ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا يۈز بەرگەن بىر ئىش ھازىرمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ، بىر قېتىم نىلقىلىق بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە ئويناپ چىققىنىمدا ئۇلرنىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدە توپ تېپىۋىتىپ دىققەتسىزلىكتىن توپ ئۆگزىگە چىقىپ كەتتى. دوستۇم مەن ئېلىپ چۈشەي دەپ ھويلىغا كىرىپ كەتسە مەن ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ ئۆينىڭ كەينىدىكى ئوت چۆپلەرنىڭ ئارىسىدىن تامغا يامىشىپ چىقىپتىمەن. ئۆگزىگە چىقىپ بولغىچىلىك نىمە بولغان پۇتلىرىم بەكلا قىچىشىپ -ئېچىشىپ كەتتى .نېمەبولسا بولسۇن دەپ يامىشىپ چىقىۋېرىپتىمەن . توپنى ئېلىپ چۈشكىنىمدە بولسا ياندىكى ھويلىنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ توپ ئوينىغىنىمىزنى كرۇپ ئولتۇرغان ئىككى ئايال كۈلۈشۈپ كەتتى ، ئۆزەمچە بۇخوتۇنلارغا نىمە بولغاندۇ دەپ كېتىپتىمەن .كىم بىلسۇن دوستۇمنىڭ دەپ بېرىشىچە مەن ئارىسىدىن ئۆتكەن ، پۇتلىرىمنى ئېچىشتۇرىۋەتكەن ئەسلى چاققاق ئوتكەن ئەمەسمۇ ، ئۇ ئاياللار شۇڭا كۈلۈشۈپ مېنى زاڭلىق قىپتىكەن .
