ئىگىسى: tiltumar

ئاچكۆزلۈكنىڭ ئاقىۋىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

بولدى ئارتۇق گەپ

UID
13878
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
994
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 22:52:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق   ئىشلارنى  ئويلىساملا  ئىچىمنى  بىر  ئاچچىق قاپلىۋالىدۇ
مۇشۇ پۇلزە  نى  نى  ئادەملەرنى  ئازدۇرۇپ بەخىتلىك ئائىلىلەرنى  ۋەيران قىلىپ ...........

جاپا  تارىتماي ئىرىشكەن بەختىڭنىڭ ئاخىرى  قاندا  بولا؟

UID
10584
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1046
تىزىملاتقان
2011-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 00:09:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ پارىخور ئەر-خوتۇنلارنىڭ جازالانغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى پارچە خەۋەرنى ئەينى ۋاقتتا تەرجىمە قىلىپ، مىسرانىم تورىغا يوللاپ بەرگەن ئىدىم. بۇ تېما بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن ئىنكاس سۈپىتىدە يوللىدىم.

پارىخور ئەر-خوتۇن جىنايى جازاغا تارتىلدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 30-مارت خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى(مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) قوشۇمچە مارالبېشى ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ كاشېڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى چيۇ شياۋ مېينىڭ پارا ئېلىش جىنايىتى دېلوسىغا 1-سوت ھۆكۈمىنى چىقارغان.ئېنىقلىنىشىچە، ليۇ كاشېڭ 2002-يىلدىن 2010-يىلى چاغانغىچە بولغان مەزگىلدە قاغىلىق ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى(مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) قوشۇمچە مارالبېشى ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان ۋاقتتا خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ،ئايالى بىلەن بىرلىكتە  5 مىليۇن 677مىڭ 800 يۈەن نەق پۇل ۋە 18مىڭ 600يۈەن قىممىتىدىكى خاتىرە كومپيۇتېرىنى پارا ئالغان.ليۇ كاشېڭ 2003-يىلى 8-ئايدىن 2010-يىلى چاغانغىچە ئۆزى يالغۇز  بىر مىليۇن 85مىڭ يۈەن پارا ئالغان.  
سوت مەھكىمىسى ليۇ كاشېڭغا پارا ئېلىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش، قوشۇمچە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەرگەن. چيۇ شياۋمېيغا پارا ئېلىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 15يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ،  سىياسى ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىىلىشنى ھۆكۈم قىلغان.ئىككى جاۋابكار نارازىلىق ئەرز سۇنىمىز دېگەن

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى.  
تور ئادرېسى: http://www.tianshannet.com/news/ ... content_5703637.htm


ئەلبەھرە تورى www.elbehre.com

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1341
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43075
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 00:14:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق پارىخور ئەمەلدارلار  يوقالمىغىچە  ئاۋام  ئاۋىمايدۇ ،،،راستلا  تورداشلار دېگەندەك  بۇلار  ھەقىقەتەن نەس باسقانلىرى ،،،،مۇشۇ ئىدارە جەمىيەتتىكى يەۋاتقانلارنى كۆرسە  ،،،،نېمە دېگۇلۇك ئەمدە

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

كۆيۈمچان ئەزا

تارازىغا ئەڭ ئېغ

UID
8321
يازما
78
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2418
تىزىملاتقان
2010-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 00:15:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇلارنىڭ پارا ئالغىنىنى بۇنىڭدىن كۆپ دەپ ئاڭلىغان ،
بىچارە دىھقانلارنى بەك قاخشاتقان بۇلار........

UID
10584
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1046
تىزىملاتقان
2011-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 00:15:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر پارچىسى :


مارالبېشىنىڭ سابىق سېكىرتارى سوتتا نەيرەڭۋازلىق قىلغان 
  
 «قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ 2011-يىلى 28-فېۋرال خەۋىرى: مارالبېشى ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكىرتارى ليۇ كاشېڭ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى چيۇ شياۋمېي 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوت قىلىندى. ئىككى جاۋابكار ليۇ كاشېڭ ئەمەل تۇتقان مەزگىلدە 5مىليۇن 687مىڭ 800يۈەننى ئورتاق پارا ئالغان، ليۇ كاشېڭ ئۆزى 1 مىليۇن 80مىڭ يۈەن پارا ئالغان، ئومۇمى پارا ئېلىش سوممىسى 6 مىليۇن 770مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، دەپ ئەيىپلەندى. 
 
   
11 نەپەر يېزا بازار سېكىرتارى پارا بەرگەن 
   
ئەيىپلىگۈچى ئورگان مۇنداق ئەيىپلىدى: ليۇ كاشېڭ 2005-يىلى 5-ئايدىن 2010 -يىلىغىچە خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ،  خوتۇنى بىلەن بىرلىكتە، مارالبېشى ناھىيىسىدىكى 11 يېزا-بازارنىڭ سېكىرتارىدىن تاپان ھەققى ئالغان، سوممىسى 60مىڭ يۈەندىن 655 مىڭ يۈەنگىچە بولغان. جۈملىدىن،  ئەر-خوتۇن ئىككىىسى مارالبېشى توغراق ئورمان مەيدانىنىڭ باشلىقى لوxx ، مارالبېشى ناھىيىلىك سۇ ئىدارىسى پارتكوم سېكىرتارى ليۇxx ، مارالبېشى يېشىل تاغ پارنىك چەكلىك شىركىتىنىڭ دېركتورى يو xx قاتارلىق 18 ئادەمدىن ئايرىم-ئايرىم 50مىڭ يۈەندىن 621مىڭ يۈەنگە قەدەر تاپان ھەققى ئالغان. ئەر-خوتۇن ئىككىسى يۇقۇرىقى 29 ئادەمدىن 5مىليۇن 680مىڭ يۈەن پارا ئالغان. يەنە قىممىتى 18مىڭ 600يۈەنلىك خاتىرە كومپيۇتېرنى پارا ئالغان. 
 
ئەيىپلىگۈچى ئورگان يەنە مۇنداق ئەيىپلىدى: ليۇ كاشېڭ 2003-يىلىدىن 2010-يىلى چاغانغىچە خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، قاغىلىق ئادىل سودا شەھەرچىسىدىكى ئا xx تىن 100مىڭ يۈەن، مارالبېشى ناھىيە گۇاڭدا پاختا شىركىتىنىڭ دېركتورى ۋۇxx (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ) تىن 800مىڭ يۈەن پارا ئالغان. 5 ئادەمدىن ئالغان پارا سوممىسى 1 مىليۇن 80مىڭ يۈەندىن ئاشقان. 
 
ئەيىپلىگۈچى ئورگان ليۇ كاشېڭ ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ پارا ئېلىش قېتىم سانى 34 قېتىمغا يەتكەن، پارا سوممىسى ئىنتايىن كۆپ، دەپ قارىغان. 
 
   ليۇ كاشېڭ: خوتۇنۇمنىڭ پۇل ئالغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق، دېگەن. 
  
سوت قىلىنغاندا، ليۇ كاشېڭ مارالبېشى ناھىيە شىنپېڭ پاختا شىركىتىنىڭ دېركتورى رۈەنxx تىن 50مىڭ يۈەن ئالدىم، بۇ پۇلنى 4 قېتىمدا ئالغان، مەن شۇ چاغدا قورقۇپ كېتىپ، پۇلنى قايتۇرىۋېتەي، دەپ ئويلىغان، لېكىن قايتۇرۇپ بولالمىدىم، پۇلنى قايتۇرۇش خىيالىم بارىدى، باشقىلىرىدىن مەن پۇل ئالمىدىم، خوتۇنۇمنىڭ پۇل ئالغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق، دېدى. 
 
ئەيىپلىگۈچى: سەن خوتۇنىڭنىڭ پۇل ئالغانلىقىنى بىلمەيمەن، دېدىڭ، ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن تەھقىقلەش ئورگىنىدا جىنايىتىم بار دەپ ئىقرار قىلدىڭ؟ دەپ سورىدى. 
 
ليۇ كاشېڭ: مەن ئىقرار قىلمىسام، خوتۇنۇم باش جىنايەتچى بولۇپ قالىدۇ، قىزىم بىلەن قېيىنئاتامنىڭ بۇ دېلوغا چېتىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتىم، خوتۇنۇمنىڭ پۇل ئالغانلىقىدىن خەۋىرىم يوقتى، كېيىن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خادىملىرى ماڭا دەپ بەرگەن، دېدى. 
 
ئەيىپلىگۈچى: 31-دىن 34- تۈرىگىچە ئەيىپلەشنى ئېتىراپ قىلامسەن؟ 
 
ليۇ كاشېڭ: بىلمەيمەن. 
 
ئەيىپلىگۈچى: سەن بىلمىسەڭ، بۇ ئەيىپلەش نەدىن كەلگەن؟ 
 
ليۇ كاشېڭ: مېنى ئالداپ ئىقرار قىلدۇرغان، مەن توقۇپ چىققان. 
 
  
 
خوتۇنى: غايەت كۆپ پۇلغا ھېرىسمەن بوپتىمەن، دېگەن. 
  
 
ليۇ كاشېڭنىڭ خوتۇنى چيۇ شياۋمېي سوتتا يىغلاپ تۇرۇپ، ئېرىم ماڭا كەچتە كادىرلارنى قوبۇل قىلما، خوجايىنلار بىلەن باردى-كەلدى قىلما، دەپ قائىدە بېكىتىپ بەرگەن. مەن ئېرىمگە ئۇقتۇرماي باشقىلاردىن پۇل ئالغان، پۇل ئالغانلىقىمنى ئېرىمگە دېمىگەن، ئۇ پۇلغا پاي چېكى سېتىۋالغان،  دېدى. 
 
باش سوتچى: سەن پۇل ئالغانلىقىمنى ئېرىم بىلمەيدۇ دېدىڭ، باشقىلار شۇنچە كۆپ پۇلنى بەرسە، ئۇنىڭغا ئىش قىلىپ بەرمىسەڭ، ئەرز قىلمامدۇ؟ 
 
چيۇ شياۋمېي: خەق پۇل بەرسە ئۆزىنىڭ ئىشى، مەن ئۇلارغا ئىش قىلىپ بەرمىدىم. 
 باش سوتچى: ئۇلار نىمىشقا ساڭا شۇنچە كۆپ پۇل بېرىدۇ؟ 
 
چيۇ شياۋمېي: پۇل بېرىش دېگەن باردى-كەلدىدە بولىدىغان ئىش، بايرامدا مەنمۇ باشقىلارغا بەرگەن. 
 باش سوتچى: سەن باشقىلارغا مىليۇنلاپ پۇل بەرگەنمۇ؟ 
 
چيۇ شياۋمېينىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. 
 
چيۇ شياۋمېي: شۇنچە كۆپ پۇلنى ئېلىپ كەلسە، رەت قىلغۇم كەلمىدى، پۇلغا ھېرىس بولۇپ، ئېلىۋەردىم. 
 
باش سوتچى: ئالغان پۇل نەگە كەتتى؟ 
 
چيۇ شياۋمېي: كۆپ قىسمىغا پايچېكى ئالدىم، بىر قىسمىنى ئۆيگە ئىشلەتتىم. 
 
  
  
 
پارا بەرگۈچىلەر نىمە ئۈچۈن پۇل بەرگەنلىكىمىزنى ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئېنىق بىلىدۇ،  دېگەن 
  
 
پارا بەرگەنلەرنىڭ گۇۋاھلىق ئىسپاتى سوتتا كۆرسىتىلدى. پارا بەرگۈچىلەر نىمە ئۈچۈن پۇل بەرگەنلىكىمىزنى ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئېنىق بىلىدۇ، پۇل بېرىشتىكى مەقسەت ئىستىقبالىمىز ۋە ئەمىلىمىز ئۆسۈشى ئۈچۈن دېگەن. 
 
مەلۇم يېزىنىڭ سېكىرتارى لو xx 540مىڭ يۈەن پارا بەرگەن. ئۇ: نامرات يېزىدىن باي يېزىغا يۆتكىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم پۇل بەردىم، ليۇ كاشېڭ ئۆزى پۇل ئالماي، خوتۇنى ئالاتتى، ئۇ خوتۇننى ھەممەيلەن بۇتساتىۋا دەيتتۇق، ئاۋال تېلېفۇن قىلىۋېتىپ، پۇل ئاپىراتتىم، ئاز بولغاندا 50مىڭ يۈەن، كۆپ بولغاندا 150مىڭ يۈەن ئېلىپ بارغان، دېگەن. 
 
پارا بەرگەن باشقا يېزا بازار سېكىرتارلىرى: ئەگەر پۇل بەرمىسەك، چوڭ يىغىندا تەنقىتلەيتتى، ئادەم ئالماشتۇرىمەن دەيتتى، پۇل بەرسەك پوزىتسىيىسى دەرھال ئۆزگۈرەتتى، دېگەن. 
 
سوت ئاخىرلاشقاندا، ھۆكۈم سوت ئۈستىدە ئېلان قىلىنمىغان. 



ھۆكۈم نەتىجىسنى ماۋۇ ئادرېستىن كۆرۈڭ: 
 
http://bbs.misranim.com/read.php?tid-44010.shtml 
 
  
 
مەنبە: «قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ 2011-يىلى 28-فېۋرالدىكى سانى. 
 
تور ئادرېسى:  
 
http://epaper.legaldaily.com.cn/ ... /Articel08002GN.htm 
 

ئەلبەھرە تورى www.elbehre.com

تىرىشچان ئەزا

بىلىپ سۆي كېيىن

UID
11126
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
693
تىزىملاتقان
2011-5-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 00:26:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئاچكۆزلەرنى يوقاتمىغىچە،جاھان تىنجىمايدۇ.

ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە...........

UID
13894
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
775
تىزىملاتقان
2011-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 00:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى ھېچ بىلمىدىم........
پارخورلۇق بىزنىڭ يۇرتتىلا ئېغىر مىكىن دىسەم، ھەممە يەرلىرىدە باركەن دەيمەن.

سەن ئۆتمۈشكە تاپانچا بىلەن ئوق ئاتساڭ.كىلەچەك سىنى زەمبىرەك بىلەن ئاتىدۇ .

UID
13565
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2011-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 08:51:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارالبېشىدا   كۆپ   قېتىم   يەر   تەۋرەش   بىكار  ئەمەسكەن  دە     .

ئۈمىدلىك ئەزا

ئىنساننىڭ ھايات

UID
6866
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
520
تىزىملاتقان
2010-10-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 10:44:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۈگۈنگىچە بۇ  ئاچكۆزنىڭ قانداق بولغانلىقىنى مارالبىشىدكى نۇرغۇن كىشلەر بىلمەيتى.  مەنمۇ ھازىر بىلدىم . باشلىق  دىگەن نەپسىنى سەل يىغمىسا مۇشۇنداق كۈنگە قالدۇ .

بارچۇق بەگ

UID
4121
يازما
191
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
5801
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 11:15:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 14قەۋەتتىكىnoshirwan يوللىغان 2011-08-12 00:15 غا قارتىلغان  :
يەنە بىر پارچىسى :


مارالبېشىنىڭ سابىق سېكىرتارى سوتتا نەيرەڭۋازلىق قىلغان 
  
.......
نوشىرۋان تورداش، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش مەلۇم دەرىجىلىك قانۇن ئورنىدا ئىشلەيمەن. بۇ خەۋەرنى باشقىلار بىلمەيدۇ دىگىنىم  يوق. يىقىندا جوڭگۇ بويىچە داڭلىق قانۇن تۈزۈم ژورنىلى 法制与新闻دىگەن ژورنالنىڭ 2011-يىلى 6-سانىدا،ئىلان قىلىنغان تەپسىلى خەۋەركەن. مەن پەقەت ئۈچتىن بىرىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.يا سىزنىڭ يۇقارقى تەرجىمىڭىزنى كۆچۈرۈپ ئەكەلمىدىم. تەرجىمىدە سىزگە  يەتمىگەن بولسام، ئاخىرىنى يوللىمىساملا بولدىغۇ؟يۇقارقى تىمىلىرىڭىزنى يوللاشتىكى مەقسىدىڭىز، مىنى خىجىل قىلىشمۇ؟
مۇنبەردە ، خۇتۇنلار ئۇزۇن كىيىدىمۇ قىسقىمۇ؟ دىگەندەك تىمىلار تەكرار تەكرار يوللىنىپ ، مۇنازىرە قىلىنسا ھىچكىمنىڭ كارى يوق، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جەنۇبى شىنجاڭدىكى نامرات سانالغان بىر جايدا ، چىرىكلىكنىڭ  ئەۋىج ئىلىپ كەتكەنلىگىدەك خەۋەرنى يوللاپ قويسام، پىكرىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟

مەن دوستقا مۇىتاج
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش