- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 648
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11909
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- UID
- 6825
- يازما
- 648
- تېما
- 58
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11909
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- توردا
- 516 سائەت
|
parangqi
ياخشىمۇ سىز؟
سىز ماقالە ئۈستىدىكى ئانالىزىڭىزنى ئوترىغا قۇيۇپ،ماقالىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسۈتۈپ ئۆتۈپسىز،بۇنىڭدىن مەمۇن بولدۇم،شۇنداقتىمۇ ئازراق چۈشەنچە بىرىشنى لايىق كۆردۈم.ماقالىنىڭ مۇجمەلرەك بايان قىلىنىشتىمۇ بەلگىلىك سەۋەپلەر بار.ماقالىنىڭ مەرگىزى ئىدىيەسى بولسا ئىنسانلارنىڭ تەبىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىنسانلارنىڭ ئۈزىنى ئەينەن ئىتىراپ قىلماي،ساختىلىق،ھىلىمىكىر بىلەن ئىش قىلدىغانلىغى،شۇڭا ئادىمىلىك نوقتىسىدىن چىقىپ،رىياللىققا قايتىشنىڭ زۈرۈرلىگى ئوترىغا قۇيۇلغان.
ئىككىنچى بىرسى ماقالە ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ بايان قىلىنغان بۇنداق بولىشىدا مەن ئىنسان تېبىيىتىدىكى مۇرەككەپ خۇسۇسىيەتلەر ئىنساننىڭ رىياللىقنى ئەينەن قۇبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ،ئۈزىنى ساختىلىق بىلەن پەردازلىغان دەپ قارايمەن.
ئۈچۈنچى بىرسى شەخسىيەتچىلىك بىلەن ھەمكارلىشىپ ياشاش مەسىلىسىگە كەلسەك،ھەرقانداق يەككە ئادەم بۇ دۇنيادا يەردەمگە مۇھتاج بۇلۇدۇ،مۇنداق مۇھتاجلىق ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ.بۇنداق ھەمكارلىق ئىچىدە يەنىلا شەخسىيەتچىلىك مەۋجۇت بۇلۇدۇ،بۇ ئىنسانلارنىڭ ھايات كۈچۈرىشتىكى بىر قانۇنىيەت دەپ قارايمەن،مىنىڭچە شەخسى ئۈزىگە نىسپەتەن ئۈزىنى ئىپادىلىسە مىللەت نوقتىسىدىن بىر مىللەتنىڭ ئوبىرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن توپتىكى شەخسىيەتچىلىك بىلەن شەخسىدىكى شەخسىيەتچىلىك ئۆز ئارا بىرى-بىرىگە ئوتۈشىدۇ دىگەن قاراشتىمەن.
يانا بىرسى بولسا تارىخنى ئىتىراپ قىلىشنى بىلىم نوقتىسى،رىياللىقنى ئىتىراپ قىلىشنى ئەخلاقى پەزىلەت مەسىلىسى دەپ ئىككىسىنى ئارلاشتۈرۋاتماسلىقنى ئوترىغا قۇيۇپسىز،مىنىڭچە رىياللىقنى ئىتىراپ قىلىش ھەم ئەخلاقى مەسىلە ھەم بىلىش مەسىلىسى،قانچە ئەخلاقلىق بولساقمۇ بىز ئەينى رىياللىقنى بىلمىسەك بۇ رىياللىقنى قانداقلا نۇقدىدىن چىقساق ئىتىراپ قىلالمايمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزىنى ئىتىراپ قىلىش مەسىلىسىدىكى قاراشلارنى بىرىنى-بىرگە باغلاپ چۈشىنىش ئەقىلگە مۇۋاپىق.
ئىنسان تەبىيىتى مەسىلىسىدە مەن ئىنسان تېبىيىتىنى ئۆزگەرتىش مۈمكىنچىلىكىنى ئوترىغا قويمۇدۇم.ئىنسان تەبىيىتىنى ئۆزگەرتسە باشقا نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.مىنىڭ دىمەكچى بولغىنى ئىنسان تېبىيىتىدىكى خارەكتىر ئاجىزلىغىنى يىتەكلەشكە بولىدىغانلىغىنى مەقسەت قىلىپ ئېيتىلغان.
يەنىمۇ ئورتاقلىشامىز!
سىگە سالامەتلىك تىلەيمەن. |
|