ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھەممىدىن ئاۋۋال ئىتتىپاق بولۇش پەرز. شاخچە مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىككى تەرەپ بولۇپ مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىشنى مەن ھەرگىز قوللىمايمەن. شۇنداقلا مۇنازىرىنىڭ ئۆزىنىمۇ قوللىمايمەن. ماھىيەتلىك مەسىلىلەر بولغان تەقدىردىمۇ ئىككى تەرەپ بولۇپ، دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىشىپ بۇزغۇنچىلىققا تۇتۇرۇق بولۇشنى تېخىمۇ خالىمايمەن.
خەلقئارا جەمئىيەت مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ زور كۆپچىلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ئىسلامغا بولغان كۆز قارشى مۈجمەللىشىپ كەتتى. مۇشۇ مۈجمەللىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مۈجمەللىكنىڭ بىرسى " ئادەم بومبا" مەسىلىسىدۇر. "ئادەم بومبا" مەسىلىسى ئاخىر زاماندا ئوتتۇرىغا چىققان چوڭ پىتنىلەردىن بىرىدۇر. جىھاد قالپىقىنى چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان "ئادەم بومبا" ھەرىكىتى يالغۇز ئۆلۈپ تۈگەش بىلەنلا ئايىقى بېسىقىپ قالىدىغان سىرتقى كۆرۈنۈشتىكى، ئەمەلىي ھەرىكەتتىكى مەسىلە بولۇپ قېلىشتىن سىرت، ئۇ يەنە ئەقىدە توغرىسىدىكى بىر چوڭ مەسىلىدۇر.
"ئادەم بومبا" ھەرىكىتى ئەقىدە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن بۇ جەھەتتە سەل سەزگۈر يول تۇتۇپ كەلدىم. چۈنكى ئەقىدىدىكى مۈجمەللىك ئەمەلدىكى ھالاكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناھايىتى خەتەرلىك ئىشتۇر. مۇسلمان ئۆزىگە قېرىنداشلىرىغا، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر-بىر مەسىلىدە ئەتراپلىق بىلىشكە ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، ئىلىمسىزلىكىمىز تۈپەيلى بىزدە دىنىي ئەھكام سانىلىدىغان ھەر قانداق بىر ئىشقا بولغان مۈجمەللىك، چۈشەنمەسلىك، قارىغۇلارچە ئەگىشىش، نادانلارچە ھۆكۈم چىقىرىش خاھىشى بەكلا ئېغىر.
"ئادەم بومبا" مەسىلىسىدە كىچىكىننە بولسىمۇ تونۇشقا ئىگە بولساق دەپ، سەرخۇش ئىلىم مۇنبىرىگە شۇ توغرۇلۇق بىر تېما يوللىدىم. بەزى قېرىنداشلىرىمىز بۇ توغرىسىدا پىكىر قاتناشتۇرىۋاتىدۇ. قىززىققۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ(
http://serhush.com/bbs/forum.php ... o=lastpost#lastpost)مۇشۇ ادرېسنى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.