كۆرۈش: 14762|ئىنكاس: 19

«سىز كەلسىڭىز» ناملىقMTVپىلاستىنكىسى بازاردا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
122
يازما
31
تېما
30
نادىر
0
جۇغلانما
941
تىزىملاتقان
2008-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 19:01:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەلكۈيى تورى سەنئەت خەۋىرى: يېقىندا يېتىلىۋاتقان ياش ناخشىچى ئالىمجان ئوبۇلقاسىم ئىجراسىدىكى

<<سىز كەلسىڭىز  ناملىق DVD پىلاستىنكىسى ۋەCD پىلاستىنكىسى پىلاستىنكىسى كەڭ سەنئەت سۆيەر ، ناخشاخۇمار قېرىنداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
مەزكۇر پىلاستىنكا مىللىيچە ئالاھىدىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا ، ئۆزگىچە ئاھاڭدا ئورۇنلانغان
بولۇپ،كۈچلۈك مىللىي پۇراق، ئۆزگىچە ناخشا -مۇزىكا ئالاھىدىلىكى كەڭ ناخشاخۇمار خەلقنىڭ چاڭقىغان يۈرەكلىرىگە ئۆزىنىڭ مەنىۋى ئوزۇقلىرىنى ئاتا قىلغۇسى!
بىز ئەلكۈيى تورىدىكى كەڭ تورداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئالىمجان ئوبۇلقاسىم ئىجراسىدىكى سىز كەلسىڭىز;ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىدىكى 13 دانە ناخشىنىڭ mp3 نۇسخىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇش بىلەن بىرگە ، مەزكۇ پىلاستىنكىدىكى ئىككى پارچە سۈرەتلىك ناخشىنى كۆڭۈل ئارامىڭلارغا سۇندۇق.

سىز كەلسىڭىز ناملىق پىلاستىنكىدىكى ناخشىلارنىڭ mp3نۇسخىسىنى ئەلكۈيى تورى ناخشا مۇزىكا ئارامگاھىدىن ئاڭلاڭ؛ئادرېسى:


http://music.alkuyi.cn/mp3_turs.php?list=102

قەشقەر

ۋاي بولدى

ئالىمجان ئوبۇلقاسىم 1983-يىلى 8-ئاۋغۇسىت كۈنى مېھرى ئاتەش زېمىن ئاقتۇ ناھىيىسىدە مەرىپەتپەرۋەر مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .
ئالىمجاننىڭ ئائىلىسى جايلاشقان ئاقتۇ ناھىيىسى پۈتۈنلەي مىللىي تۈس ئالغان ئەلنەغمە-مەشرەپلەر، سېھىرلىك رىۋايەت-چۆچەكلەر ، يېشىللىققا تولغان كەڭ تەبىئەت ئالىمجاننىڭ سەبىي چاغلىرىدىكى تۇرمۇش رېئاللىقى ئىدى .
ياش ناخشىچى ئالىمجان باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاقتۇ ناھىيىسىدە تاماملاپ، 2002 - يىلى 9 - ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرس مۇزىكا ئىلمى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 2006 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭشەھەر ناھيىلىك مەدەنيەت ئىدارىسىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇش جەريانىدايەنە شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئىجادىيەتچىسى دىلمۇرات تۇرسۇننىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا مۇزىكا ئىجادىيىتىنى ئەتراپلىق ئۆگەنگەن.
2009يىلى روزا ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئۆز ئىجادىيەتلىرىدىن ‹‹قەشقەر›› دېگەن ناخشىسى تېلىۋىزوردا تارقىتىلىپ كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
‹‹قەشقەر دېگەن بۇ ناخشنى مەھمۇت سۇلايمان،ئالىمجان ئوبۇلقاسىم،تۇرغۇنجان قاتارلىقىلار بىرگە ئوقۇغان››.
ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى تۇنجى قەدەمنىڭ ئوڭۇشلۇق بېسىلىشى ئالمجاننىڭ ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.بىز ئەلكۈيى تورى نامىدىن بۇ ياش ناخشىچىمىزنىڭ ئىجادىيەت مېۋىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆكلەپ،خەلققە يەنىمۇ ياخشى ناخشىلارنى ئاتا قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ئادەمدەك ياشالم

UID
2048
يازما
66
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1776
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 22:42:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم!
"قەشقەر" دېگەن بۇ ناخشا دەھشەت ئېسىل چىقىپتۇ شۇنداق خوش بولۇپ قالدىم! شۇنداق جۇشقۇن ھەم كۆتۈرەڭگۈ
قالغان ناخشىللىرىمۇ ياخشى ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ
ئۆزگىچە جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ ناخشىلار ئىچگە كىرگىلى يېڭىچە بىرخىل كەيپىيات باشلانغىلى خېلى بولغان مانا ئەمدى بۇ كۆتەرڭگۇلۇك كېڭىيىۋاتىدۇ.................... خۇشال بولۇۋاتىمىز.................

مانا مۇشۇنداق ناخشىلار بىزنىڭ مەنۋىيىتىمىزدىن ئايرىلىپ قالمىغاي.

ئالىمجاننىڭ بۇ پىلاستىكىسىنىڭ چاڭقاق دىللارغا تامچە بولۇشىنى ، بۇندىن كېيىنىكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەھمىيەتلىك بىر كۈن!

UID
13981
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
530
تىزىملاتقان
2011-8-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 00:06:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قايسى توردا كۆردۈمكىن <<شەھەرلەر شاھى قەشقەر>>ناملىق  سۈرەتلىك ناخشىنى كۆرۈپ شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدىم...ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن ،قەدىمىي زېمىن قەشقەر ھەقىقەتەن شەھەرلەر شاھىدۇر!!ئىنىمىز ئالىمجان  بۇ ناخشىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئېيتىپتۇ...ئىنىمىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن!!

UID
18269
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
282
تىزىملاتقان
2011-12-12
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 00:37:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنلۇق ناخشىلار ئىكەن.پىلاستىنكىنى سېتىۋېلىپ كۆرەي.

UID
17348
يازما
17
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
708
تىزىملاتقان
2011-11-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 12:28:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بۇ پىلاستىنكىنى سىتىۋىلىپ كۆرگەندىم، ھەقىقەتەن بىر-بىردىن ئىسل ناخشىلار ئىكەن!!!!!!
<<مىنىڭ شۇنداق ئۇلۇغ دادام بار، ئاناڭنىمۇ ئەسلەپ قويغىن>>دىگەن ناخشىلىرنى ئاڭلاپ قاچانغىچە يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن!!!!
<<قەشقەر>>دىگەن ناخشىسى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى جەڭگىۋارلىققا ئۈندەيدىغان ناخشا ئىكەن!!!
<<سىيىت نوچى >> دىگەن بۇ ناخشىا بۇندىن 10-15 يىللار ئىلگىرى غالىپ رەھىم ئاكىمىز ئوقۇپ بىر مودا بولغان....ئەمدى يەنە ئالىمجان تەرپىدىن ئېيتىلىپتۇ. بەك سۆيۈندىم.
مومكىن بولسا مۇشۇ <<سىيىت نوچى>>دىگەن ناخشىنىڭ م ت ۋ سىنىمۇ ئشلىۋەتكەن بولسا تىخىمۇ گۈل-گۈلىگە كىلەركەن .
ھىچ بولمىسا ئابدۇكىرىم ئابلىز ئورۇنلىغان <<سىيىت نوچى>> دىگەن ئىتوت كىرىشتۈرۈلگەن بولسا تىخىمۇ ئىسىل ئىش بولاركەن!!!!!!!
قارسام، بۇ ئالىمجان دىگەن دوستىمىز  ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى ئۆزى يازىدىكەن،بەزى تىكىسلەرنىمۇ ئۆزى يىزىپتۇ...
بۇ دوستىمىز مۇشۇنداق تىرشىپ ماڭسا، تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقرالىغۇدەك!!!!!!
ئاخىردا بۇ قىرندىشىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى سەنئەت ھاياتىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەش بىكەن بىرگە ،مۇشۇنداق ئىسىل، ئادەمگە ھوزور بىردىغان،جەڭگىۋار ناخشىلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۆمۈت قىلىمەن!

UID
9403
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
121
تىزىملاتقان
2011-2-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 15:26:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان ئۇكام سىز ئائىلىمىزنىڭ،شۇنداقلا يۇرتىمىزنىڭ،خەلقىمىزنڭ پەخىرىسىز!ئىجادىيەتلىرىڭىز بەك مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپتۇ.موزىكلىرىڭىز ئادەمنى ئاجايىپ بىر سىھرى دۇنياغا باشلاپ كىرىدىكەن....

مەرەمنىسا

UID
11006
يازما
463
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12193
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 18:24:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  چىقىپتۇ...

禁止发言

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چو

UID
2452
يازما
95
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2786
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 19:42:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
4823
يازما
42
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1092
تىزىملاتقان
2010-8-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-24
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 21:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر ناملىق ناخشىسىنى ئاڭلاپ شۇنداق ھاياجانلانغاندىم .
MTV نى ناھايىتى ياخشى ئىشلەپتۇ ،

ئىتپاقلىق كۈچ

دەلىللەنگەن ئەزا

كىملەرنىڭ ئەزىز

UID
1959
يازما
927
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
30169
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-3
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 12:50:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشىلارنىڭ سۈرەتلىك ئىشلىنىشى بەكلا ياخشى بوپتۇ ناخشىمۇ ناخشى ئىيتىلىپتۇ ، ئىلگىرى بىر ناخشىسىنى ئايلىغان ئىدىم ، ئاتا توغۇرلۇق شۇنداق ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم . بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

ئىتقاد ___ ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەتنى ئاپىرىدە قىلدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش