كۆرۈش: 5536|ئىنكاس: 45

‹ پادىشاھ ›قا ئايلانغان تائاملار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16850
يازما
195
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
645
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
128 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 10:13:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«پادىشاھ»قا ئايلانغان تائاملار

     كاۋاپ پادىشاھى، پولۇ پادىشاھى، لەڭمەن پادىشاھى، نارىن پادىشاھى، نان پادىشاھى، توخۇ گۆشى قوردىقى پادىشاھى     دەپ يېزىلىپ، ئاش-تائام سورۇنلىرىنىڭ پىشانىسىگە—ئىشىك بېشىغا ئېسىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆرسەم، پادىشاھنىڭ نەدە،   قانداق بۇلىدىغانلىغىنى بىلمەي، ھەدىسىلا ئاش-تائام  سورۇنلىرىنىڭ نامىغا پادىشاھ ئاتالغۇسىنى كەلسە-كەلمەس   قوللىنىدىغاندۇ دەپ ئىختىيارسىز ئويلىنىپ قالىمەن. شۇڭا بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە لىللا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشنى لايىق تاپتىم.
     پادىشاھ دېگەن قازان بېشىدا ئەمەس، دۆلەتنىڭ بېشىدا    بولىدۇ. «پادىشاھى» دېگەن سۆزنى ئاش-تائام سورۇنلىرىنىڭ
ۋىۋىسكىسىغا يېزىۋېلىش پادىشاھنىڭ ئادەمدىن ئاش-تائامغا  ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئاش-تائامنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋېلىش       ھەممىدىن ياخشىسى –ئىسىلى بىز دىگەنلىك بولسا، يەنە بىر  تەرەپتىن ھەممىدىن ياخشىسىنى داۋاملىق-كۆپلەپ يەڭ        دىگەندىنمۇ بىشارەت بىرىدۇ.  ئاش-تائاملار بازىرىدا كاۋاپ     پادىشاھى، لەغمەن پادىشاھى، پولۇ پادىشاھى دىگەندەك        ناملارنى ئۆز پىشانىسىگە ئۆزى يېزىۋالغانلار پەقەت بىرلا       ئەمەس.     پالانى-پۇستانى تائاملار پادىشاھى دەپ ۋىۋىسكا ئېسىۋالغانلار ئاۋات بازارلاردىن تارتىپ خالتا كوچىلارغىچە ھەممە يەردە ئۇچراپ  تۇرىدۇ. ئەمما، بۇ بىرمۇنچە ئاش-تائاملارپادىشالىغىدىن بىرەرسىمۇ خاسلىق-ئۆزگىچىلىك يارىتالمىغان، ئۇلارنىڭ ئاش-تائاملار پادىشاھلىغى پەقەت ۋىۋىسكىلارغا يېزىلىش      بىلەنلا توختاپ قالغان. نام-ئىسىم قويغۇچىلار شۇنداق  ئاتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىگىنى نامايەن قىلماقچى بولغان.  پەقەت ئۆزىگە     ئۆزى  يالغۇز پادىشاھ بۇلىدىغان،ھىچنىمىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان، ھىچنىمىنى يىتەكلىيەلمەيدىغان، تائاملارنىڭ تەم- سۈپىتىگە، باھا-مىقتارىغا، تاماقخانىلارنىڭ مۇھىت-تازىلىقىغا مەسئۇل بۇلالمايدىغان، خۇددى ئالەمدە بىردەك ھەممىدىن مەن ياخشى دەپ ئۆزىنى كۆپتۈرۈدىغان، ماختايدىغان، داۋراڭ    سالىدىغان ھالەتتىكى ئاش-تائاملار پادىشاھى ۋىۋىسكىلىرى   دەۋرىمىزگە ماس كەلمەيدىغان، ئاش-تائاملارنى ھەم تاماقخانا خوجايىنلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان ئەھۋالدۇر. چۇنكى، پولۇ،كاۋاپ، لەغمەن دىگەنلەرلەرنىڭ بىرمۇنچە پادىشاھلىرىنىڭ     بارلىغى، بۇ پادىشاھلارنىڭ رىقابەتلىك ھالەتتە ئەمەس، بەلكى يەۋىتىلىدىغان ھالەتتىكى ئاش-تائاملار پادىشاھى ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم. بۇنىڭدىن ئەڭ مۇھىم ئورۇندىكى          پادىشاھنى ئاش-تائامغا ئالماشتۇرىۋالغان ، قۇساق بېقىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇۋالغان كىشىلەر كۆز ئالدىمىزغا       كېلىدۇ.   
      ئاش-تائاملار تەم-سۈپەت، باھا-مۇلازىمەتتە ئەڭ ياخشىلىنى نامايەن قىلماقچى بولسا، پادىشاھنىڭ چاپىنىدا تەرلەيمەن دىمەي، خاس ئىسىم-نامنى ئېسىل تەم-سۈپەت، پاكىز-       راھەت مۇھىت، ياخشى-ئەلا مۇلازىمەت ئارقىلىق چىقىرىدىغان داڭلىق ماركا نامى بىلەن نامايەن قىلىشى كېرەك.
ھەرقانداق تاماقنىڭ ئوخشىغان-ئوخشىمىغانلىغىنى شۇ   تاماقنى يىگەن ئادەم بىلىدۇ. ھەقىقى  ئوخشىغان ئۆزگىچە    تەم-ئالاھىدىلىككە ئىگە تاماقلار خېىرىدارلارنىڭ ئېىغىزىدا    قالىدۇ. ئۇلار كىيىنمۇ ئىزدەپ-سوراپ، پىشانىسىدە پادىشاھى دەپ يېزىلمىغان بولسىمۇ داۋاملىق شۇ تاماقخانىنىڭ            دائىملىق خېرىدارى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا تاماقخانا ئېچىۋاتقان   تىجارەتچىلەر «قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل» دېگەن ئدىيە- كۆزقاراشتىن ئۆزلىرىنى ئازات قىلىپ، خىرىدارغا راھەت-ھوزۇر بەخش ئىتەلەيدىغان تاماقلىنىش مۇھىتىنى ھازىرلىيالىسا     ھەم خېرىدارنى خۇددى پادىشاھتەك كۆرۈپ ئىززەتلەپ ھۆرمىتىنى قىلسا، ئەكسىچە ۋىۋىسكىىسغا پالانى-پۇستانى ئاش-     تائاملار پادىشاھى دەپ يېزىۋېلىپ پۇ ئاتمىسىمۇ، خېرىدارلار     خۇددى پادىشاھنىڭ  ئوردىسىدا غىزالىنىۋاتقاندەك ھېس-       تۇيغۇلارغا چۆمىلەلەيدۇ.
دىمىسىمۇ ئاش-تائام سورۇنلىرىغا  كاۋاپ پادىشاھى، لەغمەن پادىشاھى، پولۇ پادىشاھى، نان پادىشاھى دەپ ۋىۋىسكا     ئېسىۋېلىش ئويلانغان ئادەمگە ئېنىقلا بىلىنىپ تۇرىدىغان       خاتالىقتۇر. نۆۋەتتە ئاش-تائاملار پادىشاھى دەپ ۋىۋىسكا       ئېسىلغان تاماقخانىلار بىلەن ئۇنداق پادىشاھى دەپ ۋىۋىسكا   ئېسىلمىغان تاماقخانىلارنىڭ ئاش-تائاملىرىنىڭ پەرقىنىڭ     يوقلىغىنى ھەممەيلەن بىلىمىز. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا بىر  قىسىم ئاش-تائام تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىسىم-نام قۇيۇشقا،   خاس ماركا-ئاتاق يارىتىشقا ئەھمىيەت بىرەلمەيۋاتقانلىغى    چىقىپ تۇرۇدۇ. جەمىيىتىمىزدە بۈگۈنكىدەك ساياھەتچىلىك    تەرەققى قىلىۋاتقان، مىللەتلەر-دۆلەتلەر ئارا ساياھەتچىلەر   شەھەر-بازارلىرىمىزدىكى مىللى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى      گەۋدىلىك ھالەتتىكى ئاش-تائام سورۇنلىرىغا قىزىقىش-       ھوزۇرلىنىش يۈزلىنىشى بىلەن نەزەر سېلىش-قەدەم تەشرىپ  قىلىش ھالىتىدە كىتىۋاتقان ئەھۋالدا، ۋىۋىسكىلارنى كۆرمەي، سوراپ-بىلمەي قالماسلىغى ناتايىن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا پولۇ پادىشاھى، كاۋاپ پادىشاھى، لەغمەن پادىشاھى دىگەندەك      ناملاردىن ھەيران قالمايدۇ، كۈلگۈسى كەلمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ.  پادىشاھ دېگەن بۇ سۆز ئەسلى ئىستېمال مەنىسىدە        پەقەت  ئادەملەرگە قارىتىلغان سىياسى ئاتالغۇ. چۆچەك-      مەسەللەردە ئادەملەر ئۆزلىرى شۇنداق ئاتىۋالغان ھايۋاناتلار   پادىشاھى دېگەن گەپمۇ ئۇچرايدۇ. تەنتەربىيە خەۋەرلىرىدە      بوكس پادىشاھى، پۇتبول پادىشاھى دىگەندەك گەپلەرمۇ         ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. مەيلى پادىشاھ دېگەن بۇ سۆز قەيەردە        ئىشلىتىلسۇن، ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ يامان، ئەڭ باتۇر دېگەن      مەناغا ئىگە بولغان. ئەمدى ئاش-تائام سورۇنلىرىغا پادىشاھى ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دىمەكچى بولغىنى ئەڭ       ياخشىسى، ئەڭ ئىسىلى، ئەڭ تەملىك، ئەڭ قۇۋۋەتلىك           ئىكەنلىگىنى بىلدۈرمەكچى بولغىنىدىن باشقا گەپ ئەمەس.
ئەمما، ئەمىلىيەتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىگىنى ھەممەيلەن         بىلىمىز. ۋىۋىسكىغا قانداق يېزىۋالسا ئۆزىنىڭ ئىشى، دىگىنى  بىلەن قىلغىنى بىردەك بولمىسا كىمنىڭ كارى  دېگەن بىلەن   بۇ تىل ئىستىمالىدىكى ۋەدە-ئىناۋەتنى پاخال قىلىدىغان       ئەھۋالدۇر.     خاسلىق يارىتالماسلىق دىققەتنى بۇرىيالمايدۇ، ئىناۋەت     تىكلىيەلمەيدۇ، قىممەتنى بازارلىق قىلالمايدۇ. ئۈرۈمچىدىكى   «قورغان»،«ئاۋرال»، «جام»، «مىراج»، «ماي گۈلى»           قاتارلىق تاماقخانىلارنى مىسالغا  ئالساقمۇ،  ئۇلارنىڭ ھىچقايسىنىڭ ۋىۋىسكىسىدا پالانى-پۇستانى تائاملار «پادىشاھى»    ئاتالغۇسى يوق. ئەمما، «پادىشاھى» دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان  تاماقخانىلارنىڭ ئەكسىچە بۇ تاماقخانىلارنىڭ  جەمىيەتتە       مۇئەييەن  نامى بار ھەم خېرىدارلارنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇدۇ.       دىمەك، پادىشاھنى ئاش-تائامغا بىرىۋەتكەن، بۇنىڭدىن     ھەيرانلىق ھېس قىلمايدىغان، توغرا   بولمىغانغا باھا بەرمەيدىغان، يولنى تاپالمىغانغا يول كۆر-     سەتمەيدىغان  ئدىيە-  روھى ھالەتتىكى كىشىلەر ئاتالمىش ئاش-تائام پادىشاھلىغى غا      ئاچكۆزلۈك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، چەكتىن ئاشۇرۇپ     «پادىشاھ» يىگەنلەرگە دىئابىت، يۈرەك قان-تومۇركېسەللىرى سوغا      قىلىنىۋاتقانلىغىنى  سەۋەب-نەتىجىلىك ھالەتتە   ئويلىنىپ     باقسا بولىدۇ.  چۈنكى، ئاش-تائامغا «پادىشاھ» دەپ ئاتاق    بىرىش شۇ ئاش-تائامنى ئىستېمال قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ داۋاملىق جەلپ قىلىپ-تارتىپ تۇرۇش، ئۆزلىرىنى قانماسلاردىن يىگۈزۈپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئاقىۋەت ئاش-تائام ئارتىپ   كەتكەن سېمىزلەر توپىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن  بۇ يەردە يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش يۈز بىرىپ ، ھەم ئىسراپچىلىق يۈز بىرىدۇ ( ئارتۇق يىگەن نەرسىلەر ئىسراپ قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس )،  ھەم ئاش-تائام ئارتىپ كىتىش بېسىمىغا ئۇچرىغانلارنىڭ بەدەنلىرىمۇ ساغلاملىقنى ئىسراپ   قىلىپ،    كېسەللىكنى ئىستېمال قىلىشقا دۈم چۈشۈدۇ. ئاش-تائاملار پادىشاھقا ئايلانغان ئەھۋالدا ئادەملەر ئاش-تائامنى ئەمەس،  ئاش-تائاملار ئادەمنى باشقۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن سالامەتلىك شەرتى ئۈچۈن يەتتە-سەككىز       ئۈلۈش تويسا بۇلىدىغان قوساق ئارتۇقچە تويۇنۇپ كېتىپ،     ئادەم بەدىنى     ئاستا-ئاستا ئۆز تەڭشىگىنى قولدىن بىرىپ   قۇيۇپ،    ئاقىۋەت     ساغلاملىق پادىشاھلىغىدىن ئايرىلىپ      قالىدۇ.
      ئاش-تائاملارنىڭ پادىشاھى بولمايدۇ. ئەگەر بار  دىسەكمۇ ھەرگىز ۋىۋىسكىدا بولمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ قۇۋۋەت- قىممىتىدە بولىدۇ. ۋىۋىسكىدا ماركا، خاسلىق، مۇلازىمەت بولىدۇ. خاس ماركا ئېڭى تىكلىيەلمىگەنلەر، ئازادە-تىنچ، قايىل قىلارلىق   مۇئامىلە-مۇلازىمەت سورۇنى ھازىرلىيالمىغانلار، بۈگۈنكى      رىقابەتلىك دەۋىردە ئائىلىدىن تارتىپ بازارغىچە ھەممە يەردە  بار ئاش- تائاملارغا خۇددى ئۆزلىرىدىلا باردەك ھەم ئۆزلىرىلا   ئەڭ ياخشى پۇشۇرالايدىغاندەك  يالغان پادىشاھلىق نامىنى    پىشانىسىگە چاپلىۋالماي، بەلكى تاماقخانىنىڭ خاس مۇھىتى، ئۆزگىچە تىجارەت ئۇسۇلى ئارقىلىق مىللى تائاملارنى خۇددى   پادىشاھنىڭ تائاملىرىدەك تېخىمۇ ئېسىل، سۇپەتلىك،         داڭلىق، بازارلىق قىلىشى كېرەك. دىمىسىمۇ، بازارلاردا كاۋاپ،  پولۇ، لەغمەنلەر ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرۇدۇ، شۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارغا پادىشاھ بىكىتىۋېلىش بىمەنىلىك ئەمەسمۇ! شۇڭا  جەمىيەتتىكى بىر قىسىم            ئاش-تائام سورۇنلىرىغا نام        بىرىشتىكى دوراش ۋە نامدارلارنىڭ سايىسىدا كۇن ئېلىش        ئۈمىدى-پادىشاھلىق ۋىۋىسكىلار ئەھۋالى ئەمدى خاس          ماركىلارغا   ئۆزگىرىشى كېرەك.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
18057
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-12-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-5
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 12:37:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرھەق، بەرھەق ، ناھايىتى ئېسىل يىزىلىپتۇ. بۇ ناملارغا مىنىڭمۇ ئىچىم سىقىلىپ يۇرگەن ، بەزى ئاشۇنداق شاھلارنىڭ ئوردىسىغا كىرسىڭىز ئۇستەلنىڭ ئۇستىنى ئۆزىڭىز بىر بولاق قەغەز تۇگىگىچە تازا پاكىز ئيتمىسىڭىز بولمىغان . ھەي شۇ  ....... قالغىنى ئەمدى شۇ شاھلارنىڭ  مۇشۇ ماقالىدىن قانچىلىق تەسرات ئىلىشدا قالدى ...ھە . شۇلار كۆرسە تىخى.....

UID
18502
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2011-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 13:32:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشخانىلارنىڭ تىز تاماقخانا دەپ ئىسىم قويغىنىچۇ تىخى . تىز تاماقخانىغا چۇشلۇق تىزرامۇ چىقمايدۇ تامىقى . تىز تاماقخانا دەپ يازمىغان بولسا 2 سائەتتە چى قامتىكى  

UID
18563
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-18
توردا
99 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 14:41:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماقنىڭ پادىشاھى ئەسلى گۆش بولسا بۇلاتتى ئەمما  شۇ شاھ تائاملارنىڭ ئىچىدە سالغان گۆشنىڭ تايىنى يوق  نىمە دىگەن تۇلا تاماق پادىشاھلىرى دىمىسىمۇ....

UID
18385
يازما
27
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
207
تىزىملاتقان
2011-12-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 15:39:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تائاملارلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ، پەزىلەتلىرى كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى....  قاتارلىقلارنى بايراق قىلىپ تىكلەش توغرا كەلسە بەلكىم دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆركەم ھەم ئەڭ ئىگىز بايراق بولۇپ تىكلىنەرمىكىن؟؟

UID
7112
يازما
165
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4067
تىزىملاتقان
2010-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 17:49:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى قەشقەردە پولو شاھى دەپ بىر يەگە ئىككى دۇككان ئىچىپتۇ ئىككىلىسى ئايرىم بوممىسا قايسىسى راس پادىشاھ قايسىسى يالغان

UID
18260
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
94
تىزىملاتقان
2011-12-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-20
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 18:25:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاش-تائاملارنىڭ پادىشاھى بولمايدۇ. ئەگەر بار  دىسەكمۇ ھەرگىز ۋىۋىسكىدا بولمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ قۇۋۋەت- قىممىتىدە بولىدۇ      ئىنتايىن  توغرا  ئېيتىلىپتۇ   بۇ  سۆز

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 18:26:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىۋىسكىسى ئۆزىدىن يوغان
ئۆزى بىر غېرىچ ، ساقىلى يەتە غېرىچ دىگەندەك

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 18:27:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى تېز تاماقخانىنىڭ تامىقىدىن بەش قاچا يىسە قوساق تويمايدۇ ، پۇلىنىڭ قىممەتلىكى

UID
15099
يازما
34
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
574
تىزىملاتقان
2011-12-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-22
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 18:28:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈپەتلەشتە« ئادەملەشتۈرۈش» دەپمۇ باردەك قىلغان

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش