ئەسسالامۇئەلەيكوم،ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ئوزۇن يىللاردىن بويان ئەلكۈيى تورىنى قوللاپ، قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭلارغا تورىمىز ۋە شىركىتىمىز نامىدىن چىن دىلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

2011-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى(ئۈرۈمچى ۋاقتى) چۈشتىن كىيىن سائەت 5:00بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى زۇمەر مۇزىكىلىق زالىدا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى FM107.4سەنئەت رادىيوسى بىلەن ئەلكۈيى تورى ھەمكارلىقىدا ئويۇشتۇرۇلغان <<ئەلكۈيى مىكرو بلوگى>>ئېچىلىش مۇراسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن <<شاتلىق مىنۇتلىرى پروگراممىسى>>دا بىۋاستە ئاڭلىتىلغان ئەلكۈيى مىكرو بلوگى ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.
رادىئودا بەرگەن نەق مەيدان ئەھۋالىنى بۇيەرنى بېسىپ ئاڭلىسىڭىز بۇلىدۇ
ئېچىلىش مۇراسىمى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى رادىيو دولقۇنلىرى FM107.4شاتلىق مىنۇتلىرى پروگراممىسى ئارقىلىق تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى كەڭ قېرىنداشلارغا داغدۇغىلىق ھالدا ئاڭلىتىلىش بىلەن بىرلىكتە ئەلكۈيى تورى ،ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرى ۋە ئەلكۈيى مىكرو بلوگى ئارقىلىق پۈتۈن تور دۇنياسىغا بىرلىكتە نەق مەيداندا تارقىتىلدى.


ئەلكۈيى مىكروبلوگى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش كاتتا مۇراسىمىغا جامائەت ئەربابى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دائىمىي كومتېتنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر،ئاتاقلىق يازغۇچى،شائىر ،ئۇستاز،شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن،ئەل سۆيگەن تالانتلىق ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ئابدۇكېرەم ئابلىز ،تالانتلىق ئوبزورچى يالقۇن رۇزى،مېھرىبان ئانىلار جەمئىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى رەيھان قاسىم،ساخاۋەتچى ئاتىلار قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئابدۇراخمان،شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ پروفىسسورى تۇرسۇنجان زۇزۇن،ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىم ئەھەت،شىنجاڭ رادىيو-تېلىۋىزىيە گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ھاجى مۇھەممەد ،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلىنىڭ نازارەتچىسى ،داڭلىق رىياسەتچى مۇنىرە غۇپۇر،107.4سەنئەت رادىيوسىنىڭ نازارەتچىسى قاھار مۇھەممەت، شىنجاڭ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى يالقۇن ئوسمان،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئەل سۆيگەن تالانتلىق ياش ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم،كارۋان تىياتىر كولۇبىدىكى جۈرئەت ۋاھىت،بەختىيار ئېزىز،ئەنۋەر ئابلىز،شۆھرەت ئابدۇۋەلى..قاتارلىقلار،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا،كۈلدۈرگە ئارتىسى مۇھەممەدجان رۇزى سايىت،ياش ناخشىچى مۇرات مۇختەر،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ شۇنداقلا 107.4سەنئەت رادىيوسىنىڭ دېكتور -رىياسەتچىلىرى ھەم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئەزالار ۋە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلىxjtv-2،شىنجاڭ رادىيو تېلىۋىزىيە گېزىتى ..قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار رىياسەتچىلەرنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئەلكۈيى تورى مىكرو بلوگى تور دۇنياسىغا رەسمىي يوسۇندا ئېچىۋېتىلدى.ئارقىدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان رەھبەرلەر،جامائەت ئەربابلىرى ،يازغۇچى-سەنئەتكارلار..ئۆزىنىڭ ئەلكۈيى مىكرو بلوگى ھەققىدىكى كۆڭۈل سۆزلىرىنى بايان قىلدى.ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ،ئابدۇكېرېم ئابلىز قاتارلىق سەنئەتكارلىرىمىز ئۆزى يىراقتا بولغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ،بىراق يىراقتا تۇرۇپ ئەلكۈيى مىكروبلوگىغا ئەزا بولۇپ،ئۆزىنىڭ قەلب ئىزھارىنى ئىپادىلەپ ئەلكۈيى مىكرو بلوگىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.ئارقىدىن ئەل سۆيگەن تالانتلىق ياش ناخشىچى،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىم سەھنىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمى ھەققىدىكى تىلەكلىرىنى سۆزلەپ،ئەلكۈيى مىكرو بلوگىدىكى شەخسىي ھېساباتىنى قوزغىتىپ،تور دۇنياسغا ئېلان قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ گۈزەل قايدا ناملىق شوخ ناخشىسى بىلەن بۈگۈنكى مۇراسىمنى تېخىمۇ جۇشقۇن كەيپىيات قوشتى.




ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىم ئەھەت ۋە مۇنىرە غۇپۇر سەھنىدە
ئارقىدىن ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىم ئەھەت سەھنىگە چىقىپ بۈگۈنكى ئەلكۈيى مىكرو بلوگى ئېچىلىش مۇراسىمى ھەققىدىكى تەسىراتىنى سۆزلىگەچ مىكرو بلوگ ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەلكۈيى مىكرو بلوگىدىكى مىكرو بلوگىنى تور دۇنياسىغا ئېچىۋەتتى.شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى مۇنىرە غۇپۇر ئۇيغۇر تىل يېزىدىقىكى مىكرو بلوگ بولغان ئەلكۈيى مىكرو بلوگىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىدىن سۆيىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى بايان قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ مىكروبلوگىنى نەق مەيداندا تور دۇنياسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. ئارقىدىن مۇراتجان مۇختەر ،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ قاتارلىق ياش ناخشىچىلىرىمىز سەھنىدە ئۆزىنىڭ شوخ ۋە مۇڭلۇق ناخشىلىرى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمىنى تەبرىكلەپ،ئۆزىنىڭ ئەلكۈيى مىكرو بلوگىدا مىكرو بلوگىنى ئېچىۋەتتى.

پائالىيەت ناھايتى جۇشقۇن ۋە داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.مۇراسىم داۋامىدا ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ 80مىڭغا يېقىن ئەزاسىنى مۇۋۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەلكۈيى مىكرو بلوگىغا ئوڭۇشلۇق ھالدا يۆتكىدى .بۇنىڭدىن كىيىن ئەلكۈيى مۇنبىرى ئەزالىرى ئۆز ئىسمى ۋە مەخپىي نومۇرى ئارقىلىق ئەلكۈيى مىكرو بلوگىغا كىرسە بۇلىدۇ.

ئېچىلىش مۇراسىمى جەريانىدا رەھبەرلەر،ئالاھىدە تەكلىپلىك مېھمانلار ،ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى پەخىرلىك كىشىلىرىمىز شۇنداقلا رادىيو ئىستانسىسى،شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى كىشىلەرنىڭ بەس-بەس بىلەن ئۆزىنىڭ ئەلكۈيى مىكرو بلوگىنى ئىلتىماس قىلىش پائالىيتى ئارقا-ئارقىدىن باشلىنىپ كەتتى.پائالىيەت مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ سىنى ئۇنتالماسمەن ناملىق ناخشىسىنىڭ مۇڭلۇق مۇزىكىلىرى ئىچىدە ئاياغلىشىپ،زىياپەت ئويۇشتۇرۇلدى،

زىياپەت جەريانىدا مۇراسىم ئەھلى بىر تەرەپتىن بۈگۈنكى قۇتلۇق مىنۇتلاردىن خاتىرە قالدۇرۇش مەقسىتىدە تەرەپ-تەرەپتىن رەسىمگە چۈشسە،يەنە بىر قىسىم مۇراسىم ئەھلى ئەلكۈيى تورى خىزمەتچىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئەلكۈيى مىكرو بلوگىغا ئەزا بولدى.شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مۇراسىم جەريانىدا بۇ قېتىمقى ئېچىلىش مۇراسىم ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ئىشلىدى.ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ كوللىكتىپ رەسىمگە چۈشۈش ۋە ئەلكۈيى مىكرو بلوگى ، ئەلكۈيى تورى ھەققىدە بېغىشلىما يېزىپ بىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن داغدۇغىلىق ھالدا ئاخىرلاشتى.
ئەلكۈيى مىكرو بلوگى ئېچىلىش مۇراسىمى جەريانىدىكى رەسىملەردىن تاللانمىلار








(رەسىملەر كۆپ بولغاچقا داۋاملىق كىرگۈزىلىۋاتىدۇ،مۇشۇ بەت ئاستىغا يوللىنىدۇ ياكى ھەرقايسى شەخسلەرنىڭ ئەلكۈيى مىكرو بلوگىغا كىرىپ ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئالاھىدە مېھمانلار يوللىغان رەسىملەردىن كۆرىۋالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ....)
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان تورداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ پائالىيەتنىڭ رادىيو دولقۇنلىرىدىكى ئاۋاز ھۆججىتىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.پائالىيەت جەريانىدا ئەلكۈيى تورى نەق مەيدان ئەھۋالىنى تولۇق سۈرەتكە ئالغان بولۇپ ،ئەمەلىي جەريان فىلىمى نۆۋەتتە كىرىشتۈرىلىۋاتىدۇ،ئەڭ تېز سۈرەتتە تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىلىدۇ.
كەڭ تورداشلارنىڭ ئەلكۈيى مىكرو بلوگىغا ئەزا بولىشىنى،ئۆزىنىڭ مۇنبەردىكى نامىدا كىرىشىنى،شۇنداقلا بۇيەردە يېڭىچە ئىزلارنى قالدۇرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە بۇ قېتىمقى ئېچىلىش مۇراسىمىغا كۈچ قوشقان شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىFM107.4سەنئەت رادىيوسى ۋە بىزنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بارلىق مېھمانلارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ تور ئادرېسى:
http://alkuyi.cn
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى