ئەللىرىدە ئۆزىنىڭ كىملىكىدىن نومۇس قىلىدىغان ھەم ھەقىقىي ئۆزلۈكىدىن يىرگىنىدىغان بىر ئەۋلادنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي نىشانى قىلغان.
ئىنساننىڭ جىسمىغا ئوخشاش ئىدىيەسىمۇ يۇقۇملىنىۋېرىدۇ، مىللىي كىملىكىمۇ يۇقۇملىنىۋېرىدۇ. يەنى ئادەمنىڭ ئىدىيەسى تەسىرگە ئۇچراۋېرىدۇ. پەقەت ئىدىيەنىڭ تەسىرگە ئۇچراش دەرىجىسىدە پەرق بولىدۇ. شۇڭا، تەتقىقاتچىلار «ئۈچىنچى دۇنيا زىيالىيلىرى يەرلىك مەدەنىيەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە قانداق قىلىپ ئۆزىگە تايىنىش ھەم غەرب مەدەنىيىتىگە روبىرو تۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لازىم» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل قاراش «كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىلىقى»نى روياپقا چىقاردى. روبېرت يان «كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك: تارىخنىڭ يېتەكچىسى» دېگەن ئەسىرىدە يازغاندەك: «كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىلىقى بۇ تارىخىي باسقۇچقا قايتىدىن قاراپ چىقىش، بولۇپمۇ مۇستەملىكىچىلىك ئازابىنى تارتقانلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ قاراپ چىقىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە بولغان ھۇجۇمىنىمۇ ئېنىقلاشتىن ئىبارەت» بۇرچىنى ئۈستىگە ئالغان.
تەنقىدىي روھقا باي كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىلىرى نۇقتىلىق ھالدا شەرقشۇناسلىق ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ باردى. پەلەستىنلىك ئەرەب نەسلىدىن بولغان ئامېرىكىلىق داڭلىق مۇتەپەككۇر ئېدۋارد سەئىد (1935 − 2003) شەرقشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات تارىخىغا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە قايتا بايان ۋە تەنقىد ئېلىپ بارغان كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىسىدۇر. ئۇ 1978 - يىلى نەشر قىلىنغان مەشھۇر ئەسىرى «شەرقشۇناسلىق»تا 1798 - يىلى ناپولېئوننىڭ مىسىرغا بېسىپ كىرىشىدىن باشلاپ بۈگۈنكى زامانغىچە بولغان غەرب ئالىملىرى، يازغۇچىلىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ قانداق قىلىپ شەرققە نىسبەتەن تونۇش، تەسەۋۋۇر ۋە قۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ شەرقنى سىرلىق، قالاق ۋە ياۋايى «ياتلار» دەپ قارىغانلىقىغا تەنقىد يۈرگۈزدى. ئۇ شەرقشۇناسلىققا جەڭ ئېلان قىلىپ، شەرقشۇناسلىق «بىر خىل ئىلمىي تەتقىقات پېنى» بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى «بىر خىل تەپەككۇر شەكلى»، «بىر خىل ھوقۇق ئېيتىم شەكلى» دەپ ھېسابلىدى. ئۇ تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ «شەرقشۇناسلىق − بىر يۈرۈش سۈنئىي بەرپا قىلىنغان نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي سىستېما» دەپ جاكارلىدى. ئۇ غەربنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي تاجاۋۇز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە ئىلمىي بايانلار ئارقىلىق ئۆزىنى قۇراشتۇرىدۇ. بۇنداق بىلىم جاھانگىرلىكى ماھىيەتتە سىياسىي زومىگەرلىككە چېتىلىدۇ، دەپ چۈشەندۈردى.
كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسى جۇڭگوغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ يېتەكچى ئورۇندا ۋە ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىگە ئىچى سىقىلغان جۇڭگونىڭ ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تەنتەنە قىلدى. ئېدۋارد سەئىد، شەرقچىلىق، مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى، مەدەنىيەتنىڭ شالغۇتلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلار قىزىق تېما بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىلىقى مۇشۇ ئاساستا پەيدا بولدى. كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىلىقى خاراكتېر جەھەتتىن غەربنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ئەدەبىياتىنىڭ جاھانگىرلىك بىلەن بىر نىيەتتە ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەرگەنىدى. ئۇ يەر شارىلىشىش دەۋرىدىكى مەدەنىيەتنىڭ شالغۇتلىشىشىغا، ياقا مەدەنىيەت (边缘文化) نىڭ ساداسىغا، كاپىتالىزمنى تەنقىد قىلىش قاتارلىق مەدەنىيەت تەتقىقات مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. جۇڭگونىڭ كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىلىقىمۇ كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. «جۇڭگونىڭ كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىلىقى دېگەندە، جۇڭگو ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ، بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى مەسىلىلەر ئالدىدا بىر قاتار نەزەرىيەۋى تېمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.  20- ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى ۋە 90 - يىللارنىڭ باشلىرىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر جۇڭگو زىيالىيلىرىغا غايەت زور ھۇجۇم شەكىللەندۈردى. بىرلىككە كەلگەن دۇنيا تارىخىدا جۇڭگونىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى قانداق تونۇش، يەر شارىلاشقان كونتېكىستتا جۇڭگو مەدەنىيىتىنى قانداق شەرھلەش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن زامانىۋىلىققا ئۆزگىرىش جەريانىدا غەرب ئىدىيەسى بىلەن يەرلىك تەجرىبە مۇناسىۋىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار ئۆزگىرىش دەۋرىدىكى جۇڭگو زىيالىيلىرى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن ئىبارەت. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھازىر يەرلىك مەدەنىيەتكە قايتىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قېزىش جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى خەنزۇ تىلى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاساسىي پىكىر ئېقىمى بولۇپ قالدى.[1]» شەرقشۇناسلارنىڭ غەرىزى ۋە شەرقشۇناسلىقنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە قايتا تونۇشقا ۋە ئىدراكىي تەنقىد نەزىرىگە ئىگە سەرخىل زىيالىيلار شەرقشۇناسلىق بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەردە قايتا ئويلىنىشقا كىرىشتى. ئىلگىرىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يېڭىباشتىن سوئال قويدى. ئافازىيە كېسىلى (ئوقۇش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يوقىتىش كېسىلى 失语症) گە گىرىپتار بولغان زىيالىيلار ۋە مەدەنىيەت ئۈستىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە، شەرقشۇناسلىقنىڭ زەھىرى بىلەن سۇغىرىلغان ئەسەرلەرنى قايتا باھالاشقا كىرىشتى. ئافازىيە كېسىلى نەزەرىيەچىلىرى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى جۇڭگو ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ غەربلىشىشى ۋە جۇڭگو قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ياقا مەدەنىيەت بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى، دەپ قارىدى. ئۇلار يەنە جۇڭگو ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات نەزەرىيەسى غەربنىڭ بىر يۈرۈش ئېيتىملىرىنى ئارىيەت ئېلىپ مەدەنىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئىپادىلەش ۋە ئوقۇشتىكى ئافازىيە ھالىتىدە تۇرۇپ قالدى، دەپ چۈشەندۈردى. ئۇلار «بىزدە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئېيتىمى، ئۆزىمىزگە خاس ئىپادىلەش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئوقۇشنىڭ بىر يۈرۈش ئىلمىي قائىدىسى يوق [2] » دەپ ئۆكۈنۈشتى.
ئۇنداقتا، بىزنىڭ ئافازىيە ھالىتىدە تۇرۇپ قالغان مەدەنىيەت مۇھىتىمىزدا ۋە مىللىي ئەدەبىياتىمىزدا قانچىلىك خەۋپلىك مەسىلىلەر بار؟ ھېچبولمىغاندا، شەرقشۇناسلىقنىڭ زەھىرى بىلەن سۇغىرىلغان ئەسەرلەر بارمۇ - يوق؟ شەرق مىللەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە.
كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىلىقىنىڭ نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولساق، بۇ ھادىسىنىڭ بىزدىكى ئىپادىلىرىنىڭ ھەممىلا جەھەتتە يوشۇرۇن ھەم ئاشكارا ھالدا دېگۈدەك كۆرۈلگەنلىكىنى بايقايمىز. مېنىڭچە، بىرقەدەر روشەن ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە نەسرىدىن ئەپەندى ئوبرازىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە كۆرۈلۈپ كەلدى. نېمىگە ئاساسلىنىپ شۇنداق دەيمەن؟ گەپنى رۇسىيە يازغۇچىسى لېئونىد ۋاسلىۋىچ سولوۋيوف (1906−1962) نىڭ «نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە» ناملىق رومانىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ روماننىڭ 1959 - يىلى تاشكەنت شەرق ھەقىقىتى نەشرىياتى نەشر قىلغان تۇنجى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى شۇ يىللاردا ئاپتونوم رايونىمىزدا مەلۇم دەرىجىدە تارقىلىپ 60 - ۋە 70 - يىللاردا قولدىن - قولغا ئۆتۈپ ئوقۇلغان. 1982 -  يىلى ئاشۇ نۇسخىسى ئاساسىدا «بەزى ئاتالغۇلىرى ۋە ئايرىم جايلىرى ئۆزگەرتىلىپ» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 30 مىڭ تىراژدا نەشر قىلىنغان- 1989 . يىلى ئىككىنچى قېتىم 9000 تىراژدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىم 5000 نۇسخا بېسىلىپ تارقىتىلغان. دېمەك، بۇ روماننى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خېلى كۆپ تىراژدا نەشر قىلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلغان چەت ئەل رومانى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئادەتتە ئەدىبلەر ئارىسىدىكى سورۇن - سۆھبەتلەردە بۇ رومان «قالتىس قىزىقارلىق»، «تىلى ئاجايىپ گۈزەل» دەپ ماختىلىپ تۇرىدۇ. بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئەسەرنى كۆپ ئوقۇپ قەلىمىنى تاۋلىغانلىقىنىمۇ سۆزلىشىدۇ. ئۆكۈنەرلىكى شۇكى، مەن ھازىرغىچە تېخى بىرەر ئەدىبنىڭ ئاغزىدىن بۇ روماننىڭ مەزمۇنىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكى، ئىدىيەسىنىڭ بىز ئۈچۈن زىيانلىق ياكى پايدىلىق ئىكەنلىكى توغرۇلۇق پىكىر بايان قىلىپ باققانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. لېئونىد سولوۋيوفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ نەزىرىدىكى مەشھۇر خەلق قىزىقچىسى نەسرىدىن ئەپەندى ئوبرازىنى بۇرمىلاپ، خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، شەرقشۇناسلار لايىھەلىگەن ئۇستاتلىقنى قوللىنىپ، شەرقشۇناسلىقنىڭ نىشانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان نەتىجىنى روياپقا چىقارغانلىقىنى ئېزىپ - تېزىپ دەپ تاشلىغانلىقىنى تېخىمۇ ئاڭلاپ باقمىدىم.
شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، كۈچلۈك جاھانگىرلارنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالغان ئاجىز ئەللەر ۋە خەلقلەر دۇچ كەلگەن خىرىس ھەم كىرىزىس ئۆزى ياشاۋاتقان زامان ۋە مۇھىتنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. شۇڭا، ئاجىز ئەللەر ۋە خەلقلەر دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە كىرىزىس ئوخشاش شەكىلدە بولمايدۇ. بەلكى ئۇلار ئۆزىنىڭ بوزەك ئېتىلىش ۋە ئاجىزلىق تارىخىنىڭ ھەر خىل باسقۇچلىرىغا ئاساسەن تۈرلۈك كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا شۇ ئىجتىمائىي توپقا مەنسۇپ زىيالىي شۇ توپ دۇچ كەلگەن كىرىزىسنى ھەرقايسى دەۋردە كۆرۈنگەن تۈرلۈك شەكىلدىكى كىرىزىس بىلەن باراۋەر مەنىدە چۈشىنىپ مۇئامىلە قىلماسلىق لازىم. سەۋەبى، ئاجىز خەلق دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي كىرىزىسنى تۈر ۋە دەرىجىگە ئېنىق ئايرىش ئارقىلىقلا خىرىسقا تاقابىل تۇرغىلى، خەلقنى ئويغىتىش مەقسىتىگە قاراپ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، شۇ خەلقنىڭ ئارىسىدىكى زىيالىيلار ئۆز خەلقىنى ئەجدادلىرى يولۇققان قىسمەتلەرنى سۆزلەش ئارقىلىقلا ئەمەس، مۇھىمى، شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە كىرىزىسنى دەرىجىگە ۋە تۈرگە ئايرىش ئارقىلىق ئويغىتىش مەقسىتىگە يېتىش ئەڭ مۇھىم يول ھېسابلىنىدۇ.
ئومۇملاشقان قاراش بويىچە ئېيتقاندا، ئاممىۋى زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرى − ئىجتىمائىي توپ، سىياسىي، قانۇن، ئىقتىساد، مائارىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە روھىي مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆزىتىدىغان كىشىلەردىن ئىبارەت. يازغۇچى، شائىر، لېكسىيەچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ھەممىسى ئاممىۋى زىيالىيلارنىڭ رولىنى ئوينىغۇچىلاردۇر. ئۇلار رېئاللىقنى ئۆز چۈشەنچىسى ئاساسىدا كۆزىتىدۇ ۋە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇلار مەلۇم دەۋا، ئىدىيە ياكى ھەرىكەتكە، ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممىتىگە ئۆزىنى ئاتىغان بولىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، «ئاممىۋى زىيالىيلار ئۆز فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرالىسا، جەمئىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ. مەسىلەن، ئاممىۋى پىكىرلەرنى رەتكە چۈشۈرۈش ھەمدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ.» ئەپسۇسلىنارلىقى، ئىتالىيەلىك ئانتونى گىرامىش ئېيتقاندەك: «ھەممە ئادەم زىيالىي بولالايدۇ، لېكىن جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم زىيالىيلىق فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلالمايدۇ.» بۇ خۇددى ناخشا ئېيتالىغانلارنىڭ ھەممىسى ناخشىچى، ساز چالالىغانلارنىڭ ھەممىسى سازەندە، تاماق ئېتەلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاشپەز بولالمىغاندەك ئىش. جەمئىيەتتە شىددەتلىك ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقان، كۈچلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئاجىز مەدەنىيەتلەرنى يىمىرىش خاراكتېرلىك خىرىسى زورىيىۋاتقان، مىللىي مەدەنىيەتلەرنىڭ رەڭگى بارغانسېرى ئۆڭۈپ كېتىۋاتقان، مىللىي ئۆزلۈك ۋە مىللىي كىملىك كۈنسايىن ئاجىزلاپ مېڭىۋاتقان، مىللىي ئارزۇ - ئىستەكلەر جاھانسازلىق ۋەسۋەسىلىرى ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان شارائىتتا ئاممىۋى زىيالىيلارنىڭ رولى تېخىمۇ زۆرۈر بولىدۇ. يامان يېرى، ئىچى كاۋاك زىيالىيلار بۇنداق مەجبۇرىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن ھەرگىز چىقالمايدۇ. ئۇلار ساددا مىللەتپەرۋەرلىك قاراشلىرى ئىچىدە گول بولۇپ يۈرۈۋېرىدۇ. شۇڭا خېلى - خېلى خەۋپلىك مەسىلىلەر ئۇلارنىڭ دىققەت - نەزىرىنىڭ سىرتىدا قېلىۋېرىدۇ. بىز لېئونىد سولوۋيوفنىڭ ئەسىرىدىكى زىيانلىق ئامىللارنى ئىخچام بايان قىلىدىغان بولساق، ئۇ مۇنداق ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
بىرىنچى، روماندا بۇخارا ئەمىرى بىلەن ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئەتەي قارىمۇقارشى مەيدانغا قويۇپ تەسۋىرلەنگەن. شەرقنىڭ تارىختىكى يەرلىك خان - پادىشاھلىرى بىلەن ئۇنىڭ پۇقرالىرىنى بىر - بىرىگە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىش، خان - پادىشاھلارنى گالۋاڭ، زالىم، ئەخمەق، ئاچ كۆز، شەھۋەتخور، سېمىز، خوتۇنىدىن قورقىدىغان قىلىپ خۇنۈكلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەش شەرقشۇناسلارنىڭ ئورتاق ئالاھىلىكى. لېئونىد سولوۋيوفنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بۇخارا ئەمىرى ھەم زالىم، ھەم گالۋاڭ. ئۇنىڭ پۈتۈن ھۈنىرى خەلقنى قاقشىتىش، ئۆز خەزىنىسىنى ئالتۇن - كۈمۈشكە تولدۇرۇش. شەرقشۇناسلارنىڭ، بولۇپمۇ شەرقشۇناسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەدىب - سەنئەتكارلارنىڭ قولىدىن چىققان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك شەرقنىڭ خان - پادىشاھلىرى قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ھاماقەتلەر سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ كۆپى دېگۈدەك بۇزۇق، ئەيش - ئىشرەت سارىڭى. شەرقشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە شەرق بىنورمال پىسخىكىغا ئىگە ھۆكۈمدارلارنىڭ ماكانى. شەرق جەمئىيىتى ئىنتايىن ئاجىز جەمئىيەت، ئىدراكتىن خالىي جەمئىيەت. قانۇن - مىزانلىرى ئوڭ - تەتۈر، ئەخلاق ئۆلچەملىرى كۈلكىلىك جەمئىيەت. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىرەر ھەييار خالىغىنىچە ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جەمئىيەت. «نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە» رومانىدا بۇنداق تەسۋىرلەر ناھايىتى كەڭرى. مۇشۇنداق قاراشلارغا ھاماقەتلەرچە ئەگەشكەن ھالدا ئېكرانلاشتۇرۇلغان ئەسەرلەردىن «سىرلىق ئالما» دېگەن تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىمىدىمۇ بۇنداق كۆرۈنۈشلەر كۆپ.
ئىككىنچى، روماندا نەسرىدىن ئەپەندىدىن ئىبارەت ئاۋام ياخشى كۆرىدىغان خەلق قىزىقچىسى مەخسۇس خان - پادىشاھلارنىلا ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. شەرقشۇناسلار شەرق خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئاسىيلىق ھېسسىياتى كۈچلۈك دەھرىي ئەدىبلەر، ئەل ئىچىدىكى ھەق گەپ قىلىدىغان قىزىقچى - ھەييارلار، تار مەنپەئەت قارىشىغا ئىگە قىساسكارلار... دېگەندەكلەرنى ئەتەي كۆپتۈرۈپ، خەلقنى قۇتقۇزىدىغان نىجاتكاردەك، ئەينى دەۋردىكى بىردىنبىر ئەقىللىك، بىردىنبىر قارشىلىق روھى بار قەھرىماندەك كۆرسىتىدۇ. شەرقشۇناسلار ھەم شەرقشۇناسلىقنىڭ نىشانىنى ئۆز غايىسى قىلىپ تاللىغان ئەدىبلەر ئەزەلدىن «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش»، «ئويۇنچۇق بېرىپ ئالداپ ئالتۇن ئۈزۈكىنى ئېلىۋېلىش»، «ياقىنى ئېتەك، ئېتەكنى ياقا قىلىپ قويۇش» قاتارلىق ھىيلە - نەيرەڭلەرنى قوللىنىشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن. «نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە» دېگەن رومان دەل مۇشۇنداق يېزىلغان.
ئۈچىنچى، روماندا نەسرىدىن ئەپەندىنى دىنىي ئەقىدە - پىرىنسىپلارنىمۇ، ئەنئەنىۋى ئەخلاق - ئۆلچەملىرىنىمۇ پىسەنتىگە ئالمايدىغان، خالىغىنىنى قىلىدىغان، مەخسۇس ئەمىرلەرنىڭ ئاياللىرى بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان «نوچى» قىلىپ تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن، ئاپتور روماننىڭ باشلىنىشىدىلا نەسرىدىن ئەپەندىنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ: «پات - پاتلا ئۇنىڭغا قانداقتۇر بىرەر ئىران ئەمەلدارىنىڭ ھەرىمىدە يۇمشاق يىپەك ياستۇقلار ئۈستىدە يېتىپ قېلىشقىمۇ توغرا كېلەتتى. شۇ كېچىسى بۇ ئەمەلدار ساقچىلار ئەترىتى بىلەن تېجىمەل ۋە مۇرتەت نەسرىدىن ئەپەندىنى قوزۇققا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھەممە چايخانا ۋە كارۋان سارايلارنى ئاختۇرۇپ، ئۇنى ئىزدەپ يۈرگەن بولاتتى...» ئاپتورنىڭ يېزىشىچە، بۇ ئاياللار نەسرىدىن ئەپەندىنى يەنە بىر كېچە قوندۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن يالۋۇرىدۇ. ئەمما، نەسرىدىن ئەپەندى ئاجايىپ «نوچىلىق» بىلەن «ياق، مەن ئىككى كېچىنى ئۇدا بىر ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزگەن چاغلىرىمنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ قالدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. تېخىمۇ قالتىس يېرى، بۇ گۈزەل خوتۇنلار ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن «ھېچبولمىغاندا، خوشلىشىش ئالدىدا ماڭا ئۆز ئىسمىڭنى بولسىمۇ ئېيتىپ كەت» دەپ ئۆتۈنىدۇ. نەسرىدىن ئەپەندى: «قۇلاق سال، سەن مەزكۇر كېچىنى نەسرىدىن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزدۈڭ!» دەپ جاۋاب بېرىپ، «ئۆزىنىڭ يىرتىق، سەپەرلەردە يېقىلغان گۈلخانلارنىڭ ئۇچقۇنلىرىدا نۇرغۇن يەرلىرى كۆيۈپ كەتكەن چاپىنىنى كىيىپ، ئاستا چىقىپ كېتىدۇ.» ئەمەلدارنىڭ قەسرىنى ساقلاۋاتقان نەچچە ئونلىغان ئادەملەر خورەك تارتىپ ئۇخلىغىنىچە ئۇنى تۇيمايدۇ. ئۇ شۇ چىققىنىچە ئېشىكىگە مىنىپ بۇ شەھەردىن غايىب بولىدۇ. ئۇ «تاشلاپ چىققان شەھەردە بولسا، ئۇ توغرىسىدىكى خاتىرە ئەبەدىي ياشاپ قالىدۇ. مەنسەپدارلار بىلەن موللىلار ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغانلىرىدا غەزىپىدىن تاتىرىپ كېتىدۇ.» شۇنداق قىلىپ شەھۋەتخورلۇقى «نوچىلىقى» سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن نەسرىدىن ئەپەندى قەھرىمانلارچە ياشاپ، جاھان كېزىپ كېتىۋېرىدۇ. ئۇ ئايلىنىپ ئايرىلغىنىغا 10 يىللار بولغان يۇرتى بۇخاراغا قايتىپ كېلىدۇ. تارىختا «سەمەرقەنت سەيقەلى ئالەم، بۇخارا قۇۋۋىتى ئىسلام» دەپ شۆھرەتلىك نام ئالغان بۇخارا خانلىقىنىڭ ئەمىرى لېئونىد سولوۋيوفنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئۆلۈپ كەتكەن قېرى ئۆچكىنىڭ تېرىسىنى تالىشىپ دەۋاغا كەلگەن ئاكا - ئۇكىلارنىڭ دەۋاسىنى ئايرىپ يۈرىدىغان بىر ئۇچىغا چىققان ئەخمەق ۋە ئىقتىدارسىز، زالىم ۋە ئاچ كۆز ئەمىر قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. بۇخارا ئەمىرىنىڭ ۋەزىرى بۇ ئاكا - ئۇكىلارغا «ئۆلۈپ قالغان ئۆچكىنىڭ تېرىسىنى سويۇۋېلىپ، قۇرۇتۇپ ۋە ئاشلاپ بولغاندىن كېيىن سارايغا ئەكېلىپ، خەزىنىگە تاپشۇرۇش زۆرۈر» دەپ يېنىدا ئەسنەپ ئولتۇرغان ئەمىرگە ۋاكالىتەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. لېئونىد سولوۋيوفنىڭ يېزىشىچە: «ئەمىرلەر ۋە موللىلارنىڭ دۈشمىنى، خەلقنىڭ دوستى» بولغان نەسرىدىن ئەپەندى بۇ ئىش تۈپەيلى بۇخارا ئەمىرىنىڭ زۇلمىنى يەتكۈچە تارتقان خەلق تەرەپتە تۇرۇپ، مۇنداق قوشاق ئوقۇيدۇ:
...
ئەمىر − ئۇ نېمە؟ نىجىس بىر قاپتۇر،
بېشى ئورنىغا قاپاق قاداپتۇر.
قاچان، ئېزىلگەن ۋە خورلانغان ئەل،
ئارام ئېلىپ، بەختلىك كۆتۈرىدۇ بەل؟
چىڭدۇر، كۈچلۈكتۇر ئەمىر دۆلىتى،
كېلىدۇ ئۇنىڭمۇ يوقىلىش پۇرسىتى.
قايغۇلۇق كۈنلىرىڭ يوقىلار، پۈتەر،
يىللارمۇ ئۆتەر، نۆۋەتمۇ كېلەر.
...
بۇخارا ئەمىرىنى ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى ياكى قابىلىيىتى يوق ھالەتتە تەسۋىرلىگەن لېئونىد سولوۋيوف نەسرىدىن ئەپەندىنى ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىدىكى كېچىسى شەھۋەتخورلۇق بىلەن بولۇپ، كۈندۈزى ئىنقىلاب قىلىدىغان بىر قىسىم رومانتىك قەھرىمانلاردەك تەسۋىرلەيدۇ. بىز ئەتراپىغا بۇخارانىڭ تۆۋەن قاتلام پۇقرالىرىنى يىغىۋېلىپ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىلچىمۇ قورقماستىن ئىسيان قوشىقى ئوقۇۋاتقان نەسرىدىن ئەپەندىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇ كۆزىمىزگە 19 - ئەسىردە فىرانسىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى بىلەن بىر كامېردا يېتىپ ئىنقىلابىي تەربىيە ئالغان ئىنتېرناتسىيونالىزمچىدەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ. نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى مۇنۇ مەدھىيە ناخشىسى مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ زامانىۋىلىققا ۋە ئىنقىلابىيلىققا ئىگە:
...
مەن گاداي، يېلىڭ - يالىڭاچ، خۇشچاقچاق سەرسانمەن،
ياشايمەن ۋە كۈيلەيمەن ھەم ئاپتاپقا قارايمەن.
قىسمەت ئۆزى ساقلىغان، خەلقنىڭ ئامراق ئوغلىمەن،
سۇلتاننىمۇ ۋە ئەمىر ھەم خاننى زاڭلىق قىلىمەن!

ئومۇمەن، لېئونىد سولوۋيوفنىڭ رومانىدىكى نەسرىدىن ئەپەندى ھەم خالىغىنىنى قىلىدىغان شەھۋەتپەرەس نوچى، ھەم يالاڭ ئاياغ ئىنقىلابچى، ھەم زالىم ئەمىرلەردىن قورقمايدىغان مەسخىرىۋاز جاھانكەزدى. شۈبھىسىزكى، بۇ غەلىتە نەسرىدىن ئەپەندى پەقەت لېئونىد سولوۋيوفنىڭ نەسرىدىن ئەپەندىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس! مىڭ يىللاردىن بېرى ئەل ئارىسىدا ساغلام كۈلكىنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلگەن، خان - ئەمىرلەردىن تارتىپ ئاۋام پۇقراغىچە ھەممىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك نەسرىدىن ئەپەندى ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا بىراقلا غەلىتە قىياپەتكە ئىگە قىلىنىپ، ئەمىرلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان. ئەمەلىيەتتە، ئاناتولىيەدىن قومۇلغىچە بولغان بىپايان زېمىندا ياشايدىغان ئوغۇز تۈركلىرى تۈركۈمىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ نەزىرىدە نەسرىدىن ئەپەندى تامامەن باشقىچە ئوبراز. ئۆز خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى نەسرىدىن ئەپەندىنى قوبۇل قىلغان خەنزۇ مۇتەخەسسىسلەر تۆت توملۇق «جۇڭگو ئۆسمۈرلەر قامۇسى»نىڭ «مەدەنىيەت . سەنئەت» قىسمىدا «ئەقىل - پاراسەتنىڭ سىمۋولى − نەسرىدىن ئەپەندى» دېگەن ماۋزۇ بىلەن ئۇنى تونۇشتۇرۇپ: «نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ نامى ئىسلام دۇنياسىغىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگودىمۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق، كىشىلەر ئۇنى ئەقىل - پاراسەتنىڭ سىمۋولى، دەپ بىلىدۇ... نەسرىدىن ئەپەندى ئەسلىدە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ئىلاھىيەتشۇناستۇر. شۇنداقلا ناھايىتى بىلىملىك، يۇمۇرلۇق، قىزىقچى، دۇرۇس، ئاق كۆڭۈل، ھەققانىيەتچى ئالىمدۇر[3] » دەپ تەرىپلىگەن.
ھەممىگە ئايانكى، «چار رۇسىيە كېڭەيمىچىلىك ئارقىلىق زېمىن دائىرىسىگە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىكى ھەر خىل خەلقلەرنى قوشۇۋالغان. يېڭىدىن قولغا كىرگۈزگەن زېمىندىكى خەلقنى ۋە ئۆزىنىڭ كەڭ ئىشغالىيەت پاسىلىغا يېقىن جايلاردا ياشايدىغان خەلقلەرنى چۈشىنىش بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغانىدى.[4]» شۇنىڭدىن كېيىن شەرق خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش چار رۇسىيەدە زور قىزغىنلىق بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇنداقتا، لېئونىد سولوۋيوف نېمە ئۈچۈن نەسرىدىن ئەپەندى ئوبرازىنى نەسرىدىن ئەپەندىنى قەدىرلەيدىغان يەرلىك خەلقنىڭ قەلبىدىكىدىن تامامەن باشقىچە قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ؟
شۈبھىسىزكى، بۇ قىلمىش ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس! بۇ دەل ئاتالمىش شەرقشۇناسلىق ئىلمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، غەرب ئوتتۇرىغا چىقارغان «شەرقشۇناسلىق» ياكى «شەرق تەتقىقاتى» غەربنىڭ شەرققە نىسبەتەن ئىلمىي جەھەتتىن ئېلىپ بارغان ئېغىشقا ئىگە تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە غەربنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيا، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئەدەبىي ئەسەرلەردە شەرققە تۇتقان، چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن بىر تەرەپلىمە قارىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «شەرقشۇناسلىق»نىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىنسانشۇناسلىق، تىل - ئەدەبىيات قاتارلىق ھازىرقى زامان پەن بىلىملىرى سىستېمىسى بىلەن ياۋروپا جاھانگىرلىكى، يەنى بۈيۈك بىرېتانىيە ئىمپېرىيەسى، چار رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ۋە فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىكى ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەت. شۇڭا، بۇخارالىق مەشھۇر جەدىدىزمچى مۇتەپەككۇر ئابدۇرەئۇف فىترەت (1886 − 1937) ئەپەندى 1919 - يىلى يېزىپ ئېلان قىلغان «شەرق سىياسىتى» دېگەن ماقالىسىدە ياۋروپا جاھانگىرلىرىنىڭ شەرققە قاراتقان سىياسىتى توغرۇلۇق «شەرقنىڭ ئەخلاقىنى بۇزماق، كۆڭلىنى دىنىي ۋە مىللىي مۇقەددەسلىكتىن سوۋۇتماق، شەرقلىقلەر ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چېچىپ بىر - بىرىگە قىلىچ چاپتۇرماق، ئىشسىز، ھۇرۇن، قالاق، ئاچ ۋە يالىڭاچ قىلىپ ئۆزلىرىگە قۇل قىلماق، ياۋاش، ئىتائەتمەن شەرقلىقلەردىن يەر ۋە قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ھەر خىل ھىيلە - نەيرەڭلەر بىلەن تارتىۋالماق، ئاخىرىدا، شەرقلىقلەرنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاستا - ئاستا يوق قىلماق...! رۇسىيە نىكولاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا شۇ تەدبىرلەرنى يۈرگۈزمىدىمۇ؟» دەپ شىكايەت قىلغان. مەشھۇر كېيىنكى مۇستەملىكە تەتقىقاتچىسى، ئەرەب نەسلىدىن بولغان ئەنگلىيەلىك ئالىم زىيائۇددىن ساردېر «شەرقچىلىق» ناملىق كىتابىدا «شەرق نېمە؟ دېگەندە، ئۇ بىر ئۆزگىرىشچان، مەۋھۇم كۆرۈنۈش، شەرق نامەلۇم نەرسە. ئۇ خۇددى يازغۇچىلار، ئەسلىمىچىلەر ياكى خىيالىي كۆزەتكۈچىلەر ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئەكس ئەتتۈرگەن ياكى مۇشۇنداق بولىدۇ، دېگەن نەرسىدۇر» دەيدۇ. ساردېرنىڭ قارىشىچە، شەرقچىلىقنى 11 - ئەسىردىكى ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىدىن باشلاشقا بولىدۇ. مۇشۇ ئۇچرىشىش جەريانىدا غەرب ئۆزىنىڭ شەرق ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى، شەرق ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى باشلىدى. «مۇشۇ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئېتىبارەن غەرب بىر خىل ئۇسلۇبنى، بەزى ئىدىيە ۋە مەشغۇلات ۋاسىتىلىرىنى يېتىلدۈردى ھەم تەرەققىي قىلدۇردى ھەمدە شۇ ئارقىلىق شەرققە مۇناسىۋەتلىك ئىدىيەلەرنى چۈشەندۈردى، تەسۋىرلىدى، قۇردى ۋە قوللاندى.» مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، شەرقشۇناسلىق شەرق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. لېكىن، «شەرقشۇناسلىق ھەرگىزمۇ غەربنىڭ ئېنىق بولغان نىشانغا، يەنى شەرققە سىرتتىن نەزەر سېلىشى ئەمەس.» شەرقشۇناسلىقنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پەقەت ئۈچ نەرسە، يەنى بىرىنچى، غەربنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرى؛ ئىككىنچى، شەرقتىن قورقۇش؛ ئۈچىنچى، شەرق ھەققىدىكى ئارزۇدىن ئىبارەت. لېكىن، غەربنىڭ بۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈشى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، «شەرق» دەپ ئاتالغان ئوبيېكتقا بولغان تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن. غەربنىڭ شەرقنى تەسەۋۋۇر قىلىشى ۋە قۇرۇشى ھەرگىزمۇ شەرقنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەمەس ھەمدە شەرقنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشى ئۈچۈنمۇ ئەمەس. شەرق ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە قۇرۇلما ئارقىلىق غەربنىڭ چۈشەندۈرمەكچى، ئىزاھلىماقچى ۋە ئىسپاتلىماقچى بولغىنى، ماھىيەتتە ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشتۇر. ئېنىق ئېيتقاندا، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈندۇر. ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان يازغۇچى بېنجامىن دىسلىر (1804  − 1881) نىڭ يوپۇتماستىن ئېيتقىنىدەك، غەربلىكلەر ئۈچۈن «شەرق بىر خىل تىرىكچىلىك يولى» ھېسابلىنىدۇ. «ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىن ھازىرغىچە ياۋروپانىڭ كۈچى ئىزچىل ئۈزۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەۋاتقاندا باشقا خىياللاردا بولۇشنىڭ تېخىمۇ ئورنى يوق. ئالىملار، مىسسىيونېرلار، بىلىملىكلەر، سودىگەرلەر ياكى ئەسكەرلەر شۇنىڭ ئۈچۈن شەرققە باردى ياكى شەرق توغرۇلۇق ئويلاندىكى، ئۇلارنىڭ يازغۇسى كەلسە يازالىدى، ئويلانغۇسى كەلسە ئويلىنالىدى، شەرقنىڭ ھېچقانداق توسالغۇسىغا ئۇچرىمىدى. شەرق بىلىملىرىدىن ئىبارەت بۇ باش نىشان ئاستىدا، 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شەكىللەنگەن ياۋروپانىڭ شەرققە قارىتا زومىگەرلىكىدىن ئىبارەت چوڭ كۈنلۈكنىڭ سايىسىدە بىر مۇرەككەپ شەرق ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.[5] » ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ خۇددى كارل ماركسنىڭ «ئۇلار ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ، ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن ئىپادىلىنىشى كېرەك» دېگىنىدەك بولدى. شۇڭا، تەتقىقاتچىلار شەرقشۇناسلىق دېگەن بۇ ئۇقۇم «غەرب» نىڭ «شەرق» نى ئىپادىلەشتىكى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى. بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇزاق تارىخقا ۋە ئىچكى لوگىكىلىق قۇرۇلمىغا ئىگە، دەپ قارىدى. تارىختا غەربكە ئۆزىنى ئىپادىلەپ ئۈلگۈرمىگەن شەرق غەرب تەرىپىدىن خالىغانچە ئىپادىلەندى. شەرققە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان غەرب، جۇغراپىيەلىك ئامىل سەۋەبىدىن ئەڭ دەسلەپ ئىسلامىيەت دۇنياسى بىلەن ئۇچراشتى- 15 . ئەسىردىن بۇيان مەدەنىيەت ۋە پەن - تېخنىكا جەھەتتە گۈللىنىش يولىغا ماڭغان غەرب يەنى ياۋروپا دەل مۇشۇ ئىسلام بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا غەرب ئۆزىنىڭ شەرق ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى. شەرق چۈشىنىش قىيىن، يات ئەل تۈسى قويۇق، شەھۋانىي زېمىن دەپ قارالدى. ئۇ سىرلىق ھېكايىلەرنىڭ ماكانى، رەھىمسىزلىك ۋە ياۋايىلىقنىڭ يۈز بېرىدىغان جايى دەپ چۈشەندۈرۈلدى.[6]
مانا مۇشۇنداق نۇقتىئىنەزەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھاكاۋۇر، ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى كۈچلۈك شەرقشۇناسلار جاھىللىق بىلەن شۇنداق قارىدىكى، «شەرقشۇناسلار بىلەن شەرقلىقلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بولسا، ئالدىنقىسى كېيىنكىسىنى يازىدۇ، كېيىنكىسى ئالدىنقىسى تەرىپىدىن يېزىلىدۇ. ئالدىنقىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېيىنكىسىنىڭ رولى پاسسىپ قوبۇل قىلغۇچى. كېيىنكىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالدىنقىلار كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.» مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىرى يازغۇچى، بىرى يېزىلىش ئوبيېكتى!
مانا مۇشۇنداق قاراشنىڭ ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە 18 - ۋە 19 - ئەسىردىكى ياۋروپادا شەرق ئەللىرىنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش زور قىزغىنلىققا ئايلاندى. شۇ ئارقىلىق شەرق ئەللىرىنىڭ جۇغراپىيەسىنى، تارىخىنى، پىسخىكىسىنى، مەدەنىيىتىنى ئىگىلىدى. ئاندىن بۇنى ئۆزگەرتىش، بۇرمىلاش، زەھەرلەش، قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. تەبىئىي ھالدا بۇ سەپكە ياۋروپا ياكى غەربنىڭ يازغۇچى - شائىر، رەسساملىرىمۇ قاتناشتى. نەتىجىدە، غەربنىڭ سىياسىيسىدا «شەرق مەسىلىسى» ئوتتۇرىغا چىققاندەك، غەرب ئەدەبىياتىدا «شەرق تېمىسى» ۋۇجۇدقا چىقتى. ئەنگلىيە رومانتىزم  ئەدەبىياتى مەزگىلىدە  ئوتتۇرىغا  چىققان يازغۇچى ۋالتىر سىكوت ۋە شائىر بايرون  (1788 − 1824) لارمۇ شەرق تېمىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ئەسەر يازغان. مەسىلەن، بايرون «شەرق داستانلىرى» دېگەن نامدا بىر يۈرۈش داستانلارنى يازغاندىن باشقا، «دون جۇئان» ناملىق شېئىرىي رومانىدا ئىتالىيە دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلغا ئېلىپ بېرىلىپ، سۇلتان ئوردىسىغا سېتىلغان دون جۇئان ئىسىملىك يىگىتنىڭ ھېكايىسىنى تەسۋىرلىگەن. ئەسەردە دون جۇئان سۇلتان ئوردىسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن ھەرەمدىكى توقاللارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ، تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان رۇسىيە ئارمىيەسىگە قاتنىشىدۇ. «دون جۇئان» ئەدەبىيات تارىخچىلىرى تەرىپىدىن «ئۆتكۈر ئىجتىمائىي مەسخىرىگە تولغان ئەسەر» دەپ قارىلىدۇ. دېمەك، بايرون سۇلتان ئوردىسىنى قاتتىق مەسخىرە قىلغان. بايرون ئۆزىمۇ نەشرىيات سودىگىرىگە يازغان خېتىدە «مېنىڭ دون جۇئاننى پۈتكۈل ياۋروپانى بىر ئايلاندۇرۇپ چىقىشىمدىكى مەقسەت، ھەرقايسى ئەللەردىكى مەسخىرە قىلىشقا تېگىشلىك كۈلكىلىك تەرەپلەرنى كۆرسىتىش» دېگەن.
قىسقىسى، «شەرق تېمىسى» غەرب ئەدەبىياتىدىكى بىر ئىزچىللىققا ئىگە ئەنئەنە سۈپىتىدە ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى بىلەن قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى ئەدەبىيات - سەنئەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشتۇر. پاكىستانلىق مۇتەپەككۇر ئىقبال ئەھمەد (1933−1999) نىڭ «ئامېرىكىنىڭ سىياسىي كۈچلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشلارنى ئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئىشقا ئاشۇردى. بەش بۇرجەكلىك بىنا قىلالمىغان ئىشنى ھوللىۋود قىلالىدى[7] » دېگەن ھۆكمى دەل مۇشۇ قائىدىگە چۈشىدۇ. شۇڭا «شەرق تېمىسى» نى يېزىش توختاپ قالمايدۇ. فىرانسىيەلىك يازغۇچى ئەمىن مائالوفنىڭ 1988 - يىلى دۇنياغا كەلگەن «سەمەرقەنت» ناملىق رومانىمۇ دەل شەرق تېمىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن روماندۇر. بۇ روماندا ئوخشاشلا خەلق بىلەن خاننى قارىمۇقارشى مەيدانغا قويۇپ تەسۋىرلەش، خاننى بەتنىيەت، كالتا پەم، ھەسەتخور، خوتۇنىدىن قورقىدىغان قىلىپ يارىتىش، ھاراقكەشلىكنى، ناشايان قىلىقلارنى گۈزەللەشتۈرۈپ كۆرسىتىش خاھىشى، شۇنداقلا شەرق شەھەرلىرىنى ۋە ئۆلىما - ئالىملىرىنى ئۇستىلىق بىلەن خۇنۈكلەشتۈرۈش ھادىسىسى تولۇق ئىپادىلەنگەن.
يۇقىرىقىلارنى مىسال كەلتۈرۈش ھەرگىزمۇ پۈتكۈل غەرب ئەدەبىياتى شەرقشۇناسلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياكى پۈتكۈل غەرب ئەدىبلىرى شەرقشۇناسلارنىڭ جارچىسى دېگەندەك بىر تەرەپلىمە ھۆكۈمنى پەيدا قىلماسلىقى كېرەك. غەرب ئەدەبىياتىدىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىك قىممىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئۇلۇغۋار يازغۇچى - شائىرلار ئاز ئەمەس. مەسىلەن، 19 - ئەسىردىكى فىرانسىيەلىك بۈيۈك ئەدىب ۋىكتور ھىيوگو، 20 - ئەسىردىكى بۈيۈك ئەدىب ژان پوۋېل سارترېلار شەرققە نىسبەتەن يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك روھى ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئەدىبلەر ھېسابلىنىدۇ. ۋىكتور ھىيوگو ئەنگلىيە - فىرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ، نۇرغۇن خانىۋەيرانچىلىق پەيدا قىلىپ مال - مۈلۈكنى بۇلىغان. شۇ ئىش تۈپەيلى ۋىكتور ھىيوگو فىرانسىيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارغا قارىتىپ «كاپىتان بوتلېرغا يېزىلغان خەت» ناملىق مەشھۇر ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلغان. ھىيوگو خېتىدە فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ھۇجۇمىنى شەرەپ ئەمەس، بەلكى قاراقچىلىق دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ ئېنىق قىلىپ «بىز ياۋروپالىقلار ئۆزىمىزنى مەدەنىيەتلىك كىشىلەر دەيمىز. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە جۇڭگولۇقلار ياۋايىلار، لېكىن مەدەنىيەتلىكلەرنىڭ ياۋايىلارغا قىلغان - ئەتكىنى مانا شۇ!»، «مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە فىرانسىيەنىڭ باشقىدىن تۆرىلىپ، ئىچى - تېشىنى قىرىپ - تازىلاپ، ناھەق قولغا كىرگۈزۈۋالغان مال - دۇنيانى بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچرىغان جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ يازغان. سارترې 1964 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. ئۇ رەت قىلىشتىكى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: «مەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھەرگىزمۇ غەرب گۇرۇھىنىڭ مۇكاپاتى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ھازىر ئۇ دەل مۇشۇنداق مۇكاپات ... ئوبيېكتىپ جەھەتتە غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ شەرقتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنىڭ شەرىپى بولۇپ قالدى»، «ناۋادا مەن نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلسام ئاسىي بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن» دېگەن.
مەن يۇقىرىدا تەنقىدلىگەن رۇسىيەلىك لېئونىد سولوۋيوف بولسا ئېنىق ھالدا شەرقشۇناسلارنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان يازغۇچىدۇر. ئۇنىڭ «نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە» ناملىق رومانىمۇ شەرقشۇناسلىقنىڭ روھى بىلەن سۇغىرىلغان تىپىك شەرق تېمىسىدىكى روماندۇر. ئەلۋەتتە، ھېچكىم شەرق تېمىسىدا ئەسەر يېزىش مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ چەكلىمە قويالمايدۇ، ئەمما شەرق تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىچىگە ئۇستىلىق بىلەن سىڭدۈرۈۋېتىلگەن زەھەرلەش خۇسۇسىيىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا، ئۇنىڭغا بىخۇدلارچە مۇئامىلە قىلىشقا، بىلىپ - بىلمەي ئەگىشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، مىللىي ئەدەبىيات - سەنئىتىمىزدە شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە بىلىپ - بىلمەي، ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا دەسسەپ كەلگەن يازغۇچى، شائىر ۋە رەسساملار يوق ئەمەس. بولۇپمۇ نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئوبرازىنى ئەدەبىي ئەسەرلەردە ۋە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدە ياراتقاندا، لېئونىد سولوۋيوفتىن ئاشۇرۇپ بۇرمىلاپ، پۇچەكلەشتۈرۈپ ياراتقان ئەھۋال ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئەختەم ئۆمەرنىڭ 2008 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «نەسرىدىن ئەپەندى» ناملىق كىتابىنى بۇ جەھەتتىكى تىپىك مىسال دېيىشكە بولىدۇ.
مەن ئەختەم ئۆمەرنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2008 - يىللىق 6 - سانىدا ئاسپىرانتلار بىلەن ئۆتكۈزگەن «راست ئىشلارنى يازىمەن» دېگەن سۆھبىتىنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ «<نەسرىدىن ئەپەندى> نى 30 قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىپ بىر يىل يازدىم، ئىشلىتىلمىدى. بىر يىللىق ئەمگىكىم شۇنىڭ بىلەن بىكار بولدى. كېيىن <غېرىب ۋە سەنەم> نىمۇ 35 قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىككى يىل يازدىم، ئۇمۇ ئىشلىتىلمىدى» دېگەن ھەسرەتلىك بايانىنى ئوقۇپ، نېمە سەۋەبتىن ئىشلىتىلمىگەندۇ؟ دەپ ئويلىنىپ قالغانىدىم. شۇ يىلى ئۇنىڭ «نەسرىدىن ئەپەندى» ناملىق 250 بەت چامىسىدىكى كىتابى سېتىلىۋاتاتتى. مەن ئەختەم ئۆمەر بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يازغان سېنارىيە شۇ بولسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلىپ، ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندە بۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇپ باقتىم. ئادەتتە ھەرقانداق ئەدەبىي كىتابقا تىتۇلىدا ياكى نەشر نومۇرى بار بەتتە ۋە ياكى كىرىش سۆز قىسمىدا ژانىرىنى ئەسكەرتىپ قويىدىغان ئادەت بار ئىدى. بۇ كىتابنىڭ ژانىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەنىدى. مەن كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا بۇنىڭ سىرىنى بىلدىم. بۇ ئەسەر بەدىئىيلىك جەھەتتە بەك قوپال، ئەدەبىياتنىڭ ھېچقانداق ژانىرىغا ياكى شەكلىگە چۈشمەيدىغان غەلىتە ئەسەر ئىدى. بايان تىلىدا ھەم سېنارىيە تىلى، ھەم ھېكايە تىلى ئارىلاش قوللىنىلغانىدى. شۇڭا، سېنارىيە دېگىلىمۇ، پوۋېست دېگىلىمۇ بولمايتتى. مەن ئەختەم ئۆمەر بۇ سېنارىيەسى تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلەشكە يارىمىغاندىن كېيىن، قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئاندا - مۇندا ئۆزگەرتىپ بالىلار ئەسىرى سۈپىتىدە نەشرىياتقا تاپشۇرۇپ بەرگەن خالىخۇتتا ئەسەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. روشەنكى، ئەدەبىي ئىجادىيەت بېرىلىپ يېزىش، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىش، مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش، ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئەستايىدىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن ھېچنېمىسى مۇقامغا چۈشمەيدىغان بۇ ئاتالمىش كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ، مەزمۇنىنىڭ پۇچەكلىكى، قۇرۇلمىسىنىڭ چۇۋالچاقلىقى، سۆز - جۈملىلىرىنىڭ خاتالىقى، پېرسوناژلارنىڭ سۈنئىيلىكى، دىيالوگلارنىڭ تېتىقسىزلىكى، ئىجادىيلىقىنىڭ يوق دېيەرلىكلىكى، ئىدىيەسىنىڭ ئەخمىقانىلىقى، خان - پادىشاھلارنى دۆت، لەقۋا، ئەخمەق، خوتۇنپەرەس قىلىپ خۇنۈكلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەيدىغان خاھىشنى تولۇق ئىپادىلىگەنلىكى، ئەڭ يامىنى، باش پېرسوناژ نەسرىدىن ئەپەندىنى لېئونىد سولوۋيوفنىڭ مەخسۇس ئەمىرلەرنىڭ ئاياللىرىنى جۆندەيدىغان «نوچى» نەسرىدىن ئەپەندىسىدىن بەتتەر قىلىپ، كۆرگەنلا قىز - چوكانلارغا چاچراپ يۈرىدىغان ئۇچىغان چىققان شاللاق نەسرىدىن ئەپەندى قىلىپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن ئەختەم ئۆمەر بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يازغان بۇ ئاتالمىش ئەسەرنى ئىككىلەنمەستىنلا نەزىرىمدىكى «ئەدەبىي ئەخلەتلەر» قاتارىغا قوشۇۋەتتىم. چۈنكى، بۇ ئەسەردە ئەختەم ئۆمەرنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتى جەھەتتىكى، تەپەككۇر قۇۋۋىتى جەھەتتىكى، ئەدەبىي دىت جەھەتتىكى، مەسئۇلىيەت ئېڭى جەھەتتىكى، ئىجادىيەت ئەخلاقى جەھەتتىكى، مىللىي ئۆزلۈكنى تونۇش جەھەتتىكى، مىللىي مەدەنىيەتنى چۈشىنىش جەھەتتىكى چېكىنىشى تولۇق ئاشكارىلانغانىدى. مەن بۇ ئەسەرنىڭ كەم - كوتىسىز ئەدەبىي ئەخلەت ئىكەنلىكىنى ھەرقايسى نۇقتىلاردىن بىر - بىرلەپ كۆرسىتىپ بەرسەم ياخشى بولاتتى. لېكىن، «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش» دېگەن ماۋزۇنى يورۇتۇش زۆرۈرىيىتى بىلەن باش تېمىدىن چەتلىگۈم كەلمىدى. شۇنداقتىمۇ ئەينى دەۋرگە ماس كەلمەيدىغان تەسۋىر ۋە سۆز - ئاتالغۇلار، خاسلاشمىغان دىيالوگلار، كېسەل جۈملىلەردىن بىرنەچچىنىلا كۆرسىتىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىۋېلىشىغا سۇننىمەن:

«يول بويىدىكى مەسچىت ئۇدۇلىدىكى كوچىدا پالتا كۆتۈرۈۋالغان بىر كىشى بىلەن ھەرە تۇتۇۋالغان بىر كىشى تالاش - تارتىش قىلىۋاتاتتى. بۇلار ئەپەندىمنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئەپەندىمگە ئەرز ئېيتىپ، بىر - بىرىگە يول قويۇشمايتتى.» (18- بەت)
«پادىشاھ پۇقراچە ياسىنىپ، بىرنەچچە ئەگەشكۈچىلىرىنى باشلاپ خەلق ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن چىقتى.»( 22- بەت)
«− توۋا، پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەگەر بۇ جانىۋارنىڭ سىلىچىلىك ئەقلى بولغان بولسا پادىشاھ بولغان بولاتتى!» (28- بەت)
«− بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقامىغا يەتكەن كالا ئوغرىلىرى، بەگ جانابلىرى.» (32- بەت)
«شاھزادە، يېڭى كېلىن بىر توپ قىز - يىگىتلەر بىلەن ئولتۇرۇشتى.» (36- بەت)
«پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرغان ھەجۋىي − قىزىقچى ئاغۋات كۈلكىلىك قىلىقلار بىلەن چىۋىن قورۇغۇچتا پادىشاھنىڭ يۈزىگە چىۋىن قونسا، ئۇ شاپىلاق بىلەن پادىشاھنىڭ يۈزىدىكى چىۋىننى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھنىڭ يۈزىدىكى چىۋىننىڭ قېنىنى سۈرتتى.» (36- بەت)
«− كېيىنكى خوتۇن ئاختا قىلىپ تاشلىۋەتتىمۇ - يا! ۋەيت... ھا... ھا... ھا...» (56- بەت)
«ئالتۇن كۇھىقاپتەك دىللىرىغا پېقىر مىسكىن تېۋىپ دىلخەستىلىك يەتكۈزمىسىمۇ شۇنى ئېنىق دېمەي بولمايدۇكى،» (113- بەت)
− ئىككى پۇتنى تۇتقانغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئوخشىماملا، غوجام؟ − دېدى شاتۇتى.»( 145- بەت)
«− پاھ، پاھ، قالتىسكەن، ئىنگلىزلار ئۆگەتكەن - دە، − دېدى ئەپەندىم.» (144- بەت)
«دوختۇرخانىدا چىش دوختۇرى ئەپەندىمنىڭ ئاغزىدىكى چىشلىرىنى كىچىك بولقا بىلەن ئۇرۇپ تەكشۈردى.» (155- بەت)
«ئاھھاي، ئەپەندىم، مېنى تولا كولدۇرلاتمىسىلا، ئىشىم ئالدىراش ئادەم مەن. سىلى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان پادىشاھ ئەمەسمەن، ماڭسىلا، چىقسىلا، − دېدى دوختۇر.» (156- بەت)
«− خاتىرجەم بولسىلا، ئەتە ئەتىگەنلىك بىرىنچى سوتتىلا ئالدى بىلەن سىلىنىڭ دەۋانى بىر تەرەپ قىلىمەن، − دېدى قازى.» (159 - بەت)
«پادىشاھ قايناپ سۆزلەپ كەتتى:
− ئۇيغۇرلارنىڭ رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى دۇنياغا مەشھۇر، دۇرخان، تۇرپان، كۇچادىكى مىڭئۆيلەرنىڭ رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى مىسىردىكى ئەلئېھرام سەنئىتىدىن قېلىشمايدىغان تۇرۇپ، مېنىڭ خانىدانلىقىم دەۋرىگە كەلگەندە، بىر دۆلەتتە بىرەرمۇ ئاقىل رەسسام قالمىدىمۇ؟» (201- بەت)

سۇژىتىدىن تارتىپ شەكلىگىچە، سۆز - جۈملىلىرىدىن تارتىپ تەسۋىرلىرىگىچە، پېرسوناژلىرىدىن تارتىپ مەزمۇنىغىچە قىلچە قىممىتى يوق بۇ ئاتالمىش ئەسەرنىڭ زادى قانداقلىقىنى تېخىمۇ بەكرەك بىلگۈسى كەلگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇ كىتابنى تېپىپ، تاقەت قىلالىسىلا تولۇق ئوقۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇ ئاتالمىش ئەسىرىدە سادىر قىلغان ئەڭ ئېغىر خاتالىقى، سەئىدىيە خانلىرىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە يېزىلغان پادىشاھنى ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدە دۆت، ئەخمەق، ئىقتىدارسىز تەسۋىرلىگەنلىكىلا بولۇپ قالماستىن، مۇھىمى نەسرىدىن ئەپەندىنى ئۇچىغا چىققان بۇزۇق قىلىپ تەسۋىرلىگەنلىكىدۇر. مانا بۇ ئۇنىڭ بۇ ئەسەردە ئىپادىلىگەن قەتئىي كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئەڭ ئېغىر خاتالىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مىللىي مەدەنىيەتكە قىلىنغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك ۋە مىللىي سىمۋولغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرگە قىلىنغان زىيانكەشلىك! بەلكىم بەزىلەر ئەھۋال شۇنچە يامانمۇ؟ بۇ ئىشنىڭ خاراكتېرى شۇ دەرىجىدە ئېغىرمۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. مەن بۇنداق قىلىشنىڭ ھەقىقەتەن كەچۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەمەلىي پاكىت ۋە يېتەرلىك نەزەرىيەۋى ئاساسلار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەرنى تولۇق قايىل قىلىشقا تىرىشىمەن. ئادەتتە، ئىلمىي يېزىقچىلىقتا بىرەر نۇقتىئىنەزەرنى ئۇدۇللا ئوتتۇرىغا قويماي ئەمەلىي پاكىت ۋە نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن يورۇتۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنداق تەلەپكە يەتمىسە قايىل قىلىش كۈچى يوق ھېسسىي يازما بولۇپ قالىدۇ.
ئالدى بىلەن پاكىت نۇقتىسىدىن ئەختەم ئۆمەرنىڭ نەسرىدىن ئەپەندىسىنى بىر كۆرۈپ باقايلى:

«ئېشەك پەرۋاسىز مەززە قىلىپ سۇ ئىچىۋاتاتتى، شۇئان ئەپەندىم سۇدا بىر پەرىنىڭ سىيماسىنى كۆردى - دە، ھاياجانلىنىپ ئېرىققا قول سوزۇپ ئېتىلدى، شۇئان دۈم چۈشتى، رۇسلىنىپ قارىسا، پەرى يوق، ئارقىدىن ئالتۇن قوڭغۇراقتەك چىرايلىق، ئەمما ئىنتايىن بوش كۈلكە ئاۋازى چىقتى.»(33- بەت)
«ئەپەندىم دەرھال چۈمبەللىك ئايالنى قولىدىن تارتىپ ئەنجۈر ئارىسىغا كىرىپ يوشۇرۇۋالدى.
− گەپ قىلماڭ، خەلىچىخان، پۈتكۈل دۇنيانى ئۇنتۇپ قالساممۇ، سىزنى ئۇنتۇيالمايمەن، − دېدى.» (47- بەت)
«ئەپەندىمنىڭ خوتۇنى يوغان خېمىر دېسىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. دەل شۇ چاغدا ئەپەندىمنىڭ قوشنىسىنىڭ خوتۇنى پاتەمخان ئۆگزىسىگە كىر يايغىلى چىقىپ ناخشا غىڭشىپ، ئەپەندىمنىڭ ھويلىسىغا قارىدى. ئەپەندىم ناخشىنى ئاڭلاپ، بۇرۇتلىرىنى تولغاپ قاش ئاتتى. پاتەمخان ئەپەندىمنى كۆرۈپ ناز - كەرەشمە بىلەن قاش - كۆزلىرىنى ئوينىتىپ سالام قىلدى:
− ئەسسالام، ئەپەندىم، بارمۇسىلە، كۆزدىن ئۇچۇپلا كەتتىلىغۇ، سىلىنى كۆرمەي، كۆزگە سۈرتكۈدەك بولدۇق جۇمۇ.
− بولمامدىغان، خېنىم، بولغاچقا ئۆزلىرىگە تويماي قاراۋاتمامدىمەن، − دېدى ئەپەندىم.
− ھېلىمۇ سۈرتمىدىلە، − دېدى پاتەمخان، − تاش يۈرەككەنلا، قاچانغىچە سۈرتمەيلىكىن، خېلى كۈنلەر بولدى، كۆرمىدىم.» (53- بەت)
«ئەپەندىم قوينىدىن ئون تىللانى چىقىرىپ پاتەمخاننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ:
− بۇ پۇلنى ئېلىپ مېنىڭ ئېتىمغا مىنگىشىپ ماڭا بىركۈن ھەمراھ بولۇڭ، − دېدى.» (85- بەت)
«ئەپەندىم دېگەن قېلىن ئوغرى بولمامدۇ، − دېدى تىللاخان.
− ۋاييەي، ئەپەندىمنى ھەققانىي دېسەك، قېرىغاندا ئىتنىڭ تېزىكىدەك ئىش قىپتىغۇ!؟ − دېدى تۇراخان.» (117- بەت)
«ئەمىسە ساتمىدا بىر كېچە ئۇچامنى تۇتىسىز!
ئەپەندىم شۇنداق دېگىنىچە قەمبەرخاننى قولىدىن يېتىلەپ ساتمىغا كېلىپ تۇرۇشىغا، يەنە بىر تەرەپ شاراقلىدى. ئەپەندىم يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇ چوكاننى تۇتۇۋېلىپ ساتمىغا سۆرەپ كەلدى، بۇ تۇراخان ئىدى. تۇراخاننى ساتما ئىشىكىدىن كىرگۈزۈپ تۇرۇشىغا يەنە بىر تەرەپتىن شاراقلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. شۇنداق قىلىپ ئەپەندىم تۆتىنچى چوكاننى ساتما ئىشىكىدىن سۆرەپ ئەكىرىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي ساتمىدىن كۇسار بىلەن قېچىپ چىقىپ ۋارقىرىدى.» (119- بەت)
«خاسىيەتخان ئەپەندىمگە:
− ئوھۇش، قويسىلا ئەپەندىم، سىلىنى، پوشكالخانا ئاچقاننىڭ ياقى كارغا يارىمايدىغان بولۇپ كەتتىلە. يەنە مۇشۇنداق ساقلىتىدىغان بولسىلىزە، ئاستا كۆتلىرىگە تېپىپ، مەسە - كالاچلىرىنى قولتۇقلىرىغا قىستۇرۇپ ئىككىنچى مەن تەرەپكە ئالدىلىرىنى قىلىپ كېلىپ قالمىسىلا، دەپ تالاق قىلىۋېتىمەن، جۇمۇ، − دەپ ئەركىلەش ھەم باتناش بىلەن كايىدى.» (124- بەت)
«− ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خوجا نەسرىدىن ئەپەندىم! ئۆزلىرى بىلەن ئايرىم دىدارلاشماقنى تايىن قىلىپ چاقىردىم. ئۇزاق بولدى، ئايرىم زىكىر - سۆھبەتلىرىدىن مەھرۇم قالدىم، ھەممىڭلار چىقىپ كېتىڭلار.
خانىشنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بارلىق كېنىزەك، ئاغۋاتلار تەزىم بىلەن ئارقىچە مېڭىپ چىقىپ كەتتى.» (132- بەت)
«ئەپەندىم شۇنداق دەپ خانىشنىڭ يېنىغا يېقىن كېلىپ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.» (136- بەت)
«− ئەپەندىم ئاكا، قېرىغاندىمۇ نومۇسنى بىلمەيدىكەنسىز. چاقچاقنى قويۇپ مېنىڭ غېمىمنى ئاڭلاپ قويسىڭىزچۇ؟ − دېدى تۇل چوكان.» (172- بەت)
«سىزنى كۆزۈمگە سۈرتۈۋالاي جېنىم پەرىزات! كۆزۈمگە بىرلا سۈرتۈۋالسام ئۆمۈر بويى زىنداندا يېتىشقىمۇ رازىمەن پەرىزات!» (210- بەت)

مانا بۇ ئەختەم ئۆمەرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەسۋا نەسرىدىن ئەپەندى!
ئەختەم ئۆمەرنىڭ قەلىمىدە تەسۋىرلەنگەن نەسرىدىن ئەپەندىنى «جۇڭگو ئۆسمۈرلەر قامۇسى»دا تەرىپلەنگەن نەسرىدىن ئەپەندى ئوبرازىغا سېلىشتۇرۇشقا ئادەم نومۇس قىلىدۇ. چۈنكى، بۈگۈنكى كۈندە نەسرىدىن ئەپەندى جۇڭگو مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ. ئۇيغۇر يازغۇچىسى بولغان، ئۆزىنى «راست ئىشلارنى يازىمەن» دەپ تونۇيدىغان ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى بولغان نەسرىدىن ئەپەندىنى بۇنداق دەپسەندە قىلىشى كىشىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت مىللەتپەرۋەرلىكىنى ئويغىتىش ئىنتايىن زۆرۈر ئىجتىمائىي ئېھتىياج بولۇۋاتقان بۈگۈنكى شارائىتتا ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي سىمۋولىنى مەينەتلەشتۈرۈپ سېنارىيە يېزىش ئىقتىسادىي ئاچ كۆزلۈك ۋە ئىجتىمائىي كالۋالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنى ئەسلەپ ئۆتۈش ھاجەتكى، ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسىرىدىكى نەسرىدىن ئەپەندى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، ئەدىبلەرنىڭ نەزىرىدىكى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى نەسرىدىن ئەپەندىمدىن تامامەن پەرقلىنىدۇ.
ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتچىسى ئابدۇكېرىم رەھمان «ئىككى قېتىملىق ھاسىلات» ناملىق ماقالىسىدە ۋە ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتچىسى ئوسمان ئىسمائىل تارىم «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان: «نەسرىدىن ئەپەندى تارىختا ياشاپ ئۆتكەن رېئال شەخستۇر. ئۇ مىلادىيە 1208 - يىلى تۈركىيەنىڭ ئاقشەھىرىگە قاراشلىق فورتۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدە ئۇقۇمۇشلۇق دادىسى ئابدۇللادىن بىلىم ئالغان. چوڭ بولغاندا سەرۋىھسار مەدرىسەدە ئوقۇغان ۋە فورتۇدا بىر مەزگىل ئىمام بولغان. كېيىن ئۆز ۋاقتىدىكى داڭلىق مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى بولغان كۇنياغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مەدرىسەدە بىلىم ئالغان. 1237- يىلى ئاقشەھىرى جامەسىنىڭ مۇدەررىسى بولغان. ئۇ مىلادىيە 1284 - يىلى ئاقشەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە شۇ يەردىكى سۇلتان تېغى باغرىغا دەپىن قىلىنغان. ئۇنىڭ مەرمەردىن ياسالغان ھەيۋەتلىك مەقبەرىسى ھازىرمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.»
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى ئابدۇشۈكۈر تۇردى «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىلەر توپلىمىدا مۇنداق يازغان: «ئۆتكۈر پىكىرلىك، ساغلام ئەقىللىك نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ نامىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئىختىيارسىز ھالدا چىرايىمىزدا كۈلكە پەيدا بولىدۇ.»
يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان ئەكبەر غۇلام «بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز مەشرىپى 2011» دېگەن سەنئەت كېچىلىكىدە سۆزلىگەن سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «نەسرىدىن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان ۋەكىل خاراكتېرلىك شەخس.»
ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى نەسرىدىن ئەپەندىنى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بىلەلمىگەن سوئاللىرىغا، يېشەلمىگەن مەسىلىلىرىگە توغرا جاۋاب بېرەلەيدىغان دانىشمەن، دەپ بىلىدۇ ھەم ئۇنىڭ لەتىپىلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەن تەسىرات بويىچە «ئىلگىرىكى زامانلاردا ئۆتكەن پاراسەتلىك قىزىقچى» دەپ بىلىدۇ.
ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەزەلدىن ئەقىل - پاراسەتلىك ۋە خەلقچىل قىزىقچى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كېلىۋاتقان نەسرىدىن ئەپەندىنى لېئونىد سولوۋيوفتىن ئاشۇرۇپ رەسۋالاشتۇرۇۋېتىشى كەچۈرگۈسىز ئېغىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ دېيىشىمىزدىكى سەۋەب مۇشۇ يەردە. بۇنى بىز مەركىزىي مىلەتلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، جەمئىيەتشۇناس دوكتور ئابۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ بايانىدىن چىقىپ تۇرۇپ خاراكتېرلىسەك تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. دوكتور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق «ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى» دېگەن ئېسىل ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «كۈلتۈر بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. چۈنكى، كۈلتۈرنى شەكىللەندۈرگەن تىل، ئەقىدىلەر، قىممەت قاراش، سەنئەت، ئەىلاق، ئۆرپ - ئادەت، ئەنئەنە ۋە سىمۋوللار بىر جەمئىيەتنى يەنە بىر جەمئىيەتتىن ئايرىيدىغان، <بىز> ۋە <ئۇلار> ئارىسىدىكى چېگرانى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدىغان، بىزنى بىز قىلغان قىممەتلەرنىڭ تامامىدۇر. [8] »
بىز ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ بايانىدىكى ھەقىقەتنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بايان قىلساق، كۈلتۈر يەنى مەدەنىيەت مىللەتنىڭ جېنى. مىللىي سىمۋول قاتارلىقلار ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ بىزنى مىللىي خاسلىققا ۋە مىللىي پەرققە ئىگە قىلىدۇ، شۇڭا ئۇ يۈكسەك قىممەتكە ئىگە ھەم مۇقەددەس، دېگەن يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ. بىر مىللەتنى باشقا مىللەتتىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى مىللىي سىمۋول ھېسابلىنىدۇ. تارىخىي سەۋەبلەرگە كۆرە بىر قىسىم مىللىي سىمۋوللار بىرنەچچە مىللەت ئۈچۈن ئورتاقلىققىمۇ ئىگە بولىدۇ. مىللىي سىمۋول سىستېمىسى ئىچىدە بىر مىللەتنىڭ تارىخىدىكى مىللىي قەھرىمانلار، مىللىي مۇتەپەككۇرلار ۋە مىللىي داھىيلارمۇ شۇ مىللەت ئۈچۈن مۇقەددەس مەنىگە ئىگە مىللىي سىمۋوللار ھېسابلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئوغۇزخان، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، يۈسۈف خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرىي، ئەلىشىر نەۋايى، نەسرىدىن ئەپەندى قاتارلىق ئۇلۇغلىرىمىز سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە مەشھۇر شەخسلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ.
مىللىي سىمۋوللار كىشىلەرنى ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە رولغا ئىگە بولىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلار سىمۋول ۋە مۇراسىملارنىڭ رولىغا ئالاھىدە يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئەقىدە - ئېتىقاد، ھالاللىق، مۇقەددەس سىمۋول، مۇراسىم ۋە ئەخلاقنىڭ مۇھىم رولىغا سەل قارالسا ياكى ئۇلارنىڭ قىممىتى چىن ماھىيىتى بىلەن چۈشىنىلمىسە، مىللىي ھايات پۇچەكلىشىپ، مىللىي مەدەنىيەت (كۈلتۈر) زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىر ئەدىب ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇقەددەس مىللىي سىمۋوللىرىنى چاكىنىلاشتۇرۇش ئىجتىمائىي گالۋاڭلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق گالۋاڭلىقنى سادىر قىلغۇچى ئۆزى بىلىپ - بىلمەي، ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا جەمئىيەتنىڭ پۇچەكلىشىشىگە تۆھپە قوشقان بولىدۇ. چۈنكى، جەمئىيەت پىسخولوگىيەسى نەزەرىيەسى بويىچە ئېيتقاندا، مۇستەقىل تەپەككۇر قابىلىيىتى ۋە پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر ئەگىشىش پىسخىكىسى ۋە ئۆرنەك ئېلىش پىسخىكىسى بويىچە ياشايدۇ. ئۇلار ئۆرنەك قىلغۇدەك ھەرىكەتلەرنى كۆزىتىپ، ياشاش ئۇسۇلىدا شۇ ئۆرنەكنى ھەرىكەت قېلىپى قىلىپ تەتبىقلايدۇ. نەسىرىدىن ئەپەندىدەك بىر مىللىي سىمۋولنىڭ ئوبرازىنى تۇرمۇشتا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان، شاللاق، قىلىقلىرى غەلىتە، كۆڭۈل خۇشلۇقىنى دەپ ئەسكى ئىشلارنى قىلىۋېرىدىغان ئەبلەخ سۈپىتىدە تەسۋىرلەش ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق ئۆرنەك ئوبراز، ئۆرنەك خاراكتېر، ئۆرنەك ھەرىكەت ياراتقانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ناچار ئۆرنەك يارىتىش پاسسىپ ئىجتىمائىي نەتىجە پەيدا قىلىپ، مىللەتنىڭ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىغا ۋە ئەخلاق ئادەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. چۈنكى كۆپلىگەن كىشىلەر دوراش، ئەگىشىش پىسخىكىسىغا ئىگە بولغاچقا، تەسىرى زور، ئېزىقتۇرۇش كۈچىگە ئىگە ناچار ئۈلگىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، ناھايىتى ئوڭايلا خاتا قاراش، خاتا ھەرىكەت، خاتا ئۇرۇنۇش ھالىتىگە كىرىپ قالىدۇ. شۇڭا، مەيلى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز بولسۇن، خاتا ئۆرنەك ياراتقان، ناچار ئۈلگە تىكلىگەن ھەرقانداق كىشى جەمئىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك. چۈنكى، بۇنداق قىلمىش بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، بىر جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت تايىنىدىغان تۈۋرۈكىگە قۇرت چۈشۈرىدۇ! قىممەتلىك ئەخلاق ئادەتلىرىنى چىرىتىدۇ!
قىممەت قاراش بىر جەمئىيەت كىشىلىرى ئۈچۈن توغرا بىلەن خاتا، ياخشى بىلەن يامانغا مۇناسىۋەتلىك ئورتاق ئۆلچەم شەكىللەندۈرگەن ئىدىيە سىستېمىسى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قىممەت قارىشى شۇ جەمئىيەتكە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە، ھېسسىياتىغا، ئوي - پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئورتاق مايىللىق پەيدا قىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۆز توپىنىڭ قىممەت قارىشىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۆرنەك ھەرىكەت، ئۆرنەك خاراكتېر، ئۆرنەك ئوبراز يارىتىپ، ئۆز قىلمىشىنىڭ قانداق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە قۇربى يەتمەيدىغان ئىجتىمائىي كالۋالىققا سۈكۈت قىلىش ئوخشاشلا مەسئۇلىيەتسىزلىك! ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى ھەققىدە ئاقىلانە بىلىشى يوق، نېمىنى ھىمايە قىلىپ، نېمىدىن ھەزەر ئەيلەشنى ئاڭقىرالماي ئالىجوقا جۆيلۈپ ياشايدىغان ئىچى كاۋاك ئەدىبلەر، مۇھەررىرلەر ياكى زىيالىيلار بۇ مەسىلىدە قاتتىق ھوشيار بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىشى لازىم. ناچار ئۆرنەك، پاسسىپ قاراش، خالىخۇتتا ئىدىيە، بىنورمال ئوبرازلار سەگەك ئەقىل، ساغلام قىممەت قاراشنىڭ پەرقلەندۈرۈشىدىن ئۆتمىسە بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاراكتېرىگە ئۆزلىشىپ كېتىدۇ. ئەختەم ئۆمەرنىڭ قەلىمى ئاستىدا نەسرىدىن ئەپەندىدىن ئىبارەت مۇقەددەس سىمۋول ئېزىتقۇ سىمۋولغا ئايلاندۇرۇلۇپ، نەشرىيات ئارقىلىق مەتبۇئاتلىشىپ جەمئىيەتكە چىقىپ كەتتى. بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قىلىنغان زىيانكەشلىك!
بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى تەسىرى زور ئايال يازغۇچى تيې نىڭ «ھاياتلىق بىلەن تىنچلىق بىر - بىرىگە ئاشىق» دېگەن ماقالىسىدە ئېيتقاندەك «دەۋرنىڭ بارغانسېرى شاللاقلىشىپ كېتىشى بىلەن بەزى كىشىلەردە مەسىلىلەرگە جىددىي مۇئامىلە قىلىدىغان ساداقەت مەنزىلى قالمىدى.» نەتىجىدە، قىممەت قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى جەھەتتە كۆڭۈل ئېچىشقا بېرىلىش كۈچەيدى. خىزمەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنىڭ مەنىسى تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ بىلەن روھىي قىممەتلەر ۋە مەنىۋى قىممەتلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. كۈلكە - چاقچاقچىلىق، لەتىپە - يۇمۇرچىلىق جاھاننى بىر ئالدى. مەزمۇنىنىڭ قانچىلىك تېتىقسىز بولۇشى نەزەرگە ئېلىنمايدىغان بولدى. مانا مۇشۇنداق بىنورمال ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە بەلكىم، يازغۇچى ئەسىرىنى قىزىقارلىق قىلماقچى بولۇپ، نەشرىيات خادىملىرىمۇ قىزىقچىلىق ھېس قىلىپ بۇ ئېغىر خاتالىقنى سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنى بىلىش لازىمكى، مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي مىزانلىرىغا، ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىغا ۋە ساغلام ئەخلاقىي ئادەتلىرىگە سىغمايدىغان ئىدىيە، قاراش، تەشەببۇس، ھەرىكەت ئۆرنىكى قاتارلىقلارنى قىزىقچىلىق دەپ يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك! ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ياشاش پىرىنسىپلىرىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان يات ئىدىيە، يات ئادەت ۋە يات سىمۋوللارنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن يىلدىن - يىلغا يامراپ كېتىۋاتقانلىقىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى قىيىنلىشىپ، زور مىللىي كىرىزىس سۈپىتىدە گەۋدىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا مىللىي مەدەنىيەت قەسرىنى مەينەتلەشتۈرىدىغان قىلمىشلارغا قاتتىق رەددىيە بەرمەي بولمايدۇ. رۇسىيە يازغۇچىسى لېئونىد سولوۋيوفتىن ئۆرنەك ئېلىپ، شەرقشۇناسلىقنىڭ دېپىغا خۇدىنى بىلمەي ئۇسسۇل ئويناپ، ئۆز خەلقىنىڭ مۇقەددەس مىللىي سىمۋولىنى بولۇشىچە دەپسەندە قىلغان بۇ يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاستىدا مەينەتلەشتۈرۈۋېتىلگەن نەسرىدىن ئەپەندى ئوبرازى يەنە قانچىلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ قەلبىنى كىرلەشتۈرەر؟!
2011  - يىلى 10 - ئاينىڭ باشلىرى يېزىلدى.

نەقىل مەنبەلىرى:[1] جاڭ خۇي: «كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسى ۋە بۈگۈنكى جۇڭگو مەدەنىيەت ئوبزورچىلىقى»، «ئەدەبىيات ئوبزورى» (文学评论) ژۇرنىلىنىڭ 2011 - يىللىق 2 - سانى.
[2] ساۋ چۈنچىڭ: «مەدەنىيەت ھەم نەزەرىيەدىكى ئافازىيە كېسىلى ۋە كۈلتۈرەل كېسەللىك ھالىتى»، «ئەدەبىيات - سەنئەت مۇنازىرىسى» ژۇرنىلىنىڭ 1996 - يىللىق 2 - سانىدا ئېلان قىلىنغان.
[3] «جۇڭگو ئۆسمۈرلەر قامۇسى» ناملىق بۇ تۆت توملۇق كىتاب، 1998 - يىلى جيېجياڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 2008 - يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى بۇ قامۇسنى ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە تىل - يېزىققا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان. بۇ نەقىل ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدىن ئېلىندى.
[4] فىكرەت تۈركمەن (تۈركىيە «شەرق تېمىلىرىنىڭ رۇس ئەدەبىياتىدا تەسۋىرلىنىشى»، «دۇنيا ئەدەبىياتى»، 2009 - يىلى 4 - سان.
[5] ئېدۋارد سەئىد (ئامېرىكا «شەرقشۇناسلىق» (东方学)، ئۈچ بىرلەشمە نەشرىياتى نەشرى، 2009 - يىلى 6 - ئاي بېيجىڭ 5 - باسمىسى، خەنزۇچە، 10 - بەت.
[6] زىيائۇددىن ساردېر (ئەنگلىيە «شەرقچىلىق» (东方主义)، جىلىن خەلق نەشرىياتى، 2005 - يىلى نەشرى، خەنزۇچە، 3 - بەت.
[7] شىللېر شىۋارتىز (ئامېرىكا «يېڭى ئەسىر − مۇتەپەككۇرلار ساداسى»، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2004 - يىلى نەشرى، 36 - بەت.
[8] ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق: «ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2011 - يىللىق 1 - سانى.

تارىم ژورنىلىدىن 2012-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى،




ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

UID
21093
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2011-12-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 15:36:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەختەم ئۆمەرگە جىددىي پۇل لازىم بولاپ قالدىمۇ نېمە؟ مانداق بىژ نەسە يازىدىغان ئىدەم ئەمەستا ماۋۇ؟
لېكىن، ئەڭ ياخشىسى شۇ كىتابنى ئوقۇپراق بىر نەرسە دەيلى جۇما يەنىلا! بىزدە تېخى شەخسىي غەرەز ئارلاشتۇرمايدىغان ئىلمىي ئوبزورچىلار كەمدىن كەم.

UID
17057
يازما
152
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1262
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 16:55:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ يىگانە ئارال›› دىكى ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان ئادەمگە نېمە بولغاندۇ ئەمدى؟
مەن ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹‹نەسىردىن ئەپەندى›› سىنى پەقەتلا كۆرمەپتىكەنمەن. ئېلىپ ئوقۇپ باقاي، پەرھات تۇرسۇننىڭ ‹‹ ئۆلىۋېلىش سەنئىتى›› دېگەن كىتابىنىمۇ ئېلىپ ئوقۇپ ،يالقۇن روزىنىڭ ھەقىقەتەن دەپ ۋاقتىدا ئوبزور يازغىنىغا بارىكاللا ئوقۇغان ئىدىم.
كىتابتىن ئالغان نەقىللەرگە ھېسسىيات ئارىلاشتۇرغىلى بولامدىكەن؟ تورداشلار لوگىكىغا چۈشمەيدىغان گەپنى ئاز قىلايلى. يالقۇن روزىنىمۇ سېسىتىمەن دەيدىغانلار جىق ماۋۇ مۇنبەرلەردە، بىراق ، يالقۇن روزى ھازىرغىچە ھېچنېمە بولۇپ كەتمىدى، بۇنىڭ ئۆزىلا يالقۇن روزىنىڭ كىملىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرىد!
مەن ئاۋۇ روسىيىلىك يازغان نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدىكى روماننى 1984-يىلى يازلىق تەتىلدە ئوقۇغان ئىدىم، ئۇ مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. ئاپامنىڭ ھەدىسىنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، كىتابنىڭ يېرىمىغا كەپقالغىنىمنى كۆرۈپ چوڭ دادىمىز‹‹ ئەپەندىم لۈكچەكنى ئوقۇۋاتامسەن؟›› دەپ قويدى، مەن ئەمىرلەرنىڭ خوتۇنلىرى ھەققىدىكى بايانلارنى ئوقۇغىنىمنى بىلىپ قالدى دەپ بەك خىجىل بولغانىدىم، بۇ چوڭ دادام شۇ چاغلاردا ‹‹ ئىلى گېزىتى›› ئىدارىسىنىڭ چوڭ مۇخبىرلىرىدىن بىرى ئىدى، سەۋەيەسىمۇ بەك يۇقۇرى ئادەمتى.
بۇ ئوبزورنى ئوقۇپ ھازىر ئويلاپ قالدىم، شۇ چاغلاردا بۇ رومان ھەققىدە زىيالىلار-يازغۇچىلار ئارىسىدا چوقۇم بىر مۇنازىرە-غۇلغۇلا بولغان بولۇشى مۈمكىن، بىراق ھېچكىم يەنىلا يالقۇن روزىدەك بىر پارچە ئوبزور يازمىغان.
دۇنيادا 100% مۇكەممەللىك يوق، بارىكاللا ئاپتورنىڭ بايانلىرىدىكى ئۆتكۈر پىكىرلەرگە. ھازىرچە بىزنىڭ سەۋىيىمىز چەكلىك بولغاچقا، ئوبزور مۇشۇنداق قاتتىق-يىرىك يېزىلمىسا تەسىرى بولمايدۇ.  

تولۇقلىما مەزمۇن (2011-12-30 16:58):
مۇنبەردىكى تەھرىرلەش نەەە كەتتى؟ سەت بولدى، بەزى سۆزلەرنى تۈزىتەلمىدىم.

UID
18331
يازما
24
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
24
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 17:23:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئېگىسىگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت!بۇمەن ئۈچۈن ئالاھىدە بېردەرىسلىك بۇلدى!
ئۆزتوپىنىڭ،ئۆرنەك خارەكتىر،ئۆرنەك ئوبىراز يارىتىپ،ئۆز قىلمىشىنىڭ قانداق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقنى،بىلىشكە قۇربى يەتمەيدىغان،ئىجتىمائىي كالۋالىققا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش ئوخشاشلا مەسئۇلىيەتسىزلىك.ئۆزمىللىتىنىڭ مەدىنىيىتى ھەققىدە ئاقىلانە بىلىشى يوق،نىمىنى ھىمايە قىلىپ،نىمىدىن ھەزەر ئەيلەشنى ئاڭقىرالماي ،ئالجۇقا جۈيلۈپ ياشايدىغان ئىچى كاۋاك ئەدىپلەر ،مۇھەررىلەر ياكى زىيالىيلار قاتتىق ھۇشيار بۇلۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشۈنىشى لازىم.ناچار ئۆرنەك،پاسسىپ قاراش،خالاخۇتتا ئىدىيە ،بىنورمال ئوبرازلار،سەگەكئەقىل،ساغلام قىممەت قاراشنىڭ پەرىقلەندۈرىشدىن ئۆتمىسە بىر مىللەنىڭ مىللىي خارەكتىرىگە ئۆزلىشىپ كېتىدۇ.

UID
17957
يازما
95
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1685
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 19:40:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەپسىلى ئوقۇدۇم ، تازا ياقتۇرمۇدۇم،
لېكىن ئەختەم ئۆمەرنى تولۇق قوللايمەن ، ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ تۇرغۇسى

UID
4823
يازما
36
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1086
تىزىملاتقان
2010-8-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-3
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 20:47:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن يالقۇن روزنىڭ ماقالە ئوبزورلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇيتۇم ،

تىما ئىگىسگە كۆپ تەشەككۈر .



UID
5962
يازما
5
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
185
تىزىملاتقان
2010-9-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 22:42:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋېلىپ ئاندىن تەپسىلى ئۇقاي

UID
4470
يازما
118
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3178
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 23:08:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزىنىڭ ئوبزورلىرىنى ئەزەلتىن ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن.بۇ ئوبزورنىمۇ تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم .ئەختەم ئۆمەرمۇ مەن ھۆرمەتلەيدىغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى، ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹‹نەسىردىن ئەپەندى›› دېگەن كىتاپچىسىنى ئوقۇپ بېقىپ ئاندىن پىكىر قاتناشتۇراي.
راست گەپ ئەلۋەتتە ئاچچىق بولىدۇ،ئۇنى ھەزىم قىلماق تەس!تورداشلار يەنىلا شەخسى ھىسسىياتنى ئارىلاشتۇرماي پىكىر قاتناشتۇرغىنىمىز ياخشى.

تىرىشچان ئەزا

ھەركىم نېمىسى بو

UID
7212
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
402
تىزىملاتقان
2010-11-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 23:45:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھەقىقەتەنمۇ بەلەن ئەسەر بوپتۇ.قۇلىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن يالقۇن ئاكا.شاللاق ئەدىبىياتنى شاللىۋەتكۈدەك ئاڭ بومىسا،ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ مېڭىمىزيۇيۇلىدىغان گەپ.
  مەن تۈركىيىلىك ئالىم مۇستافا ئىسلام ئوغلىنىڭ «ئەئۇزى بىسمىللاھ دىمەك ئەقىلگە تاھارەت ئالدۇرماق دىمەكتۇر» دېگىنىنى ئاڭلاپ ، سىزنىڭ كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن يازغۇچىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇغاندا «ئەئۇزى بىسمىللاھ» دەپ ئاللاھ تىن پانا تىلىمىگەندە ، يەنە نەچچىلىگەن ياشنى ھوللىۋۇت بىلەن بوللىۋۇتنىڭ زەھىرى يەتمىگەندەك ، شاللاق ئەدەبىياتنىڭ شەھۋىتى بىلەن ئەسرار قىلىدىغان ئوخشايدۇ يەنە بۇ خەق! ئۆز يېغىدا ئۈزىنى قورۇش دىگەن شۇ!

UID
16850
يازما
42
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
492
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 23:57:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرىقشۇناسلارنىڭ مەقسىدى ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن تەتقىق قىلىش،  توغرا گەپ.  ھەرقانداق تەتقىقاتنىڭ قىممەتكە ئىگە مەقسەت-مۇددىئاسى بۇلىدۇ. مەقسەت بىلەن مەنپەئەت بىرلىككە كەلمىگەن تەتقىقات باشقىلار ئۈچۈن كەتمەن چېپىش بۇلىدۇ ،يەنى باشقىلارنىڭ مۇددئاسىغا بېقىنغان بۇلىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن بۇلىدۇ. مەنپەئەتنى ئويلىمىغان تەتقىقات قىممەتكە ئىگە بۇلالمايدۇ.
ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹ يىگانە ئارال› ، ‹ باياۋاننىڭ سىرى›  (تۇنجى نەشىردىكى بىرىنچى قىسمى)دىگەن كىتابلىرى ناھايىتى ياخشى يېزىلغان رومانلار ئىدى. بىر-ئىككى يىل بولغان يېڭى ئەسەرلىرى كۆرۈنمەيۋاتقىلى. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئەختەم ئۆمەرمۇ يازغۇچىلىقتىن زىرىككەن ئوخشايدۇ.
مۇھەممەد باغراشمۇ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك يازغۇچى دىگەن قالپاقنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئەسەر يازمايۋاتقىلى ئۇزۇن بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئەمدى ئەختەم ئۆمەرمۇ ‹ يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام› دىگەن ئەسىرىدىن باشلانغان ئىسىل تەپەككۇرىنى تاشلاپ قويماي، خەلقنىڭ ئارزۇ-ئۈمىتلىرىنى يەردە قويمىسا بۇلاتتى.  يالقۇن رۇزىنىڭ بۇنداق نۇقۇپ- غىدىقلىشى ئەختەم ئۆمەرنى سەگەكلەشتۈرسە بۇلاتتى.  چۈنكى خەلقنىڭ ئەختەم ئۆمەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى چوڭ ئىدى. دۆلەت سۈرىۋاتقان
پادىشاھنى دۆت-لەقۋا قىلىپ تەسۋىرلەش  ‹ قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق›، ‹ ئىشەككە كۇچۇڭ يەتمىسە ئۇر تۇقۇمنى ›  دىگەندەك دۆتلەرنىڭ سەپسەتىسى بولسا كېرەك. پادىشاھنى ياراتماسلىق روھى غالىبىيەتچىلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس. روھى غالىبىيەتچىلەر ئۆزىدىن باشقىلارنى ياراتمايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش