ئىگىسى: alkuyi.com

ئابدۇكېرىم ئابلىز بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16876
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 21:41:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكىرىم ئابلىز ھەقىقەتەن قالتىس بر تالانت ئىگسى، ئۇيغۇر سەنئەت ئاسمىنىنڭ چولپان يۇلتۇزى.مەن دائىم ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ بۇ يىللىق ئىتوتىنى كورۇپ بۇلۇپلا كىلەر يىللىق ئىتوتىنى كورۇشكە ئالدىرايمەن،ئەسلىدغۇ ئالدرساممۇ بىكا،ئابدۇكىرىمكام ئىتوتنى ئىشلەپ بۇلالمىسا ،،بەكلا ئەنسىرەيمەن...بىر كۈنلەردە ئابدۇكىرىم ئابلىز  ئىتوت ئىشلىمەس بوپ قالسا قايسى ئىتوتنى كورەرمەن؟   بەلكىم  ئىتوتتىن بىزار بۇلۇش كىسلىگە گىرىپتار بوپ قېلشىم مۇمكىن.....ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق شۇم كۈنلەر كەلمىگەي.....

UID
16890
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-11-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 03:02:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى خەۋەر بوپتۇ ،يەنە شۇنداق ياخشى خەۋەرلەر بولسا ۋاختىدا يەتكۈزۈپ تۇرشىڭلارنى ئۈمۈت قلىمەن .

كۆيۈمچان ئەزا

دۇنياغا دوستلۇق

UID
10634
يازما
105
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3016
تىزىملاتقان
2011-4-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 11:53:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكېرەم ئابلىزكا تېخىمۇ تىرىشىڭ،مىللىتىمىز ئۈچۈن سىز كەم بولسىڭىز بولمايدۇ،مىنىڭ ئۇكامنىڭ مىجەزى ياخشى ئەمەس ،سىزنىڭ ئىتوتلىرىڭىز  ئۇنىڭ دورىسى،سىزنىڭ ئىتوتلىرىڭىزنى كورسە ئۇنىڭ سەپرا مىجەزى ئوڭشىلىپ قالدۇ.

ۋاقتىڭلارنى قەدىرلەڭلار،ئەتىنى بىلمەيمىز،تۇنۈگننى ئەكىللەلمەيمىز ،بىزنىڭ قولىمىزدا پەقەت بۈگۈنلا بار،دىققەت قىلىڭلار،سىلەرگە ئىشىنىمەن

UID
15686
يازما
50
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
590
تىزىملاتقان
2011-10-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-15
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 14:50:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەت ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئون مىليۇن ئۇيغۇر بار، ئۇنىڭ ھەممىسى مىللەت ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ.

شاتدېدور

UID
16904
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-11-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 18:01:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ، ئابدۇكېرىم ئەل سۆيگەن بىر سەنئەتكار.
يەنە نەچچە 10 يىللاردىن كىيىن سىلىنى ئەۋلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىتوت سەنئىتى ۋە درامىچىلىغىنىڭ يول باشچىلىرىدىن بىرى دەپ باھا بىرىسىغانلىغىغا ئىشەنچىم كامىل.
ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ سەھنىسىدە تۆمۈرخان روزىنى خېلى بولدى ئۇچرىتالمىدۇق، بۇنىڭ سەۋەبى نىمىكىن؟((مەنمۇ شۇنى ئويلاپ قالدىم))

UID
12035
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1304
تىزىملاتقان
2011-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-8 14:41:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇنى ئابدىكىرىم ئابلىزنىڭ لېكسىيەسى دىگەندىن كۆرە ئۇنىڭ ھازىر جاۋاپلىغىنىڭ كۆرگەزمىسى دىسە بولغۇدەك، ئاۋۇ جاۋاپلارغا قاراپ دەيمىنا

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇر بالىسى بو

UID
16984
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
502
تىزىملاتقان
2011-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-9 13:21:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكېرەم ئابلىز  بېيجىڭدىكى دوسلارغىمۇ ئىتوت ئورۇنداپ بەرگەنمىدۇ؟

ئۇيغۇر بالىسى

UID
11145
يازما
43
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
1033
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 20:31:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكېرىم ئابلىزغا مەخپى بىشارەت

                                       (فېلىيەتون)

                                    مەمتىمىن ئابلىز



   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!! سەنئەت كۆكىدە چولپان بولۇپ چاقناپ شان-شۆھرىتى يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇكتەك يۇقۇرى سۈرئەتتە ئۆسۈۋاتقان ئەل سۆيگەن ھەم ئەلنى سۆيگەن ھۆرمەت ساھىبى ئابدۇكېرىم ئابلىز ئەپەندى.سىز مەركەزدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ مىللەتلەر ئۇنۋېرسېتېتىدا لىكسىيە سۆزلەپ راكېتادەك ئۆرلەۋاتقان  كۈنلەردە بەزىلەرنىڭ ئۈستىڭىزدىن قىلغان غەيۋەت- شىكايەتلىرىنى  ئاڭلاپ ئەڭ زور رەۋىشتە ئىخچاملاپ  مۇندەرىجە  شەكلىگە كەلتۈرۈپ بۇ بۇلۇڭدا سىزگە مەخپى بىشارەت بىرىشنى توغرا تاپتىم.ئۇلاردىن بىزنىڭ مەھەللىدىنلا ئۈستىڭىزدىن سوتقا ئەرز قىلىشقا ماڭغانلار  تۈۋەندىكىچە:

   1. 12بارماق ئۈچەي يارىسىغا گىرىپتار بولغانلاردىن   ئىتوتلىرىڭىزنى كۆرۈپ كۈلۈپ تولغۇشۇپ ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كىتىپ جىددى قۇتقۇزىۋېلىنغانلار ۋە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى.

   2. قان بېسىم كىسىلى بولۇپ ھاياجانلانسا بولمايدىغانلاردىن ئىتوتلىرىڭىزنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز ھالدا قىزىق گەپلىرىڭىزنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن كۈلۈپ تېلىقىپ ھۇشىدىن كىتىپ ۋىگىتاتىپ ئەدەم بولۇپ قالغانلارنىڭ جورىلىرى

   3.  سائىتىگە قارىماي ئىتوتلىرىڭىزنى كۆرۈش بىلەن بولۇپ كىتىپ كۆرىشىدىغان جايغا ۋاختىدا بارالماي سۆيمەكچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ جۇدالىقتا ئازاپ چىكىۋاتقان ئاشىق ۋە مەشۇقلار

   4 . قولىدا رول تۇرۇپ ئىتوت كۆرۈپ مېڭىپ تېرەك تورمۇز قىلىپ يۇلۇچىلارنىڭ زەخمىلىنىپ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ  تۆلىمىگە قالغان شوپۇرلار،(  نەق مەيدان  تەكشۈرۈشتە ماشىنا ئىچىدىكى ئىكراندا سىز خاتىرجەم ئىتوت قويىۋاتقان ھالەت سۈرىتىڭىز پاكىت قىلىنىدۇ)

   5 .ئىشخانىدا توردا سىزنىڭ ئىتوتلىرىڭىزنى كۆرۈپ كۈلۈپ تېلىقىپ ئىسىنى يوقۇتۇپ باشلىق كىرسە ئىش ۋاختىدا تورغا چىقسا بولمايدىغانلىقىنى ئەسلىيەلمەي « كەلسىلە ئولتۇرسىلا بەك قىزىقكەن» دەپ ئورۇن بوشۇتۇپ بىرىپ جەرىمانە، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىغا ئۇچرىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر.

   6  . يۈرىكىگە كۆۋرۈك سالدۇرغىنى ئېسىدە يوق ئىتوت كۆرۈپ كۈلۈپ-چايقىلىپ كۆۋرىكى گۈمۈرلۈپ چۈشۈپ ئاخىرەتكە كەتكەنلەرنىڭ جورىلىرى.

   7.  دۇكانلاردا خېرىدار كەلسە قارىماي ئىتوت كۆرۈپ مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرۇپ مېلى بېسىلىپ قېلىپ زىيان تارتقانلار

   8 . تەرىتىنى تۇتالمايدىغانلاردىن ئىتوت كۆرۈپ كۈلۈپ تولغۇشۇپ ئىشتانغا چىكەتكىنىنى سەزمەي ئايالىغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرەلمەي ئائىلىدىكى ئوبرازىغا دەخلە-تەرۈز يەتكەنلەر.

   9. كىرا ماشىنىسىدا ئىتوت كۆرۈپ كۈلۈپ-تېلىقىپ ئىسىى يۇقۇتۇپ مەنزىلگە يەتكەندە يېنىدىكى سومكىسىنى ئۇنتۇپ قېلىپ تاپالماي ۋاي ئىسىت دەپ دېلو مەلۇم قىلغانلار

   10 . ئىتوتلىرىڭىزنى تەكرار-تەكرار-تەكرار  كۆرۈپ  ئىتوتنىڭ قىزىقىدا د ۋ د لىرى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىپ رېموتچىغا كۆرسەتسە « ئابدۇ كېرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتلىرىنى كۆرگەندە د ۋ د نىڭ دۈمبىسىگە رېدياتۇر(سوۋۇتقۇچ) ئورنۇتۇپ كۆرمىسىڭىز مۇشۇنداق بولىدۇ » دېگەن گەپنى ئاڭلىغانلار

   11. شەخسەن مەنمۇ سىزنىڭ ئىتوتلىرىڭىزنى تولا كۆرۈپ قىزىقىدا كومپىيوتىرىمنىڭ نەچچە قېتىم ئىكرانى كۆيۈپ كىتىپ ھازىر ئىتوتىڭىزنى كۆرگەندە  ئېكراننى توڭلاتقۇغا سېلىپ قۇيۇپ كۆرىدىغان ئۇسۇلنى ئۈگىنىۋېلىپ ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلمايدىغان بولدۇم.

    لىكىن باشقىلارنىڭ ئەلپازى يامان تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە تاۋارنىڭ تېشىدا ئېھتىيات بەلگىسى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار يېزىلسىمۇ سىزنىڭ ئىتوت پىلاستىنكىڭىزدا بۇنداق ئېھتىيات قىلىشتىن بىشارەت بېرىلمىگەن. يەنە تېخى « سىلەرنىڭ كۈلكەڭلار مېنىڭ ئەڭ زور بەختىم» دېگەن بىر جۈملە شۇئارىڭىز يۇقارقىدەك ئاقىۋەتلەرنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە دەۋا پىلتىسىگە ئوت ياقىدۇ. زاسداتىللار مەسئۇلىيىتىڭىزنى بىكىتىشتىن ئاۋال يۇقارقى يىتەرسىزلىكلەرنى تۇلۇقلاپ، دەۋاگەرلەرگە سوت سىرتىدا كېلىشىۋېلىش ئۈچۈن تۆۋەنچىلىك بىلەن تەسەللى جاۋاپ بېرىپ قۇيامسىز قانداق؟ دادىلىرىمىزنىڭ ئىسمى ئوخشاش بولغاچقىلا بۇ گەپنى دوستانىلىق بىلەن ھېچكىم يوق يەردە دەپ قويدۇم  . سوتتا مېنى دېگەن دېمەسسىز! خوش مەن سىزنى كۆرمىدىم جۇمۇ!.  پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرامىز. يالقۇن، رۇقىيەم ھەم ھېلىقى چەبدەس شاگىرتىڭىزغىمۇ دەپ قويۇڭ ، دۆڭگەپ قويسىڭىز ئۇلارمۇ چاتما جاۋاپكار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ھۇشيار بولسۇن.

UID
13773
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
775
تىزىملاتقان
2011-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 01:49:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇھتىرەم چولپىنىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئۇتۇق تىللەيمەن ، ئىلىم تەھسىل قىلش خاسىيەتلىك ئىش ، چولپانلىرمىزنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىشى تېخىمۇ شۇنداق .  ياشاپ كېتىڭ  چولپان ، ئۇيغۇرغا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ

كۆيۈمچان ئەزا

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىش

UID
13880
يازما
109
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2209
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-27
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 14:46:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكىرىم ئابلىز ھەقىقەتەن بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان خەلق ياخشى كۆرىدىغان ئارتىسىمىز،بۇ قىتىم ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن بىيقىڭدىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆز -ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بوپتۇ ،نىمە دىگەن ياخشى،بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

يەيدىغان زەھەر بار،دىمەيدىغان گەپ بار. دىگەن گەپنى قايتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ،دىمىگەن گەپنى دىۋالغىلى بولىدۇ،ئۈمىدۋار ياشاش كىرەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش