بۇ 9قەۋەتتىكىcoffe يوللىغان 2011-09-08 15:04 غا قارتىلغان :
شېئىرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرمىيە ! ساڭا قويۇپ بەرسە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرىنى قاپىيلەشتۈرۈپ< <شېئىر>> دەيدىغان ئوخشايسەن . شېئىر دېگەننىڭ ئۆزىگە خاس تىلى، ئىچكى رىتىمى بولىدۇ، كەچلىك گېزىتكىمۇ ئەرزىمەيدىغان تۆت-تال ئەخلەت خەۋەرنى مىسراغا ئايرىپ <<شېئىر>> دەپ كەتكەننى ....
يزىشساڭ تۈزۈك ياز بولمىسا شېئىرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرمەي ياخشى شېئىرنى ئوقۇپ ھوزۇرلان، ساڭا بىر يەردىن ئۇيغۇرنىڭ شېئىرغا بولغان تونۇشىنى ۋە شېئىرىنى پاخاللاشتۇر دەپ ۋەزىپە چۈشمىگەندىكىن .... 
coffe سىزنىڭچە بۇ شېئىرلار نەزىرىڭىزدىكى شېئىرلارغا ئوخشىمامدىكەن ، كەچۈرىسىز ، شېئىردىكى بەزى سۆز لەر دېگەندەك جايىغا چۈشۈپ كىتەلمىگەن بولسىمۇ ، قىسمەن جايلىرى بىز گە ، جۈملىدىن ماڭا ياقتى .
سىزنىڭ مۇشۇنداق قارا قۇيۇقلا ئەسەر باھالايدىغان ئادىتىڭىز بارما ؟ ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولىدىغان بولسا ، سىزگە بۇنىڭدىن كىيىن توردىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇماسلىق تەكلىپىنى بېرىمەن .
ئۆزىمىزنىڭ ئازراق ئۆلچەمگە چۈشمەي قالسا مانا مۇشۇنداق بۈشۈكىدىلا ۋاراس -ۋۇرۇس چېپىپ ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنىمىز ، باشقىلارنىڭ ئەپلەپ -سەپلەپ چېتىشتۈرۈپ قويغان ئارغامچىدەك بىر نەرسىلىرىنى بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرگىلى تاسلا قالىمىز ، سىزگە بۇنداق يىنىكلىك قىلىشنى كىم قويۇپتۇ ؟ ئەسەر باھالاشقا كىم تەكلىپ قىپتۇ ، ئەگەر باھالاشنى بىلسىڭىز پىكىر -تەكلىپلەرنى بىرىپ جايىدا باھالاڭ ، بولمىسا كوچىدىكى ئاقسالىقىڭىزنى تور بېتىگە كۆتۈرۈپ كىرمەي يولىڭىزغا دەسسەڭ ، ياكى سۈكۈتتە تۇرۇڭ .