- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 13
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 108
- تىزىملاتقان
- 2011-11-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-15
- UID
- 16900
- يازما
- 13
- تېما
- 2
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 108
- تىزىملاتقان
- 2011-11-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-15
- توردا
- 48 سائەت
|
ۋاۋ! بۇتېمىنى چۆكۈپ كەتتىمدىكىن دېسەم يەنە لەيلەپ چىقىپتۇ،ئىنكاسلارنى بىررەر قۇر كۆردۈم لېكىن بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىغا شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى
،بىرىنچى،مەن بۇ قىزنى تالاشمىدىم ،تالىشىش دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بېلەمسىلەر؟جانابلار، مەن بۇ ياق بىزنىڭ دېمىدىم ،تالاشمىدىم ھەم تالىشىشقا يېتەكلىمىدىم ،تالىشىش دېگەن گەپنى ئۆزۈڭلا تېپىپ قايناپ كېتىپسىلەر،مەن بىزنىڭ ئەمەس بولۇشى مۇمكىن دەۋاتىمەن .ئەمدى گەپنى ئىزىپ ئىچۈرەيمۇ؟!
مەن بۇ تېمىنى يېزىش مەقستىمنى يەنە بىر قېتىم ئىزاھلاي،مەن بۇ تېمىنى يېزىشنىڭ ئالدىدا بىرقانچە يەردە ئۇ قىزنىڭ كىملىكى توغرۇلۇق مۇنازىرىلەرنى ئۇچراتقان ،بەزىلەرنىڭ كۆپۈپ سۆزلەپ پەخىرلىنىپ كەتكىنىمۇ كۆرگەن ،شۇڭا بۇ ئىش زادى قانداق بىلىپ باقاي دەپ تورغا چىقىپ بېقىپ يۇقىرىقىلارغا ئېرىشتىم.ھەم ئېرىشكەنلىرىمنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈش سەۋەبىدە بۇ تېمىنى يوللىغان ، ،مەن بىزنىڭ ھېچنىمنى بىلمىگەن ئاساستا ئۇنى ئۇيغۇركەن دەپ قىلىشىمىزدىن ،كېيىن ئەگەر ئۇيغۇر بولماي قالمىسا مات بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ،مەن مۇشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ ئويلىشىپ بۇ يازغان ،ئەسلىدە بۇ مۇنبەرگە يوللىنىدىغان تېما ئەمەس ئىدى،مەن خاتا يوللاپ قاپتىمەن ،بۇنىڭ مۇنازىردە خاراكتىرىدىن خەۋەر خاراكتىرى كۈچلۈك
،توردا ھەر قىسىم ئادەملەر باركەن ،زادى ھەر بىر تېمىغا ئىنكاس يازمىسا ئۆلۈپ قالىدىغان ....
بۇ تالاشقۇدەك مەزمۇن دەپ قايناپ كەتكەن جانابلار ،نېمىشقا ئۆزۈڭلارنىڭ نەزىرىدىكى مۇنازىرە قىلىشىقا ئەرزىيدىغان تېمىغا كىرمەيسىلەر،نېمە ئۈچۈن ئالتۇندەك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بۇ تېمىنى كۆرىسىلەر يەنە شۇنداق ئالتۇندەك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ ئىنكاس يازىسىلەر،زادى نېمىشقا ،ئەگەر بۇ تېمىنى كۆرۈشنى خالىمىساڭلار ئەگىپ ئۆتۈپ كەتساڭلار بولمىدىمۇ،ھازىرمۇ مۇنبەردە مەن شۇنداق ئۆچ مەلۇم بىر مەۋجۇدات توغرىسىدىكى تېما بىزىرىپ ياتىدۇ ،كىرىپ تازا تىللىۋەتكۇم بار ، لېكىن ئۇنداق قىلمايمەن ،چۈنكى ھېچكىم ئۇ تېمىنى كۆرىسەن دەپ كۆزۈمگە تىقمىدى .
سەنئەت ھەم سەنئەتچى توغرۇلۇق گەپ چىقسا چۆكتۈرۈشكە ئاران تۇرغان ئەزىزلەر،سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ بىلىملىك ئۇلۇغ كۆرسىتىمەن دەپ بىلىپ –بىلمەي ئۆزۈڭلارنىڭ شۇنداق يامان كەمچىللىكىڭلارنى ئاشكارىلاپ قويدۇڭلار ،ئېسىت ، سەنئەتنى زىيادە ئۇلۇغلاش قانچىلىك ئەخمەقلىق بولسا سەنئەتنى كەمسىتىش پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش ئۇنىڭدىن قىلىشمىغۇدەك دەرىجىدىكى ئەخمەقلىق،پەقەت ئەڭ ھسياتچان،ئاجىز ئادەملەرلا مۇشۇنداق ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىشنى قىلىدۇ.بىرمىللەتنىڭ ئالىمىمۇ ،سەنئەتكارىمۇ بولىدۇ،سەنئەتدىن ھۇزۇرلىنىش،سەنئەتكاردىن زوقلىنىش كىشىلەردە تەبىئىي كۆرۈلىدىغان ئىنكاس ،بىز قاچاندىن باشلاپ مۇشۇنىڭدىنمۇ خۇدۈكسىرەيدىغان ،ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدۇق.،بىز ئەمدى سەنئەت مىللىتى بولۇپ قالمايمىز دەپ پۈتۈن سەنئەتنى ھاقارەتلىشىمىز كېرەكمۇ؟بۇنداق ئەخمەقلىق داۋاملاشسا بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ناچارلاشسا ناچارلىشىدۇكى ھەرگىز ئوڭشىلىپ قالمايدۇ
مەن ئېيتىمەنكى ، ئۆزىنى بىلىدىغان كىشىلەر ناچار سەنئەتكە بېرىلىپ ،ئۇنىڭ بولىشىچە قوغلاپ ئاندىن يەنە سەنئەتكارنى ھاقارەتلەيدىغان ئىشنى قىلمايدۇ مەن تونۇيدىغان ئېسىل كىشىلەر بار ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىشىنى ،ۋەزىپىسنى شۇنداق ياخشى قىلىدۇ ،ئۇنىڭدىن سرت ۋاقتلىرىدا ،سەنئەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايرىيالايدۇ،توقۇنۇشتۇرۇپ قويمايدۇ، سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىدۇ،سەنئەتكە،سەنئەتكارلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ نېمىشقا ئۇنداق قىلسا بولمىغۇدەك ،ئەمدى مەن «ئۇيغۇر»دەپ كۈنلىرىنى بۇرۇقتۇرمىلىقتا ئۆتكۈزىشى كېرەكمىدى ،دۇنيادىكى ھەممە تەبىقە مىللەت كىشىلىرى ئېسىل سەنئىتى،ئەدىب- سەنئەتكارلىرىدىن پەخىرلىنىدۇ،نېمىشقا بىز شۇنداق قىلساق بولمىغىدەك،بىز كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ تەييارلىنىپ بولساق سەنئەتنى ياخشى كۆرۈش ھەم ئۇنى مەدھىيلەشتىن قورقىشىمىزنىڭ نېمە ھاجىتى .يەنە بۇيەردە چىقىپ ئۆزىچە ماڭا ھازىرقى ئۇيغۇرلاردىكى سەنئەت تۆكمىچىلىكى توغرۇلۇق دەرس ئۆتمەكچى كىشىلەر ،بولدى بەس،مەن بىلىمەن ، مەن ئۇنداق ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئاغىرىنپ ئەيىپلەيدىغان دەۋرىدىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ بولدۇم
ئۆزىنى تاپالمايدىغان باشقۇرالمايدىغان، كىشىلەرلا سەنئەتگە بېرىلىپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدۇ ،شۇنداق قورقىنىش ھەم ھازىر شەكىللىنىۋاتقان غەيرىي شۆھرەت ئىچىدە سەنئەتنى ھاقارەتلەيدۇ،ۋاي بىچارىلەر،بۇنىڭ ئورنىغا ئۆزۈڭلارنىڭ ئورنىنى،ئىشىنى تاپساڭلار ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلساڭلارچۇ ،شۇندىلا سەنئەتدىن قورقمايتىڭلار
ھەئە،ئەگەر پۈتۈن كىشىلەر ئىنتىلىدىغان،تالانت ئىگىلىرى ئامېرىكا سەھنىسىدە بىر قېرىندىشىم چاقناپ چىقسا ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن ...ئۇنداق قىلىشتىن ئۇنى ماختاپ قىلىشتىن قورقمايمەن،«قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يېيشتىن قورقما»دەپتىكەن
ئاندىن يەنە بۇ تېمىدا ئۇيغۇر مىللىتىنى ئەيىپلىۋالغان ،چېقىۋالغان ،تۈگمىدىن تۆگىدىن كۆرىدىغان ئەقلىدىن ،سۆزلىرىدىكى پاساھەتتىن ئالەم ھەيرەتتە قالغان «پەيلاسۇپ»لار ....مەن يەنىلا دەي ،تورغا ئاز چىقىپ ،مۇنبەر ئوينىماي ،كۆپرەك كىتاب كۆرۈڭلار..
(خەير،ئەسلىدە بۇنداق جىق سۆزلىمەسلىكىم كېرەك ئىدىم ،قارىسام بۇ تېما باش بەتتە تۇرىۋەردى،يەنە كىشىلەر ئىنكاس تۆكمە قىلمىسۇن دېدىم،بولدى ،گەپ تامام ۋەسسالام،ئەمدى مۇنازىرە تۈگدى ،ئىشقىلىپ مەدى جەين دەيدىغان بىر ئامېرىكىلىق ناخشىچى قىز بارلىقىنى ئۇنى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋالغانلىقىنى ،لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى بىلىۋالساڭلار بۇ تېمىنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئاخىرلىشىدۇ )
|
|