تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 12689|ئىنكاس: 114

كىمنىڭ كۇماراجىۋاسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
9804
يازما
44
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1554
تىزىملاتقان
2011-3-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 13:35:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمنىڭكۇماراجىۋاسى

   -----تور توزۇتقان خىياللار


                                                    بوزقىر



    2006- يىل 18- دېكابىر كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپكېلىپ ئادىتىم بويىچە كومپىيۇتېرنى ئاچتىم. ”بوستان“ توربېتىدىكى « بۈيۈك بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋا دەرسلىك كىتابىدىن ئۇرۇنئالدى » ناملىق تېمىغا كۆزۈم چۈشكەندە ئىختىيارسز رەۋىشتە ﻫاياجان ئارلاشقان بىرخىل جىدديلىك تۈيغۇسى ۋۇجدۇمنى چۇلغىۋالدى. چۈنكىئۇشبۇ خەۋەرنىپېقىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،دىگىلى بولمايتتى. دەرۋەقە، « بۈيۈك بۇددا ئالىمىكوماراجىۋا دەرسلىك كىتابتىن ئورۇن ئالدى » ناملىق بۇ خەۋەرنى ئەسلىدە » ئاقسۇگېزىتى » مۇخبىرى پەرﻫاتغۇلام يازغان بۇلۇپ مەزكۇر گېزىتنىڭ 2006-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈندىكى سانىدائېلانقىلىنغاندى. ” بوستان “ تور بېتىدىمۇ ئەشۇ خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسىىنىڭ « ئاقسۇگېزىتى » ئىكەنلىكى ئېنىق ئەسكەرتىلپتۇ .
    كوماراجىۋا ﻫەققدىكى بۇ خەۋەرنىڭ توربېتىگەچىققانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بۆلەكچىلا كۆتىرىلىپ قالدى .بۇنىڭدىكى سەۋەپنىڭقانداقتۇر ئەشۇ خەۋەردە پېقىرنىڭ ئىسمىنڭ بىر نەچچە قېتىم تىلغا ئېلىنغانلىقدىنئىكەنلىكىنى چەتكە قاققلى بولمىسىمۇ ئەمما بۇنى بىردىن بىر سەۋەپ دەۋېلشىمىنىڭ ئانچەئورنى يوق ئىدى . چۈنكى مەن ئلگىرىمۇ ئۇيغۇرچە ئېنتېرنېت تور بەتلىرىدىنئۆزۈمنىڭ ﻫەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخغا ئائىت بەزىئەسەرلىرى (تەرجىمە ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئچىگە ئالىدۇ ) نىڭ تورغا چىقىرىلىپتورداشلارنىڭ خېلى يۇقۇرى باﻫاسىغا ئېرشكەنلىكىنى كۆرگەندىم . مۇنداقچە ئېيتقاندانام –شەرپىمنىڭ تور بەتلەردە پەيدا بۇلۇشى مەن ئۈچۈن كونا گەپكە ئايلىنىپ قالغاچقائۇنىڭدىن ﻫاياجانلىنىپكېتىشىمنىڭ ئانچە ئورنى يوق ئىدى.
    كوماراجىۋا مىلادى 344- يىلى كۈسەن (ﻫازىرقى كۇچا ) دا تۇغۇلۇپمىلادى 413-يىلى چاڭئەن (ﻫازىرقى شىئەن ) دە ۋاپات بولغان .بالىلىق دەۋرىدە شىماليئەنەتكەك (ﻫىندىستان) دىكى كاپكا (كەشمىر)، سۇلى (قەشقەر)لەردە بۇددا ئىلىمىدىن بىلىم تەﻫسىل قىلغان .39يېشىغىچە كۈسەندە ماﻫايانا بۇددىزىمىنڭ باش كۆتۈرىشگە ئاساس سالغان. مىلادى 384- يىلدىن401- يىلغىچە يىپەك يولىدىكى مۇﻫىم ئۆتەك گوزاڭ ( ﻫازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسنىڭ ۋۇۋېي شەﻫىرى) داتۇرۇپ خەنزۇ تىلى ۋە مەدىنيىتىنى پىششىق ئۈگەنگەن. مىلادى 401- يىلدىن413- يىلغىچەئالدىنقى چىن خاندانلىقىنڭ پايتەختى چاڭئەندە تۇرۇپ دۆلەت ئۇستازى بۇلۇشسۈپىتى بىلەن 800 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان غايەت زور تەرجىمە ئاپپاراتىغايىتەكچىلىك قىلىپ 300 جىلىددىن ئارتۇق بۇددا نوملىرىنى سانسىكرىتتىلىدىن خەنزۇتىلىغا تەرجمە قىلىپ ئوتتورا ئىقلىمنىڭ بۇددا مەدەنىيتى، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. ﻫېلىﻬەم شۈەنزاڭ، جېن دىلار بېلەن بىرقاتاردا جوڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىكى ” ئۈچ مەشﻬۇر تەرجمەشۇناس“ ئاتىلىپ ئالاﻫىدە شۆﻫرەتلىشىپكەلمەكتە. ئۇنىڭ تۆﻫپىسىيالغۇز بۇدداتەرجىمىچىلىكى بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. ئۇ بۇددىزىم پەلسەپىسىگە ئاتاپ « ﻫەقىقىيئالەم» ناملىق خاس ئەسەرنى يازغاندىن باشقا يەنە ئەدەبىياتنىڭ شئېر، مەكتۈپ، تەقرىز ژانىرلىردىمۇ سەمەرىلىك ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. يەنە توخرى ۋە سانىسكرىتتىلدىن 2600 جىلىددىن ئارتۇق غەرىبىي يۇرۇتنىڭ تىبابەتچىلىك رىسالىلىرنى تەرجىمە قىلىپئوتتورا ئىقلىمنىڭ تىبابەتچىلىك ئىشلىرنىڭ رۋجلىنىشقا غايەت زور تۆﻫپە قوشقان.
     كۇماراجىۋانىڭ بۇددا مائارىپىغا قوشقان تۆﻫپىرمۇ ئالاﻫىدە كۆزگە كۆرىنەرلىك . ئوتتورا ئىقلىمدە ئۇنىڭدىن بىۋاستە تەلىم ئالغانلار ئۈچ مىڭدىن، ۋاستىلىقتەلىم ئالغان شاگىرىتلار 5 مىڭدىن ئاشقان. ئۇلاردىن بەزىلىرى «تۆت ئەۋلىيا»،« سەككىز دانىشمەن»، «10 پەيلاسۇپ» دەپ ئاتىلىپ ﻫازىرغا قەدەر ئەل ئارىسىدا ئۆز تەسىرنىساقلاپ كەلمەكتە.
    كۇماراىجۋا ئۆزىنىڭ بۇددا تەرجىمە ئىجادىيتى، پەلسەپىۋىئىدىيسى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى بېلەن ئەينى زامان ئوتتورا ئىقلىمدا مۇتلەقئۈستۈنلىكنى ئىگىلگەن شەخىس. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرى 6 سۇلالە دەۋىردىكىچاكىنا ئەدەبىيات رامكىسنى بۇزۇپ تاشلاپ خەنزۇلارنىڭ شئېر، نەسىر، دىراما، تەقرىز، ئەلنەغمە ئىجادىيەتلەرگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە بۇددا تاشكېمىرلىرنىقېزىش، بۇددا ﻫەيكالتاراشلىقۋە مىڭئۆي تام سىزما سەنئىتىنىڭ پەيدا بۇلىشى ۋە راۋاجلىنىشىغىمۇ چوڭقۇر ئاساسيارتىپ بەرگەن. شۇڭا ئۇ بەرپا قىلغان بۇددا نەزەرىيسى ئەقىدلىرى ۋەتەلىماتلىرى جوڭگودىلا ئەمەس بەلكى شەرقى ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىردىمۇ ﻫېلىﻬەم ئۆزتەسىرنى يوقاتقىنى يوق.
     مانا مۇشۇنداق چوڭقۇر قاتلاملىق نەزەريىۋىتەلىماتلىرى بىلەن 2 مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ﻫازىرغىچەئۆز تەسىرنى يوقاتماي كېلىۋاتقان بۇ دۇنياۋى شەخىس ﻫەققىدە بىزدە تېخىچە سىستېمىلاشقان چوڭقۇرقاتلاملىق تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغېنى يوق.ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى بۇ ﻫەقتەتوختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «كۇمارىجۋا ( 413- 344)ئۇيغۇر بۇددىزىم دەۋىردىكى پىداگوك، مۇتەپپەككۇر، تەرجىمىشۇناس. ئىنىچكىلەپ كىرگەندە، كۇماراجىۋا دەۋىردىكى ئۇيغۇرمائارىپنىڭ ئەندىززىسى ۋە مەزمۇنىغا دائىر بىلىشلەرگە، نۇم تەرجىمىچىلىكىدىكى ئۇسلۇب ﻫەمدە ئۇيغۇرتەرجىمچىلكى نەزەرىيسىنىڭ ئەينى دەۋەردىكى خاس يۆلىنىشىگە دائىر بىلىشلەرگەئېرىشكىلى بۇلىدۇ. لىكىن بىزدە بۇنداق ئىنىچكە، سېستىمىلىق تەتقىقاتيوق »‹1›.
.
ئەمما خەنزۇلاردا كۇمارىجىۋاشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۆتكەن ئەسسىرنىڭ 20 – يىللىردىلا باشلانغان. ۋېن تاۋ 1923- يىلى«دېڭىز شاۋقۇنى  »  ( 海潮音) نىڭ 15- جىلد 5- ساندا « كۇماراجىۋا» ناملىق ئەسەرنى ئېلان قىلغان. شۇندىنكىيىن جاڭ شىنتىيەن،شى شىىيۇ قاتارلىق 30 تىن ئارتۇق ئالىم- مۇتەخەسىس كۇماراجىۋاشۇناسلىقتەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ دۆلەت ئىچىدىكى ﻫەرقايسى مەتبۇئاتلاردا خاس ئەسەرلەرنىئېلان قىلغان. كۇمارىجىۋاشۇناسلىق تەتقىقاتى يەنە ياپۇنىيدىمۇ خېلى باشكۆتۈرگەن بۇلۇپ، بۇلاردىن مۇ تىيەندىلاڭ (收田谛亮) ، لەنتىيەن ماۋشىيۇڭ (镧田茂雄)، جۇڭسۈنيۈەن (中村元) لەرنى ئالاﻫىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى « دۇنيا دىن تەتقىقاتى » قاتارلىق خەلىقئارالىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ ئالاقىدارتەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان‹2›.
     بىزدە بولسا 20- ئەسسىرنىڭ 80- يىللىرغاكەلگەندىلا ئاندىن بۇ ﻫەقتەتەتقىقات ماقالىلىرنى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بۇلۇپ ئاشۇ ئەسەرلەرپەقەت تۇتۇنۇشتۇرۇش خارەكتىرى بىلەنلا چەكلەنگەن. بۇلاردىن ئىبىراﻫىم مۇتىئىي، ئابدىشۈكۈر مۇﻫەمەتئىمىن، ئابدۇرېﻬىمسابىت، ئىسراپىل يۈسۈپ، غەيرەتچان ئوسمان، ئۆمەرجان ﻫەسەن بوزقىرلارىنى ئالاﻫىدەتىلغا ئېلىش مۇمكىن. پروفېسىسور ئابدۈشۈكۈر مۇﻫەممەتئىمىن « شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىلمي ژۇرنىلى » نىڭ 1981- يىل3- سانىدا « قەدىمقى كۆسەننىڭ ئاتاقلىق بۇددا مۇتەپپەككۇرى كۇماراجىۋا » ناملىق ماقالىسنى ئېلان قىلىش بىلەنلا قالماي يەنەكوماراجۋا ﻫەققىدەمەخسۇس بىر سىنارىيە يازدى. بۇلۇپمۇ ئالىمنىڭ 1997- يىلىشىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلنغان « ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىدىن ئومومىبايان» ناملىق كىتابىدا كۇماراجىۋانىڭ پەلسەپە ئىدىيسى خېلى مۇپەسسەلتۇنۇشتۇرۇلدى ﻫەمكۇماراجىۋاغا ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخنىڭ مۇقەددىمىسنى ئاچقان شەخىسسۈپىتىدە ئەڭ ئالدىنقى باپتىن ئورۇن بېرىلدى.2003- يىلغا كەلگەندە نەشىريات سودىگىرى، شائىر ئەركىن ئىبىراﻫىمنىڭ تەلىپىگەئاساسەن ئۆمەرجان ﻫەسەنبوزقىر تۈزگەن« بۈيۈك بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋا» ناملىق كىتاپچىنى شىنجاڭخەلىق نەشىرياتى نەشىر قىلدى.
چەكلىك ماتىرىيال ۋە قىسقا مۇددەت ئىچىدە جىددىي تۇتۇپ تۈزۈلگەن بۇكىتاپنى چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىك جەﻫەتتىن ئانچە مۇكەممەل ئەسەر دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ئەمما ئۇ ﻫەر ﻫالدا ئۇيغۇر تىلىداتۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنغان كوماراجىۋا ﻫەققىدىكى تۇنجى خاس ئەسەر بۇلۇش سۈپىتى بىلەن كىتاپخانلارنىكۇماراجىۋا ﻫەققىدەخېلى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. بۇ كىتابتىن ئېلىنغان پارچەشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرنى تۈزۈشگۈرۇپپسىنىڭ كۆرسىتىشى ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۈشماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتىتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق شىنجاڭمائارىپ نەشىرىياتى 2003- يىلى نەشىر قىلغان ئوتتۇرا مەكتەپ 7- يىللىقلار ئۈچۈنتۈزۈلگەن 2- قىسىم «تىل ئەدەبىيات» دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى.
    نىﻬايەت، قانداقلا بولمىسۇن ئاخىرى دىيارىمىزدىن يىتىشىپ چىققان بىر بۈيۈكئالىمنىڭ 1700 يىلغا يېقىن تارىخنىڭ چاڭ توزانلىرى بىلەن كۈمۈلگەن سىيماسى نۇرغۇنئەگىرى توقاي يوللار ۋە جاپالىق مېﻬنەتلەرئارقىلىق ئاخىر قايتا نۇرلاندۇرۇلۇپ ئالىم ﻫەققىدەمەخسۇس ئەسەر يېزىلىپ ﻫەم دەرسلىككە كىرگۈزىلىپ كۇماراجىۋادىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى ممەشﻬۇر ئالىمنىڭئەۋلاتلىرى تەرپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىش خەۋىپىگە خاتىمە بېرىلدى .
       ئەسلىدە بۇنداق خاسىيەتلىك كاتتا ئىشبىزنىڭ مەنۋىيىتىمىزدە كۈچلۈك سىلكىنش پەيدا قىلغان ،گېزىت ،ژورنال ،تېلۋىزۇرلىرىمىزدا بۇ ﻫەقتە ئىلمىي بەس- مۇنازىرىلەر قانات يايدۇرۇلغان بولسا تولىمۇئەﻫمىيەتلىكئىش بولغان بولاتتى. خەيرىيەت، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىندىيارىمىزدىكى بىر يەرلىك گېزىت ئاز- تولا ئىمانغا كېلىپ ﻫەر ﻫالدا بۇ ﻫەقتە بىر قىسقا خەۋەر بەردى. مانائەمدىلىكتە نۇربەگ تەخەلۇسىدىكى بىرىيلەن بۇنى ئەﻫمىيەتلىكئىشىكەن، دەپ بىلگەن بولسا كېرەك خالىس نىيتى بىلەن ئىنتىرنىت تورىغا چىقىرىپقويغان بولدى. بۇلارنىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئەﻫمىيەتلىكئىش دەپ قارىماي بولمايتتى. مىنىڭ توردىكى خەۋەرنى كۆرۈپ ﻫاياجانلىشممۇ شۇ ۋەجىدىن ئىدى. ۋەﻫالەنكى، تورداشلارنىڭ ئەشۇ خەۋەر ﻫەققىدىكىبەزى ئىنكاسلىرىنىكۆرۈپ بايىقى ﻫاياجانلىرىمنەلەرگىدۇ غايىپ بولدى.
       2006-يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى نۇربەگتەرپىدىن”بوستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت كولۇبى “ غا يوللانغان بۇ خەۋەرگە شۇ كۇننىڭ ئۆزىدىلائارقا -ئارقىدىن تۆت ئىنكاس يوللانغان بولۇپ”قاراقچى “ ۋە”كۆسەن“ دەپ ئاتىلدىغان ”بوستان“ تور بېتنىڭ ئككى ئەزاسى ﻫەر ﻫالدائەشۇ خەۋەرنى ئاغىزنىڭ ئۇچىدىلا مۇئەيەنلەشتۈرۈپ قويغان بولسىمۇئەمما ئاتالمىش”مەرگەن “ ۋە ”ئىزدەنگۈچى“ دەپ ئاتىلىدىغان يەنە ئككى نەپەر توربەت ئەزاسى تۆۋەندىكىدەك ئىنكاس قايتۈرغان.
مەرگەن:
”
نېمدىگەن ئەخمەق ئۇلار. توۋا خۇدايىم كۈلۈپ تېلىقىپ قالدىم بۇ خەۋەرنىكۆرۈپ...... “
ئىزدەنگۈچى:
”
شۇنى دەيمەن، مەرگەن توغرا دەپتۇ. ئېسىت، بىز نەقەدەربىچارە ﻫە؟ ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ، ئۆگەنگۈدەك ﻫېچ نەرسە قالمىغاندا ئاندىن خەقنىڭكىنى ئۆگەنسەك توغرا بولاتتى. ئەكسىچە خەقنىڭكىنى ئۆگۈنۈپ ئۆگەنگۈدەك ﻫېچ نەرسە قالمىغاندا ئاندىنئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆگۈنىدىغان ئوخشايمىز.“
     ”مەرگەن“ نىڭ ئىنكاسىدىنقاتتىق مەسخىرە چىقىپ تۇرۋاتقانلىقنى ئازتولا ﻫوش كاللىسىبار ئادەم بىر ئوقۇپلا چۈشنەلەيدۇ. ئۇنىڭ” ئەخمەق“ دەۋاتقىنى ”قاراقچى “ ۋە ” كۆسەن“ لەرنىكۆرسىتەمدۇ ياكى ئەشۇ خەۋەرنى تورغا چىقارغان نۇربەگنى كۆرسىتەمدۇ؟ خەۋەرنىيازغان مۇخبىر پەرﻫاتغۇلامنى كۆرسىتەمدۇ ياكى كۇماراجىۋانى دەرسىلىككە كىرگۈزگەن ئالاقدارتەرەپلەرنى كۆرسىتەمدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. ئەمما ئۇنىڭ ” توۋا خۇدايىمكۇلۇپ تېلىقىپ قالدىم بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ...“ دىيشىدىن قارغاندا پۈتۈنلەي ئىنكارپوزىتسىيە توتقانلىقى بەش قولدەك ئايان. ئۇ زادى كىملەرنى”ئەخمەق“ دېمەكچى؟ نېمىدەپ” تېلىقىپ قالدۇ“؟ ئېنىقكى، بۇيەردە” مەرگەن“ نىڭ سۆزىنى قوۋەتلىگەن ” ئىزدەنگۈچى “ بىزىنى تېخىمۇ تولۇق جاۋاپقا ئېرىشتۈرىدۇ. جانابى” ئىزدەنگۈچى“ نىڭگېپىچە كۇماراجىۋانىڭ دەرىسلىك كىتابقا كىرگۈزۈلۈشى پۈتۈنلەي خاتا بولغان. ئۇنىڭچە بولغاندا ئەسىلىدە ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ ئۆگەنگىدەك ﻫېچ نەرسەقالمىغاندا ئاندىن خەقنىڭ كۇماراجىۋاسىنى ئۆگەنسەك توغرا بولارمىش، ئۇنىڭئەكىسچە خەقنىڭ كۇماراجىۋاسىنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ ئۆگەنگۈدەك ﻫېچ نەرسەقالمىغاندا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆگۈنىدىغان ئوخشايمىزمىش. بۇ نېمىدىگەنتېتىقسىز ئىنكاس. ئۇنداقتا كۇمارجىۋا زادى كىمنىڭ كۇماراجىۋاسىكەن؟ خەنزۇخەلقىنىڭ كۇماراجىۋاسمىكەن ياكى باشقا مىللەتنىڭ كۇماراجىۋاسىمىكەن؟ دەرۋەقەكۇماراجىۋانىڭ دادا تەرەپ جەﻫەتى ﻫىندىستان ۋەزىرلىرىدىنبولسىمۇ ئەمما دادىسى كۇمارابات مەنسەپتىن ۋاز كېچىپ، تەركي ۋەتەن ئەيلەپكۈسەننى 2- ئانا ماكانى قىلغان. كۇماراجىۋامۇ كاپكا (كەشمىر)دىكى ئوقۇشنى تۈگەتكەندەبۇددىزمنىڭ قۇقەددەس ماكانى بولمىش ئاتا ۋەتنى ﻫىندىستاننى تەرك ئەيلەپ ئۆزنىپەپىلەپ ئۆستۈرگەن كۈسەنگە قايتىپ كەلگەن. ئەشۇنچىلىك ئەقەللي ساۋاتنىمۇ بىلمىگەن”مەرگەن“ قانداق مەرگەنلىك قىلغاندۇ؟ ”ئىزدەنگۈچى “ ئاۋال ئۆز ئەجدادى ﻫەققىدە ئىزدەنمەي يەنە نېملەرنى ئىزدەپ يۈرىدىغاندۇ تور بەتلەردە تىمىسقىلاپ؟
       ئىنتىرنېت تورى ﻫازىرقى زاماندىكى قاپلاش دائىرسى ئەڭكەڭ، سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، سەﻫپىسى ئەڭمول بولغان زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشلەرنىڭتۇرمۇش ۋە كۈندۈلۈك ئىش – پائالىيەتلىرگە شىددەت بىلەن سىڭىپ كىرمەكتە. دۇنيانىڭ ﻫەر قانداقيېرىدە تۇرۇپ ﻫەرقانداق ئۇچۇردىن بىمالال مەنپەت ئالغىلى بولىدىغان ئەشۇنداق جاﻫانكۆزنىكىدە قىلچە تەپ تارتماي ئۆز مىللتىنىڭ تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن ئەڭ ئۇلۇغمۇتەپەككۇرىغا قارا قورساقلارچە مۇ ئامىلە قىلىپ، ﻫاقاراتلەپ ئۇنى باشقا مىللەتتائپلىرى قاتارىغا چىقىرۋىتشنى قەسلەۋاتقان توزكۆرلارغا نېمە دېگۈلۈك ئەمىدى؟ شۇتاپتا ئۇلۇغ بوۋىمىز كۇماراجىۋانىڭ روﻫى قانچە قورنۇپ كېتىۋاتقاندۇ؟ مانا كۆرنۇپ تۇرۇپتىكى، مىللىتىمىزنىڭپەلسەپە نەزەريەئاساسىغا ئۈل سېلىپ بەرگەن، ئۇيغۇر تەرجىمچىلىگىنىڭ راۋاجىغا يول ئېچىپ بەرگەن، ئۇيغۇر مائارىپنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەندىزسىنى ياراتقان بىر بۈيۈك مۇتەپەككۇرنىڭكىملىگنى، ئۇنىڭ قەيەرلىك، قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىگنى بىلمەيدىغانلارنى بىزدە يوقدېگىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇنداقلار خېلى بار. يەنە كېلىپ ئۇلار مىللىتىمىزنىڭئىسلاميەتتىن ئىلگىرىكى تارىخىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەۋەرسىز ﻫالەتتە. ئۇلار ئۆزلىرنى توغۇلۇشىدىنلا مۇسۇلمان دەپ قارىغاچقابۇددىزىمغا ئائىت ﻫەر قانداقمەدەنيەت ئېلمنېتلىرىنى قارىغۇرلارچە رەت قىلىدۇ، سەت كۆرىدۇ ﻫەتتاقولىدىن كەلسەۋەيران قىلېۋىتىشتىن يانمايدۇ. ئەجبا كۇماراجىۋا ﻫەزرەتلىرنىڭ دەرىسلىك كىتابتىنئۇرۇن ئېلىشمۇ دەل مۇشۇنداق زامانىۋى” ماڭقورت“ لۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىتۈگىتىش ئۈچۈن ئىدىغۇ؟
     ئەشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنمدا شۇئان شىنجاڭ پىداگوگىكائۇنۋېرسىتېتنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئەﻫمەتجان ئەمەتنىڭ» يىڭى دەۋىر ئۇيغۇرمەدەنيىتى ئۈستىدەپىسخىك ئانالىز « ناملىق ماقالىسىدە يازغان مۇنۇ قۇرلار ئېسىمدىن كەچتى:» 1991 - يىلىمەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى تارىخ فاكولتېتنىڭ 36 نەپەرئوقۇغۇچىسنى كۈسەن مىڭئۆيىدىن ئىبارەت سەنئەت غەزىنىسىنى ئېكىسكورسىيە قىلشقا باشلاپبارغاندىم. ئېكىسكورسىيە جەرياندا ئايرىم ئوقۇغۇچىلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايدىل ئاڭلاپخاتىرە قالدۇرغاندىن باشقا، يەنە بىر قىسىم بالىلار ئالدىراش رەسىمگە چۈشۋاتاتتى. مەن ئۇلارنىڭ نېمىشقا مىڭۆيگە كىرىپ ئېكسكورسىيە قىلمايدىغانلىقنىسورىغىنىمدا، قايسىدۇر بىرنىڭ :”مۇئەللىم، كۆرگۈچىلگى يوقكەن،ﻫەممىسىكاپىرنىڭ نەسىلىرى ئىكەن“دەپ جاۋاپ بېرىشى مېنى تولىمۇ ﻫەيران قالدۇردى.
        توغرا، ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن ئىلگىرىبىز ﻫەققەتەنكاپىر ئىدۇق. كۈلكىلىك يېرىمىز شۇكى، يىلتىزىمىزنىئىزدىگىنىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ ﻫونلار، تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ﻫەمدە شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتئىكەنلىكىمىزنى بىر ئاماللار قىلىپ ئىسپاتلايمىزيۇ، بىراق ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىزگەقالدۇرغان مىراسلىرى ﻫەققىدە ئۆزىمىزنىئېتىراپ قىلىشنى خالىمايمىز. ئەجبا بىزنىڭ مىللىتىمىز مۇﻫەممەت ئەلەيﻬىسالام ئىسلامدىنىنى بەرپا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەﻫنىسىگە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپقالغانمۇ؟ ئەجبا ﻫازىرىقىزامان مەدەنيىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ئاتا- بوۋىمىز بىزگە قالدۇرۈپ كەتكەنمىراسلاردىن ۋاز كېچىش كېرەكمىكەن؟ مۇﻫەممەد ئەلەيسلام:‹ئىلىم چىندە بولسىمۇ ئۆگۈنۇڭلار› دېگەن ئەمەسىمىدى؟ بىزنىڭ شۇنداقدىيىشكە ﻫەققىمىزباركى، بۇددىزم دەۋرى ۋە ئۇنۇڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تارىخىمىزنى پاك- پاكىزە سۈپۇرىۋىتىدىغان بولساق، بۇ مەجرۇﻫ تېنىمىزنى يەنە قانداقىسگە نەرگىزگۈلىگە ئايلاندۇرغىلى بولسۇن؟ كەلگۈسىدە ئەۋلاتلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ »‹3›.
دۇرۇس، ئىسلامىيەتتىن ئىلىگرى بۇددىزم مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى ﻫاياتى ۋەئېدىئولوگىيسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىل ﻫالەت مىڭ يىللاپ داۋاملاشقان. شۇمەزگىلدە بۇددىزم بىر خىل مەدەنيەت ﻫادىسسى سۈپتىدە خەلقىمىزگە سىڭگەن. خەلقىمىز ئۇنى قۇيۇق يەرلىكمەﻫەللىۋىمەدەنيەت ئېلىمىنتلىرىغا تۈيۈندۇرۇپ ئۆزىگە خاس بولغان ئۇيغۇر بۇددىزممەدەنيەت سستېىمىسىنى بەرپا قىلغان. بۇجەرياندا دىيارىمىزدا قىزىل مىڭئۆينى ئۆز ئىچگەئالغان بۇددا تاش كېمىر سەنئەت جەۋﻫەرلىرى ۋە بۇددا چىڭا، كۇماراجىۋا، سىرىمىتىرالا، كاليانا رۇكى، سۈجۈپ، ساۋمىياۋدا....غائوخشاش ئەدەبىيات- سەنئەت، مائارىپ ساﻫەسىدىكى ئىلىم مەشئەلچىلىرى مەيدانغا كەلگەن. بىلسەك بۇشۇ دەۋردىلا ئەمەس بەلكى ﻫازىرقى دەۋرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان مەدەنيەت ﻫادىسسىئىدى. چۈنكى، شۇ دەۋرلەردە ئەجدادلىرىمىز تەرپىدىن بەرپا قىلىنغان بۇددامىڭئۆيلىرنىڭ كۈچلۈك تەسرىدە ئوتتورا ئىقلىم رايۇنلىرىدىمۇ ياۋچىلاربەرپا قىلغان گەنسۇدىكى دۈنخۇاڭ، خوتەن بۇددستىلىرىنىڭ دەۋەت قىلىشىبىلەن ياسالغان لوياڭدىكى بەيما ئىبادەتخانىسى، چاڭئەندىكى چىڭلوڭئىبادەتخانسى، سەنشىدىكى گۇاڭشىڭ، پۇگۇاڭ ئىبادەتخانلىرى، چاۋشەندىكى خەيينئىبادەتخانىسى ﻫندىنىوزىيدىكىماجىلاڭپولۇ ئىبادەتخانىسى، ۋېتنامدىكى لىڭلاۋ ئىبادەتخانىسى، ياپۇنيىدىكىفالۇڭ ئىبادەتخانىسىغا ئوخشاش بۇددا مىڭئۆي- ساڭراملار بارلىققا كىلىپ شۇ جايلاردابۇددا تام سىزما سۆرەتچىلىگى، تىبابەت، ﻫەيكەلتاراشلىق، ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. ئوتتورا ئىقلىمدىكىيوقۇرى مەرتىۋىلىكراﻫىبلاردىندارماپاترا، جۇشىشىڭ، خۇي شېڭ، دارمائورا قاتارلىقلار رايونىمىزغا كېلىپ بىلىمئاشۇرغان بولسا قۇجۇ(تۇرپان) لىق فاجۇڭ، فالاڭ، فاشۇي، كۈسەن(كۇچا) لىق سىرىمىترالار، بۇدداچىڭا،ئۇدۇن(خوتەن) لىك دېۋاپراجىنا، سۈلى (قەشقەر) لىك دارماناندىقاتارلىقلار ئوتتورا ئىقلىمدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ بۇددا نوملىرىدىن دەرىس ئۆتكەن ﻫەم بۇددادىنىنىڭ ئوتتورا ئىقلىمدىكى راۋاجىغا پائال تۆﻫپە قوشقان. بۇ مەزگىلدە يەنە ئۇيغۇربۇددا رەسسامى ۋىسائىراساتگا دەك مەشﻬۇر رەساملار تەكلىپكە بىنائەن ئوتتورا ئىقلىمغا بېرىپئېﻬتىرامئىبادەتخانىلارنىڭ تاملىرىغا ئاجايىپ نادىر رەسىملەرنى سىزىپ، غەربيرايوننىڭ رەسىم سىزىش ئۇسلۇبنى ئىچكىرىدە ئومۇمىيلاشتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى يەنەنۇرغۇن شاگرىت تەربىيلەپ ئۇلارغا رەسىم سىزىش ماﻫارىتىنى ئۆگۈتۈپ قويغان؛ پادشاﻫ تاڭمىڭخۇاڭنىڭ بۇيرىقىغا بىنائەن خەنزۇ رەسسام بىن داچىڭ ئۆلچەملىك رەسىم سزىشنىئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئاتايەن خوتەنگە بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان؛ خۇددى ماۋزېدوڭئېيتقاندەك:” سۈي سۇلالىسىنىڭ توققۇز نەغمىسىنىڭ تولىسى غەربي دىيار مۇزىكلىرىدىنتەركىپ تاپقان“؛ سۈجۈپ، بەي جىتوڭ، ساۋمىياۋدا...لاردەك مەشﻬۇر ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناسلار ئوتتورائىقلىمغا بېرىپ خەنزۇلارنىڭ مۇزىكا مەدەنيىتگە جۇشقۇن ﻫاياتي كۈچئاتا قىلغان؛ مەشﻬۇربۇددا ئىبادەتخانا ئارخېتىكتورى، كۈسەنلىك مۇﻫەندىس بۇدداچىڭا مىلادى 319- يىلى لوياڭغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ پۈتۈنمەمىلكەت مىقياسىدا 893 ئىبادەتخاننى لاﻫىيلىگەن؛ كۈسەنلىك ئاتاقلىق تەرجىمان سىرىمىترالا غەربي جىن سۇلاسىيوڭجيانىڭ ئوتتورلىرى (312- 307) دا ئوتتورا ئىقلىمغا بېرىپ « بۈيۈك سۇمرۇغ پادشاﻫى قەسىدىسى» قاتارلىق تەرجىمىسىنى ئىشلەش ئەڭ تەس بولغان كىلاسسىك مەخپىي نوملارنىتەرجىمە قىلىپ، ئوتتورا ئىقلىمغا تۇنجى بولۇپ پىرىخونلۇققا دائىر بۇددائەپسۇنلىرنى تۇنۇشتۇرغان‹4›.

ئەشۇنداقئالەم شۇمۇل مەدەنيەت مەشئىلىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان دۇردانىلىرنىقانداقمۇ تەرىك ئېتىش مۇمكىن؟ دىمەك، ئۇيغۇر بۇددا مەدەنيىتى ئەينى دەۋردە كۆپقاتلاملىق تىندۇرما ﻫاسىلقىلىپ يالغۇز غەربي يۇرتتىلا ئەمەس بەلكى كەڭ ئوتتورا ئىقلىم رايۇنلىرىغىمۇكۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
     شۇچاغدىكى ئۇيغۇرلار رايونى بۇددىزىمىنىئاۋال بولۇپ قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتەك ئەۋزەللىكىبېلەن بۇددا مەدەنيەت سەنئىتى جەﻫەتتە ﻫەتتاشەرقى ۋە جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگىمۇ رېداكسىيە بېرىپ كۇماراجىۋا ۋەكىللىگىدىكىدۇنياۋىي تەسرگەئىگە ئالىملارنى يىتشتۈرۈپ چىققان. شۇڭا بىز بۇ زىمىندائەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن بىباﻫا بۇددا مەدەنيەت جاۋاﻫىراتلىرنى ۋە بۇددا ئالىملىرنى سۆيۈشىمىز – ئاسىرشىمىز، ئۇلاردىنئالەمچە پەخىرلىنىشىمىز لازىم ئىدى. مىڭئۆيلىرىمىز، كۇمارجىۋادەك ئالىملىرىمىز ﻫەققىدەمەخسۇس كىتاپلارنىڭ يېزىلىپ نەشرقىلىنغانلىق، دەرىسلىك كىتابلاردىن ئۇرۇنئېلىپ ئەجدادلارغا ئۆگۈتۈلگەنلىك ﻫەققىدىكىخەۋەر – ماقالىلارنىڭ گېزىت ۋە توربەتلىرىدىن ئۇرۇن ئېلىشىغا تەن- تەنە قىلماقتايوق ئەكىسچە ئۇنى ئىنكار قىلىپ، مەسخىرە كۈلكىمىزنى ياغدۇرۇپ ئۇيغۇر بۇددا مەدەنيىتىۋە ئۇيغۇر بۇددا ئالىملىرنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنيەت تارىخىدىن سىقىپ چىقىرۋەتسەكبىرنىڭ پۈتكۈل مەدەنيەت تارىخىمىز يىلىتىزى يوق دەرەخكە ئوخشاپ قالمامدۇ؟ يىلتىزى يوق دەرەخنىڭ ئۆمىرى، سىايسى، كۈچى قانچىلىك بولماقچى؟ تارىختىن بۇيانبىزلەر ﻫېلىمۇئاز يوقتىشلارنى باشتىن كەچۈردۇقمۇ؟ ئەجبا بىز ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانبولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تارىخى، مەدەنيىتىنىبىراقلا يوققا چىقىرۋەتسەك ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى قانداق قىلىپ سېستىملاشقان بىر پۈتۈن ﻫالەتكەئەكىلەلەيمىز؟ بۇددا دىنى مۇﻫىتىدا تۇرۇپ شامان دىنى مەدەنيىتىنى ئىنكار قىلساق، ئىسلامغائۆتىۋېلىپلا بۇددا دىنى مەدەنيىتىنى چەتكە قاقساق ئاخىر بېرىپ بىزگە نىمە قالىدۇ؟ شۇچاغدا بىز مەرﻫۇم ئالنمىمىزئابدۇشۈكۈرمۈﻫەممەتئىمىننىڭسۆزى بۇيچە”بىر مۆرىسى يوق كاپتان “ غا ئوخشاپ قالمايمىزمۇ؟ ﻫېلىمۇئىسلاميەت كىرگەندىن كېيىن”كاپىرنىڭ نەرسىلىرى “ دەپ قاراپ بىر ئوبدانبۇتلارنى چېقىپ، مىڭئۆيلەرگە ئوت قويۇپ قاپقارا ئىسقا بولغاپ، مىڭئۆي تامسۆرەتلىرىدىكىئادەم ۋە ﻫايۋاناتنىڭكۆزنى ئۇيۇپ، بىر ئۇبدان ساقلانغان بۇددا، مانى قول يازمىلىرنى، ئوتقۇيۇپ كۆيدۈرۈپ، سۇغا تاشلاپ ئېقىتىپ، ﻫەتتا چەتئەللىكلەرنىڭ ساندۇقلىرىغا ئۆز قولىمىز بىلەنقاچىلاپ بەرگەنلىرىمىز يېتىپ ئاشاتتىغۇ بىزگە؟ گەپ تېخى بۇنىڭلىق بىلەنتۈگىگىنى يوق. تېخىمۇ كۆپىرەك جاۋاپقا ئېرىشىش مەقسىتىدە تەۋەككۈلدەپلا ”سەلكىن “ توربېتىنىڭ ” مەشﻬۇر شەخىسلەر“ سەﻫپىسىنى زىيارەت قىلىپ باقتىم ﻫەم بۇ يەردە ئىشنىڭ تېخىمۇچاتاقلىقنى ﻫېس قىلىدىم. ئۇيەردىكى قارا قورساقلىقنى كۆرۈپ غەرەپتىن چىشلىرىم كىرشىپ، چېكە تومۇرلىرىملوقۇلداپ، يۈگۈم گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى.” سەلكىن “تور بېتىنىڭ”مەشﻬۇر شەخىسلەر “ سەﻫپىسگە” ئېلىخان تۆرەم“ نامىدا كۇماراجىۋا توغۇرسىدا يېزىلغان « مەشﻬۇر بۇددا مۇتەپەككۇرى، تەرجىمشۇناس » سەرلەﻫىۋىلىك بىرماقالە ۋە ماقالنىڭ ئاستىغاقىزىل مىڭئۆينىڭ ئالدىدىكى كۇماراجىۋانىڭ مىس ﻫەيكىلنىڭ سۆرىتى بېرىلىپتۇ.2006- يىل 1- ئاينىڭ 29- كۈنى يوللانغان ئەشۇ تېمىغا شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئادەمنىقاتتق ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان ئىنكاسلار يېغىپ كېتىپتۇ. نەزىرىمىزنىتۇنجى رەتتە ئىنكاس يوللىغان ئىككى ئەزانىڭ ئىنكاسىغا ئاغدۇرۇپ باقايلى:
(1)
ئابدۇقادىر:
”
چىۋىن قونىۋالسىمۇقارىشلىق قىلمايدىغان بۇت...ﻫەي! ئىﻬ ئاللاﻫ‍‍! ئۆزۈڭ بار! ..“
يوللانغان ۋاقتى: 2006- يىل 1- ئاينىڭ 29- كۈنى 23:0053
(2)
مەرغۇلە(مۇنەۋەر ئەزا) :
”
شۇ مۇشۇ بۇددىستلارغا ﻫەيرانمەن، توۋا...ئاڭلىسام تېخى ﻫىندىستان، نېپىا للىقلار كالىغا چوقۇنىدىكەن. “
يوللانغان ۋاقتى:2006- يىل1- ئاينىڭ 29- كۈنى 23:08
    ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ پۇزىتيىسىدىن ئايانكى، ئۇلارنىڭ كۇماراجىۋانىڭ نامىنى ۋە ﻫەيكىلنى كۆرۈپلا ئاللانى ئېسىگە ئالغىنىغا قارىغاندا بۇ ئالىمنى كاپىركۆرۈپ قاتتىق بىزار بولىۋاتقانلىقى ئېنىق. ﻫەتتا ئۇلار ئەشۇ رەسىمنى كۆرۈپ گۈناﻫى كېبىرگەمۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن قورىققان – دە ئۇنتۇپ كەتكىلى خېلى بولغان ئاللانىئەسكە ئالغان ﻫەم” چىۋىن قۇنىۋالسىمۇقارىشلىق قىلمايدىغان پۇت“ دەپ ﻫاقارەت قىلغان. ﻫەتتا ﻫىندىستانۋە نېپالنىڭئىسمىنى چىقىرىش ئارقىلىق كۇماراجىۋانى ئەشۇ دۆلەتلەرگە تەۋە قىلۋەتمەكچى بولغانلىغنىئىپادىلگەن. ئۆز ئەجدانى تۇنۇمايدىغان زامانىۋى”ماڭقورت“ لارنىڭ ئىنكاسىنىكۆرۈپ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن” ئېلىخان تۆرەم“ ئاخىر ئۆزى ئوتتۇرغا چىقىپ مىلادى 927- يىلى ئۇلۇغ بوۋىمىز سۇتۇق ئوغىراخان ئىسلامغا كىرىشتىن ئاۋال بىزنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭبۇدداغا ئېتىقات قىلغانلىقىنى، توراداشلارنىڭ تېمىغا ﻫە دېگەندىلا دىنني ﻫېسياتنىئارلاشتۇرۇۋالماي پەقەت ئەشۇنداق بىر كىشىمىزنىڭ دۇنيادىن ئۆتكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلاكۇپايە ئىكەنلىگىنى ئالاﻫىدە ئەسكەرتىشكە مەجىبۇرى بولغان. ئۇنىڭ سۆزىنڭئورامىدىن ئەشۇ تېمىنى يوللاپ قويغانلىقىغا قاتتق پۇشايمان قىلغانلىقىنى كۆرۋېلىش تەسبولمىسا كېرەك ئەتىمالىم. بۇ قانداق تىراگېدىيە ئەمدى؟ كومپيۇتېردەك نازۈك تېخنىكىۋىبىلىم ۋە مۇئەيەن مەدەنيەت ساپانى شەرىت قىلدىغان ئەڭ ئىلغار زامانىۋى خەلقئارالىقئالاقە ۋاستىسنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ سەﻫيپە باشقۇرۇش، تەﻫرىرلەش، تېما، ئىنكاس يوللاش ئىشلىرىنى خالىس بېجىرۋاتقان پىداكارئەزمەتلىرىمىز بىر- بىردىن سەرخىل- تۈرلۈك مەزمۇندىكى توربەتلىرنى لاﻫىيلەپۋە ياساپ خەلقىمىزگە خالىس نىيەت بىلەن تور مەدەنيىتى تارقاتماقتا ۋەتور مەدەنيىتنىڭ ئەۋزەلىگىنى ﻫېس قىلدۇرماقتا. ئېنتىرنېت تور يوللىرى ئارقىلىقكىشلەرنىڭ تەسەۋۇردىكىدىنمۇ زور رەرجىدە ﻫالقىپ كەتكەن بىر يىپيېڭى دۇنيانىئۇلارنىڭ كۆزئالدىدا زاﻫىر قىلماقتا. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەشۇ خالىس تۆﻫپىسگە ئالاﻫىدە رەﻫمەتئىيتىماي تۇرالمايمىز. مەن تور بەتلىرنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ، ئەزالارنىڭ ئارخىپنىئاختۇرۇپ باقتىم. دەرۋەقە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئالىي مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيسىگەئىگە، چەتئەلنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرۇلايدىغان، كاللىسىزامانىۋىلىق بىلەن توشقان، ﻫەرۋاقىت يېڭىلىققا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان، قىزىققان ياشلارئىكەن. ۋەﻫالەنكىبىز خىروستالدەك سۈزۈك كومپىيوتېر ئىكرانلىردىن مىللىيمەدەنيەتىمىزنى، تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغلىرىمىزنى ئىنكار قىلدىغان ﻫەتتا ﻫاقارەتلەيدىغانسۆزلەرنى ئۇچىراتقىنىمىزدا ئۇلارغا ئېچىنماي، ئۇلاردىن ئۈمىدسىزلەنمەيتورالمايمىز ئەلبەتتە.
     ئەمىدى پەقەت كۇماراجىۋانى ﻫازىردىيارىمىزدا ئۇششاق - چوڭ ﻫەممىگە مودا بولۇپ قالغان، ﻫەتتا ئۆزنى زىيالي سانايدىغان كۆپ قىسىم كىشلەرنىڭ ﻫاياتنىشانىغا ئايلىنىپ كەتكەن سىياسى دەرىجە ئۆلچىمى بويىچە باﻫالاپ باقساقبولدىغان ئوخشايدۇ. بەلكىم شۇنداق قىلساق كۇماراجىۋا ﻫەزرەت قەلەمدارلارغا قارىغاندائەلەمدارلارنى بەكىرەك چوڭ بىلدىغان ﻫەم ئۇلارغا چۇقۇنىدىغان كىشلەرنىڭ روﻫىيتىگەبەكىرەك تەسىر قىلىپ ئۇلارنىڭ ئېسىگە مەﻫكەم ئورناپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس. كۇماراجىۋا كاپكا (كەشمىر) دىكى ئوقۇشنى تاماملاپ ﻫەرقايسىمەمىلىلكەتلەرنىڭ يۇقىرى مەنسەپ كۆپلەپ ئىش ﻫەققى بېرىش بەدىلىگە ئۆزنى تۇتۇپقېلىش ﻫەققىدىكىتەلپىنى رەت قىلىپ ئۆز ۋەتىنى كۈسەنگە قايتىپ كېلىپ تارىختىكى ئۇيغۇرزىيالىلىرنىڭ ﻫەقىقىۋەتەنپەرۋەرلىك روﻫىنىنامايەن قىلسا كۈسەن خانى ئاقارى پاك كۇماراجىۋا ئۈچۈن مەخسۇس بىرئالتون پۇتلۇق شىر شەللىك ئورۇندۇق ياسىتىپ، ئۆنى رۇم كىمخاپلىرى بىلەن بىزەپ ئۆزىئەشۇ ئۇرۇندۇقنىڭ ئالدىدا دۈم يېتىپ كۇماراجىۋانى ئۆزنىڭ دۈمبىسىنى دەسسەپ تۇرۇپئورۇندۇققا چىقىپ بۇددا دىنىدىن تەلىم بىرىشكە تەكلىپ قىلىپتارىختىكى خان- پادىشاﻫلىرىمىزنىڭ ئىلىم- مەدەنيەتىنى، ئىلىم ئىگىلىرىنى ئۇلۇغ بىلىشتەكئالىي جاناپ پەزىلىتىنى نامايان قىلىدۇ. كۇماراجىۋا 39 يېشىغىچە كۈسەندە ئىلميپائاليەت ئېلىپ بېرىپ، كۈسەن بۇددىمىزنىڭ ﻫىنايانادىن كىيىنكى تورغۇن ﻫالىتىگەخاتېمە بېرىپ ماﻫايانابۇددىزىمىنىڭ ئۇمۇمىلىشىشدا دەۋىر بۆلگۈچ رول ئويناپ، كۈسەن بۇددا مەدەنيىتنىڭقايتا روناق تېپىشنى چەكسىز ﻫاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ چاغدا كۇماراجىۋا يىراق- يېقىندا داڭقى بار مەشﻬۇر ئالىم بولۇپ تۇنۇلغاندى. شۇ دەۋىرىدە بىپايان ئوتتورائىقلىم رايونلىرى ئۇرۇش – نىزالىرىغا تولغان، ﻫاكىميەت پارچىلنىپ ئۇشاق بەگلىكلەرباش كۆتۇرگەن، خەلق مەنىۋى جەﻫەتتىن بۆﻫرانداقېلىپ بىر كۈچلۈك ئىدىيۋى ئاڭ سېستىمسىغا تەشنا بولغان، كۇماراجىۋادەك بىر مەنىۋى داﻫىغاتەلپۈنىۋاتقان دەۋىر ئىدى. شۇڭا ئالدىنقى چىن خاندانلىقىنىڭ پادىشاﻫى فۇجيەنشىرمەت سانغۇنى لۈي گۇاڭنى خىللانغان70مىڭ كىشلىك قۇشۇن بىلەن غەرىبى يۇرتقالەشكىرىي يۈرۈش قىلىپ كۈسەندىن كۇماراجىۋانى ئوتتورا ئىقلىمغا ساق – سالامەت ئېلىپكېلىشكە بۇيرۇىيدۇ. مىلادى381- يىلى لۈي گۇاڭ غەربىي يۇرتقا يۈرۈش قىلىپكىنگىت(قارا شەﻫەر) نى تىنجىتىپ، كۈسەن قۇشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇماراجىۋانى ئېلىپئوتتورا ئىقلىمغا قايتىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئالاﻫىدە تىلغا ئالماي تۇرالمايمىزكى، ئىنسانىيەت تارىخدا ﻫازىرغاقەدەر ﻫاكىميەت، زىمىن، بايلىق تالىشىش ئۇرۇشلىرى كۆپلەپ يۈز بەرگەن بولسىمۇئەمما كۇماراجىۋانى تالاشقاندەك” ئالىم تالىشىش ئۇرۇشلىرى “ بولۇپ باقمىغان. مانابۇنىڭدىن ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر كۇماراجىۋانىڭ نەقەدەر بىلىملىك، نەقەدەر مۇﻫىم شەخىسئىكەنلگىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. كۇماراجىۋا ﻫاكىميەت ئالىمىشىش سەۋەبىدىن مەيلى لياڭجۇ(گەنسۇدىكى ۋۇۋېي)دا تۇرۇپقالغان 17يىلىدابولسۇن ياكى كىيىنىكى چىن خاندانلىقنىڭ پادشاﻫى ياۋشڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەنچاڭئەنگە بېرىپ تۇرغان 12يىلدا بولسۇن ئىزچىل تۈردە«دۆلەت ئۇستازى»دېگەن ئالىي شان – شەرەپكە ئىرىشپ پۈتكۈل ئوتتورا ئىقلىمنىڭ ئىدىئولوگىيسىگە يېتەكچىلىك قىلىشتەكئىنتايىن مۇﻫىمۋەزىپىنى ئۆتەپ، مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئىرىشكەن. ﻫەتتا بۇزاتنىڭ نەسەپ – ئۇرۇقنىئېلىۋېلىش ئۈچۈن پادشاﻫ بىۋاستە شەخسەن ئۆزى ئوتتورغا چۈشۈپ كۇماراجىۋاغا ئوتتورائىقلىمنىڭ ئەڭ گۈزەل رەنا سۈپەت بەرنالىردىن 10 نى نىكاﻫلاپ قويغان. ئەمما كۇماراجىۋا بۇنىئۆز ئېتقادى سەۋەبىدىن رەت قىلغان. يەنە كېلىپ دىيارىمىزدىن ئوتتۇرائىقلىم رايۇنلىرىغا بارغان ئۇلۇغلىرىمىزدىن بۇنداق يۈكسەك سىياسي ئىمتىيازدىن بەﻫىرمانبولغانلار يالغۇز كوماراجىۋا بېلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. كۈسەنلىك بۇددا چىڭامۇئالدىنىقى جاۋخاندانلىقى تەرپىدىن«دۆلەت گۆﻫىرى»،«كاتتا ئۆلىما» دېگەندەك ﻫۆرمەتناملىرى – ئىمتىيازلاردىن بەﻫىرمان بولغان. سىرمىترالار كۈسەندىن ئوتتورا ئىقلىمغابارغاندا شەرقى جىن سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى ۋاڭ داۋ ﻫەمدە گېڭ لىياڭ، جۇكەي، شې كۈن، خۇەن يى قاتارلىق يۇقرى تەبىقىدىكى ئىمتيازلىق ئەمەلدارلار سىرىمىترالارغا قولبېرىپ ئۇنى ئۇستاز تۇتقان. ﻫەتتا جۇكەي دىۋان بەگلىكىگە تەينلەنگەندە سىرمىترالارغا:”ئۆزلىرىدەكئستىدات ئىگىسى مۇشۇ ئورۇنغاقۇيۇلغان بولسا بۈگۈنكىلەر قىلچىمۇئەپسۇسلانمىغان بولاتتى “ دەپ ﻫەسرەت چەككەن. ‹5›
تاڭ سۇلالسىنىڭ ئايال پادىشاﻫى ۋۇ زېتىيەن غەربىي رايۇندىن بارغان كاليانا رۇكىنى بىۋاستە يوقلاپئۇنىڭغا يۇقۇرى باﻫابەرگەن. بۇنداق مىساللارنى يەنىمۇ كۆپلەپ كەلتۈرۈش مۈمكىن. بۇنىڭدىن شۇنىكۆرۋېلىشقا بۇلىدۇكى، بۇددىزىم دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنيىتى شانلىق سەﻫىپىلەرنىقوشقان. بىزدىن چىققان تالاي ئىستدات ئىگىلىرى ئوتتۇرا ئىقلىمغابېرىپ ئىلىممەشئىلىنى جۇلالاتقان. ئوتتۇرا ئىقلىمىنڭ ئىخلاسمەنلىرى يۇرتىمىزغا كېلىپ بىلىمئاشۇرغان. ۋەﻫالەنكى، بۈگۈنكى كۈنگەكەلگەندە بۇﻫالەت تۈپتىن ئۆزگىرىپ ئەمدىلىكتە بىز ئچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپئىلم تەﻫسىلقىلدىغان، ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن ئقتساس ئگلىرى بىزگە ﻫۆنەر – تېخنىكائۆگتىدىغان ﻫالەت شەكللەندى.بۇنىتارىخنىڭ مۇقەررەر قانۇنيىتى، دېگەن تەقدىردىمۇ تازا سوغۇققانلىق بېلەنئويلىنىپ كۆرسەك ئىلم تارقاتقۇچىلىق ئورنىدىن ئلىم قۇبۇل قىلغۇچىلىق ئورنىغا چۈشۈپقېلشىمىزغا يەنىلا بىزدىكى دىن- ئىتىقاد يەڭگۈشلىنىش سەۋەبىدىن تارىخىي ئىزچىللىقنىساقلىماي ﻫەممىنىقار-قۇيۇق ئىنكار قىلىشتەك بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا سەكرەش پىسخىكىسىسەۋەپ بولغان. ئىنتىرنېتتا كۇماراجىۋاغا بېرىلگەن يۇقىرقى باﻫالاردىن 21- ئەسسىرگە كەلگەندىمۇۋۇجۇدىمىزدا ئەشۇ خىل كىسەللىكنىڭ تېخى ئۈزىل- كېسىل تۆگەپ كەتمىگەنلىگىنىكۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئوتتورا ئىقلىم پادىشاﻫى فۇجيەنشۇنچە زور ﻫەربىيچىقىم تارتىش بەدىلىگە كۇماراجىۋانى ئوتتورا ئىقلىم رايونىغا ئېلىپ بارىدۇۋە ئۇنىڭغا « دۆلەت ئۇستازى» دېگەن ئالىي ئىﻬتىيازىنى بېرىدۇ؟ نىمە ئۈچۈنكۇماراجىۋا باشچىلىقىدا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا نوم- ئەﻫكاملىرى ﻫازىرغا قەدەر ئەتىۋارلىنىپ ساقلىندۇ؟ نىمە ئۈچۈن كۇماراجىۋنىڭ ئايىغىتەگكەن گەنسۇنىڭۋۇۋىيدىكى ئەينى ۋاقىتتا كۇماراجىۋنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنغان كۇماراجىۋا مۇنارىبېلەن كۇماراجىۋا ئىبادەتخانىسى ۋە چاڭئەندىكى كۇماراجىۋا تۇرغان شاۋياۋ باغچىسىغاسېلىنغان ساۋتاڭ ئىبادەتخانىسى (سەنشى ئۆلكىسى لۈشىيەن ناﻫىيە بازىرنىڭ جەنۇبىدىن15 كىلومىتىريىراقلىقتىكى گۇافېڭ تېغى ئېتىكىدە) تارىخنىڭ شۇنچە ئۇزۇن بوران چاپقۇنلىرىنى بېشىدىنكەچۈرۈپمۇ بىزگىچە يېشىپ كېلەلەيدۇ ﻫەم بۈگۈنكى كۈندە نوقتىلىق قوغدۇلدىغان مەدەنيەت يادىكارلىق ئورنىقاتارىدا قاتتىق مۇﻫاپىزەتقېلىپ قوغدىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن كۇماراجىۋانىڭ شېئرىي ﻫىېكىمەتلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ چاۋشىيەن، ياپۇنىيەلەردەداۋاملىق نەشىر قىلىپ تارقىتىلىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ياپۇنىيلىك دوستلار سەندل ياغىچىدىنياسالغان كۇماراجىۋانىڭ ﻫەيكىلنى ساۋتاڭ ئىبادەتخانىسىغا سوۋغا قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ﻫۆكۈمەت خىلىزور ئىقتىسادىي چىقىم بەدىلگە 1994- يىلى 8-،9- سىنتەبىر كۈنلىرى باي ناﻫىيسىنىڭ قىزىل مىڭئۆيى ئالدىداكۇماراجىۋا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1650 يىللىقىنى خاتىرلەشخەلىقئارا ئىلمىي مۇﻫاكىمەيىغىنى ۋە كۇماراجىۋامىس ﻫەيكىلنىڭيۇپىقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن جۇڭگو، ياپونيە، كورىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە،تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونىدىن كەلگەن 140 نەپەر مۇتەخەسىس- ئالىمكۇماراجىۋانىڭ جاﻫانشۇمۇلئىلمىي مۇۋەپىقىيەتلىرنى تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يۇقۇرى باﻫا بېرىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن تۈركۈم- تۈركۈم ساياﻫەتچىلەرئارنىيىراق كۆرمەي قىزىل مىڭئۆيىگە كېلىپ كۇماراجىۋانىڭ 3.10مېتىر ئېگىزلىكتىكى 1800 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قېنىق قوڭۇر رەڭلىك مىس ﻫەيكىلىگە ئىخىلاسبىلدۈردۈ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن جوڭگونىڭ ئىچكىر ئۆلكىلىرى ۋە ياپۇنيىدىكى 40 مەشﻬۇر ئالىمكوماراجىۋا شۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇلىندۇ؟ مانا بۇ تۇگمەسنىمە ئۈچۈنلەر بىزگە كۇماراجىۋانىڭ دۇنياۋى شۆﻫرىتىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپلاقالماستىن بەلكى يەنە ئەينى دەۋىر ئۇيغۇر بۇددىزىم مەدەنيىتىنىڭ سەلتەنەتلىك ﻫالىتىدىنمۇقىسقىچە ئۇچۇر بىېرىدۇ.
       بۇ مەنادىن كۇماراجىۋادىنئىبارەت بۇيۈك بۇددا تەپەككۇرىنىڭ تۇنجى قېتىم مىللي تىلىدىكى دەرىسلىككىتابدىن ئۇرۇن ئېلىشى، بۇ ﻫەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ گېزىت ۋە ئېنتىرنىت تور بەتلىرگە چىقىشنى بىز ئۈچۈنئالەمچە خۇشاللىق ئىش دېسەك قىلچە ئارتۇقچە كەتمەيتتى. بەلكى ئۇﻫەر بىرئۇيغۇر پۇشتى ئۈچۈن تەبرىكلەشكە، قۇتلۇقلاشقا، ئىلمي بەﻫىس- مۇنازىلەرنى قانات يايدۇرۈپزور تەن- تەنە قىلىشقا، كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشقا تىگىشلىك كاتتا ئىش ئىدى. ئەپسۇسكى كۇماراجىۋانىڭ مىللي تىلىدىكى دەرىسلىك كىتابدىن ئۇرۇن ئالغانلىقى ﻫەقىدىكىخالىس نىيەت بىلەن يوللانغان ئەشۇ خەۋەر بەزى ئېنتىرنىت تور بەتلىرىدە ياخشى باﻫاغائېرىشەلمىگەننى ئاز دەپ ئەشۇ خەۋەرنىڭ ئېنتىرنىت مۇنبىرىدىكى ﻫاياتىتولىمۇ قىسقا بولدى. بۇ ﻫەقتىكى خەۋەر ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ” بوستان“،”گۈلىستان“،”سۈمۇرۇغ “ تور بەتلىرىگە چىققان بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تور بەتلىرىئىچىدە ئۆزگىچە يول تۇتۇپ ئىناۋەت تىكلەشكە تىرشۋاتقان ” گۈلستان“ تور بېتنىڭ ”يېڭىدىنيوللانغان تېمىلار“قاتارىدا پەقەت ئۈچ كۇنلا بويننى قىسىپ تۇرۇشقىلا مۇۋاپىقبولالىدىكى « ئاۋات تېمىلار » ۋە « ئىنكاسلىق تېمىلار » قاتارلىقلاردىن ئورۇن ئالالماي مۇنبەردىن پۈتۈنلەي قوغلاپچۈشۈرۈلىدى. بەلكىم تور باشقۇرغۇچىلىرى كۇماراجىۋانى ئەدەبىياتىمىز بىلەنمۇناسىۋەتسىز دەپ قارىغان بولسا كېرەك. ئەمىليەتتە ﻫازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلاردىنكۇماراجىۋادەك ساپ خەنزۇ تىلىدا بىر قاتار شئېر، نەسىر، تەقرىز، مەكتۈپلارنى ۋايىغايەتكۈزۈپ يېزىپ ئۇتۇق قازانغان ئۇلۇغ ئەدىبتىن يەنە بىرى چىقىپباققىنى يوق. كۇماراجىۋا خەنزۇ ئەدەبىياتىغا بىر يۈرۈش ئۆلچەملىك لوغەت تەركىبىنىئېلىپ كىرىش بىلەن بىرگە 6 سۇلالە دەۋىرىدە شەكىللەنگەن چاكىنا ئەدەبىيات رامكىسىنىبۇزۇپ تاشلاپ شۇ دەۋىرىدىكى خەنزۇلارنىڭ شئېر، نەسىر، دارامما، پىروزا ئەدەبىياتىۋە ئەلنەغمىسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسۈتۇپ، خەنزۇ بۇددا ئەدەبىياتىغا جۇشقۇنلۇق ئاتاقىلغان مەشﻬۇرئەدىب بۇلۇش سالاﻫىيتىبىلەن « گۈلىستان » مۇنبىرىدەئۇزاقراق تۇرۇش سالاﻫىيىتىگەتولۇق ئىگە ئىدى. كۇماراجىۋانىڭ مۇنۇ ئىككى پارچە شئېرىغا نەزىرىمىزنىئاغدۇرۇپ باقايلى:


ﻫېكمەتلىكباخشىغا نەزەر


يېتىشتىن ئىپپەتۇ دەنابىلىك سىز زەزىكان،
تارتقان مۇشكۇلىڭىز پۇتمەس جاﻫاندىن ئۆتسە مىڭ دەۋران.
بولۇپ ئاققۇ پغان چەككەن بىلەن تەنﻬا چىمەن ئۆزرە،
سۈزۈك ئاۋازىڭىزدىن لەرزى قىلىدى يەتتە قات ئاسمان ‹6›.


ئون تەمسىل


تۇنجى تەمسلىنى قۇرۇقتىن مەن ئەيلىدىم ئىپتىدا،
تەبىرى ئالەم ئۈچۈن تەمسىل قۇرۇقلۇق جايىدا .
سۆز بىلەن ﻫەر مەنىنى قىلساممۇ ئىزﻫار قانچىلىك،
مەنمۇ چەكسىز ئەمەس ئۇمۇ تۈگەر بىر ۋاقتىدا.
ئەۋلىيالار تون كىيىپ دەرۋىش بۇلۇپ باسسا قەدەم،
كۆرۈنۈپ تۇرغان قونالغۇ بولمىغاي دەرگاﻫ ساڭا.
جېلۋىلىك تۇرغان زىمننىڭ تەكتىگە سالساڭ نەزەر،
ﻫادسىسىئالەمدە يوق بەربات ۋەيا بولماق بىنا ‹7›.


ئۇ يەنە مىلادى 413 – يىلى ئەتىراپىدىكلەرگە مۇنداق شئېر بېغىشلىغان:


شۇنچە پەرقلىق بولسىمۇ ئەسلىدە ئەۋلادىمىز،
ﻫېكمەتىقىسمەت تۈپەيلىبىرگە بولدى زاتىمىز.
كەلسىمۇ گەر ئىيتقۇسىز غەملەر ۋىدالىق دەستىدىن،
ئۆزگە ئالەمگە سەپەر قىلماق بۇ مەشخۇلاتىمىز ‹8›.

 

   قېنى، ئەشۇنداق تېرەن پەسەپىيۋىيلىك، جۇشقۇنقاپيە، رەڭدار شئېرى تۇيغۇنى بىرلەشتۈرۈپ كىشى قەلبىنى تىتىرتەلەيدىغان ئۆلمەسشائىرلاردىن بىزدە نەچچىسى چىقاركىن؟
  ئۆزىگە” بوستان ئۇيغۇر مەدەنيەت كۈلۈبى“ دەپنام بەرگەن ئەشۇ تور بېتىمۇ نامىدا شۇنداق دىيلگىنى بىلەن ئۇيغۇر پەلسەپە، مائارىپ ۋە تەرجىمە نەزەريىسىنڭ ئاساسىنى تىكلەپ بەرگەن بۇ مەدەنيەت ئەرباپىغا ئادىلمۇئاملە قىلماي شۇ ﻫەقتىكىتېمىنى ئاران بىر ﻫەپتەساقلاپلا مۇنبەردىنيۇقاتتى. ساپ ئەدەبىياتنى قوغلىشىدىغان «سۈمۈرۇغ» تور بېتى ﻫەرﻫالدا ئەشۇ خەۋەرنى «يېڭى يازما »، « يىڭى ئىنكاس بارتېمىلار » ۋە « ﻫەپتىلىك قىزىق تېما » دېگەن تېما تۈرلىرىدە بىر- ئككى كۈندىن قوندۈرۈپقۇيۇپ بىر ﻫەپتەئۆتكەندىن كىيىن كۇماراجىۋانى « دەيمۇ – دىمەيمۇ» ناملىق سەﻫىپىدىكىئامبارغا سۇلاپ قۇيۇش بىلەن ئىشىنى تۈگەتتى. « سۈمۇرۈغ »نىڭ يەنە بىر خاسىيتىشۇكى، خەۋەر بېرىلگەندىن كىيىن جەمئى 9 ئەزا ئىنكاس يېزىپ بۇ ئىشنىڭ ئەﻫمىيتىنى شەرﻫىلىدى. بۇنۇڭدىن« سۈمۈرۈغ » دىكىئەدەبيات مۇخلىسلىرىنى ئەشۇ ئىشنىڭ ئىلىمي قىمىتىنى ﻫەر ﻫالدا تۇلۇق چۇشىنپتۇ، دىيىشكەبولاتتى.
   مەن قانداق مەزمۇندىكى تېمىلارنىڭ ئۇيغۇر توربەتلىرىدىكى مۇنبەردە ئۇزۇن مۈددەت پۇت تېرەپتۇرالايدىغانلىقنى يەنە قانداق مەزمۇندىكى تېمىلارنىڭ مۇنبەردىن ئىتتىكقوغلاپ چۈشۈرۈلىدىغانلىقنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە يۇقىرىدا نامى زىكىرىقىلىنغان ئۈچ مەشﻬۇرتور بەتتىكى مۇنبەرلەرنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقتىم. مۇنبەردە ئۇزۇن مۇددەت ساقلانغانتېمىلار ئىچىدە ﻫەقىقەتەنساقلىنىش قىممىتىگەئىگە، كىشنىڭ قايىللىقى قوزغايدىغان، ئاچقان يەرگە بارىدىغان، يېڭىلىقى، ئىجتىماىيئۈنۈمى بار تېمىلار ۋاقتىغا خىرىس قىلىپ مەردانلارچە مەيدىسنى كېرىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما مۇنبەردە ساقلىنىپ قالغان تېمىلار ئىچىدە يەنە قىلچە ئىجتىمائي قىممىتى بولىمغانئىشقي شئېري قوشاقلار، قۇرۇقتىن قۇرۇق مۇلاﻫىزىلەر، تېتىقسىز پەندى- نەسﻬەتلەر، تولائاڭلاپ قوللاققا سىڭىپ كەتكەن MTV ناخشىلىرى، ئېلانلار بار بولۇپ ئاشۇلارنىكۇماراجىۋا ﻫەزرەتنىڭئورنى ۋە قىمىتى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم. بۇجەﻫەتتىن ئەشۇتوربەتلىرنىڭ كۇماراجىۋاغا ئۈۋال قىلغانلىقى مانا مەن، دەپ چىقپلا تۇرۇپتۇ. يەنەتېخى« سەلكىن » تور بېتىنىڭ « مەشﻬۇر شەخىسلەر » سەﻫپىسىدىكى تېمىلارنىڭ ئىنكاس ۋە ئاۋاتلىق دەرىجە كۆرسەتكۈچىجەﻫەتتىكىپەرىق كىشنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ غەش قىلىدۇ.« ئېلىخان تۆرەم » نامىدىنئەشۇ سەﻫىپىگەيوللانغان كۇماراجىۋا ﻫەققىدىكىسۈرەتلىك ماقالىگە ئاران 10 ئىنكاس كەپتۇ (يەنە كېلىپ بۇ ئىنكاسلارنىڭ مۇتلەق كۆپقىسىمى ئالىمنىڭ يۈزىگە پوق چاچىدىغان ئىنكاسلاردۇر خالاس) ئاۋاتلىق دەىجە كۆرسەتكۈچىئاران97گە تېتىپتۇ. مەن قانداق تېمىلارنىڭ ئاۋاتلىق دەرجىسىنڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقنىبېلىپ بېقىش مەقسىتىدە ئەشۇ سەﻫپىدىكى ئاۋاتلىق دەرجىسى يۇقىرى چەككە يەتكەن « سەﻫنىسىدىكىكىچك چولپانلارىمىز » ناملىق تېمىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقتىم. بۇ تېمىنىڭ ئاۋاتلىق دەرىجىسى ﻫەققەتەنيۇقىرى بولۇپ 1317گە يېتىپتۇ. 2006- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنى يوللانغان بۇتېمىغا جەمئى بەش پارچە سۈرەت كىر گۈزۈلگەن بولۇپ 1-سۈرەتتە بىر ئۇيغۇر بالىنىڭغەيرى ﻫالەتتەياسىنۋالغان، قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىگىنى دەمالىققا پەرىقلەندۇرگىلىبولمايدىغان(ئېتىمال خەنزۇ بولسا كېرەك) ئۈچ نەپەر بالا بىلەن بىرگە تۇرغانمەغرۇر ﻫالىتىئەكىس ئەتتۈرىلۈپتۇ. 2- سۈرەتتە ئەشۇ ئۇيغۇر بالىنىڭ ئۇيغۇرچەكىينىۋالغان خەنزۇ قىزلىرى ۋە بىر نەچچە خەنزۇ يىگىتلىرى بىلەن ئۇسۇل ئويناۋاتقان ﻫالىتى ئەكىسئەتتۈرۈلۇپتۇ(قارىغاندا ئۇلار ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناۋاتسا كېرەك). 3- سۈرەتتېخىمۇ دەﻫشەتبولۇپ ﻫېلىقىئۇيغۇر بالىنىڭ بېشىدىن ئايغىچە خىرۇم كىيىم كىيىپ گىتتار چېلىۋاتقان ﻫالىتى ئەكىسئەتتۈرلۇپتۇ. كىيۋالغان خىررۇم شىلە پىسنىڭ پاسۇندىن قارىغاندا ئۆزىنىمېكسكىلىق بىرەر ناخشا چولپىنىغا ئوخشىتىۋاتسا كېرەك. 4- سۈرەتتە ئىككى خەنزۇرىياسەتچى( بىرى ئايال) نىڭ ﻫېلىقى بالىنى ئوتتورغا ئېلىۋېلىپ ﻫاياجانلانغان ﻫالەتتەسۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇلۇپ، قارىغاندا ئۇلار ئاشۇ بالىنىڭسەنئەت جەﻫەتتىكىئاجايىپ تالانتىنى ماختاپ ئۇچۇرۋاتسا كىرەك. 5- سۈرەتتە ﻫېلىقىئۇيغۇر بالا ﻫەر ﻫالدائنسابىغا كېلىپ بېشىغا سەللە ئوراپ، تاج تاقاپ ئۇيغۇرچە كىينىپئۇسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ.
     ئاۋاتلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەشۇتېمىغا قىسقېغىنە 5 كۈن ئىچىدە 30 ئىنكاس كەلگەن بۇلۇپ مۇنازىرە بەكمۇقىززىپ ئىسمى- جىسمىغا لايىق « ئاۋات تېما» ﻫالىتىنى نامايەن قىلىپتۇ. تۆۋەندە بىر قىسىم ئىنكاسلاردىن« سەﻫنىدىكىكىچىك چولپان»لارغاقانداق باﻫالارنىڭبېرىلگەنلىكنى كۆرۈپ باقايلى:
(1)
ئابدۇقادىر(كۇماراجىۋانى « بۇت» دەپ ﻫاقارەتلەنگەن ﻫېلىقى ئەزا) :
« مۇشۇ ئاستىدىكىگۇي خېلى تالانتلىق جۇمۇ .»
ئېلاۋە: بۇياقنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا«كىچك چولپان»غا بېىرىلگەن باﻫا بىلەنكۇماراجىۋاغا قىلىنغان ﻫاقارىتنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ ئۇنىڭ« گۇي» دەپ ئەركىلىتىپكىتىشىلىردىن ئۆرگىلەي.
(2)
ئابدۇقادىر 2- بەتكە ئۆتۈپ بۇلۇپ يەنە ئىنكاس يازىدۇ: «خېلىقىززىقچى... ! ماۋۇ گەپ ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ!»
(3)
قايدو دەرياسى:
«رەﻫمەت سىزگە. سەﻫنىدىكىكىچىك چولپانلىرمىزنىڭمىللىتىمىزنى دۇنيا سەﻫنىلىردە تۇنۇشتۇرۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن»
(4)
ياسۈن:
« ﻫاﻫا ﻫارامزادە ... كىچىككىنە تۇرۇپ سەﻫنىلەردەئۇيۇن قۇيۇدۇ بۇ گۇي»
(5)
غەمسىز ﻫايات؛
« ئىستىقپالىپارلاق ئۇلارنىڭ».
(6)
روسلان 007:
« مۇشۇلاردىنمۇپەخىرلىنىپ كەتتىڭلارمۇ، گەرچە ئۇلار سەنئەتتە تالانىتلىق بولغان بىلەن كەلگۈسىدەئۇيغۇرلارغا ﻫىچنىمەقېلىپ بېرەلمەيدۇ. بىز سەنئەت تالانتلىرغا ئەمەس بەلكى ئىلىم- پەن ئۇچقۇنلىرغا مۇﻫتاج. »
(7)
قارا قۇياش:
«ئۇلار بىزنىدۇنياغا تۇنۇتۇدىغانلار. »
(8)
دۇدۇ:
«... ئۇلارنىڭسەﻫنىدىكىداداىل، چاققانلىقنى، زېرەكلىكنى، چاققان ﻫەركەتلىرنى كۆرسىڭىز ئەۋلاتلىرمىزدىنسۆيۆنۈپ قالىسىز.»
(9)
نەرگىز گۈلى:
« ئەمدى مۇشۇنارسىدىلەر قالدىمۇ بىز نەتىجىلىرىدىن قۇسۇر چىقارمىغان... يامان بولسىڭىزبۇ يەردە قۇرۇق كوتولداپ ئولتۇرماي بېرىپ ئۆتۈپ بېقىڭە ( 7 ئۈندەش) شۇنداققىلالىسىڭىز سىزنى قولىمىز بېلەن ئەمەس، بېشېمىز بېلەن كۆتىرىمىز(11ئۈندەش) يەنىمۇتىرشىڭلار ئۇكىلىرىم (8 ئۈندەش) بىزدەك ئاچا- سىڭىللىرىڭلار قىلالمىغان ئىشنىسىلەر قىلدىڭلار !!!!!! ( 6 ئۈندەش) سىلەرنى مەڭگۈ قوللايمىز (2 ئۈندەش) سىلەردىنپەخىرلىنىمىز (6 ئۈندەش)».
(10)
مەڭگۈ تاش:
«شۇ مەركىزىيتېلۋېزىيە ئىستانىسنىڭ” فېيچاڭ 6 ┼ “1 پىروگىرامىسىدا چىققاندا ئۇنىڭدىن ۋە مىللىتىمدىن پەخىرلىنىپكېتىمەن.»
(11)
ئوۋچى 007:
”
نەرگىز گۈلى ﻫەججەپ توغىرا گەپ قىلدىڭىز“

 

يۇقارىقلاردىنباشقا يەنە ئالىم، دەرۋىش، پەرىشتە، فىروزە، كىروران، كائېنات، خەمىت....... قاتارلىق تورداشلار تۇشمۇ تۇشتىن ئىنكاس يوللاپ نەرگىز گۈلنىڭ پىكىرنى قوللاپ « سەﻫنىدىكىكىچىك چولپانلار » غا ﻫەمدۇ – سانا ئۇقۇشقان. بۇ يەردىكى قىزغىن، دادىل، جۇشقۇن- ئاكتىپ مۇنازىرە كەيپىياتنى قانداقمۇ كۇماراجىۋا ﻫەققىدىكىبىزارلىق تۈسنى ئالغان سوغۇق مۇنازىرە كەيپىياتى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ بىزنىڭدۇنياۋى شۆﻫرەتكەئىگە بىر ئۇلۇغ ئالىمىمىز تېخى ئاغىزدىن ئانا سۈتى بۇراپ تۇرىدىغان، سەنئەتنىڭنېملىگىنى ﻫەقدادىغايەتكۈزۈپ چۇشەنمەكتەيوق تەقىلىدىي سەنئەت مىكروپلىرى بىلەن يۇقۇملىنىش ﻫالىتىگە بېرىپ قالغان ئاتالمىش « سەﻫنىدىكىكىچىك چولپانلار » چىلىك چۈشۇنشكە، قوللاشقا، ﻫۆرمەتكە سازاۋەر بولالمىسا بۇنىڭغانېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟ تېخى ئەشۇ « كىچىك چولپانلار » مىللىتىمىزنى دۇنياغا تۇنۇشتۇرامىش، مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىدى ئۇلاردىمىش. نېمە دېگەن تېتىقسىزلىق بۇ. چۈنكى، ئەشۇكىچىك« چولپانلار »نىڭ ۋۇجۇدىدىن ساپ مىللىي ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتىمىزنىڭ كۈچلۈكتەپتى ئەمەس بەلكى ئەبجەش، غىلجىڭ، تەقلىدى سەنئەتنىڭ ۋارىيانىتلىرى بېخ يېرىپتۇرمامدۇ؟ بىز نېمە دەپ بىزنى دۇنياغا تۇنۇتۇپ بولغان بۈيۈكلىرىمىزنى چۆكىرىپ، سەنئەتتىن ئىستقىپال تېپىش كۇيدا تىپىرلاپ يۈرگەن نەدىكى بىرنىسى چۈكىنەمىلەرنى كۆككەكۆتىرىپ كىېتىمىز؟ مۇبادا ئەشۇ«چولپانلىرىمىز» جېكسون دەك دۇنياۋى مەشﻬۇر شەخىسبۇلۇپ كەتسە ﻫەر ﻫالدائۈمىدىمىز يەردە قالماس. شۇنداقتىمۇ بۇ كۇماراجىۋاغا ﻫاقارەتقىلىش بەدىلىگە رۇياپقا چىقماسلىقى كېرەكتە. يەنە كېلىپ دۇنيادا پەقەتناخشا- ئۇسۇلغىا تاينىپلا تۇنۇلغان، قەد كۆتۈرگەن، ئۆز ئىستىقبالىنى قولىغا ئالالىغانمىللەت مەۋجۇتمىمۇ؟ « ناخشا - ئۇسۇل مىللىتى » دەپ ئاتالغان، ماختالغان سىگانمىللىتىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى قانداق بولدى؟ بۇ جەﻫەتتىن توردىشىمىز رۇسلاننىڭئىنكاسىنى ئەستايدىل ئويلۇنۇپ كۆرۇشىمىزگە تېگىشلىك بولسىمۇ ئەمما باشقا تور داشلارنىڭبېردەملىك ﻫېسياتچۈقانلىرى نېمە دەپ ئەقىل بېلەن ئوتتورغا قۇيۇلغان ئەشۇ ئىلىمي قىممىتى بارئىنكاسنى كۈمۈپ تاشلاپ بۆشۇكىدىلا ئۇجۇقتۇرۋېتىدۇ؟
مەن كومپيوتېر ئالدىدىن قوپماي ئولتۇرۋىلىپ توختىماي ئىنكاس يوللايدىغانلارنىڭساپاسىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم. ئۇلارنىڭ مەدەنيەت، تارىخ، سەنئەت جەﻫەتتىكىساۋاتى نېمىدېگەن چولتا. ئۇيغۇر تىلنىڭ ئىملاسىنىمۇ بولسا تۇلۇقراق بىلسىچۇكاشكى. مەن يۇقىردىكى ئاجايىپ – غارايىپ تەخەللۇسلار بىلەن ئىنكاس يوللايدىغانئەشۇ « بىر مۆرىسى يوق كاپىتان »لارنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىنى كۆپ جەﻫەتتىن تەﻫىرىلەپتۈزۈتۈپ ئاندىن بۇ يازمىغا كىرگۈزدۈم. ئەينى پېتى ئالسام نۇرغۇن ئۇقۇرمەنلەرنىڭتۇلۇق چۇشۇنەلمەي قېلىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىنىش بەلگۈلىرنىخۇددى باﻫاسىچۈشكەن مالدەك خالىغانچە ئىشلىتىۋېرىدىكەن. نېمىدىگەن كۆپ ئۈندەش، كۆپ چىكىتلەر. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئېنتىرنىت دېگەن زادى نېمە؟ ئۇيغۇر تىل - يېزىقى، مەدەنيىتى، تارىخى، سەنئىتىچۇ؟ مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئىنتىرنىت بىزگە مەدەنيەت تارقىتىدىغان ئىلغارقورال ئەمەس بىزنىڭ ساۋاتسىزلىقىمىزنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارلايدىغان ئېچىنىشلىقۋاستىسغا ئايلىنىپ قالمامدۇ؟
     دەرۋەقە، سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى ﻫاياتىدا كەمبولسا بولمايدىغان روﻫىيقۇۋەت دورىسى. ئەمما بۇ دورا مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىنمىسا ئەكىس تەسىر بېرىپقۇيۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ناخشا ئۇسۇل سەنئتى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇشۇنداق. بىرمىللەتنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە ناخشا ئۇسۇل سەنىتىگە بېرىلىپ كېتىشى ۋەئەشۇ مىللەت تەركىبدە 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان « چولپان » لارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ناخشا – ئۇسۇلسەنئىتىنىڭ تەرەقىياتىدىن كۆرە زاۋاللىقىدىن بەكىرەك بېشارەت بېرىپ قۇيۇشىمۇمكىن. كۆرۋاتىمىز، سەﻫنىلىرىمىزدە تالاي – تالاي چولپانلار ناخشا توۋلاپ، ئۇسۇلئويناۋاتىدۇ، يېشىك – يىشكلەپ ئىشلەنگەن ئۈنئالغۇ، MTV ناخشا پىلاستىنكىلىرى ئەڭ چەت يېزا – قىشلاقلىرىمىزنىڭ چار بازارلىرىدا تۆكىمە قىلىپ سېتلۋاتدۇ. قېنى شۇلاردىن بىرەرسىبىزنى دۇنياغا تۇنۇتۇپ باقتى؟ ئۇلار ﻫەتتاپايانسىز چۆللىكلىرىىمىزىدىكى تاغ قاپتاللىرىدا پىنﻬان تۇرۇپ كەلگەن بۇددا مىڭئۆيلىرىمىزدىكىبەرباپ، چەللە، غۇڭقا كۆتۈرۋالغان سازەندىلەر بىلەن رەڭدار لىنتىېلارنى جىلۋىلەندۈرۈپنەپىس ئۇسۇل ﻫەرىىكەتلىرىنىبىجاندىل ئۇرۇنلاۋاتقان رەققاسىلارنىڭ جانسىز رەسىملىرىچىلىك داڭىقچىقىرالمىدىغۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىۋېن ﻫېدىن، سىتەيىن، لېكوك، پېللىئوت، ئوتانى كوزى قاتارلىق چەتئەل ئېكىسپىدىيچىلىرى ﻫەشەمەتلىكشەﻫەر مۇﻫىتى، باياشات تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ قاتناش ئىنتايىن قولايسىز شارائىتتا جېنىنىئالقانغا ئېلىپ قويۇپ بىزنىڭ دەشتى چۆللىرىمىزدىكى خارابىلەردە، مىڭئۆيلىرىمىزدەتىمىسقىلاپ يۈرىدۇ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن مىڭلىغان چەتئەللىك ساياﻫەتچىلەر يىلدا تۈتاملاپ پۇل خەجىلەپقىتئە ئاتلاپ دىيارىمىزغا كېلىپ سانائەتنىڭ گۈزەل شەﻫەرلىرىنىئەمەس بەلكى چۆل جەزىردىكى مىڭئۆيلەرگە بېرىپ ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەننەپىس تام رەسىملىرىگە تويماي قاراپ كېتىدۇ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ شۇنچە كۆپزامانىۋى ناخشا – ئۇسۇللىرىمىز ئەمەس بەلكى قەدىمىي ﻫەم مىللىي سەنئىتىمىز بولغان 12 موقامىمىز ب د ت تەرپىدىن قوغدىلدىغان غەيرى ماددي مەدەنيەت كاتا گورىيسگەكىر گۈزىلىدۇ؟ خەلقىمىز نېمە ئۈچۈن قەمبەرخانىم، نساخان ئانا، داۋۇتچان ناسىر، ئابدۇۋەلى جارىللا يۇپلارنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسكە ئالىدۇ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن پاشائىشان، ﻫۈسەنجانجامى، مۇساجان رۇزى....لارغا قەلىپ تۆرىدىن ئۇرۇن بېرىدۇ؟ مانابۇ سۇئاللارغا بىرىلگەن جاۋاپ بىزنىڭ سەنئەت ئىشقىدا پەرۋانە بولىۋاتقان تالاي” چولپانلىرىمىز “ نىڭ ئاتالمىش سەنئەت ﻫەققىدىكى ئەبجەش چۈشەنچىلىرى ۋە”چولپان “بولۇش خىيالىدا يۈرگەن تالايئازغۇنلارنىڭ توغرا يول تېپىۋىلىشغا نىشان كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەشۇ ئۆلچەم بويچە قارىغىنىمىزدا ﻫازىر”چولپان “ ،”مەشﻬۇر “ ئاتالغان ئاتالمىش” سەنئاتكارلىرىمىز“نڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى سەنئەتكار ئەمەس بەلكىپەقەت ئۇرۇنداش ماﻫارىتىنىئۆگۈنىۋاتقان ئىجىراچىلار بولۇپ، چىقىدۇ خالاس.
    ئۇيغۇر 12 موقامىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ مىللىيخاسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. مىللي روﻫ موقامنىڭ جېنى. ئۇنىڭغا مىللىتىمىزنىڭ بىر پۈتۈن تارىخى سىڭگەن. شۇڭا مۇشۇ زىمىندىكى ﻫەر بىر تۈپگىياﻫىدىن تارتىپتاش – چالمىلارغىچە، دەريا - كۆللىرىمىزدىن پايانسىزقۇملۇقلىرىمىزغىچە، بارلىق جانلىق – جانسىزلىرىمىز موقام كۇيلىرىنىڭ مۇڭلۇقرېتىمىغا جۆر بولالايدۇ. سۈكۈتتە ياتقان تاقىرتاغلار بىلەن قۇملۇقلاردىكى بەردەم توغراقلار 12 موقامىمىزنىڭ ئەدەبىيلىك گۇۋاﻫچىلىرى سۈپىتىدە ئېغىر ئەمما بەردەم ﻫالەتتە قەد كېرىپ تۇرىدۇ.
مىڭئۆيلىرىمىز مىللي مەدەنيىتىمىزدىكى يەنە بىر چوڭ غەزىنە.”ئۇقەدىمقى ئەجداتلىرىمىز ئەسىرلەر سەﻫىپىسىگە يېزىپ قالدۇرغان كاتتا سەنئەت قامۇسى. ئۇ مللي سەنئتىمىزنىڭبىر پۈتۈن تارىخىشەجەرسىنى ئۆزىدە مۇجەسەملەشتۈرگەن “‹9› بىباﻫا تەۋەرۈك. سەنئەتخۇمار خەلىقىمىزنىڭقۇلىدا رۇياپقا چىققان مىڭئۆيلەردىكى نەپىس سىزمىلاردىن مۇقاملىرىمىزنىڭ ئىپتىدايئىكۈي – رېتىمى بالقىپ تۇرىدۇ. مىڭئۆيلىرىمىزدىكى يارقىن رەڭلەردىن كۇماراجىۋانىڭتېرەن تەپەككۈر جۇلاسىنى ﻫېس قىلىش مۇمكىن. مۇقامنىڭ ئىپتىدايئى تىندۇتسيىسلىرىكۇماراجىۋا ئۈچۈن ناتۇنۇش ئەمەس. شۇڭا قىزىل مىڭئۆي ئالدىدىكى تىرەن تەپەككۈرئالىمىدە سەيىرقىلۋاتقان كۇماراجىۋاغا 12 موقام كۈيلىرى ﻫەرگىز يات تۇيۇلمسا كېرەك. شۇنداق تۇرۇپ بىزنىڭ ئىپتىدايئى كۈينەغمىلىرىمىزنىڭ مىڭئۆيلەردىكى ئوبرازلاشقان كۆرنىشنىڭ رۇياپقاچقىشنى نەزەرىيە ۋە تېما ئاساسى بىلەن تەمىنلەشكە يول ئاچقانمۇتەپەككۈرىمىز كۇماراجىۋا نېمىدەپ ئەشۇ سەنئەت ﻫۈجەيرىسى ئەمدىلەتىن يېتىلۋاتقان ئەمماكەلگۈسنى مۆلچەرلەش بالدۇرلۇق قىلدىغان ئەشۇ ئاتالمىش” سەﻫنىدىكىكىچىك چولپانلار“ چىلىك ئىززەتلىنەلمەيدۇ؟ كۇماراجىۋا بىلەن” چولپانلار“ دىن ئىبارەت ئككىتېما ئوتتورسىدىكى ئاۋاتلىق دەرىجە پەرقى نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ، نېمە ئۈچۈن ئىنكاسسانى جەﻫەتتىكىپەرىق سانى شۇنچە زور بۇلىدۇ! بوپتۇ، كۇماراجىۋا بۇندىن1مىڭ 700 يىللار ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن شەخىس، يەنە كېلىپ بىزنىڭ ﻫازىرقى ئىسلام ئېتقادىمىزغا يات كېلىدىغان بۇددا دىنى تائپىسىدىن، شۇنداق ئىكەن ﻫازىرقىلاربولۇپمۇ ياشلارنىڭ بۇ ﻫەققىدىكىچۈشەنچىسى چولتا، دىيىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ئاز – تولا تەسەللى بەرگەنمۇ بولايلىبوپتۇ. ئەمما ”سەلكىن“تور بېتىنىڭ”سەﻫنىدىكى كىچىك چولپانلار “ بىلەن بىرقاتاردا” مەشﻬۇرشەخىسلەر“ سەﻫىپىسىگەزۇلال تەرپىدىن 2006- يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى يوللانغان « مەرﻫۇم ئابدۇشۇكۇرمۇﻫەممەتئىمىنئىلىي ئىجادىيتىنىڭ قىممتى » دېگەن تېمىغا نېمە دەپ ئاران 2 ئىنكاس يوللانغاننى ئاز دەپ بۇتېمىنىڭ ئاۋاتلىق دەرىجىسى ئاران59 بولىدۇ؟ مۇبادا خاس سانئەتكارلارلائۇلۇغلىندىغان ئىش بولسا بۇ ئالىممۇ ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەسقۇ؟ ئەجبا بۇئالىمىمىز ئۆزىنىڭ چەكلىك ﻫاياتىدا موقام ۋە ناخشا – ئۇسۇل سەنئىتىمىزگە قارىتا چوڭقۇر قاتلاملىقتەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ئەمەسمىدى؟ يەنە شۇ سەﻫپىدىكى زۇلال تەرپىدىن يوللانغان « ئابدۇكېرەم غوجا: ئۆزەم توغىرىسىدا » ، « يىتۈك ئالىم ئەﻫمەت زىيائي ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى » دېگەن تېمىلارغا يوللانغان ئىنكاس ۋە ئاۋاتلىق دەرىجىسى ئايرىم- ئايرىم ﻫالدانېمىدەپ ئاران 4،3 ۋە 88،91 بولىدۇ؟ ئۇلار ئەجبا مىللىتىمىزنىڭ مەدەنيەت – تارىخ تەتقىقاتى ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرى ۋە مائارىپ، تەرجىمە ساﻫەسىگە بىرئۆمۈر تۆﻫپەقۇشۇپ سەمەرىلىك ئەمگەك مېۋىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن، نامى تىللاردا داستانبولغۇدەك ئۇلۇغ كىشلىرىمىز ئىدىغۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئىسلام دىنى مۇﻫىتىمىزداياشاپ ئۆتكەن ۋە تېخى يېقىندىلا ئالەمدىن ئۆتكەن جىسمى ۋە نامى ﻫەممىگە تۇنۇشلۇق كىشلەر ئىدىغۇ؟ تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغلىرنى بىلمەسلىكلا ئەمەس بەلكى كۆز ئالدىدىكى ئەللامە – ئالىملىرنىڭ قەدىرنى قىلماسلىق، ئۇلارغا ﻫۆرمەت قىلماسلىق، ئۇلارنى چۆكۈرۈش رۈشەنكى، شۇ مللەتنىڭ ئەجەللىكتىراگىدىيسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇخىل تېراگىدىيە، بۇخىل نىجسلىقلىرىمىزنىڭمەدەنيەتلىك ئىنفورماتسىيە دەۋرى بولغان21- ئەسىردە خەلقائارادىكى ئەڭ ئىلغارئۇچۇر ۋاستىلىرنىڭ بىرى بولغان ئىنتىرنېتتا ئاشكارلىنىشى كىشىنى چوڭقۇر ئويغاسالماي ۋە چۆچۈتمەي قالمايدۇ ئەلبەتتە.
       ئىنىتىرنتنىڭ پەيدا بۇلۇشى پۈتۈن يەرشارىمىقياسىدا ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. ئۇچۇر يوللىرىغايەت زور دەرىجىدە راۋانلاشقان ئېنتىرنىتتىن ئىبارەت بۇ قۇدۇرەتلىك قورالئالدىدا يەر شارى گويا كىچىككىنە كەنىتكە ئايلىنىپ قالدى. دۇنيانىڭ ﻫەرقانداقبىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا يۈز بەرگەن كېچىككىنە ئىشلارمۇ شۇ ﻫامان پۈتۈنيەر شارىنىڭ ﻫەممەجايىغا ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا تارقىلدىغان بولدى. بۇﻫالكىشلەرنىڭ كونا تەپەككۈر ئەندىزسىنى ئۆزگەرتىپ ئۇلارغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. جۈمۈلدىن ئەسەرلەدىن بۇيان مەركىزى ئاسيا قۇرۇقلۇقنىڭ ئىكىرسىدە يىپەك يولنىڭخارابلىششىدىن كېيىنىكى بېكنىمە مۇﻫتتا ياشاپ ئادەتلەنگەن ئەمما ئەمدىلەتمىن كۆزى ئېچىلىشقا باشلىغان بىزئۇيغۇرلارغىمۇ نۇرغۇن يېڭىلىق ۋە قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئارقا – ئارقىدىننۇرغۇن تور بەتلىرى قۇرۇلۇپ تور مەدەنيىتى باش كۆتەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنەتوردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەنىڭ سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، ئىملاسى خاتا بۇلۇشتىنباشقا يەنە يۇقۇرقىدەك ئەجەللىك نۇقسانلارمۇ پەيدا بولۇپ، تالاي دىلى سۈزۈك، ئىمانىكامىل، روﻫىئويغاق كىشلىرىمىزنى ئازاپلىق خىياللارغا دۇچار قىلدى. ئېنتىرنىتتورىغا چىقىرىلغان ﻫەرقانداق يازمنى دۇنيانىڭ ﻫەر قانداق بىر يېرىددىكى ئادەم ئېچىپكۆرەلەيدۇ. مۇبادا كومپىيوتېر ئېكرانىمىزدىكى ئەشۇ سەتچىلىكلەر خەلقىئارالىقتۈس ئېلىپ قالسا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ۋە باشقائەل خەلىقلىرى بىزگە قانداق باﻫا بېرەر؟ بۇرۇنقى ئەللامىلىرىمىز قەلەمنى قولغائېلىشتىن بۇرۇن تاﻫارەتئېلىپ جىسمنى پاكلاپ پاكىز روﻫي ﻫالىتى بىلەن ئىجادىيەتكەكىرشتەتتىكەن. بۇگۈنكى كۈندە بىزمۇ كومپىيوتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ مائۇسنى قولغائېلىشتىن بۇرۇن قولۇمىزنى يۈرۈگىمىزگە سېلىپ بېقىپ مەن كىم؟ كومپىيوتېرىدا كىمگە ۋاكالىتەن تېما يوللايمەن؟ تېمىلىرىم پۈتۈن دۇنياغا تارقالسا قانداقتەسىر قوزغايدۇ؟ دىگەنلەرنى ئەستايدىل ئويلاشمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ئېنتىرنتقا روﻫىتەييارلىقسىزلا يېقىنلاشساق ئۇنىڭ بىزنى خەلقئارالىق پىتنىخورلار، ساۋاتسىزلار قوشۇنىغا قۇشۇپ قۇيۈش ئېﻬتىمالى بەكلا يېقىندەكلا قىلامدۇ نېمە؟


-
2006 يىل دىكابىر، شەھىرى ئاقسۇ


ئىزاھھلار:
‹1›  ئۇيغۇر مەدەنيەت ئەنئەنسىدە بىلىم »، « شىنجاڭ مەدەنيىتى » ژۇرنىلنىڭ 2006- يىل 2- سان، 9- بەت.
‹2›
ساڭ روڭ:« كۇماراجىۋا تەتقىقاتى ﻫەققىدە بايانلار »، « غەربى يۇرت تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ خەنزۇچە نەشىرى، 1994- يىل 4-سان 4- بەت
‹3› «
شىنجاڭ مەدەنيىتى » ژۇرنىلنىڭ 1995- يىل 10- سانى.
‹4›
بوزقىر: « بۇددىزم دەۋرىدىكى ئاتاقلىق تەرجىمان - سىرىمترالا »، « ئاقسۇگېزىتى » نىڭ 2006- يىل 12- ئاينىڭ 1- كۈندىكى سانى4-بەت.
‹5›   
يىپەك يۇلى مەدەنيەت قامۇسى»، بېيجىڭ قىزىل بايراق نەشىرىياتى، 1995-يىل8- ئاي خەنزۇچە نەشىرى، 318- بەت.
‹6›
،‹7›،‹8›ئابدۇشۇكۇرمۇﻫەممەدىئىمىن:« ئۇيغۇر پەلسەپەتارىخىدىن ئومۇمى بايان »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1997- يىل 8- ئاينەشىرى، 94-،87-، 88- بەتلەر
‹9›
ئابدۇشۇكۇر مۇﻫەممەد ىئىمىن: « غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998- يىل8- ئاي نەشىرى.
 

 

 

بۇ ماقالە «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىل5-سانىغا قىسقارتىپ بسىلغان.

 

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

UID
12946
يازما
11
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2011-7-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 14:58:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىنى ئويغا سالىدىكەن،ھازىرقى ئۇيغۇر مىلىتىنى شەكىللەندۇرگىچە،ئەجدادلار ئاز جەبىر_جاپا تاتمىغان.نۇرغۇن مىھنەت سېڭدۇرگەن،تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان .ئەمما بىزنىڭ بايقىغىنىمىز يىتەرلىك بولماپتۇ،شەخسەن مەن،شىنجاڭ تارىخى بىلەن ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى قايتا ئەستايىدىل كۆرۇپ چىقسام بولغىدەك.

UID
3436
يازما
37
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1308
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 15:01:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ھەرقانداق ئىشنى دىننى ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدىغان بۇلۇپ كەتتى .ئۇلار 1000يىللار  بۇرۇن ئاتا بوۋىلىرىنىڭمۇ كاپىر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كىتىشكەن ،ئاچچىغى كەلسە شۇنداق دەپ قويسىڭىز  تاس قالىسۇ سىزنىمۇ كاپىرغا چىقىرىپ كاللا ئاتقىلى .مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىمۇ تاكى ئۈلۈپ كەتكىچە ئىسلامنى قۇبۇل قىلمىغان ،ئەمما پەيغەمبىرىمىز ھىچقاچان ئۇ تاغىسىدىن كىچىپ كەتمىگەن ،ئۇلارغا يامان نىيەتتە بولمىغان .پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۇلىنى تۇتقۇچىلار مۇشۇنىمۇ بىلمەمدىغاندۇ؟؟؟

UID
12857
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
410
تىزىملاتقان
2011-7-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 15:20:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىsvpvrga يوللىغان 2011-07-06 15:01 غا قارتىلغان :
       مۇشۇ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ھەرقانداق ئىشنى دىننى ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدىغان بۇلۇپ كەتتى .ئۇلار 1000يىللار  بۇرۇن ئاتا بوۋىلىرىنىڭمۇ كاپىر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كىتىشكەن ،ئاچچىغى كەلسە شۇنداق دەپ قويسىڭىز  تاس قالىسۇ سىزنىمۇ كاپىرغا چىقىرىپ كاللا ئاتقىلى .مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىمۇ تاكى ئۈلۈپ كەتكىچە ئىسلامنى قۇبۇل قىلمىغان ،ئەمما پەيغەمبىرىمىز ھىچقاچان ئۇ تاغىسىدىن كىچىپ كەتمىگەن ،ئۇلارغا يامان نىيەتتە بولمىغان .پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۇلىنى تۇتقۇچىلار مۇشۇنىمۇ بىلمەمدىغاندۇ؟؟؟

نەق گەپ!!!

UID
12255
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
200
تىزىملاتقان
2011-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 15:21:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىننىڭ قەستە شاپتۇلدا،بەلكىم كۇمارىجىۋا شۇ دەۋىردە نۇرغۇن ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىپ ئاللانىڭ ياقتۇرشىغا ئىرشكەندۇ.ئەمما كۇمارىجۋا ئەپەندى  تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ ھازىرقى بۇددا دىننىڭ داڭلىق ئاساسچىسى بۇلۇپ قالدى.ئۇ كىشنىڭ بىسپ ئۆتكەن يوللىرى ئاساسەن بۇددا دىنى ئۇچۈن خىزمەت قىپتۇ..بىزنىڭ ھازى ئىسلام دىنغا ئىتقاد قىلىپ ياشاۋاتمىز.سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەل كۇمارىجىۋا ئەپەندىنىڭ تۇتقان يۇلغا جەڭ ئىلان قىلغان،ۋە ئىسلام دىننى پۇتۈن ئاسيا تارقىتىپ سانسىزلىغان قاراڭغۇ دىللارغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلغان.كىشلەرنى بۇددا دىننىڭ ئاقماس تەرخىباتلىردىن قۇتۇلدۇرپ ھەقىقەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تۇتۇنقان شۇنداق مەشھۇر شەخسلىرمىز تۇرۇپ  شۇلارنى ياد ئەتمەيمىز .ئۇلۇغلىمايمىز.سىز ھازىر كۇمارىجۋا ئەپەندىن ئۈگنۈشنى خالامسىز.قايتىدىن بۇددا مۇرتى بۇلۇپ قالسىڭىز خەلقىمىز ئۈچۈن  نىملەرنى قىلپ بىرەرسىز.
كۇمارىجۋا ئەپەندىنىڭ ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان بولسا ئۇنداقتا كۇمارىجۋا ئەپەندىگە ئۇۋال بوپتۇ.ئەڭ ياخشىسى قەبرىسى بولسىلا كۇپايە قىلاتتى.
شۇندىلا كۇمارىزىۋا ئەپەندى بىزدىن خۇشال بۇلار دەپ قارايمەن.بىز ھازىزقى ئىسلام ئۈلمالىردىن كۈتدىغىنىم،كۇمارىجۋا ئەپەندىنىڭ تىرشىش.ئىزدىنىش روھىدىن ئۈگۈنشىنى ۋە كۇمارىجۋا ئەپەندىدەك تارىخى بايلىق يارتىپ كىيىنكى ئەۋلاتلارغا قالدۇرسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە.

ئىمىرجان

UID
6603
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
200
تىزىملاتقان
2010-10-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 16:49:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇﻫەممەد ئەلەيسلام:‹ئىلىم چىندە بولسىمۇ ئۆگۈنۇڭلار› دېگەن ئەمەسىمىدى؟
  بۇ گەپنى پەيغەمبىرىمىز دىمگەن،بۇ ئەرەپ ماقال تەمسىلى،بەزىلەر ھەدىس دەپ تۇرۋالدىكەن.لىكىن بۇ ئەرەپلەرنىڭ ماقال تەمسىلى.

UID
5684
يازما
175
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5426
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 18:42:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2000مىڭ يىل ئالدىدىكى كۇماراجىۋاغا ئىسىلىۋالماي ھازىرقى زاماندىكى ھايات مىللىتىمىز ۋەدىنىمىز ئۇچۇن تۆھپە قوشىۋاتقان ئالىملىرىمىزدىن ئۇگەنسەك قانداق.
ياكى 2000يىل ئالدىدىكى كىشىلەرنىڭ تارىخنى ئۆز پايدىسى ۋە ئۆز كۆزقارىشىغا توغرىلاپ بۇرمىلاش ئاسانراق ئوخشىمامدۇ......... گپ قىلسام بەك قايناپ كىتىمەن.....

UID
9800
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2011-3-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 18:44:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توردا بۇددا دىنىنى تەرغىپ قىلىشمۇ ؟ مەن 艾力0908
توردىشىمىزنىڭ پىكىرىنى بەكمۇ قوللايمەن ، كۇماراجۋانى بىلىپ قويساقلا كۇپايە ، ئۇنى ئۇلۇغلاپ تەتقىق قىلىپ ئىسلام دىنىمىزغا مۇخالىپ ئىش قىلغىم يوق ، كۇماراجىۋا ئۈچۈن ئۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتمىسەكمۇ تېخى بىز بايقاپ بولالمىغان ، بىزنىڭ قېزىپ چىقىپ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئالىملىرىمىز كۈرمىڭ ...كۇمارىجىۋا توردىشىمىز بۇنچىلىك قايناپ كەتكىنىگە قاراپ مەن ئۇشبۇ توردىشىمىزنى دىن تەرغىپ قىلىۋاتامدىكى دەپ ئويلاپ قالدىم .....

بۇ يول ئۇزۇن يول.........

UID
12209
يازما
31
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1111
تىزىملاتقان
2011-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-10
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 20:03:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپپاق خوجا <<قۇرئان كەرىم>>ۋە<<ھەدىس>>لەردىن باشقا بارلىق كىتاپلارنى،جۈملىدىن ئىسلام دىنىدىن باشقا بارلىق مەدەنىيەتنى ئىنكار قىلغان،ئاقىۋەت خەلقىمىز جاھالەتتە قالغان.ئەشۇ خوجىنىڭ مۇرتلېرى ھازىرمۇ بار ئىكەن،لېكىن شەخسەن مەن ئۇلارنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئەجەپلىنىپ كەتمەيمەن،پەقەت سوغۇقلا كۈلۈپ قويىمەن خالاس!

كۆيۈمچان ئەزا

http://gulistan.cn/bbs

UID
2079
يازما
61
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1861
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 20:27:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوماراجىۋا ئەڭ ئاۋۋال بوزقىرنىڭ كوماراجىۋاسى. چۈنكى ئۇنىڭ ئىزچىل تەتقىق قىلىۋاتقىنى كوماراجىۋە ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شۇنداقلا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۇددا دىنى ئەقىدىلىرى. كوماراجىۋا قانچىكى تەشۋىق قىلىنسا بوزقىرمۇ شۇنچىلىك تەشۋىق قىلىنىدۇ. كوماراجىۋا قانچىكى تونۇلسا بوزقىرمۇ شۇنچىلىك تۇنۇلىدۇ. كوماراجىۋا قانچىكى ئۇلۇغلانسا ئۇنى تەتقىق قىلغان ۋە خەلققە تونۇلدۇرغان بوزقىر شۇنچە تونۇلىدۇ ۋە ئۇلۇغلىنىدۇ. نام چىقىرىش ئۈچۈن ئىماننى سېتىشتىنمۇ يانماسلىق دېسە مانا مۇشۇ ئادەمنى دېسە بولىدۇ. ھەممىڭلارغا مەلۇم ئىسلام دىنىمىزنىڭ تۇنجى ئەقىدىسى ئاللاھنى تونۇش. ئەگەر كىمى بۇ دۇنيادا ھەر قانچە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئۇلۇغۋار تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەتسۇن. ئۇ لا ئىلاھە ئىللاھ مۇھەممەدىن رەسۇلىللاھ دېگەن كەلىمىنى ئوقۇپ ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن ئۇنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرى نۆلگە تەڭ. شۇڭلاشقا كوماراجىۋانى ۋە ئۇنىڭ ئىدىيىسى توغرىسىدا ھەرقانداق تەشۋىق ۋە ئوقۇتۇشنى ئويلاشنىڭ ئۆزى. ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئىناۋەت ۋە شۆھرەتكە تىگىشىۋېتىپ كەتكەنگە باراۋەر. بوزقىر ئەپەندى ئىزچىل بۇ توغرىسىدا يېتەرلىك دەشنام ۋە ئاساسلارنى ئاڭلاپ تۇردىيۇ ئەمما يەنىلا ئۆزى بىلگەننى قىلىۋەردى. دېمەك: ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان ئادەمنى بەندە ھەر قانچە قىلسىمۇ بىكارغا كېتىدۇ دەپ بىكار ئېيتىلمىغان ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئادەممۇ ئەقلىنى ئالدىغا ئېلىپ قالار. ئاڭغىچە ئاللاھتىن بۇ ئادەمگە رەھمەت ۋە شەپقەت تىلەپ تۇرايلى.

http://gulistan.cn
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش