تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 153732|ئىنكاس: 294

يېرىم كېچىدە چېكىلگەن ئىشىك  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://www.sulket.com

UID
611
يازما
183
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
15227
تىزىملاتقان
2008-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 22:54:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارت يامغۇرى شەھەرنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى، پىيادىلەر يولىدىكى ئاشىق مەشۇقلار كۈنلۈك ئاستىغا كىرىۋېلىپ پىچىرلىشىپ ماڭاتتى. كەڭ يوپۇرماقلار باش ئەتىيازنىڭ يامغۇرىدىن مەس بولغاندەك لەرزان ئىرغاڭلىشاتتى.
كەچ سائەت ئالتە. ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت. گۇگۇم پەردىسى يېيىلىپ كوچا چىراغلىرى يېنىشقا باشلىدى. خىزمەت بىناسىدىن چىقىپ كەلگەن چېڭ چېڭ ھارغىنلىق بىلەن بىرنى ئەسنىۋېتىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ بۇلۇتلۇق ئاسمانغا قارىدى. سىم-سىم يامغۇر چاچلىرىغا، يۈزلىرىگە چۈشتى. ئۇ چاچلىرىنى قولى بىلەن قايرىدى، پاكىز ئاپپاق يۈزى ئاجايىپ نازاكەتلىك، ئوماق بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى.
چېڭ چېڭ بىر گۈزەل قىز، ئالىي مەكتەپ چېغىدىلا ھەممە ئېتىراپ قىلدىغان مەكتەپ گۈزىلى بولۇپ، قوغلىشىدىغانلار ساناقسىز ئىدى. بۇ ساددا گۈزەل قىز ئاخىرى ئاجېيى ئىسىملىك كېلىشكەن يىگىتكە تەسلىم بولدى. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەرئىككىسى خىزمەت تېپىپ، توي قىلىشقا پۈتۈشتى. ئەرلەر ئۆزگىرىشچان شۇنداقلا ئۈژمە كۆڭۈل كېلىدۇ. خىزمەتكەن چۈشكەن ئاجىيې رەڭگارەڭ دۇنيانىڭ كۆزنى قاماشتۇرىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، قىزغا بارغانسېرى ناچار مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالدى، بەزىدە ھەتتا مۇشت پەشۋامۇ تەككۈزۈپ قوياتتى. يۇۋاش قىز بۇلارنىڭ ھەممىسىگە جىمجىت سۈكۈت قىلدى. نېمىلا دېمىگەن بىلەن ھاياتىدىكى تۇنجى ئەر ئەمەسمۇ….
قىز ئەتراپىدىكى بىر كۈنلۈك ئاستىدا كېتىۋاتقان جۈپلەرگە ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك كۈلۈپ قويدى دە، يۈگۈرگىنىچە چوڭ يول بويىغا بېرىپ قولىنى كۆتۈرۈپ تاكسى توسىدى.
- خانقىز، نەگە بارىسىز؟- ياش شوپۇر بېشىنى سىڭايان قىلىپ سورىدى.
- *** مەھەللىسىگە- دېدى قىز ھارغىنلىق بىلەن يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن چاچلىرىنى رەتلىگەچ.
يامغۇر چوتكىسى توختىماي ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى سۈرتۈپ تۇراتتى، كوچا چىراغلىرى ۋالىلدايتى. قىز بېشى قايغاندەك بولۇپ ئاستا كۆزىنى يۇمىۋالدى.
- سىز مۇشۇ يەرلىكمۇ؟- دەپ سورىدى شوپۇر كۆزىنى ئالدىدىكى يولدىن ئۈزمەي تۇرۇپ. ئۇنىڭ ئاۋازى ئازراق بوغۇق، ئادەمنى ماگىنىتتەك جەلىپ قىلاتتى.
قىز شۇ چاغدىلا شوپۇرغا دىققەت قىلدى. شوپۇرنىڭ يېشى ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، كۆپ بولغاندا يىگىرمە يەتتە سەككىزلەردە باردەك قىلاتتى. ئىنچىكە ئۇزۇن بارماقلىرى رولنى ئەپچىللىك بىلەن ئوينىتاتتى. بەك كېلىشكەن دېگىلى بولمىسىمۇ، قاش كۆزى جايىدا، قاڭشارلىق ئىدى. قىز بىراۋغا بۇنداق تىكىلىپ تۇرۇشنىڭ ئەدەپسىزلىك بولىدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئېلىپ ۋىللىدە قىزارغانچە بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالدى.
- ياق، مەن *** شەھىرىدىن.
- شۇنداقمۇ؟ شىمالدىن كەپسىزدە، بوي تۇرقىڭىز، چىرايىڭىز، نازاكىتىڭىزغا قاراپ جەنۇبتىنمىكىن دەپتىكەنمەن- دېدى شوپۇر يىگىت ھەيرانلىق بىلەن.
قىز سۇس كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- كۆپىنچە كىشىلەر شۇنداق دەيدۇ، – دېدى.
- مەيلى چىراي تۇرقىڭىز، سالاپىتىڭىز بولسۇن جەنۇپنىڭ قىزلىرىدەك بىر خىل نازۇك ئىكەن. سىزدەك چىرايلىق قىزغا ئېرىشكەنلەر چوقۇم ئالقىنىدىكى گۆھەردەك ئەرتىۋالايدۇ سىزنى- دېدى شوپۇر كۈلۈپ تۇرۇپ.
قىزنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز پىچاق بىلەن تىلغاندەك بولدى- راست شۇنداقمۇ؟- دەپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلىدى قىز.
شوپۇر قىزنىڭ جىمىپ قالغىنىغا دىققەت قىلىپ ئارتۇق سۆزلىمەي مۇڭلۇق ناخشىنى قويۇپ قويۇپ ئالدىغا قاراپ ماشىنىنى داۋاملىق ھەيدىدى.
قىز بېشىنى ئاستا بۇراپ دېرىزە تەرەپكە قارىۋالدى، قاچانلاردىدۇر ئاققان ياشلار قىزنىڭ يۈزلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى.
قىز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ شوپۇرغا قارىدى. شوپۇرنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلماي پۈتۈن زېھنى بىلەن ماشىنا ھەيدەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تىك ئولتۇردى. ماشىنىنىڭ ھاۋاسىنى خېلى ساپ دېيىشكە بولاتتى. ياڭراۋاتقان مۇڭلۇق كۈي قىزنىڭ ھارغىن نېرۋىلىرىنى تېخىمۇ بوشاشتۇردى. قىز ئەسنىگەچ يانفونىنى چىقىرىپ سائەتكە قارىۋەتكەندىن كېيىن ئارقىسىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇزۇنغا قالمايلا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى نامەلۇم، قىز قۇلاق تۈۋىدە بىرىنىڭ- خانقىز يېتىپ كەلدۇق- دېگىنىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ئويغاندى. كۆزىنى ئېچىپ شوپۇرنىڭ ئۆزىگە مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ،قىزارغىنىچە- سەت بولدى، ئۇخلاپ قاپتىمەن- دېدى.
-ھا ھا ھا، ھېچقىسى يوق، شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ ئويغىتىشقا پەقەتلا قىيمىغانتىم- دېدى شوپۇر يىگىت چاخچاق ئارىلاشتۇرۇپ. قىز تېخىمۇ قىزىرىپ:-سودىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويدۇم، كەچۈرۈڭ، قانچە پۇل بولدى؟- دەپ سورىدى.
شوپۇر تاكسى سائىتىگە قاراپ- يىگىرمە بەش يۈەن بوپتۇ- دېدى.
قىز پورتمالىنى ئالغىلى قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ چۆچۈپ كەتتى، يانچۇق قۇپقۇرۇق تۇراتتى. پورتمالىم، پورتمالىم قېنى؟ قىز ئالاقزادىلىك بىلەن ئەتراپنى ئىزدىدى. – سەل ساقلاڭ، مەن يىگىتىمگە تېل قىلاي- دېدى پورتمالىنى تاپالماي.
شوپۇر كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى.
چېڭچېڭ ئاجېيىنىڭ يانفونى ئۇلاندى، ئەمما خېلى سايرىسىمۇ ئالمىدى. قىز نومۇرنى ئۈچ قېتىم باستى. ئاجىي يەنىلا تېلىفوننى ئالمىدى
- كەچۈرۈڭ، سىزنى كۆپ ساقلىتىپ قويىدىغان بولدۇم- قىز توختىماستىن شوپۇردىن كەچۈرۈم سورىغاچ يىگىتىنى تىللىدى.
- يېقىننىڭياغى ئانچە ئالدىراش ئەمەسمەن، ئىسىم كارتوچكامنى سىزگە بىرەي، ئەتە ئىشتىن چۈشكەندە ماڭا تېل قىلسىڭىز سىزنى ئالغىلى باراي، پۇلىنى شۇ چاغدا بىراقلا بېرەرسىز- دېدى قىزنىڭ خىجىللىقتا قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچ ئاغرىتقان شوپۇر بىر كارتوچكىنى سۇنغاچ.
قىز كارتوچكىنى ئېلىپ، مىننەتدارلىق بىلەن – سىزگە كۆپ رەخمەت، ئەتە چوقۇم سىزگە تېل قىلىپ ماشىنىڭىزدا ئولتۇرىمەن-دېدى.
- تۈزۈت قىلماڭ، سىزگە ئىشىنىمەن- دېدى شوپۇر ئاپپاق، رەتلىك چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈمسىرەپ، قىز يۈزلىرى قىززىغاندەك بولۇپ دەرھال كۆزىنى باشقا تەرەپكە يۆتكىدى.
قىز ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئىسىم كارتوچكىسىنى ئېلىپ كۆردى : *** تىرانسپورت شىركىتى، جاڭ نىڭ
…..
قىز ھارغىن ھالدا ئۆيىگە كىردى. ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ بولۇپ، ئاجىيې ئۆيدە يوق ئىدى. قىز لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ، يۇيۇنغىلى مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. ئىسسىق سۇدا ھارغىنلىقلىرىنى يۇيۇپ چىققان قىز بىر قاچا تەييار چۆپ چىلاپ، بىر ئىستاكان سۈت چاي دەملەپ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلدى. تامدىكى سائەت «تىك تاك، تىك تاك» قىلىپ چىكىلدايتى. چېڭ چېڭ دوستىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن بىر مەخسۇس قورقۇنچلىك ھېكايىلەر يوللىنىدىغان مۇنبەرگە ئەزا بولغان ئىدى. ئۇ كۆپلىگەن قىزلارغا ئوخشاش سىرلىق ھادىسىلەر ۋە ئالۋاستى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرگە قىززىقاتتى، گەرچە كېچىلىرى قارا بېسىپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتسىمۇ يەنىلا قىززىقىشىنى باسالماي قورقۇنچلۇق ھېكايىلەرنى ئوقۇيتى.
چېڭ چېڭ ئادەتتىكىگە ئوخشاش مۇنبەرنى ئېچىپ بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. بىر قېتىم بەت ئۆرۈگەندىن كېيىن «يېرىم كېچىدە چېكىلگەن ئىشىك» دېگەن تېمىنى كۆرۈپ قالدى. قىز مائۇسنى چېكىپ تېمىنى ئاچتى.
بەت ئېچىلىپ ئالدى بىلەن كۆزگە چېلىققىنى بىر پارچە ئانچە مۇنچە تۈزەشتۈرۈلگەن بىراق كىرىشتۈرۈلمىگىنى ئېنىق بولغان رەسىم بولدى. رەسىمدە بىر ئەسكى تامغا مىخلانغان غەلىتە شەكىللىك ئىشىكتىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى. رەسىمنىڭ پۈتۈن رەڭلىرى ناھايىتى چۈشكۈن، زەئىپ بولۇپ، قانداق ئاپپاراتتا، قايسى چاغدا، قەيەردە، كۈندۈز ياكى كەچتە تارتىلغىنىنى بىلگىلى بولمايتى. ئىشقىلىپ بۇ رەسىم ئادەمنى ناھايىتى بىئارام قىلاتتى.
چېڭ چېڭ قاپىقىنى تۈرۈپ، ئوتلىغان چېيىنى ناھايىتى تەسلىكتە يۇتتى. قورقۇنچلۇق ھېكايە يازىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قەستەنگە ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان نەرسىلەرنى قىستۇرۇپ قويۇشنى ياخشى كۆرەتتى. چېڭ چېڭ كۈلۈپ چېيىنى بىر يانغا سۈرۈپ قويۇپ. تېمىنى داۋاملىق ئاستىغا سۈرۈپ كۆردى. خېلى تۆۋەنگە سۈرسىمۇ ھېچنىمە چېلىقمىدى. پۈتۈن بەت قۇپقۇرۇقتەك قىلاتتى. چېڭ چېڭ ئالدانغاندەك بولدى، قانداق تېما بۇ، ئىسىمنىڭ چوڭىنى قويۇۋېلىپ، قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق! ئادەمنى ئەخمەق قىلغانلىق ئەمەسمۇ بۇ!
كەچ سائەت توققۇز بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئاجېيې تېخىچە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. ئۇ يېقىندىن بېرى پات-پات كېچىچە ئوينايدىغان، ئۆيگە قايتمايدىغان بولۇۋالدى. ئىككىيلەن ئارىسىدىكى مۇھەببەت نامدا بار، ئەمەلدە يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى، چېڭ چېڭنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىيالماسلىقى بولمىغان بولسىدى، ئۇلار بەلكىم ئاللىبۇرۇنلا ئايرىلىشقان بولاتتى. بىراق چېڭ چېڭنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىيالماسلىقى خۇددى كۆرۈنمەس زەنجىرنىڭ ئۇنى بۇ ئەرگە چەمبەرچەس باغلىۋەتكەن ئىدى. شۇڭا ئاجېيى ئاۋال ئېغىز ئېچىپ ئايرىلايلى دېمىسە قىز ھەرگىزمۇ ئېغىز ئاچمايتى.

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

كۆيۈمچان ئەزا

http://www.sulket.com

UID
611
يازما
183
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
15227
تىزىملاتقان
2008-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-20 00:12:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامغۇر بارغانسېرى كۈچىيىپ، دېرىزىلەرگە توروكلاپ ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. كېچە جىمجىت، قاراڭغۇ. چېڭ چېڭ توختىماي ئەسنەپ، كۆزلىرى يۇمۇلۇشقا باشلىدى. تۈزۈك كۆرگىدەك نەرسىمۇ يوقكەن، ئۇخلايچۇ بولدى، ئۇ ئۆزىگە ئۆزى سۆزلىگەچ يېتىشقا تەرەددۇتلاندى. دەل مۇشۇ چاغدا تونۇش مۇزىكا سايرىدى.
چېڭ چېڭ يېرىم قۇرىغان چاچلىرىنى قولى بىلەن تاراپ قويۇپ، يانفونىنى ئالدى. تېلىفون بىرناتونۇش نومۇردىن كەلگەن ئىدى. چېڭ چېڭ سەل ئىككىلەنگەندىن كېيىن تېلىفوننى ئالدى.
- ۋەي، تېچلىقمۇ؟
- ۋەي، سىز يې چېڭ چېڭ خانقىز بولامسىز؟- تېلىفوندىن بىر ئەركىشىنىڭ ئاۋازى كەلدى، بۇ ئاۋازلار تونۇشتەكلا قىلاتتى.
-شۇنداق ، سىز كىم بولىسىز؟-دەپ سورىدى چېڭ چېڭ ھەيرانلىق بىلەن.
-ھە، مەن جاڭ نىڭ، بۈگۈن سىز ئولتۇرغان تاكسىنىڭ شوپۇرى.
تونۇشتەك بىلىنگىنى بىكار ئەمەسكەن بۇ ئاۋازنىڭ دەپ ئويلىدى چېڭ چېڭ،-ھە، سىزمىتىڭىز، مېنىڭ نومۇرۇمنى نەدىن تاپتىڭىز؟ ئىسمىمنىمۇ بىلىدىكەنسىز تېخى؟
- ھا ھا ھا، مۇنداق ئىش، مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ قىسىلچىقىدىن سىزنىڭ پورتمالىڭىزنى تېپىۋالدىم، ئىچىدە سىزنىڭ ئىسىم كارتوچكىڭىز، يەنە 240 يۈەن پۇل باركەن، توغرىمۇ؟
- شۇنداق، سىزگە كۆپ رەھمەت جۇمۇ- چېڭ چېڭ خوشال بولۇپ كەتتى. ئۇ پورتمالىنى يۈتتۈرگەندىن بېرى ئېچىلالماي تۇراتتى، ئىچىدىكى پۇلغا ئەمەس، بەلكى نەۋرە ئاچىسى شىياڭگاڭغا كاماندىروپكىغا چىققاندا ئالغاچ كەلگەن پورتمالغا ئىچى ئېچىشقان ئىدى.
- ئەتە سىز ئىشتىن چۈشكىچە ماڭا تېل قىلىڭ، پورتمالىڭىزنى ئاپىرىپ بەرگەچ سىزنى ئۆيىڭىزگە ئەكىلىپ قوياي
چېڭ چېڭ تەسىرلىنىپ نىمە دېيىشىنى بىلەلمەي قايتا قايتا رەھمەت ئېيتتى.
-تۈزۈت قىلماڭ بولدى، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ، بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، ئەتە كۆرىشەيلى.

چېڭ چېڭ تېلىفوننى قويغاندىن كېيىن خوشاللىقدا بايا ئىچىپ بولالمىغان سۈت چاينى ئىككى سۈمۈرۈپلا ئىچىۋەتتى. يامغۇرلۇق كېچە، تاتلىق بىر ئۇخلىۋالاي ئەمدى. چېڭ چېڭ كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرمەكچى بولۇپئېكرانغا مۇنداقلا كۆز يۈگۈرتۈپ، قېتىپ تۇرۇپ قالدى…. بايىقى قۇپقۇرۇق يەردە قاچانلاردىدۇر قاندەك قىزىل رەڭدە يېزىلغان بىر قۇر خەت پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى:
ئىشىك چېكىلگەننى ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟ ………

UID
9979
يازما
75
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2325
تىزىملاتقان
2011-3-7
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-20 00:57:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بوپتىكەن جۇمۇ ، سۈزۈكنىڭ نادىر تەرجىمىللىرىنى كۆرمىگىلى،  قارىغاندا يەنە بىر ئېسىل ئەسەردەك قىلىدۇ ،
داۋامىنى تىزراق يوللىغايسىز جۇمۇ ،  تەقەززا قىلماي ...

ئىلمگە ئىنتىل ، كەمتەر ياشا

UID
9979
يازما
75
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2325
تىزىملاتقان
2011-3-7
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-20 00:58:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنىڭ راستىنلا قورقۇنۇشلۇق ئەسەر بولىشىنى ئۆمىد قىلىمەن . ..

ئىلمگە ئىنتىل ، كەمتەر ياشا

كۆيۈمچان ئەزا

http://www.sulket.com

UID
611
يازما
183
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
15227
تىزىملاتقان
2008-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-20 23:37:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەت نەلەردىن پەيدا بولغاندۇ؟ بايا تېخى قۇپقۇرۇق ئىدىغۇ؟……. بىر سوغۇق ئېقىم چېڭ چېڭنىڭ دۈمبە تەرىپىدىن ئۇرۇلغاندەك بولدى. چېڭ چېڭ ئۆزىمۇ سەزمەي ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىدى….. ئىشىك چىڭ يېپىق ئىدى. ھوجرىنىڭ ئىچى جىمجىت، تولىمۇ تىمتاس، سۇس نەم پۇرىقى پۇرايتى، يەنە ئازراق سوغۇقمۇ بار. يېغىۋاتقان يامغۇر خۇددى سانسىزلىغان قوللاردەك ئەينەكنى تاك ، تاك، تاك قىلىپ چېكەتتى.

قورقۇپ كەتكەن چېڭ چېڭ كومپىيۇتېرنى ھاپىلا شاپىلا ئۆچۈرۈپ، چىراغنى ئۆچۈرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئورۇنغا كىرىپ يوتقانغا چىڭ پۈركۈنۈپ ياتتى. يېرىم كېچىدە بۇنداق تېمىنى كۆرسە قورقمايدىغانلاردىن قانچىسى بار دەيسىز~~~

چېڭ چېڭ ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى، ئاجېيىغا نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلسىمۇ ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى.  ئاجىيې مۇشۇ ۋاققىچە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. چېڭ چېڭ ئەنسىزلىككە چۆمدى. ئىككىسى بىر يۇرتلۇق بولۇپ، بۇ شەھەردە بىرەر ئۇرۇق تۇققىنى يوق،يېقىن دوست ئاغىنىلىرىمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى.

ۋاقىت ئالدىرىماي ئۆتمەكتە، تامدىكى سائەت 12نى كۆرسىتەي دېدى، يېغىۋاتقان يامغۇر  ھېچ توختايدىغاندەك قىلمايتى، چېڭ چېڭ ئاخىرى ئۇيقۇغا كەتتى. بىراق ئۇخلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۇيۇقسىز تېلىفون سايرىدى. چېڭ چېڭ چۆچۈپ ئويغىنىپ يانفونىنى قولىغا ئالدى. سائەت دەل 12 بوپتۇ، سايرىغىنى يانفوننىڭ قوڭغۇرىقى ئىكەن. چېڭ چېڭ تاتىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ يانفونى ھېچقاچان كەچ سائەت 12 گە توغرىلىنىپ باقمىغان ئىدى. ئەزەلدىن ئەتتىگەن سائەت 7 گە توغرىلاقلىق تۇراتتى. چېڭ چېڭ قولىدا جان جەھلى بىلەن تىترەپ سايراۋاتقان تېلىفوننى قانداق ئېتىشنى بىلەلمەيلا قالدى، ئادەتتە كۈندە ئاڭلايدىغان نوكىيا نىڭ مۇزىكىسى ئەمدىلىكتە قۇلىقىغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ بەدەنلىرىنى شۈركەندۈرىۋەتتى.  "ۋايجان!!!!" يانفون مۇزىكىسى 5-قېتىم سايرىغاندا چېڭ چېڭ چىدىماي يانفوننى ئۇدۇلدىكى تامغا بار كۈچى بىلەن ئاتتى. يانفون يەرگە چۈشۈپ پارە پارە بولۇپ مۇزىكا ئاۋازى شاپپىدە توختىدى.  چېڭ چېڭ يوتقاننى مەھكەم تۇتىۋېلىپ كۈچەپ نەپەس ئېلىشقا باشلىدى. يۈرىكى ئەمدى ئورنىغا چۈشىشىگە تۇيۇقسىز  دۇڭ دۇڭ دۇڭ قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، مېھمانخانا تەرەپتىكى چوڭ ئىشىكنى بىرسى چېكىۋاتاتتى.....
دۇڭ دۇڭ دۇڭ دۇڭ.....

كىم؟  چېڭ چېڭ قاتتىق ۋارقىرىدى، سىرتتىن سادا كەلمەستىن ئىشىك بىر خىل رېتىمدا دۇڭ دۇڭ دۇڭ قىلىپ چېكىلىۋاتاتتى......

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
221
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6791
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 00:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئاللا .....ئادەمنى قورقۇتۇپ ئەمدى........

كۆيۈمچان ئەزا

http://www.sulket.com

UID
611
يازما
183
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
15227
تىزىملاتقان
2008-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 00:34:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجىيې ، بۇ سەنمۇ؟ قايتىپ كەلدىڭمۇ؟- يىغلاپ تاشلىغىلى ئارانلا تۇرغان چېڭ چېڭ ئاۋازىنى يۇقىرىلىتىپ سورىدى، بىراق ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغىنى ئەكىس سادا بىلەن دېرىزىگە توروكلاپ چۈشىۋاتقان يامغۇر بولدى.
- نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟- چېڭ چېڭ ئاجېيىنىڭ بىرەر پىشكەللىككە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، قورقۇنچىنى ئۇنتۇپ كارۋاتتىن چۈشۈپ، چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ، ساپما كەشىنى كىيدى. چاپانغا مەھكەم ئورانغان چېڭ چېڭ تىترىگىنىچە ئىشىككە قاراپ ماڭدى. ئۇلار تۇرىۋاتقان بۇ بىنا مەھەللىنىڭ يېڭىدىن كېڭەيتىلگەن رايونى بولۇپ، چەترەك يەردە ئىدى. كۆچۈپ كىرگەنلەرمۇ كۆپ ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۆيى 4-قەۋەتتە،  پۈتۈن قەۋەتتە ئۇلاردىن سىرت پەلەمپەينىڭ يېنىدىكى ئۆيدىلا سىپايە چىراي، كۆرۈشكەندە ئەدەپ يۈزىسىدىنلا بېشىنى لىڭشىتىپ سالام بېرىپ قويىدىغان، ئادەتتە بېرىش كېلىش قىلىشمايدىغان بىر بويتاق ئەر كىشى تۇراتتى. قالغان ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى قۇپقۇرۇق ئىدى. چېڭ چېڭ ھوجرا ئۆيدىن چىقىپ مېھمانخانىغا كەلدى، سىلاپ سىيپاشتۇرۇپ يۈرۈپ مېھمانخانىنىڭ چىرىقىنى ياندۇردى. ئىشىك تېخىچە دۇڭ دۇڭ دۇڭ قىلىپ ئۇرۇلىۋاتاتتى. ئىشىك تېزمۇ ئەمەس، ئاستىمۇ ئەمەس ئاجايىپ بىر رېتىمدا دۇڭ، دۇڭ، دۇڭ قىلىپ ئۇرۇلىۋاتاتتى.
-ئاجىيې، ھاراق ئىچىۋالدىڭمۇ؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟- چېڭ چېڭ ئىشىكنىڭ يېنىغا كېلىپ تىترىگىنىچە ئاستا سورىدى، سىرتتىكى ئادەمدىن يەنىلا سادا چىقمىدى، ئىشىك يەنىلا ئوخشاش بىر رېتىمدا چېكىلىۋاتاتتى.......

چېڭ چېڭ ئىشىكتىكى مۈشۈك كۆزگە يېقىن كېلىپ سىرتنى كۆرمەكچى بولدى. دەل مۇشۇ چاغدا، تۇيۇقسىز "تاق"قىلغان ئاۋاز بىلەن ھەممە چىراق ئۆچۈپ قالدى، پۈتۈن دۇنيا قاراڭغۇلۇققا پاتقاندەك قىلاتتى..... چېڭ چېڭنىڭ كاللىسى توختاپلا قالدى، بىر ھازادىن كېيىن ئېسىنى يىغىپ، توك كەتكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشىكمۇ چېكىلىشتىن توختىغان ئىدى. ئەتراپ قاراڭغۇلۇقتىن سىرت گۆردەك تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى.

ئەجىبا ئىشىكنى چەككىنى ئاجىيې ئەمەسمىدۇ؟؟؟؟ .... چېڭ چېڭ  بۇخىيال كاللىسىغا كەلگەن ھامان تۇيۇقسىز يەنە بىر جۈملە سۆز كۆز ئالدىغا كەلدى:
ئىشىك چېكىلگەننى ئاڭلىدىڭىزمۇ .........

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
221
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6791
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 01:59:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىمىدىم،تىزرەك بولسىڭىزچۇ........

UID
12244
يازما
42
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1332
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 22:57:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          ھازىر كېچە ، مەنمۇ ئۆيدە يالغۇز ، شۇڭا ... مەن قورقىۋاتىمەن  ... ! تېزىرەك بولسىڭىز ، داۋامىنى يولىسىڭىز  ،  كۈندۈزى ئوقۇي جۇمۇ ئەمدى !....

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

كۆيۈمچان ئەزا

http://www.sulket.com

UID
611
يازما
183
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
15227
تىزىملاتقان
2008-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 23:13:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەكسىز قاراڭغۇلۇق خۇددى دېڭىز دولقۇنىدەك يالماپ كېلىپ چېڭ چېڭنى مەھكەم ئوراپ ئالدى. ئۇ يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرغىنىچە ئۈنسىز يىغلاۋاتاتتى. ئىشىك توك كەتكەندىن بېرى چېكىلىشتىن توختىغان ئىدى. بۇ خىل ئۈنسىز ۋەھىمە خۇددى يېتىپ كەلمەكچى بولغان بوران چاپقۇننىڭ مۇقەددىمىسىدەك  ئادەمنى قورقۇنچقا سالاتتى.

چېڭ چېڭ خېلىدىن كېيىن كۆزىنى ئاچتى، ئۇنىڭ كۆزى قاراڭغۇلۇققا كۆنۈپ، مېھمانخانىدىكى ئۆي جاھازلىرىنى خېلى ئىلغا قىلالىدى. چېڭ چېڭ ھېچقانداق تىۋىش يوقلىقىنى جەزم قىلغاندىن كېيىن، چىشىنى چىشلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، سىيلاپ سىپاشتۇرغىنىچە ياتاق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. چېڭ چېڭ ياتاق ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن يەنە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يانفونىنى ئىزلىدى، خېلى سىپاشتۇرغاندىن كېيىن باتارىيىسى چىقىپ كەتكەن  يانفونىنى ئاران تاپتى، يەنە بىر بۇلۇڭدىن باتارىيىنى تېپىپ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن  يانفونغا سېلىپ ، ئېچىش كونۇپكىسىنى باستى. ئىكران يورۇشى بىلەن يۈرىكى خېلى جايىغا چۈشتى. ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ئاجىيېنىڭ نومۇرىنى باستى.
- كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان ئابونتنىڭ تېلىفونى ئېتىك.

چېڭ چېڭ لاسسىدە بولۇپ يەردە ئولتۇرۇپ قالدى. تۇيۇقسىز ئېكران يورۇپ بىر تال قىسقا ئۇچۇر كەلدى. " سورۇندىن قايتىپ، ئۇيقۇ كەلمىدى، ئۇخلىمىغان بولسىڭىز ئۇچۇر قايتۇرۇڭ، سىزگە تېلىفون قىلاي، پاراڭلىشايلى، بىكار قالغان جاڭ نىڭدىن"

چېڭ چېڭ ئازراق ئۈمىدسىزلەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىككىلەنمەستىن جاڭ نىڭنىڭ نومۇرىنى باستى.
- ۋوي ، تېلىفون قىلىپ قاپسىزغۇ، قويۇۋېتىڭ، مەن قايتۇرۇپ ئۇراي- تېلىفوندىن جاڭنىڭنىڭ خوشال ئەمما سەل ئېنىقسىز ئاۋازى ئاڭلاندى.
- ياق بولدى،- ئادەم ئاۋازىنى ئاڭلاپ چېڭ چېڭنىڭ قورقۇنچى خېلى پەسەيدى،- بۇ يەردە توك كەتتى، قاپقاراڭغۇ، بەك قورقۇۋاتىمەن، ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىساملا بولدى.
- چاتاق يوق، قانچىلىك ئاڭلايمەن دېسىڭىز مانا مەن تەييار
چېڭ چېڭ ئاچچىق كۈلۈمسىرىدى، ئەمدىلا ئېغىز ئاچاي دېگەندە سىرتتىن يەنە تاك، تاك، تاك قىلغان ئاۋاز كەلدى.
-كەلدى، يەنە كەلدى!
-نېمە كەلدى؟- جاڭ نىڭ دەرھال سەگەكلەشتى
-بىرسى ئىشىكنى چېكىۋاتىدۇ- دېدى چېڭ چېڭ ئاۋازىنى پەسلىتىپ يىغلامسىرىغان ھالدى.
- سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنى؟ كىمكەن؟ ساقچىغا مەلۇم قىلامدۇق يا؟
- ياق، ئىشىك چېكىۋاتقان ئادەممۇ جىنمۇ بىلەلمىدىم، كەچقۇرۇن "يېرىم كېچىدە چېكىلگەن ئىشىك" دېگەن تېمىنى كۆرگەن، سائەت 12بولغاندا يانفونۇمنىڭ قوڭغۇرىقى تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى، ئارقىدىن ئىشىك چېكىلدى، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاچاي دېسەم تۇيۇقسىز توك كەتتى، ھازىر يەنە چېكىۋاتىدۇ، مەن بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن.....
چېڭ چېڭ ئاغزىنى مەھكەم ئېتىۋېلىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى، كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ توختىماي ئاقاتتى.
- يىغلىماڭ، بۇ دۇنيادا جىن ئالۋاستى مەۋجۇت ئەمەس، قايسى بىنادا تۇرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ، مەن ھازىرلا باراي
چېڭ چېڭ خۇددى قۇتقازغۇچىغا ئۇچرىغاندەك ئويلىنىپمۇ كۆرمەستىن ئادرىسىنى جاڭ نىڭغا ئېيتىپ بەردى....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش