- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 8
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 100
- تىزىملاتقان
- 2011-4-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-11-13
- UID
- 10719
- يازما
- 8
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 100
- تىزىملاتقان
- 2011-4-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-11-13
- توردا
- 0 سائەت
|
 |
 |
 |
 |
ھەرقايسى دەۋىرنىڭ ئۆزگىچە نىكاھ قاراشلىرى
1990-يىللىىرىدا
-توي قىلىمىز؟ۋوي،بۇ بىز دىگەن ئاتا –ئانىلارنىڭ ئىشى،قاچانلاردا قىز يىگىتكە گەپ قىلىدىغان نۆۋەت تىگىپ قالدى،سەن ۋاختى كەلگەندە ئەۋلات قالدۇرۇشنى بىلسەڭ بولدى.
1920-يىللىرىدا
قىز:ئەگەر ئاتا –ئانام توي ئىشىمىزغا قۇشۇلمىسا قېچىپ كىتەيلى.
يىگىت:بۇلىدۇ،بىز شىمالى مىللىتارىسلارغا قارشى قۇشۇنغا قاتنىشايلى.
1930-يىللىرىدا
يىگىت: دۆلەت قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا،ھەربى سەپكە قاتنىشىپ ئالۋاستىلارنى يۇقاتمىسام بولمايدۇ،مەن كەتكەندىن كىيىن سىز باشقا بىرسىنى تېپىپ تىگىۋېلىڭ.
قىز:ياق،سىزنى كۈتىمەن،ئەگەر ئۈلۈپ كەتسىڭىز،ئۆمۈر بۇيى ياتلىق بولمايمەن.
1940-يىللىرىدا
يىگىت:پۈتكۈل جوڭگۇ ئازاد بۇلۇپ يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن سىزنى داغدۇغا بىلەن ئەمرىمگە ئالىمەن.
قىز:ماقۇل سىزنى ساقلايمەن.
1950-يىللىرىدا
يىگىت:تەشكىلنىڭ تۇرمۇشۇمغا كۆڭۈل بۈلۈپ ،سىزنى ھالىمدىن خەۋەر ئېلىشىمغا ئەۋەتكىنىگە رەخمەت،باشقا تەلىۋىڭىز بارمۇ؟
قىز:تەشكىلنىڭ ماڭا ئىشەنگىنىگە رەخمەت،ھالىڭىزدىن چۇقۇم ياخشى خەۋەر ئالىمەن،ئىنقىلاپ ئىشلىرىغا پۈتكۈل ھاياتىمنى بېغىشلايمەن.
1960-يىللىرىدا
چىقتى بوران،چاقتى چاقماق،كەلدى لەرزىگە جاھان ،كەتتى جۇت،كەلدى باھار،ئىللىدى يەرۇ-جاھان،توينى قاچان قىلىمىز.
قىز:كىيىنكى ئىشلارغا بىرنىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ.ئەتىلا بېرىپ تىزىملىتايلى.
1970-يىللىرىدا
قىز:ۋېلسىپىت ،قول سائىتى،كىيىم تىكىش ماشىنىسىدىن بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ.
يىگىت:ۋېلسىپىتنىڭ چۇقۇم «سۇمرۇغ»ماركىلىقىنى ئال دەمسىز،بۇنىڭغا پەقەت بىلەت تاپالمىدىم «كەپتەر»ماركىلىقى بولسىمۇ بۇلامدۇ؟
1980-يىللىرىدا
قىز:سىزگە دەپ قۇياي،بىر ئامال قىلىپ ئالى تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىرىشمىسىڭىز،سىز بىلەن ئايرىلىپ كىتىمەن،ئۆيۈمدىكىلەر ئىشچىلار سىنىپىنى ياراتمايدۇ جۇمۇ.
1990-يىللىرىدا
يىگىت:تويدىن ئىلگىرىكى مال-مۈلۈكنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزىۋەتسەك-قانداق؟
قىز:نىمە؟سەن مىنى تاشلىۋەتمەكچىمىدىڭ؟ماقۇل،توي قىلماي تۇرۇپ بۇنداق دىگىلى تۇرساڭ،تويدىن كىيىن ئىش بار ئوخشىمامدۇ،دەپ قۇياي،خان ئاچاڭ تېخى ساڭا تەگمايدۇ،ياشلىق باھار زىيان تۆلىمى ئۈچۈن 200مىڭ يۈەن تۆلىسەڭ توغرا بۇلىدۇ تېخى.
2000-يىللىرىدا
قىز:مېرسېدىس پىكاپتىن 30،ھەشەمەتلىك ئۈستەلدىن100نى ئىجارە ئالدۇق،يەنەئۇنى بۇنى قۇشۇپ 100مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپتۇق،800پارچە باغاق تارقىتىپتۇق،ھەي بىلمىدىم قانچىلىك توي سوۋغىسى يىغىۋالالارمىزكىن؟
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
|
 |
 |
 |
 |
|
|