تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 9439|ئىنكاس: 76

داۋالىنىش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1973
يازما
50
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
1720
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 12:40:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋالىنىش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇشنى بىلەمسىز؟
ئۆتكەن ئاينىڭ باشلىرىدا  26 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۇيغۇر بالا ئۆزىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالايدىغان ياكى بولالمايدىغانلىقىنى سوراپ كەپتۇ. مەن سېستىمىدىن تەكشۈرۈپ بۇ سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولۇش ۋاقىت چېكىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى شۇڭا بەھرىمان بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم ھەمدە باشقا ئەھۋاللارنىمۇ بىلىپ بېقىش نىيىتىد بەزى سۇئاللارنى سورىدىم. تۆۋەندىكىسى مەن سورىغان سۇئاللار ۋە ئۇ بالىنىڭ جاۋاپلىرى.
--- نىمە ئۈچۈن خىىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بەردىڭىز؟
--- ئاغرىپ  قالغان ئىدىم. شۇڭا خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپلا ئۈرۈمچىگە كېسەل داۋالاتقىلى باردىم.
--- ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالىدىڭىزمۇ؟
--- ياق. بەھرىمان بولالمىدىم. داۋالىنىپ بولۇپ ھىساۋات قىلىدىغان چاغدا دوختۇرخانا تەرەپ كارتىڭىز توختاپ قاپتۇ، ئات چوت قىلغىلى بولمايدىكەن دىدى. شۇڭا نەق پۇل تۆلىدۇق.
--- كېسىلىڭىزنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەش توغۇرلۇق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىسپات(转院整) ئالغانمۇ؟
--- ئالغان.
--- ئۈرۈمچدە دوختۇرخانىغا جەمى قانچە پۇل تۆلىدىڭلار؟
--- 20 مىڭ يۈەن.
--- باشقا سۇغۇرتىلارغىمۇ قاتناشقانمۇ؟
--- يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتناشقان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شۇنىڭدىن 3000 يۈەن ئات چوت قىلىپ بەردى.
--- 20 مىڭ يۈەنلىك داۋالىنىپ ئاران 3000 مىڭ ئات چوت قىلدۇردىڭىزمۇ؟! كارتىڭىز توختاپ قالمىغان بولسا داۋالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنىڭ 93% تى ئات چوت قىلىناتتى ئەمەسمۇ؟! – ئەسلىدە سىز داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە  ئۆيىڭىزدىكىلەردىن بىرەرسى ياكى سىز ھاۋالە قىلغان بىرەرسى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا بېرىپ سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرىۋەتكەن بولسا كارتىڭىز توختاپ قالمايتتى. نىمىشقا ئۆيىڭىزىدكىلەردىن  بىرەرسى كېلىپ قانداق قىلىش توغۇرلۇق بىزدىن مەسلىھەت سورىمىدى؟
--- ئۆيدىكىلەر دېھقان بولغاچقا بۇنداق قىلىشنىمۇ بىلمەپتۇ. دادام بوپتۇ ئۆزىمىزنىڭ پۇلىنى تۆلەۋېرەيلى دىدى.
مەن بۇندىن كېيىن قانداق قىلغاندا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالايدىغانلىقى ۋە باشقا بىر قىسىم ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇ بالا كېتىپ قالدى. لېكىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇ بالىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى 3 يىلدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپمۇ ئېغىر كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ياتقاندا تەمىناتتىن بەھرىمان بولالمىغانلىقى خىيالىمدىم كەتمىدى. يەنە قانچىلىغان دېھقان پەرزەنتلىرى مانا مۇشۇنداق ئۆزىگە پايدىلىق سىياسەتلەرنى چۈشەنمەي يۈرىدىغاندۇ؟ يەنە قانچىلىكى داۋالىنىشقا پۇل تاپالماي كېسەل ئازاۋى تارتىۋاتقاندۇ؟ 20 مىڭ يۈەن بىر دېھقان ئۈچۈن ئاز پۇلمۇ؟ بۇ ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا مۇشۇنداق بىر تېمىنى تەييارلاشنىڭ زۆرۈرلىگىنى ھىس قىلدىم ھەم تەييارلىدىم.

      ئۇنداقتا بۇ بالىنىڭ بۇ سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولالماسلىقىدىكى سەۋەپ نەدە؟
سەۋەپ دەل مۇناسىۋەتلىك قانۇن سىياسەتلەرنى چۈشەنمىگەنلىكىدە ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن سورىمىغانلىقىدا ياكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى ئوقۇمىغانلىقىدا. ئەگەر بۇلا شىركەتتىن ئىستىپا بەرگەن ئاينىڭ كېيىنكى ئېيىدىن  باشلاپ بۇ سۇغۇرتىنى ئۆزى ياكى ئاتا ئانىسى ياكى مۇشۇ بالا بالا ھاۋالە قىلغان بىرەرسى بۇ بالىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ نوپۇسى تۇرۇشلۇق شەھەر ياكى ناھىيىدىكى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا بېرىپ تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنى ئايمۇ ئايمۇ تۆلەپ ماڭغان بولسا ياكى دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇن قېلىپ قالغان پۇلنى تولۇقلاپ تۆلىۋەتكەن بولسا  بۇ سۇغۇرتىدىن  تامامەن بەھرىمان بولالايتتى. بۇ دىگەنلىك بۇ پۇلنى تۆلەشنى بىر ئايمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس. ئىشسىز قالغاندا، ئىقتىسادىڭىز يار بەرمىگەندە تۆلىمىسىڭىز بولىدۇ لېكىن يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان بالىغا ئوخشاش ئەسلىدە ئايمۇ ئاي تۆلەپ كېلىۋېتىپ دەل دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان چاغدا توختىتىپ قويسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر بۇ بالا خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ھىچ بولمىغاندا دوختۇرخانىدىن چىققانغا قەدەر سۇغۇرتا پۇلىنى ئۆزى تۆلەپ ماڭغان بولسا بۇ سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولالايتتى.

ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولۇشنىڭ تەلىپى نىمە؟
داۋالىنىش سۇغۇرتىسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ تەلىپى سۇغۇرتا پۇلىنى شۇ ئايدا تۆلەپ كېيىنكى ئايدا بەھرىمەن بولۇش. مەسىلەن سىز مۇشۇ ئايدا پۇل تاپشۇرغان بولسىڭىز پەقەت كېيىنكى ئاينىڭ ئاخىرىغىچىلا تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالايسىز يەنى كېيىنكى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسىڭىز داۋالىنىش كارتىڭىز ئىشلەيدۇ. ئەگەر شۇ ئايدا تاپشۇرۇپ كېيىنكى ئايدا داۋاملىق تاپشۇرماي دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسىڭىز كارتىڭىز توختاپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سىز قېپقالغان ئايدىكى پۇلنى تولۇقلاپ تۆلەپ كارتىڭىز ئېچىلغاندىن كېيىنلا تەمىناتتىن بەھرىمان بولالايسىز.
        داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇشنىڭ يەنە بىر ئۆلچىمى ئەگەر سىز بىرەر ئورۇننىڭ خىزمەتچىسى بولسىڭىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا شۇ ئايدا قاتنىشىپ تەمىناتتىن كېيىنكى ئايدا بەھرىمان بولالايسىز، ئەگەر ئۆزىڭىز تاپشۇرۇپ ماڭسىڭىز تولۇق بىر يىل تاپشۇرغاندىن كېيىن 2- يىلىدىن باشلاپ بەھرىمان بولالايسىز.

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ھەر ئايدا قانچىلىك پۇل تاپشۇرىمەن؟
ئەگەر بۇ پۇلنى سىز ئۆزىڭىز تاپشۇرماقچى بولسىڭىز ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىزغا قاراپ قارار چىقارسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئاساسى سان شۇ يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى ئوتتۇرىچە مائاشتىن تۆۋەن بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. مەسىلەن بۇ يىللىق ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئىجتىمائى ئوتتۇرىچە مائاش 2466 يۈەن. يەنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مۇشۇ پۇلنىڭ 8% تى بويىچە تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ پۇلنىڭ 8 پىرسەنتى 197.28 يۈەن. ئۇندىن باشقا چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى ئۇچۈن ھەر ئايدا 9 يۈەن تۆلەيسىز. بۇ ئىككى تۈرلۈك پۇلنى قوشقاندا ھەر ئايدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تۆلەيدىغان پۇل 206.28 يۈەن بولىدۇ. ئۇندىن باشقا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش بولغاچقا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بۇ پۇل بىلەن قوشۇپ تۆلەيسىز. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ بۇ يىللىق ئەڭ تۆۋەن چېكى 1480 يۈەننىڭ 20% تى. يەنى ،1480×20%=296.0. مۇشۇ  بويىچە ھىساپلىساق ھەر ئايدا تۆلەيدىغان پۇل 206.28+296.0=502.28 يۈەن بولىدۇ. بۇ مۇشۇ سۇغۇرتىلارنى سېتىۋالىدىغانلار ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم. ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە بۇنىڭدىن يۇقۇرى ئۆلچەم بويىچە تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

      ئەگەر مەن بىر شىركەت خىزمەتچىسى بولسام شىركەت مېنى قايسى تۈردىكى سۇغۇرتىلارغا قاتناشتۇرىدۇ؟
ئەگەر سىز بىر شىركەتنىڭ توختاملىق خىزمەتچىسى بولسىڭىز شىركەت سىزنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق بەش خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرىدۇ. ( بۇ بەش خىل سۇغۇرتا مەجبۇرلاش خاراكتىرلىك بولۇپ ھىچقانداق تاللاش ئىمكانىيىتى يوق. شىركەت تەرەپ ماۋۇ سۇغۇرتىنى تاپشۇرىمەن ياكى ماۋۇ سۇغۇرتىنى تاپشۇرمايمەن دەپ تاللىيالمايدۇ. ھەممىسىنى چوقۇم تاپشۇرىشى كېرەك. ) بۇ سۇغۇرتىلار ئۈچۈن سىز ئىشلەۋەتقان ئورۇن سىزنىڭ مۇئاشىڭىزنى ئىجتىمائى كاپالەت ئورۇنلىرىغا نەچچە پۇل دەپ مەلۇم قىلغان بولسا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن شۇ پۇلنىڭ 28% تى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن 8% تى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئۈچۈن 2% تى، توغۇت سۇغۇرتىسى ئۈچۈن 1% تى،  ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 0.5% تى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. (يۇقۇرقى پۇللاردىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تاپشۇرغان 28% نىڭ 8% تى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تاپشۇرغان 8% نىڭ 2% تى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تاپشۇرغان 2%نىڭ 1% تى  ھەر ئايدا قولىڭىزغا تارقىتىدىغان ماشىڭىزدىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. قالغان كۆپ قىسمىنى سىز ئىشلىگەن ئورۇن ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. توغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان پۇلنىمۇ پۈتۈنلەي سىز ئىشلىگەن ئورۇن ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدىن تۇتۇلمايدۇ.)

      ئەگەر سىز ۋاقىتلىق خىزمەتچى بولسىڭىز  سىز ئىشلەۋەتقان ئورۇن سىزنى پەقەت ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغىلا قاتناشتۇرىدۇ.

      ئەگەر ئىجتىمائى سۇغۇرتىغا ئۆزەم قاتناشسام قايسى سۇغۇرتىلارغا قاتنىشالايمەن؟
      ئەگەر ئۆزىڭىز قاتناشسىڭىز ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشالايسىز. بۇ سۇغۇرتىلارنىڭ ھەققىنى ئۆزىڭىز تاپشۇرۇپ ماڭسىڭىز بولىدۇ ياكى ئەسلىدە خىزمىتىڭىز بار بولۇپ ئىستىپا بەرگەندىن كېيىنمۇ مۇشۇ ئىككى خىل سۇغۇرتىنى تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.

       خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئەسلىدە تۆلەپ كېلىۋاتقان سۇغۇرتا پۇللىرىنى تاپشۇرمىساممۇ بولامدۇ؟
       تامامەن بولىدۇ. بىر ئىككى يىل تۆلەپ ئارلىقتا بەش يىل ھەتتا ئون توختىتىپ قويىدىغانلارمۇ بار.  لېكىن سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولمىسا ئەڭ ياخشىسى داۋاملىق تاپشۇرغىنىڭىز ياخشى. چۈنكى سىز سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلىمىسىڭىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالمايسىز يەنى كارتىڭىز توختاپ قالىدۇ.

ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئەڭ ئاز دىگەندە قانچە يىل تاپشۇرسام پېنسىيە يېشىغا توشقاندىن كېيىن سۇغۇرتا پۇلىدىن بەھرىمان بولالايمەن؟
ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئەڭ ئاز دىگەندە 15 يىل تولۇق تاپشۇرسىڭىز پېنسىيەگە چىققاندا سۇغۇرتا پۇلى ئالالايسىز. بۇ ھەرگىز 15 يىل ئۈزمەي تاپشۇرۇڭ دىگەنلىك ئەمەس ۋە ياكى 15 يىل تۆلەپلا توختىتىپ قويۇڭ دىگەنلىكمۇ ئەمەس. بۇ ۋاقىت يىغىپ ھىساپلىنىدۇ. ئەلۋەتتە تاپشۇرغان ۋاقتىڭىز قانچە ئۇزۇن، تاپشۇرغان پۇلىڭىز قانچە كۆپ بولسا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئېرىشىدىغان سۇغۇرتا پۇلىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىدە

قانداق ئەھۋالدا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالايمەن؟
ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىغا ئېرىشىشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى سۇغۇرتا پۇلىنى ئەڭ ئاز دىگەندە بىر يىل تاپشۇرۇش. ئەگەر بۇ پۇلنى بىر يىل تاپشۇرسىڭىز 3 ئاي ، 2 يىل تاپشۇرسىڭىز 6 ئاي ، 3 يىل تاپشۇرسىڭىز 9 ئاي ئالالايسىز. لېكىن مەيلى 10 يىل ياكى 20 يىل تاپشۇرۇڭ پېنسىيەگە چىققۇچە بۇ سۇغۇرتىدىن  پەقەت 24 ئايلا بەھرىمان بولالايسىز.

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىشقا ئىلتىماش قىلىشنىڭ ۋاقىت چېكى قانچىلىك؟
خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ 3 ئاي ئىچىدە سۇغۇرتا پۇلىدىن بەھرىمان بولۇشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. 3 ئايدىن ئېشىپ كەتسە 2- بىر ئورۇندا ئىشلەپ خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يەنە شۇ مۇددەت ئىچىدە ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.(تۈگىدى)
ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشقۇرىشىدىكى ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر تورداشلارنىڭ ئىجتىمائى سۇغۇرتىغا دائىر باشقا سۇئاللىرى بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسا بولىدۇ. ئامالنىڭ بارىچە ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىشكە تىرىشىمەن.
تەييارلىغۇچى: ئۆزەم
مەنبە: ئىجتىمائى كاپالەت قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13761
يازما
60
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1800
تىزىملاتقان
2011-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 15:30:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق تورداش نامىدىن سىزگە ئالاھىدە رەھمەت. نۇرغۇنلىغان مۇشۇنداق تەرەپلەردە گاڭگىراپ يۈرگەن ئادەملەر ئۈچۈن چوڭ ئىشتىن بىرنى قىلغىنىڭىزغا يەنە قايتىدىن ئالاھىدە رەھمەت.

UID
4964
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1150
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 15:35:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايالىم ھازىر 38 دە،ئىشسىز،ئۇنىڭ كىيىنچە مۇئاشلىق بولۇپ قىلىشى ئۇچۇن مەن قايسى خىل سۇغۇرتىغا قاتناشقۇزۇپ قويسام بولار؟تەپسىلى دەپ بەرسىڭىز؟

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
261
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8481
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 16:32:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ بالىدەك مۇشۇنداق بەھرىمان بولۇش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇشنى بىلەلمىگەنلەردىن يەنە قانچىلىك باردۇ . سىزنىڭ مۇشۇنداق ئەمەلى مىسال بىلەن بەشخىل سۇغۇرتا ھەققىدە تەپسىلى ئىزھات بەرگەنلىكىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم رەھمەت سىزگە .

UID
13828
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 16:40:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا ئىلتىماس قىلغانتىم ،ئىشسىزلىق كىنىشكىسىنى ئېلىپ بولۇپ سۇغۇرتا پۇلىنى ئىلتىماس كىلىدىغان ۋاقىتتا مەن ئىشلىگەن شىركەتنىڭ سۇغۇرتا پۇلىىنى يېزا نوپۇس  ئۆلچىمىدە تاپشۇرۇپتۇ ،ھازىر شەھەر نوپۇس ئىكەنسىز،تولۇقلاپ تاپشۇرۇڭ دەيدۇ،مەن يەنە قانچە پۇل تاپشۇرۇشۇم كېرەك.
لېكىن بىز ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەندە نوپۇسىمىز بىر تۇتاش شەىەر نوپۇس ئىدى.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
221
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6791
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 17:34:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ توغرۇلۇق ھىچقانداق ساۋاتقا ئىگە بولمىغاننىڭ زىيىنىنى تارتقان ئىدىم،ھەممىمىزگە پايدىلىق ياخشى تېما يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە؟!

UID
1973
يازما
50
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
1720
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 18:51:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىetikad يوللىغان 2011-08-08 15:35 غا قارتىلغان  :
ئايالىم ھازىر 38 دە،ئىشسىز،ئۇنىڭ كىيىنچە مۇئاشلىق بولۇپ قىلىشى ئۇچۇن مەن قايسى خىل سۇغۇرتىغا قاتناشقۇزۇپ قويسام بولار؟تەپسىلى دەپ بەرسىڭىز؟
ئايالىڭىزنى ياشانغاندا  كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە  ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرمىسە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت بىر خىللا سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن ئەڭ ياخشىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغىمۇ قاتناشتۇرۇڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئەگەر ئايالىڭىز دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسا ئادەتتە نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمان بولالايدۇ. بۇ سۇغۇرتىلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئايالىڭىزنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ نوپۇسى تۇرۇشلۇق شەھەر ياكى ناھىيىدىكى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرسىىڭىز بولىدۇ.  بۇ ئىككى خىل سۇغۇرتا ئۈچۈن ھەر ئايدا تۆلەيدىغان پۇل يۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك 502.28 يۈەن.

UID
11421
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
230
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 19:02:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز ، ھەقىقەتەن ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسز. مەن بەش يىل بىر شىركەتتە ئىشلىگەن ئىدىم ، بەش خىل سۇغۇرتىنىڭ ھەممىسىنى مۇئاشىمدىن تۇتۇپ ماڭغان ئىدى. ئەمما مەن شىركەتتىن ئىستىپا سورىغان ۋاختىمدا ، شىركەتنىڭ ئالدىنقى 3.5يىلنى تولەپ كىيىنكى 1.5يىلنى تولىمىگەنلىگى ئۇچۇن بىرىنچىدىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئالالمىدىم ، ئىككىنچىدىن تا ھازىرغىچە قالغان قىسمىنى شىركەت تولۇقلاپ تاپشۇرمىدى<سەككىز ئاي بولدى> ، ئەمگەك كاپالەت ئىشخانىسىنىڭمۇ شىركەتتنى مەجبۇرلاش ھوقۇقى يوق ئوخشايدۇ . ئۇچىنچىدىن تولۇقلاپ تاپشۇرمىغانلىغى ئۇچۇن سۇغۇرتا رەسميتىمنى شەھەرگە يوتكەپ كىرەلمىدىم . سىزنىڭ يول كۆرسىتىشىڭىزگە مۇھتاجمەن . قىممەتلىك تەكلىۋىڭىزنى ئايمىغايسىز .

UID
5821
يازما
75
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2355
تىزىملاتقان
2010-9-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-3
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 19:27:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزگە پايدىلىق ياخشى تېما يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە..............

دۇختۇر

UID
11516
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
170
تىزىملاتقان
2011-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 20:30:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتكۈچ

ھايات تاشتەكلا ئېغىر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش