لىۋىيە خەلقى تەرىپىدىن چۆرۈپ تاشلانغان قازافى
سەككىز ئاي داۋاملاشقان لىۋىيە ئىچكى ئۇرۇشى قازافىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشتى. بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن، كومىدىيىىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ داھىي چېدىر ئىچىدە ئۆلسەم دېگەن ئارزۇيىغا يېتەلمەي، سۈگگۈچكە يوشۇرۇنۇپ ياتقان يېرىدە ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى. قازافى دوست تۇتۇشقا خۇشتار ئىدى. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ داھىيلىرى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىشتا ھېچكىمگە ئوخشىمايتتى. ئۇ ئافرىقا ئەللىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى دېگەن، زور مىقداردا نېفىت ۋە دوللار چىقىم قىلىپ، ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقچى بولغان ئىدى، ئافرىقا ئەللىرى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىسىگە قاتنىشىش چىقىملىرىنى سېخىيلىق بىلەن بېرىۋەتكەن ئىدى. ئۇ لىۋىيە ئەرەب دۇنياسىنىڭ بىر ئەزاسى، ئەرەبلەر بىر ئائىلە، دېگەننى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، لىۋىيە بىلەن مىسىر چېگرىسىنى ئېچىۋېتىپ، ئەركىن كىرىپ-چىقىشقا ئىمكانىيەت ياراتقان ئىدى. ئىلگىرىكى چاغلاردا قازافى غەرب ئەللىرىنى كۆزگە ئىلىپ كەتمەيتتى، لېكىن سادام دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن، قازافىنىڭ مەيدانىدا چوڭ بۇرۇلۇش بولغان، ش ئا ئە ت نىڭ ترورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللاپلا قالماي، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەرگەن ئىدى. يەنە تېخى فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىغا پۇل بېرىپ، سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىغا ياردەم قىلغان ئىدى. قازافى بۇ ھەركەتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ماھىرى بولۇپ قالغان ئىدى. غەربلىكلەر مۇستەبىت دەۋاتقان سۇدان پرېزىدېنتى بەشىرغا ئوخشىمايدىغىنى، قازافى دائىم ھەر قايسى ئەللەرگە بېرىپ تۇراتتى، كۆپ جايلاردا ئەزىز مېھمان سانىلاتتى. لىۋىيە نوپۇسى ئالتە مىليون بولغان كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، خەلقئارادا سەل چاغلىغىلى بولمايتتى، فىلىپپىن ئىسلام ترورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا كېلىشتۈرگۈچى بولالايتتى. ئەپسۇسكى، تەلىيى كاج كەلگەن قازافى لىۋىيە خەلقىنىڭ دوستى بولالمىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنى مەن لىۋىيە خەلقنىڭ داھىيىسى، خەلق ماڭا باش ئېگىشى-بويسۇنىشى كېرەك، دەپ قارايتتى. ئۇ خەلقئارادا دوست تۇتۇش ئۈچۈن زور مىقداردا نېفىت ۋە دوللار چىقىرىپ باردى-كەلدى قىلىۋاتقاندا لىۋىيە خەلقى يوقسۇزلۇق-مۇھتاجلىقتا كۈن ئۆتكۈزدى. ئازاپ-ئوقۇبەتتىن سەۋرى-تاقىتى تاشقان خەلق ئاخىرى قوزغىلىپ، سەككىز ئاي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بۇ داھىينى لەھەتكە ئۇزاتتى. خەلق قارشىلىق كۆرسىتىشىكە باشلىغان كۈندىن باشلاپلا، قازافىنىڭ «دوست»لىرى ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا باشلىدى. ئاۋال فرانسىيە، ئىتالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى، ئاندىن ئەرەب دۆلەتلىرى، ئافرىقا ئەللىرى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى. قازافى قېچىپ يۈرگەندە، يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندە بىرەرمۇ «دوستى» پاناھ بولاي دېمىدى. قازافى بۇ دوستلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىدىن ھەيران بولدى. ئۇ بىر داھىينىڭ ھەقىقىي دوستى خەلق ئىكەنلىكى، خەلقتىن باشقا دوستنىڭ دوست ئەمەسلىكىنى بىلەلمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەزىز مېھمىنى بولغان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى، فرانسىيە پرېزدېنتى قاتارلىقلار قازافىدىن قاتتىق يىرگىنەتتى، لېكىن قازافى نېفىت ۋە دوللار كۆتۈرۈپ بارغاندا، ئۆز خەلقىگە مەنپەئەت يېتىدىغانلىقىنى بىلگەن بۇ داھىيلار ئۆزىنى بېسىۋېلىشقان ئىدى. ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئەلباشلىرى قازافىدىن بىزار ئىدى، لىۋىيەنىڭ دوللار بىلەن قىلغان ياردىمىنى كۆرۈپ، ئۇلارمۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىشقان ئىدى. قازافى ئۇلار بىلەن دوست بولغاندا لىۋىيە خەلقىنىڭ دىلىنى ئاغرىتقان، خەلق ئۇنى رەقىب دەپ بىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كەچكەن ئىدى. خەلق قوللىمىغان داھىي باشقا دوستلىرىغا ھەرقانچە پايدا-نەپ بەرگەن بىلەن، ئۇلار يەنىلا ئۇنداق داھىدىن ۋاز كېچىپ لىۋىيە خەلقى تەرەپكە ئۆتتى، چۈنكى ئۇلارمۇ خەلق تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. قازافى ئۆلەر ۋاقتىدىمۇ بۇنى بىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن لىۋىيە خەلقى بۇ زالىم-مۇستەبىتنىڭ خەلقنىڭ دوستى ئەمەسلىكىنى بەكمۇ ئېنىق بىلەتتى.
«جەنۇب شەھەر گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 21-ئۆكتەبىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان. |