altuntarim09 يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 02:51 
semerqentئەپەندى، پىكرىڭىز ئورۇنلۇق، مۇشۇنداقراق يازاي دە ...
ئالتۇنتارىم ھەدە ، مېنى چوڭ كۆرگىڭىنىڭىزگە رەھمەت . مەقسەت ئەپەندىنىڭ ئۆزگىچە مەقسەتلىرى بولمىسا بۇنچە زورۇقۇپ ئىنكاس يازماس بولغىيدى . قارىغاندا ئۇ تەلەپ قىلىۋاتقىنى ماركا ئەخلاقى ئوخشايدۇ . ئەپسۇس بىرەر كىم تىخى ‹‹ پادىشاھ ›› دىگەن سۆزنى ماركا قىلىپ ئەنگە ئالدۇرىۋالغىنى يوقتۇ ؟ ئەپسۇس بۇ ئەپەندىمىز ۋىۋىسكىغا يېزىلغاننىڭ ھەممىسىنى ماركا روھى دەپ چۈشىنىدىغان ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ تەكىتلىمەكچى بولغىنى ئىسمى - جىسمىغا لايىق مۇلازىمەت سورۇنلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش . شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ تېمىسىدا بەك كۆۋەجەپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەي قېلىۋاتىدۇ . ھالبۇكى تېما ئوتتۇرىغا قويۇلغانىكەن ، ئىنكاس يېزىش ئەركىنلىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولىدا بولىدۇ . شۇ ئىنكاسلار ئاساسىدا تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر يا مۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ ياكى ئىنكار قىلىنىدۇ . خۇددى ‹‹ پادىشاھ ›› دىگەن ئاتالغۇ بىرەر كىم تەرىپىدىن مونوپول قىلىنىۋالغان داڭلىق ماركىدەك ، باشقىلار ئۇنى ۋىۋىسكىلىرىدا خالىغانچە قوللىنىۋىلىپ ، ماركا ئىگىسىنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىۋاتقاندەك ئۇنىڭ ۋىۋىسكىلاردىكى ‹‹ پادىشاھ ›› دىگەن ئاتالغۇدىن بۇنچە بىمەنىلىك ھېس قىلىشى كىشىنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرىدۇ . ئەگەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ‹‹ بۇ نامنى خالىغانچە قوللىنىشقا بولمايدۇ ›› دەپ بىرەر بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا ئۇ قانداق قىلاتتىكىن ؟ ئەمما مەن ئۇنىڭ سۈپەت بىلەن مۇلازىمەتنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىدىن ( گەرچە بۇ مۇلاھىزە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە يورۇتۇلمىغان بولسىمۇ ) ئازراق رازى بولغاچقىلا ئۇنىڭغا ئوشۇق بىرەر ئېغىز گەپ قىلمىغان ئىدىم ۋە ئۆزۈمنى ئەخمەقلىق قىپتىمەن ، دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپمۇ قويغان . ئەپسۇس ، ئۇ بۇدۇشقاقتەك ماڭا يېپىشىۋىلىپ مېنى مازاق قىلىشنىڭ كويىغا چۈشتى . بۇ قېرىندىشىمىز ئۆزى يازغان تېمىدا بۇنچىلىك كۆپ سۆزلەپ كېتىشىنىڭ ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك ، ھەدەپ ئۆزەمنىڭ راس دېگىلى تۇرۇپتۇ . بەلكىم بۇ ئۇنىڭ ئەلكۈيىگە يوللىغان ئەتىۋارلىق تېمىلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك . ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ يازغانلىرىغا ئىشەنچ قىلالىسا بۇنچە كۆپ سۆزلىشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟ كۆڭلىگە ياقمىغان ئىنكاسلار بولسا ئۆزىلا ھەپىلەشمەي ، باشقا مۇنبەرداشلارغا قويۇپ بەرسىمۇ تەنقىد قىلالايدىغانلار يەنىلا چىقار بولغىيدى ؟ خۇددى ئەلكۈيىدە ئۇندىن باشقا پىكىر قىلالىغۇدەك باشقا ئادەم يوقتەك ، نېمانچە يېپىشىۋالىدىكىنا ئۆزىنىڭ تېمىسىغا ؟ سىزمۇ سەۋىر قىلىڭ ھەدە .