تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 701|ئىنكاس: 15

بىزنىڭ ئارزۇيىمىز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18475
يازما
13
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2011-12-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-15
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 20:21:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      بىر جۈپ ئاكا-ئۇكىلار بار ئىكەن، ئۇلار بىر بىنانىڭ 80– قەۋىتىدە تۇرىدىكەن. بىركۈنى ئۇلار سەپەردىن قايتىپ كەلسە ئۇلار تۇرىدىغان بىنادا توك توختاپ كىتىپتۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ يۈك-تاقىلىرى ئىغىر بولسىمۇ، لېكىن باشقا ئامال بولمىغاچقا، ئاكىسى ئىنىسىغا پەلەمپەي بىلەن چىقايلى دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى ئېغىر سومكىنى كۆتۈرۈپ پەلەمپەيدىن چىقىشقا باشلاپتۇ. 20- قەۋەتكە چىققاندا ئۇلار ھىرىشقا باشلاپتۇ، ئاكىسى «سومكىلار بەك ئىغىر ئىكەن، بولمىسا بىز سومكىلارنى بۇ يەرگە قويۇپ قويۇپ، توك كەلگەندە لېفىت بىلەن ئىچىقايلى» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سومكىلارنى 20-قەۋەتتە قويۇپ داۋملىق ئۈستىگە قاراپ يامىشىپتۇ، ئىغىر سومكىلار بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ قەدەملىرى تېزلىشىپتۇ.
        ئۇلار كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن ئۈستىگە قاراپ يامىشىپتۇ. لېكىن ياخشى ۋاقىتلار ئۇزۇنغا بارماپتۇ. 40-قەۋەتكە چېققاندا ئۇلار ھېرىپ  ھالىدىن كېتىپتۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئەمدى تېخى يېرىم مۇساپىنى تاماملىغانلىقىنى ئويلاپ بىر-بىرىنى ئەيىپلەپ، بىر-بىرىدىن ئاغرىنىشقا باشلاپتۇ. ئۇلار دەتالاش قىلغاچ يامىشىپ 60-قەۋەتكە چىقىپتۇ. 60-قەۋەتكە چىققاندا ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقىدەكمۇ ماغدۇرى قالماپتۇ. ئىنىسى ئاكىسىغا « بىز ئۇرۇشماي داۋاملىق يامىشايلى» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈن-تىنسىز ئۈستىگە قاراپ ئىلگىرلەپتۇ، ئاخىرى 80-قەۋەتكە چىقىپتۇ. ئۇلار خۇشال ھالدا ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ، شۇ چاغدىلا ئۇلار ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى 20-قەۋەتتىكى سومكىدا ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ.
       بەزىلەر بۇ ھىكايىنى كىشىلىك تۇرمۇشقا سىمول قىلىدۇ: 20 ياشتىن بۇرۇن بىز ئۆيدىكىلەرنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرى، ئىغىر بېسىمى ئاستىدا ياشايمىز. پىشىپ يىتىلمىگەنلىكىمىز، ئىقتىدارىمىزنىڭ چەكلىكلىكى سەۋەبىدىن ھەر بىر قەدىمنى بېسىشىمىز تەسكە توختايدۇ. 20ياشىتىن كېيىن ھەر خىل بىسىم، يۈكلەردىن قۇتۇلۇپ ئۆز غايىلىرىمىزى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خۇشال ھالدا 20 يىلنى ئۆتكۈزىمىز.40 ياشقا بارغاندا، ئۆزىمىزنىڭ ياشلىق چاغلىرىمىزنىڭ ئاللىقاچان  ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، نۇرغۇن پۇشايمان، ئۆكۈنۈشلەرنىڭ قالغانلىقىنى ھېسقىلپ ئۆكۈنۈشكە، ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا باشلايمىز ھەمدە ئۆكۈنۇش، ئاغرىنىش ئىچىدە 20يىلنى ئۆتكۈزىمىز. 60 ياشقا بارغاندا بولسا، ئۆمرىمىزنىڭ ئۇزۇن قالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ- بۇنىڭدىن ئاغرىنماي، ھاياتىمىزنى قەدىرلىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇپ يىتىمىز. ھەمدە ئۈن-تىنسىز ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرىقى ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزىمىز. ئۆلۈم ئالدىدا بولسا ،خۇددى مەلۇم بىر ئىشنى قىلىپ تۈگىتەلمىگەنددك تۇيغۇغا كىلپ قالىمىز.ئەسىلىدە بىزنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز ئاشۇ 20 ياش ۋاقىتلىرىمىزدا قىپ قالغان.
       ئادەم ئارزۇ-ئارمانغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغدۇر. پۇرسەت مەڭگۈ تەييارلىقى بار ۋە دەرھال ھەركەتلىنەلەيدىغان كىشىلەرگىلا  مەنسۇپ.
مەنبە: ئۆزۈم


تولۇقلىما مەزمۇن (2011-12-20 22:33):
بۇ ئەسەر دوستۇمنىڭ تەرجىمىسى

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

يېڭى يۇلتۇز

uzum ham atirapimdikilar bi la

UID
18170
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2011-12-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-18
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 03:12:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق گۈزەل ئارزۇ ئارمانلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بەلنى چىىڭ باغلاپ توختىماي تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!
دوسلا مەن ھەم بىزلەرمۇ خام خيالىمىزغا پىتىپ قالماي گۈزەل ئارزۇ ئارمانىمىز ئۈچۈن تىرىشايلى !!!!!!!

ياشلىقىمىز ئۇزىمىزنى تەرەققى قىلدۇردىغان ئالتۇندىنمۇ قىممەتلك ھاياتىمىزدىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت .

UID
18385
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
206
تىزىملاتقان
2011-12-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 10:31:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياشاش تۇرمۇشمۇ بەزىدە ھىچقانداق ئەھمىيەتسىزدەك. تۇغۇلۇش ،ئۆلۈش....!!!قايتا تىرىلىش مۇمكىنمۇ؟؟؟؟

باھا سۆز

xawkunluk  مىنىڭچىممۇ شۇنداق . بەزى ۋاقىتلاردا ئادەم شۇنداق ئويلاپ قالىدىكەن.  يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 13:10:38

تىرىشچان ئەزا

بۈگۈن-ئەڭ مۇھىم.

UID
11300
يازما
37
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1237
تىزىملاتقان
2011-5-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 10:43:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن، ھەر بىر كۈننى قەدىرلەپ، ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشساق بولغۇدەك!

UID
15502
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
94
تىزىملاتقان
2011-9-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 10:50:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاش ئادەمگە بەزىدە شاد خۇراملىق ئىلىپ كەلسە ،بەزىدە ئازاپ ئوكوبەت ئىلىپ كىلىدۇ ،شۇڭاھاياتنى قەدىرلەيلى !   

UID
18475
يازما
13
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2011-12-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-15
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 11:00:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lerika يوللىغان ۋاقتى  2011-12-21 10:31
ياشاش تۇرمۇشمۇ بەزىدە ھىچقانداق ئەھمىيەتسىزدەك. تۇغ ...

دەپسىزغۇ ئەزىز قىرىندىشىم، «بەزىدە ھېچقانداق ئەھمىيەتسىزدەك»، ئەمسە سىز ئەھمىيەتلىك دەپ ئويلىغان ۋە باشقىلامۇ ئەھمىيەتلىك دەپ ھېس قىلىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغايسىز...

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
961
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
42684
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-1
توردا
34 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 13:15:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا، ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياكى مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك تۇيغۇدا ياشىشىمىز كېرەك.
مەن بۇ جۈملىنى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا دىلئارام ھەدەش يازغان قۇرلاردىن سۈزىۋالغانتىم.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
17957
يازما
101
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1691
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-20
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 15:16:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرسەت ۋە ئارزۇ ، يەنە ئىرادە بولۇش كېرەك

كۆيۈمچان ئەزا

بۈگۈن بىز بۇ يەر

UID
12992
يازما
184
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2345
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-1
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 17:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lerika يوللىغان ۋاقتى  2011-12-21 10:31
ياشاش تۇرمۇشمۇ بەزىدە ھىچقانداق ئەھمىيەتسىزدەك. تۇغ ...

تورداش لىرىكا ! گىرامماتىكىغا دىققەت قىلىسىڭىز بوپتىكەن ، ماۋۇ ئىنكاسىڭىزدىن ‹‹ قايتا تىرىلىش مۇمكىن بولامدۇ ›› دىگەن مەنا چىقىپ قاپتۇ  ، قانداق خاتا ئىنكاس بۇ ؟ راۋان ئۇيغۇرتىلى مۇشۇنداق بولامدۇ ؟  قاراڭ !
‹‹    ياشاش تۇرمۇشمۇ بەزىدە ھىچقانداق ئەھمىيەتسىزدەك. تۇغۇلۇش ،ئۆلۈش....!!!قايتا تىرىلىش مۇمكىنمۇ؟؟؟؟ ››   سىزنىڭ نېمە دىمەكچى بولغىنىڭىز مۇنداق بىر جۈملە سۆز بىلەن ئىپادىلىنىشى مۇمكىن :
‹‹ياشاشنىڭ ، تۇرمۇشنىڭ بەزىدە بىزگە ھېچقانداق ئەھمىيتى يوقتەك بىلىنىدۇ ، خۇددى بۇ دۇنيا تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈشنىلا مەقسەت قىلىدىغاندەك ...ئەمما  بۇ دۇنيادا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش يەنە مۇمكىن بولارمۇ ؟ ››
   مۇشۇنداقراق ئىپادىلەنگەن بولسا سىزنىڭ نېمە دىمەكچى بولغىنىڭىز بەلكىم سەل چۈشىنىشلىك بولغان بولاتتى .  ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئانا تىلىمىزدا توغرا ۋە گۈزەل تىل بىلەن سۆزلەيلى ، قېرىندىشىم . سەل ئاقساقاللىق قىلىپ قويدۇم ، نىيىتىمنى خاتا چۈشەنمەسسىز !



UID
11425
يازما
49
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
769
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 14:08:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lerika يوللىغان ۋاقتى  2011-12-21 10:31
ياشاش تۇرمۇشمۇ بەزىدە ھىچقانداق ئەھمىيەتسىزدەك. تۇغ ...

  ئەلۋەتتە مۇمكىن.  مەن مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش