مەددى جەيىن(Maddi Jane) ئۇيغۇرمۇ

مەددى جەيىن(Maddi Jane )، youtube تورى ئارقىلىق نام چىقارغان 13ياشلىق ئامېرىكلىق ناخشىچى،ئۇ ئېيتقان« Rolling In The Deep» دېگەن ناخشىنىڭ چىكىلىش نىسبىتى 23مىليون قېتىمغا يېتىپ،بۇ ناخشىنىڭ قايتا ئېيتقۇچىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتى يارىتىلغان،يەنە ئۇ ئېيتقان Jessie J نىڭ« Price Tag »دېگەن ناخشىنىڭ چىكىلىش قېتىم سانى 42مىليونغايەتكەن،بىر ئاي ئىلگىرى ئېلان قىلغان If this was a movieدېگەن ناخشىمۇ ھازىرغىچە ئىككى مىليون قېتىم چىكىلگەن.ئۇنىڭ youtube دىكى مۇزىكا قانىلى ھازىر دۇنيادا 48-ئورۇندا تۇرغان.
youtube قايتا ئېيتىش(داڭلىق چولپانلارنىڭ ناخشىنى ئېيتىپ youtube غا يوللاش)ئەۋج ئالغاندىن كېيىن،بۇ ئارقىلىق خېلى خېلى چولپانلارمۇ يېتىشىپ چىقتى.مەسلەن جاستىن بېبىر ،گريسون شانىس دېگەندەك.لېكىن ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قىزىقىپ باققان ئەمەس،لېكىن بۇ13ياشلىق ئامېرىكىلىق قىزچاق ناھايىتى تىزلا ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر تورداشلار خېلىلا تونۇيدىغان شەخىسكە ئايلاندى.سەۋەبى دەسلەپتە ئۇ توغرىسىدا ئۇنى ئۇيغۇر ئىكەن،دادىسى ئۇيغۇر،ئاپىسى ئىسپان ئارغۇن ئىكەن دېگەن گەپنىڭ ئېنتېرنېتتا كەڭ تارقىلىشى، بىزنى پۈتۈن دۇنيا تور سەيناسىدا خېلى گەۋدىلىك كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان بۇ ناخشىچىدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمدۈرۈۋەتتى. ئەمدى بىر قاتار ھاياجانلىنىشلاردىن كېيىن سوغۇققانلىق بىلەن قارايدىغان بولساق،مەددى جەيىندە راستىنلا ئۇيغۇر قېنى بارمۇ؟كىشىلەر نېمىگە ئاساسلىنىپ ئۇنى ئۇيغۇر دەيدۇ؟ئەڭ دەسلەپتە سىنا مىكرو بىلوگىدا بۇ قىز توغرۇلۇق ۋىدىئو تارقالغاندا زادى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دەيدىغانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق چۈشەندۈرۈلۈش بېرىلمەيلا ئۇنى ئۇيغۇر ،ئۇيغۇرچە ئىسىمىنى مەدەنىيەت(يېقىنىدا تېخى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى مەدىنۇر ئىكەن دېگەن گەپ چىقتى،ئىشقىلىپ كىشىلەر «مەد»دېگەن گەپ بار ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى بىرەرقۇردىن دەپ سىناپ باقىدىغان ئوخشايدۇ) دېگەن،بىز ۋىدىئونى چەككەندە ئۇنىڭدا مەددىنىڭ داڭلىق رىياسەتچى Ellen بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى،ناخشا ئېيتقانلىقىنى،ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋەياكى باشقا مىللەتگە تەۋە ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ھېچنىمە دېمىگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.
مەددى جەيىننىڭ facebookتىكى ھېساباتى
مەددى جەيىننىڭ facebook twitter ىدىكى ماتىرىياللىرىدا ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى (1998-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى)ھەم تۇغۇلغان جايى (چىكاگو)ئىكەنلىكىلا ئېنىق يېزىلغان، 
تىۋىتتىردىكىmaddijanemusic (مەن تىۋىتتىردىكى بىرقەدەر كۆپ ئۇچۇر يوللىنىدىغان (maddijanemusic)دىكى بۇ يېرىم يېل ئىچىدە يوللانغان ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ چىقتىم، ئۇنىڭدا مەددىنىڭ ئاتا-ئانىسى،قان سېستىمىسى توغرۇلۇق بىرەر نەرسە يوللىغانلىقىنى تاپالمىدىم،لېكىن ئەگەر كاللامدا مەددى ئۇيغۇر دېگەن گەپ بولمىغان بولسا مەن مەددىدە فىلىپپىن قان سېستىمىسى بار ئىكەن دەپ قالغان بولاتتىم ،چۈنكى تۋىتترىدا مەددى فىلىپپىن توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلەر ھەم ئۇنىڭ فىلىپپىنلىق مەستانىلىرى ناھايىتى جىق، مەددى بۇنى بىرقانچە يەردە تىلغا ئالغان) . 
ئۇنىڭدىن باشقا مەددى جەيىن ئۇنىڭ myspace,tumblrلاردىكى بەتلىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى ئۇيغۇر دېمىگەن ھەم (مەددى بەلكىم ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىن)دېگەن خىيالنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۇيغۇرلار ياكى شىنجاڭ ۋە ياكى باشقا ئۇيغۇرلار يۇرتىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق نەرسە يوللىمىغان(مەن يۇقىرىدا دېگەندەك ئۇنى ئاسانلا فىلىپپىنلىق ئوخشايدۇ دەپ قىلىشىڭىز مۇمكىن).
ئەمدى دىققىتىمىزنى يەنە باشقا نوقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يەنە بىر ئويلىنىپ باقايلى: مەددى تېخى ھەقىقىي تونۇلغان داڭلىق شەخىس ئەمەس،ئۇ تېخى ئالبۇم چىقارمىدى ۋە ياكى بىرەر شېركەت بىلەن توختام تۈزگەنلىكى توغرۇلۇقمۇ خەۋەر يوق،ۋىكىپىدىيە قاتارلىق بىرقەدەر ئىشەنچىلىك تورلاردا ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ھەم يوق،بۇنداق ئەھۋالدا مەددى جەيىننىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى يېزىپ قالدۇرغان سۆزلىرىلا بىزنىڭ ئۇنى يۈزەكى چۈشىنىشىمىزنىڭ مەنبەسى بولالايدۇ.
ئۇنىڭ دادىسى ئۇيغۇر ئىكەن دەپ گەپ توغرۇلۇق .(ھېلىقى سۆھبەت پروگراممىسىدىكى دادىسىنىڭ سۈرىتىنى كېسىپ چاپلاپ)سۈرەتتىن مەددىنىڭ دادىسىنى ئۇيغۇر ياكى ئەمەس دەپ بەلگىلەش تەس .مەددى ئۆزىنىڭ تولۇق ئىسىمىنى ئېنىق ئېيتمىغان، لېكىن ئۇنىڭ تولۇق ئىسىمنىڭ مەددى جەيىن گۇزمان موراتو بولوشى ئېھتىمالغا بىرقەدەر يېقىن،مۇشۇ ئىسىمدىكى بىر facebook بار.ھەم توردىمۇ خېلى كۆپ يەردە ئۇنىڭ فامىلىسى گۇزمان موراتو دەپ ئېلىنغان.ھەممىمىزگە موراتونىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى بولۇپ قالمايدىغانلىقى ئايان. موراتو دېگەن ئىسىم بەلكىم پورتوگالچە ئىسىم بولۇشى مۇمكىن.سىتاتىسكىدىن قارىغاندا بۇ ئىسىم بىرازىلىيەدە ئۇندىن قالسا فىلىپپىندا كۆپ ئۇچرايدىكەن. بەلكىم بەزىلەر ئۇنىڭ بەيدۇ بەيكىغا يېزىلغان ماتىرىيالىنى ئىسپات قىلىشى مۇمكىن،لېكىن تورداشلارغا ئايان بولۇشى كېرەككى، بەيدۇ بەيكىنى بەيدۇ تورىغا ئەزا بولغان ، ئەزالىق دەرىجىسى مەلۇم ئۆلچەمگە يەتكەن كىشىنىڭ ھەممىسى يېزىپ تولدۇرالايدۇ،ئۇنىڭ توغرۇلۇق،ئىشەنچىلىك ماتىريال مەنبەسى بولۇش دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. 
يۇقىرىقىلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ھازىرچە تېپىلغان ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن مەددى جەيىننىڭ مىللىي تەۋەلىكىگە ئېنىق ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ،مۇشۇنداق ئەھۋالدا كىملەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ،ئۇنى ئۇيغۇر دەپ گەپ تارقاتقانلىقى كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدۇ. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېكەنلىكىگە ئىسپات بولغۇدەك بىرەرمۇ ئادەم ئەنسىرىمەي سۆزلىگۈدەك پاكىت يوق؟! ئۇنداق بولسا ئۇنى ئۇيغۇر دېگەنگە ئىشەنچىلىك ئىسپات زادى قەيەردە؟ بۇ خەۋەر دەسلەپتە زادەى كىمنىڭ قولىدىن چىقتى،ئىشەنچىلىك ئىسپاتىچۇ ؟ ھازىر جوڭگۇدىكى ھەممە تورلاردا مەددى جەيىن ئۇيغۇر دەپ تونۇلۇپ بولدى،ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردىمۇ بۇ ئەھۋال ئوخشاش.(بەيدۇ بەيكى،بەيدۇ چاپلىمىخانا،رېن رېن تورى،سىنا مىكرو بىلوگ ھەم كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە ....).
تىۋىتتىردا ناخشا مەستانىلىرى قالدۇرۇپ قويغان خەتلەر سىتاستىكىسى
ئەمدىلا 13ياشقا كىرگەن،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەستانلىرى بولغان (تىۋىتتىردا ناخشا مەستانىلىرى قالدۇرۇپ قويغان خەتلەردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ)،ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق بۇ ناخشىچى قىز ئەگەر راستىنلا ئۇيغۇر پەرزەنتى بولسا،بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان ھەم خۇشال قىلدىغان ئىش بولغان بولاتتى.لېكىن ئەگەر ئۇنداق بولماي قالسا،بىز ئۇنى توردا ئۇيغۇر ئىكەن دەپ داۋراڭ سېلىپ قويساق، كېيىنچە باشقا كىشىلەر ئالدىدا بەك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىمىز ھەم ئۆزىمىزمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا مەن خېلى ئوزۇن ۋاقىت ماتىريال كۆرۈش ۋە رەتلەش،تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئەلكۈيى تورىغا مەددى جەيىن(Maddi Jane) ئۇيغۇرمۇ؟ ناملىق بۇ تېمىنى يوللاش ئارقىلىق كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئېنىق ئىشەنچىلىك ئىسپاتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا داڭلىق شەخسلەرگە،ئىش ھەرىكەتلەرگە ھاياجانلىنىشتىن بەكرەك سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ تۇرۇپ قارار چىقىرىشىنى سوراپ مەزكۇر تېمىنى يوللىدىم،
تېما تەكرارلاپ،شاخ-شاخلارغا ئايلىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پىكىر قالايمىقانلىقى بۇلۇشنى توسۇش ئۈچۈن ھەرقانداق سەۋەب بىلەن بۇ تېمام ئەلكۈيىدىن باشقا تور بېكەتلەرگە يۆتكەلسە بولمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-24 14:21
|