بۇ 10قەۋەتتىكىsaroman يوللىغان 2011-07-19 19:52 غا قارتىلغان :
ئاپتور بالا ............. ئەمدى نېمە دەيسەن ، بۇنىڭغا يالغۇز مەنلا ئەمەس پۈتۈن تورداشلار مۇشۇنداق باھا بېرىدۇ ،شىئېر دىگەننى ھېچ بولمىغاندا چۈشۈنۈپ ئاندىن يازغىن . 
ئۈچ-تۆت ئادەمنىڭ قارشىنى تەنتەكلىك بىلەن "پۈتۈن تورداشلار مۇشۇنداق باھا بېرىدۇ" دەپ ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماڭ، باشقىلارنى "بالا" دەپ زاڭلىق قىلىسىز-يۇ، ئۆزىڭىز بالىلارچە پىكىر يۈرگۈزىسىز.
بەزى تورداشلارغا تەكلىپ: ئۆزۈڭلارنىڭ كۆنۈككەن شىئېر چۈشۈنۈش ئىقتىدارى تۈپەيلى چۈشەنمەسلىكىڭلارنى ئاپتورغا دادلىماڭلار. سىلەر ياقتۇرمىساڭلار مەيلى، چۈشۈنىدىغانلار، ھوزۇرلىنىشنى بىلىدىغانلار ھامان بار.
تۆتھوگۇل، سىزنى دەسلەپ يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ئۇچراتقان ئىدىم، شىئېرلىرىڭىز ئۆزگىچە، بەزى مىسرالىرىدىن شۇنداق ھوزۇرلىنىمەن. بۇنداقلارنىڭ ئىنكاسىغا پەرۋا قىلماڭ، ئەستايىدىل، قايىل قىلارلىق ئىنكاس يازسا ئۇ باشقا گەپ.