كىنو ۋە كىنو ناخشا-مۇزىكىلىرى توغرىسىدا
كىنو ئاممىۋىلىققا ئىگە بولغان كۈچلۈك تەشۋىقات قورالىدۇر، شۇنىڭدەك ھەم ئۇنىۋېرسال سەنئەت بولۇپ، ئۇ ئەدەبىيات، مۇزىكا، گۈزەل-سەنئەت، ئۇسسۇل، ناخشا، بىناكارلىق ئامىللىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا ئۇ يەنە پەن-تېخنىكا ئامىللىرى بىلەنمۇ بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.
كىنو پەن-تېخنىكىنىڭ تەرققىي قىلىشى بىلەن19-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن يېڭى سەنئەت تۈرى بولسىمۇ، بېراق ئۇنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى. كىنو ناخشىلىرمۇ مۇشۇ تەرەققىيات مۇساپىسىدە بارلىققا كېلىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، كىنونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى.
كىنوچىلىق سەنئەتنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىگە كىرگەندىن بۇيان، ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرى بولغان شېئىرىيەت، پىروزا، سەھنە ئەسەرلىرى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. كىنو سەنئىتى دەسلەپ مەيدانغا كەلگەندە قوبۇل قىلغان شەكىل، ۋاستە قاتارلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ ھەمدە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەقىيات مۇساپىسىدە بۇ ئامىللىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە خاسلاشتۇرۇپ تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتە ئالاھىدە رول ئويناۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كىنو كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا چوڭقۇر يېلتىش تارتىپ، كەم بولسا بولمايدىغان سەنئەت تۈرى بولۇپ قالدى.
كىنو گرېكچە ” ineoK “ دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ”قىمىرلىتىش، مىدىرلىتىش“ دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. كىنو سەنئىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇئەييەن ماددى ئاساسقا ئىگە. ئۇ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلمىي نەتىجە ـــ سۈرئەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. يەنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا خېمىيە سانائىتى، ماشىنىسازلىق ، ئېلېكتىرون، ئېلېكتىر سايمانلىرى سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەركەتلىك رەسىمگە ئېلىش تېخنىكىسى بىلەن پرويېكسىيە پىلاستىنكىسى قويۇش تېخنىكىسى شۇنداقلا ئوپتىكا ئىلمىدىكى قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەر كىنو سەنئىتىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى تۈرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئۇ پەن-تېخنىكىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، سۈرەت تارقىتىش تېخنىكىسى بىلەن ئاۋاز ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىگە تەدبىق قىلىنىشىدۇر.
كىنو دەسلەپ كەشىپ قىلىنغاندا، پەقەت بىر خىل خاتىرلەش ۋاستىسى ياكى ئويۇنلا بولۇپ، رەسمىي سەنئەت تۈرىگە كىرمىگەنىدى. سۈرەتكە ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەر پارچە-پارچە ھالەتتە بولۇپ، رەسمىي ۋەقەلىك بايان قىلىش، مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرۈش تەلىپىدىن يېراق ئىدى. سۈرەت رەڭسىز ۋە ئاۋازسىز ئىدى. بۇ خىل ھالەتتە كىنو ناخشىسى ۋە مۇزىكىلارنىڭ بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەستە. 1895-يىلى 22-مارت كۈنى فرانسىيلىك ئاكا-ئۇكا لومېرلارپارىژدا ئۆزلىرى ئىشلىگەن تۇنجى كىنو «لومىر اۋۇتىنىڭ دەرۋازىسى »نى قويدى. گەرچە بۇ فىلىم پارچە-پارچە كۆرۈنۈشلەردىن تەسكىل تاپقان بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرنى قاتتىق ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. كىشىلەر كىنو ئېكرانىدا كۆرۈنگەن ئېچىقلىق چوڭ دەرۋازا ئىچىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان ئات ھارۋىسىنىڭ كۆرۈنىشىنى كۆرگەندە، ئۇنى خۇددى ئۆز كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان نەرسىدەك ھېس قىلىپ، بۇ ئات ھارۋىسىنىڭ ئازادە ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن ئىختىيارسىز يول بوشىتىپ بەرگەن، بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۈنجى كىنو بولۇۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا ئەينى چاغدا پەن-تېخنىكا يار بەرگەن بولسا بۇ فىلىمگە ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ناخشا-مۇزىكىلار كىرگۈزۈلگەن بولسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولاتتى.
فرانسىيە كىنوچىلىقنىڭ پېشىۋاسى لومېر 1898-يىلى بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئوبرازلارنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى يەنى كۆرۈنۈشلەرنى ئىلگىرى-كېيىن، تۇراقلىق تۇراقسىز، ئاستا-تېز ھالەتتە سۈرەتكە ئېلىش مۇمكىنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە دراممىنىڭ مەزمۇنى بىلەن كىنونىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى كىنوغا تەدبىق قىلىپ، 1900-يىلى گېرمانىيىلىك مېرىننىڭ «نامرات قىز» چۆچىكىنى فىلىمغا ئالدى. بۇ فىلىم بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، فىلىمدە چاشقاننىڭ ھارۋىكەشكە، كاۋىنىڭ ھارۋىغا ئايلىنىپ قېلىشى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
مانا شۇنىڭدىن كېيىن ۋەقە-ھادىسىلەر بايان قىلىنىدىغان فىلىملەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى.
1913 -يىلى ئامېرىكىدىكى ۋوللىۋود گۈللەنگەن كىنو شەھەرچىسىگە ئايلىنىپ، كىنو سەنئىتىنىڭ پىر ئۇستازلىرى ھېسابلانغان گېلفىس بىلەن چاپلىنلار كىنو سەنئىتىنىڭ پەۋقۇلادە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ئالاھىدە كۆرۈنۈش، يېقىن كۆرۈنۈش، ئوتتۇرا كۆرۈنۈش، يىراق كۆرۈنۈش قاتارلىق پەرقلەردىن ۋە كىنو ئاپراتىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، كۆرۈنۈشلەرنى ئالماشتۇرۇپ بايان قىلىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ كىنو ئىشلەش تېخنىكىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. لېكىن بۇ مەزگىلدىكى كىنولار يەنىلا ئاۋازسىز ئىدى.
20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى سانائىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ رادىئوفون، ۋىتافون كەشىپ قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ۋوللىۋود كىنو شىركىتى 1929-يىلى ئىسمى جىسمىغا لايىق كىنو فىلىمى ــ ئاۋازلىق فىلىم «نيۇ-يورك نۇرى»نى ئىشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ دۇنيادا ئاۋازلىق فىلىملەر كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن كىنو ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ سەھىپىسىنى ئاچتى.
ئېلىمىزدە كىنو 1913-يىلى دەسلەپتە شاڭخەيدە قويۇلغان بولۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە خەلق كىنوچىلىقى رەسمىي مەيدانغا كەلگەن. شىنجاڭدا 1935-يىللىرىدىن باشلاپ كىنو فىلىملىرى تارقىلىشقا باشلىدى. ئاۋازلىق كىنو ئېلىمىزدە 1930-يىلىدىن رەسمىي باشلانغان بولۇپ، «چولپان» كىنو سىتودىيىسى تۇنجى قېتىم «ئايال ناخشىچى ــ قىزىلمودەن» دېگەن ئاۋازلىق كىنونى ئىشلىگەن. تۇنجى قەدەم ئوڭۇشلۇق بېسىلغاندىن كېيىن دۆلىتىمىزدە نۇرغۇنلىغان كىنولار ئىشلەندى.
كىنو ئۇنىۋېرساللىق ۋە كوللېكتىپچانلىققا ئىگە بىر خىل سەنئەت شەكلى، بۇ ئىككى نۇقتا كىنو سەنئىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەرخىل سەنئەت تۈرلىرى ئىچىدە كىنو ئۇنىۋېرساللىقى، كوللىكتىپچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك سەنئەت بولۇپ، ئەدەبىيات، تىياتىر، گۈزەل-سەنئەت، مۇزىكا، ئۇسسۇل بىناكارلىق قاتارلىق سەنئەت ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ تىل سەنئىتى، رول ئېلىش سەنئىتى، مۇزىكا سەنئىتى، گۈزەل-سەنئەت، گىرىم، ئاۋاز، چىراغ قاتارلىقلارنىڭ ئوموملاشتۇرلىشى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر، مەسىلەن، ئاپتور، رېژىسور، ئارتىس، ئوپىراتور، رەسسام، مۇزىكانت، گىرىمچىك قاتارلىقلارنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى، كوللىېكتىپ ئەجىر سىڭدۈرشى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغان سەنئەت جەۋھىرى. كىنو ئىشلەش داۋامىدا سەنئەت ئامىللىرىنىو ئۆز رولى ۋە ۋەزىپىسى بولىدۇ. بولۇپمۇ، كىنو ئىپادىلىمەكچى بولغان ۋەقەلىك ئاكتىيورلارنىڭ ھەرخىل ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مۇزىكا ۋە ناخشا كىنونىڭ مەزمۇنىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى مۇھىم تولۇقلىما. كىنو ۋەقەلىكىگە كىرىشتۈرلۈپ بېرىلگەن گاھ جۇشقۇن كۆتۈرەڭگۈ، گاھ مۇڭلۇق، ھەسرەتلىك مۇزىكا ۋە ناخشا ئىختىيارسىز كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىلرىنى چېكىپ، كىنو ۋەقەلىكى تەسىر قىلغان رول بىلەب بىرلىشىپ تاماشبىنلارنى ھەرخىل ھېس-ھاياجانغا سالالايدۇ. ۋە شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ۋەقەلىككە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ۋە كىنونىڭ بەدىيىلىكىنى ئاشۇرۇپ يۇقىرى مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئىگە قىلىدۇ، داڭلىق بىر كىنونىڭ غەلبىسىنى ئۇنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن ۋە كىنو ۋەقەلىكىگە ماسلاشتۇرۇلغان ناخشا-مۇزىكىدىن ئايرىپ ئالغىلى بولمايدۇ.
كىنو بىلەن ناخشا ئايرىلماس بىر گەۋدە، كىنو باشلىنىشى بىلەن كىنونىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مەزمۇنىنى قىسقىلا چۇشەندۇرۇپ بىرىش رولىنى ئالغان بىر باشلىنىش مۇزىكىسى بولىدۇ، كىنودا رول ئالغان ھەربىر شەخىسنىڭ چىقىشى بىلەن ئاشۇ پىرسۇناژنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۇرىدىغان مۇزىكا ياكى ئالاقىدار بولغان ناخشا قويىلىدۇ،شۇ ئارقىلىق كىنودا ئەكىس ئەتتۇرىمەكچى بولغان ۋەقەلىك ئومۇمى جەھەتتىن كۆرۈرمەنلەرگە چۇشەنچە بىرىلىدۇ.ھەربىر كۆرۇنىش ئاخىرلاشقاندا شۇ كۆرۇنىش بىلەن بىر گەۋدە بۇلۇپ كەتكەن ئادەمنىڭ يۈرەك تارىسىنى تىترىتەلەيدىغان بىر ناخشا كىنو ئىچىگە سىڭىپ كىرىدۇ.
كىنو ناخشىلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىي ئاۋاز،نۇر،توك،ماگىنىت بار ئۇسكىنە ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.مۇزىكا بولسا كىنو سەنئىنىتىدىكى بىر مۇھىم ئامىل،شۇنداقلا ھىچقانداق ئامىل ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان ۋە ئورنىنى ئالالمايدىغان بىر ئامىل. شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى كىنو بىلەن ناخشا بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۆز-ئارا بىر بىرىنى تولۇقلاپ تۇرىدۇ.كىنو بىلەن ناخشا ئادەملەرنىڭ باش مۇھىم ئەزالىرىدىن بولغان قۇلاق ۋە كۆز بىرلا ۋاقىتتا قوبۇل قىلالايدىغان بىر خىل ئۇچۇر ئۇچۇر شەكلى بولوپ ھېسابلىنىدۇ. كۆرۇش سەزگۇسى بىلەن ئاڭلاش سەزگۇسى چوڭ مىڭىگە ئورتاق كۆرسىتىدۇ،مۇزىكا ۋە ناخشا كىنونىڭ تەرەققىياتىنى ئلگىرى سۇرىدۇ ۋە كىنونىڭ تەرەققىياتى بىلەن باشتىن-ئاخىرى بىردەكلىكنى ساقلايدۇ. كىنو ۋەقەلىكى ئادەمنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش سەزگۈلىرى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، كىنو باشقا سەنئەت تۈرلىرىگە ئوخشاش زامان-ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، كىنودىكى مەنزىرە كۆرۈنشلىرى بىلەن پېرسوناژلارنىڭ دىئالوگ، مونولوگلىرى ۋە ھەرخىل پىسخىك ھالەت كۆرۈنۈشلىرى ۋە بەزى تەكرارلانغان ئەسلىمىلەر كىنو ناخشا-مۇزىكىلىرى ئارقىن تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلىنىدۇ.
تۆۋەندە كىنو ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ رولىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن،
1. كىنو ناخشىلىرى ۋە مۇزىكىلىرى كىنو ھاسىل قىلىۋاتقان كۆرۇنىش ئۇچۇن ئالاھىدە بولغان كوتۇرەڭگۇ روھ پەيدا قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن كىنونى چوڭقۇر ھەم مەنىلىك بولغان كۆرۈنۈشكە ئىرىشتۈرگىلى ۋە كۆرۈنۈش ئۇنۇمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كوتۇرگىلى بولىدۇ. بۇنداق ناخشا ۋە مۇزىكىلار قىسقا ۋە ئاددي بولۇشىغا قارىماي، كىنو ۋەقەلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۆرۈرمەنلەرنى جەلب قىلىش رولى كۈچلۈك بولىدۇ ھەم كىنو مەزمۇنىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرەلەيدىغان بولىدۇ. كىنو جەريانىدا تەكرار-تەكرار قويۇلمايدۇ ۋە قويۇلۇش داۋامىدا كىنو ئەكس ئەتتۇرمەكچى بولغان ئارقا كورۇنىش ئۇچۇن شەرت-شارائت ھازىرلىغان بولىدۇ. كىنو ناخشىلىرىنى كىنو جەريانىدا تەكرار ئشلەتمەسلىكتىكى سەۋەپ كۆپ ئشلەتكەندە كىنونىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىپ، باشقىلارنى ئاسان زىرىكتۈرۈپ قويىدۇ ھەمدە ئۆزىگە خاس بولغان ئۈنۈم كەمتۇك بۇلوپ قىلىپ تەھلىل قىلغۇچىلارنىڭ تەنقىتىگە ئۇچرايدۇ.ئەگەر مۇشۇ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەندە كىنونىڭ كۆرۇلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كوتۇرگىلى بولۇپلا قالماستىن بۇنداق كىنوغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ناخشا مۇزىكىلارنىڭ پايدىلىق قىممىتىمۇ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.بۇنداق كىنو ناخشىسى كىنو ئشلىنىۋاتقان مۇھىت ، كىنو ئەكىس ئەتتۇرىۋاتقان دەۋىر ،كىنو ئىشلىنىۋاتقان ئورۇن-جاي،كىنو ئىشلىگەن مىللەت ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىش مەقسىتىگە تولۇق يەتكەن بۇلىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ئادىتى، تۇرمۇش شەكلى، جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى قاتارلىق ئامىللار ئوخشاش بولىغاچقا، شۇ رايوندا ئىشلەنگەن كىنو ۋەقەلىكىنىڭ ئىپادىلەش شەكلى ۋە باشقا خاسلىقلىرى باشقا كىنولاردىن پەرقلىنىشى مۇمكىن شۇڭا كىنو ناخشا-مۇزىكىلىرىنى تاللىغاندا چوقۇم شۇرايوننىڭ، شۇ مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كەلگەن بولۇشى شۇ مىللەت خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى لازىم.
2. كىنو ناخشىلىرى ۋە مۇزىكىلىرى كىنو جەريانىدا چىچىلىپ كەتكەن ۋە تولۇق ئەكىس ئەتتۇرۇلۇپ بولالمىغان كورىنىشلەرنى بىريەرگە يىغىپ كىنو مەزمۇنىنى ئخچام ھەم مەنىلىك قىلىپ ئىپادىلەپ بىرىدۇ،بىر كىنونىڭ ۋاقتى چەكلىك بولغانلىق تۇپەيلىدىن ،قىسقا ھەم موھىم بولمىغان كۆرىنىشلەرنى بىرمۇ-بىر تەسۋىرلىگەندە ۋاقىت يىتىشمەيدۇ ياكى كىنودا ئىپادىلىمەكچە بولغان مەزمۇن مەنىسىز بۇلۇپ قالىدۇ، ناخشا ۋە مۇزىكا بولسا كۆپ ۋاقىت ئىگىلىمەيدىغان ،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەنىلىك ھەم ھوزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان كۆرىنىشلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىيەلەيدىغان ئالاھىدىلىكى بولغاچقا كىنو مەزمۇننى تىخىمۇ موللاشتۇرىدۇ.كىنو ناخشىسى بولسا دىئالوگسىز ھالەتتە تۇرۇپ تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقىش تەسكە توختايدىغان كورۇنىشلەرنى ئىپادىلەپ چىقىش رولىغىمۇ ئىگە، ئىپادىلەپ چىقىش تەس بولغان پىرسۇناژلارنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى دۇنياسىنى ،چۇشىنىپ بولغىلى بولمايدىغان ھىسياتىنى ئپادىلەپ بىرىش رولىغا ئىگە. كىنودا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلار كىنو ناخشا-مۇزىكىلىرى بىلەن ئورگانىك بىرلىك ھاسىل قىلىپ، مەزمۇننى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ ۋە گەۋدىلەندۈرۈپ كىنو ۋەقەلىكىنى كىشىلەرگە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كىنونىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى كىشىلەرنىڭ تۇيغۇلىرىغا تەسىر قىلىپ كىنو ۋەقەلىكى بىلەن بىللە خۇشال قىلالايدۇ، غەزەولەندۈرەلەيدۇ ۋە ھەرخىل غەم-ئەندىشىگە، بىئاراملىققا سېلىپ قويالايدۇ.
3. كىنو ناخشىلىرى ۋە مۇزىكىلىرى بولسا كىنوكۆرۇنىشى ئچىدىن ھاسىل بولغان قاراتمىلىققا ۋە بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئگە بولغان ئامىل. كىنوۋەكىنو ناخشىسى ئايرىم ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ،گۇزەللىك تۇسىنى ئالغان كىنو ناخشىسى ۋە مۇزىكىسى كىنو .ئىچىگە سىڭىپ كىرگەن بولۇپ،ناخشا قويۇلغاندا كۆرۇرمەنلەرگە ئالاھىدە بولغان راھەت تۇيغۇسى ۋە ھوزۇر بىغىشلايدۇ،بۇنى قارشى تەرەپتىن چىقىپ تەھلىل قىلساق،كىنومۇ قويۇلىۋاتقان ناخشىنىڭ جەلىپ قىلىش كۇچىنى ۋە رەڭدارلىقىنى تولۇقلايدۇ، كىنو ناخشىسى بولسا كىنونىڭ جەلىپ قىلىش كۇچىنى ئاشۇرۇشتىكى قورال بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
4. كىنو ناخشىسى ۋە مۇزىكىسىنىڭ باشتىن-ئاخىرى كىنو بىلەن بىر گەۋدىدە تۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولغانچە ئۆتكەن ۋەقەلىكنى ئەسلەش،موھىم بولغان كورىنىشلەرنى تەكرارلاش زۆرۇر بولغان ۋاقىتلاردا ئويغۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ،گۇزەل ھەم مەنىلىك بولغان ناخشىلار تىز سۇرەتتە ئاڭلاش ۋە كۆرۇش سەزگۇ ئەزالىرىغا تەسىر قىلىپ چوڭ مىڭىگە تەسىر كورسىتىدۇ،مۇشۇ ئارلىق كىنو جەريانىدىكى ئوخشاش بولمىغان جاي ۋە موھىتتا يۇز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئىخچام،يىغىنچاق ھەم مەنىلىك قىلىپ ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ،بۇ ئارقىلىق كىنونى مۇۋاپىقىيەتلىك ئىشلەپ چىقىش مەقسىتىگە تولۇق يەتكىلى بولىدۇ.
ھەرقىتىم مەلۇم بىر كىنونى كۆرگەن چىغىمىزدا ئادەمگە ھوزۇر بىغىشلايدىغان موھىت ۋە رەڭدار بولغان ۋەقەلىك بىزگە چوڭقۇر تەسىر قىلغاندىن باشقا كىنونىڭ ناخشا ۋە مۇزىكىسى بىزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مۇۋاپىپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىقىلغان مەلۇم بىر كىنودا چوقۇم مەنىلىك ۋە ھوزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان گۈزەل مۇزىكا بولىدۇ،شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى مۇشۇ يىقىملىق ناخشا مۇزىكىلار بولغاچقا كىنو مۇۋاپىقىيەتلىك ئىشلەپ چىقىلغان،مەلۇم ۋاقىت ئوتكەندىن كىيىن ئۇ كىنو كىشىلەر ئېسىدىن كوتۇرلۇپ كىتەي دېگەندە كىشىلەرگە ئەينى ۋاقىتتا چوڭقۇر تەسىر قىلغان موزىكا ۋە ناخشا تۇيۇقسىز قويۇلغاندا ،كاللىمىزدا ئاشۇ كىنو قايتىدىن ئەكس ئېتىدۇ، كىشىلەرنى ئاشۇ كىنوغا قايتىدىن باشلاپ كىرەلەيدىغىنىمۇ يەنە شۇ ناخشىسى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئادەم ئۆزىگە كۈچلۈك تەسىر قىلغان نەرسىنى ئاسانلىقچە ئۇنۇتمايدۇ.
ئوموملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، كىنو ناخشا-مۇزىكىلىرى ھازىرقى زامان كىنو ئىشلە پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىنونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى ۋە كىنو كەيپىياتىنى ئىپادىلەشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. مۇزىكانىت ۋە رېژىسورلار كىنوغا ناخشا-مۇزىكا تاللىغاندا، كىنو ۋەقەلىكىنى ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ ياخشى تاللاش كېرەك. كەيپىياتقا ماسلاشمايدىغان، تۇترۇقسىز ناخشىلارنى تاللاپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
مەنبە: ئۆزۈم (باشقا تور بېكەتلەرگە قالايمىقان يۆتكەشكە بولمايدۇ)