شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئېنتېرنېتنىڭ ئەۋزەللىكى ھەمدە ئۇيغۇر ئېنتېرنېت ئىشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى(شەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:30دىن 8:30غىچە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى FM107.4سەنئەت رادىيوسى شەھەر ئاۋازى پروگراممىسىدا مەۋلۇت ئىبراھىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېنتېرنېت بىزنىڭ تۇرمۇش ، خىزمەت ۋە ئۈگىنىشىمىزگە قانداق قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى؟ بىزدە ئېنتېرنېتتىن قانداق پايدىلىنىش روھى بولۇش كېرەك؟ دېگەن نوقتىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ناھايتى مول مەزمۇنلۇق بىر قېتىملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. 
بۇ قېتىملىق رادىيو سۆھبىتىگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار ئەپەندىملەر ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم سۆز قىلماقتا ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار سۆز قىلماقتا
ئاڭلىتىش جەريانىدا ئېنتېرنېتنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن يېڭىلىقلىرى،ئېنتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ بۇنداق تېز بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستىقبالى شۇنداقلا قانداق قىلغاندا ئېنتېرنېتتىن توغرا ھەم ئۆنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ؟... قاتارلىق كۆپلىگەن نوقتىلاردا ئەركىن - ئازادە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ،ئالىم ئەھەت،مۇھەممەدجان ئۈمىدۋارلار ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ سۆھبەت پروگراممىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشى،ئېنتېرنېتتىن ئىلمىي ئۇسۇلدا پايدىلانغاندا غايەت زور ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بۇلىدىغانلىقى ،ساغلام تورغا چىقىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ھەققىدە ياخشى تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
سۆھبەت جەريانىدىكى رەسىملەر 
ئالىم ئەھەت،مەۋلۇت ئىبراھىم،مۇھەممەدجان مۇھەممەدتۇرسۇن ئۈمىدۋارلار بىرگە 
ئالىم ئەھەت ۋە مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار سۆھبەت ئۈستىدە
<<شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى 107.4سەنئەت رادىيوسى <<شەھەر ئاۋازى>>پروگراممىسى ھەر كۈنى ئەتتىگەن سائەت 7:30دىن 8:30غىچە ئاڭلىتىلىدىغان،ئۇنىۋېرساللىقنى ئاساس قىلغان پروگرامما بولۇپ،ھەر شەنبە كۈنى بۇ پروگراممىدا مەخسۇس تېمىدا سۆھبەت ئىشلىنىپ كەڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىلىدۇ،بىز بۈگۈنكى سۆھبەتنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەن بىر قىسىم تورداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ سۆھبەت جەريانىنى ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق،ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى
|