- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 15
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 136
- تىزىملاتقان
- 2011-12-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-28
- UID
- 18174
- يازما
- 15
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 136
- تىزىملاتقان
- 2011-12-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-28
- توردا
- 0 سائەت
|
مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا چىڭگىزخان رومانىنى ئوقۇغان ،ھازىرقى كىنو ئۇ رومانغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولسىمۇ بەزى يەرلىرى قىسقارتىۋىتىلگەن . رومان داچىڭگىزخان تۇغۇلغاندا دادىسىنىڭمۇ ئۇنىڭ موڭغۇل ئىكەنلىكىگە گۇمانلانغانلىقى ،ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە موڭغۇل ياكى مەركىت ئىكەنلىكىگە ئېنىق ھۆكۈم قىلالمىغانلىقى سۆزلىنىدۇ .يەنە ئۇنىڭ چوڭ ئىنىسى بەكتەرنى ئۆلتۇرگەندە بەكتەرنىڭ : خاسار مېنى سەن ئات، سەندىن رەنجىمەيمەن ،مەركىت كۈچۈكىنىڭ قولىدا ئۆلۈشنى خالىمايمەن . دىگەن سۆزلىرى كۆز ئالدىغا كېلىۋىلىپ ‹مەن مەركىت كۈچۈكى ئەمەس ›دېگىنىچە چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەنلىكى ، ئاخىرىدا 2- ئوغلى چاغاتاينى چاقىرىپ بايا مەن جۆيلۈگەن چېدىردا بار بولغان بارلىق مالايلارنى ئۆلتۈرىۋەت . دىگەن يەرلىرى سۆزلىنەتتى . مەن
ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمەيمەن .چۈنكى چىڭگىزخاننىڭ دادىسى يەسۈگەي ئۆلۈننى بۇلاپ ئەكىلىپ خوتۇن قىلىپ نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئۆلۈننى مەركىتلەر بۇلاپ كېتىدۇ . نەچچە ئايدىن كېيىن يەسۈگەيلەر ئۆلۈننى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ . يەسۈگەي ئۆلۈننى بۇلاپ كەلگەنگە نەق 9ئاي بولغاندا تۆمۈرچىن تۇغۇلىدۇ، كىتاپتا يەسۈگەي تۈمۈرچىننىڭ ئېتىنى قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قوشنا ئەلدە بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋېتىدۇ. فىلىمدە بولسا نەچچە ياشقا كىرگەندە ئاندى قوشنا قەبىلىگە كۈيوغۇللۇققا ئاپىرىپ بېرىدۇ. تۆمۈرچىننىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ تەقدىرىمۇ دادىسىغا ئوخشاش بولىدۇ . ئۇنىڭ ئىسمىنى قويغاندا ‹بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى جوچى (مېھمان دىگەن مەنىدە) بولسۇن دەپ قويۇپ يېنىپ چىقىدۇ . ھاكىمىيەت قۇرغاندىمۇ ئەسلى چوڭ ئوغۇلغا تالىق بولغان تەخىت ۋارىسلىقىنى 3-ئوغلى ئۆگۈدەيگە بېرىپ جوچىنى قىپچاق يايلىقى (ھزىرقى قىرغىزىستان تەۋەسى)گە خان قىلىپ ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ . ئىشقىلىپ چىڭگىزخان ھەم ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى جوچىنىڭ موڭغۇل ياكى مەركىت ئىكەنلىكىگە بىر نېمە دىمەك تەس.قالغىنىنى تورداشلار ئىچىدىمۇ تارىخچىلارمۇ خېلى بار .شۇلار بىرنىمە دەپ باقمىسۇنمۇ ؟ |
|