- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 20
- تىزىملاتقان
- 2011-10-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-11-11
- UID
- 16412
- يازما
- 2
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 20
- تىزىملاتقان
- 2011-10-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-11-11
- توردا
- 0 سائەت
|
بۇ 5قەۋەتتىكىotyak يوللىغان 2011-10-20 14:06 غا قارتىلغان :
بىزنىڭ بۇ يەردە ھاياتلىقتا ( كىسەللىك، تويلاردا..) سوغا قوبۇل قىلىنىدۇ، لىكىن ئۆلگەندە ( مۇسىبەت كۇنىدە) سوغا قوبۇل قىلىنمايدۇ. نەزىر-چىراقلاردا قارىسىنى ئۈشتايمىز دەپ كۆڭۈل قىلىدىغان ئىشلار بار...
ھەر يەرنىڭ ھەرخىل ئۆرپە-ئادەتلىرى بار ئىكەن.
بۇ تىمىنى كۆرۇپ مەن ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى بىر خىل ئەھۋال يادىمغا يىتىپ قالدى. بىزنىڭ يۇرىتتا مۇشۇ كىسەل يوقلاش،خەتمە قىلىنغان بالىنى يوقلاش،تۇغۇتلۇق ئايالنى يوقلاش قاتارلىق يوقلاشلار بىمەنىلىكتە راسلا ئۇچىغا چىققانمىكىن دەيمەن. ئاشۇ يوقلىغانلار ئىدارەياكى مەھەللىدىكىلەرنى ئاساس قىلىپ 20-30چە ئادەم 10-30كويدىن يىغىشىپ يوقلاپ بارىدىكەن.ئۇي ئىگىسى بولسا ئاغرىق بىمارنى بىريەگە قۇيۇپ قۇيۇپ بىر كۇن تەييارلىق قىلدىكەن.مىھمانلار كىلىپ،كىسەلدىن ئەھۋال سۇرىغان بۇلدىكەندە دەرھال داستىخانغا باشلىنىدىكەن. ئوي ئىگىسى چاي قۇيۇپ،تاماق ئىتىپ،ئاخىرىدا گۆش پۇشۇرۇپ يولغا سالدىكەن،ئۇنغىچە ئۆيدىكى ئاغرىق ،تۇغۇتلۇق ئايال ياكى خەتمىسى قىلىنغان بالىنى كۇتۇش بىر ياقتا قالىدىكەن. بەزى ئۆيى كىچىكرەك ئۆي ئىگىسى مىھماننى نەگە باشلاشنى بىلەلمەي قالىدىكەن.مەن ھەدەم ئېغىر ئاياغ بولۇپ ياتقاندا كەلگەن مىھماننى كۆرۇپ ھەيران قاپتىمەن،20-30چە ئادەم، ئۆي بىنادا بولغاچقا ئۆي ئىچىنىڭ تار كەلگىنى . كەلگەنلەر ھەممىسى ئايال بۇلغاچمىكىن پاراڭ ئاۋازى ئۆي ئىچىنى بىر ئالدى. كىچىك بۇۋاق ئەمەس،مىنىڭ بېشىممۇ ئېتىلىپ كىتەيلا دەپ قالدى. ئوبدان مىھمان قىلىپ يولغا سالدۇق،مىھمانلار كىتىپ،ھەدەم بالىسى بىلەن بولدى، قاچا -قۇچا ،ئۆي ئىچىنى يىغۇشتۇرۇش يەنە ئاشۇ بىچچارە ئانامغا قالدى.كىچىسى قىزىغا بالىسىنى بېقىپ بىرىپ،نەچچە ئۇخلاپ نەچچە ئويغانغان ئانام كۆزلىرىنى ئاران ئېچىپ 1-2سائەتتە ئاران يىغۇشتۇرۇپ بولدى. مۇشۇلارغا قاراپ ئايال كىشىگە بەك ئىچىم ئاغرىدى. ئاڭلىسام،ئەگەر يوقلاپ كەلگەن مىھمانلارنى مۇشۇنداق كۇتمىسە،ئەتىسىلا خۇشنا-خۇلۇم،ئىدارىسدىكى خىزمەتداشلىرى ئىچىدە"پالانىنىڭ پەقەت تۆشىكى يوق، مىھماننىمۇ جايلاپ كۇتەلمىدى"،"پالانىنىڭ ئانىسىنىڭ پەقەت دىتى يوق،قىزى تۇغسا مىھمىنىنىمۇ كۇتۇپ بىرەلمىدى"دىگەندەك بىرمۇنچە گەپ چىقىدىكەن.
ئەھۋال سۇراپ كەلگەن مىھمانلار بولغاندىكىن ، قۇرۇق كەلسىمۇ مۇشۇنداق ئۇي ئىگىسىگە جاپا سالمىسىكەن، ئەلۋەتتە، باشقا مىھماندارچىلىقنىڭ يۇلى باشقا. مىھماننى ئوبدان كۇتۇش كىرەك،لىكىن مۇشۇنداق ئەھۋال سۇراپ كەلگەن مىھمانلار سەل ساپالىقراق بولسا. |
|