ئىگىسى: Turuk-912

ئىمپىراتور-چىڭگىزخان موڭغۇلمۇ ياكى قازاقم ...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
26947
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 23:43:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نايمان  قىرىندىشىم تۆۋندىكى سۆز نىڭ ئالدىدىكى  نەقىلىرىڭىزگە مان قايىل.لىكىن تۆۋندىكى سۆزلىرىڭىزدىن سىزنىڭ قازاق ئىكەنلىكىڭىز مانا مەن دەپ چىقىپ تۇردۇ.سىز بۇ يەردە چىڭگىز خان قازاق بولمىسىمۇ مۇڭغۇللارغا تۆھپە قوسقان،شڭغىسخان تارىخ سەھنىسىگەچىقىشىتا قازاقنىڭ كىرەي قەبىلىسىنىڭ ياردىمىگە بيۋاستە  ئىرىشكەن دىيىش ئارقىلىق قازاق تارىخنى ئۇزارتماقچى ئىكەنلىكىڭىز چىقىپ  تۇردۇ، سىز ئەڭ ياخشىسى قازاق تارىخىنى  چۈشىنىڭ، كۆپ ئوقۇڭ.مەيلى قانداق بولسۇن قازاق دىگەن بۇ ئۇ قۇمغا(ئىسىمغا)500-600يىلدىن ئاشمىدى. بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان تارىخ. تاتاتۇڭا بولمىسا  مۇڭغۇللار يىزىق بىلمىگگەن بۇلاتتى ياكى كىينرەك بىلەتتى .بۇمۇ پۇتۇن دۇنيا ئىتىراپ قىلغان. سىز ئەڭ ياخشىسى  مۇڭ غۇللارنى ئىزدەپ  بۇ مەسىلىنى ئايرىڭ. قازاق تارىخنى ئۈگنىشتىن بۇرۇن قىپچاق تارىخنى ئۈگنەيسىز.

،يەنى بەزى بىر قىرىنداشلارغا دەيدىغىنىم،موڭغۇللار بىلەن قازاقلارنىڭ تارىخى دۇنيادىكى مەيلى قانداق مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئىيتقاندا، بىر-بىرىگە  زىچ مۇناسۋەتلىق ھەم چىتىشلىق،شڭغىسخان تارىخ سەھنىسىگە  چىقىشىتا قازاقنىڭ كىرەي قەبىلىسىنىڭ  ياردىمىگە  بيۋاستە ئىرىشكەن، ھەم باشقا قازاقنىڭ جالايىر،ئوڭغۇت،قوڭۇرات قەبىلىلىرىنىڭ ياردىمىگە تايانغانتتى،ھازىرقى قازاق مىللىتىنىڭ ئوتتۇرا يۇزىدىكى(6قەبىلە) كىرەي،نايمان،قوڭۇرات،ۋاق(.وڭغۇت)،جالايىر،قىپچاق قەبىلىلىرى  شۇ دەۋۇرلەردىمۇ شىڭغىسخاننىڭ غوللۇق ئىتتىپاقداشلىرى بولغان،بەزىلەر دەيدۇ'' قازاق مىللەت بولۇپ شەكىللەنگىنىگە 500-600 يىلللا بولدۇ''دەيدىكەن،قازاقلار ئاسماندىن ساڭگىلەپلە چۇشمىگەندۇ،قازاقنى تەشكىل قىلىدىغان 3يۇزنىڭ ئوتتۇرانچى يۇزى كىرەي،نايمان،قوڭۇرات،ۋاق(ئوڭغۇت)،جالايىر،قىپچاق (6قەبىلە)قەبىلىلىرىنى نەگە  چۇرۋەتتىڭلار؟شۇ شاغلاردا ''قازاق مىللىتى'' شەكىللەنمىگەن بىلەن، قازاقنى تەشكىل قىلىدىغان يۇقۇردىكى چوڭ قەبىلىلەر شۇ دەۋۇرلەردىمۇ تارىخ سەھنىسىدە بولغان، شىڭغىسخاندىن مەغلۇپ بولغان مەركىت قەبىلىسىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرى ھازىرقى كىرەيلەرنىڭ ئىچىدە ياشاپ كىلىۋاتىدۇ.بۇنداق بولغانكەن،شىڭغىسخاننىڭ ئاتا تەرەپ ۋە ئانا تەرەپتىمۇ  ھازىرقى قازاقلارنى تەشكىل قىلىدىغان قەبىلىلەرنىڭمۇ قانى باردۇ.يەنى بىر چۇشۇنۋالىدىغان نۇقتا، شۇ دەۋۇرلاردا شىڭغىسخان موڭغۇللارنىڭلا مەنپەتى ئۇچۇنلا ياشىمىغان،پەقەت يايلاق قەبىلىلىرى ئۇچۇنلا تارىخ سەھنىسىگە چىققان، ھازىرقى موڭغۇللارنىڭ چوڭ قەبىلىسى تورغاۋۇتلار شۇ قەدىمقى كىرەيلەر ئىدى،شىڭغىسخاننىڭ  ئىككى باش مەسلىھەتچىسى كىرەي قەبىلىسىدىن،باش پۇتۇكچىسى نايمان قەبىلىسىدىن،  ئوتتۇرا لىنىيىنىڭ باش قوماندابنى قوڭۇرات قەبىلىسىدىن،ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكنى بويسۇندۇرغان 10تۇمەن قوشۇننىڭ باش قوماندانى مۇخىلاي جالايىر قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكى تارىىخى ئىسپات، ھازىرقى  موڭغۇلنىڭ تارىخچىلىرىمۇ  موڭغۇل تارىخىنى قازاق قەبىلىلىرىدىن  ئايرىم تارىخ قىلىپ يازمايدۇ،شىڭغىسخاننى موڭغۇللارغا ۋەكىللىك قىلىشقا باشلىغىنى قۇبىلەي زامانىدىن باشلانغان.ھەم بۇ شۇ چاغلاردا دولەت ۋەزىيىتىنىڭ ،سىياسىنىڭ  مەجبۇرلىشىدىن ئىدى،ئەڭ قىسقىسى شىڭگىزخان موڭغۇللارغا ۋەكىللىك قىلغان بىلەن ،بۇ ''جاھان ئەركىسى''نى تارىخ سەھنىسىگە ئىلىپ چىقىشتا ،ھازىرقى قازاق مىللىتىنى تەشكىل قىلىدىغان چوڭ قەبىلىلەرنىڭ توھپىسى زور ئىدى.

باھا سۆز

تادۇ  بۇيىچە ئەمەس.  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:30:55
تادۇ  500.600دىگەن گەپلەر تىل پەرقى بۇيىچە قارغاندىكى گەپ بۇلىشى مۇمكىن. ئۇرۇق بۇيىچ  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:30:26

UID
37397
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-5-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-5
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 15:53:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز چىڭگىزخاننى مۇڭغۇل ئەمەس ياكى موڭغۇل بولىشىدىن گۇمان قىلىشىمىز بۇ خۇددى 3 ياشلىق بالىنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۇنى بۇنى جىجىپ قويۇپ رومان يازدىم دىگىنىدەكلا كۇلكىلىك ئىش ...
چىڭگىزخان مۇتلەق موڭغۇل . شەرتسىز موڭغۇل . چۇنكى بۇنى پۇتۇن دۇنيا ئېتىراپ قىلىپ چىقىرىلغان ھۈكۈم. ناۋادا ئۇ موڭغۇل بولمىسا موڭغىلىيە يايلىقى ئۇنىڭ ياشىغان زىمىنى بولمايتتى . پۇتۇن دۇنيا ېتىراپ قىلغان ئىمپىراتورنىڭ قەۋمىنى فلىغانچە موڭغۇل دەپ ئاتىمايتتى . دۆلىتىمىزدەك تەسىرى كۈچى بار دۆلەت ئىشلىگەن فىلىمى ‹‹ چىڭگىزخان›› نىمۇ فىلىمدە موغۇل دەپ ئاتىمىغان بولاتتى . فىلىمنى بېشىدىلا چىڭگىزخاننى موڭغۇللارنىڭ قىيان قەبىلىسىدىن دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەجىبا دۇنيا تارىخچىلىرىمۇ بۇنى ئۆزگەرتەمۇ  . مىڭچە بولغاندا قالايمىقان ئىسپاتسىز ھۈكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويمايلى

UID
37397
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-5-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-5
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 15:56:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز چىڭگىزخاننى مۇڭغۇل ئەمەس ياكى موڭغۇل بولىشىدىن گۇمان قىلىشىمىز بۇ خۇددى 3 ياشلىق بالىنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۇنى بۇنى جىجىپ قويۇپ رومان يازدىم دىگىنىدەكلا كۇلكىلىك ئىش ...
چىڭگىزخان مۇتلەق موڭغۇل . شەرتسىز موڭغۇل . چۇنكى بۇنى پۇتۇن دۇنيا ئېتىراپ قىلىپ چىقىرىلغان ھۈكۈم. ناۋادا ئۇ موڭغۇل بولمىسا موڭغىلىيە يايلىقى ئۇنىڭ ياشىغان زىمىنى بولمايتتى . پۇتۇن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئىمپىراتورنىڭ قەۋمىنى خالىغانچە موڭغۇل دەپ ئاتىمايتتى . دۆلىتىمىزدەك تەسىرى كۈچى بار دۆلەت ئىشلىگەن فىلىمى ‹‹ چىڭگىزخان›› نىمۇ فىلىمدە موڭغۇل دەپ ئاتىمىغان بولاتتى . فىلىمنى بېشىدىلا چىڭگىزخاننى موڭغۇللارنىڭ قىيان قەبىلىسىدىن دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەجىبا دۇنيا تارىخچىلىرىمۇ بۇنى ئۆزگەرتەمۇ؟  . مىنىڭچە بولغاندا قالايمىقان ئىسپاتسىز ھۈكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويمايلى .

UID
37397
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-5-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-5
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 16:03:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹موڭغۇل››،‹‹مەركىت››،‹‹تاتار››،‹‹نايمان››،‹‹كەرەي ›› قەبلىللىرى موڭغۇللارنىڭ قەبىلىلىرى خالاس . بۇ خۇددى ‹ئۇيغۇر›لار تۈرۈك دەپ ئاتىلىپ كەلگەندەكلە بىر ئىش . بۇ ھەرگىزمۇ ھازىرقى تۇركىيەدىكى تۇركىيەلەكلەر ئۇيغۇر دەپ ئاتالمىغاندەكلا بىر ئىش  موڭغۇل چوڭ ئائىلىسىدە ‹‹موڭغۇل››،‹‹مەركىت››،‹‹تاتار››،‹‹نايمان››،‹‹كەرەي ››‹‹قىيان›› قەبلىللىرى  دەپ قەبىلىلەر ياشىغان چىڭگىزخان موڭغۇللارنىڭ ‹قىيان›قەبىلىدىن ساپ موڭغۇل

UID
8672
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
378
تىزىملاتقان
2011-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:22:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قول ئاستىدىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنى موڭغۇل دەپ ئاتاشقا بۇيرۇق قىلغان ئادەمنىڭ مىللىتىنى باشقا نېمە دەپ بېكىتىش قىزىقتە. نايمان، كىرەي، مەركىت، بارلاس، دوغلات... دېگەندەك قەبىلىلەر بۈگۈنكىدەك بىرلەشمەي. ئاساسلىق قىسمى ئۆزبېك، ئاز قىسىمى قازاق بولۇپ قالغان بولسا، ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىلىرىدىكىدەك قازاقلارنى قىرغىز دەپ، قىرغىزلارنى قارا قىرغىز دەپ ئاتاش بۈگۈنگىچە ئۆزگەرمىگەن بولسا چىڭگىزخاننىڭ مىللىتىنى نېمە دەپ بېكىتەر بولغىيتۇق.

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 18:56:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىڭگىزخان شەكسىزكى موڭغۇل، ئەگەر موڭغۇل بولمىسا نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى موڭغۇل دەپ ئاتايدۇ؟ نېمەئۈچۈن پۈتۈن ئۆمرىدە موڭغۇللار ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئۆزىنى موڭغۇلنىڭ شەرىپى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز دەيدۇ؟ سەئىدخانمۇ موڭغۇل ئادىتى بويىچە ئاق كېگىزگە ئولتۇرۇپ ئۆزىنى خان دەپ ئېلان قىلدىغۇ؟ قازاق دەپ ھېچيەردە كۆرمىدىمغۇ؟

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 19:27:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىڭگىزخان بۇزغۇنچىلىق ،قىرغىنلاردىن لەززەت تاپىدۇ. ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ ،شەھەرنى تۈزلەپ بولغاندىن كېيىن دەرياغا زەھەر سېلىپ ،ئېتىزلارغائوت قويۇۋېتىدىكەن، مەقسىتى مەڭگۈ گىياھ ئۈنمەيدىغان قىلىۋېتىش، جانلىقلارنىڭ ھەممىسنى قۇرۇتۇش ئىكەن. ئادەملەرنى كۆپىنچە ئەڭ ۋەھشىيانە ئۇسۇلدا قىيناپ ئۆلتۈرگەن، شەھەرنىڭ خارابىسىنى ھاراق ئىچىپ بەزمە بىلەن تاماشا قىلغان. باغدات خەلىپىسى موڭغۇللارنىڭ ھەممە تەلىپىنى ئورۇنلاپ بەردى، شۇنداقتىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا تاغارغا سولىنىپ ئاتلارغا دەسسىتىپ ئۆلتۈرۈلدى. تاڭغۇت شاھى ئامالسىز تەسلىم بولۇپ چىڭگىزخاننىڭ ئالدىغا كەلگەندە پۈتۈن جەددى-جەمەتى قۇرۇتۇلدى. سۇڭ خاندانلىقىنىڭ بىر شەھىرى قاتتىق قارشىلىق قىلغاندا چىڭگىزخان:شەھەردىكى بىرمۇ ئادەمنى ھايات قويماڭلار دەپتىكەن.  قانچىلىغان قەبىللىلەر يىلتىزىدىن قۇرۇتۇلدى بۇنىسى نامەلۇم. بۇلارنېمە ئۈچۈن!!؟؟ ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن ياۋۇزلۇقلاردىن چۆچۈدۈم.

UID
5738
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
721
تىزىملاتقان
2010-9-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 19:40:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مونازىرە جەريانىدا قازاقلار ئۇنداق،موڭغۇللار مونداق دەپ مىللەتنى قارىلايدىغان،كەمسىتىدىغان سۆزلەرنى قىلمايلى بۇرادەرلەر.ئەگەر ئىمكانىيتىمىز بولسا بىر موڭغۇل بىلەن بىر قازاق باۋۇرۇمنى مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىپ شۇلارنىلا مونازىرىگە سىلىپ شۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلىساق ياخشى بولاتتى.مەن شەخسەن چىڭگىزخاننى موڭغۇل دەپ قارايمەن،لىكىن مۇنبەردە ئۇنى قازاق دەپ قارايدىغانلارمۇ بار ئوخشايدۇ.

UID
40091
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-6-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-16
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 00:40:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازاق دىگەن موسۇلمان  بىراخ موڭغۇل غا ئوخىشايدو  قازاق مو قەبىلە ئاتالغوسى بار مەسىلەن  [ سوۋان . نايمان . چىرو . قىزاي ] دىگەندەك بىرقاتار قەبىلەر گە بۈلنىدو  

UID
40141
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-7
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 09:53:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kurt يوللىغان ۋاقتى  2012-2-18 16:40
قوينى تىرىك تۇرغۇزۇپ يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ يېيىش موڭغۇلنىڭ ...

ئسمىڭىزدىنلا سىزنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىڭىز چىقىپ تۇرمامدۇ ، بۇ گېپىڭىزنى مۇسۇلمان قازاق قېرىندىشىمىز ئاڭلاپ قالسا سىزنىڭمۇ يۇرىكىزنى تۇرغۇزۇپلا سۇغۇرۇپ ئالىدۇ ، سىز بۇ ھاياتىڭىزدا مال سويۇپ يەپ باققانمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش