تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 4408|ئىنكاس: 35

سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى سىر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10883
يازما
127
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
4689
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-10
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 17:46:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى سىر




1991-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى سائەت19دىن32مىنۇت ئۆتكەندە، كېرىمىل سارىيى ئاسمىنىدا لەپىلدىگىلى70يىلغا يېقىن بولغان قىزىلبايراق ئاستا چۈشۈرۈلدى. سوۋىت ئىتىپاقىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى بۇ تۇنجى سوتسىيالىستىك دۆۋلەت شۇندىن تارتىپ تارىخ سەھنىسىدىن چىنىكىپ چىقىتى. ئارىدىن 20يىل ئۆتكەن بولسىمۇ،  بۇۋەقە كىشىلەرنى يەنىلا ئويغا سالىدۇ.
"ئۆكتەبىرئىنقىلابى" ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە ئاچقان بولسا، سوۋىت سوتسىيالىزىمى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى كۆرسۈتۈپ بەردى، ئەمما سوۋىت كومىنىستلىرى 74يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كىيىن، بىراقلا يىمىرىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە كىشىلەر كۆپ ئىزلەندى ۋە كۆپ تەرەپلىمە تەھلىل قىلدى.
سوۋىت كومۇنىستلىرى خەلىقنى دۆۋلەتكە خۇجا قىلمىدى.
سوۋىت ئىتىپاقى 70نەچچەيىل سوتسىيالىستىك قۇرلۇش ئېلىپ باردى، ئەمما خەلىقنىڭ ھۇقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى.
ئۆكتەبىرئىنقىلابى غەلىبەقىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، خەلىقنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۈۋەن بولغاچقا ئۇلارغا ھۇقۇق بىرىلسە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياخشى قاتنىشالمايدۇ دىيىلدى، يەنە ئوننەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇسەۋەپنى يەنىلا ئوتتۇرغا قۇيىۋەردى . ھۈكۈمەت خەلىققە ۋاكالىتەن قارار چىقاردى، رەھبەرلەرنى سوۋىت كومۇنىست تەشكىلىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىدى، «كادىرلار ھەممىنى ھەل قىلىدۇ» دېگەن بىرتەرەپلىمە سىياسەتنى چىقىرىپ، ئاۋام پۇقرا بىلەن ھۈكۈمەتنى ئايرىۋەتتى، پۇقرالار پەقەت  تەشكىلدىن نېمە دېسە شۇنى قىلىشتىن باشقا ھۇقۇقى بولمىغان سوتىيالىستىك چوڭ ماشىنىنىڭ كىچىك بىر زاپچىسى  بولدى خالاس.
ئاۋامنىڭ دۆۋلەت ئىشلىرىدا قارار چىقىرىشتا ھېچقانداق قاتنىشىش ھۇقۇقى بولمىغاچقا، ئۆز مەنپەتىنى قوغدىيالمىدى، خەلىقنىڭ ھۈكۈمەت ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ھۇقۇقى بولمىدى، ھۈكۈمەت خەلىق مەنپەتىگە چېقىلىدىغان ئىشلار يۈزبىرىپ تۇردى. ھۈكۈمەتنىڭ ھۈقۇقى خەلىقتىن كەلمەستىن بەلكى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلدىن تەيىنلەنگەچكە، خەلىق مەنپەتى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇلمىدى. ئورگانلار بارغانسىرى ئۆز مەنپەتىنىلا ئويلايدىغان بۇلۇپ كەتتى. رەھبەرلەر ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولدى، ئاۋامنىڭ ھەقىقى سايلام ھۇقۇقى بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ ئاھۇ-زارىغا ھېچكىممۇ قۇلاق سالمىدى، ئاۋام پۇقرالار بارغانسىرى بۇھۈكۈمەتنىڭ خەلىق مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىتالىننىڭ «چوڭ يۇقۇتۇش» قىلمىشى قالدۇرغان يارا ئېغىزىمۇ كىشىلەرنى بىزارقىلاتتى.
سوۋېت دىمۇگىراتتىيىسى خەلىقنىڭ ئىىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشەلمىدى.
چارپادىشاھ ھۈكۈم سۈرگەن مەزگىللەردە خەلىق ئەركىن بولغان سايلام ھۇقۇقى، يىغىلىش-  نامايىش قىلىش ھۇقۇقى، ئاخپارات-سۆز ئەركىنلىكى ھۇقۇقى قاتارلىق ھۇقۇقلاردىن مەھرۇم ئىدى، بۇخىل ھۇقۇققائىرىشىش بولشىۋىكلارنىڭ كۈرەش نىشانى بولغانىدى. شۇڭا خەلىق بۇكۈرەشنى قوللاپ، بۇكۈرەشنىڭ غەلبىسىنى بولشىۋىكلارنىڭ قولىغا كەلتۈرۈپ بەردى. شۇچاغدا لېنىن: " ئەمگەكچىلەر دۆۋلەتنىڭ خۇجايىنلىرى، خەلىق ئۆز پارتىيىسىدىن نازارى بولغاندا باشقىدىن سايلاش ھۇقۇقىغا ئىگە، ئەركىن ۋە ئادىل بولغان سايلام ئارقىلىق قايسى پارتىيە سايلامدا غەلىبە قىلسا، ھېچقانداق ئىنقىلاپ ئېلىپ بارمايمۇ، بىرتامچە قان ئاققۇزمايمۇ ھۈكۈمەتنى قايتا تەشكىل قىلىسا بۇلىدۇ..." دېگەن ئىدى. ئۆكتەبىرئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كىيىن، سوۋىت كومۇنىست پارتىيىسى قانۇن تۇرغۇزۇش قۇرۇلتاي سايلىمى ئېلىپ باردى،1917-يىل 11-ئايدا سايلام ئارقىلىق 715نەپەرقانۇن تۇرغۇزۇش كومىتىت ۋەكىلى سايلاپ چىقىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىيەت ئىنقىلاپ پارتىيىسىدىن 370نەپەر، بولشىۋىك 175نەپەر، سولچىل ئىجتىمائىيەت ئىنقىلابى پارتىيىسىدىن 40نەپەر ، قانۇن تۇرغۇزۇش دىمۇگىراتتىك پارتىيىسىدىن17نەپەر ،شۇنداقلا باشقا پارتىيە- گوروھلار ۋەمىللەت تەشكىلاتلىرىدىنمۇ سايلاندى،  1918-يىل 1–ئاينىڭ 5- كۈنى قانۇن تۇرغۇزۇش قۇرۇلتىيى چاقىرىلغاندا، بولشىۋىكلارنىڭ تەشەببۇسى يىغىندا ئەمەلىلەشمىدى، شۇنىڭ بىلەن لېنىن بۇۋەكىللەر ئورگىنىنى تارقىتىۋەتتى ۋە سوۋىت ئىتىپاقى بۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. بولشىۋىكلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت  يۈزگۈزۈشكە باشلىدى ۋە باشقا پارتىيەلەر ئاستا-ئاستا ھەرىكەت قىلىش بوشلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ سوۋىت كومپارتىيىسىدىن ئىبارەت بىرلا پارتىيىنىڭ دېگىنى ھىساپ بۇلىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
سوۋىت كومۇنىستلىرى ئۇزاق يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش داۋامىدا، خەلىقنىڭ سادىق ۋەكىلى بولماستىن، ئۈزىنىڭ ۋەكىلى بولىۋالدى، بۇيرۇقۋازلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. خەلىقنىڭ سۈزىنى ھېچكىممۇ ئاڭلىمىدى. سوۋىت كومپارتىيىسى ئىچكى قىسىمىدا قاتلاممۇ قاتلام بوي سۇنۇش شەكىللىنىپ، باشقىچە كۆزقاراشتىكىلەر بۇپارتىيە ئىچىدە پۇت تىرەپ تۇرالمدى،  ھەتتا سىياسى جەھەتتىن زىيان تارتىشقا باشلىدى. ھەردەرىجىلىك سوۋىت كومپارتىيە شۇجىلىرى مۇتلەق ھۇقۇقدار بۇلۇپ، ھەممە ئىشتا ئۈزىنىڭ دېگىنى ھىساپ بولدى. مۇشۇنداق بىر دىمۇگىراتتىيە كەمچىل بولغان، خەلىقنىڭ ئەڭ ئاددى ۋە ئەقەللى ھۇقۇقىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولمىغان پارتىيە ئىچىدە قانداقمۇ سوتسىيالىزىم بولسۇن؟
ھاكىميەت بېشىدىكى پارتىيە ئەسلىدە خەلىق بىلەن ھۈكۈمەتنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك ئىدى، ئەمما سوۋىت كومپارتىيىسى بىيۇگىراتلىق قىلدى. كادىرلارنى خەلىق كۆرسەتمەستىن، بەلكى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلدىن بىكىتىشتەك كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇخىل بىيۇگىراتلىق تېخىمۇ ئەۋىج ئېلىپ پارخورلۇققا يۈزلەندى. كادىرلارنىڭ مەنسىپىنىڭ ئۈسىشى تۈۋەننىڭ سايلىشى بىلەن بولماستىن بەلكى يۇقۇرىنىڭ تەيىنلىشى بىلەن بولغاچقا، كادىرلار خەلىقنى قاقشىتىپ، يۇقۇرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىشتى. كادىرلار ئىستىلى بۇزۇلدى، شۈجۈلارنىڭ ھۇقۇقى يۇغۇناپ، ھېچكىممۇ نازارەت قىلالماس دەرىجىگە بېرىپ يەتتى، زورلۇق-زۇمبۇلۇق قىلىپ خەلىقنى بۇزەك ئەتتى، ئۇلار خەلىقنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، بەلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ ۋەكىلى بۇلۇپ قالدى، خەلىق تېخىمۇ نازارى بولدى ۋە ئۈمۈتسىزلىنىشكە باشلىدى.
بولشىۋىكلارنىڭ دەسلەپتە ئىنقىلاپ ئېلىپ بارغاندا ئوتتۇرغا قويغان خەلىقنىڭ ئەركىن بولغان سايلام ھۇقۇقى، يىغىلىش-  نامايىش قىلىش ھۇقۇقى، ئاخپارات-سۆز ئەركىنلىكى ھۇقۇقى، ھۈكۈمەت ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ھۇقۇقى قاتارلىق ھۇقۇقلارغاكاپالەتلىك قىلىمىز دېگەنلىرى قۇرۇق گەپ بۇلۇپ قالدى، ئۇلار ئىنقىلاپ داۋامىدا خەلىقنى ئەنەشۇنداق ئالداپ، ئىنقىلاپ غەلىبىسىنى قولغا كىرگۈزۋېلىپلا گېپىدىن يېنىۋالدى، خەلىق چارپادىشاھ مەزگىلىدىكىگە ئوخشاشلا يۇقارقى ھۇقۇقلاردىن مەھرۇم قېلىۋەردى. خەلىق ئالدانغانلىقىدىن غەزەپلەندى، ئەمما قارشىلىق قىلىش ھۇقۇقىمۇ يوق ئىدى.
دېھقانلاركەمسىتىلدى. كادىرلار ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولدى. سىتالىن يولغا قويغان يېزائىگىلىكنى كوللىكتىپلەشتۈرۈش تۈزۈمى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقىنى بۇزدى. 70-يىللارغا كەلگەندە مۇشۇنداق چوڭ بىر يېزائىگىلىك دۆۋلىتىدە ئەڭ ئاخىردا ھەتتا ئاچارچىلىق يۈزبەردى. كادىرلار داۋالىنىش، ماگزىندىن مال سېتىۋېلىش، ئاشخانىدىن تاماق يىيىش، ئولتۇراق ئۆي، مۇئاش تەمىنات قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەڭ ياخشى تەمىناتتىن بەھرىمان بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلارنى ئىسىل،  پۇقرالارنى پەس كۈرۈشتەك خاھىش شەكىللەندى.
سوۋىت يىمىرىلگەندە، ھېچكىممۇ ئوتتۇراغاچىقىپ بۇپارتىيەئۈچۈن بىرئېغىز گەپ قىلدى، بەلكى ھەممە ئادەم خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا، ئۈنتىنسىز قۇبۇل قىلدى. دېمەك سوۋىت كومپارتىيىسىگە خەلق قەلبىدە ئورنى قالمىغان ئىدى.

مەنبە: تىڭشۇن تورى

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

UID
18828
يازما
36
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
36
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 09:43:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان ...

UID
2373
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
588
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 11:11:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلىق بەرگەن ھوقۇقنى خەلىقىنى ئىزىشكە ئىشلەتسە شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدىغان گەپ!

UID
15784
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
376
تىزىملاتقان
2011-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 12:39:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاممىدىن ئايرىلغان بىرلا پارتىيە ئۈزىنىڭكىنىلا راست دەپ،ئۆز-ئۆزىنى ماختاپ ئۆتىۋەرسە ئاقىۋىتى شۇنداق بۇلىدۇ،

UID
18331
يازما
26
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-10
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 12:57:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوقۇقنى قالقان قىلغان ھۆكۈمەت،خەلىق نەزىرىدە تالقان بۇلىدۇ!!!!!!!!!!

باھا سۆز

koygandengiz  ئىنكاسىڭىزنى ياقتۇردۇم .  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 04:50:26

UID
10883
يازما
127
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
4689
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-10
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 13:58:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ 70نەچچەيىل ھۈكۈم سۈرۈپتۇ.

UID
4979
يازما
130
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
4873
تىزىملاتقان
2010-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-10
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 16:11:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋام خەلقنىڭ رايىغا، ئارزۇ-ئارمانىغا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلمىغان ھەرقانداق ھاكىمىيەتنىڭ تەقدىرى ئەنە شۇنداق بولىدۇ!!!

UID
18845
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-6
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 18:04:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پارتىيە پەقەت خەلىقنڭ غېمىنى يەپ خەلىقنى بېيىتقاندا ئاندىن پارتىيە ئوزىنى قۇدرەت تاپقۇزالايدۇ بۇنداق خەلىقنى ئېزىپ ئوزىنىڭ دىگىنىنى راس دەپ بىلىدىغان پارتىيە چوقۇم يوقۇلىدۇ

UID
10177
يازما
54
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1614
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 18:38:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى 20- ئەسىردىكى ئەڭ كاتتا ۋەقەلەرنىڭ بىرسى. بۇ ۋەقە مۇنداق ئىككى تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرى، غايەت زور قىزىل ئىمپېرىيىنىڭ ھالاك بولۇشى، يەنە بىرى، ‹ مونوپول كاپىتالىزىم  ۋە جاھانگىرلىك دەۋرى›نىڭ ماركسىزىمى دىيىلگەن داڭدار تەلىمات-لېنىنىزىم يۈكسەك نوپۇزىدىن ئايرىلىپ، سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەتنىڭ غۇلاپ چۈشىشى.  

UID
17957
يازما
96
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1686
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-10
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 19:34:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلىق بولسا بىر دېڭىز، ھوقۇق بولسا دېڭىزدىكى بىر كېمە، دېڭىز خالىسا ۆېمىنى چۆكتۈرۋېتەلەيدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش