كۆرۈش: 223033|ئىنكاس: 102

ئابدۇكېرىم ئابلىز بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
122
يازما
37
تېما
35
نادىر
1
جۇغلانما
952
تىزىملاتقان
2008-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 16:52:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 

ئابدۇكېرىم ئابلىز بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى

 


ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق ئىتوت ئارتىسى ئابدۇكېرىم ئابلىز 2011-يىلى10-ئاينىڭ 27-كۈنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بېيجىڭنىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا لىكسىيە سۆزلىدى ھەم ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

 
ئەلكۈيى تورىنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئەلكۈيى  مۇخبىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلات زالى نەق مەيدانىغا بارغاندا ، ئەمدى كەچ سائەت ئالتە بولغان، لىكسىيەنىڭ باشلىنىشىغا يەنە بىر سائەت قالغان بولسىمۇ، لېكىن 200 كىشىدىن ئارتۇق ئادەم سىغىدىغان زال مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ھەم بېيجىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلىرى ھەتتا تىيەنجىندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغانلىقىنى بايقىدى.بالىلار ئۆز-ئارا بۈگۈن ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشاتتى،ئۇنىڭ ئىتوتلىرىدىكى قىزىق يەرلىرىنى دىيىشەتتى.يۇرتىدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان بالىلار بۈگۈن بۇ داڭلىق ئىتوت ئارتىسى خەلققە تونۇلغان چولپاننى چۈشەنگۈسى،ئۇنىڭ  قىزىق-قىزىق پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ  تازا بىر پۇخادىن چىققۇدەك كۈلىۋالغۇسى بارئىدى.ئابدۇكېرىم ئابلىزنى ساقلىغاچ زال ئېكرانىدا ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ «قېرىنداش»لار دېگەن ئىتوت قويۇلدى،كۆپىنچەيلەن بۇ ئېتوتنى ئىلگىرى كۆرۈپ بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇ ئالاھىدە سورۇندا خۇددى نەق مەيداندا تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك كۈلكىنى تازا ياڭراق قويۇپ بېرىپ كۆرۈپ ئولتۇردى.شۇ ۋاقتتا ئابدۇكرىم ئابلىز ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئالغىنىچە سورۇندىكىلەرگە سالام بېرىپ كىرىپ كەلدى،گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى پۈتكۈل زالنى كۆتۈرۈۋەتتى.

 

سورۇننىڭ رىياسەتچىسى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرېستېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىمام مۇئەللىم ئالدى بىلەن سۆز قىلدى:ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىم ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ شىنجاڭ ئىقتىساسلىقلارنى نۇقتىلىق تەربىيىلەش قۇرۇلۇشى تۈرى بويىچە بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىدا رىژىسسورلۇق كەسپىدە ئوقۇش ئۈچۈن،ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «ئىلىم تەھسىل»قىلىش ئۈچۈن  بىريىللىق كەلگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئابدۇكېرىمكا،ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە!

 
ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاۋۋال ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى،بولۇپمۇ ئىتوتچىلىققا كىرىشىش جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتتى،ئۇ ئۆزىنىڭ 1989-يىلى،چولپانلار سەنئەت كېچىلىكىدە گاچا تىياتىر بىلەن ئىتوت  ھاياتىنى باشلىغانلىقىنى،تۇنجى ئىتوتىنىڭ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن «گاسنىڭ كىسەل يوقلىشى»ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم «رونا ماركىلىق جۈسەي مانتىسى»نى يېزىپ چىققانلىقى،لېكىن ئۇنى ئويناشتا ناھايىتى ئىككىلەنگەنلىكى،«ئەسلىدە قويۇلىدىغان ئۈچ مەيدان بار ئىدى-دېدى ئابدۇكېرىم ئابلىز-لېكىن ئالدىنقى ئىككى مەيدانغا بۇ ئىتوتنى ئەچقالمىدىم،خەلقنى نېمە دەپ قالار دەپ  قورقتىم،ئەڭ ئاخىرقى مەيداندا،بوپتىلا مۇشۇنى ئويناپلا قېچىپ كېتەي ئويلاپ بۇ ئېتوتنى ئوينىدىم ،لېكىن بەك مۇۋەققىپىيەت قازاندى،پۈتكۈل شىنجاڭدا ئويناپ چىقتۇق»ئابدۇكېرىم ئابلىز مۇشۇ ئېتوت ئارقىلىق  ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تونوپ يەتكەنلىكىنى،كېيىنچە بۇ ئىككى ئېتوتنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى تەسىر قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندا ئابدۇكېرىم ئابلىزدىن ئېگەللىشىچە، ئابدۇكېرىم ئابلىز ھازىرغىچە 100 ئەتراپىدا ئېتوت يازغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى ياخشى ئارتىس دەپ قارايدىكەن لېكىن ياخشى ئېتوت يازغۇچىسى،رىژىسسور دەپ قارىمايدىكەن،«بىزنىڭ ئىتوتچىلىقىمىزدا يازىدىغان ئادەم كەم،شۇڭلاشقا مەن يېزىپ قالدىم ».بۇ قېتىم رېژىسسورلىقتا ئوقۇشنىڭ سەۋەبى،گەرچە ھازىر ئۆز ئىتوتلىرىغا ئۆزى رىژىسسورلۇق قىلىۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن سەھنىدە تۇرۇپ ئىتوتتىكى خاتالىقلارنى بايقاش تەس ئىكەن،شۇنىڭ ئۈچۈن رېژىسسولىقتا كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ قېتىم ئوقۇشنى تاللاپتۇ.

ئابدۇكېرىم ئابلىز يەنە ئۆزىنىڭ ئېتوت ئىجادىيىتى توغرۇلۇق سۆزلىدى:«مەن يازغان ئېتوتلار پۈتۈنلەي قامچا،ئادەمگە ئۆزىنىڭ يۈزىدىكى قارىنى كۆرسىتىدىغان ئەينەك بولمىسا بولمايدۇ».«سەنئەتتە مىللىي خاسلىق يوقۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ،ئۆزىمىزگە يېقىن تېمىنى سەھنىگە ئاچىقساق ئۇنى خەلق ئالقىشلايدۇ».
  ئابدۇكېرىم ئابلىز كۆپ لىكسىيە سۆزلىمىدى،ئۇ  مەيداندىكىلەرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى،بۇ ھەممەيلەنگە كۆڭلىگە بەك ياقتى،چۈنكى ئۇنىڭ كۆرۈرمەنلىرى بولمىش مەيداندا ئولتۇرغان ساۋاقداشلانىڭ ئۇنىڭدىن سورايدىغان سوئاللىرى بەك كۆپ ئىدى.

ئابدۇكېرىمكا،جاپا چەكتىڭىز!

 
ئابدۇكېرىم ئابلىز بۇ قېىمقى ئېتوت كېچىلىكىدە نېمە ئۈچۈن ئېتوتلارنىڭ ئاز بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى،ئەسلىدە ئېتوت كېچىلىكىدە 10 ئېتوت ئويناش پىلانلانغان بولۇپ،لېكىن ئېتوت كېچىلىكىنىڭ ۋاقتى بىلەن «ئانارخان»فىلىمىنىڭ سۆرەت ئېلىنىشنى باشلاش ۋاقتى تەڭ ۋاقىتتا،6-ئاينىڭ1-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قالغان.«بىرسى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيەسىنىڭ ئىشى، قىلمىسام قەتئىي بولمايدۇ،يەنە بىرى ئاللىقاچان تەشۋىق قىلىنىپ بولغان كېچىلىك،ۋەدە بېرىپ قويغان خەلق»شۇچاغلاردا «ئانارخان»فىلىمى تۇرپاندا سۈرەتكە ئېلىنغان،شارائىت سەۋەبىدىن ھەركۈنى ئەتىگەن تۆت يېرىمدىن بەشگىچە،ئۇ فىلىمدە رول ئېلىپ،ئۇنىڭدىن كېيىن  ئىككى يېرىم سائەت ئىچىدە ئۈرۈمچىگە قايتىپ،كېچىلىككە قاتنىشىپ ئۇ تۈگىگەندىن كېيىن يەنە تۇرپانغا قايتىپ،كۈنىگە ئىككى سائەت ئۇخلاپ يەتتە كۈندە تۈگەتگەن،ئاخىرىدا ئاۋازىمۇ پۈتۈپ كەتكەن شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىم ئېتوتلار ئاز بولۇپ قالغان.«مەن قەرزنى چوقۇم قايتۇرىمەن»دېدى ئابدۇكېرىم ئابلىز.

«مەن بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن ئارام ئېلىپ قالدىم،4-ئايدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆيدە تۇرغان ۋاقتىم 15 كۈنگە يەتمەيدۇ،8-ئايدا بىر يېڭى كىنو سۈرەتكە ئېلىش باشلاندى،مەكتەپكىمۇ بىر ئاي كېچىكىپ كەلدىم،باشلىقلار مېنى ئوقۇغاچ دەم ئالسۇن دىگەنمىكىن دەيمەن»دېدى ئۇ. 

 

ئابدۇكېرىمكا،يارايسىز!

 

ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزىنىڭ ئېتوتچىلىق ھاياتى توغرۇلۇق سۆزلەپ«مەيلى بىزقايسى كەسىپنى ئىگەللەيلى،ئىرادە،تىرىشچانلىق،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بولغاندا چوقۇم نەتىجە قازىنىدۇ»دېدى.

بىرەيلەن «سىيت نوچى»دېگەن ئېتوتنى ئويناش سەۋەبى ۋە ئىلھامىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىدى،ئابدۇكېرىم ئابلىز:«ھازىر ئۇيغۇر دىراممىچىلىقى ئاساسەن نۆلگە چۈشۈپ قالدى،سەۋەبى دىرامما خەلق تۇرمۇشىدىن چەتنەپ كەتكەچكە،تاماشىبىنلار ئىتتىرىپ قويدى،بىز خەلققە ياخشى نەرسىلەرنى بېرەلمىدۇق.بۇ قېتىم مەقسىتىم كىشىلەرگە بىر ئاددىي دىرامما سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش،نەق مەيداندا تاماشىبىنلار ئاۋۋال ئۇنى ئىلگىرى ئېتوتلاردەك كۆرۈپ ئۆزىنى كۈلكىگە زورلاپ باقتى،لېكىن كېيىنلا ئىچىگە كىردى»دېدى.ئۇ يەنە قىزىقچىلىق قىلىپ«ئىككى يىلنىڭ ياقى كۆپ ماتىرىيال كۆرۈپ ئىزدەندىم،سىيت نوچىنى ساۋاتسىز دەيتتى،قارىسام ساۋاتىسىز ئەمەس چىقىپ قالدى،شۇڭلاشقا ئۇنى ئاقلاپ قوياي دېدىم»دېدى.«يەنە بىر مەقسىتىم ھەريىلى بىر تارىخىي شەخىسنى تونۇشتۇرسام دەپ ئىشىكنى چېكىپ باقتىم»دېدى ئۇ تولۇقلاپ.
«مەن ھەريىلى بىر يېڭى نەرسىنى چىقارسام دېگەن ئۈمىدتە بۇلتۇر بەش ئابدۇكېرىم ئابلىزنى چىقارغان،بۇ يىل ناخشا ئېيتتىم،بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويسام دەيمەن.ئۇ يەنە بىرقانچە قېتىم «سەنئەت ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ھەم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغاندا تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلالايدۇ»دەپ تەكىتلىدى.

ئۇ ئىتوت تىلىنى قانداق يارىتىش ھەققىدە سۆزلەپ: «بىر تىل پىشىپ ۋايىغا يىتىپ مەي بولغاندىلا ئاندىن ئۇنى ئويناتقىلى بولىدۇ،مەن قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان،قەشقەردىكى تىل مانا مۇشۇنداق تىل.مەن پاساھەتلىك تىللارنى ئىشلىتىپ باقىمىدىم،ھەممىسى دېھقانمۇ،كاسىپمۇ،كادىرمۇ چۈشىنىدىغان تىل»«مەن تىلنى خەلق ئىچىدىن ئالدىم،گەرچە مەن مەخسۇس تۇرمۇش ئۆگىنەي دىمىسەممۇ،لېكىن كېنو ئىشلەيمەن دەپ ھەريەرلەردە يۈرگەندىن كېيىن ئادەم ئۆگىنىپ كېتىدىكەن»

ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزىنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ ئىتوتلىرىدىكى تەنقىدىي مەزمۇنلارنى دوراۋاتقانلىقىغا توغرىسىدا توختىلىپ:«ئادەملەرنىڭ100%ئىتوتلىرىمنى توغرا چۈشىنەلىشى،تەنقىدنى بىلەلىشى مۇمكىن بولمايدىكەن »دېدى.

ھەربىر نەرسىنىڭ ۋايىغا يېتىدىغان،چېكىنىدىغان دەۋرى بولىدۇ،سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە «مەن ئۆزۈمگە جازا تىكلىۋالمىدىم،ئەخلاقنى ئۆزۈمگە مىزان قىلىپ كەلدىم،40% سەھنىدە رولۇمنى جارى قىلدۇرسام ،60% ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم» يەنە ھەييارلىق بىلەن «شۇڭلاشقا پوككىدە چۈشمەي،سىيرىلىپ چۈشەمدىمەنمىكىن دەيمەن»دېدى.

ئابدۇكېرىمكا،يوقاپ كەتمەڭ!

 
ئابدۇكېرىم ئابلىز كەلگۈسىدىكى ئىتوت ئىجادىيتى ھەققىدە: «مېنىڭ كەلگۈسىدە يازماقچى بولغان بىرىنچى تېمام،ھايۋان-بىز ھازىرغا كەلگۈچە بىرھايۋاننى چىشلەپ تارتماي تۇرۇپ تىللىشالمايمىز،مۇشۇ توغرىسدا بىر نەرسە يازاي دەيمەن.يەنە بىر تېما دوپپا،بۇ تېمىنى نەۋرۇزدا ئادىل مىجىتلار ئويناپ چىققان شۇڭا ھازىرچە قويۇپ تۇردۇم،لېكىن باشقا نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ يازماقچى .ئاندىن مەن ئوينىغان ھېلىقى مەككار سودىگەر،ئۇنىڭ ئاخىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.»
«ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى تۈگىدىمۇ؟»«ھەۋەسكار تۈگەپ كەتمەس،ھەۋەس ھەريىلى چىقىدۇ»

ئوقۇغۇچىلار يەنە ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتلىرىنى باشقا مىللەتلەرگە يۈزلەندۈرۈش توغرىسىدا سورىغاندا، ئۇ: «مەن ھازىرچە شىنجاڭدىراق تۇرۇپ تۇرايمىكىن دەيمەن،مەن باشقا تىلدا ئىتوت ئوينىسام خۇددى ئاش ئوخشىمىسا ۋىيجىڭ سالغاندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ»

ئۇ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ «گەرچە ئىتوتچىلىقتا باشقا يەرلەرگە يۈزلىنەلمىسەممۇ،لېكىن مەن كەلگۈسىدە رىژىسورلۇق قىلغان بىر-ئىككى فىلىم جوڭگۇدا قويۇلسا دەيمەن،بولمىسا نۇرغۇن ئىشلىرىمنى تاشلاپ،بىريىللىق ئاستى-ئۈستى كارۋاتتا ياتقىلى كەلمەيتتتىم»دېدى.

 



سەھنىدىكىدىن قىلىشمايدىغان ھازىر جاۋابلىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا ناھايتى ياخشى تەسىر قالدۇردى.سورۇن رىياسەتچىسى:ئابدۇكېرىم ئابلىز بۇ بىر يىل يەنە بېيجىڭدا بار ،يەنە قايتا كۆرەلەيسىلەر، دەپ يۈرۈپ بالىلارنى ئارانلا ماقۇل قىلىپ پائالىيەتنى ئاياغلاشتۇردى.ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ،ئۇنى قويۇپ بەرمەي ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن بىرگە  سۈرەتكە چۈشۈشى، تاكى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سەپ بولۇپ مىڭىشلىرى بىلەن يولدىن ئۆتۈۋاتقان باشقا مىللەت كىشىلىرىنى ھەيرانلا قالدۇردى.

 
ئەلگە تونۇلغان تالانتلىق ئىتوتچىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئوي-پىلانلىرى بىزنى ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقى،كىنوچىلىقىدا ئۈمىد زورلىقى،ئابدۇكېرىم ئابلىز ۋە ئابدۇكېرىم ئابلىزغا ئوخشاش سەنئەتكارلىرىمىز بولسىلا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەندۈردى.

بىز ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ بېيجىڭدىكى بۇ بىر يىللىق ئۆگىنىشىنىڭ ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىغا ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقى ھەم كىنوچىلىقىغا يېڭى قان،يېڭى مادار بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەمدە زور مۇۋۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيمىز!



ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى


ئىزاھات: مەزكۇر تېمىنى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن قالايمىقان يۆتكەشكە ،باشقا مۇنبەر ۋە تور بېكەت،بلوگلارغا چاپلاشقا بولمايدۇ.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
13390
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2011-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-26
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 17:39:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ خوش خەۋەرنى دەل ۋاقتىدا تور ئەھلى بىلەن يۇزكۇرۇشتۇرگەن ئەلكۇيى مۇخپىرىغا كۆپ تەشەككۇر .  
   ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكا نىڭ  بۇنۇڭدىن كىيىن تېخمۇ ياخشى ئىتوتلارنى سەھنىلەر گە ئېلىپ چىقىشى ئۇچۇن  تىلەكداشمەن !!!!

باھا سۆز

1973  كوڭلۇمدىكى سۈزلەرنى قىلىپسىز رەھمەت سىزگە .  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 23:30:25

UID
6174
يازما
100
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
3000
تىزىملاتقان
2010-10-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 18:16:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ، ئابدۇكېرىم ئەل سۆيگەن بىر سەنئەتكار.
يەنە نەچچە 10 يىللاردىن كىيىن سىلىنى ئەۋلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىتوت سەنئىتى ۋە درامىچىلىغىنىڭ يول باشچىلىرىدىن بىرى دەپ باھا بىرىسىغانلىغىغا ئىشەنچىم كامىل.
ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ سەھنىسىدە تۆمۈرخان روزىنى خېلى بولدى ئۇچرىتالمىدۇق، بۇنىڭ سەۋەبى نىمىكىن؟

UID
9747
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
180
تىزىملاتقان
2011-2-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 18:40:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى بىر پاھالىيەت بولۇپتۇ .  ئابدۇكىرىم ھەقىقەتەن ئەلنى سۆيگەن ھەم ئەلمۇ سۆيگەن شەخس  .  
ئۇيغۇرلار مەشھۇرلىرى قاتارىغا كىرگۇسسمۇ ئازلىق كەلمەيدۇ .  
ئابدۇكىرىم ئابلىز ئاكمىز دىگەندەك ھازىر ئىتوت يازىدىغان ئادەم بەكلا ئاز  ھەر قىسىمدىكى مەشرەپ پىرگورامسدا ھىلقى تىتىقسىز ئىتوتلار پەقەت مەشرەپنىڭ ۋاقتنى سوزغانلىغلا رولى بولۇپ كىتۋاتىدۇ  نىمە بۇ  ،   
ئابدۇكىرىم ئابلىز ناۋادا توختاپ قالسا نىم كۆرەمىز دىگەن خىياللامۇ بولغان مەندە .
ئابدۇكىرىم تىكلگەن مۇنارنى كىينكىلەر لىڭشىتىپ ئۇندىن كىيىنكلەر چىقىپ قويمىسلا بولدىغۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

ئىمىنجان ھىدايە

UID
6838
يازما
123
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3843
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-2
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 22:45:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ  ئەلەيكۇم  !
            ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ  مۇخبىرىغا ئالاھىدە  تەشەككۈرلەر بولسۇن
ئابدۇكىرىم ئابلىز  ئەپەندىمنىڭ  بىيجىڭ كىنو ئىنىستوتىدا رىجۇستۇرلۇق كەسپىدە ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى  ئۈمۈد قىلىمەن . شۇنداقلا  بۇنىڭدىن كىيىن  بۇرۇنقى بەزى تىتىقسىز ئىتۇتلىرىنىڭ جەمئىيەتتە ئابدۇكىرىم ئابلىز ئىتۇتلىرىدىن ئارىيە بولۇپ قالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ياخشى بولغان خەلىقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدىغان پەخىرلىك سەنئەتچى بولۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن . يۇقارقى تىتىقسىز ئىتۇتلىرى دىسەم  بىز دىگەن بىر ئىشنى قىلسا ئۇنداق مۇنداق دەيدۇ .... ئۆزى  قىلمايدۇ   دىيىشى مۇمكىن    ئەمما ئىيتىشقا تىگىشلىك ھەق گەپنى ئىيتىش لازىمدۇر   مەسىلەن : بۇرۇنقى شوجاڭ بولساڭ خانىم سىنىڭكى ..................... دىگەنگە ئوخشاش  ئىتۇتلىرى  ئەمىلىيەتتە  شۇنداق بىر قىسىم  ناچار  ئىشلارنى قامچىلاشنى  ئويلىغان بولسىمۇ  بىراق  كۆپىنچە  ئەكىسچە  تەسىر بىرىپ قويدى  بۇنى ئابدۇكىرىم ئەپەندىممۇ بىلىدۇ  چۈنكى بۇ  ئۇيغۇر يىگىتى  ئەخلاقنى  مىللى كىملىكىمىزنى ، جەمئىيەتىتىكى ئورنىمىزنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ  چاكىنلەشتۈرۋەتسە مەسئۇلىيتى ئىغىر بولۇپ قالىدۇ
ئىشىنىمەنكى ئابدۇكىرىم ئاكىمىز ئۆزىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ  ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ  مىللىتىمىزنىڭ  جەمئىيتىمىزنىڭ  داڭلىق  ئەھمىيەتلىك كۈلدۈرگە چولپىنى بولۇپ چىقىشقا ئىشىنىمىز   چۈنكى بىزنىڭ ھەقىقى كۈلكىمىز  ئىچ - ئىچىمىزدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلگەن كۈلكىمىز  ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ ئەڭ زور بەختى ئەمەسمۇ ؟!

UID
13981
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
530
تىزىملاتقان
2011-8-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-7
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 23:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكېرىم ئابلىز ئەپەندىنىڭ بۇندىن  كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ،ئىلىم تەھسىل قىلىشى غا ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن!~!!

UID
9935
يازما
56
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1676
تىزىملاتقان
2011-3-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 23:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيى تورىنىڭ بىزگە بۇنداق يىڭى خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا يەتكۈزگىنىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم.

تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر.ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر.

UID
12843
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1582
تىزىملاتقان
2011-7-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 00:56:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور داشلار ناھايتى ياخشى پىكىرلەرنى ئوترىغا قويۇۋاتىدۇ..ئابدىكىرىم ئابلىز ئاكىمىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردېكى ئىتوتلىرى كىشنى كۈلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ يېزىلغان بولسا ھازىرقى ئىتوتلىرى كىشىنى ئويغا سالىدىغان ،ھەتتاكى بەزى يازغۇچى ئەدىپلەرمۇ يورۇتۇپ بېرىشىنى ئويلاپ باقمىغان تەپلەردىن قەلەم تەۋرېتىپ بىز نى قايىل قىلىۋاتىدۇ ،شەخسەن مەن بۇقېتىمقى ئىتوتلىرنى ۋەكىل خاراكتىرلىك ئىتوتلىرى دەپ قارايمەن،<<بىز دېگەن ئەر كىشى >>...قاتارلىق ئىتوتلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ئابدىكىرىم ئابلىز ئاكىىمىزنىڭ ئىتوت ئىجادىيىتى خەلقىمىزنىڭ ئەمەلىي رىئاللىقى بېلەن زىچ باغلانغان،شۇنداقلا ئابدېكىرىم ئابلىز ئاكىمىز  ئىتوتلىرى ئارقىلىق ئۆزنىڭ نادنلاردىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.....بىز ئىشىنىمىزكى ئابدىكىرىم ئابلىز ئاكىمىز خەلقىمىزنى سۆيىدۇ شۇنداقلا خەلقىمىزمۇ ئۆز مەدەنيىتى كۈچلۈك خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن مانا شۇنداق پەيتلەردە ئۆز مەدەنيىتى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدەنگەن بۇ ئوغلاننى سۆيىدۇ قەدىرلەيدۇ..بېشىدا كۆتىرىدۇ
ئابدىكىرىم ئابلىز ئاكا تىرەن پىكىرلىرىڭىز ،سۈزۈك تەپەككۈرلىرىڭىز مەڭگۈ قاناتلانسۇنكى ھەرگىز توختاپ قالمىسۇن.....چۈنكى سىز بۇ تۇپراققا ،سۆيۈلۈك خەلقمىزگە قەرىزدار .....بۇ قەرزنى سىز ،بىز مەڭگۈ تۆلەپ بولالمايمىز !!!!

UID
9191
يازما
58
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1378
تىزىملاتقان
2011-2-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-23
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 01:42:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيىنىڭ ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ زىيارىتىدىن خەۋەر بەرگەنلىكىگە مىڭ تەشەككۇر!!!!! شۇنداقلا ئابدۇكىرىم ئابلىز ئاكىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق، ئەمگىكىگە مول ھوسۇل تىلەيمەن!!! خەلىقنىڭ مەڭگۈ قەدىرلىك ئوغلانى بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن... شۇنىسى ئىنىقكى سىزنڭى ئەمگەكلىرىڭىز مول نەتىجىلىك!!!!!!!

كىشى ئاۋال ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشى كىرەك

كۆيۈمچان ئەزا

تۆكمىگىن ياش ئەس

UID
9498
يازما
50
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1613
تىزىملاتقان
2011-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 05:01:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، مەنمۇ كۆرۈپ بەك خۇرسەن بولدۇم. نەق مەيدان كۆرۈنىشى بولغان بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى.

ۋىنىرا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش