ئاچكۆزلۈكنىڭ ئاقىۋىتى
(شىنجاڭ مارالبىشى ناھىيەلىك پارتىكۇمنىڭ سابىق شۇجىسى لىئۇكاشىڭ بىلەن ئايالىنىڭ پارە ئىلىش دېلۇسى )
يىقىندا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن جۇرىنى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك ) ،مارالبىشى ناھىيەلىك پارتىكۇمنىڭ سابىق شۇجىسى لىئۇ خاشىڭ ھەم ئايالى چىڭ شىئۇمىينىڭ پارە ئالغانلىق دېلۇسىدا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقاردى. لىئۇخاشىڭنىڭ پارە ئالغانلىق جىنايىتى ئۈچۈن، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىرىلىپ، سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۈم قىلىندى. ھەم بارلىق مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى. چىئۇشىئاۋمىينىڭ پارە ئالغانلىق جىنايىتى ئۈچۈن، مۇددەتلىك 15يىللىق قاماق جازاسى ، سىياسى ھوقۇقىدىن 3يىل مەھرۈم قىلىش جازاسى بىرىلدى. ئىككىسىنىڭ جەمى 6مىليۈن 781مىڭ 400يۈەن پارە ئالغان پۇلى مۇسادىرە قىلىنىپ، دۆلەت خەزنىسىگە تاپشۇرۇلدى.
سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، لىئۇخاشىڭ 2002-يىلدىن 2010-يىلى چاغانغىچە ، خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، يۆتكەش ئۇسۇلى بىلەن ، 28ئادەمنىڭ خىزمىتىنى تەڭشىگەن، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق شەخشى پايدىغائېرىشكەن. شىركەتلەرنىڭ تىجارىتىگە ئارلىشىپ، 7شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش، پاختا يىغىۋىلىش، قاتارلىقلار ئىشلىرىدا شەخشى پايدىغا ئېرىشكەن. . ئايالى بىلەن بىرلىشىپ ،5مىليۇن 677مىڭ 800يۈەن نەق پۇل ،18مىڭ 600يۈەن قىممىتىدىكى خاتىرە كومپىيۇتۇردىن بىر دانە پارە ئ.الغان. لىئۇخاشىڭ يالغۇز ئۆزى 5ئادەمدىن جەمى بىر مىليۇن 85مىڭ يۈەن نەق پۇل پارە ئالغان .
11 يېزا بازارنىڭ شۇجىسى پارە بەرگەن
تەپتىش ئورۇنلىرى، لىئۇخاشىڭ 2005-يىلى 5-ئايدىن ،2010-يىلى دېلۇ پاش بولغىچە، خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ ، مارالبىشى ناھىيەگە قاراشلىق 11يېزا بازارنىڭ شۇجىلىرىدىن ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ 60مىڭ يۈەندىن 655مىڭ يۈەنگىچە ئايرىم -ئايرىم پارە ئالغان. كۆپ قىتىم مارالبىشى ناھىيەلىك ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقى لۇ پالانچى، مارالبىشى ناھىيەلىك مەلۇم ئىدارە پارتىكۇم شۇجىسى لى پالانچى ، مارالبىشى ناھىيەلىك مەلۇم چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتىنىڭ دىرىكتۇرى يو پالانچى قاتارلىق 18ئادەمدىن پايدا تەلەپ قىلىپ، 50مىڭ يۈەندىن 621مىڭ يۈەنگىچە پارە ئالغان، ئەر- ئايال ئىككىسىنىڭ يۇقۇردىكى 29ئادەمدىن ئورتاق 5مىليۇن 680مىڭ يۈەن دەپ كۆرسەتتى.
تەپتىش ئورۇنلىرى يەنە لىئۇخاشىڭ 2003،-يىلىدىن 2010-يىلى چاغانغىچە خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرى -ئاخىر بولۇپ ، قاغىلىق ناھيىلىك مەلۇم سودا سارايدىكى ئا پالانچىدىن، مارالبىشى ناھىيەلىك پاختاچىلىق شىركىتىنىڭ دىرىكتۇرى ۋۇ پالانچى(باشقا دېلۇدا ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى) قاتارلىق 5كىشىدىن بىر مىليۇن 80مىڭ يۈەن پارە ئالغان، دەپ كۆرسەتتى.
" مەن بىر شۇجى بولغاچقا، يۇز- ئابرۇيىمغا بەك دىققەت قىلىمەن. ئۆز قۇلۇم بىلەن پۇل تاپشۇرۇپ ئالمايمەن. ھەم مىنىڭ ئالدىمدىلا ئۆيدىكىلىرىمگە پۇل بىرىشىنى خالىمەيمەن . شۇڭا ، مەن ئۆيدىكى چىغىمدا ئۇلار كىلىپ قالسا، مەن دەرھال ئۆزەمنى چەتكە ئالىمەن. ناھىيەدىكى كادىرلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ پۇلنى بىۋاستە ئالمايدىغانلىقىمنى بىلىدۇ . پۇل ئەكىلىدىغانلار مەن يوق چاغلاردا كىلىدۇ. مەن ئايالىمغا 'ناھىيەدىكى كادىرلار پۇل ئەكەلسە ئالساڭ بولىدۇ. . ئەگەردە خوجايىنلار ، تۇنۇمايدىغان ئ.ادەملەر پۇل ئەكەلسە ئالدىراپ قوبۇل قىلما' دەپ تۈزۈم بىكىتىپ بەردىم". مانا بۇ لىئۇخاشىڭنىڭ تەپتىش ئورۇنلىرىغا تاپشۇرغان جىنايى پاكىتى ھەم ئۆزىنى ئاقلىشىدۇر.
لىئۇخاشىڭنىڭ پۇلغا قاراپ ئادەم ئىشلىتىشى، مارالبىشى ناھىيەسىدە مەخپىيەتلىك ھىساپلانمايدۇ
مارالبىشى ناھىيەلىك مالۇم يېزىنىڭ پارتىكۇم شۇجىسى گاۋ پالانچى يەنە بىر بالداق ئۆسۈشنى ئويلاپ، ناھىيەلىك پارتىكۇم شۇجىسى لىئۇخاشىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدۇ. 2006-يىلى 3-ئاينىڭ بىركۈنى گاۋ لىئۇخاشىڭنىڭ ئۆيىدە يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ، 40مىڭ يۇەن سېلىنغان كۇنۋىرتنى ئۇنىڭ ئايالى چىئۇشىئاۋمىيغا بىرىدۇ. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ "بايلىق ئىلاھى "دىگەن نامىمۇ بار. كەچتە چىئۇشىئاۋمىي پۇلنىڭ ئىشىنى ئۇنىڭغا ئىيتىدۇ. 2007-يىلى 3-ئايدا ، گاۋ ھىيت پەتىسىنى باھانىلاپ، يەنە چىئۇشىئاۋمىيغا 40مىڭ يۈەن ئەكىلىپ بىرىدۇ. گاۋنىڭ" تىرىشچانلىقى" بىكار كەتمەي، 2007-يىلى لىئۇخاشىڭنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن كۆرسىتىشى ئارقىسىسدا، گاۋبيېزىلىق پارتىكۇمنىڭ شۇجىلىقىدىن، باشقا بىر ناھىيەگە تەڭشىلىدۇ. ھەم دەرىجىسى مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك بولۇپ ئۆسىدۇ. گاۋ يۆتكىلىپ كەتكەندىن كىيىن ، يەنە چىئۇشىئاۋمىيغا 50مىڭ يۈەن ئەكىلىپ بىرىدۇ.
ئىر پالانچى مارالبىشى ناھىيەلىك مالۇم بازاردا مۇئاۋىن شۇجى بولۇپ ، چۈشىدىمۇ ئۆسۈشنى ئويلايدۇ. 2006-يىلى لىئۇخاشىڭ ئۇنى باشقا بىر يېزىغا رەسمى شۇجى قىلىپ ئۆستۈرىدۇ. ئىر پالانچى لىئۇخاشىڭنىڭ ئۆيىگە كىلىپ "بايلىق ئىلاھى" چىئۇشىئاۋمىيغا 50مىڭ يۈەن قاچىلىغان كونۋىرىتنى بىرىپ كىتىدۇ.
بىر يىلدىن كىيىن، لىئۇخاشىڭ ئىر پالانچىنى بىر يېزىنىڭ پارتىكۇم شۇجىسى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. 2008-يىلى چاغاننىڭ 2-كۈنى ئىر پالانچى، پەتىلەش باھانىسى بىلەن، كىلىپ، چىئۇشىئاۋمىيغا 100مىڭ يۈەن قاچىلانغان كونۋىرىتنى بىرىدۇ. ئايالى كەچتە لىئۇخاشىڭغا " ئۇ نىمشقا بۇنچىۋالا جىق پۇل ئەكىلىدۇ؟ "دەپ سورىغاندا لىئۇ خاشىڭ " سىز بىلمەيسىز، مەن ئۇنى بىرچوڭراق يېزىغا شۇجى قىلىپ ئەۋەتتىم. بۇ دىگەن پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئەي باي يېزا . پايدا جىق چىقىدۇ . بۇ سولتەك ماڭا ئوبدانراق رەھمەت ئىيتىشى كىرەك "دەيدۇ.
2009-يىلى ھەم 2010-يىلى چاغاندا، ئىر پالانچى چىئۇشىئاۋمىيغا 100مىڭ يۈەن ھەم 50مىڭ يۈەن ئەكىلىپ بىرىدۇ.
مەلۇم يېزىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چىن پالانچى "بىرىنچى قول" باشلىق بولۇش ئۈچۈن، ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ، "بايلىق ئىلاھى "غا 350مىڭ يۈەن بىرىدۇ. كىيىن لىئۇخاشىڭ ئۇنى ئۆستۈرۈپ باشقا بىر يېزىنىڭ شۇجىسى قىلىپ تەيىنلەيدۇ.
مەلۇم يېزىنىڭ شۇجىسى لو پالانچى لىئۇخاشىڭنىڭ ئۆزىنى ئۆستۈرگەنلىگىگە رەھمەت ئىيتىش ئۈچۈن، 10قىتىمدا، جەمى 540يۈەن ئەكىلىپ بەرگەن.
لىئۇخاشىڭ دىڭ پالانچىنى بىرقەدەر نامرات يېزىدىن، بايراق يېزىغا يۆتكەپ شۇجى قىلىپ تەيىنلەيدۇ .2005-يىلدىن 2010-يىلغىچە دىڭ پالانچى ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ 21قىتىم لىئۇخاشىڭغا 655مىڭ يۈەن ئەكىلىپ بىرىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، لىئۇخاشىڭغا پۇل ئىكىلىپ بەرگەن 11يېزىنىڭ شۇجىلىرى بۇ پۇللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ،ساقتا ماشىنا رىمىنت تالۇنى ياساش، ماي پۇلى، كۆچەت پۇلى، يەم- خەشەك پۇلى، كۈتىۋىلىش خىراجىتى ، كۆمۈر ئىلىش پۇلى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھۆكۈمەت ھىساۋىغا ئاتچۇت قىلدۇرغان پۇللار بولۇپ ، ئۆز يىنىدىن چىقىرىپ بەرگىنى ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگەللەيدىكەن.
داۋامى بار
(قانۇن تۈزۈم ۋە خەۋەرلەر )ناملىق خەنزۇچە ژورنالنىڭ 2011-يىلى 6-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ.