شەلۋەرەش
تۆتھوگۇل
مېنىڭ جېنىم بىر تۇتام ئىس بولۇپ چىقىپ كېتەمدۇ تەنلىرىمدىن
ئەگەر تىلىمنىڭ ئۈستىدە
سۇلەيماننىڭ تىلىنى زىكرى قىلسام؛
تېشىلىپ كېتەمدۇ چۈشلىرىم
ئاسماننىڭ تورۇسلىرىدا تۇرۇپ
ئاقار يۇلتۇز بولۇپ ئېقىپ كېلەمدۇ تەنلىرىم
كۆيۈپ،كۆيۈپ،كۆيۈپ...
مۇقەددەس ئوتنى يۈتىۋالغان كىشى
ئەلچى بولۇپ كەلسىمۇ،
بابىلنىڭ كېلەچىكىنى كۆكلىتىشكە
تەۋراتنىڭ ۋاراقلىرىنى چىشلەپ كەلسىمۇ
بابىلنىڭ ئۆتمۈشىنى بىخلىتىشقا...
ئەمما مەن
ئوت يۇرتىدا، ئوت ماكانىدا، ئوت زامانىدا
پەقەت كۆيۈپ كېتىۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن
چۈنكى
كۆيىۋاتىدۇ ھەممە
كۆيىۋاتىدۇ كېچىلەر
قىپقىزىل كۆزلەردە؛
مەن يىراقلارغا ئۇيقۇغا كەتكەندە
ئوغۇرلۇقچە قوينۇمغا كىرگەن يىلان قىز
ئۇستىخانلىرىمنى ئوغۇرلاپ قاچماقچى ئىكەن
زەھەر ياسىماقچى ئىكەن
قاناۋاتقان ئوردىسىنى بىر دەقىقە بولسىمۇ توختاتماقچىكەن ئىكەن
...
مەن كېچىكتىم
ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى بىلگىنىمدە
كۆيۈپ بولغان پارچىلىرىمغا قايتىدىن ھايات بېرىش بۇ مېنىڭ ئىمكانىمدىكى ئىش ئەمەس ئىدى
مەن كېچىكتىم
دېڭىزلار ئەنجۈر رەڭدە چېچەكلەپ بولغان ئىدى
زەيتۇنلار قىپقىزىل مېۋىلىۋاتاتتى
مەن كېچىكتىم
چۈنكى
مەن بىراۋلار تەرىپىدىن ئاللىقاچان بايقالغان بولۇپ
ئۈگە-ئۈگلىرىمگە كۆيىۋاتقان مەشئەللەر قادالغان ئىدى
بەلكىم
ئاللىقاچان ئۇ يىلان قىزنىڭ بىر ياپما ئۇۋىسى بولۇپ قالغان ئىدىم
تەنلىرىمدىن ئارتۇق ئۆزۈمگە مارىيالمايتتىم
گەرچە شۇنچە كۆپ تۆشۈك ئېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ
ئارىمىزدا
بارلىق يارىلار ئېقىپ كېلىۋاتسىمۇ ئېغىزىمىزدىن
مەن كېچىكتىم
چۈنكى
تۆمۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئېرىپ تۈگىگەن ئىدى
مەن داۋۇتنىڭ ھۈنىرىگە شاگىرت بولۇشقا ئاران ئۈلگۈرگەندە؛
ئاددى بىر تىترەش، ئاۋازلىق يىغلاش، ۋارقىراش
بۇ قايناق شەھەر قوينىدا
مېنى ئۆزىگە قوشۇپ
رىۋايەتلەر قارا ئۆڭكۈرىگە ئۇزىتىۋاتاتتى...
ئاھ! ئاشۇ ئوت پۇرىۋالمىغان بىر تۈپ چۈشۈم بولسىمۇ قالسا ئىدى؟!
مەنمۇ بۇ قاراڭغۇ ئاسماندىكى مەلۇم بىر يۇلتۇزنى ساڭا تويلۇق مېلى قاتارى ئېلىپ قويسام
...
ئەگەر تومۇرلىرىمنى قايتا تولدۇرۇش توغرا كەلسە
ئاسمانلار ۋە دېڭىزنىڭ رەڭگى بىلەن تولدۇرغان بولاتتىم
ھەركۈنى خىزمەتكە بېرىپ كەلگۈچە بولغان يولدا
ۋېلىسپىتىمنىڭ چۈشۈرۈپ قويغان غىڭشىق ئاۋازىنىمۇ شۇ رەڭدە بوياپ چىققان بولاتتىم
ئوت قەلەم بىلەن؛
كىم كىمنى چاقىردى؟!
مەن ساڭا ئارتۇقچە ھامان
بەلكىم چايكىلارنىڭ ئۈستۈمدە ئېقىپ كېتىۋاتقان چىرقىراشلىرىغا ئەگىشىپ ماڭسام
مەنمۇ تۇنجى قېتىم قولۋاق سالغان دېڭىزىمنى تېپىۋالارمەن
چاناقلىرىمدەك مۇڭسىرىغان بىر بۇلۇڭدىن
مەيلى ئۇ قۇياشنىڭ بېقىنىغا سۇقىنىۋالسۇن
ياكى
قارا ماددىلار بىلەن بويىلىپ ئالەمنىڭ چەك قىرلىرىغا يۆتكىلىۋاتقان بولسۇن
ئۇنى تېپىۋالالايمەن ...
يېنىۋاتقان ئوت رەڭلىك ماكاندىن
مەنمۇ خالىغان ئادىمىمنى چاقىرغاچ
(شۇنداق، مېنىڭ ۋەزىپەم پەقەت ئۆزۈم خالىغان ئادەمنى چاقىرىشلا...)
قۇملار ئارا گۆرۈمگە ئۇزاپ كېتەردىم
ئوتتىن قۇتۇلۇپ
ئۇنىڭ قارشىسىدىكى جايىمدا دېڭىزلارغا قېتىلاردىم...
15.04.2011