كۆرۈش: 12040|ئىنكاس: 31

ئاتا-ئانىڭىز ئۆيىڭىزگە كەلگەندە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1381
يازما
505
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15904
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 12:55:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاتا-ئانىڭىز ئۆيىڭىزگە كەلگەندە


     ئاتا-ئانىڭىز ئۆيىڭىزگە كېلىپ بىرنەچچە كۈن تۇرغاندا بەلكىم تۇرمۇش تەرتىۋىڭىزدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ،سىزگە بەزىبىر قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
     كۆرىۋاتقان تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىڭىزنى كۆرەلمەيسلىگىڭىز مۇمكىن،دادىڭىز ئۇرۇش كىنولىرىنى ياخشى كۆرىشى مۇمكىن،بۇنىڭدىن بىزارلىق ھېس قىلماڭ،بەلكىم كىچىك ۋاقتىڭىزدا كارتون فىلىملىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋېلىپ،ئاتا-ئانىڭىزمۇ ئۆزلىرى كۆرىدىغان فىلىملەرنى كۆرەلمەي سىزگە ھەمرا بولۇپ،زېرىكمەي-تېرىكمەر بىللە كۆرگەندۇر.
    ئەتىگەن تاڭ يورىماستا ئورنىدىن تۇرىۋېلىپ تاراڭ-تۇرۇڭ قىلىپ،ئۇيقىڭىزغا دەخلى قىلىپ،سىز ئىشقا ماڭغاندا بولسا خورەك تارتىپ تاتلىق ئۇيقىغا كەتكەن بولسا ئۇھ تارتماڭ،ئۇلار سىزنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقىچە قانچە-قانچە كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەندۇر.
     ياشانغاندا قۇلاق ئېغىرلاپ قالىدۇ،ئىنكاس ئاستىلايدۇ،گەپ قىلسىڭىز ئاڭلىيالماي،بىرنەچچە قېتىم تەكرارلىىشڭىزغا توغرا كەلسە ھەرگىز تېرىكمەڭ،تېرىكسىڭىزمۇ چاندۇرماڭ،سىزمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىڭىزدا،توختىماي سوئال سورايتتىڭىز،گەپ چۈشەنمەي توختىماي «ھە؟»دەيتتىڭىز،بۇ قىلىقىڭىزدىن ئاتا-ئانىڭىز ھەرگىز تېرىكمەيتتى،بەلكى ئامراقلىق قىلىپ كۈلۈپ كېتەتتى.ئەگەر بالىلىق بولغان بولسىڭىز بۇنى بىلىسىز،چۈنكى بالىڭىز قىلىۋاتقان قىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى سىزمۇ كىچىك ۋاقتىڭىزدا قىلغان،بۇنى ئۇنۇتماڭ.
    ئۆيدە تاماكا چېكەلمىدىم،خالىغىنىمچە يۈرەلمىدىم،دەپ ئويلىماڭ،ئاتا-ئانىڭىز سىزنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقىچە بەلكىم،نۇرغۇن ھوزۇر-ھالەۋەتلەردىن ۋاز كەچكەندۇر.
    ئاتا-ئانىڭىز ئۆيىڭىزگە كەلگەندە،ئۆيڭىزنىڭ قىبلە-كۈنچىقىش تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇڭ،ياشانغاندە بىر يەردىن،بىر يەرگە بارسا بېشى قېيىپ،مەغرىپ-مەشرىقنى پەرقلەندۈرەلمەي قالىدۇ.
   تازىلىق ئۆيى،ئاشخانا ئۆيدىكى سۇ تۇرۇببىسى،ئىسسىق-سوغۇق سۇ چۈشۈش جۈمەكلرىنى ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ،بۇرۇنمۇ كەلگەنغۇ ، بىلىدىغۇ،دەپ ئويلىماڭ،ئادەم ياشانغاندا ئۇنۇتقاق بولۇپ قالىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئۆيلىرىمىزدە ئۆزگۈرۈشلەر تېز،ئۇلار يېتىشىپ بولالمايدۇ. شارائىت يار بەرسە يۇيۇندۇرۇپ قويۇڭ،تاھارەتكە سۇ تەييارلاپ بېرىڭ.
   ئۇلار بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىڭ،گەرچە گەپلرىڭىز بىر يەردىن چىقمىسىمۇ،سىزگە سىز تۇغۇلماستىكى ئىشلار،سىز تونۇمايدىغان ئادەملەر توغرىلىق سۆزلەپ بەرسىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭ، ئادەم ياشانغاندا مۇڭداشقاق بولۇپ قالىدۇ،ئۆتمۈشنى ئەسلەشنى ياخشى كۆرىدۇ.
  ئۆزىڭىز توغرىلىق ئۇلارنى خوشال قىلىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىڭ،بىر ئىشلاردا ئۇلاردىن مەسلىھەت سوراڭ،ئۆزىڭىزنىڭ يەنىلا ئۇلارغا مۇھتاج ئىكەنلىكىڭىزنى،ئۇلاردىن ئايرىلالمايدىغانلىقىڭىزنى،ئۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس  قىلدۇرۇڭ.
   ئۇلار ئۈچۈن بىرنەچچە ۋاقىت تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ،ئاچچىق-چۈچۈك تاماقلارنىڭ مەرىدىن كېچىپ،ئۇلارغا
سىڭىشلىق،سۇيۇق-سەلەڭ،قىيمىلىق تاماقلارنى ئېتىپ بېرىڭ.
   ئۇلارنىڭ خىرەلەشكەن كۆزلىرىگە،ئاقارغان چاچلىرىغا، شەكلى ئۆزگەرگەن بەدەن تۇرقىغا،تاققا-تۇققا گەپلىرىگە،غەلىتە بولۇپ قالغان مىجەز-خۇلقىغا قاراپ تېڭىرقىماڭ،ئۇلارمۇ بىر چاغلاردا ئوماققىنە بالا ئىدى،قىران يىگىت،بەرنا قىز ئىدى،سالاپەتلىك ئەر،سۈلكەتلىك جۇۋان ئىدى...
ئۇلارنىڭمۇ بالىلىقى بولۇپ ئۆتكەن،ياشلىق قىرانلىق مەزگىللىرى بولغان،شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللا ئامان قىلسا بىزمۇ قېرىيمىز،ئۇلاردەك بولىمىز،ئۇلارچىلىك بولالسىاق شۇنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش.

  مەنبە:تۇرمۇش تەجرىبەم

سەمىمىلىك بىباھا گۆھەردۇر!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12910
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
120
تىزىملاتقان
2011-7-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 15:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىما ئىگىسى(ahu)نىڭ يازمىسىغا قارىشىم

ئەجرىڭىزگە كۆپ  تەشەككۈر . ھازىرقى پەرزەنتلەر  بىلىۋىلشقا تىگىشلىك  تىما ئىكەن.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
231
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6801
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-13
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 16:42:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭلار ئۆيگە كەلسە ھەممە ئش تەرتىپلىك بولىۋاتقاندەك ،كەيپىيات كۆتۈرلۈپ ،ئىناق بىر ھالەت شەكىللەنگەندەك ھىس قىلىمەن.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بەزى نۇقتىلارنى يۇرۇتۇپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!

كۆيۈمچان ئەزا

شىنجاڭغا داڭلىق

UID
8923
يازما
81
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2621
تىزىملاتقان
2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 16:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز ئەسلى ئۇلار بىزلەر ئۈچۈن تەۋەرۈك ئىنسانلاردۇر.

UID
10525
يازما
310
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3520
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
122 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 16:51:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئوماق يېزىلىپتا بۇ يازما ، دەرھەقىقەت چوڭلار دىگەندەك ، ئادەم قېرىغاندا قايتىدىن بالىلىققا قايتىدىغان گەپكەن . بۇرۇن تاغ ئايلانسا ھازىر بوسۇغا ئايلىنىدۇ ." مەنمۇ ئىدىم سېنىڭدەك ، سەنمۇ بولارسەن مېنىڭدەك "دىگەندەك ، قېرىلىق ھەر بىرىمىزنىڭ بېشىدا بار ، ئۇنداق بولغان ئىكەن بۇ يازمىدا يېزىلغاندەك ئاتا - ئانلىرىمىز غا ئەركىن ئازادە بالىلىقىغا قايتىش پۇرسىتىنى بەرسەك ، بالىلىرىمىزمۇ ھېچ ئىككىلەنمەي بۇ پۇرسەتنى بىزگە بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن .

تىرىشچان ئەزا

بۈگۈن-ئەڭ مۇھىم.

UID
11300
يازما
37
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1237
تىزىملاتقان
2011-5-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-26
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 17:13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئەتىراپلىق، سىڭىشلىك پىكىر قىلىپ يىزىلغان تېمىكەن، ئەجىرىڭىزگە رەھمەت!

UID
1381
يازما
505
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15904
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 18:33:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرغىنىڭلا ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!

سەمىمىلىك بىباھا گۆھەردۇر!

UID
13048
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
497
تىزىملاتقان
2011-7-7
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 18:38:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ، ئاھۇ ، نىمانداق پەيزى يېزىۋەتتىڭىز ، بەزىلەر مۇشۇنداق قولىغا كۇنۇپكا تاختىسى تەگسىلا تەبىئى تەرىزدە ياخشى نەرسىلەرنى يېزىپ چىقالايدۇ .
تېمىڭىزنى ئوقۇپ قايسى كۈنى ئاپامغا بىر گەپنى ئۈچ قېتىم دەپ ئاڭلىتالمىغىنىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى  . شۇ كۈنى بىر كۈن كۆڭلۈم غەش بولۇپ قالغانتى .

يېڭى يۇلتۇز

دۇنيانى بىر دېڭى

UID
13167
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2011-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 19:06:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى ئوقۇپ سەل خېجىل بولۇپ قالدىم. ئاپامگىپىمنى ئۇقالماي قالغاندا، بەزىدە سەل تېرىككەكلىك بىلەن جاۋاپ بېرەتتىم....  ئۆزۈمگە ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن دەپ پىچىرلاۋاتىمەن!
تىما ئېگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

سول كۆزىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسىڭىز، ئوڭ كۆزىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى تەپسىلى كۆزىتىڭ!

UID
12748
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1175
تىزىملاتقان
2011-6-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 19:19:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يېزىلغان ،تەبىى چىققان، ھەجمى كىچىك،ۋەزنى ئېغىر،مەزمۇنى چوڭقۇر ماقالە بوپتۇ. ئويلىنىشىمىزغا  ،ياخشى  ھەزىم قىلىشىمىزغا تېگىشلىك .ھەممەمىزنىڭ  بېشىغا كەلگەن،كېلىۋاتقان،كېلىدىغان ئىشلار.  ئاللا  ھەممىمىزگە ئىمان--ئىنساپ،ۋاپادارلىق،كۆيۈمچانلىق ئاتا قىلسۇن.چوڭلارغا ۋاپادار-كۆيۈمچان ،مېھىرلىك  بولايلى،ئۇلارنىڭ بۈگۈنى--بىزنىڭ ئەتىمىز.<نىمە تېرىساق ،شۇنى ئالىمىز> دۇنيا  مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل . مانا  خاسىيەتلىك  رامىزان  كېلىۋاتىدۇ، ئامال بار  چوڭلارنى  يېنىمىزغا ئەكىلىپ ھالىدىن  خەۋەر  ئالايلى،ھىچ بولمىسا  ئۆيىگە بېرىپ  رامىزانلىق ئەھۋال سورىغاچ  رامىزان تەييارلىغىنى قىلىپ بېريلى،گەرچە  ئۇلارنىڭ ماددى  ئېھتىياجى تولۇق بولسىمۇ ،پەرزەنىتلەرنىڭ بەرگىنى باشقىچە بولىدۇ .ئاللا  ھەممىمىزگە خاتىرجەم  بەرىكەتلىك رامىزان ئاتا قىلسۇن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش