- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 31
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 692
- تىزىملاتقان
- 2011-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-14
- UID
- 15760
- يازما
- 31
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 692
- تىزىملاتقان
- 2011-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-14
- توردا
- 0 سائەت
|
پىسخولوگىيە ھەققىدە
( باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ )
ئادەتتە مەن بىمارلارنى كۆرسەم ئۇلارنىڭ ئازتولا نىمە ئويدا ؟ قانداق خاراكتىرغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ، ھەمدە قانداق كىسەلگە گىرىپتار ئىكەنلىكىنى ، بىرئاز ھىس قىلالايمەن . شۇ سەۋەپتىن بەزەن ماڭا مۇشۇ جەھەتتىن سۇئال سورىغانلارغا كۆرنمە چاستوتا ( 视频) ئارقىلىق پاراڭلىشىشنى ياكى ئۇ بولىسا يىقىندا چۈشكەن بىر پارچە رەسىمىنى ئەۋەتىپ بىرىشنى ، قايسى يىلى تۇغۇلغانلىقىنى ، قان تىپىنى ، مۆچىلىنى سورىسام مىنى بىر ئاز باشقىچىمۇ چۈشۈنۈپ قالدى ، ئەلۋەتتە چىرايىنى كۆرەلمىگەندىكىن بۇ ئىشلارنى سورۇشۇم تەبىئىي ئىدى .
گەپنى قىسقىلا قىلسام ؛ پىسخولوگىيە ــ ئادەمنىڭ رەڭگارەڭ ئىچكى دۇنياسىنى تەتقىق قىلىدۇ . پىسخولوگىيە دىگەن سۆز تىلىمىزغا باشقا مىللەتلەردىن كىرگەن . دەسلەپتە ئىسپانىيىلىك بىر ئالىم 17-ئەسىرنىڭ ئاخرىدا مۇشۇ تەتقىقات ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە ماتىرىيال يازغان .
بىز ئۇيغۇرلار بولسا « روھىيەت ئىلمى » دەپ ئاتايدىكەنمىز ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ زامانىسىدىن ئىلگىرلا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ھەقتە :
قىرىققا كىرىپمۇ مىزاج بىلمىسە ،
ئول ھايۋان ئىرۇر گەر سۆزلىسە .
دىگەن بىيېتىدىكى « مىزاج » سۆزىدىن كۆرۈۋلغىلى بولىدۇ . مىزاج ــ ئادەم بەدىنىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئىنسان بەدىنىگە تەسىر قىلىشىدىن شەكىللەنگەن يىڭى بىرخىل كەيپىيات دىيىلىدىكەن . ( تۆت چوڭ ماددا ئوت ، ھاۋا ، سۇ ۋە تۇپراقنى كۆرسىتىدىكەن ) .
ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ مىزاج بابىدا ئىنساننىڭ مىزاجى 4 تۈرلۈك يەنە ئۇ كىڭەيتىلىپ 8 تۈرلۈك ، يەنە كىڭەيتىلىپ 16 تۈرلۈكلەرگىچە بۆلىنىدىكەن .
يەنە كقڭەيتىلىپ 32 تۈرلۈك ، يەنە كىڭەيتىپ 64 تۈرگە بۆلىنىدىكەن .
پىسخولوگىيەدە ئادەم ئىككى تىپقا بۆلىنىدۇ : تاشقى تىپقا مايىل ۋە ئىچكى تىپقا مايىل .
ئەمما روھ تەلىماتىغا دۆلىتىمىز ( جۇڭيىنى دىمەكچى ) ۋە غەرىب تىبابىتى ئىشىنىپ كەتمەيدۇ . يەنى روھنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىدا بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ .
ئەمما ئۇيغۇرلاردىن چىققان زور ھەجىمدىكى كىلاسسىك كىتابلىرىمىزنىڭ كۆپنچىسىدا بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن بايانلار تەپسىلىي ئىزاھلىنىپتۇ .
روھ سۆزىنى مۇنداق چۈشەندۈرەي . بەزەن ۋاقىتلاردا كەيپىياتىڭلار كۆتۈرەڭگۈ بولسا باشقىلار « ھەجەپ بۈگۈن روھلۇق بوپقاپسەنيا ؟ » دەيدۇ ؛ ئەكسىچە بولسا « بۈگۈن نىمبولسا ساڭا ، ھەجەپ رھىڭ چۈشۈپ كىتىپتا ؟! » دىيىشىدۇ . دىمەك روھنى بىز ئادەمدە بولىدىغان خۇشاللىق ۋە خاپىلىق تۇتقان پوزتسىيەدىن بىلىۋالايدىكەنمىز .
ئادەمنىڭ كەيپىياتى ياكى پىسخىك ھالىتى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ، رايون ، تۇرمۇش ، زامان ، كىشىلەر توپى ۋە يىمەك-ئىچمىكېدە ئوخشاش بولغان ھالەتتە شەكىللىنىدۇ ھەم ئۆزگۈرىدۇ .
مەسىلەن : خۇشال ۋاقتىدا ئۆچى بار بىرىنى كۆرسە دەرھال روھىي كەيپىياتىدا ياكى پىسخىكىسىدا شۇ كىشىگە قارىتا ھالەت شەكىللىنىدۇ .
ئامراق تاماقنى كۆرگەندە يەنە بىرخىل ، تاغ دەريالارغا بارغاندا ياكى ھەرخىل كۇلۇبقا بارغاندا يەنە ھەرخىل ھالەت شەكىللنىدۇ . ياكى ئۆزگۈرىدۇ . چىقىشقاق ، شوخ ۋە ئوچۇق يورۇق كىشى ناھاقچىلىق سەۋەبىدىن تۈرمىدە ئۇزۇن ياتسا ياكى شۇ ئىش قاتتىق تەسىر قىلسا ئەسلىدىكى ئوچۇق يورۇق كەيپىياتىدا شۇ شارائىتقا بىقىپ ئۆزگۈرۈش بولىدۇ . دىمەك بۇنى « ئۆزگۈرۈش » دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ .
پىسخىك كىسەللىكى ئادەتتە كىچىك ۋاختىدا يىتىم قالغان بالىلاردا ، ئاتا-ئانىسى بىر ئۆيدە ئەمەسلەر ، ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇئامىلىسى تەڭ پۇڭ ھالەتتە بولمىغانلاردا ، قىز -ئوغۇللارنىڭ بالاغەتكە يىتىۋاتقان ۋاختىدىكى ئۆزىگە چوڭ تەسىر قىلغان ئىشلار سەۋەپلىك ، قىز-ئوغۇللاردىكى بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىنكى جىنسىي تۇرمۇشى ياخشى بولماسلىق ( ئانانىزىم ، جەلەق ، قولدا ئىشقاپ لەززەتلىنىش ... ) قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادېتى شەكىللىنىش سەۋپلىك كۆرۈلىدۇ ئەتراپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تەرەققىي قىلىدۇ ؛ توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاياللارنىڭ 27 تىن 33 ياشقىچە ( بىرەيلەننىڭ قايسى كۈنى يوللىغان تىمىسىدا ئاياللار 38 ياشتا ، ئەرلەر 40 ياشتا دەپتىكەن ) بولغان ئارلىقتا سىرتقا قاراپ قىلىش ( يولدىشىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى ئاجىز بولىشى ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى ) ئەرلەرنىڭ 40ياشتا سىرتقا قاراپ قلىشى سەۋەپلىك ئائىلىسى بۇزۇلغانلاردا ، كۆپرەك كۆرۈلىدۇ . ئۇندىن بۆلەك ئىككىسىدن بىرىنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قىلىشى ، توي قىلغاندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ياكى قىينانېىسى سەۋەپلىكمۇ كۆرۈلىدۇ .
نورمال بولغان پىسخىك ھالەت ۋە نورمال بولمىغان پىسخىك ھالەتنى ئايرىش ( مۇ ئەللىمنىڭ بىر قىتىملىق دەرسىدىن قىسقىچە ) :
چىرايلىق بىر قىز پىيادىلەر كوچىسىدا چىرايلىق قەدەملەر بىلەن مىڭىپ كىتىپ بارىدۇ . بىر ئوغۇل بالا ئۇخمايلا تىپىپ سالغان سۇلياۋ قۇتا ئۇ قىزغا تىگىپ كەتتى ، قىزچاق ئۇ ئوغۇل بالىغا بىرنى ئالىيىپ : « ساراڭ » دەپلا يولىغا ماڭدى . ئوغۇل خۇشاللىقىدا يەنە بىرنى تەپتى ، قىزچاق ئاچچىق بىلەن بىرنى ئالىيىپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي يەنە يولىنى داۋاملاشتۇردى . ئوغۇلبالا بولسا ئىككى يېنىغا بىنى قارىۋىتىپ يەنە تەپتى ، ئاخىرى قىز ئۇنىڭغا « كاللاڭنىڭ دەردى بارمۇ ، ھۇ ساراڭ ، ! » دىگىنىچە يونىڭ ئاتەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى .
تۇنجى قىتىملىقى ئۇخماي تىپىپ سالغىنى ، قىزچاقنىڭ ساراڭ دېگىنى قىزچاقىنىڭ پىسخىكىسىدا بىر ئاز جىددىيلىق ياكى چۇسلۇقى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ . گەپ-سۆزسىز يولىنى داۋام ئەتكەن بولسا نورماللقىقىنى بىلدۈرىدۇ .
ئوغۇل بالىنىڭ ئىككىنچى قىتىم تەپكىنى شوخلۇق مىجەزىنى ، بىلدۈرىدۇ ئۈچىنچى قىتىم تەپكىنى بولسا ئوغۇل بالا بولسا شوخلۇق مىجەزىنى ، بىزەڭ ھەم قىززىقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە ئۇنداق بلا سۇيۇقرق قاشاڭ مىجەز كىلىدۇ . ئەمما ئاسان چىقىشقاق بولىدۇ ، روھى كەيپىياتىنىڭ ناھيىتى ياخشىلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىدىن مىسال :
مەن تولۇقسىزنى يىڭى پۈتتۈرگەن ۋاختىمدا بىر قىز يىڭى تونۇشقان ئىدىم . بۇ ۋاختىمدا مەن بىر قىزنى قوغلۇغۇپ يۈرگەن ۋە ىولغا كەلتۇرەلمىگەن ۋاقىتلىرىم بولۇپ ياكى ئۇنتالمىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى . مەن تونۇشقان قىزچاق مەندىن ئىككى ياش ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يۈرمەكچى بولدۇم . بۇ مەندىكى بۇرۇنقى قولغا كەلتۈرەلمىگەن قىزنى ئۇنۇتماقچى بولغان ، ھەمدە ئۆزۈمنىڭ غەمخۇرلۇققا مۇھتاجلىقىنى بىلدۈرىدۇ بولۇپمۇ ئۆزۈمدىن چوڭ بولغانلىقى ؛ ئەمما ئۆزۈمنى مەجبۇرلاش خاراكتىلىك پىسىخىك ھالىتى .
كىيىن ئۇ قىز بىلەن تاماق يەپ بولۇپ ، يولدا مىڭىۋاتىمىز ؛ تۇيۇقسىز ئالدىمدا 7-8 قەدەم نىرىراقتا يەردىكى بىر پارچە ناننى كۆردۈم ، ناننى ئىلىۋىتىشنى ئويلىدىم ، ئەمما ئۆزۈمنى چوڭ تۇتۇش ۋە ئۇ قىزنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى چۈشۈرۈۋالماسلىق ئۈچۈن ناننى ئالمايلا ئۆتۈپ كەتتىم . ئەمما چىۋىن يەۋالغانداك بوپلا 2-3 قەدەم مىڭىپ بولغاندىن كىيىن بىرىپ ئۇ ناننىڭ پارچىسىنى ئادەم دەسسىمەيدىغان يەرگە قويۇپ قويدۇم . قىزچاققا كۆڭلۈمدە ئويلىغىنىمنى ۋە كىچىگىمدىنلا دامدانىڭ يىمەك-ئىچمەكنى ئىسراپ قىلسام قاتتىق خاپا بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم . قىزچاق مىنىڭ بۇ گەپلىرىم خۇشال بوپكەتتى .
مىنىڭ ئۇ ناننى دەسلەپ ئالماي ئويلانغىنىم مەندە ئىككىلىنىشنىڭ بارلىقىنى ، بىر ئىش قىلسام كاسكىن قىلالمايدىغانلىقىمنى ئەمما كىچىك ئىشلارغىمۇ سەل قارىمايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ . ئۇ ناننى ئالماي ئۆزۈمنىڭ چىۋىن يەۋەلغاندەك بوپ قالغىنىم بىر ئىش قىلغاندىن سەۋەنلىك كۆرۈلسە كۆپ پۇشايمەن قىلدىغانلىقىمنى ھەمدە مىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكۈمنى ئەمما يەنىلا بۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى يىڭەلمىگەنلىكىنى ، ئىرادەمنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە ئۆزۈمنى ئالداش پىسخىكىسى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . كىيىن بىرىپ ئىلىپ ئادەم دەسسىمەيدىغان يەرگە قويغىنىم دادامنىڭ ماڭا بەرگەن تەبىيىسىنىڭ خىلى رول ئوينىغانلىقىنى ، ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئىشىمدىن كۆپ رەك گۇمان قىلىدىغىنىم ، خاتالىقىنى ھىس قىلسام ئارقامغا چىكىنىدىغان پىسخىكامنى ئەمما يەنىلا ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . قىزچاقنىڭ بولسا يەنىلا ئۆزىنىڭ دەسلەپتە مەندە شەكىللەنگەن كەيپىياتنىڭ بارلىىقىنى ، ئەمما يەنىلا ياخشى كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ( قىسقارتتىم ) .
يەنە بىر مىسال :
70 ياشتىن ئاشقان ، يىراق سەھرادىن كەلگەن ساققالىق ، باققۇچىسى يوق ، ئىلگىرى باشقا دوختۇرخانىدا ئاشقازىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرغان . كىيىن مەن داۋالىغان بولۇپ ، بوۋاينىڭ ئەھۋالى تىككەن يەرنىڭ يىپىنى ئالغان بولسىمۇ ئەمما تىخى يەنىلا ئۇ يىرىدە جاراھەت بار ئىدى ، سۇ تەگسە بولمايدىغانلىقىنى ئۈچۈن ھەتتا پۇرايىتتى . مەن ناھايىتى ئاۋايلاپ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلدىم . ئۇ يىرىنىڭ ئەتراپىنى ئاۋايلاپ ئىسسىق سۇ بىلەن سۈرتەتتىم ئۆزۈم ، ئۇ بوۋاينىڭ چىشى ئاساسەن چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ، يىيىشىگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن نىپىز ، ياغسىز يىقىلغان ناننى تانقانلاش ماشىنىسىدا سوقۇپ ئۇ بوۋايغا كۈندە بۇنىڭغا ئىككى ۋاخ ساپ ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ يىيىشنى بۇيرۇدۇم . بوۋاي بىلەن پات-پات مۇڭداشتىم . كىيىن بوۋاينى « بۇلماق يەيدىغان بوۋاق بوۋاي » دەپ زاڭلىقمۇ قىلىپ كۈلدۈم ، باشقا كارۋاتتىكى بىمارلارمۇ ماڭا قاراپ ۋە بوۋاينىڭ ئۇششاق تالقانلانغان ناننىڭ تالقىنىغا ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ يىگەن تۇرقۇغا قاراپ ئۇلارمۇ شۇنداق دىيىشپ كۈلۈپ كەتتى . بوۋاي خۇشاللىقىنى سىغدرالماي ئۆزى يەپ بولغان قاچىدا ماڭىمۇ ھەسەل سىلىپ « بۇ بۇلماقتىن سىلى يەپ باقسا غوجام بالام » دەپ تەڭلىدى ، گەرچە قاچىنى بىر يۇۋىتىپ يىگۈم بولسىمۇ بوۋاينىڭ كۆڭلىنى ئاياپ خۇشخۇيلۇق بىلەن يىدىم . ھەممەيلەن كۈلۈپ كەتتى . بوۋاي مەندىن ناھايىتىنى خۇرسەنلىكىنى ، ئۆزەمنىڭ ناھايىتى كۆيۈنگەنلىكىنى ، ئىلگىركى دوختۇرخانىدىكى سىستىرا قىزلارنىڭ ئۆزىدىن سەسكىنىدىغانلىقىنى يەنى ئۇ قىزلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا بەدىنىدىن چىققان بەدبۇي پۇراقتىن بىزار بولۇپ ئۆزىنىڭ كۆپرەك يالغۇز قالىدىغانلىقىنى شۇ سەۋپتىن كىيىن قورسىقىدىكى تىڭىقنى ئىلىۋەتكەندىن كىيىنلا مۇشۇ دوختۇرخانىغا كەلگەنلىكىنى ئىيتىپ جىم بولۇپمۇ قالدى . دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانغا ئاز قالغاندا ئۆزىنىڭ مىنى ئۆيىگە بىر ئاپاغۇسى بارلىقىنى ئىيىتتى .
يەنە بىر مىسال
دوختۇرخانىغا بىر بوۋار كەلگەن بولۇپ ئەسلىدە بۇ بوۋاينىڭ قان بىسىمى قاتتىق ئۆرلەپ كەتكەن بولۇپ ، دوختۇرخانىغا ئائىلىسىدىكەر ئىلىپ بارغاندا دوختۇرلار قان بىسىم ئۆلچۈگەندە بوۋاينىڭ قان بىسىمى 280 دىن يۇقۇرى چىققان ( يۇقۇرى چەك 280 ) . دوختۇرلار چۆچۈپ كىتىپ بوۋاينى بىرپلا بىلىكىدىن چىڭ تۇتقىنىچە يۇقاپ چشسىلە ئۆزىنىڭ مىڭىسىگە قان چۇشۈپ ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىنى ياكى مىڭە قىل-قان تومۇرى يىرىپ پالەچ بوپ قالىدىغان ئىيىتقىنىچە چاقلىق ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ ، ئائىلىسىدىكىلەرگە بوۋاينىڭ كارۋاتتىن چۈشمەسلىكىنى ، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى مۇشۇ يەردىلا قىلىشىنى بۇيرۇپ ئالاھدە ياتاققا ئالغان . بوۋاي شۇنىڭ بىلەن قاتتىق قورقۇپ كىتىپ يول ماڭسا يالغۇز مىڭىشتىن قورقۇدىغان بوپ قالغان . دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كىيىن بىز بوۋاينى ئىغىر ئەمەسلىكىنى چوقۇم ئوبۇرنىغا بىرشنى ئىيىتىپ كۆپ كىشىىلىك ياتاققا ئورۇنلاشتۇردۇق . چۈنكى يالغۇز قالغانسىرى ساقىيىشى قىيىنلىشىدۇ ياكى پىسخولوگىيىسى ئىغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ . راس گەپنى قىلغاندا بۇ بوۋاينىڭ كىسىلى بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن ئىدى . بوۋاي بىلەن يىرىم شۇڭداشسام بىرئاز ياخشى بوپ قالغانلىقىنى ئىيتاتتى ئەتىسى كىرسە يەنىلا شۇ بۇرۇنقىدەك قورقۇنچاق بوپ قالاتتى ، يەنە سۆزلەپ ئەتىسى كىرسەم يەنە شۇنداق ؛ ئەمما ئائىلىسىدىكىلەر مەندىن بەكلا رازى ئىدى .
ئادەتتىكى تۇرمۇشۇمدىن مىسال :
ئۈرۈمچىدىن چۆچەك شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق ، ماشىنىدا ئۈچەيلەنلا ئۇيغۇر ، قالغانلىرى خەنسۇ ئىدى . بىزگە باش بولغىنىمۇ خەنسۇ ئىدى . بۇ ۋاقىت رامىزان ئىيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى . مەن يولدا ھىچنىمە يىمىدىم ، ئەمما ئىككى ئۇيغۇر خىزمەتداشلىرىم بولسا بىرنەرسە يەپ ياكى ئىچىپ ماڭدى . خەنزۇ ماڭا يەيدىغان نەرسە تەڭلىگەندە مەن روزا تۇرقانلىقىمنى يىمەيدىغانلىقىمنى ئىيىتتىم . خەنزۇ مەندىن ئىككى ئۇيغۇر خىزمەتدىشىمنىڭ نىمىشقا روزا تۇتمىغانلىقىنى ئىيىتتى . مەن ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئەمما مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى ئىيىتتىم ؛ ئىككى ئۇيغۇر بولسا ئاڭلىدى-يۇ ھىچنىمە دىيەلمىدى .
كىيىنچە خەنسۇ باشلىق تىزلا چىقىشىپ قالدىم كۆپرەك ئىسلام توغۇرلۇق سۇئال سورايىتتى مەندىن .
بىركۈنى ياتاقتا ئۇخلايلى دەپ تۇرغاندا ئۇيغۇر خىزمەتدىشىمدىن بىرى خەنسۇ مىجەز بولغاچقا ياتاقتا كالتە ئىشتان بىلەنلا يوتقان يىپىنماي ياتقان ئىدى . بىر خەنسۇ خىزمەتدىشىم كىلىپ كالتە ئىشتىنىنى سالدۇرۇپ بىر كۆرمەكچى بولۇشىغا مەن ئىتتىكلا توسۇۋالدىم ۋە خەنسۇغا ۋارقىراپ سالدىم ؛ شۇندىن كىيىن ھىلىقى ئۇيغۇرلار مەندىن ھىيىقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى .
كىيىن مەن ھىلىقى خەنسۇ باشلىق بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىزلارنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ئىيىتتى دەھاللا ئاچچىقىم كەلدى . ئۇمۇ سەزدى ، مەن ئۇنىڭدىن ئايالى ۋە بالىسى بار-يوقلۇقىنى سورىدىم . ئۇ يۇرىتتا ئايالى ۋە بىر بالىسى بارلىقىنى ئەمما ئۇلار بىلەن ئاجرىشىپ ئۇيغۇر ئايال ياكى قىز بىلەن ئۆيلەنگۈسى بارلىقىنى ئىيىتتى . مەن ئۇنىڭغا ئۇ بۇرۇنقى ئايالى بىلەن ئاجراشمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئەمما چوقۇم ئۇيغۇر ئايال ياكى قىزلارنى چىن نىيىتڭدىن ياخشى كۆرۈپ ئالغۇسى بولسا ئىسلامغا كىرىپ توي قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئىيىتتىم . ئۇ مەندىن ئىسلام توغۇرلۇق خىلى نەرسىلەرنى سورىدى . ئەمما مەن ئۇنىڭغا تەپسىلىي چۈشەندۈدۇم .
مەن تۈنۈگۈنكى تىمىغا قالدۇرۇپ قويغان ئىنكاسىم بويىچە ناھايىتى كۆپ تورداش پىكىرلەشتىم . بىلسەڭلار بىزلەردىن بىمارلار ئاجايىپ سۇئال سورايدۇ ، مەسىلەن بۈگۈن بىرسى مىنى قوشۇۋىلىشقا ئۇچۇر قىلغاندىن مىنىڭ قوشۇلۇشۇم ئۇ بالىنى قىتىۋالدىم . ئىنىقلا مىسرانىمدىكى ئىنكاسىمنى كۆرگەندىن كىيىن مىنى قاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم سەۋەبى كىرىپلا مەندىن سۇ.ال سورىغان ئىدى .
بۇ ئوغۇلبالا بولۇپ ماڭا مۇنداق سۇئال قويدى . :
مەن داۋاملىق قىز دوستۇم بىلەن بىللە يۈرسەم ھىلىقى نەرسەم قوپۇۋالىدۇ ؟ نىمە سەۋپتىن ؟ .
مەن مۇنداق جاۋاپ بەردىم :
بۇ سىزدىكى نورمال ھادىسە ، ئەگەر ئۇ نەرسىڭىز قوزغالمىغان بولسا سىز كىسەل بولغان بولاتتىڭىز ، ئەمما بۇنىڭدىن سىزنىڭ ئۇ قىزغا شەھۋەتپەرەس نىيەتتە بولغانلىقىنىڭىزنى بىلدۈرىدۇ ياكى باشقىچە ئويدا بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ .
بۇ جاۋابىمدىن كىيىن ئۇ كىشى تور دىن چۈشۈپ كەتتى .
يۇقارقى مىساللار ئارقىلىق روھىي ھالەتنىڭ قانداق تەسىردە بولدىغانلىقىنى ھىس قىلىۋىلىش ئوڭاي دوسلار .
مەنبە : ئۆزۈم باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاشقا قەتتى بولمايدۇ . |
|