«يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي» دەپ بىر گەپ بار-ھە.
مەلۇم ئۇيغۇرنىڭ يېزىسىغا شۇنداق ئۆي سېلىپ بېرىپتىمىش.
يېققىندا شۇ يېزىنىڭ كىشىلىرى ئەرز قىپتۇ.
گەپ قىززىق:
‹ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي دېگەننى قايتىدىن سېلىپ بېرىدىغان ئۆي بولغىيدى؟! بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭلار، يېڭى ئۆي نەدە تۇرسۇن، تەييار بىر ئۆيگىلا تۆت تال تۆۋرۈكنى ئەكىرىپ ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىغا قويۇپلا قويدى. شۇ تۆت تال تۆۋرۈككە قاراپ مانا بىزنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيىمىز دەپ ئولتۇردۇق...›
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يوقىرىدىن كەلگەن مەبلەغنى بىر كىملەر يەپ بوپتۇ. ئاشۇرىۋالغان ياغاچلىرىنى كەنتنىڭ باشلىقلىرى بۆلىشىۋاپتۇ. ئەترەت باشلىقى جىقلا ياغاچنى ئېلىۋېلىپ شەھەردىن ئالغان بىنا ئۆيىگە «بەنچاڭ»(

)قىلغۇزىۋاپتۇدەك(شۇ ياتقان يەرلىرىدىن تىكەن چىقىپ بەدەنلىرىگە سانجىلسۇن ئىلاھىم)
خەلق ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ۋاقتىدا بىلمەي قالسىمۇ ھامىنى بىلىدۇ. ئېچىلمايدىغان سىر يوق. بىراق شۇ بىلگىنىنى دادىللىق بىلەن ئەرز قىلىپ چىقالايدىغىنى قانچىلىك، ئەرز قىلىپ چىقتى دېگەندىمۇ ئۇ ئىشنىڭ ھەل بولۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟
ئەمەلدارلارنى باغدىكى مىۋىلەرگە قاراپ بېرىدىغان باغۋەنلەرگە ئوخشىتىدىكەن ئۆزلىرى. دېمەك، باغۋەن ئىكەن باغدىكى مىۋىلەردىن ئانچە-مۇنچە يەپمۇ، پارچە-پۇرات سېتىپمۇ، يېققىنلىرىغا بېرىپمۇ...قىلسا بولىۋېرىدۇ چەكتىن ئېشىپ كەتمىسىلا(چەكتىن ئاشسىمۇ بايقىلىپ قالمىسىلا شۇ نوچى).