- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 17
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 170
- تىزىملاتقان
- 2011-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-18
- UID
- 14884
- يازما
- 17
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 170
- تىزىملاتقان
- 2011-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-18
- توردا
- 0 سائەت
|
" ئۇيغۇر ئېنتېرنېت ئىشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە سۆھبەت " نى ئاڭلىدىم ۋە ئوقۇدۇم مېنىڭمۇ مۇشۇ ھەقتە ئىككى ئېغىز بىرنىمە دىگۈم كەلدى .
ئۇيغۇر ئېنتېرنېت ئىشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا كەلسەك بۇنى بىز ئەمدى ئايىغى چىققان كىچىك بالىغا ئوخشاتساق بولىدۇ،مەن ئىشىنىمەنكى بۇ بالا كېيىنچە تېز ماڭىدىغان ھەتتا يۈگۈرەلەيدىغان ،خەلقئارا يۈگۈرۈش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشالايدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ .
ئۇيغۇر ئېنتېرنېت تورى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن بۇنىڭدىن نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بۇنىڭدىن نەپ ئىلىپ كېلۋاتىدۇ. مانداقچە قىلىپ ئىيىتقاندا نان تېپىپ يەۋاتىدۇ ،بۇ نىمەدىگەن قالتىس ئىش،توردىن پايدىلىنىش نۆۋەتتە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى ،بىز ئۆگۈنىش ،تۇرمۇش ،خىزمەتتە توردىن ئيرىلالمايمىز ، بۇرىياللىق ئەلۋەتتە . ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن ئۇيغۇر ئېنتېرنېت تورى ئىزدىنىش ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەۋاتىدۇ، ئىلگىرلەش جەريانىدا بەزى سەۋەنلەكلەردىن ، ئوڭۇشسىزلىقلاردىن خالى بولالمايدۇ ،بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرسا ئۇنىڭدىن بىر ئەقىل تاپىدۇ بىر يول تاپىدۇ ،مۇشۇنداق قىلىپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ ، بىز بۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆپەرەك كۆرەيلى ،مەسىلە بايقىساق تەكلىپ پىكىر بېرەيلى ،مۇشۇنداق بولغاندا بىزمۇ ئۇيغۇر ئېنتېرنېت تورى قۇرغۇچىللىرىدىن بولالايمىز .ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېنتېرنېت تورى ئىشلىرى ئۈچۈن قان تەر سىڭدۈرۋاتقان ئەزىمەتلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن . |
|