- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 120
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1925
- تىزىملاتقان
- 2011-4-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-8
- UID
- 10811
- يازما
- 120
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1925
- تىزىملاتقان
- 2011-4-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-8
- توردا
- 12 سائەت
|
ھازىرقى خوڭكوڭ دۇنيا بويىچە دېموكراتىك ، باياشات ھەم مەدىنىيەتلىك رايونلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ ، ھەم كۆپ قىسىم ئاھالىسى خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ ، خوڭكوڭنىڭ ھازىرقى خوڭكوڭ بولۇشى ئۈچۈن بىرىتانىيەنىڭ 99 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى سەرپ بولۇنغان ، دەسلەپكى يىللىرى ئۇلار ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئالدىدا ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرگەن ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىلا دىنىي ئەنئەنىسى بولمىغاچقا غەرپلىك ئېپىسكوپلارنىڭ تەسرىدىن خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلغان ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھوقۇقۇنى قولغا ئېلىشى يېقىنقى يىللاردىكى ئىش .
ئالدىنىقى ئەسىرنىڭ 89- يىللىرى پارتىيە شۇجىسى جاۋزىياڭنىڭ ئاقىلدارى بولغۇچى يەنجاچى ئىسىملىك بىر پەيلاسوپ ، جوڭگو غەرپچە دېموكراتىيەگە ھەقىقى كىرىشى ئۈچۈن بىرىتانىيەنىڭ 300 يىل مۇستەملىكىسى بولىشى كېرەك دىگەن بىرنىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتىكەنمىش ... ،
دىمەك دېموكراتىيەلىشىش بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ، بولۇپمۇ قويۇق دىنىي تۈس ئالغان ئەرەپ قەۋمىنىڭ غەرپچە دېموكراتىيەنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن يەنە مىسىلىسىز تىرىشچانلىقلار ۋە دەھشەتلىك قۇربانلارنى بېرىشى كېرەك بولىشى مۈمكىن .
ھازىرقى كېنىيەنى كۆرۈپ باقايلى ، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادى ياردىمىدە يۆلەپ تۇرغۇزۇلغان ئافرىقا دېموكراتىيەسىنىڭ ئۈلگىسى ، ھالى تېخىمۇ خاراپ ، تېخىمۇ ئەقىل سىغمايدىغان چېكىنىش ، بىچارە ئىككى غەرپ چوڭلىرىنىڭ تاشلاپ قويۇپ چىكىتەي دىسە يەنە ، ياردەم قىلاي دىسە تېگى يوق ھاڭ ھالەتتە ، كۈلكىلىك بىر ھالەتتە ئۆتمەكتە ...
ھازىرقى مالايشىيانى كۆرۈپ باقايلى ، دۇنيا بويىچە مۇھىتى ئەڭ پاكىزە دۆلەت ، تەرەققىيەت ۋە ئىقتىساد جەھەتتىنمۇ بولۇپ قالىدۇ ، بۇ ئىسلامىي دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى كېيىنكى ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئەندىزىسى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن .
قازافىيگە كەلسەك ، ئۇ ئافرىقىدىكى ئەڭ نامرات بىر ئەلنى ئافرىقا بويىچە ئەڭ باياشات بىر ئەلگە ئايلاندۇرغان ، بۇ ئۇنىڭ تۆھپىسى ، لېكىن ھەربىرىمىز ئۆزىمىزنى مۇشۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىدا قويۇپ تەھلىل قىلىپ باقايلى ، بىز تېخى ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ ۋارۋار ھەم مەدىنىيەتسىز ،
ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ ئاكتىپ تەرەپلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىشىمىز ، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان كىشىگە ، كېيىن بىزمۇ كەينىدىن بارىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن ياخشىراق تىلەكلەرنى تىلەپ قويساق بىزدىن ھىچنىمە كەتمەيدۇ ... |
|