ئىنسان تەبىيىتى ۋە ئۆزىنى ئىتىراپ قىلىش
تۇردى توختى
ئىنسان تەبىيىتى ۋە ئۈزىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى- ئىنسانلارنىڭ ئۈزىنى ۋە يىلتىزىنى بىلىش ئاساسىدا، ياشاش قانۇنىيىتىنىڭ رىتىمى بۇيۇچە ياشاپ ،ئۈزىنىڭ ۋە ئەجداتىنىڭ، نەدە،قانداق ياشىغانلىقى،كىملەر،قايسى مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ،ئۈزىنىڭ تارىخى ۋە مەدىنىيىتىنى ياراتقانلىغىنى راستچىللىق بىلەن بىلەن ئوترىغا قۇيۇش. شۇ ئاساستا بارلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق،ئۆرپە-ئادەت،مەدىنىيەت،دىن،تىرىتورىيە،پىسخىكا ...قاتارلىق مىللەتلەنىڭ بىلىش سېسىتىمىسى ۋە پالىيەت قىلىش دائىرىسى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ،ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلغان مەدىنىيەت مىراسلىرى ۋە ياشاشقا قوشقان تۆھپىسىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە ئىپادىلىنىدۇ.
ئەمىليەتتە بۇنداق ئېتىراپ قىلىش-راستنى راست،يالغاننى يالغان دىيىش مەسىلىسى بۇلۇپ ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىگىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،كۆڭلىنى ئاۋۇندىرىشقا نىسپەتەن ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ، بىز دەپ كىلىۋاتقان مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تۈرۈتكىلىك رولنى جارى قىلدۇرۇدۇ.
ئۈزىنىڭ كىملىگىنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن ئىنسان تەبىيىتى ماھىيەتتە بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ نۇرغۇن ۋاقىتلاردا،مۇھىم-ھالقىلىق چاغلاردا،مەنپەتىگە تاقىشىدىغان ۋەقە-ھادىسىلەردە ئىنسان تەبىيىتى ئىنساننىڭ ئۈزىنى ئىتىراپ قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىقدىدارىغا بوي سۇنماي،بىلىپ تۇرۇپ،ماھىيەتنى بۇرمىلاشتەك ئەجەللىك ئاجىزلىققا يول قۇيۇدۇ-دە، نۇرغۇنلىغان ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ پەيدا بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ ئەمىليەتتە باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە قەستەن ئازار بىرىپ،ئۈزىنىڭ كۆڭلىنى يالغاندىن ئاۋۇندۇرۇش،ئىچىدە بۇرۇختۇم بۇلۇپ،سىرتقى ھالىتىدە خۇشال يۇرۇشتەك ساختىلىقنى كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلىش ۋە ئىنسانىيەتنى ئالدىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.قوپالراق دىگەندە ئۈزىنىڭ ئارزۇسىنى باشقىلاغا مەجبۇرى تاڭغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
دۇنيادىكى مىللەتلەر چوڭ-كىچىك بولىشىدىن قەتتئى نەزەر ئۇنىڭ شانلىق تارىخى بار.بۇ نوقتىنى ئىتىراپ قىلمىغانلىق، ئەمىليەتتە ئىتىراپ قىلمىغۇچىنىڭ تەبىيىتىدىكى ئەڭ زور ئاجىزلىق بولۇش بىلەن بىرگە ئىنسانىيەتكە قىلىنغان ئەڭ زور ھاقارەتتۇر.باشقىلارنىڭكىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ھەم ئېتىراپ قىلدۇرماسلىق بولسا ،ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ،باشقىچە يولىنىشتە يىتەكلەشتىكى بىر تەبىردۇر.بۇ قارىشىمىزنى ھېرمان ۋامبېرنىڭ‹‹ئۆتمىشى غۇۋا مىللەتنىڭ،كەلگۈسىمۇ غۇۋا بولىدۇ››{1}دىگەن ھۈكىمى بىلىن ئىسپاتلاش تامامەن مۈمكىن. ھېرمان ۋامبېرنىڭ بۇ ھۈكىمىدىن بىز تارىخىدىن ئايرىلىپ قالغان مىللەتنىڭ كەلگۈسىدە،مەدىنىيىتى،تەرەققىيادى بولمايلا قالماي،ئۇ مىللەتنىڭ زاۋانلىققا يۈزلىنىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىپ يېتىمىز.تارىخىنى يوقۇتۇپ قويغان مىللەت-ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىگە خۇش پۇراق چاچالمىغان مىللەت،ئىنسانىيەتكە ئاسىلىق قىلغان مىللەتتۇر.شۇنىڭ ئۈچۇن كىشىلەر ئۈزىنىڭ مەدىنىيەتى،مىللىتىنىڭ تارىخىي، يىلتىزنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ،ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئورنىنى تېپىش يۇلىدا داۋاملىق ئىزدىنىشى كېرەك.چۈنكى مەشھۇر سەنئەتكار داننا‹‹ئەڭ بالدۇرقى ئەجداتلارنىڭ قەلبىگە ئۇرۇق بۇلۇپ تېرىلغان روھى ماھىيەت،ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلاتلارنىڭ ۋۇجىدىدا ئەكىس ئېتىدۇ››دەيدۇ{2}.
ئىنسان تېبىياتى- شەخسىيەتچىلىكىنى ئاساسى يادىرو قىلغان ھالدا، ئىنسانلاردا زىدىيەتلىك مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان، ئىنسانلانىڭ ئەسلى ھالىتى(قان) ئاساسىدا شەكىللەنگەن(تۇغۇلۇشتا بىرگە تۇغۇلغان) خۇي-پەيلى(مىجەزىى)،جىسمانى قۇۋىتى ۋە ئەمىلى ئىختىدارى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدىغان پىسخىكىلىق جەريان.ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكى ئۇنىڭ زىدىيەتلىك ۋە ئۆزگىرىشچانلىغىدا.ئاددىراق قىلىپ ئېيتىساق ئىنسان تەبىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە زىدىيەتلىكلىگى-ئادەمنىڭ ئېقىل ئىشلەتەلەيدىغان ۋە تەپەككۈر قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىنسان بولالىغىنىدا ئىپادىلىنىدۇ.
يۇقىرقى مۇرەككەپلىنى ھازىرقى زامان خەنزۇ يازغۇچىسى جياڭ رۇڭ مۇنداق ئىپادىلىگەن‹‹شىددەتلىك رىقابەت دۇنياسىدا مىللەتلەر ئالدى بىلەن زۇرۇز بولىدىغان نەرسە ياۋايى ھايۋانلارنىڭكىدەك باتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىك ئىدى.ئالدىنقى شەرت ھازىرلانماي تۇرۇپ،مەدىنىيەت ۋە ئەقىل-پاراسەت دىگەنلەرمۇ ئۈزىنى جۇلالاندۇرالمايتتى.مىللەتنىڭ مىجەز خارەكتىرى سۇسلاپ كەتكەندە،تۇققانچىلىققا،سەندىچىنى سېپىلىنى قۇرۇشقا،تەسلىم بولۇشقا،ئەل بولۇشقا،ياۋاش پۇقرا بۇلۇشقا ۋە چاشقاندىنمۇ زىيادە كۆپىيىپ جېنىنى بېقىشقا توغرا كېلەتتى...››{3}جياڭ رۇڭنىڭ بۇ ھۈكىمىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق ئىنسانلارنىڭ تەبىيىتىنىڭ ھەم زىدىيەتلىك،ھەم مۇرەككەپلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۈرىۋېلىشى تەس ئەمەس.
باتۇرلۇق،قەيسەرلىك،قورقۇش،مۇداپىيىلىنىش،تەسلىم بولۇش،ئەل بۇلۇش،ئەۋلات قالدۇرۇش،ياشاش...دىگەن سۈپەتلەر بىزگە ئىنسان تەبىيەتىدىكى مۇرەككەپلىك ۋە زىدىيەتلىك ھالەتلەرنى ،ئىتىقات،ئۇلۇغلاش ھەم شەخسى ئېتىياجنىڭ بىرى بىرنى شەرت قىلغان ھەم بىر بىرنىڭ ئىزىنى باسىدىغان جەريانلار ئىكەنلىگىنى، سەمىمىزگە سالىدۇ.
ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش ئىنسانلانىڭ ئۈزىنىڭ كىلىپ چىقىش يىلتىزىنى ،بېسىپ ئوتكەن مۇساپىسىنى،ياراتقان مەدىنىيەت ئىزنالىرىنى،يىتىلگەن خارەكتىرىنى ئەينەن ئېتىراپ قىلىپ،كىيىنكىلەرنىڭ ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت ھازىرلاش دىگەنلىكتۇر.بۇ ھەم ئۈزىنىڭكىنى ئىتىراپ قىلىش،ھەم باشقىلارنىڭكىنى ئىتىراپ قىلىشتەك بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان جەرياندۇر.بۇ بىر پۈتۈن مەدىنىيەت تەرەقىيادى سېسىتمىسى بۇزۇلسا ئىنسان مەدىنىيىتى ساختىلىق ئىچىگە كىرىپ قېلىپ،ئىنسانىيەت بۇرۇقتۇملۇققا گىرىپتار بۇلۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانىيەت مەدىنىيەتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بىرىپ،ئۆزىمىزنىڭ،مىللەتنىڭ،باشقىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ ۋە ئىتىراپ قىلىپ،ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنىڭ خىلمۇ-خىللىغىنى،رەڭدارلىغىنى قولغا كەلتۇرۇپ،مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشىمىز كېرەك.ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا مىللەت،پۈتكۈل ئىنسانىيەت خامۇشلىشىپ كېتىدۇ.چۇنكى ھەقىقەت، ساختىلىقنىڭ زىمىنىدا كۆكلىيەلمەيدۇ.بۇ ‹‹تاغدا بۆرە بولمىسا،قويغا خامۇشلۇق كىسىلى تىگىپتۇ››دىگەن بىلەن ئوخشاش بىر جەريان.
تۈۋەندە ئىنسان تەبىيىتى ۋە ئۈزىنى ئىتىراپ قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە كۆزقاراشلىرىمنى ئوترىغا قۇيۇپ،ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ كۈشەندىسىز تەرەققى قىلالمايدىغانلىغىنى،كۈشەندىسىزلىكنىڭ تەبىيەت قانۇنىيەتىنى بۇزۇپ،ئىنسانىيەتكە ئېغىر تالاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقنى ئوترىغا قۇيۇپ،ئۆتمەكچىمەن.
1.ئىنسان تەبىيىتى
بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ئىنسان تېبىيەتى شەخسىيەتچىلىكىنى ئاساسى يادىرو قىلغان بىر پۈتۈن جەريان بۇلۇپ،ئۇنى كونكىرىتىنى چۈشەندۈرگەندە تۈۋەندىكى تەرەپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىغىمىز لازىم.بىز بۇ كونكىرىتىنى مەسىلىلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگىزىشتىن ئاۋال ئىنسان تەبىيەتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى توغرىسىدكى قاراشقا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئۇنداقتا ئىنسان تەبىيىتى دىگەن نىمە؟
ئىنسان تەبىيىتى دىگىنىزمىز-ياۋۇزلۇق بىلەن مىھرىبانلىق،رەزىللىك بىلەن ئاق كۈڭۈللۈك،ياخشىلىق بىلەن يامانلىق،ئېتىقات بىلەن ئىنكار قىلىش،ئەقىللىقلىق بىلەن ئەقىلسىزلىك ئارلىشىپ كەتكەن،ۋۇجۇدىغا ئاجزىلىق سىڭىپ كەتكەن، ئادەملەردىكى ئىچكى خۇسۇسىيەت(مىجەز-خارەكتىر)دىن ئىبارەت.
ئىنسان تەبىيەتىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى-بىرسى مۇرەككەپ بۇلۇش،ئىككىنچىسى شەخسىيەتچىل بۇلۇش،ئۈچۈنچىسى زىدىيەتلىك بۇلۇش،يەنە بىرسى بولسا ئاجىز بۇلۇشتىن ئىبارەت.
ئادەم تەبىيەتىنى ئانالىز قىلىشتا‹‹سىياسىنىڭ رەزىللىكى››دىگەن دۇنياۋى مەھشۇر ئەسەردىكى مۇنۇ قۇرلارنى كۆرسىتىپ ئۈتۈشكە بولىدۇ:‹‹سىنىڭ خارەكتىرىڭىدە بىر ئېغىر نوقسان بار،ئۇ بولسىمۇ سەن رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا مۇناسىپ كەلمەيسەن،ھەتتا ئاممىنىڭ خەيرىلىك ئىشلىرى سىنى رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلسىمۇ،ئۇنداق قىلىشنى خالىمايسەن››{4}...‹‹سىياسى رەقىپلەرنى يوقۇتۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل-كەسكىن ھەم پاكىز،يۈرەكلىك ھەم نۇمۇسسىز بۇلۇشتۇر››{5}
يۇقارقى نەقىللەردىن ئادەمنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ،ئىنتايىن رەھىمسىز تەبىيەتكە ئىگە بولغان بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس،شۇنداقلا يۇقارقى ھۈكۈملەردىن ئىنسان تەبىيىتىدىكى ئاجىزلىقلارمۇ مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
1)ئىنسان تەبىيىتىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئانالىز
(1)ئىنسان تەبىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكلىگى-ئىنسان تەبىيىتنىڭ مۇرەككەپلىكى ئىنسان ئېڭىنىڭ يۇكسەك تەرەققى قىلغانلىغىنىڭ مەسئۇلى بۇلۇپ،ئۇنىڭ نىمە كويدا،قانداق مەقسەتتە يۈرۋاتقانلىغىنى ئاددى ھالدىكى گۈزۈتۈش ۋە تەكشۇرۇشلەر ئارقىلىق بىلىش مۇمكىن ئەمەس.ئادەم ئۈزىنىڭ ئەقىلى ئىقتىدارىغا تايىنىپ،نۇرغۇن يۇشۇرۇن ھالدىكى ئوي-پىكىرلەرنى ئىنكاس شەكلىدە ئۈزىدا يۇشۇرۇن ساقلايدۇ،شارايىت پىشىپ يىتىلمىگۈچە بۇ يۇشۇرۇن ئىنكاسلارنى ئاسانلىقچە ئاشكارىلىمايدۇ. بۇ خىلدىكى يۇشۇرۇن ئىنكاس شارايىت پىشىپ يىتىلگەن چاغدا ئىنسانىيەت تۇرمۇشىغا،مەدىنىيىتىگە تارىخىغا بەلەۈلۈك تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ.
ھاكىمىيەت مەسىلىسىمۇ ئىنسان تەبىيىتىدىكى ھەم مۇرەككەپ،ھەم نازۈك مەسىلە بۇلۇپ،ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشتىن ئىلگىركى بارلىق پىكىر-كۆز قاراشلار،پالىيەتلەر يۇشۇرۇن ھەلەتتە بولىدۇ،ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئەمىلى ئاتلانغان چاغ بولسا يۇشۇرۇن،مۇرەككەپ ئىنكاسنىڭ پارتىلىغان ۋاختى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئادەم ئېڭىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى فرانسىيە پەيلاسۇپى لوئىس پروۋېل تۈۋەندىكىدەك تەسۋىرلەيدۇ:‹‹نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئىنسانلار ئۈزلۈكسىز تۇردە ئۆزلىرىنىڭ ھۈكىمىرانىنى(ئۈزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى__ئاپتۇر ئىزاھاتى) ئىزدەپ كەلدى.بىراق ئۇلارنىڭ ئىزدەپ تاپقىنى ھەمىشە ئادەم ئولتۈرسە كۈزىنى چىمچىقلىتىپ قويمايدىغان قاسساپلار،جاللاتلار،تەلۋە بۇلاڭچى،ساختىپەزلەر،ۋەيران بولغۇچىلار،ساراڭلار،ئەخلاقى بۇزۇلغانلار ۋە رەزىللىك تارقاتقۇچىلار بۇلۇپ چىقتى››{6}
لوئىس پروۋېلنىڭ يۇقارقى مۇلاھىزىسى بىزگە ئادەم تەبىيەتىنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپلىكىنى،بىلىش،چۈشىنىشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى شۇنداق بولغاچقا كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئادەمنىڭ ۋەدىسى بىلەن ھەركىتى،دىلى بىلەن تىلى بىردەك بولمايدىغانلىغىنى،باشقىلارنىڭ ئىرىشىدىغىنىنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا يەنىلا بىر ساختا نەتىچە بولىدىغانلىغىنى بىزگە كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.
ئىنسان تەبىيەتىدىكى مۇرەككەپلىك ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىختىدارى ۋە غەيرى ئەقلى ئىقدىدارنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بىرلەشكەنلىكىنىڭ مەسئۇلى بۇلۇپ،بۇنداق بىرلىشىش ئىنسانلارنى چۈشىنىش قىيىن بولغان بىر يۇقىرى بىلىش ئىختىدارىغا ئىگە شەخسىيەتچىل توپقا ئايلاندۇرغان.
(2)ئىنسان تەبىيىتىدىكى شەخسىيەتچىلىك
ئىنسان تەبىيەتىدىكى شەخسىيەتچىلىكنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئى ھالدا ئۈزىنى مەرگەز قىلىشى،نام-مەنپەتكە ئىنتىلىشى ۋە ماختاشقا ھېرىسمەن بۇلۇپ،ماختالسا خۇشللىق تاپىدىغان،تەنقىتلەنسە چىچاڭشىپ كېتىدىغان پىسخىكىلىق ھالىتىدىن كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس.
ئەمىليەتتە ئىنساندىكى شەخسىيەتچىلىك ئىنسان تەبىيىتىدە تېبىئى بار بۇلۇپ،ئۇ ئىنسانلاغا قان ئارقىلىق مىراس قالىدىغان،قان ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان بىر پىزىلوگىيەلىك(گىگىنىلىق)جەريان.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئىنسان شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئاسارىتىدىن چەتنەپ چىكىتەلمەيدۇ.چۈنكى ئىنسانلار ئۈزىدە تەبىئى بار بولغان بۇ خىلدىكى گىنلارنى ئۈزىدىن تازىلىۋېتىشقا قادىر ئەمەس.
شەخسىيەتچىلىك يەككە ئادەمگە نىسپەتەن ئېيتىلغاندا ئۇ بىيرۇگىراتلىق بىلەن ئىپادىلەنسە مىللەتكە نىسپەن ئېيتىلغاندا مىللەتچىلىك مەسىلىسىگە تەۋە بولىدۇ.بۇنىڭدا ئامرىكىدىكى نىگىرلار بىلەن ئاقتەنلىكلەر ئوترىسىدىكى18-ئەسىردىكى ئېچىنىشلىق رىياللىقنى مىسال كەلتۈرۈش تامامەن مۈمكىن.
شەخسىيەتچىلىك ئىنسانلاردا ئەبىئى بار بولغان خارەكتىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەملەرنى باتۇر،قەيسەر،ھىچنىمىدىن قورقىماي ئالغا ئىلگىريەدىغان،ئۈزنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن(ياشاش شارايىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن) جان تىكىپ ئېلىشىدىغان روھ بىلەن سۇغۇرۇپ،ئىنسانلارنىڭ ئادىمىيلىكىنى يارتىشتا تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ.شەخسىيەتچىلىك يەنە نوۋىتى كەلگەندە ئىنسانلارنى رەزىللىككە،نۇمۇسىزلىققا،ئالدامچىلىققا،ئامانەتكە خىيانەت قىلىشقا،ھارامدىن ياشاشقا،قىزىلكۆزلۈككە،ئۈزىدىن ھالقىپ چىقىپ كەتەلمەيدىغان قورمىچىلىققا يىتەكلەپ،ئىنسانلارنىڭ پەزىلىتىگە ئېغىر نوقسانلارنىمۇ ئاتا قىلىدۇ.
يۇقارقىلارنىڭ دەلىلى تۇۋەندىكى ئايەتتۇر:‹‹بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا،زىمىنغا ۋە تاغلارغا تەكلىپ ئەتتۇق.ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى.ئۇلار خىيانەتتىن قورقۇپ ئەندىشە قىلدى.ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى.چۈنكى ئۇ ناھايتىمۇ زالىم ۋە جاھىلدۇر.››(قۇرئان،33-سۈرە72-ئايەت){7}
بىز بۇ ئايەتتىن ئىنسانلارنىڭ باشقا ھەرقانداق شەيئى ئۈستىگە ئالالمايدىغان مۇشكىلاتنى ئۈستىگە ئالاليدىغان قەيسەر،قورۇقماس خارەكتىرىنى كۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئىنسانلارنىڭ ھەم زالىم ھەم جاھىل بۇلۇشتەك ئادىمىلىككە يات خارەكتىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى ئېنىق ھىس قىلىمىز.
يىغىنچاقلىغاندا شەخسىيەتچىلىكمۇ ئىنسان تەىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم،ئىنسان تۇغۇلۇش بىلەنلا بىرگە تۇغۇلغان ئىنسان تەبىيىتىدىكى يادۇرۇلۇق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئىنسان مۇشۇنداق شەخسىيەتچىلىك خۇسىسىيەتنىڭ تۇرۇتكىسىدە ئادەم ئۆلتىرىمەن دەپ ئۆلتىرەلەيدۇ.ئادەمنى قۇتقىزىمەن دەپ قۇتقۇزالايدۇ.ئادەمنى ئىشلىتىمەن دەپ ئۈزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ.تاشلىۋاتىمان دەپ خۇددى كونا چاپاننى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋاتىدۇ.
(3)ئىنسان تەبىيىتىدىكى قارمۇ-قارىشلىق(زىددىيەت)
ئىنسان تەبىيىتى زىدىيەت بىلەن تولغان،نىمىنى قىلىش،نىمىنى قىلماسلىق مەسىلىسىدە ئىنسان زىددىيەت ئىچىدە ياشايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە زىدىيەتتىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ،زىدىيەت ئىچىدە تەرەققى قىلىدۇ،ئۈزىنى كۈچلاندۇرۇدۇ.ھەم زىدىيەتنىڭ قىساسقا ئايلىنىشى بىلەن ئىنسان ئۈزىنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىدۇ.
يۇقارقى ھۈكۈمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىز تۈۋەندىكى ماھىيەتلىك مەسىلىنى تىلغا ئالىمىز.ئىنسانلار يەرنى ئۇلۇغلايدۇ،زىمىننى ئانىسىغا ئوخشۇتۇپ ‹‹ئانا تۇپراق››دەپ ئاتىشىدۇ.بىراق ئۇلار زىمننى يەنە خالىغانچە ئاياغ ئاستى قىلىشىدۇ.مۇشۇنداق ئاياغ ئاستى قىلىشقا چىدىمىغان زىمىن ئاخىرقى ھىساپتا ئۈزىنىڭ سويۇملۇك بالىلىرىدىن ھەسىلەپ قىساس ئېلىپ،ئۇلارنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرۈدۇ.
تۇركى مىللەتلىرى ۋە مۇڭغۇل قاتارلىق مىللتلەر بۆرىنى ئۇلۇغلاپ بۆرىنى تۇتىم قىلغان..تۇركى مىللەتلەر،مۇڭغۇللار دۇنيانىڭ يېرىمىنى ئاتلىرىنىڭ تۇياق ئاسىتدا قالدۇرغان مىللەتلەر.ئۇلار ئات ئۇستى، يايلاق مەدىنىيىتىنى يارتىشتا ئاجايىپ تۆھپىلارنى قوشقان قەھرىمان ئەرلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مىللەتلەر.
بىز ئىنسان تەبىيىتىدىكى زىدىيەتلىك ھالەتكە مۇڭغۇللارنىڭ تەبىيىتىدىكى زىدىيەتلىك ھالەتنى مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىمىز.
مۇڭغۇللار يۇقىرىدا دىگىنىمىزدەك بۆرىنى ئۇلۇغلايدۇ،ئۇنىڭغا چۇقۇنۇدۇ،ئۇنى ئىلاھى ھايۋان سۈپىتىدە قاراپ ئۇنىڭ گۈشىنى يىمەيدۇ،ئۇنى تۇتۇپ كۆندۈرمەيدۇ.بىراق نوۋىتى كەلگەندە(ئۇلارنىڭ مەنپەتىگە بۆرىلەر زور زىياللانى سالغاندا) بۆرىلەنى قورشاپ يوقىتىپ،بۇ ئىلاھى ھايۋانغا ھاقارەت كەلتۈرۇدۇ ھەم بۇنداق قىلىقىدىن قاتتىق خورلۇق ھىس قىلىپ،بۆرىلارنى تۇلۇمچىلاپ سۇيۇپ،ئىچىگە ئوت چوپلەرنى تىقىپ،بۆرىلەرنى تىرىك ھالىتىگە ئوخشىتىپ ئىشىك ئالدىغا ئىگىز ياغاچ قاداپ،‹‹تىرىلگەن بۆرىنى›› ياغاچقا ئېسىپ قۇيۇدۇ.بۆرە شامالدا لىڭشىسا،تۈكلىرى يەلپۈنسە كۆڭلى ئارام تاپقاندەك بۆلىدۇ.ئۇلار يەنە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى دالىغا ئېلىپ بېرىپ،دالىدا ياتقۇزۇپ قۇيۇپ كۆممەيدۇ(بۇ دالا دەپنە مۇراسىمى دەپ ئاتىلىدۇ) ،بۈرىلەرنىڭ مىيىتنى تۇلۇق يىۋېتىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.مىيىتنى بۆرىلەر پاكىزە يەپ تۈگەتسە ئۇلارنىڭ روھىنىڭ پاكلىنىپ ئەرشىگە(خۇدانىڭ قېشىغا) چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.مىيىتنى بۆرە يىمىسە ئۇلار بۇنىڭدىن بەك خاتىرجەمسىزلىنىدۇ...قىسقىسى ئۇلار بۆرىدىن ئىبارەت بىر ئىلاھى ھايۋاننى ئۇلۇغلاش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارغىمۇ بىھۆرمەتلىك قىلىدۇ{8}
يۇقىرىدا دەلىل سۈپىتىدە كۆرسەتكەن مىساللادىن ئىنسان تەبىيىتىدىكى زىدىيەتلىك ھالەتنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس.ئىنسانلار ئۈزى ئۇلۇغلىغان نەرسىلەرنى يەنە ئۈزى ھالەك قىلىدۇ.ھالەك بولغان ئاشۇ ئىلاھى بەلگىدىن ئۇلار يەنە خۇدۇكسىراپ(قورقۇپ)،ئۆزلىرنىڭ گۇناھىنى تىلىشىدۇ.مانا بۇ ئىنسان تەبىيىتى،ئىنسان تەبىيىتىدىكى زىدىيەتلىك ھالەتلەر.
بۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلار قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندىمۇ روھى زىددىيەتكە تۇشۇپ كېتىدۇ.ئۈزى بىلەن ئۈزى سۆبەتلىشىدۇ ھەم قاتتىق بىئارام بۇلۇپ،ئازاپلىنىدۇ.بۇنداق ئازاپ ئىچىدا چىقىرىلغان قارار مۇۋاپىق بولسا ئىنسانىيەتنىڭ مەدىنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇردىغان كۈچكە ئايلىنىدۇ.قارار نامۇۋاپىق بولسا ئىنساننىڭ ئۈزىنى زاۋاللىققا باشلايدۇ.
ئىنسان تەبىيىتىدىكى بۇ خىل كۈرەش(زىدىيەت) ئىنسان بىلەن بىرگە پەيدا بولغان،ئىنسان بىلەن بىرگە تۈگىشىدۇ.بۇ ھال ئىنسان تەبىيىتىنىڭ زىددىيەت بىلەن يۇغۇرۇلغانلىغىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ خىل زىدىيەتنىڭ ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىگىنى چۈشىنىپ يەتىمىز.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىنساندىكى دەلىغۇللۇق،ھۈكۈم چىقىرالماسلىق،پۇزۇتسىيەسىنى بىلدۈرەلمەسلىك،تىل قىسىنچى بۇلۇش...قاتارلىق بىر قىسىم پىسخىكىلىق ھالەتلەرمۇ بىزگە ئىنسانىيەت تەبىيەتىنىڭ زىددىيەت بىلەن تولغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
2)ئىنسان تەبىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ئۈستىدە ئانالىز
ئىنسان تەبىيىتى يۇقارقىدەك مۇرەككەپلىكلىكە،زىدىيەتلىلىككە ئىگە بۇلۇش ئالاھىدىلىگى بىلەن ئۈزىدىكى بىر بوشلۇقنى يۇشۇرۇپ كىتىشكە قادىر ئەمەس ئىدى.بۇ يۇشۇرۇشقا تىگەشلىك بوشلۇق ئىنسان تەبىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار شەكللەندۈرگەن بوشلۇق ئىدى.
ئىنسان تەبىيەتىدىكى ئاجزىلىقلارنى تۈۋەندىك تۆت نوقتىغا يىغىنچاقلاپ تەھلىل قىلىش تامامەن مۇمكىن.بۇنىڭ بىرسى ئىنسان تەبىيىتىدىكى جىسمانى ئاجىزلىقلار(فىزىلوگىيەلىك)،ئىككىنچىسى ئىنسان تەبىيىتىدىكى پىسخىكىلىق(روھى) ئاجىزلىقلار،ئۈچۈنچىسى ئىنسان تەبىيىتىدىكى ئىلاجىسىزلىقلار(يوقلۇق)،تۆتىنچىسى بولسا ئىنسان تەبىيىتىدىكى تەپەككۈر(بىلىش)ئاجىزلىغىدىن ئىبارەت.
(1) ئىنسان تەبىيىتىدىكى جىسمانى ئاجىزلىقلار
ئىنسان تەبىيىتىدىكى جىسمانى ئاجىزلىقلار دىگەندە ئۇلاردىكى جىسمانى كۈچنىڭ چەكلىكلىكى ۋە تەبىئى ۋە سۈنئى ھالدا ئىنسانلاردا شەكىللەنگەن كەمتۈكلۈكلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئادەم بىر ئىجدىمائى مەخلۇق بۇلۇش سۈپىتى بىلەن جىسمانى جەھەتتىن بەلگۈلۈك ساپاغا،كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بۇلۇدۇ.بىراق بۇنداق كۈچ قۇدرەت چەكلىمىلىككە ئىگە بۇلۇپ،ئادەمنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا بەلگۈلۈك توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.ئىنساننىڭ تەبىيىتىدە شەكىللەنگەن بۇنداق تەبىئى ئاجىزلىق ئۈستىدىن غالىپ كىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئادەمنىڭ كۈچى چەكلىك بۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىنسانلاردا تەبىئى ھالدا ھەم سۈننىي شەكىللەنگەن ئاجىزلىقلارمۇ مەۋجۇت بۇلۇپ،بۇ تۈردىكى ئاجىزلىقلارمۇ ئىنسان تەبىيىتىدىكى ئاجىزلىقلارغا تەۋە بۇلۇدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشۇ كىشىلەرنىڭ نورمانلىنى پالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللنىشىغا بەلگۈلۈك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.ئىنساننىڭ ئۈزىدە بار بولغان بۇ خىلدىكى ئاجىزلىقلىرىنى يىڭىشى ئۈچۈنمۇ زور بەدەل تۈلىشىگە توغرا كېلىدۇ.
(2)ئىنسانلاردىكى روھى ئاجىزلىقلار
ئىنسانلار ئىجدىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان،پالىيەت قىلىدىغان،ھاياتلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولغاچقا،ئىنسانلار دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرمۇ تۈرلۈك تۈمەن خىل بۇلۇدۇ.بۇ تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ كىتىشمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.نۇرغۇنلىغان قازانلاردا قايناشقا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا،پىسكىسى ساغلام بولمىغان كىشىلەردىكى ئاجىزلىقلار مۇشۇنداق مۇرەككەلىك ئىچىدە ئۈزىنى ئاشكارىلاپ،ئادەمنىڭ ھاياتى-پالىيەتلىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا روھى ئاجىز كىشىلەر بۇ قاينامنىڭ ئىچىدىن سۈزۈپ چىقالمايدۇ.ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىۋالىدۇ،يىنىك بولغاندا بۇرۇختۇملۇققا گىرىپتار بۇلۇپ،ئۈزىنىڭ خۇشاللىغىنى باشقا يەردىن (جەمىيەتنىڭ قاراڭغۇ يۇزىدىن) ئىزدەشكە مەجبۇر بۇلۇپ،تىپىك مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
ئىنسان تەبىيەتىدىكى روھى ئاجىزلىقلار –غايىسىزلىك،ئىرادىسى ئاجىز بۇلۇش،ئۈزىگە ئىشەنمەسىلىك،ئۈزىنى قالتىس چاغلاش،باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق،يېڭىلىق يارتىشقا ئىنتىلمەسلىك،بۇرۇختۇملۇق-چۈشكۈنلۈك،باشقىلارنىڭ قايغۇسى ئۈچۈن خۇش بۇلۇش،تەنقىتنى قۇبۇل قىلماسلىق،ماختىنىشقا خۇشتار بۇلۇش... قاتارلىق جەھەتلەردە كونكىرىتنى ئىپادىلىنىدۇ.
(3)ئىنسان تەبىيىتىدىكى ئىلاجىسىزلىقلار
ئىنسان تەبىيىتىدىكى ئىلاجىسىزلىقلار دىگەندە ئىنساننىڭ كۆز ئالدىد يۈز بىرىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىلاجى قىلالماي قول قۇغۇشتۈرۈپ تۇرۇشتەك ئىمكانىيەتسىزلىككە قارىتىلغان.
يۇقارقىلادىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدىكى ئىنساندا ئىلاھى كۈچ مەۋجۇت بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار بەزى ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئىلاج قىلالمايدۇ.
بەزىلەر ئىنسان تەبىيىتىدىن ھالقىغان،پارتىلاش خارەكتىردىكى،ئىساننىڭ ئۈزىنىڭ نورمالنى كۈچىدىن ھالقىپ كەتكەن بىر خىل توسالغۇسىز كۈچ بولىدۇ.بۇ ئىنسان بېدىنىدىكى بىر قېتىملىق مۆجىزە خارەكتىرلىك پارتىلاش دەپ قارايدۇ.بىز مۇشۇ خىل كۈچنى ھەقىقەتەن بار دەپ پەرەز قىلغىنىمىزدىمۇ ئۇ ئىلاھى كۈچكە تەك ئەمەس.
تۇلۇقسىز 2-يىللىقلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق دەرسىگە مۇنداق بىر ئۇلانمىنى قىستۇرما قىلغان:‹‹ بىر دادىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئوغلى ھەيدەپ ماڭغان ماشىنا ئۆرلۇپ كىتىپ،ماشىنا ئوغلىنى بېسىۋالىدۇ.دەرھال قۇتقازمىسا نەچچە مۇنۇت ئۆتۈپلا كەتسە دادىنىڭ كۆز ئالدىدىلا بالىسى ئۆلۈپ كىتىشى مۇقەررەر ئىدى.مۇشۇنداق ئەھۋالدا دادا ئۇچقاندەك بېرىپ،نەچچە توننىلىق ماشىنى كۆتۈرۈپ ئوغلىنى قۇتقىزىۋالىدۇ›› بۇنى ئىنسان تەبىيىتىدىكى ئېچىلمىغان ئالاھىدە ئىقدىدار،ئىنسانلارنىڭ غەيرى ئەقلى ئامىللىر ۋە يۇشۇرۇن ئىقدىدارنى تۇلۇق ئاچالىساق،ئىنسانلاردا غايەت زور بۆسۈش خارەكتىرلىك بىلىش ۋە تاقابۇل تۇرۇش كۈچى شەكىللىنىدۇ دەپ چۈشەندۇرىدۇشىمىز مۈمكىن.
سىز ئويلاپ بېقىڭ ئەگەر ماشىنا نەچچە توننىلىق بولماي نەچچە ئون تۇننۇلۇق بولۇپ قالسا قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ؟دادا ئىلاجىسىز قالامدۇ قانداق؟
يەنە بىر دوستۇمنىڭ تۇۋەندەىكى يۈرەكنى ئېزىدىغان بايانلىرىنىمۇ مىسال ئېلىش تامامەن مۇمكىن.
ئۇ ئانىسىنىڭ كۆز ئالدىدا كىسەل بىلەن تۈگەپ كەتكەن ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ‹‹ئادەم نۇرغۇن ئىشلارغا ئىلاجى قىلالمايدىكەن،ئانام كۆز ئالدىمدا كىسەل ئازاۋىنى تارتىپ،قىينىلىۋاتقاندا مەن ئۇنىڭ كىسىلىگە ھىچ بىر ئىلاج قىلالماي قول قۇغۇشتۇرۇپ قاراپلا تۇردۇم،كۆز ئالدىمدا جان ئۈزدى مىنىڭ ئۇنىڭ كىسىلىنى تارتىشىپ بەرگۈم،ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغۇم بولسىمۇ مىننىڭ بۇ رىياللىققا تەن بەرمەكتىن باشقا ئامالىم بولمىدى››
ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلار يەنە تۇرلۇك تەبىئى ئاپەتلەر ۋە ۋەقە-ھادىسىلەرئالدىدىمۇ ئۈزىنىڭ ئىلاجىسىزلىقنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسسە چىقىرىش كېەككى بەزى ئىقدىدارلار ئىنسان تەبىيىتىدە ئەزىلى مەۋجۇت ئەمەس،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان بۇ خىلدىكى ئىقدىدارلارنى جارى قىلدۇرۇشتىن مۇستەسنا،بۇنداق ئىقدىدارنى ئىشلىتىدىغان چاغادا ئۇ،ئۈمۈتسىزلىك بىلەن ئاقىۋەتنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
(4)ئىنسان تەبىيىتىدىكى تەپەككۈر ئاجىزلىغى
تەپەككۈر ئاجىزلىغى –ئىنسانلارنىڭ تەبىيەت دۇنياسىنى بىلىش دەرىجىسىنىڭ چەكلىك بولغانلىغىدىن كىلىپ چىققان ئاجىزلىقلار بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئىنسانىيەت دۇنياسى مۇرەككەپلىككە ئىگە بۇلۇش خارەكتىرى بىلەن ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ بىلىش ئىقدىدارىدىن ھالقىغان بىلىش مەسىلىلىرى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇدۇ.نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلىك تەتقىقاتلار ئارقىلىق سىز بىر قىيىن مەسىلىگە جاۋاپ تاپسىڭىز سىزنى يەنە ئۇنىڭدىنمۇ قىيىن بولغان تۈرلۈك-تۈمەن مەسىلىلەر كۈتۈپ تۇرغان بۇلۇدۇ.
ئىنسانلار ياشاش جەريانىدا تەرەققى قىلىپ،نۇرغۇن مەسىلىلەرگە جاۋاپ تاپتى.ئايغا چىقىپ تەكشۇرۇش ئېلىپ باردى.مارىسىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى مۇۋاپىقىيەتلىك مارىسقا ئېلىپ چىقتى.ئىنسانلار دۇنيادا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.لىكىن كائىناتتا يەنە قانداق سىرلىق سىرلا ساقلىنىۋاتىدۇ،يەر قاتلاملىرىدا يەنە قانداق مۆجىزىلەر بار...قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئىنسان تەپەككۈرى ھازىرچە جاۋاپ بېرەلمەيدۇ.بۇ ئىنسانلارنىڭ بىلىش ئىقدىدارىنىڭمۇ چەكلىك بولىدىغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.بۇنداق بىلىش جەھەتتىكى چەكلىمىلىك تەبىئى ھالدا ئىنسان تەپەككۈرىدىكى ئاجزىلىقلارنى شەكىللەندۈرگەن.
ئىنسان تەبىيىتى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىمىزدىن ھەرگىزمۇ ئىنسانلار دۇنيانى تەرەققى قىلدۇرالمايدۇ دىگەن ئۇقۇم شەكىللەنمەيدۇ.بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىيىتىدىكى ئاجىزلىقلارنى چۈشىنىش ئاسسىدا ئادەمنى چۈشىنىش مەسىلىسىگە ياتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەم ھاياتلا بولىدىكەن ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرىشى،ئالدىغا قاراپ مېڭىشى كېرەك.
ئىنسان تەبىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار مۇقەررەر ھالدا ئىنسانلارنى كوللىكتىپ ھەمكارلىشىپ ياشاشقا ھەم كۈچنى توپلاپ دۇنيانى ئوزگەرتىشكە ئۈندەيدۇ.ئىنسانلار ئۈزىدىكى ئاجىزلىقلارنى تۇنۇپ يەكەن چاغدا،ياكى ئىلاجىسىز قالغان چاغدا يەردەمگە ئىنتىلىدۇ،بۇ تۇردىكى پىسخكىلىق ئېتىياچ تېبئى ھالدا ئىنسانلاردىكى مىھرى-مۇھابەت كوللىتىۋىزىملىق،ئۇيۇشۇش،ئورتاق ياشاشتەك يېڭى ياشاش،تاقابۇل تۇرۇش ئىمكانىيەتىنى تۇغدۇرۇدۇ.
2.ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش
ئىنسان تەبىيىتى توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا ،ئىنسانلارنىڭ ئۈزىنى ئېتىراپ قىلىش جەريانىنى مىللەت نوقتىسىدىن چىقىپ تەھلىل قىلىشقىمۇ،يەككە ئەدەم نوقتىسىدىن چىقىپ تەھلىل قىلىشقىمۇ توغرا كېلىدۇ.يەككە ئادەمنىڭمۇ ھامان مىللەت تەۋەلىگى بۇلۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە بىز ئىنساننىڭ ئۈزىنى ئېتىراپ قىلىش جەرياننى مىللەت نوقتىسىدىن چىقىپ تەھلىل قىلىمىز.
شەخسىنىڭ ئۈزىنى ئېتراپ قىلىش مەسىلىسىنى ئاددى تىل بىلەن چۈشەندۈرسەك ،شەخسىنىڭ ئۈزىنى ئىتىراپ قىلىش جەريانى شەخسىنىڭ ئۈزىدىكى،ئەجداتىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەرنى ئەينەن،راستى بىلەن ئېتىراپ قىلىپ،ئۈزىنى چۈشىنىش،ئۈزىنى تۇنۇش جەريانىدىن ئىبارەت.
مىللەتنىڭ ئۈزىنى ئىتىراپ قىلىپ،ئۈزىنىڭ تەبىيىتىنى ئاشكارىلاش جەريانى ئۇنداق ئاددى جەريان ئەمەس.چۈنكى مىللەتلەردە ئۈزىنىڭكىنى كۆپتۈرۈش بىلەن يانا باشقىلارنىڭكىنى قۇشىۋېلىشتەك ئۈمۇمى يۈزلۈك پىسخىكىلىق توسالغۇ ساقلانغان بۇلۇدۇ.
مىللەتلەر ئۈزىنى ئېتىراپ قىلىپ،ئۈزىنىڭ ياشاش جەريانىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە دىشۋارچىلىقلىرىنى ئەينەن ئوترىغا قۇيۇشتا تۈۋەندىكى زۈرۈر مەسىلىلەر ئۈستىدە ھەقىقى ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
1)تىرىتورىيە مەسىلىسى
ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسى ياشىغان تىرىتورىيەسى بۇلۇدۇ.بۇ مىللەتلەرنىڭ ياشاش،ھاياتلىقنى ئۈزۈپ قويماي ئەۋلاتمۇ -ئەۋلات داۋاملاشتۇرىشىدىكى ئاساسى ماكانى ھىساپلىنىدۇ.مىللەت ئاشۇ ماكانىنى ئاساس قىلىپ باشقا مىللەتلەر بىلەن تۇرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنۇتۇپ،ئۈزىنىڭ ياشاش شارايىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.شۇنداقتىمۇ ئۇبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ مەسىلىلەرنىڭ رول ئوينىشى بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئانا زىمىنىدا(تىرىتورىيەسىدە)كىچىكلەش ياكى زورىيىشتەك ئەھۋاللار كۈرۈلۈپ تۇرۇدۇ.قانداقلا بولمىسۇن كىيىنكى ئۆزگىرىش بۇرۇنقى رىيال ئەھۋالغا قاراتا بۇرمىلاش رۇلىنى ئوينىماسلىق،ھەقىقى رىياللىقىنى ئىنكار قىلماي،ۋەقە-ھادىسىنى ئەينەن يۇرۇتۇپ بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىشى،بۇ زىمىندا ئىلگىرى كىملەرنىڭ ياشىغانلىغىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.بۇنداق ئىتىراپ قىلىش ئىككى جەھەتتىن ئىپادىلىنىشى كېرەك.بىرسى ئۈزىنىڭ ئەسلىدىكى تىرىتورىيەسىنى ئىتىراپ قىلىش،يەنە بىرسى بولسا باشقا مىللاتنىڭ(قۇشۇلۇپ كەتكەن،ياكى بىللە ياشىۋاتقان) ئانا زىمىنىنىمۇ ئىتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت.بۇنداق بولغاندا مىللەتلەر بىر-بىرىنىڭ ئەجدادى كىلىپ چىققان زىمىنغا بولغان چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ. بىر-بىرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىشتىن ساقلىنالايدۇ.
مەسىلەن :ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىدىن نەدە ياشىغان؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە‹‹ئابدىشۈكۈر مۇھەھەممەتئىمىن ‹قەدىمقى مەرگىزى ئاسيا›،دىگەن ئەسىرىدە ئەجداتلىرىمىز ياشاپ كەلگەن زىمىن(تىرىتورىيەنى) تەپسىلى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ،ئەجداتلىرىمىزنىڭ ماكان ۋە ياشاش ئېڭىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىغىنى ئىسپاتلىغان،ئۇ ئەجداتىمىز ئولتۇراقلاشقان تىرىتورىيەنى جۇغراپىيە نوقتىسىدىن تۇۋەندىكىدەك ئېنىقلىغان‹‹غەربىي جەنۇبى سىبىريە،دەشتى قىپچاق،يەتتە سۇ،مۇڭغۇل دالىسى ۋە ئوردۇستىن قاشقۇۋۇققىچە بولغان جايلار،شىنجاڭ رايۇنى بىلەن خارىزىمنى شۇنداقلا فەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،ماۋەرائۇننەھىر زىمىنلىردىن تەشكىل تاپقان...››(يۇقارقى كىتاپ 9-بەت)دەپ يازىدۇ.بۇنىڭدىن ئەجداتلىرىمىز ياراتقان جۇغراپىيەلىك تىرىتورىيەنىڭ پۇتكۈل ئوترا ئاسيا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زىمىنلارغىچە بلغانلىغىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس››.{9} ھەممە ئىتىرىراپ قىلغان زىمىن دائىرىسىنى كۈرسىتىشىمىز كېرەك.خەنزۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى نەنى مەرگەز قىلىپ ياشىغان؟دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە‹‹خۇاشا مىللىتى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكنى ئاساسى مەگەز قىلىپ ياشىغان ، تەرىققى قىلغان››{10} دىگەن ئەمىلى پاكىتقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
يۇقارقىلاردا دىمەكچى بولغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭكىنى ئېتىراپ قىلغاندا،باشقىلانىڭكىنىمۇ ئوخشاشلا ئېتىراپ قىلىشىمىز،مىللەتنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايمەن دەپ كۈلكىگە قالماسلىغىمىز كېرەك دىگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۇرۇشتىن ئىبارەت.قانداقتۇ بىز ئاتا-بوۋىمىز ياۋرۇپادا ياشاپ،ياۋرۇپا مەدىنىيىتىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قۇشۇپ،مەرگىزى ئاسياغا كۇچۇپ كىلىپ دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يۇلىنى ئاچقان دىۋالساق ھەم بۇ قارىشىمىزنى باشقىلارغا تېڭىش ئۈچۈن ئۇرۇنساق بۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟
2)مىللەتلەرنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى(قان بىرلىگى)
ھەرقانداق مىللەتنىڭ پەيدا بۇلۇشى ئۇرۇققا بېرىپ چېتىلىدۇ.مىللەتلەر ئۇرۇقنىڭ تەرەققى قىلىشى ئاساسىدا تەرەققى قىلىپ شەكىللەنگەن بۇلۇدۇ.مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇقى شۇ ئۇرۇقنىڭ گىن تۈزۈلىشى ئاساسىدا قان ئىشلەپچىقىرىپ،مىللەتلەرنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىللەتلەرنىڭ قۇشۇپلۇپ كىتىشى ئاساسىدا مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسى زورىيىدۇ.
مەسىلەن: تارىخچى ھاجى نۇرھاجى ئۈزىنىڭ ‹‹قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار››دىگەن ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسىنى يىغىنچاقلاپ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى،شەكىللىنىشى،كىلىپ چىقىشى قاتارلىقلارنى يىغىنچاقلىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشى كۆپىيىشى باشقا نۇرغۇن مىللەتلەرگە ئوخشاش ئېتىنىك تەرەققىيات جەريانى ناھايتى مۇرەككەپ ۋە داۋالغۇش جەريانىنى بېسىپ ئۆتۈپ تارىختا نەچچە ئەسىرلەر داۋاملاشقان بىرقانچە ئۇرۇق،قەبىلىلەرنىڭ بىركىش،تارقىلىش،قۇشۇلۇش،ئايرىلىش،ئاخىرقى ھىساپتا چوڭ قۇشۇلۇشتا،يۇغۇرۇلۇش جەريانىنى بېسىپ،ئۇيغۇر تارىخىنىڭ شاللىق مەدىنىيەتىنى يارتىش بىلەن بىرگە دۇنيا مەدىنىيەتىگە ئۆچمەس توھپىلەرنى قوشقان.›› دەپ ئوترىغا قۇيۇدۇ.{11}. داڭلىق خەنزۇ يازخۇچىسى جىياڭ رۇڭ بولسا‹‹ بىز خەنزۇلار ئەمىليەتتە غەرىبىي شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادى.خەنزۇلارنىڭ كىيىنكى كۈنلەردە كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنى مەڭسىتمەسلىگى ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالغانلىق.ئۈزىنىڭ پۇشتىنى ئەستىن چىقارغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس...›› دەپ يازىدۇ{12}
يۇقارقىلارنى مىسال ئېلىشىمىزدىكى مەقسەت مىللەتلەر ئۈزىنىڭ ئېتىنىك مەنبەسىگە بولغان تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈپ،ھەقىقى مەنبەسىنى تېپىپ چىقىشى ھەم ئىتىراپ قىلىشى بىلەن يەنە ئۈزىنىڭ قېنىدا ئۈزى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ قوشىۋالغان مىللەتلەرنىڭمۇ قېنىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ،مىللەتلەنىڭ شەكىللىنىشىدىكى بۇ مۇرەككەپ جەرياننى ھەققى يۇرۇتۇپ بىرىشى كېرەك دىمەكچىمىز.بۇنداق بولغاندا مىللەتلەر ئۈزىنىڭ ھەقىقى ئەجداتلىرىنى تاپالايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ بېسىپ ئوتكەن مۇساپىسىنى ھەقىقى ئۆلچىيەلەيدۇ.بۇ مىللەتلەرنىڭ باراۋەر بولىشىدا تۇرۇتكىلىك رول ئوينايدۇ.ئۇنداق بولماي ئۈزىنىڭ يىلتىزىنى باشقا يەردىن ئىزدەپ،مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى يۇشۇرۇش -مىنىڭچە مىللەتلەرنىڭ تۈپىكى ئاجىزلىغىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مىللەتلەر ئوترىسىدا بىر-بىرنىڭكىنى ئىتىراپ قىلماسلىقتەك ئىللەت كىلىپ چىقىپ،مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئىشىنىشمەيدىغان ئىشەنمەسلىك تۇيغىسىنى كۈچەيتىپ ،مىللەتلەر ئوترىسىدىكى ھاڭنى شەكىللەندۈرۈپ قۇيۇدۇ.
3)مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى ئېتىراپ قىلىش
تارىخ بىر مىللەتنىڭ تەرەقىياد مۇساپىسى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەقىيادى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.
مىللەتلەرنىڭ بىرى-بىرىنىڭ تارىخىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە ناھايتى چوڭ بىر سەۋەنلىك ساقلىنىپ كەلدى.ئۇ بولسىمۇ قايسىسى ھۈكىمىرانلىق ئورنىغا ئىگە بولسا تارىخنى ئۈزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ،ئىلگىركى كىشىلەر ياراتقان شاللىق تارىخنى ئاياغ ئاستى قىلىشتىن ئىبارەت بىر غالىپلارچە ئېتىقات ئىدى.بۇ نوقتىنى ئەنگىلىيە مۇتىپەككۇرى كىرسېن تايلېرنىڭ‹‹ئۇلارنىڭ دۇمبىسى ھەقىقەتەن ئاجىز ۋە يۇمشاق ئىدى،مۇشتۇمزورلارنىڭ مۇشتىمى بولسا كۈچلۈك ۋە قاتتىق ئىدى››{13} دىگەن ھۈكىمىدىن ھىس قىلساق،گىرمانىيە پەيلاسۇپى شوپىنخا ئوئىرنىڭ‹‹تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۇمبىسىگە يازىدۇ››{14} دىگەن تەڭداشسىز ھۈكىمىدىن تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشىنىشىمىز تامامەن مۇنكىن.
يۇقىرقى ئىككى پەيلاسۇپنىڭ بايانلىرى بىر تارىخىي رىياللىق بۇلۇپ،ھۇقۇق قايسى مىللەتنىڭ قولىغا ئوتسە تارىخ شۇ مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان،ھۇقۇقتىن مەھرۇم قالغان مىللەتلەرنىڭ تارىخىي بۇرمىلىنىپ ھۈكىمىرانلارنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان.
تارىخنى بۇنداق بۇرىمىلاپ رىياللىقتىن چەنەشتۇرۇشنىڭ ئۈزۇلمەي داۋاملىشىغا ئەگىشىپ مىللەتلەر بىر-بىرىگە گۇمان نوقتىسىندىن قاراپ،ئۈزىنىڭ ئەسلىدىكى شانلىق تارىخىنى سېغىنغان شۇنىڭ بىلەن قېدىمدىن ھازىرغىچە تارىختا نەچچە رەت چوڭ تەكرارلىنىش ھادىسى كۇرۇلگەن.بۇنىڭغا ئېلىمىز تارىخىدىكى سۇلالىلەرنىڭ پەيدا بولۇش،تەرەققى قىلىش،يىمىرىلىش،يېڭىدىن يانا سۇلالە قۇرۇشتەك رىيال تارىخى مۇساپەسىنى مىسال ئېلىشقا بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتە تارىخنىڭ تەكرارلىشىنىش ئىزنالىرى بار.
تارىخنى مىللەتلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قىلغان ئاساستا،ئەينەن ئىپادىلەپ،جەمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرسا بۇنىڭ ئۈنىمى تېخىمۇ يۇقىرى،ئىشەنچىلىك دېرىجىسى تېخىمۇ چوڭ،مىللەتلەر ئوترىسىدىكى چۈشىنىش شۇنچىكى مۇستەككەم بۇلۇپ،مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسى شۇنچىلىك خەيرىلىك بولار ئىدى.
خەنزۇلارنىڭ ھازىرقى زامان ئەمىليەتچىل يازغۇچىسى جىياڭ روڭ ئۈزىنىڭ ‹‹بۆرە تۇتىمى››دىگەن ئەسىرگە فىرانسىيە مۇتىپەككۇرى رېنې گرۇسسېنىڭ ‹‹يايلاق ئىمپىريەسى›› دىگەن ئەسىرىدىن تۈۋەندىكى نەقىلنى ئالىدۇ‹‹ھۈكىمىران بولغان قەبىلە،ئىمپىريە قۇرالىغان مىللەتلەر كۆپ ئەمەس،رىملىقلار بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ،تەڭ قوپالايدىغىنى تۈرۈك-مۇڭغۇللار››{15}.مانا بۇ تارىخنى ھازىر ئۈچۈن ئەينەن خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى.رىم ئىمپىريەسىنى قۇرغانلار بىلەن تەڭ سانالغان بۇ ئۇلۇغ مىللەتلەرنىڭ تارىخى ئورنى ئىتىراپ قىلىنىشى كېرەك.يەنە جىياڭ روڭ ،چېن يەنكېنىڭ‹‹تاڭ دەۋرىنىڭ سىياسى تارىخىدىن بايان››دىگەن ئەسىرىدىن‹‹تاڭ خاندانلىغىنىڭ مەنبەسى بەدىۋى دېلار،شۇڭا قىزلارنىڭ ھۆجرىسىدىكى ناشايان ئىشلار ئۇلارنىڭكىدىن پەرىق قىلمايدۇ››{16} دىيىش ئارقىلىق دېلار(ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجداتلىرىنىڭ بىر) بىلەن تاڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىر جەمەت(ئۇرۇق) ئىكەنلىگىنى ئوترىغا قۇيۇپ،ئۇنى ئىككىسىنىڭ ئەۋلات قالدۇرۇشتىكى ئىقدىدارى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.بۇنداق ئىپادىلەش ئېقىلغا ئىنتايىن مۇۋاپىق بۇلۇپ،ئەۋلاتلار ئەجداتلارنىڭ ئادەم ئىشلەپچىقىرىش ئىقدىدارىنىڭ مەسئۇلىدۇر.بۇ ئىنساننىڭ پەيدا بۇلۇش تارىخى بىلەن تامامەن ئوخشاشلىقىنى تاپقان.ئەمىليەتتە تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ ماھىيەتلىك تارىخىنى(ئەسلىنى) بىلىدىغانلار بەكمۇ ئاز.شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر تاڭ سۇلالىسىدىن خەنزۇلار پەخىرلەنگەندەك پەخىرلىنىپ كەتمەيدۇ.ئەمىدى سىز بۇيۇك تاڭ سۇلالىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئوڭلۇك-سويگۈندىن ئىبارەت پارىسلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىپ چىققانلىغىنى تەھلىل قىلىپ بېقىڭ؟
4)مىللەتلەر مەدىنىيىتى مەسىلىسى
دۇنيادا نەچچە مىللەت بولسا ،مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكىمۇ شۇنچە خىل بولىدۇ.بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيەت مەسىلىسىنى ئېتىراپ قىلىش شۇ مىللەتنىڭ تارىخىي(نەچچە مىڭ يىللىق) ئېقىل-پاراسىتى ئېتىراپ قىلغانلىق بىلەن باراۋەر.
مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتى ئىتىراپ قىلىشتا چۇقۇم مۇنداق ئىككى نوقتىنى يۇرىتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ.بىرسى شۇ مىللەتنىڭ مەدىنىيتىنى يارتىش ساقلاپ قېلىش ۋە ئىجدىمائىلاشتۇرۇشقا تۆھپە قۇشقان ئۇلۇغ كىشىلىرىنى ئۇنتىماسلىق ھەم ئېتىراپ قىلىش كېرەك.مەسىلەن:كۇڭزىنى،سۇنزىنى...بارلىق مىللەتلەر ئۇلۇغلاپ،خەنزۇلارنىڭ مەدىنىيىتىنى چۇشەنگەندەك.ئىككىنچى بىرسى شۇ مىللەت ياراتقان مەدىنىيەت ھادىسىلىرىگە ئەينەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك.بۇ بۇرمىلاشقا ،ئىنكار قىلىشقا قەتتئى بولمايدىغان نازۇك مەسىلە.چۇنكى مىللەتلەرنىڭ ياراتقان ئىزنالىرى،بېسىپ ئوتكەن مۇساپىسى،قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپىقىيىتى ۋە يۇلۇققان مۇشكىلاتلىرى مۇشۇ مەدىنىيەت مىۋىلىرى ئارقىلىق ئىسپالىنىدىغان ھەم ئېتىراپ قىلىنىدىغان جەرياندۇر.
مەدىنىيەت ياراتقان مەشھۇر كىشىلەر توغرىسىدىكى تالاش تارتىشلار ھازىرغىچە بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.بۇ مەسىلە تۇركىي مىللەتلىرىنىڭ ئىچىدە ھازىرغىچە رۇشەن ئىپادىلىنىپ كىلۋاتىدۇ.مەسىلەن:ناۋايى،فارابىي،مەخمۇد قەشقىرى...قاتارلىقلار. يەنە بۇنداق مەسىلىلەر باشقا قان سېسىتمىسىدىكى مىللەتلەردىمۇ ساقلىنىغلىق.مەشھۇر كىشىلەرنى ئۇلۇغلاش ئىنتايىن توغرا،ئۇنىڭ يىلتىزىنى بىلىشمۇ مەدىنىيەتنى ئېتىراپ قىلىشتىكى يادىرولۇق مەسىلە.بۇ مەسىلىدە خەنزۇلارنىڭ ھازىرقى زامان ئەمىليەتچىل يازغۇچىسى جىياڭ روڭ بىزگە ئۈلگە بولالايدۇ.ئۇ ‹‹بۆرە تۇتىمى››دىگەن ئەسىرىدە مەشھۇر رىيالىستىك شائىر لى بەي توغرىسىدا مۇنداق ئۇچۇر بېرىدۇ‹‹لى بەينىڭ قېنىدا تۈرۈكلەرنىڭ قېنى ئاقىدىغانلىغىنى ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتىنىڭ ئىسىمى ئارقىلىقلا دېلىللىگىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسىمى ‹پولى›((颇黎. بۇنى خەنزۇ تىلىدا چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.ئەمىليەتتە‹پولى›دىگەن ئىسىم تۈرۈك تىلدىكى ‹بۆرە›نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى.بۆرە تۈرۈكلەرنىڭ توتىمى بۆرىنى ئادەمگە ئىسىم قىلىپ قۇيۇش خەنزۇلاردىكى ‹ئەجدىھا›(龙)نى فامىلە قىلىپ قوللانغان بىلەن ئوخشاش.لى بەينىڭ قىزىنىڭ ئىسىمى ‹مىڭ يۆنۇ›(明月奴)،بۇگۇنكى ئۇيغۇرلاردا ئاينۇر دەپ ئىسىم قۇيۇلغان قىزلار ناھايتى كۆپ،‹ئاي›ئاسماندىكى ئاي،‹نۇر›ئاينىڭ نۇرى.‹مىڭيۆنۇ›دىكى ‹يۆ›(月)‹ئاي›نىڭ مەنە تەرجىمىسى ‹نۇ›نۇرنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى.لى بەينىڭ كۆزلىرىدىن تۈرۈكلەرنىڭ كۈزىدىكى ئالاھىدىلىكچىقىپ تۇراتتى›-مىڭ چىبېينىڭ: "يايلاق مەدىنىيىتى ۋە ئىنسانلار تارىخىي''دىن››{17}دەپ يېزىپ مىللەتلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندىرىدىغان گۈزەل ئەخلاقى پەزىلىتىنى ئىپادىلىگەن.
يەنە بىرسى مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتىنىڭ مۇرەككەپ جەرياننى راستچىللىق بىلەن ئىتىراپ قىلىپ،قايسى مىللەتكە تەۋە بولسا شۇ مىللەتنىڭ ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەھىرلىنىشىغا سۇنىشى كېرەك.مەسىلەن:‹‹ئۇيغۇر 12مۇقامى››نى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەدىنىيەت جەۋھىرى دەپ قاراپ،ئىنسانىيەكە سۇنغاندەك.بۇنداق مىساللار يەنە كەلتۈرسەك يەنە بار.لىكىن مىللەتلەر مەدىنىيىتى سۈيئىستىمال قىلىنىپ،بۇرمىلىنىپ چۈشەندۈرۈلسە يەنە ئوخشاشلا مىللەتلەر ئارىسىدا كۆڭۈل ئاغرىغى پەيدا بۇلۇدۇ.مەسىلەن:ئىبرايلار بىلەن ياھۇدىلارنىڭكىدەك.
يازغۇچى جىياڭ روڭ مۇنداق دەپ يازىدۇ.بۇ ھەرقانداق مىللەت ساۋاق ئېلىشقا تىگىشلىك بولغان ھەقىقەت:‹‹...تەرىقەتچىلەرنىڭ ئەئەنىۋى ئىدىيەسى بىلەن،تارىخچىلارنىڭ مەدىنىيىتىدە كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن ئۇنىڭ مەدىنىيىتىگە قوشقان قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش خارەكتىرلىك تۆھپىسىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك يوققا چىقىرىدىغان ئەڭ ئىپلاس بىر ئىشى بار.جۇڭگۇدىكى ئەنئەنىۋى نوقتىنەزەر ھە دىسىلا جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى مەدىنىيىتى ئۇنداق شانلىق،جۇڭگۇنىڭ تېرىقچىلىق مەدىنىيىتى بىلەن ئەنئەنىۋى تەرىقەتچىلىرنىڭ ھايات كۈچى ئۇنداق قۇدرەتلىك.تېرىقچىلىق مەدىنىيىتىدىكى باشقا ئۈچ قەدىمىي دۆلەتنىڭ مەدىنىيىتى رەڭگىدىن كەتكەن مەدىنىيەت،ھىچقايسىسى داۋاملىشالمىدى،پەقەت جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى مەدىنىيىتىلا ئۈزۈلۈپ قالماي ھازىرغىچە داۋاملاشتى دەپ پو ئاتىدۇ.لىكىن جۇڭگۇنىڭ 5مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيادىدىكى پاكىتقا ئاساسەن گەپ قىلغاندا،جۇڭگۇ مەدىنىيىتىنىڭ يېقىنقى زامانغىچە يىتىپ كېلەلىگەنلىكىنى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز قان بىرىپ تۇرىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىش خارەكتىرلىك قان ئۇرغان تۆھپىسىنى ئىنكار قىلىش‹ئىلاھى تۆپىلەرنىڭ ھەممىسىنى دەم تارتىپ ئۈزىنىڭ قىلىۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس››{18}،جىياڭ روڭ يەنە‹‹خۇاشىيادىكى تېرىقچىلىق مىللىتى قېدىمقى جۇڭخۇا مەدىنىيىتىنى ئىجات قىلغان مېڭە ۋە قول دىيىلسە،كۆچمەن چارۋىچىلىق روھى بىلەن،كۆچمەن چارۋىچىلىق خارەكتىرى پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدىنىيىتىنىڭ ئۇمۇرتقىسى››{19} دەپ يېزىپ،مېڭە ۋە قولنىڭ ئۇمۇرتقىسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغانلىغىنى ئىزاھلايدۇ.
جىياڭ روڭ يەنە سەندىچىنى سېپىلىنى سېلىشتىكى ئەسلى مەقسەتنىڭ شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ ياۋۇزلارچە قىرغىنچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدى دەپ قارايدۇ.شۇنداقلا ئات ئۈستى مەدىنىيىتىنى ياراتقان ئەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە مىللەتلەر ،تېرىمچىلىق مېدىنىيىتىنى ياراتقان ئاياللىق خۇسۇسىيەتىدىكى مىللەتلەرنىڭ قان يەگۈشلەپ،ئۈزىنى قۇتقۇزىشىغا داۋاملىق ھالدا تۈرۈتكە بولغان،ئات ئۈستى مەدىنىيىتىنى ياراتقان مىللەتلەر بولمىغان بولسا چۇقۇمكى شانللىق تارىخىمىزدا ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلگەن بولاتتى.شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىلىنى ھەقىقى يۇسۇندا ئوترىغا قۇيۇپ،ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك دىگەننى سەمىمىزگە سالىدۇ.
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەسكى مىللەتلەر مەدىنىيىتىنى ئەينەن ئېتىراپ قىلىش قانچە مۇشكۈل بولسىمۇ،بىز بۇ يولدىن چەتنەپ كەتسەك مىللەتلەر مەدىنىيىتىنىڭ ئۇمۇرتقىسى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.
پايدىلانغان ماتىرياللار:
1.{1}،{2}ئەسئەت سۇلايمان‹‹ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى›› ئۇيغۇرچە نەشىرى،378-،374-بەتلەردىكى نېقىل.
2.{3}،{12}،{15}،{16}،{17}،{18}،{19}جىياڭ رۇڭ ‹‹بۆرە توتېمى›› شىنجاڭ خېلق نەشىرياتى،ئۇيغۇرچە نەشىرى285-286-،1162-،524-،932-،833-1259-1260-،1179-1180-بەتلەرگە قاراڭ.
3.{4}،{5}،{6}لوئىس پروۋېل‹‹سىياسىنىڭ رەزىللىكى››شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،ئۇيغۇرچە نەشىرى 25-،26-بەتلىرى ۋە مۇندەرىجە 1-بەتلەرگە قاراڭ.
4.{7}‹‹رۇمى ھىكىمەتلىرى››(ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر) شىنجاڭخەلىق سەھيە نەشىرياتى18-بەتتىكى نەقىلگە قاراڭ.
5.{8}،{10} جىياڭ رۇڭنىڭ‹‹بۆرە توتېمى››دىگەن كىتاۋىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئېلىنىدى.
6.{9} تۇردى توختىنىڭ‹‹ئۈزىنى تۇنۇش،ئۈزىدىن ھالقىشنىڭ ئاساسى››دىن.
7.{11}ھاجى نۇرھاجى‹‹قېدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قارىخانلار››29-بەتكە قاراڭ.
8.{13}زۇلپىقار بارات ئۆزباش‹‹ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە›› شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتېتى نەشىرياتى174-،175-بەتلەرگە قاراڭ.
(ئۆز يازمام)
|