- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 329
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6689
- تىزىملاتقان
- 2011-5-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-5
- UID
- 11199
- يازما
- 329
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6689
- تىزىملاتقان
- 2011-5-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-5
- توردا
- 153 سائەت
|
راسگەپنى قىلغاندا تىمام بىلەن ئىسمى سەل ماسلاشماي قاپتۇ ، ئەسلى بۇ ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن سىلىشتۇرۇش ئىدى . ئاق كۆك قارتىلغان
ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇيغۇر جۇملىدىن تۇركىي خەلىقلەرنىڭ تەۋەرۇك ئەنگۇشتىرى.
ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدىنىيتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئىچىدە تۆت تادۇ ھەم سودا مۇھىم سالماقنى ئىگەنلەيدۇ.ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدىمدىن تۆت تادۇ تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن بىلىش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كىڭەيتىپ،پىكىردىكى يىتۇكلىكى بىلەن دۇنيا مەدىنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.شۇنداقلا ئۆزىگەخاس مىللىي مەدىنىيەت بەرپاچىسى بۇلۇپ،زىمىن سەھىپىسنى قىممەتلىك ئىزلاربىلەن تۇتاشتۇرغان. مەسلەن ؛ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىريە ئاساسى، شەرىق تىبابىتىنى كۇچلۇك ئاساس بىلەن قامداش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتنى داۋالاش ھەم داۋالاش ساھاسىنىڭ تەجىربىچىلىكتىن تەتقىقاتقا ئۇتۇشتىكى مۇھىم ئۆتكىلى بولغان بولسا ،قۇتادغۇبىلىگدىن ئىبارەت شاھانە ئەسەردە جەمىيەت، تۆت تادۇ بىلەن شەرھىلىنىپ،سىياسەتچانلىقى پەلسەپىۋىلىكى بىلەن مىللەت ۋە مەدىنىيەتنى مۇۋاپىقىيەتلىك بىرىكتۇرۇپ، ھازىرمۇ مۇھىم تەتقىقات تىمىسى ئۆرنەك قىممىتىنى ساقلىماقتا.ئۇيغۇر خەلقى ئىزچىل تۆت تادۇنىڭ ۋارىسلىرى سۇپىتىدە،قان قىنىغا سىڭگەن تادۇلىرى بىلەن ھايات رىسالىلىرىنى بوياپ،رىسىق ئىزدەۋاتقانلىقىنى مەنزىللىرى، قەدەملىرى، بىر لوقما تائاملىرىغىچە ئىجتىمائىي ئەمىلىيەت پاكىتلايدۇ
دىمەك ،ئەمىلىي قوللىنىشچانلىقى ماكان پاكىتى ،قۇتادغۇ بىلىگ زامان پاكىتى،ئۇيغۇر تىبابىتى ئىنسان پاكىتى ،ئۇيغۇرچە مىللى مەدىنىيەت ئىمان پاكىتى بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تۆت تادۇنىڭ ئىگىلىرى ئىشتىراكچىلىرى ئىكەنلىكىنى كۇچلۇك ئاساس بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.
دىمەك ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ نەزىريە ئاساسى تۆت تادۇ. تۆت تادۇ دىگەندە تۇپراق ئوت سۇ ھاۋانى كۆرسىتىدۇ.
تۆت تادۇدىن تۇزۇلگەن ئىنساندا،ھامان بىرى ئىرسىي خاراكتىردە يىتەكچى بولىدۇ.مەسلەن ،قان سەپرا بەلغەم سەۋدا دىگەندەك.بەزى رايۇنلارنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت بولسا،بەزى رايۇنلارنىڭ ئوتى كۇچلۇك،بەزى يەرلەر سۇلۇق بولسا،بەزى رايۇنلارھاۋالىق بولىدۇ.نەتىجىدە ئىر سىي خاراكتىردىكى ئىنسان تەبىئىتى بىلەن شارائىتنىڭ ماسسلىشىشى ، ئوخشىمىغان خۇي پەيلىدىكى مەدىنىيەت بىلەن گەۋدىلىنىپ، تۆت تادۇغا ئوخشاش بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىق خاراكتىردىكى ئىنسان توپىنى بەرپا قىلىدۇ.بىر مەزگىل، بىرى تۇپراق بىلىش سۇپەتتە ئىنسانىيەتنى يىتەكلىسە، بىرى ئوت ئادىللىق سۇپەتتە كىسىپ چاسىلاپ تۇزەيدۇ، بىرى سۇ ياخشىلىق سۇپەتتە سۇغۇتۇپ ئارلاشتۇرۇپ پەزىلەت بىلەن تەڭشىسە،بىرى ھاۋا تەقۋادارلىق سۇپەتتە بوي سۇنۇشقا يىتەكلەپ كۆندۇرىدۇ.ئىنسان بۇكۆرنۇشلەردە ھەقىقى چىن مەنىدىكى رولچى سۇپىتىدە قىممىتىنى ئەكىس ئەتتۇردۇ.دىمەك دۇنيا تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن تۇزۇلگەنگە ئوخشاش ،ئىنسان روھىيتى ۋە تۇزۇپ بەرپا قىلغان جەمئىيتى،بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت تادۇنىڭ باشلىشىغا،تۇزىشىگە،تەڭشەپ،تۇراقلاشتۇرشىغا مۇھتاج بولىدۇ.
دىمەك روھىيەت شۇنىڭغا ماس پىسخولوگىيە دىگەن گەپلەر بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
|
|