تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 13156|ئىنكاس: 68

پيورل خاربور يۇرتىغا سەپەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
450
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
13268
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 12:46:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتمە: بۇ يېقىندا نەشىردىن چىققان "ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى" ناملىق كىتابىمنىڭ ئايرىم بىر بابى بولۇپ، يەنە بىر  تېمىدىكى بەزى تەكلىپ-پىكرلەرگە ئاساسەن بۈگۈن ئەلكۈيىدە ئەسلى نۇسخسىنى ئېلان قىلدىم. يازما ئۈچ يىل بۇرۇن_  ماگستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا يېزىلغان بولۇپ،بەزى نۇقتىلار ھەققىدىكى قاراشلىرىم ئەينى ۋاقتىتكىدىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن شۇ ۋاقىتتىكى ھېس-تۇيغۇلىرىمنى ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نەشىردىن چىقىش ئالدىدا بۇ بابقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدىم. كىتاب ئۆكتەبىرگىچە بازارغا تولۇق سېلىنىپ بولىدۇ.  بۇ باشقىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئارقىلىق چىققان كىتاب بولغاچقا، تورغا بەك جىق بابلىرىنى يوللىيالمايمەن. ئەسلى كىتاب 21 باب بولۇپ، قالغان 19 بابنى كۆرۈشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ كىتابنىڭ ئۆزىنى سېتۋېلىپ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
        مۇنبەرداشلارغا روزى ھېيتلىق سالام يوللايمەن. ھەممىڭلارنىڭ روزى ھېيتىغا ئالدىن مۇبارەك بولسۇن!
  
                                                                 پيورل خاربور يۇرتىغا سەپەر(2-باب)
                                                          ____" ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە" دىن پارچە

     ئازابلىق تاللاش ، مەنە ئىزدەش سەپىرى
       ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم ، دوست - بۇرادەرلىرىم ، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ نەزەرىدە مەن«تەلەيلىك» ئىدىم . ئۇلار «تەلەي»سۆزىنى ئىشلەتكەندە قانداق ئويلايدۇ ، بۇ ماڭا نامەلۇم . ئەمما ، بىلىش كېرەككى ، بىراۋنىڭ تەلىيى تۇيۇقسىز ئاسماندىن چۈشۈپ قالمايدۇ . ئەشۇ «تەلەي»نىڭ كەينىگە قانچىلىك رىيازەت ، ئەجىر ، تەر سىڭگەن . بۇنى شۇ تەلەي ئىگىسىنىڭ ئۆزىلا بىلىدۇ . سەن باشقىلار ھەۋەس بىلەن تىل چاكىلدىتىدىغان ئەشۇنداق «تەلەي» گە ئېرىشكىنىڭدە ئۇھ دەپ ئۆزۈڭنى تاشلاپ ھوزۇرلانغۇڭ كېلىدۇ . ئەمما كۆپ ھالدا ئۇنداق قىلالمايسەن . ھەتتا بەزىدە تېخى شۇ «تەلەي» دىن تويۇپ ، ۋاز كېچىشكىمۇ مەجبۇر بولىسەن . بۇ ئەخمەقلىقمۇ ؟ بىزارلىقمۇ؟ قانائەتسىزلىكمۇ ياكى «بولغانچە بولغۇم كېلىدۇ» دەپ «تەلەي - ئامەت» نىڭ تېخىمۇ چوڭىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىنتىلىشمۇ ؟ بۇ قېتىم بىھېساب ئەجىر ۋە تالاي جۈرئەت - تەۋەككۇلچىلىكىم بەدىلىگە كەلگەن «تەلەي» لەردىن ئۆزۈم خالاپ تۇرۇپ ۋاز كەچتىم : ياخشى كۆرۈپ قىلىۋاتقان خىزمىتىم ، ئايدا مۇقىم كىرىپ تۇرىدىغان مائاشىم بار ئىدى . ئەمما بۇ قېتىم قىلچە تەۋرەنمەستىن بۇ «زىيان»لارغا چىدىدىم . بەزىلەر بۇنى زىيان دېگەنىدى . مەن دەيمەن : بۇ زىيانمۇ ؟ مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن بەدەل كېرەكقۇ ! «ئېسىت ئەجرىڭ ! . . .» دېدى جاپاكەش ئانام . «راھەتنى تاشلاپ جاپاغا ماڭغان ئەخمەق !» دېدى دىلكەش دوستلىرىم . «چەت ئەلدىكى ئوقۇشىڭىز قاچان تۈگەيدۇ ؟» دەپ ئەپسۇسلۇق ئارىلاشقان سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈشتى ئوقوغۇچىلىرىم .  

          ھەممىسىگە رەھمەت دېدىم ئىچىمدە . ئۆتكۈنچى راھەت ۋە ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا يۇقتۇرۇۋالغان قانائەت تۇيغۇسى ئۆزۈمگە تالىق ھېسلىرىمنى تالان - تاراج قىلىپ مېنى غەپلەتكە چىللاشقا باشلىغاندا ، ئۆز يۇرتۇمدا تۇرۇپ بېرىلىپ ئىشلىسەم قولۇمدىن ئىش چىقىش مۇمكىنچىلىكى بار ئەھۋالدا ، مەن يەنىلا 30 ياشلىق ئۆمرۈمگە چېكىت قويۇپ ئۆزۈمنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئىسلاھ قىلىش قارارىغا كەلدىم - دە ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى تاللىدىم . «سەرخۇش»، ئىجادىيەت ، خىزمەت ، بالا ..... بۇلار مېنىڭ زېمىندا 31 يىل دەسسەپ يۈرۈپ ھېس قىلغان ئەڭ چىن ۋە سەمىمىي خۇشلۇقلىرىم ، ھاياتىمنىڭ ئەڭ تاتلىق تۇيغۇ - مەنىلىرى سىڭگەن نەتىجىلىرىم ئىدى . ھەممىسىگە كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ خوش دېدىم ۋاقتىنچە . بۇ ئۇلارنى تاشلاش ئەمەس ، بەلكى ئەشۇ سۆيۈملۈك نەرسىلەرنى يۈرىكىمگە تاڭغان ھالدا ئۆزۈمنى تېخىمۇ بۈيۈك مەنزىلگە باشلاش ئىدى . ئوغلۇم سۆزلىيەلمەيىتتى ، ماڭىدىغان كۈنۈم تاتلىقلىشىپ بوۋاقلىقىنىڭ ئەڭ يۇمران چاغلىرىغا تەئەللۇق يېڭى - يېڭى قىلىقلارنى چىقىرىۋاتقان ئوغلۇم ياشلىق كۆزلىرىمگە قۇچىقىمدا تۇرۇپ ئۈن - تىنسىز قاراپ كەتتى . 2003 - يىلى ئىيۇندا ، ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» ناملىق كىتابقا يېزىپ بەرگەن بېغىشلىمىسىنى ئالغىلى ئۆيىگە بارغان چېغىمدا ، ئۇ كۆيۈنۈش ئاھاڭىدا بالدۇرراق توي قىلىشىمنى جېكىلەپ : «ئۆيلەنمەي تۇرۇپ ، بالىلىق بولماي تۇرۇپ مۇكەممەل ئەر بولالمايسىز . ئائىلىنىڭ لەززىتىنى بالىلىق بولغاندا بىلىسىز» دېگەنىدى . راست ئېيتىپتىكەن ، بۇلماقتەك ئوغلۇمنى قۇچىقىمغا ئېلىپ ھەر قېتىم تويماي پۇراپ كەتكەنلىرىمدە ، بىر خىل بۇرچ تۇيغۇسى ۋە ئۈمىد ئارىلاشقان تاتلىق بىر خۇشاللىق ئىچ - ئىچىمنى يايرىتىۋېتەتتى ؛ بالامدىن 31 ياش بۇرۇنقى ئۆز ئەكسىمنى كۆرگەندەك بولاتتىم - دە ، ئانامغا ، مەرھۇم دادامغا بولغان قايىللىق ، سۆيۈنۈش تۇيغۇسىغا ، يېڭىچە ئارمانلارنىڭ قۇچىقىغا بۆلۈنەتتىم . مانا ئەمدى قىيالماسلىق بىلەن بۇ خۇشاللىقلارغا خوش دېمەكتە ئىدىم . ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكا «مۇكەممەل ئەر» دېگەندە نېمىنى كۆزدە تۇتقان بولغىيتتىكىن ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم . ئەمما ، ھازىر ئويلىسام ئەركەك بولغاندىكىن قۇربان بېرىشلەرگە ، جاپالارغا ، ھايات ھەر بىر پەللىسىدە تاسقىغان چاغدىكى دىشىۋارچىلىقلارغا چىداش كېرەككەن . ھەر قانچە كامىل ئادەمنىڭ قاشقىسىغىمۇ «مۇكەممەل ئەر» دېگەن خەت يېزىلغان ئەمەس . ئەمما ئۆزىگە خاس سېزىمى يوقالمىغان ، ئۆزىدىن ھالقىشنى ئادەت قىلغان روھنىڭ ئادەمنى يېڭىچە بىر سەپەرگە - ئۆزىنى ئىزدەش سەپىرىگە باشلايدىغانلىقىدا گەپ يوق . مانا مۇشۇ سەپەرگە ۋە شۇ سەپەردە مۇقەررەر دۇچ كېلىدىغان سىناقلارغا دادىللىق بىلەن يۈزلىنەلىگۈدەك ئادەم مۇكەممەل بولالمىسىمۇ ، ھېچبولمىغاندا بارغانسېرى پىشىدۇ ، يېتىلىدۇ .
           ئەلۋەتتە ، چەت ئەلدە ئوقۇش ھەممە نەرسىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر خىل «تەلەي» ، بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ چىققىلى بولمايدىغان چوققا . ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم ساھەسىدە «تەلەي»دەيدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا كىم ئىشىنەركىن ؟ ئەگەردە بار دېگەندىمۇ ، ئۇ چوقۇمكى مېھنەتنىڭ مېۋىسى . ئەمما يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتى ماڭا تەلەيگە ئوخشاش ئوڭايلا نېسىپ بولدى . توي قىلغىنىمغا يېرىم يىل بولغاندا ئاۋۋال ئەنگىلىيىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتى (Nottingham University) نىڭ «جەمئىيەتشۇناسلىق» كەسپىدىن ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئەنگلىيە كىل ئۇنىۋېرسىتېتى (Keele University) نىڭ ئىنگلىز تىلى ئەدەبىياتى كەسپىدىن ماگىستىرلىقتا شەرىتسىز ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالدىم . ئىزدىنىش ، توختاۋسىز ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بەدىلىگە كەلگەن بۇ چاقىرىقلارنى دەڭسەپ قايسى ئۇنىۋېرسىتېتتا ، قايسى كەسپتە ئوقۇشۇم كېرەكلىكىنى بىلمەي يۈرگەن چاغلىرىمدا «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» (Ford Foundation Scholarship) غا ئېرىشكەنلىكىم ھەققىدە خۇشخەۋەر تاپشۇرۇپ ئالدىم . «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زور سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بولۇپ ، ئامېرىكا فورد ساخاۋەت تەشكىلاتى ئۇنى دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چەت ئەللەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئوغۇچىلارغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ، دۇنيا مىقياسىدا نامراتلىق ۋە قالاقلىقىنى يوقىتىش مەقسىتىدە تەسىس قىلغانىدى . ئەنگلىينىڭ بايا تىلغا ئېلىنغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقۇيدىغان بولغاچقا ، ئىككىلەنمەيلا « فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» بىلەن ئوقۇشنى تاللىدىم . بۇ تاللاش چەت ئەلگە بىر يىل كېچىكىپ تۇرۇپ مېڭىشىمدىن ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يېرىم يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا تېلېفون پۇلىدىن ئوقۇش پۇلىغىچە بولغان ھەر قانداق خىراجەتتىن غەم قىلماي تۇرۇپ ئوقۇشۇمدىن دېرەك بېرەتتى .2007 - يىلى 28 - فېۋرال «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» ھەيئىتىنىڭ بېيجىڭ ئىش باشقارمىسىدىكى خادىملار يانفونۇمغا تېلىفون قىلىپ ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدىن چاقىرىق كەلگەنلىكىنى ، ئىيۇننىڭ ئاخىرىدا يولغا چىقىشىم كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى . ھەم خوشال بولدۇم ، ھەم جىددىيلەشتىم . خوشاللىقىمنى چۈشىنىشكە بولاتتى . ئەمما جىددىيلىشىشىمدىكى سەۋەب ، بالامنىڭ تۇغۇلۇشىغا بىر ھەپتىچە ۋاقىت قالغانىدى . خۇداغا شۈكۈر ، بالام ساق - سالامەت تۇغۇلدى . ئوقۇشنىڭ تەييارلىقىنى جىدىيلىشىپ تۈگەتتىم .
       20 - ئىيۇن ، مەن ئۈرۈمچى ئايروپورتىدىن قوزغىلىدىغان كۈن . ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ئايروپورتقا  ئانام ، تۆت ئاكام ، ئىنىم ئۇزاتقىلى چىقتى . ھەممەيلەن بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ خوشلاشتىم . مېنىڭ كۆزۈمدە ياش ، ئانامنىڭ كۆزلىرىدە ياش . ئاكا - ئىنىلىرىم يىغلىماسلىققا تىرىشىپ تۇرغىنى بىلەن ، خوشلىشىش ئالدىدىكى مۇرەككەپ ھېسلىرى چاناقلىرىدىن مەلۇم . ئانامنىڭ كۆزىدىكى ، مېنىڭ كۆزۈمدىكى ياشنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان سىر ھەممىمىزگە ئايان . بارسا كەلمەس يولغا ماڭمىغاندىكىن ، يىغلاش بىھاجەت ئىدى . ئەمما ، چاقىرىق كېلىپ ماڭغۇچە بولغان ئارىلىقتا يازسا رومان بولغۇدەك مۇرەككەپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈم . ئىشقىلىپ ، مېڭىشتىن بۇرۇن چەت ئەلگە بىلىم  ئېلىش ئۈچۈن ماڭىدىغان ھەر بىر ئىلىم ئىگىسى تەبىئىي ھالدا باشتىن كەچۈرىدىغان ئەگرى-توقاي جەريانلارنى بېسىپ ئۆتتۈم .
          «بالاڭدىن خاتىرجەم بول » دېدى يىغلاپ تۇرۇپ ئانام . «ياخشى ئوقۇپ كېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمىز . ئوقۇ ، ئەمما قولۇڭدىن ئىش چىقسۇن !» دېدى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىدىغان ئاكام . قايسىبىر كىتابتىن : «ئادەم بۇ دۇنيادا ئاخىرقى ھېسابتا نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟» دېگەن سوئالغا «سۆيۈش - سۆيۈلۈش ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بېرىلگەنلىكىنى ئوقۇغانمەن . ئەمدى بۇ جاۋابنىڭ ۋەزنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتاتتىم . مەن ئۆزۈمنىڭ ئەقىدىسىگە بولغان ئېتىقادىم ، ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەتقىقاتىغا بولغان ئىخلاسىم ، خەلقىمگە ۋە ئائىلەمگە بولغان مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن راھەتتىن ۋاز كېچىپ ، ئازابلىق تاللاشلارغا چىداپ بۇ سەپەرگە چىقىۋاتاتتىم . ئائىلەمدىكلەر ماڭا بولغان مۇھەببىتى ، مەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى گەپ بىلەن ئەمەس ، بالا جاپاسىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن ئىپادىلەۋاتاتتى . ئادەمنى تىنىمسىز ئۈمىدۋار ياشاشقا ، يېڭى پەللىگە ئۈندەيدىغان ئامىللار ئىچىدە سۆيۈش - سۆيۈلۈش تۇيغۇسىنىڭ كۈچى نەقەدەر زور- ھە ! ئەمما ، ئادەمنىڭ ئۆز خەلقىگە ، تۇپرىقىغا ، ئائىلىسىگە بولغان مۇھەببىتى غايەت زور بەدەل تەلەپ قىلىدۇ .

              2007 -يىل  22- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ئايروپورتىدىكى جىددىي تەكشۈرۈشلەردىن تەرلەپ - تەپچىرەپ دېگۈدەك ئۆتۈپ ، كورىيە سېئول ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ھونولۇلۇغا بارىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا چىققىنىمدىلا ئۆزۈمنىڭ چەت ئەل سەپىرىگە مېڭىۋاتقىنىمغا تولۇق ئىشەنچ قىلدىم . جىددىيلىكىم پەسەيگىنى بىلەن ، بېشىم سەل ئاغرىشقا باشلىغانىدى . ئۈستىۋېشىمدىن قۇيۇلۇۋاتقان تەرنى سۈرتكەچ ئايروپىلان ئىچىگە سەپسالدىم . ئايروپىلاندا كۈتكۈچىلىك قىلىۋاتقان كورىيە قىزلىرى ھەقىقەتەنمۇ سىپايە ، چىرايلىق ئىدى . بەل تاسمىسىنى باغلىۋېلىشىمنى راۋان ئىنگىلىز تىلىدا تاپىلاۋاتقان كۈتكۈچى قىزغا ، ئۇنىڭ چىرايىدىكى يېقىملىق كۈلۈمسىرەشكە قاراپ ئىختىيارسىز تونى بىلايىرنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان ئەنگلىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئانتونى گىددىنس  (Anthony Giddens) نىڭ «جەمئىيەتشۇناسلىق» (لوندون پۇلىتىي نەشرىياتى 2001 - يىل نەشرى) ناملىق كىتابىدىكى «تۇيغۇ ئەمگىكى» دېگەن گەپنى ئەسلەپ قالدىم .
            كورىيىلىك قىزنىڭ ماڭا قىلغان ئادەتتىكىچە تەبەسسۇمى تەبىئىي ، يېقىملىق . ئەمما بۇ كۈلۈمسىرەش ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان بولۇشى ناتايىن . تۇيغۇ ئەمگىكى - كىشىلەرنىڭ خوجايىنىغا ، ئېلىۋاتقان مائاشىغا يۈز كېلىش ئۈچۈن جىسمانىي كۈچىنىلا ئەمەس ، تۇيغۇسىنى ، ھېسسىياتىنى سەرپ قىلىش جەريانى . «ئارمان» تاللا بازىرىدىكى ، «مىراج» تېز تاماقخانسىدىكى ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ، يەنە بۇ ئايروپىلاندىكى كورىيىلىك قىزنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم ئەمەلىيەتتە بىر خىل تۇيغۇ ئەمگىكى . ئۇلار مانا مۇشۇنداق تەبىئىي كۈلۈمسىرەش ئۈچۈن تالاي قېتىملاپ مەشقلەندۈرۈلگەن . ئەگەر مۇمكىن بولسا ئىدى ، بۇ قىزلارنىڭ تۇيغۇ ئەمگىكىگە قاتنىشىۋاتقان چاغدىكى كۈلۈمسىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان يىگىتىنىڭ سۆيگۈ ئىزھارىنى ئاڭلىغان چېغىدىكى كۈلۈمسىرىشنى سېلىشتۇرۇپ باقساق ، بۇ كۈلۈمسىرەشلەرنىڭ چىنلىق ، تەبىئىيلىك دەرىجىسىدىكى پەرقلەر ئۆزلۈكىدىن مەلۇم بولاتتى . جەمئىيەتشۇناسلىق ئەمەلىيەتتە مۇشۇ پەرقنىڭ كەينىدىكى ئىجتىمائىي سەۋەبكە بەكرەك دىققەت قىلىدىغان قىزىقارلىق پەن . مەن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىگە ئۆزۈم خالاپ كىرىشكەندىن بۇيان خىيالچان ، شەكىلدىن ماھىيەتنى ئىزدەشكە كۈچەيدىغان بولۇپ قالدىم . «يەنە بىر كۆرسەم» فىلىمىدىكى يوڭجۇنىڭ ئەدەبلىك سالام - سەھەتلىرىنى ئەسلىتىدىغان كورىيىلىك كۈتكۈچى قىزلارنىڭ چىرايىدا بىر خىل نۇر بار ئىدى . بۇ نۇر ماڭا نېمىشقىدۇر كورىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن ئازراق بولسىمۇ مۇناسىۋىتى باردەك تۇيۇلدى . قىزلارنىڭ چىرايىدىن  يېقىملىق بىر گۈزەللىك بىلەن ئۆزگىچە بىر نۇر بالقىپ تۇراتتى . ئادەم ئۆز ۋەتىنى ۋە جەمئىيىتىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلسا ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىقۇۋۇللۇق ۋە ئىلاجىسىزلىقتىن قۇتۇلسا ، قىلىۋاتقان ئىشىدىن سۆيۈنسە ، تەبىئىي ھالدا چىرايىدا نۇر پەيدا بولىدىغان گەپكەن . بەش - ئالتە يىل بۇرۇن رېئاللىق ھەققىدە ھېسسىي بىلىش باسقۇچىدا تۇرۇپ قالغان ، ھاياجان بىلەن يۈرگەن چاغلىرىمدا ، مېنىڭ چىرايىمدىمۇ ئاشۇنداق بىر نۇر بار ئىدى . ئەمدى ھەر قانچە زورلاپمۇ چىرايىمغا بۇنداق نۇرنى چىقىرالمىغۇدەكمەن . چىرايىمدا نۇر بولمىسا ھېچگەپ ئەمەس ، ئەمما قەلبىمدە ئىمان  بولسا ، ماڭا بىردەملىك مەنپەئەت ئاتا قىلغان رېئاللىقىمغا ئالدانمىسام ، ھاياتنىڭ مېنى ھالسىراتقان تۈگۈنچەكلىرىنى ماھىيىتىدىن چۈشىنىشكە تىرىشسام ، ماڭا تۇز بەرگەن تۇپرىقىمغا ، سۆيۈش - سۆيۈلۈش تۇيغۇسى ئاتا قىلغان سۆيۈملۈك خەلقىمگە ئاسىيلىق قىلمىسام ، روھىي دۇنيارىمنىڭ ھامان نۇر بىلەن  تولىدىغانلىقى ئېنىق . مەن ئاشۇنداق تەگسىز خىياللار ئىچىدە بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئايروپىلان دېرىزىسىدىن سىرتقا سەپسالدىم . كاللام خىيالدىن نېرى بولىدىغاندەك ئەمەس . ھېلى قۇربان بېرىشلىرىمنىڭ ۋەزنى ، ئەھمىيىتى ئۈستىدە  ئويلانسام ، ھېلى ئەمدى دۇچ كېلىدىغان يېڭى مەسىلىلەر ھەققىدە باش قاتۇراتتىم .

يېڭى ماكان ، مەدەنىيەت ئەندىكىشى  
        ھونولۇلۇ - ئامېرىكا ھاۋاي شىتاتىنىڭ مەركىزى ، خەلقئارالىق داڭلىق ساياھەت شەھىرى . ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «جەننەتنىڭ قەھرى» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى مۇشۇ يەردە سۈرەتكە ئېلىنغان . تارىختىكى داڭلىق «پىيۇرل خاربور» ۋەقەسى مۇشۇ جايدا يۈز بەرگەن . 1941- يىلى يازدا ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ پىيۇرل خاربوردىكى ھەربىي بازىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ، ئامېرىكىنى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى قاينىمىغا سۆرەپ كىرگەن . مەن ئوقۇيدىغان ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ شىتاتتىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت . بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوكيانشۇناسلىق كەسپى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق ، تىلشۇناسلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرى ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارىسىدا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە . جۇڭگونى تەتقىق قىلىدىغان مۇنەۋۋەر مەجمۇئە «جۇڭگو تەتقىقاتى» مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ . بۇ يىل ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى . ئامېرىكا پارلامېنتى مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان «شەرق - غەرب تەتقىقات مەركىزى» ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا . ماڭا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ بىر قىسىمىنى مۇشۇ مەركەز كۆتۈرىدۇ . بۇ مەركەزنىڭ ئادىمى بولغاچقا ، بىز باشقا ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا بىر مۇنچە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە . تۆت قەۋەتلىك شەرق - غەرب تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىناسى بىز ئۈچۈن ئوچۇق . مەخسۇس ياسىتىلغان ئاچقۇچ بىلەن كومپىيۇتېرخانىغا 24 سائەتنىڭ خالىغان ۋاقتىدا كىرىپ مەشغۇلات قىلساق ، پرېنتېردا ماتېرىياللارنى قانچىلىك بېسىپ چىقارساق بولۇۋېرىدۇ . ئاسىيا ھەققىدىكى ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان بىر مۇنچە ئىلمىي ئەمگەكلەر مانا مۇشۇ مەركەزدە روياپقا چىقىدۇ .
            مەن ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ دەسلەپكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە چەت ئەلگە يېڭى چىققان ئادەم مۇقەررەر دۇچ كېلىدىغان «مەدەنىيەت ئەندىكىشى» جەريانىنى باشتىن كەچۈردۈم . دەسلەپتە بۇ شەھەرنىڭ گۈزەللىكىدىن ، پاكىزلىقىدىن ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ باغچىنى ئەسلىتىدىغان مۇھىتىدىن ھەيران قېلىپ ھاياجان ئىچىدە يۈرگەن بولسام ، بارا - بارا ئۆينى ، بالىنى سېغىنىش تۇيغۇسى كۈچىيىپ ، تاماق ئېتىش ، كىر يۇيۇش قاتارلىق بىر قاتار يېڭىچە مەسىلىلەر ئالدىمغا قويۇلدى. نېمە ئامال ؟ قورساق ياكى غېرىبسىنىشنى دەپلا چىدىماسلىق قىلىش غايىلىك ئوغۇلبالىنىڭ ئىشى ئەمەستە!؟ نەزەرىمنى كۆز ئالدىمدىكى دۇنياغا ۋە بۇ كۈنلەردىن يەيدىغان رىزق - نېسىۋەمگە تىكمىسەم بولمايىتتى . شۇ ئارقىلىقلا تۆلىگەن بەدەلگە تۇشلۇق نەپكە ئېرىشىشىم مۇمكىن ئىدى . بۇ ھەم مېنى ياشلىق كۆزلىرى بىلەن ئۇزىتىپ قالغان ھەربىر مېھرى ئوت قېرىندىشىمغا يەتكۈزەلەيدىغان ھەقىقىي جاۋاب ، كۆيۈنۈش ، سۆيۈش بولاتتى . نەزەرىمنى ئەتراپىمغا ئاغدۇردۇم . مەن يېڭى بىر يەرگە بارسام تەبىئىي مەنزىرىلەردىن كۆرە يېڭى ئۇچۇرلارغا، ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا بەكرەك دىققەت قىلىمەن ۋە تەبىئىي ھالدا ئۇنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھالقىلارغا باغلاپ تەھلىل قىلىمەن . بەلكىم بۇ جەمئىيەتشۇناسلىققا ئىشتىياق باغلىغىنىمدىن كېيىن مەندە شەكىللەنگەن كەسپىي مىجەز بولۇشى مۇمكىن .  
             مېنى ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندە ھەممىدىن بەكرەك ھەيران قالدۇرغىنى ئىجتىمائىي سورۇنلاردىكى ئىشەنچ مېخانىزمى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۆزگىچە بىر خىل ساغلام كەيپىيات بولدى . بايا ئىسمىنى تىلغا ئالغان شەرق - غەرب تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىناسىغا مۇشۇ يەرنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خالىغان ۋاقىتتا كىرەلەيتتۇق . بىنالارنى باقىدىغان كۆزەتچى يوق ئىدى، توكلار ئۆچۈرۈلمەيتتى، كارىدورلارغا قويۇلغان ئاسىيا تەتقىقاتى ھەققىدىكى كىتاب ئىشكابلىرى ۋە كومپيۇتېرخانىلارغا قۇلۇپ سېلىنمايىتتى . بىز تۇرىدىغان ئاسپرانتلار ياتاق بىناسىدا كۆپچىلىك ئورتاق ئىشلىتىدىغان توڭلاتقۇ ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ، مۇنچا قاتارلىقلاردىن سىرت ، ئوقوغۇچىلارنىڭ شەخسىي توڭلاتقۇلىرى ، ئاشخانا سايمانلىرى ، قاچا - قۇچا ئىشكاپلىرىغا قۇلۇپ سېلىنمايىتتى ؛ سوپۇن ، چاچ پاراشۇكلىرى مۇنچىلاردىكى ھەر بىرەيلەنگە ئاتاپ ياساپ بېرىلگەن ئىشكاپلارغا قويۇلاتتى ، ئەمما ئىشكاپلار قۇلۇپلانمايىتتى . مەن ئۇنىۋېرسىتېتقا كەلگەن تۇنجى ھەپتىسى ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا تەبىئىي ھالدا يېتىلدۈرۈۋالغان ئۆزۈمگە پۇختا بولۇش ، ياتلاردىن خەۋپسىرەش تۇيغۇسى مېنى بەكلا ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى . كەلگەن كۈنۈمنىڭ ئەتىسى ۋەتەندىن ئەكەلگەن قاچا - قۇچىلارنى جايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوپچە ئىشلىتىدىغان ئاشخانىغا كىردىم . ماڭا تەقسىملەنگەن سىفىرلىق قاچا - قۇمۇچ ئىشكاپى ئوچۇق ئىدى . ئۆزۈمچە مەخپىي نومۇر ئورناتماقچى بولۇپ خېلى ھەپىلەشتىم . ئەمما ئىشكاپنىڭ ئىشىكى ئېتىلمىدى . قانداق قىلىشنى بىلمەي تۇرسام ، نېرىدىكى ئوچاقتا تاماق ئېتىۋاتقان چەت ئەللىك ئوقوغۇچى (ئىسمىنىڭ ئاچكۈن، گرېتسىيىلىك ئىكەنلىكىنى كېيىن ئۇقتۇم) يېنىمغا كېلىپ مەندىن ئىنگلىزچە سورىدى :
- جۇڭگودىن كەلگەن ئوخشىمامسىز؟
- ھەئە ، - دېدىم مەن ئۇنىڭ قانداق بىلىۋالغىنىغا ھەيران بولۇپ ، - جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز ؟
- بىزنىڭ بۇ ئاشخانىدا ئۈچ - تۆت جۇڭگولۇق ئوقوغۇچى بار ، - دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ، - ئادەتتە جۇڭگولۇق ئوقوغۇچىلاردىن باشقىلار قاچا - قۇچا ئىشكاپلىرىنى ئېتىپ يۈرمەيدۇ . ئەمەلىيەتتە ئەنسىرىشىڭىز بىھاجەت . بۇ يەردە ھەممەيلەن ئاڭلىق . بىر - بىرىمىزگە ئىشىنىمىز ، ھېچئىش بولمايدۇ ، نەرسىلىرىڭىزنى قويۇۋېرىڭ .
مەن ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم . لېكىن يەنىلا خاتىرجەم بولالمايۋاتاتتىم .
- ئەگەر ئىشكاپىڭىزنى راستىنلا ئەتمەكچى بولسىڭىز ، - دېدى ئۇ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك ، - بىرىنچى قەۋەتتىكى تىزىملاش ئورنىغا چۈشۈپ مەخپىي نومۇر ئىلتىماس قىلىڭ .
بىرىنچى قەۋەتتىكى تىزىملاش ئورنىغا چۈشۈپ مەخپىي نومۇر ئىلتىماس قىلىدىغان جەدۋەلنى تولدۇرۇۋاتسام ، بىزنى ئايرودرومغا ئالغىلى چىققان ياپونىيىلىك قىز ئازۇسا ئۇچراپ قالدى .
      - نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟ - دەپ سورىدى ئۇ يېنىمغا كېلىپ ياپونچە پۇراق خېلى ئېغىر ئىنگلىز تىلىدا .
- قاچا - قۇچا ئىشكاپىغا مەخپىي نومۇر ئىلتىماس قىلاي دەيمەن .
ئازۇسا كۈلۈپ كېتىپ چاقچاق ئارىلاش قوشۇپ قويدى :
- قارىغاندا جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوغرى جىق ئوخشىمامدۇ ؟ بۇ دېگەن كوچا ئەمەس ئۇنىۋېرسىتېت ، بىر - بىرىمىزگە ئىشەنمىسەك قانداق بولىدۇ؟
ياپونىيىلىك قىز بۇ گەپنى چاقچاق تەرىقىسىدە دېگەن بىلەن ، ماڭا باشقىچە تەسىر قىلدى . ئۇ ئاشۇنداق تۈز قىز ئىدى .
- سىلەر جۇڭگولۇق ئوقوغۇچىلار بەك ئېھتىياتچان كېلىسىلەر ، - دېدى ئازۇسا كۆڭلۈمدىكىنى سەزمەيلا تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن ، - ئادەتتە ئىشكاپلىرىمىزنى ھېچقايسىمىز ئەتمەيمىز .
مەن يەنە بىر قېتىم ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم . ئازۇسا ماڭا خوش دەپ يولىغا راۋان بولدى . مەن ئاخىرى قولۇمدىكى قەلەمنى قويۇپ تىزىملاش ئورنىدىكى ئامېرىكىلىق قىزغا دېدىم :
-    بولدى ، مەخپىي نومۇر ئىلتىماس قىلماي . سىزنى ئاۋارە قىلدىم .
-    ھېچقىسى يوق ، - دېدى قىز مۈرىسىنى چىقىرىپ قويۇپ .
شۇنداق قىلىپ مەن قاچا - قۇچا ئىشكاپىغا مەخپىي نومۇر ئىلتىماس قىلمىدىم . ئەمما، بىر نەچچە ھەپتىگىچە يەنىلا تازا دېگەندەك خاتىرجەم بولالمىدىم . ئارىدىن ئىككى - ئۈچ ئاي ئۆتسىمۇ مەن ئەنسىرىگەن ئىشنىڭ ھېچقايسىسى يۈز بەرمىدى .
            بېشىمدىن ئۆتكەن بۇ ئاددىيغىنا كەچۈرمىش مېنى «ئىشەنچ» دېگەن سۆز ھەققىدە خېلىغىچە ئويلاندۇردى . فرانك كرايىن : «ھەممىلا ئادەمگە ئىشىنىپ كەتسەڭ بەلكىم ئالدىنىپ قېلىشىڭ مۇمكىن ، ئەمما ھېچكىمگە ئىشەنمەي ئۆتكەن ھايات بەكمۇ لەززەتسىز » دېسە ، رالف ۋالدو ئېمرسون : «ئادەملەرگە ئىشەنگىن ، شۇندىلا ئۇلار ساڭا سەمىمىي بولىدۇ ؛ ئادەملەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل ، شۇندىلا ئۇلارنىڭ يەنە بىر يارقىن تەرىپىنى كۆرەلەيسەن » دەيدۇ . بىز كىچىكىمىزدىنلا ئۆزىمىزگە پۇختا بولۇش ، باشقىلارغا ئالدىنىپ كەتمەسلىك ھەققىدىكى ۋەز - نەسىھەتلەر ئىچىدە چوڭ بولىمىز . ئەمما ، جەمئىيەت پىسىخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا، زىيادە خەۋپسىرەش ۋە ئېھتىياتچانلىق تۇيغۇسى ئادەمنىڭ خاتىرجەملىكىنى مەڭگۈ تىنچ قويمايدىغان بىر خىل پىسىخىكىلىق كېسەل . گەرچە پەرقلىق جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەھۋالى بىزنى ئېھتىياتچان بولۇشقا ئۈندەپ تۇرسىمۇ ، بىر جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي ھاۋاسىنى ئىشەنمەسلىك ، خەۋپسىرەش ، نامەلۇم ئەندىشە كەيپىياتى قاپلاپ كەتسە ، ئۇنداقتا بۇ جەمئىيەتنىڭ ئادەملىرىدە شەخسىيەتچىلىك ، بىھۇدە شۈبھىلىنىش خاھىشى ئېغىرلاپ كېتىدۇ - دە ، زېھىن خورايدۇ . مېڭىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغان ۋاقتى ئازلاپ قالىدۇ . بۇ ھال بىر مىللەتنىڭ پۈتكۈل نەزەرىيىۋى تەپەككۇر قۇۋۋىتىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز . ئەمما ، مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرۈش كېرەككى ، ئىقتىسادىي نامراتلىق تۈگىمىگەن ، مۇھتاجلىق مەسىلىسى تەلتۆكۈس ھەل قىلىنمىغان ، مەنىۋى ساپا ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىپ ئۈلگۈرمىگەن ، كىشىنىڭ ھەققىگە كۆز سالمايدىغان پاكىز قەلب ئاۋام ئارىسىدا يىلتىز تارتالمىغان جەمئىيەتتە ئادەمنىڭ خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ھەرگىزمۇ قانائەتلەنمەيدۇ . بۇ ھالدا ئىشەنچتىن سۆز ئېچىش تەس .

داۋامى بار

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

يېڭى يۇلتۇز

تارىم-مەڭگۈلۈك ت

UID
14441
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-8-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 13:56:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىز بەك سىڭىشلىك،كىتابىڭىز قاچان نەشىردىن چىقىدۇ؟بەكلا كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى،بۇ ئەسەرنىمۇ تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز،كۆرۈپ تولىمۇ خوشال بولدۇم.بۇ ئەسەرنى <<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>>ژۇرنىلىدا ئوقۇغاندەك ئىسىمدە بار،جەمىياتشۇناسلىق بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بوشلۇق ئىدى،سىز بۇنى تولدۇردىڭىز،سىزدەك تىرىشچان تەتقىقاتچىلارغا تولىمۇ مۇھتاج.سىزدىن ئۆتۈندىغان بىر ئىشىم بار،تارىم تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ،جەمىياتشۇناسلىققا باغلاپ،بىرەر تەتقىقات ئەسىرىنى روياپقا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،مېنىڭچە،بۇ ئىش قولىڭىزدىن كېلىدۇ.

ئىدىيىدىكى قاتماللىق،روھىيەتتىكى گادايلىق،ئەقىلدىكى كەمتۈملۈك،ئىرادىدىكى بوشاڭلىق تۈپەيلى زامان بىزگە تار كۆرۈنىۋاتىدۇ.

ئۈمىدلىك ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13062
يازما
60
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
610
تىزىملاتقان
2011-7-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 16:58:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابىڭىزنى چۇقۇم سېتىۋالىمەن.

مىللەت

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
261
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8481
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 17:03:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم سىزنىڭ ئىمان -ئىتقاتلىق تىرىشچان مۇسۇلمان پەرزەنتى ئىكەنلىكىڭىزنى يازغان تىمىڭىزنى ئوقوغان ھەربىر ئوقورمەن مىنىڭچە چوقۇم بىلىپ يىتەلەيدۇ . مىنىڭ بىر تەكلىۋىم بار ئىدى، لىكىن بۇنى سىز ھەرگىز باشقىچە ئويلاپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن . بۇ تور دۇنياسىدا بولسىمۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمنى ئومۇملاشتۇرساق دىگەن ئۈمۈدتە مەن ، سىزدەك تەسىرى چوڭلار بۇنداق سالامنى قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرسە قالغان ئەگەشكۈچىلەرگىمۇ پايدىسى بار دەپ قارايمەن . پەيغەمبەر ئەلەيھى سالاممۇ سالامىنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار دىگەن ئەمەسمۇ . نەشىرياتتا يىزىشقا ئامال بولمىغان بىلەن توردا بولسىمۇ شۇنداق باشلىغان بولساق مۇمكىن بولسا ئومۇملاشتۇرساق . چۈنكى مۇسۇلمانلار ئالدى بىلەن باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە بىرىنجى بولۇپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەيدۇ ئەمەسمۇ .
بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز-قارشىم باشقىلارنىڭ ماڭا باشقىچە ئىنكاس يازماسلىقىنى ئۈمۈد قىلمەن

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
256
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8277
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 17:26:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلپىقار ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى  كۆرۈش يەنە نىسىپ بولدى.شۇنداق خۇش بۇلىۋاتىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13761
يازما
60
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1800
تىزىملاتقان
2011-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 19:01:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداش  ئۇيغۇرزادە____ سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزغا مەن بەك يېقىندىن دىققەت قىلىمەن...                    " ياخشى ئوقۇپ كېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمىز. ئوقۇ،  ئەمما قولۇڭدىن ئىش چىقسۇن !"  ئاكىڭىزنىڭ مۇشۇ سۆزلىرىنى مەن تەستىقلاپ ئۆتمىسەممۇ، ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان سۆز.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
450
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
13268
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 20:19:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى
         ماڭا يېڭىلىق تۇيۇلغان ئىككىنچى ئىش ھاۋايدا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۆلەكچە يېقىنلىقى بولدى . ھاۋاي شىتاتى تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغاچقىمۇ ، ئادەم ، ئوكيان ، تەبىئەت ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي ھالدا گارمونىك بىر مۇناسىۋەت پەيدا بولۇپ ، بۇ جاينى ئىسمى - جىسمىغا لايىق داڭلىق ساياھەت شەھىرىگە ئايلاندۇرغانىدى .
         ھاۋايغا كەلگىنىمىزگە بىر ھەپتە بولغان كۈنى «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن «ھاۋايدىكى بىھىشباغ» دەپ نامى چىققان گۈزەل جاي ۋايكىكى ئارىلىغا ساياھەتكە باردۇق . ۋايكىكى ئارىلى - ئامېرىكا تېلېۋېزىيە فىلىمى«جەننەتنىڭ قەھرى» سۈرەتكە ئېلىنغان جاي ئىدى . ئۈرۈمچى – دېڭىزدىن ئەڭ يىراق شەھەر ، كىشىلەرنىڭ تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىپ كاللىسىنى سەگىتىپ كېلىشى ئۈچۈن سائەتلەپ يول مېڭىشىغا توغرا كېلىدۇ . مەن 1995 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئىچكىرىدە دېڭىزنى ئاران بىر قېتىم كۆرگەن . ئۇزاق مۇددەت بېكىك ، تار مۇھىتتا ھەقىقىي كەڭ تەبىئەتتىن ئايرىلىپ ياشىغاچقىمۇ ، ۋايكىكىغا بارغان كۈنى بۇ ئارالدىكى تەبىئەت گۈزەللىكتىن ئاغزىمنى  ئېچىپ قالدىم . شەھەرنىڭ چېتىدە – ئاسمانپەلەك ھەيۋەت مېھمانخانىلار ، رەت - رەت پاكىز كوچىلار يېنىدا بىزگە تېلېۋىزوردىنلا كۆرۈشكە نېسىپ بولىدىغان گۈزەل تىنچ ئوكيان مەنزىرىسى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ . ئوكياننىڭ قىرغاققا يېقىن قىسىمىدا راھەتلىنىپ سۇ ئۈزۈۋاتقان ، ساھىلدا سۇ كېچىپ، سۇ چېچىشىپ ئويناۋاتقان ، تېخىمۇ يىراقتا قورقماي سۇ كانكىسىدا تېيىلىپ ئويناۋاتقان كىشىلەر تىنچ ئوكياننىڭ سۈرىدىن ئەنسىرەيدىغاندەك ئەمەس . بىرنەچچەيلەن ئىككى - ئۈچ ياشلىق بالىلىرىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرگىنىچە سۇغا ئەكىرىپ ئويناتماقتا . قىرغاققا 300 مېتىر كېلىدىغان جايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ، تەرتىپكە مەسئۇل بىرەر كىشىنى ، قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيىۋالغانلارنى ياكى جىددىيلىشىش ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ ( كېيىن ئۇقسام ، ئوكياندا دولقۇن قاتتىق كۆتۈرۈلىدىغان كۈنلىرى ئالدىن سىگنال بېرىلىپ سۇغا چۈشۈش چەكلىنىدىكەن ) . زۇمرەتتەك سۈزۈك ئوكيان سۈيى ، قىرغاق بىلەن كوچىلارنى ئايرىپ تۇرغان ئېگىز ئارچا دەرەخلىرى ، غۇر - غۇر شامال ئېلىپ كېلىۋاتقان نەمخۇش ھاۋا ، ساياھەتچىلەر سوزۇلۇپ ياتقان توپىرەڭ ساھىل ئادەمگە جىددىيلىكنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ، ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات ئاتا قىلاتتى .
                 مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەرلەرنىڭ بىرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىمغا ئەمدى شەكسىز ئىشەندىم ۋە سۆيۈندۈم . ئەمما جىق نەرسىلەرگە ھەيران قېلىشتىن خالىي بولالمىدىم . ئېگىز ، زىلۋا قىزلارنىڭ ئىچ كىيىمى بىلەنلا كوچىلاردا مېڭىشلىرىنى ، ئەر - ئايال ، قىز - ئوغۇللارنىڭ يالىڭاچ دېگۈدەك بىر يەردە سۇ ئۈزۈشلىرىنى ، تېخى يېقىندىلا تونۇشقان بەزى شاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىراپ - تېنەپ يېشىنىپ سۇغا ئۆزىنى ئېتىشلىرىنى قوبۇل قىلالمايىتتىم . شۇڭا ساۋاقداشلىرىم سۇغا چۈشۈشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ ، ساھىل بويىدىكى ئورۇندۇقتىن قوپماي ئولتۇردۇم . خىياللىرىمنىڭ ئاخىرى چىقىدىغاندەك ئەمەس .
        مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ بۇ يەردىكى يېرىم يالىڭاچ قىزلارنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلالماسلىقىم «مەدەنىيەت ئەندىكىشى» جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقىنىمنىڭ بىر تۈرلۈك ئىسپاتى ئىدى . نېمىنى قوبۇل قىلالماسلىقىمدىن قەتئىينەزەر ، بۇ يەردە ھايات داۋام قىلىۋېرىدۇ . بەلكىم كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام ، ساۋاقداشلىرىم مەندەك خىيالچان بايقۇشنىڭ ساددا كونسىرۋاتىپلىقىدىن كۈلۈشەر . «كىشىلەر نېمىشقا مۇشۇنداق قىلىدۇ؟» دېگەن سۇئالنى مەركەز قىلغان باش - ئۇچى يوق خىياللىرىم ، تەئەججۈپلىرىم ھەر قانداق يېڭى يەرگە ، يېڭى دۆلەتكە بارغاندا دۇچ كېلىدىغان «مەدەنىيەت ئەندىكىشى» ھادىسىسىنى ماڭا ئەمەلىي ھېس قىلدۇرۇۋاتاتتى . خىياللار قاينىمىدىن چىقالماي ئولتۇرغان ۋاقتىمدا ، ياندىكى ئورۇندۇقتىكى بىر يېڭى ئەھۋال دىققىتىمنى تارتتى . ئاق تەنلىك ياشانغان بىر كىشى سول بىلىكىگە ئىككى قۇشنى قوندۇرۇۋېلىپ دان بېرىۋاتاتتى . پەستە - ھېلىقى ئادەمنىڭ ئايىغى ئاستىدا تۆت - بەش قۇش ئەتراپتا ئولتۇرغانلارنى كۆرمەيۋاتقاندەك چۇرۇقلاشقىنىچە دان ئىزدەپ يۈرەتتى . ئايىغىمنىڭ يېنىغا بىر قۇش كەلدى . مەن ھەيران بولۇپ : « بۇ قۇشلار نېمىشقا ئادەملەردىن قاچمايدىغاندۇ ؟ قورقمايدىغاندۇ ؟» دەپ ئويلىدىم . ئۈرۈمچىدە بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بىز چىرايلىق قۇشلارنى پەقەت قەپەز ئىچىدىلا كۆرەتتۇق . ئادەم بار يەرگە يېقىن جايلاردا قۇشلارنىڭ ئادەمدىن ئەيمەنمەي تۇرغىنىنى ، چۇرۇقلىغىنىنى كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق .
         كېيىنچە بايىقىدىنمۇ چىرايلىق ، تاجىسى ھەر خىل رەڭدىكى قۇشلارنى ئاشخانىدا جىق ئۇچراتتىم . ئاشخانىمىزنىڭ بالكونى ئوچۇق بولغاچقا ، چۈشلۈك - كەچلىك تاماقلاردىن كېيىن قۇشلار چۇرۇقلىشىپ كۆكتات ئادالايدىغان كۆلچەكلەرگە كىرىۋېلىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيىتتى ، قوغلىمىغىچە قاچمايىتتى . ھېچكىممۇ بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالمايىتتى ياكى قۇشلارنى قوغلىمايىتتى . بۇنداق چاغلاردا مەن ئىختىيارسىز ئۈرۈمچىدىكى بۇلغانغان مۇھىتتا پەيلىرى باشقىچە رەڭگە كىرىپ قالغان بىچارە قۇشقاچلارنى ئەسلەيتتىم . بەلكىم ئىنسان قەلبىدىكى ئازادىلىك تۇيغۇسى ئادەم بىلەن تەبىئەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقى بىلەن تېخىمۇ بەكرەك قانائەت تاپسا كېرەك . قۇشلار ئەسلى ئادەملەرنىڭ دوستى . قۇشلار قاچمايدۇ ، ئەمما ئادەم قاچۇرىدۇ .

كىتاب ، كۇتۇپخانا ۋە باشقىلار
         كىتاب باھاسىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن نەچچە ھەسسە قىممەت بولۇشى مېنى بەكلا ھەيران قالدۇردى ، ئۈرۈمچىدىن مۇناسىۋەتلىك كەسپىي كىتابلىرىمنى كۆپرەك ئەكىلىۋالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم . «ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدا سىتاتىستىكىلىق مېتودلار» دېگەن دەرسلىك كىتابنىڭ كونىسىنى مەكتەپ كىتابخانىسىدىن 94 دوللارغا ئالغىنىمدا يۈرىكىم بىلەن يانچۇقۇم ئارىسىدا ئۇزاققىچە تارتقۇشلاندىم . ئەمما بۇ كىتابنى ئالمىسام بولمايىتتى . جۇڭگو پۇلىغا سۇندۇرغاندا ، مەن بىر كىتابنى 700 يۈەنگە يېقىن پۇلغا ئالغانىدىم . ئەگەر كىتابنىڭ يېڭى نۇسخىسنى ئالسام ، يەنە 40 دوللار ئوشۇق تۆلەيىتتىم . «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» پۇلى ئىچىدە ھەر يىلى كىتاب ئېلىشىمىز ئۈچۈن بېرىلىدىغان 1000 دوللار بار ئىدى .
       مەن ياخشى كىتابلار بولسا سېتىۋېلىش مەقسىتىدە مەكتەپ كىتابخانىسىنى ئايلاندىم . بۇ بىر ئۇنىۋېرسىتېت كىتابخانىسى بولسىمۇ ، كىتاب تۈرى خېلىلا جىق ئىدى . يېرىم ئايدىن كېيىن ھونولۇلۇدىكى چوڭ كىتابخانىلارنىڭ بىرى بولغان ئالىمونا كىتابخانىسىغا باردىم . ئامېرىكىدا كىتابلارنىڭ تۈرلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى ھەم بەكلا نەپىس ئىشلىنەتتى . چىرايلىق كىتابلارنى كۆرگەن كىشى ئىختىيارسىز ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىپ زىننەت بويۇمى قاتارىدا تىزىپ قويغۇسى كېلەتتى . كىتاب باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشى ئەمەلىي بىر مەسىلە . ئەمما ، ئامېرىكىدا مۇقىم  خىزمەت تاپقانلارغا كىتاب باھاسىمۇ قىممەت تۇيۇلمايدۇ . شۇ كۈنى كىتابخانىدا توپتوغرا 10 سائەت ئايلىنىپتىمەن . كەچتە كىتابخانىدىن قورساقلىرىم ئېچىپ تارتىشقان ، ھارغىن ھالەتتە ياتىقىمغا قايتتىم . ئۈرۈمچىدە بىكار بولسام كىتابخانىلارنى ئايلىنىش ، كىتابخانىلاردا يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىزدەش ئۇزۇندىن بۇيان بىر خىل ئارام ئېلىش ئادىتىمگە ئايلانغان ئىدى . ھايات تەشۋىشلىرى مېڭەمنى تالجىتقاندا ، رېئاللىقنىڭ ئەسلىدىن تالىق بولماسلىققا تېگىشلىك سۇئال - تۈگۈنلىرى كاللامنى ئوچاق قىلغاندا كىتابخانىغا بارسام بىر خىل ئۆزگىچە راھەت تۇيغۇسىغا ، ھوزۇرغا ئېرىشەتتىم . يارىغان كىتابلارنى ، ساقلاش قىممىتى بار دەپ قارىغانلىكى كىتابلارنى ئايىماي ئالاتتىم . ئەمما ، مەن ھازىر ئامېرىكىدا - يۇقىرى ئىستېمال ۋە كىتاب باھاسى ۋەتەندىكىدىن نەچچە ھەسسە قىممەت بولغان بىر تۇپراقتا ياشاۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ئىقتىسادچىل بولمىسام بولمايىتتى . «مەن ھازىر ئوقوغۇچى ، ئەمەلىيەتچىل بولۇشۇم كېرەك» دەپ ئۆزۈمگە جېكىلەپ تۇرساممۇ ، ئىچىمدىكى نامەلۇم بىر كۈچ مېنى كىتابخانىغا - كىتاب جاھازىلىرىدىكى ئۆزۈم كۆرۈپ قويغان كىتابلارنى سېتىۋېلىشقا ئۈندەيىتتى . ئاخىرىدا كىتابنى ئەرزانراق ئالىدىغان ئامالمۇ تېپىلدى . بۇنىڭغا «سېلىشتۇرما مەدەنىيەتشۇناسلىق» دەرسىدە بىللە ساۋاق ئالىدىغان فرانسىيىلىك قىز ساۋاقدىشىم يۇكا (Yucca) نىڭ ئەسكەرتىشى سەۋەبچى بولدى . بىر كۈنى تەنەپپۇس ئارىلىقىدا يۇكانىڭ قولىدا ئاجايىپ چىرايلىق ئىشلەنگەن بىر ئىنگلىزچە كىتابىنى كۆرۈپ قالدىم .
- نېمە كىتاب كۆرۈۋاتىسىز ؟ - دېدىم ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ .
- «قار دۆلىتى» ، - دېدى ئۇ كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ .
- ياپونىيە يازغۇچىسى كاۋاباتا ياسۇنارىنىڭ «قار دۆلىتى» دېگەن ئەسىرىمۇ ؟ - سورىدىممەن قىزىقسىنىپ - ، سىزمۇ ئەدەبىي ئەسەرگە قىزىقىدىكەنسىز - دە ! كاۋاباتا ياسۇنارىنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇمسىز؟
- ھەئە،  مەن ئەدەبىي  ئەسەر ئوقۇشقا ئامراق . بولۇپمۇ  كاۋاباتا ياسۇنارىنىڭ ئەسەرلىرى ماڭا شېئىردەك تۇيۇلىدۇ ، - دىدى يۇكا ، - مەشھۇر ئەسەرلەر ئادەمنى ئورتاقلىق تۇيغۇسىغا  ئىگە  قىلىدۇ.
- مەن ئۇنىڭ «كۈز يامغۇرى» ناملىق ھېكايىسىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان. «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» دېگەن پوۋېستىنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن ئىدىم ، - دېدىممەن .
ئەدەبىيات - ئورتاق قىزىقىش ھەققىدىكى پاراڭ گىپىمىزنى تەبىئىي ھالدا ئاۋۇتۇۋەتتى. مەن يۇكاغا - ئالدىمدىكى چىرايلىق فرانسۇز قىزغا قاراۋىتىپ ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى خېلى ۋەزنى بار پاراڭلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ ئىختىيارسىز ھالدا : «ئېسىل كىتابلارنى ئوقۇپ تۇرغان قىزلارنىڭ  ئىچكى دۇنياسى ئۆزىگە ئوخشاشلا يېقىملىق بولىدىكەن» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم . شۇ ئارىدا ياپونىيىلىك قىز كائورى كېلىپ سۆھبىتىمىزگە قوشۇلدى .
داۋامى بار

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

بۈگۈن بىز بۇ يەر

UID
12992
يازما
143
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2304
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 23:04:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىڭىزنى << شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژۇرنىلىدىن ئوقۇغاندىمۇ شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدىم . ھازىر بولسا يوقاتقان ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋالغاندەك كەيپىياتتا ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن . ئەلكۈيى سىزگە ئوخشاش  قەلەمكەشلىرى بىلەن قانچە بەخىتلىك بولسا ، بىزمۇ شۇنچە ئىپتىخارلىنىمىز . مەنىۋىيەت ئالىملىرى خەلقنىڭ ئەلەمدارلىرىدۇر . سىزنىڭ ئەقىدە-ئىتىقاد يولىدا يەنىمۇ ئىزدىنىپ، تىرىشىپ ئەنە شۇ بۈيۈك  ئالىملارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن . ئەسەرلىڭىز ، ئىجادچان روھىڭىز ، ئاتەش يۈرىكىڭىز ماڭا بىر ئۆمۈر ئىلھام ۋە مەدەت بولغۇسى ! مەيلى قانچە چاپقۇن بولسۇن  تىخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەڭ سامادىكى بوران قۇشتەك!

مەن بۈگۈن تۇغۇلدۇم !

UID
4340
يازما
20
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
650
تىزىملاتقان
2010-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 00:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 7قەۋەتتىكىsemerqent يوللىغان 2011-08-28 23:04 غا قارتىلغان  :
بۇ ماقالىڭىزنى << شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژۇرنىلىدىن ئوقۇغاندىمۇ شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدىم . ھازىر بولسا يوقاتقان ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋالغاندەك كەيپىياتتا ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن . ئەلكۈيى سىزگە ئوخشاش  قەلەمكەشلىرى بىلەن قانچە بەخىتلىك بولسا ، بىزمۇ شۇنچە ئىپتىخارلىنىمىز . مەنىۋىيەت ئالىملىرى خەلقنىڭ ئەلەمدارلىرىدۇر . سىزنىڭ ئەقىدە-ئىتىقاد يولىدا يەنىمۇ ئىزدىنىپ، تىرىشىپ ئەنە شۇ بۈيۈك  ئالىملارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن . ئەسەرلىڭىز ، ئىجادچان روھىڭىز ، ئاتەش يۈرىكىڭىز ماڭا بىر ئۆمۈر ئىلھام ۋە مەدەت بولغۇسى ! مەيلى قانچە چاپقۇن بولسۇن  تىخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەڭ سامادىكى بوران قۇشتەك!
ئەسكەرتمە: بۇ يېقىندا نەشىردىن چىققان "ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى" ناملىق كىتابىمنىڭ ئايرىم بىر بابى بولۇپ، يەنە بىر  تېمىدىكى بەزى تەكلىپ-پىكرلەرگە ئاساسەن بۈگۈن ئەلكۈيىدە ئەسلى نۇسخسىنى ئېلان قىلدىم.

deydhighu ? Burun Shinjiang Medeniytige besiptiken ma?
Kechurunglar,uyghurche kyazalmidim ,shunga ULYda yezishqa mejbur boldum !


UID
13974
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
170
تىزىملاتقان
2011-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 03:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادىنىڭ  يەنە تېمىسىنى كۆرگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن . مۇئەللىمگە ئامەت يار بولسۇن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش